مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 172 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : كىتاب ئوقۇش خاتىرەمدىن پارچىلار
سەلتەنەت سۈر ئەي قەۋم قايتا

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1305
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
ئۆسۈش: 0.21%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 207
  ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4343 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 55(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-08-14

0

 كىتاب ئوقۇش خاتىرەمدىن پارچىلار



كىتاب ئوقۇش خاتىرەمدىن پارچىلار
(مەلەك)
(خاتىرەمگە قانداقتۇر ئېسىل ھىكمەتلىك سۆزلەرنىلا يازماستىن،ئاجايىپ تەسۋىر،غەيرى سۆز- ئىبارىلەرنىمۇ يازغانمەن،شۇڭا توغرا چۈشەنگەيسىلەر)
                                                        
 
ئاي يامغۇرى  - ئەخەت تۇردى
 
بۇ كىتابىمنى ئاشۇ يىللارنىڭ ئېغىر سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ ھايات بېغىنى رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر بىلەن بىزەپ كېلىۋاتقان بارلىق ساۋاقداشلىرىمغا بېغىشلايمەن.
مانا ئەمدى شۇ يىگىت ئۇنىڭ غورورى،ئىپتىخار بولۇپ تۇيۇلغان ھەقىقى ئەركەك خۇددى بىر ناتىۋان ئاجىز قۇشلاردەك قەپەزگە سولۇنۇپ ئەركىدىن،مۇھەببىتىدىن،جىمى- جىمى نېمىسىدىن ئايرىلىپ ئازاب ۋە نادامەت ئىچىدە ياتماقتا ...
 باياشات،غەمسىز پاراغەتلىك تۇرمۇش ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،بوشاشتۇرۋىتىدۇ،تۇرمۇش ياخشىلانغانسىرى ئادەم تىنىنىڭ تەبىئەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى شۇنچە ناچارلىشىدۇ.
 ھەممە نەرسە چېكىدىن ئاشسا ئەكسىگە يانىدىغان ئوخشايدۇ.
ئەقىدەم قارارىمدىن ئۈستۈن كەلدى .
▲    دوستلارنى ئۆمۈرۋايەت بىر- بىرىگە باغلاپ تۇردىغان نەرسە-كۆڭۈل پاكلىقى بىلەن سەمىمىيەت.
   جىم ئاققان سۇمۇ غەرق قىلىدۇ.
كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل بۇرچ ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور بەخت- تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش   ---بالزاك
ھەقىقەتكە يەتكۈچە يالغان دۇنيانى يالمايدۇ .
رومانتىك ھېسياتقا ئىگە قىزلار مۇھەببەتتىن جۇدا بولۇشنى خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك چوڭ ئىش بىلىدۇ.بەزىلىرى ھاياتىمىز شۇنىڭ بىلەن تۈگەشتى دەپ قارايدۇ،ھەتتا « بولغۇلۇق بولدى ئاخىرغىچە بولسۇن » دەپ قاراپ ئىنتايىن بولمىغۇر ئېچىنىشلىق ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.
 
توۋا،ئادەم نېمىدىگەن ئاجىز ھە!؟ ئالەمچە ماختاش،خۇشاللىق ۋە ئويۇن- كۈلكىلەر سىغقان يۈرەككە مانا بۈگۈن كىچىككىنە دەرد-ئەلەم سىغماي يېرىلىپ كىتىشكە تاس قالدى .
باشقا كەلگەن ھەر قانداق ئېغىر كۈلپەتلەرنى سەۋىر- تاقەت ۋە ئىرادە بىلەن يەڭگىلى بولىدۇ.
***    ئەي يارەنلەر قورقما شەيتا ندىن،شەيتان چىقتى بۇ كۈن ئىنساندىن.
***   ئىشەك ھالۋا دىدى،يىدى ساماننى،پەلەك پەرق ئەتمەي ياخشى- ياماننى . 
***  گۈلنى دېرىزىنىڭ سىرتىدىن پۇراپ يۈرىۋەرسەك بولماسمىدى؟!
***   بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكىس ئىتىدۇ .
***  گۈل تاجى ياسىماق ئاسان لىكىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باشنى تاپماق قىيىن.—گىيۇتى
***  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشنى ئومۇمى خاھىش دېسىمۇ بولىدۇ،بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
                                                     
1 PdG1'  
(jU_lsG  
 
Y2l;NSWU  
RDDA^U7y#  
« فائۇست»-گىيۇتى (گىرمانىيە)
 
ئۆمرۈمنى بەنت قىلغان ساختا سايىلەر،
يەنە بولدىڭىزمۇ ئالدىمدا پەيدا؟
 
مۇزلىغان جىسمىمنى ئېرىتەر بىر كۈن،
يامغۇردەك قۇيۇلغان قايناق كۆز يېشىم.
 
