ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى WM:we*k8h
'Aai.PE:
نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاساسلىق ئەنئەنىۋىي يېمەكلىرىنىڭ بىرى. ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەڭ-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى ۋە يادروسى. نان ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنىڭ جانلىق شاھىتى سۈپىتىدە ئىزچىل ھالدا خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى ۋەمەدەنىيىتىدە ئايرىلماي كەلدى. نان سۇغا ئوخشاش قەدىرىلىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاساسلىق يېمەكلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. رەھىمسىز بوران- چاپقۇنلار ۋە ھەر خىل قىسمەتلەر خەلقىمىزنى نەگە ئېلىپ بارمىسۇن نان خەلقىمىز بىلەن شۇ يەردە پەيدا بولدى. 8D)2/$NsY}
قەدىمكى يېپەك يولىدا ئەجدادلىرىمىز نانغا تايىنىپ بىپايان قۇملۇق ۋە چۆل- جەزىرەلەردىكى تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تىللاردا داستان بولغىنىدەك نى- نى ھايات شەجەرلىرىنى قالدۇردى. مەيلى ئۇلار قانچىلىك يېراققا بارمىسۇن يېنىدا نان بولغانلىقتىن كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ ئۆز ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. rs'~' Y
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى ئوچاق ياكى تونۇر پىشۇرۇپ يېيىش مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق تارىخى جەرياندا بارلىققا كەلگەن. &`GQS|
تارىخى خاتىرلەردە خاتىرلىنىشىچە نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تامىقى بولۇپ، قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3200 يىلنىڭ ئالدىدىكى نان تېپىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپاننىڭ ئاستانە قەدىمى قەبرىستانلىقىدىنمۇ قەدىمكى نان تېپىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ناننىڭ تارىخى ھەقىقەت ئۇزۇن، تۈرى كۆپ، شۇنداقلا، نانغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ- ئادەتلەرمۇ مول بولغاچقا مۇكەممەل نان مەدەنىيىتى يارىتىلغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ يېمەك- ئچىمەك مەدەنىيىتىدىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىك دېيىشكە بولىدۇ. G5?Dt-;I
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۆچمەن مىللەتلەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يېمەكلىك مەدەنىيىتى ئاساسىدا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە نان مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. دېمەك، نان پەقەت ئوزۇقلىنىدىغان بىر ئاددىي يىمەكلىك بولماستىن بەلكى يىمەكلىك ئۇقۇمىدىن ھالقىپ شۇ خەلقنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان خولىكلور مەدەنىيىتىگە ئايلاندى. ma vc$!y
ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئەينى دەۋردە ئاساسلىق يىمەكلىك سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەنلىكى بىرىنچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋىردە ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق ئاساسىدا قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقىنى ئىسپاتلىمىسا، ئىككىنچىدىن، ئاشلىقنى پىششىقلاپ ئىشلەپ تۇراقلىق يىمەكلىك ھازىرلاش ئۇسۇلىنى ياراتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. g.zJ[-
