شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون،13-ئاۋغۇست تېلىگىراممىسى: ئەنگىلىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگىلىيەنىڭ كېرىدىن رايونىدا ئولتۇرىدىغان موماي ۋېننى رانلى ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ «پېشقەدەم بەڭگە» ئىدى، تاماكا چېكىش تارىخى 95 يىلغا يېتىدىغان بۇ موماي ئىيۇلدا 103 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئېيتىلىشىچە، راننى يەتتە يېشىدا تاماكا چېكىشكە كىرىشكەن، ئۇ چاغدا 1-دۇنيا ئۇرۇشى پەللىگە چىققانىدى. ئۇ كېيىنكى ئۆمرىدە پىنسىيە مائاشىغا تايىنىپ ياشىغان، بالىلىرى ۋە يولدىشى قاتارلىق 10 يېقىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا «تاماكا» غا ھەمراھ بولۇپ ھازىرغىچە ياشىغان. ھېسابلىنىشىچە، ئۇ ئۆمرىدە 170 مىڭ تال تاماكا چېكىپتۇ.
مەنبە:ئۇچۇر تورى
 |