ھەر كىم ئۆز قەلبىنى ئۆزى ئاڭلىماس.
 
بەختلىك بولسا كىم بۇ زۇلمەت ئارا،
ھىدايەت يولىنى ئىزلەر دەممۇ- دەم.
ئايان نەرسىلەردىن پايدا يوق ئەسلا،
سىرلار دۇنياسىغا ئىنتىلەر ئادەم .
 
ھايفاغا قايتا بېرىش –غەسسان كەنافانى (پەلەستىن)
بۇ دەرت –ئەلەم  سايىدەك ئۇنىڭغا ئەگەشتى.مانا ئەمدى ھەممە نەرسىلەر بۇرۇنقى خاتىرلەرنىڭ ئازاب ئىچىدىن قايتا تىرىلدى.ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن تولغان رىئاللىقتا قايتا نامايەن بولۇشقا باشلىدى.
 
ئاھ «بىراق« نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق،ئادەمنى بۇرۇختۇم قىلىدىغان،قان پۇراپ تۇردىغان سۆز بۇ.
 
تەقدىرگە پۈتۈلۈپ كەتكىنى مۇشۇنداق لەنىتى مۇھىت ئاستىدا مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشىپ ئولتۇرۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىدى.
 
يىگىرمە يىل ئىلگىرى بىز ئۇنى تاشلاپ كەتكەندىلا جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدۇق،ئەمدى ئۇنىڭ قىساسىنى تارتماي ئىلاجىمىز يوق.
  
     
ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆز-يۇلىئوس فۇچىڭ(چىخوسلاۋىيە)
 
   سادىق كىشى تەۋرەنمەس بولىدۇ،خائىن خائىنلىقىنى قىلىدۇ.
چاكىنا ئادەم ئۈمىدسىزلىككە چۈشىدۇ،باتۇر ئاخىرغىچە كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ.
بۈگۈنكى كۈن بەرىبىر ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ،كىشلەر ئۇلۇغ زامانلار،تارىخنى ياراتقان قەھرىمانلار توغرىسىدا سۆز قىلىشىدىغان كۈنمۇ كېلىدۇ.
ئېسىڭلاردا بولسۇن! نامسىز قەھرىمان بولغان ئەمەس،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز نامى،ئۆز قىياپىتى،ئۆز ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى بولغان شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغانلارنىڭمۇ تارتقان ئازابى، مەڭگۈ ئۆچمەس نام ئالغان ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ تارتقان ئازابىدىن كەم بولغان ئەمەس.مانا بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭلارنىڭ يېقىن دوستى،قېرىندىشى تۇغقىنى بولۇپ قالسۇن!
 
مېنىڭ ئەسىرىم پۈتكۈل دەۋىرنىڭ گۇۋاھچىسى بولغىنىدىن كۆرە بەزى ئادەملەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولغىنى تۈزۈكرەك .
مېنىڭ ئويۇنۇم ئاخىرلىشىدۇ،مەن ئاخىرىنى يېزىپ ئۈلگۈرمىگەنىدىم،ئاخىرى نېمە بولىشىنى بىلمەيمەن، بۇ ئويۇن ئەمەس ھاياتنىڭ ئۆزى،ھاياتتا تاماشىچىلار بولمايدۇ.
 
كىشلەر،مەن سىزلەرنى ياخشى كۆرەتتىم،ھۇشيار بولۇڭلار!
 
تۇمان ئىچىدىكى كېمە-جىبران خىلىل جىبران(لىۋان)
   مەن سىلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىڭلارغا مۇھتاج ئەمەسمەن چۈنكى ئاجىز كىشلەر باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا مۇھتاج مەن گەرچە دەردمەن ئادەم بولساممۇ ئەمما بىچارە ئەمەسمەن .
 
بۇ مېنىڭ تەنھالىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنە بىر تەنھا كۆلەڭگىنى ھەمراھ قىلىۋالغىنىمدۇر.
 
