ئابدۇقادىر داموللام نىڭ نۇتقى [R9!Tz
خېۋىر تۆمۈر v:w $l{7
n?z^"vv$i
تۆۋەندە ، مەرھۇم دىنىي ئالىمىمىز ( مۇجتەھىد ) ، تۆھپىكار ئۇستاز ، مىللىتىمىزنى تۇنجى قېتىم مەكتەپ ( مائارىپ ) قوينىغا باشلاپ كىرگۈچى _ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزىنى يۇرتىنىڭ تاجىسى ۋە ئەلنىڭ ئابرويى دەپ ھېسابلايدىغان نۇرغۇن ئابرويلۇق كىشىلەر قاتناشقان بىر قېتىملىق زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتۇقى دىققىتىڭلەرگە سۇنۇلدى U
__________________________________ y|0I3n]e
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۆھتەرەم ئەزىز قېرىنداشلار ، ۋەتەنداشلار ! بىز ئەزەلدىن قابىل ، باتۇر خەلق ئىدۇق ، قاچانكى بىزگە جاھىللىق ، نادانلىق ، خۇراپاتلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق ، ھەسەتخورلۇق ، مەنمەنلىك ، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى ، شۇ چاغدىن باشلاپ زاۋاللىققا ، خار - زەبۇنلۇققا يۈزلەندۇق ، ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى . بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس ، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى . جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلىم - مەرىپەت دەۋرى . سۇسلۇق ۋە بىكار تەلەپلىك ۋاقتى ئەمەس ، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتى . باشقا مىللەتلەر ئىلىم - مەرىپەتكە تايىنىپ ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا ، سۇ ئۈستىدە خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە ، بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز . ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ دوستى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ ھالەتتە ئۇخلىماق _ يوقىلىش ۋە ئۆلۈمدىن دېرەك بېرىدۇ . قېرىنداشلار ، ۋەتەنداشلار ! ئويلاپ كۆرەيلى ، مۇلاھىزە قىلايلى ، ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس ! غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كۆزىمىزنى يوغان ئاچساق ، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق ، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا ، ۋەتەن ، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز ، ھېلىھەم ۋاقىت بار ، پۇرسەت بار ! ! ! z6
A`/ jF}
~hxo_&
مەرھۇم مۇتەپەككۈر ئالىم، ئىسلاھاتچى، تۆھپىكار ئۇستاز ۋە مەرىپەت يۇلتۇزى ئابدوقادىر داموللامنىڭ سۆزلىرىدىن نەمۇنە: /naGn@m5u
;th]/ G
... ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن غەيرەت - شىجائەتلىرى سايىسىدە ھەقىقەت نۇرى تامام ئالەمگە ئاشكارا بولدى، ئىتتىپاقلىق، ئىلىم - مەرىپەت، ئىنساپ ۋە ئادالەت ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى. جەبىر - زۇلۇم، ئىختىلاپ، ئىككى يۈزلىمىلىك ۋە ئىلىمسىزلىك ( جاھالەت)لەر زاۋاللىققا يۈز تۇتتى... {Vj25Gt
قاچانىكى ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەخلاقلىرى بۇزۇلدى، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يەتتى. ئىتتىپاقلىق يوقالدى، ھورۇنلۇق ۋە بىكارچىلىقلار، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر مەيدانغا چىقتى. ئىلىم - مەرىپەت كېمەيدى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ- زارلىققا يۈزلەندى.پېشۋالىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ئۇنتۇلۇپ، خۇراپاتلىق باش كۆتۈردى، ئىززەت- ئابرويلار قولدىن كەتتى. ئەجنەبىلەر ۋەتىنىمىزگە قول ئۇزارتتى. " ھەر قانداق ئەل ئۆز ئابرويىنى ئۆزى يوقاتمىغۇچە ئاللاھ ئۇنى يوقاتمايدۇ" دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى...بىز ئىلگىرىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلايلى، ھازىرقى تۆۋەنلىكنىڭ ئۆزىمىزدىكى ئۈمىدسىزلىك، ھورۇنلۇق ۋە جۈرئەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ناچار ئەخلاقتىن يانايلى! ئەر ۋە ئاياللارغا ئىلىك ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنڭىغا دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىشىمىز، خوتۇن -قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم، چۈنكى كىچىك بالىلار نادان ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىكى چاغدا، يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر. I-`qo7dQ_S
<78LB/:
ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا، پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار. بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا، كامالەتكە يەتمىگىمۇ ئاسان بولىدۇ. :.,3Zw{l
بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم - مەرىپەت دەۋرىدۇر. سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسىدە ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا. سۇ ئاستىدا بولسا، خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە، بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ بولسا ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر! ھېلىمۇ ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار. جانابى ھەقنىڭ رەھمەت ۋە ئىنايەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇقتۇر. دۇنيادا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس. ئىنسان كىچىكلىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگىنىشى ۋە كەسىپ ( ھۈنەر - سانائەت) بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەككى، ھەر قانداق ئىشنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىرىشىنى تەڭرى ئىبادەت قىلمىغاندۇر، يەنى ھەر بىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ. ھەممە ئىشقا تېرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش خۇدانىڭ يوليۇرۇقىدۇر. " ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر" دېگەن ئايەت بۇنىڭغا گۇۋاھ، ئىسپاتتۇر. ^"?b!
=n!
قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! ئويلاپ كۆرەيلى، مۇلاھىزە قىلايلى، ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس! غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كۆزىمىزنى يوغان ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا، ۋەتەن، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز، ھېلىھەم ۋاقىت بار، پۇرسەت بار! ! ! \p&a c&]
~jqh&u$(
مەنبە ساقلانمام ~"ij,Op,3
`Wf)qMb
تەپسىلى ئوقۇپ كۆرۈڭ ، ئەقىل چىرىغىڭىز يەنە بىر قىتىم يورۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ...
 |