سۇلتان سەئىدخان  ->@iw!5xu  
  يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان . =o4McV}  
   سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .  C)ebZ
3  
  سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .  ,)t/1oQ}>^  
                                                       يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى DA/\[w?J
  
    يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى .  <{k8	K6  
 hKN/&P^  
1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان .  ?qczMck_  
 \l/<
[ZZ  
2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . Yr	1k\q  
 Vpf7~2[q%  
3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . w;V+)r?w  
 OBZ:C!  
4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . 6Zq7O\
  
 .\|}5J9W  
5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . 
VKHzGfv   
 2<^eVpNJR  
6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .  O*hQP*Rs  
 2M?L++
i  
7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان . =_,j89E	  
 v^(J+d_>   
8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى . C 4hvk'=  
 F;)qM|7
  
9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى . #^bn~  
 8DZ
OPA  
10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان .  7>yb8/J  
 M0"}>`1lJ  
11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان . aUEnQ%YU"  
 vK8!V7o~h%  
12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان . E JJW  
مەنبە : تارىخى ماتىرىياللار
				
							
              |