مېنىڭ كۆڭۈل يوپۇرماقلىرىم شاماللارغا جۆر بولۇپ شىۋىرلىمايدىغان،شاخلارغا قۇشلارمۇ ئۇۋا سالمايدىغان بىر تۈپ قاقشال دەرەخنىڭ تۈۋىگە دەپىن قىلىندى.
 
بەختنىڭ كەينىدە ئازاب بارلىقىنى زىنھار خىيالىمغا كەلتۈرمىدىم،مەن بىزنىڭ بەخت گۈلىمىزنىڭ بىر كۈنى سولىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايتىم.
 
ئاھ ياراتقان ئىگەم!سەن بىزگە ھايات بەردىڭ،بىزنى يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە باشلاپ كىردىڭ.
بىزگە يەنە ئۈمىد ۋە ئازاب ئىچىدە سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرەكمۇ ئاتا قىلدىڭ!!
 
سەن مېنىڭ كۆڭۈل ئېتىزىمغا ئاق ئەتىر گۈل تىكىپ مېنى ئۈمىدلەندۈرگەنىدىڭ،مانا ئەمدى قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن ئەتىرگۈلنى كۆرسىتىۋاتىسەن.
 
بۇ چەكسىز ئالەمدە بىز ئىنسانلار دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى.
ئاللاھنىڭ ئىرىدىسى بىز ئۈچۈن مۇقەددەستۇر.بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئۆزىمىزگە خاس ئەمەس،ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى شاد-خۇراملىقتا سەزگەن بولساق بۇ شاد- خۇراملىقمۇ بىزنىڭ ئەمەس بەلكى ھاياتنىڭ.بىز ئاغرىق ھېس قىلساق بۇنىڭ سەۋەبى يارا ئەمەس تەبىئەتتۇر.
 
دەرد تۆككەن كىشى تۇرمۇشتىن گۇمانلىنىدۇ،مەن بولسام ناھايىتى كۈچلۈك ئىتىقاتقا ئىگە مۇسۇلمانمەن.مەن ئۆزۈم ئىچكەن ئازاب شارابىنى ئاچچىق دەپ بىلمەيمەن.تىنىمگە سانجىلغان تىغلارنىمۇ،گۈزەل،نەپىس دەپ قارايمەن.نەشتەرلەرنىڭ يۈرىكىمنى لەختە- لەختە قىلىشىنىمۇ مىھرىبانلىق دەپ قارايمەن.
ھەج سەپىرىدىكى پاراڭلار- ھاجى قۇتلۇق قادىرى
-توۋا خۇدايىم دەيتىم ئۆزەمگە،مەككە-مۇكەررەمدىكى مېنىڭ بۇ قەدىرلىك ئۇيغۇرلىرىم ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كالامى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ۋە ئۇنىڭدىكى بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكى ئايەتلەرنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈپ،تاشنى ئېزىۋەتكۈدەك پاساھەتلىك قىرائەت قىلىدىكەنۇ،نېمىشقا ئىش يۈزىدە ئەمەل قىلمايدىغاندۇ؟ئۇلار بۇ مۇقەددەس شەھەردە يۇرت- يۇرتنىڭ راباتلىرىنى سېلىپ يۇرتۋازلىقنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيغىچە ھەممىسى بىرلىشىپ بىرلا رابات سالغان بولسا شۇنچە يىراقتىن مىڭبىر جاپادا ھەج تاۋاب قىلغىلى كەلگەن نەچچە مىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز شۇ راباتتا تۇرغان بولسا نەقەدەر خاسىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى ھە؟!ئەجىبا ئىرانلىق،مالايسىيالىق،ھىندونوزىيەلىك نەچچە يۈز مىڭ مۇسۇلمان بىر راباتقا پاتقان يەردە نىمىشقا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر بىر راباتقا پاتمىغۇدەك؟!
 
بىز ئۇيغۇرلار بىكارلىق نەرسىگە نەقەدەر ئۆگىنىپ كەتكەن ھە؟دېدىم ئىچىمدە.
خۇدايا توۋا! دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن مىليونلاپ مۇسۇلمانلار شۇنداق ئىناقلىق بىلەن ھەج تاۋاب قىلىۋاتقان مۇقە ددەس قىبلىگاھىمىز بەيتۇللاھتىمۇ ئىككى ئۇيغۇر بىر يەرگە كەپ قالساق «سەن قەيەرلىك» دەپ يۇرتۋازلىق قىلىدىكەنمىز.
 
