مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 339 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go

دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 6045
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 0.04%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 17
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 387 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 67(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-10
  كىرىشى: 2010-08-15

0

 FBI ھەققىدە چۈشەنچە



 


FBI ھەققىدە چۈشەنچە



ئامېرىكا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ئىنگىلىسچە تولۇق نامى Federal Bureau of Investigation قىسقارتىپ يېزىلىشى .FBI
FBI يالغۇز ئىدارە نامى بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە، فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئەقىدىسى يەنى ساداقەت ، جاسارەت، مۇكەممەل،دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

FBI نىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان مەنىسى



ئامېرىكا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى-ئامېرىكا ئەدىلىيە مېنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق تەكشۈرۈش ئورگىنى ، مەسئۇلىيىتى بولسا كونكېرت جىنايەت ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەنە ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە باشقا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇ ئورگانلارنى بارماق ئىزىنى تونۇش،تەجرىبىخانىدا ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ساقچى قىسىمىنى تەربىيلەش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەدىلىيە مېنىستېرى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئامېرىكىغا قارشى بارلىق جىنايەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. خىزمەت ۋەزىپىسى بولسا ئامررىكىنى باركۈچى قوغداپ ، دۆلەت سىرتىدىن كېلىدىغان ھەرخىل ئاخباراتلارنى تەكشۈرۈش ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش . فىدىراتسىيە ، شىتات ۋە ھەرقايسى يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغا يادەم بېرىش ۋە ئامررىكا ئاساسىي قانۇنىنى بەرگەن تولۇق ھوقۇققا ئاساسەن دۆلەت خەپسىزلىكىنى قوغداش ۋە تەشكىلات تۈسىنى ئالغان تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاكتىپ ھالدا ئامېرىكا ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە ماسلىشىپ بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ، دۆلەت خەۋپىسزلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق خەپكە ۋە ھەربىي ھەركەتكە قارشى تۇرۇش. FBI بارلىق ئامېرىكىلىقنىڭ كۆڭلىدە زورلۇق ۋاستىلەرگە زەربە بېرىشتىكى ئەڭ جەڭگىۋار قىسىم بولۇپ ساقچى قىسىمىدىن باشقا يەنە ئالاھىدە تەربىيلەنگەن 11000 نەپەر دەرىجدىن تاشقىرى ئالاھىدە خادىم خىزمەت قىلىدۇ .

FBI نىڭ تارىخى



19 -ئەسىردە ئامېرىكا ھۆكىمىتى دائىم Pinkertons قاتارلىق شەخسىي رازۋىتكا شىركەتلىرىگە تايىنىپ،دىلولارنى پاش قىلاتتى بۇ ئەھۋال تاكى 1908 -يىلىغىچە داۋاملاشتى . كىيىن ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى يەرلەرنى قانۇنسىز سېتىش قىلمىشى ئەينى چاغدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زوڭتۇڭ شىلودىر روزۋېلىتنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.زوڭتۇڭ دەرھال ئەدىلىيە مېنىستىرى چارۋېس بوناباغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،كىچىك تىپتىكى رازۋىتكا ئورگىنى تەسىس قىلدى ۋە كىيىنكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. 1909-يىلى بۇ ئورگان رەسمىي ھالدا تەكشۈرۈش ئىدارىسى دەپ ئاتالدى . 1935-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىدارە نامى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى دەپ ئۆزگەردى. FBIنىڭ جىنايەتنى پەن تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، 1932-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا FBI سېسىق نامى پۇر كەتكەن بىر ئوچۇم بۇلاڭچىلىق قىلىش ، تۇتقۇن قىلىش ،ئادەم ئۆلتۈرۈشنى قىبلىنامە قىلغان،ئېرقىي كەمسىتىشنى تەرغىپ قىلىدىغان گوروھ 3K، پارتىيىسىنى تامار قىلىشتا ئەڭ زور تۆھپە كۆرسەتتى.
20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە FBI ئامېرىكا تەۋەلىكىدە بىر تۇتاش جاسوسلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتىنى قوزغاپ، 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى 8نەپەر ناتسېست گىرمانىيىسىنىڭ جاسوسىنى قولغا ئالدى.
1950-يىلى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان،دۆلىتىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئالىمى چىيەن شۆسىننى قولغا ئالدى ۋە ئالاھىدە خادىم ئەۋەتىپ چىيەن شۆسىننىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسى ۋە تۇرالغۇسىنى بۇزغۇنچىلىق تۈسۈنى ئالغان ھالدا ۋەيرەن قىلىۋەتتى.

