مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 559 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت.....!
ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە786دانە
ئۆسۈش: 0.28%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 786
  ياخشى باھا: 223 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 9231 سوم
  تۆھپىسى: 8 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 424(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-08-15

0

 مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت.....!



  قىز غۇلجىلىق، يىگىت ئاقسۇلۇق بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى شىنجاڭ رادىئو –تېلىۋېزىيە ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى، ئۇلار بىر سىنىپتا ئوقۇيتتى ھەر ئىككىلسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىىڭ ئىلغار ئەزالىرى  بولۇپ ،ئۆگىنىش جەھەتتە بىر –بىرىدىن قېلىشمايتتى.ئۇلار ئۆزئارا ئۆگىنىش قىلىش، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش،پىكىر ئالماشتۇرۇش ،سىنىپ ۋە مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا بىر –بىرىگە يول كۆرسىتىش،ئۆزئارا تالاش –تارتىش قىلىش ،بەزىدە ماي تارتىشىپ قېلىپ ،يەنە بەزىدە ئەپلىشىپ قېلىشلار ئارقىلىق بارا –بارا بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشتى .يىگىت قىزنىڭ ئەخلاقى –پەزىلىتىنى تىرىشچانلىقىنى،ئاددا –ساددىلىقىنى....ياقتۇرۇپ قالغان،قىزمۇ يىگىتنىڭ ئوچۇق –يورۇقلىقىنى ،يۇمۇرىستىك خاراكتىرىنى، كەسكىنلىكىنى،غورۇرلۇق ئىكەنلىكىنى....ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى،ئاخىرىدا بېرىپ بۇنداق ياقتۇرۇپ قېلىشلار بىر –بىرسىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشكە ئايلانغان ئىدى.ئۇلار مۇھابببەت بېغىددا پورەكلەپ ئېچىلغان بىر جۈپ گۈل بولۇپ،ھەممە جەھەتلەردە ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولۇپ،كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە بىلەن ئوقۇدى،مانا ھەش –پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى ئوقۇش يىلى كىرىپ قالدى.ئالىي مەكتەپنى پۈتتىرىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ كەلگەنسېرى بۇ بىر جۈپ قوشماقلارنىڭ كۆڭۈل ئەندىشىلىرىمۇ ئۇلغۇيۇشقا باشلىدى.شەنبە كۈنى كەچ،ئۇلار مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى گۈللۈككە قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرماقتا. 
    -راھىلە ،ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭغا ئەگشىپ كۆڭلۈممۇ بارغانسېرى پاراكەندە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، چۈنكى سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالارمەنمىكىن دېگەن ئەندىشە يۈرىكمنى قۇرۇتتەك غاجاپ ،ئارامىمدا قويمايۋاتىدۇ،-دېدى يىگىت قىزغا.
     - مېنىمۇ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قېلىشقا ھەر ئىككىلىمىزگە پۇرسەت يوق،ئىككىلىمىز  يۇرتىمىزغا كەتسەك پەقەتلا كۆرۈشەلمەيدىغاندەكلا بىر خىل تۇيغۇ كاللامغا كىرىۋالدى.ئەسلى ....،-گېپىنىڭ داۋامىنى توختىۋالدى قىز.
  -گېپىڭنى توختىۋالدىڭغۇ؟ئەسلى مۇھاببەتلەشمىسەك بوپتىكەن دېمەكچىمۇ سەن؟ مېنىڭ بىلەن يۈرگىنىڭگە پۇشايمان قىلىۋاتامسەن....؟- يىگىتنىڭ كەينى –كەينىدىن قويۇلغان سوئاللىرى بىلەن نارازىلىق ئەكس ئېتىپ تۇرغان كۆزلىرى ئالدىدا قىز گۇناھكارلاچە بېشىنى ئەگدى.
   -ياق دىلمۇرات،سەن گېپىمنى خاتا چۈشەنمە،مەن ‹‹ئىككىمىز مۇھاببەتلەشمىسەك بوپتىكەن››دېمەكچى ئەمەسمەن. ساڭا مەقسىدىمنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى راستىنلا بىلمەي قالدىم....،-قىز ئۆزىنى ئاقلايدىغان، كۆڭلىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇۋاپىق سۆز تاپالماي قالغىنىدىن يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى.
   - مېنى چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرەمسەن راھىلە؟- دېدى دىلمۇرات راھىلەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ . 
   - سەن ماڭا،مېنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتىمگە ئىشەنمەمسەن؟،- دېدى راھىلە كۆزىگە ياش ئېلىپ. 
  - ساڭا ئىشىنىمەن، سېنىڭ مېنى يۈرىكىڭدىن سۆيىدىغانلىقىڭغا ،ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ سېنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، لېكىن سېنىڭ بايامقى‹‹ئەسلى››دېگەن گېپىڭ كۆڭلۈمنى بىر قىسما قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ قېشىمدا ھەرگىزمۇ كۆڭۈلنى چىگىش قىلىدىغان  ئۇنداق گەپلەرنى قىلما،كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇپ كېتىدىكەن،بىر –بىرىمىزگە بولغان چىن مۇھاببەتىمىزگە ئىشەنچ بىلەن قارا راھىلە،- دېدى دىلمۇرات. 