مەن رابات ئالدىدىكى كەچلىك بازاردا ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر ئېغىز ئىنگىلىزچە ياكى ئەرەبچە بىلمىسىمۇ ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن دۆۋە-دۆۋە ماللىرىنى  كۆرۈپ ئىچىمدە ئۇلاردىن پەخىرلەندىم.يالغۇز مەنلا ئەمەس باشقا ئەللەردىن كەلگەن ھەج تاۋاپچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ سودا ماھارىتىگە ھەيران قېلىشىپ :« خۇدا ساقلىسۇن،بۇلار ئىنگىلىزچە،ئەرەبچە بىلگەن بولسا دۇنيانىڭ سودىسىنى مونوپول قىلىپ باشقا سودىگەرلەرگە كۈن بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ»دېيىشتى.تېخى بىر ئىسپانىيەلىك ماڭا:«تارىخى كىتابلاردىكى ئات تۇياقلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تىترەتكەن مىللەت دىگەن سۆزگە مانا ئەمدى ھەقىقى ئىشەندىم،ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن سودىغا يامان مىللەت ئىكەن،يىگىت مىللىتىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ» دېدى.
 
قەبرررە   قاتۇرۇش ئىسلام دىنىنىڭ   ئەھكاملىرىغا مۇخالىپ تۇرسىمۇ « قەبرە بىناكارلىقى» نى شىددەت بىلەن تەرەققى قىلدۇرۋاتىمىز.بىز ھايات چېغىدا تۇرمۇشنىڭ جاپا- مۇشەققىتىنى يەتكۈچە تارتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھىنى ۋاپات بولغاندىمۇ ئارامىدا قويماي،قىيناپ،ئېغىر سىمۇنتتا قەبرىلەر ئاستىغا باستۇرۇپ قويىدىكەنمىز.
 
قەسىر كوچىسى –نەجىپ مەھفۇز(مىسىر
قورقۇنۇش ۋە قايغۇ- ئەلەمنىڭ كۆلەڭگۈسى پەيدا بولغان چاغلاردىمۇ ئۇ ھەسرەت بىلەن كۈلۈمسىرەپلا قوياتتى.
 
بۇنداق پەيتلەر ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ،ئۇلار ھامان نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ئەسلىمىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.
 
ھەر نېمە دېگەن بىلەن بىر يامان ئىش،نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى،خاتىرجەم،ئاسايىشلىق تۇرمۇشنى يەڭگىللىك بىلەن گۇماننىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
 
ئەدەب-قائىدە بىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
 
ئۇ بەخت ئىچىدە مەست بولغىنىدا ،ۋەھىمەكىلىپ ئۇنىڭ يۈرەك دەرۋازىسىنى چىكەتتى ۋە ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرەتى.ئۇ نېمە قىلارىنى ،قاراملىق قىلىشنى توختىتىشنى ياكى قەلبىنىڭ خاھىشىغا بويسۇنۇشنى بىلمەي قالاتتى.
 
ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى ئۇنى تېرىسا ھوسۇل بەرمەيدىغان يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان دەپ زاڭلىق قىلاتتى.
ئۇ پۈتۈن كائىناتنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ياشايدىغانلىقىغا ،روھى دۇنيا بىلەن ھەر تەرەپلىمە باغلىنىدىغانلىقغا ئىشىنىدۇ.
 
توققۇزى تەل بولۇش بىر ئاللاھقا خاستۇر،ئۇنداق ئاچكۆز بولمىساڭچۇ.
 
ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھاياتنىڭ ھىسياتقا قويغان تەلىپى گويا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ۋىجدانىغا قويغان تەلىپى بىلەن بىردەك.
 
يۈرەككە پاتقان ئازاب چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۈمىد نۇرىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان ۋە ئاسماندا جەۋلان قىلىۋاتقان ئۈمىدنىڭ تالىشىشى ئىچىدە بىردەم يۈرەكنىڭ قېتىغا چۆكسە بىردەم چىرايىغا لەيلەپ چىقاتتى.ئاخىردا ئاداققى ئۈمىدلەر يوقالغاندىن كىيىن بۇ ئازاب مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ قالاتتى.
 
 
باھار ھەرگىزمۇ قىش مەنئى قىلغان ئەركىنلىكنى قايتۇرۇپ بىرەلمەيتى.
 
ناماز- بۇرۇنمۇ ۋە ھازىرمۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئارزۇ-ئۈمىد ۋە بەخت –سائادەتنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ چىرايى يۈركىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرلەپ قالدۇرغان بىر ئەينەك ئىدى.
 