FBI نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى



فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى،ئامېرىكا زوڭتۇڭى بىۋاستە ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ھەم پارلامىنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىدۇ . ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 10 يىل . تۇنجى نۆۋەتلىك ئىدارە باشلىقى خوف. ھازىر بۇ ئىدارىدە 20 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەتچى بار ،بۇلارنىڭ ئىچىدە 8600 مىڭى تاشقى خادىم ، دۆلەت مالىيىسىدىن ھەريىلى FBI ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغ 2 مىليارد 300مىليون ئامىرىكا دوللىرى.

FBI نىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى



فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باش شىتابى،ۋاشىنگىتوننىڭ ئالاھىدە رايونى بولغان J. Edgar Hoover سارىيىغا جايلاشقان. بۇ ساراي 1974-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. سىرتىدىن قارىغاندا ھەيۋەتلىك قورغانغا ئوخشايدۇ. باش شىتابىنىڭ باشقۇرۇشىدا 10 ياردەمچى ئىدارە باشلىقى رەھبەرلىك بەنزىسى بار بولۇپ ئۇلار تۈرلەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىپ بېكىتىش، مەشىقلەندۈرۈش، جىنايى ئىشلار رازۋىتكىسى، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. FBI پۈتۈن دۆلەتتىكى 59 شەھەرگە خىزمەت ئىدارىسى تەسىس قىلغان بولۇپ بۇ ئىدارىلەرنىڭ باشقۇرىشىدا يەنە 400 ئورۇندا يەرلىك ئىش بېجىرىش شۆبە ئىدارىسى بار . FBI يەنە 22 دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورگىنى تەسىس قىلغان بولۇپ بۇلار باش شىتاپ تاپشۇرغان بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ.
FBIنىڭ يەنە<<ئەدىلىيە ئۇچۇر مۇلازىمەت بۆلىمى>>،<<جىنايى ئىشلار ئىلمىي تەجرىبىخانىسى>>،<<مەركىزىي بارماق ئىزى ئارخىپ سارىيى>>،<<تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش مەخسۇس ئەترىتى>>ۋە<<مەخسۇس دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە خادىم تەربىيلەش ئىنىستىتوتى>> قاتارلىق قۇرۇلمىلىرى بار . ئالاھىدە خادىم تەربىيلەش ئىنىستىتوتى، فورجىنىيە رايونى دېككىي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش بازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئالاھىدە خادىم ۋە جاسوس تەربىيلەش بازىسىنى 358 مو كېلىدىغان قويۇق ئورمان پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدۇ . ھەتتا ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپمۇ بۇ يەرنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن تەس. ئالاھىدە خادىم تەربىيلەش ئىنىستىتوتى رايونىدا 3 كورپۇس ياتاق بىناسى، بىر ئاشخانا ، بىر ئوقۇتۇش بىناسى، بىر قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات مەركىزى،1000 كىشىلىك چوڭ زال، بىر چىركاۋ، بىر چوڭ تىپتىكى چېنىقىش سارىيى ، تاشقى يۈگۈرۈش يولى ۋە پۈتۈن ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ماشىنا رېمونت قىلىش مەركىزى بار . ئۇنىڭ باشقا تەربىيلەش ئىنىستىتوتى ئىچىدە بىر تەقلىدى شەھەر بەرپا قىلىنغان بولۇپ بۇ زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەشىق ئورنى.يەنە زال ئىچى قارىغا ئېتىش مەيدانى، 8 زال سىرتى قارىغا ئېتىش مەيدانى 4ئۇچار تەخسە ئېتىش مەيدانى ۋە 200مېتىر دائىرىدىن بۆسۈپ قارىغا ئېتىش مەيدانى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.