چۈنكى، نان تەركىبىدە تۇز بولۇپ تونۇردىن بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ سىڭدۈرۈپ پىشۇرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ساقلاشقا بولىدۇ. ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك. گەرچە گۆش، سۈت، قايماق ئەينى دەۋردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق يىمەك- ئىچمىكى بولسىمۇ ئۇنى ئۇزۇن ساقلاشقا بولمايتتى، ئەجدادلىرىمىز بۇ زىددىيەتنى نان ئارقىلىق ھەل قىلغان. 8E ^yHd4Y
نان Mo0+"`
نان ئاساسەن بۇغداي، قوناق، تېرىق ئۇنىدىن ھازىرلىنىدىغان بولغاچقا، ئادەتە «بۇغداي نان»، «قوناق نان»، «تېرىق نان» دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ، قوناق نان «زاغرا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇغداي نان قوناق نانغا قارىغاندا يۇمشاق، مەززىلىك، يېيىشلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارغا كىشىلەرنىڭ سۆزى ئاغزىنىڭ قاتتىقلىقىنى بۇغدايغا تەقلىد قىلىنىدىغان «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى» دىگەن ماقال تەمسىلمۇ بار. v4DF
#O
تونۇردا پىشۇرىلىدىغان ناننىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى، ئۆي نېنى، توقاچ، سەپەر توقىچى، ياغاق توقاچ، سىيادان توقىچى، كۈنجۈت توقىچى، سۈتلۈك توقاچ، توي نېنى، كاكچا نان، پېتىر نان، بىجاق نان، گىردە نان، دامان نان، ھەمەك نان، سېكەر نان، شىرمەننان، گۆشنان، سامسا، پەرمۇدە، گۆشگىردە، قاتلىما، چىگىردەكلىك نان، بازار نېنى، تاغ نېنى، قوتۇرماچ، زاغرا، پىيازلىق زاغرا، جىرىس نان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى بار. {w1sv=$+
بىز تونۇردا پىشۇرىلىدىغان ناندىن تۆۋەندىكى 4 خىل ناننى ئاساس قىلىپ چۈشەندۈرمەكچى؛ D*I%=);B_
1. ئۆي نېنى 2. گۆشنان FhHcS
>]:.
3. زاغرا 4. دامان /9QI^6&SX
ناننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى؛ نان زىيان قىلمايدۇ، ھەر قانداق كېسەل كىشى يىيىشكە بولىدۇ.
/MO|q
1. ئۆي نېنى &ScADmZP^d
خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇن، تۇز، خېمىر تۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا. XL1v&'HLV
يېقىش ئۇسۇلى: 1) ئاق ئۇندا مۇۋاپىق مىقداردا خېمىر تۇرۇچ، تۇز سېلىپ ئىلمان سۇ بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2) خېمىر چالا كۆپكەندە خېمىرغا قايتا- قايتا ئىشلەپ پىلتا قىلىپبىردەك چوڭلۇقتا زۇۋۇلاپ ئۈزۈپ بىردىن- بىردىن تاۋلاپ دىئامىتىرى ㎝20 لىق نان ئېچىپ ئوتتۇرىغا چەككۈچ بىلەن گۈل چىكىپ پەشخۇنغا دۈم قىلىپ رەتلىك تىزىمىز ئاندىن ئۈستىنى نەم داستىخان بىلەن يېپىپ يەنە تىندۈرىمىز. 3) تونۇرغا ئوت يېقىپ تونۇر قىزىرىپ ئاقارغاندا تۇز سۈيى سېپىپ ھاۋاسىنى تەڭشەيمىز، تونۇردىكى چوغدىكى كۈل بىلەن كۆمۈۋېتىپ دانچوننى ئېتىپ ناننىڭ كەينىنى تۇز سۈيى بىلەن نەمدەپ تونۇرنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ 20~15 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ نانلارنىڭ كۆيۈش ئەھۋالىنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ كۆمۈلگەن چوغ ئوتتۇرىسىدىن كىچىككىنە ئېچىپ ئوتنى يالقۇنجىتىپ تونۇرنىڭ ئاغزىنى قايتا يېپىپ قويىمىز. 4) نانلار سىڭىشىپ پىشاي دىگەندە دانچۇننى ئازراق ئېچىپ، ئوتنى كۈچەيتىپ ناننىڭ يۈزى قىزىرىپ سىڭىشىپ پىشقاندا تونۇردىن سويىۋالساق بولىدۇ. {Ug?k
بۇ خىل ناننىڭ ئىچى كاۋاك، قىرغىقى يۇمشاق بولغاچقا چايغا ياكى سۇغا چىلىسا ئاسان يۇمشايدۇ.
مەنبە: كومپىيۇتېرىمدا ساقلىۋاپتىكەنمەن.
كومپىيۇتېر ئالدىدا: كەترەن
[ بۇ يازما hok7 تەرپىدىن 2010-08-12 11:43 PM دە قايت ]