جىددى خاراكتىرلىك ئۈچەي تولغىشىپ قېلىش كىسىلى قوزغاپ كەتكەن كىشى ئاستا خاراكتىرلىك كۆز ياللۇغىنى ئۇنتۇپ كىتىپ تولغىشىپ قالغان ئۈچىيىدىن يول ماڭغاندا كۆزى يېڭىباشتىن ئاغرىشقا باشلىغاندەك ھەممىسى ئۆز قايغۇسىغا كۆچكەنىدى.
 
گۈزەل چىراي دېگەن بۇ نەرسە كۆزگە قادىلىۋاتقان يورۇق ئاي نۇرىغا ئوخشاش باشقىلارنى بويسۇندۇرىدىغان ۋە قىينايدىغان قورالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
 
ئۈمىدسىزلىكنى پەقەت ئالۋاستىلارلا پەيدا قىلىدۇ.
 
يىڭى بەخت ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قۇيرۇقىنى سۆرىۋالغانىدى.
 
يامان خەۋەردە كىشىنى دىمىقتا قويىدىغان بىرخىل پۇراق بار.
 
ئۇنىڭ ئىگە بولىدىغىنى پەقەت ئاۋاز چىقىرالمايدىغان ئازاب،بېسىۋىلىنغان غەزەب ۋە مەيۈسلەنگەن كەيپىياتلا بولۇپ چىقاتتى.
 
سەھەر،يەنە يېڭى بىر ئۇستاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغاندى.
 
پەرىشانلىك كۆپىنچە كىشلەرنى مەسلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
زىتىغا تىگىش كەڭچىللىك قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى.
 
رابىندىرانات تاگور
ئاھ تەڭرىم!خۇشاللىق ۋە غەم- قايغۇلارنى ئاسانلا قوبۇل قىلىشىمغا كۈچ ئاتا قىلغىن.
ئۆكتەملىك ۋە زوراۋانلىق ئالدىدا تىز پۈتمەسلىككە كۈچ ئاتا قىل.
نامراتلارنى مەڭگۈ رەت قىلماسلىقىمغا كۈچ بەر.قەلبىمنى كۈندىلىك ئۇششاق- چۈششەك ئىشلاردىن خالاس قىلىشىمغا كۈچ ئاتا قىلغىن.
كۈچ- قۇۋىتىمنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىرادەڭگە بوي سۇندۇرۇشۇمغا كۈچ ئاتاقىلغايسەن.
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرپىدىن 2010-08-14 05:14 PM ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما كىتاب ئوقۇش خاتىرەمدىن پارچىلار,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(گۈل-چۈشى) مۇشۇ تاتلىق ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(Jidelhor) ئىسىل يازما
  • مۇنبەر پۇلى:+150(arxang) يارايسەن ساق ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى arxang تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-14, 07:36
    بىنا سالدىم،كۈن نۇرىنى توستى!
    مەن دىگەن ئەلچۈن،شۇڭا ئەل ئۈچۈن يازىمەن،يەنە يا& ..

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4026
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە509دانە
    ئۆسۈش: 0.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 509
      ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 318(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-15
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئىككىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش ئۇسۇلىمىز ئوخشاپ كېتىدىكەن~~! ^(+q 1O'  
    لېكىن مەن قىزىقارلىق جۈملىلەرنىمۇ يېزىپ قويىمەن~~!يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.دىمەك،كىتاب ئوقۇشنى توختىتىپ قويماڭ~~~!
    يۇرتۇم توققۇزتارا تاشتۆپە
    كۈنلىرىم ئۆز قىممىتى بىلەن

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 66
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە872دانە
    ئۆسۈش: 0.4%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 872
      ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1928 سوم
      تۆھپىسى: 121 كىشى
      ياخشى باھا: 204 نۇمۇر
      ۋاقتى: 559(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    ھەج سەپىرىدىكى پاراڭلار- ھاجى قۇتلۇق قادىرى   9Cd/SlNV2  
    بۇ يازما مىنى بىر ئاز ئويلاندۇرۇپ قويدى .
    بـــۇ كــۈنـلـەرمــۇ ئـۆتـۈپ كىـتـىدۇ ،ئېسىــــل كۈنـــلىـــرىـــــم ئالــــدىمـــــدا  ! QQ:434448044
    سالام، قەشقەر ساھىلى سالام