FBI نىڭ تالاش تارتىش قوزغىغان ھەركەتلىرى



1 . Cointelpro ھەركىتى-بۇ قېتىملىق ھەركەت ئاساسلىقى ئامېرىكا سىياسىي تۈزۈلمىسىگە باشقىچە پىكىردە بولغان تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار ئىچىدە ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتلىرى ، تېنىچلىقپەرۋەر تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولۇپ FBI تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە قارشى چىققانلىقى توغرىسىدا ھىچقانداق ماتىرىيالغا ئېرىشەلمىگەن ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولغان.
2 . چارلىز چاپلىننى قوغلاش ھەركىتى- FBI دۇنياغا داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى چارلىز چاپلىننى قوغلاش ھەركىتى ئېلىپ بارغان. 1922-يىلى FBIنىڭ بىر ئالاھىدە خادىمى چارلىز چاپلىننىڭ كىنو شىركىتىگە سوقۇنۇپ كىرىپ،چارلىز چاپلىننىڭ بارلىق ھەركىتىنى كۈزەتكەن. كېيىن ئىدارە باشلىقىغا دوكلات قىلىپ كىنو شېركىتىنىڭ <<بولشىۋىكلارنى مەدھىيلايدىغان>>مەزمۇندىكى كىنولار ئارقىلىق تاماششىبىنلاردىن كۈچ توپلاپ<< ئىشچىلار ھەركىتى ۋە ئىنقىلاپ تەربىيە تەشۋىقاتى توغىرىسىدىكى كىنولار>>توغرىسىدا بەس مۇنازىرە پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا دىگەن. ئەينى چاغدىكى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بورئېنس دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن ،كىيىن دەرھال قول ئاستىدىكىلەرگە كىنوغا ئائىت بارلىق ئارخىپلارنى يىغىپ كېلىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بولۇپمۇ <<كىنو ئارقىلىق قانداق قىلىپ كوممۇنىزىمنى تەشۋىق قىلىش >>توغرىسىدىكى كىنولار بولۇپ ،بۇ كىنولار خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى بۇرمىلاپ قالماسلىق ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان.
3 . ئېينىشتىيىننى كۈزىتىپ تەكشۈرۈش ھەركىتى- فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئېينىشتىيىننى تەكشۈرۈشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلانغان بولۇپ، ئېينىشتىيننىڭ كوممۇنىزىم ئىدىيىسىنى قوللىشى، خەلق دىموكراتىك ھەركىتى،ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتلار ۋەبىر قىسىم سوتسىيالىزىمنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى قوللىشى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئۇلۇغ ئەرباپنىڭ ئوچۇق ئاشكارە ھالدا،ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىت قىلىشى خەلقنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغان. فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېينىشتىيىننى چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر جىنايەت ئارخىپى تەييارلىغان. 1424 بەت كېلىدىغان بۇ ئارخىپتا ئېينىشتىيىن ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بارلىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بار .

FBI نىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى



FBIنىڭ بېيجىڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسى 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، خىزمەت بىناسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان، FBIنىڭ بېيجىڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا ئىككى نەپەر ئالاھىدە خادىم بولۇپ FBI نىڭ جۇڭگودىكى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ .
[ بۇ يازما Jidelhor تەرپىدىن 2010-08-13 08:10 AM دە ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما FBI ھەققىدە چۈشەنچە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(Jidelhor) ئىسىل يازما
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى ئىدىرىسجان تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-12, 18:44
    ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
    ----(413544560)

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2297
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە359دانە
    ئۆسۈش: 0.22%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 359
      ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5994 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1037(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-03
      كىرىشى: 2010-08-15

    ياخشى تىما ئىكەن! مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋېتىڭ!
    _____________________QQ:413544560______________________
    پەرىق نىمە ؟

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2081
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
    ئۆسۈش: 0.2%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 139
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 979 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 79(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-02
      كىرىشى: 2010-08-15

    FBI نى مەن كۇندە 70 ئادەمنى گۇماللىنىپ قولغا ئالىدۇ دەپ ئاڭلىغان !
    خاتالىقنىڭ ئۆزى بىر ساۋاق !
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە.

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1090
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە703دانە
    ئۆسۈش: 0.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 703
      ياخشى باھا: 122 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 8102 سوم
      تۆھپىسى: 91 كىشى
      ياخشى باھا: 106 نۇمۇر
      ۋاقتى: 616(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-27
      كىرىشى: 2010-08-15

    پۇقرانىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغداشنى  شۇنچە مۇھىم  دەپ شۇئار توۋلايدىغان ئامىركىدا  مۇشۇ FBI گە كەلگەندە خالىغانچە  ئادەم تۇتىدۇ،بەزىللىرىنى ناھەق ئۆلتۈرىدۇ.ئىشقىلىپ ھوللىۋوت كىنولىرىدا شۇنداق.كىنولارمۇ بىكار چىقمايدۇ.
    ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش ھەر كىشىنىڭ ئىشى،
    يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش ئەر كىشىنىڭ ئىشى
    يۈرۈكۈم سىنى ۋاپاسىز دەيدۇ،،ئۆزۈڭ ئىيتە...راستمۇ

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 132
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
    ئۆسۈش: 0.45%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 451
      ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1984 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 394(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    بەك سىرلىق بىر ئىدارىمۇ نىمە بۇ .....
    http://www.seburi.com/elan/do.php?努尔买买提

    دەرىجىسى: چەكلەنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 265
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە607دانە
    ئۆسۈش: 0.38%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 607
      ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3180 سوم
      تۆھپىسى: -4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 873(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-21
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئەزا چەكلەندى،بۇ مەزمۇن تاقالدى!