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3175
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
    ئۆسۈش: 0.22%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 44
      ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 712 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 22(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-02
      كىرىشى: 2010-08-14

    بۇ ئۇسۇل بەك ياخشى ،،  بولسا يادىلاپ ماڭالىسىڭىز ئىجادىيەتكە ھەقىقەتەن پايدىسى بار .. -eK0 +beQ  
    ئۈمۈدنى ئاياپ قېلىشقا ئوخشايدۇ ...
    مەن سېنى سەن ئۇنى ئۇ باشقىنى.
    شۇ ئەمەسمۇ مۇھەببەتنىڭ ئاداشقىنى
    ئانام ئۈچۈن بارلىغىم.

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 68
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
    ئۆسۈش: 0.13%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 288
      ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 10026 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 677(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئاپپاق ساقام ئامانمۇ سىز ؟ ھەر كىتاپتىن جەۋھەرلەرنى تاللاپ كۆچۈرۋاپسىز. T;Kv 
    يەنىلا دەيدىغىنىم ياخشى ئوقۇڭ .
    ئانام ئۈچۈن بارلىغىم
    گۈزەل قىزلارنى سۆيۈمەن!!!

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 82
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
    ئۆسۈش: 0.05%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 118
      ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 9476 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 3(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرمەن،بىراق ئوقۇغان كىتابدىكى مەزمۇننى دەرھال ئۇنتۇپ كىتىمەن.چۈنكى رىئاللققا يۈزلەنمەي كىتابتىكى،ئاجايىپ-غارايىب ۋەقەلىكلەر ئارسىغا شۇڭغۇپ كىتىشتىن ئەنسىرەيمەن. ]S?G]/k}  
    U 
    كىتاب ئوقۇپ ماڭا يارىغان ئەڭ ياخشى ئىبارە:<<ۋەتىنىم مۇنقەرز بولمىسۇن دىسەڭ،ھاياتىڭنى ۋەتىنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىل!!!>>
    باتۇر جەڭچىلەر،مەنزىل كۆز ئالدىمىزدىلا-ئالغا!!!

    QQ:1428535011
    تـــۈن - شــامــىـلــى

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 643
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە317دانە
    ئۆسۈش: 0.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 317
      ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2547 سوم
      تۆھپىسى: 7 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 583(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-24
      كىرىشى: 2010-08-15

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت Jidelhor كە 2010-08-14 03:53 PMئەۋەتىلدى : A}uWy^w  
    كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرمەن،بىراق ئوقۇغان كىتابدىكى مەزمۇننى دەرھال ئۇنتۇپ كىتىمەن.چۈنكى رىئاللققا يۈزلەنمەي كىتابتىكى،ئاجايىپ-غارايىب ۋەقەلىكلەر ئارسىغا شۇڭغۇپ كىتىشتىن ئەنسىرەيمەن. n? ^oQX}.\  
    )ZZ6 (O  
    كىتاب ئوقۇپ ماڭا يارىغان ئەڭ ياخشى ئىبارە:<<ۋەتىنىم مۇنقەرز بولمىسۇن دىسەڭ،ھاياتىڭنى ۋەتىنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىل!!!>> -Y"2c,~pH  
    77]Fp(uI  
    توۋا مەنمۇ ئوقۇغان كىتاپلىرىم مەزمۇنى ئۇنتۇپ قالىمەن
    تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ،
    لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا .
    تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ،
    تارىدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا .
    .....بەھرام
    قۇلۇمدا چوغسىمان قىزىل ئەتىرگۈل

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1507
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
    ئۆسۈش: 0.1%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 165
      ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5783 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 432(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-08-15

    مەلەك سىڭلىمنىڭ ئۇشبۇ تېمىسدىن شۇنى ھېس قىلدىم.... @# p{,L  
    ئوي-پىكىر خۇددى يامغۇر تامچىسىغا ئوخشايدۇ، يامغۇر تامچىسى يەرگە چۈشكەن ھامان ئەتراپقا چاچراپ، مەرۋايىت زەررىچىلىرىنى ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش، مۇشۇنداق ئوي-پىكىرمۇ بىزدەك كۆرۈرمەنلەرنىڭ  ئېڭىغا تەسىر قىلغان ھامان تۈرلۈك يېڭى پىكىر زەررىچىلىرىنى ئويغىتىدۇ. دېمەك، يېڭى ئوي-پىكىر يېڭى ئوي-پىكىردىن تۇغۇلىدۇ. I<&) P#"  
    ياشاپ كېتىڭ تاتلىق سىڭلىم...
    ساڭا خاتىرجەملىك تىلىدىم،
    يول ئارىسىغا يۈرىكىم بىلەن قارىدىم.
    ئۈمىد بىلەن يولغا چىق!

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1729
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە575دانە
    ئۆسۈش: 0.26%
      نادىر تىما: 4
      يوللانما: 575
      ياخشى باھا: 121 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 7247 سوم
      تۆھپىسى: 8 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 700(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-08-15

    كىتاپ ئوقۇش ئادىتى ياخشى ئادەت بۇ ئادەمنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ئاشۇرىدۇ.رەھمەت تاتلىق يوللانمىڭىزغا...ئادەمنى سۆيۈندۈردىغان تېمىلارنى يوللايسىز جۇمۇ... }9 I,p$  
    "قەسىر كوچىسى"نى بەكلا ياقتۇرىمەن. ئاپتۇرنىڭ "شەربەت كوچىسى" ناملىق ئەسەرىمۇ بەكم ياخشى ئىدى.
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    گۈزەل قىزلارنى سۆيۈمەن!!!

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 82
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
    ئۆسۈش: 0.05%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 118
      ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 9476 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 3(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  bahram كە 2010-08-14 03:58 PMئەۋەتىلدى  : e@7UL|12  
    #M@~8dAH}M  
    توۋا مەنمۇ ئوقۇغان كىتاپلىرىم مەزمۇنى ئۇنتۇپ قالىمەن ry0YS\W  
    T}59m;I  
    بەھرام ئەپەندىم: vL8Rg} Jh4  
    مىنىڭ كىتاپلارنى ئوقۇپ ئۇنتۇپ كىتىشىمدە،ساماۋى كىتاب قۇرئان كەرىمدىن باشقا كىتابلارنى،ئىنسانلار ئۆزى يازغانلىقى ئۈچۈن مەندە ھىچقانداق بىر ياخشى تەسىر قالدۇرالمايدۇ.مەن ئىنتايىن ئەمىليەتچىل بالا،ھېسىسىي پىكىر ئەمەس ئەقلىي پىكىر يۈرگۈزىمەن.ئەدەبىي ئەسەلەرنى ئوقۇيمەن بىراق ھىم دەپلا قويۇمەن،چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرلەر توقۇلما بىلەن تولۇپ كەتكەن،يالغانلا نەرىسلەرنى راستەك كۆرسىتىدۇ.تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇيمەن لىكىن يەنىلا ھىم دەپلا قويۇمەن ھەققىي تارىخ ھىچقاچان يىزىلغان ئەمەس.بىراق ئىككى يىل بۇرۇنقى رامازان كۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمسىنى ئوقۇدۇم.بىر قانچە بەت ئوقۇغاندىن كىيىن،تۇيۇقسىز بۇقۇلداپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى،ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ئىللىقلىق قاپلىدىكى،ئەشۇ روھىي مەنىۋىيەتنى تىل بىلەن تەسەۋۇر قىلالمايمەن ۋە ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن. S ^$!n,  
    شۇڭا قۇرئان كەرىمدىن باشقا،ھىچقانداق كىتاب مەندە تەسىر قالدۇرالمايدۇ.
    باتۇر جەڭچىلەر،مەنزىل كۆز ئالدىمىزدىلا-ئالغا!!!

    QQ:1428535011

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2645
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
    ئۆسۈش: 0.21%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 43
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 348(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-13
      كىرىشى: 2010-08-15

     Re:كىتاپ ئوقۇش خاتىرەمدىن پارچىلار(مەلەك)



    ئۈيغۈرلارنىڭ سودا ئېڭى راس كۈشلۈك ،ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىپ پۈل تېپىۋاتقانلارنىڭ كوپىنچىسى باشقا شەھەردىن كەلگەنلەر. چۈنكى ئۈلار كىچىگىدىنلا تىجارەتكە كۈنۈپ كەتكەن. جۈمۈ كۈنلىرى نامازدىن چىقىپ بولغىچە تاۋۈز ،قوغۈنچىلار تاۋۈزلىرىنى تىلىشىپ، مەسچىتنىڭ ئالدىنىمۈ بىردەمدە قايناق بازارغا ئايلاندۈرۋېتىدۈ.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12»Pages: 1/2     Go