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2644
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
    ئۆسۈش: 0.11%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 232
      ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 7845 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 615(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-13
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئامىرىكىنىڭ بۇ خىلىدىكى مەخپى تەشكىلاتلىرى خېلى بار، دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىك ئىدارىسى(9.11دىن كىين قۇرۇلغانغۇ دەيمەن)، دۆلەت خەۋپىسىزلىكى ئىدارىسى، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دىگەنلەر ئەڭ قابىل كىشلەردىن تەشكىل تاپقان، بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ (CIA)ھەركەتلىرى بەكلا سىرلىق، ئۇلار جىنايى ھەركەتلەرگە قارىشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، جىنايەتمۇ سادىر قىلىدۇ. قىزىقارلىقى ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى يەنىلا شۇ يەرلىك ساقچىلار بىلەن FBIدىكىلەر تەكشۈرۈرىدۇ......
    بولسا ماۋۇ(CIA)نىڭمۇ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۋەتكەن بولسىڭىز...
    [ بۇ يازما تەكلىماكان تەرپىدىن 2010-08-13 01:11 PM د ]
    دەقيانوس

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 53
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە790دانە
    ئۆسۈش: 0.36%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 790
      ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3911 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 22(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    بۇ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ك گ ب بىلەن ئۇخشاپ قالامدۇ نىمە؟!
    دەقيانوس رىۋايەتكە ئايلاندى، بىز تارىخقا ئايلىنىمىز.
    The wolf , he used to be

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە732دانە
    ئۆسۈش: 0.33%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 732
      ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5886 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 582(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-08-14

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت ئىدىرىسجان كە 2010-08-13 05:08 AMئەۋەتىلدى :
    پۇقرانىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغداشنى  شۇنچە مۇھىم  دەپ شۇئار توۋلايدىغان ئامىركىدا  مۇشۇ FBI گە كەلگەندە خالىغانچە  ئادەم تۇتىدۇ،بەزىللىرىنى ناھەق ئۆلتۈرىدۇ.ئىشقىلىپ ھوللىۋوت كىنولىرىدا شۇنداق.كىنولارمۇ بىكار چىقمايدۇ.

    ئۇ دېگەن CIA . ئالماشتۇرىۋەتمەيلى . ئاخبارات ئىدارىسى دېگەن ھۆكۈمەت تارمىقى ، ماۋۇسى بولسا قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقى . ئىككىسىنىڭ خوجىسى باشقا .
    Messi , kaka , Forlan , c-ronaldo , Xavi , who is the winner ?
    The wolf , he used to be

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە732دانە
    ئۆسۈش: 0.33%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 732
      ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5886 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 582(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-08-14

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت تەكلىماكان كە 2010-08-13 11:39 AMئەۋەتىلدى :
    ئامىرىكىنىڭ بۇ خىلىدىكى مەخپى تەشكىلاتلىرى خېلى بار، دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىك ئىدارىسى(9.11دىن كىين قۇرۇلغانغۇ دەيمەن)، دۆلەت خەۋپىسىزلىكى ئىدارىسى، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دىگەنلەر ئەڭ قابىل كىشلەردىن تەشكىل تاپقان، بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ (CAI)ھەركەتلىرى بەكلا سىرلىق، ئۇلار جىنايى ھەركەتلەرگە قارىشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، جىنايەتمۇ سادىر قىلىدۇ. قىزىقارلىقى ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى يەنىلا شۇ يەرلىك ساقچىلار بىلەن FBIدىكىلەر تەكشۈرۈرىدۇ......
    بولسا ماۋۇ(CAI)نىڭمۇ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۋەتكەن بولسىڭىز...

    cai ئەمەس ، CIA . مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى . جاسۇسلۇق تەشكىلاتى .
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(تەكلىماكان) ئاپلا ئالماش ..
  • Messi , kaka , Forlan , c-ronaldo , Xavi , who is the winner ?
    The wolf , he used to be

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە732دانە
    ئۆسۈش: 0.33%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 732
      ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5886 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 582(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-08-14

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت دەقيانوس كە 2010-08-13 11:47 AMئەۋەتىلدى :
    بۇ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ك گ ب بىلەن ئۇخشاپ قالامدۇ نىمە؟!

    FBI نىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئادەتتىكىچە ۋە ئاشكارا . ئۇلار باشقا دۆلەتتىكى تەپتىش خادىملىرى قىلىدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى قىلىدۇ . سىز دېگىنى بەلكىم CIA بولۇشى مۇمكىن .
    Messi , kaka , Forlan , c-ronaldo , Xavi , who is the winner ?
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12»Pages: 1/2     Go