   -مېنى كەچۈر، كۆڭلۈم تازا ياخشى بولمىغاچقا تەسادىپى چىقىپ كەتتى،- دېدى راھىلە. 
    - مەيلى  قانداقلىكى ئىش يۈز بەرمىسۇن  سەندىن ھەرگىزمۇ ئايرىلمايمەن،سېنى ئۆمۈرۋايەت سۆيىمەن، ماڭا ئىشەن راھىلە، بۇ ھەرگىزمۇ يالغاندىن ساڭا بېرىلگەن قەسەم ئەمەس، چىن يۈرەك سۆزۈم، بۇ گېپىمنىڭ راستلىقىنى كېيىن چۈشىنىپ قالىسەن،- دېدى دىلمۇرات. 
    - مەنمۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن ،سېنى چىن يۈرىكمدىن ياخشى كۆرىمەن،-دېدى راھىلە دىلمۇراتنىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويۇپ.كۆكتىكى تولۇن ئايمۇ بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئوتلۇق قەسەملىرىگە گۇۋاھ بولغاندەك  يورۇق نۇرلىرىنى چېچىپ تۇراتتى، يۇلتۇزلارمۇ ئۇلارغا مەسلىكى كەلگەندەك كۆزلىرىنى قىسىشىپ جىمىرلايتتى.
     بۇ بىر جۈپ  ياشنىڭ يۈرىكىگە ھەسرەتلىك ئىزلارنى قالدۇرغان ئايرىلىش مىنۇتلىرى يېتىپ كەلدى،ئۇلار كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ بىر –بىرىگە قىيالمىغان ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا مېڭىشتى،ئۇلارنىڭ ئۆزى ئايرىلغان بىلەن بىر –بىرىگە بولغان ئوتتەك مېھرى، چوڭقۇر سۆيگۈسى ئايرىلمىغان ئىدى.ئۇ ۋاقىتلاردا  قول تېلىفون ئىشلىتىش ئومۇملاشمىغان ۋاقىتلار بولغاچقا،دىلمۇرات بىلەن راھىلە بىر –بىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ،كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىشقا، سېغىنىش ھېسياتلىرىنى ئىپادىلەشكە  توغرا كەلگەندە دىلمۇرات راھىلەنىڭ ئۆيىنىڭ قېشىدىكى ئاممىۋى تېلىفون ئىگسىگە راھىلەنى چاقىرىپ قويۇشقا خىجىللىق ئىچىدە ئىلتىجا  قىلاتتى،راھىلە بولسا دىلمۇراتنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن خىجىل بولغان ھالدا ئۇنى چاقىرىپ قويۇشنى ئۆتىنەتتى.
     شۇنداق قىلىپ بىر –بىرىگە تەشنا ئىككى قەلب ئەنە شۇنداق ئىنتىزارلىق، تەقاززالىق ئىچىدە ئۈچ يىلدىن ئاتۇق ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى،بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان دوقاللار ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، دىلمۇرات شەھەرلىك  رادىئو –تېلىۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى،راھىلە بولسا تېلىۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ دېكتورى بولۇپ قالدى.ھەر ئىككىلىسى كىشىلەرنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك خىزمەت ئورنىنى تاپقان ئىدى.ئاتا –ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقىغا بولغان خوشاللىقىغىمۇ ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى، شۇنداق قىىلپ ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگىنىگە بەش يىل ،خىزمەتكە قاتنشقانلىقىغىمۇئۈچ يىل بولۇپ قالدى،بۇ جەرياندا دىلمۇرات بىر قېتىم راھىلەنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدى،ئارىلىقتا تېلىفوندىكى ئوتلۇق سېغىنىش ھېسياتلىرىنى ئىزھار قىلىشلار ئۈزۈلمىدى،يىراق بولغان ئارىلىق ئۇلارنىڭ بىر –بىرىگە   بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى پەسەيتمەستىن، تېخىمۇ ئۇلغايتقان ئىدى.
    دىلمۇراتنىڭ ئاتا –ئانىسى كىشىلەرنىڭ خېلى ھۆرمىتىگە سازاۋەر،يۈز –ئابرويلۇق كىشىلەر ئىدى، ئۇلار ئوغلىنىڭ  ئۆز يۇرتىدىن قىز چىقمىغاندەك غۇلجۇلۇق بىر قىز بىلەن مۇھاببەتلەشكىنىگە قاتتىق نارازى ئىدى،(ئۇلار  راھىلە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي  تېلىفون قىلىشلىرىدىن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىك مۇناسىۋەتنىڭ ئادەتتىكى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ كەتكەن مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋېىلشقان ئىدى)بولۇپمۇ  دىلمۇراتنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئۆيلىنىشىنى خالايتتى، شۇڭا ئۇ راھىلەگە بولغان نارازىلىقىنى ئۇنىڭ دىلمۇراتنى چاقىرىۋېتىشنى ئۆتۈنگەن خىجالەت ئارىلاش ئاۋازىغا قارىتا بەزىدە قوپاللىق بىلەن ‹‹ دىلمۇرات يوق،دىلمۇراتنى  نېمە قىلاتتىڭىز...؟››دېگەندەك دوق قىلىش ئاۋازى بىلەن ئىپادىلەيتتى.بۇ ئەھۋال بىرقانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن راھىلە تېلىفون قىلماس بولغان ئىدى،شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا دىلمۇرات تېلىفون قىلاتتى. ئاتا -ئانىسىنىڭ بولۇپمۇ ئانىسىنىڭ اللاھنىڭ نامىنى شېپى كەلتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ باققان ئەجرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلغان ئۆتۈنۈشلىرى ،پوپوزىلىرى ئالدىدا ئامالسىز قالغان دىلمۇرات بىر – ئىككى قېتىمدەك ئۆزىگە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغان قىزلار بىلەن كۆرۈشۈپ باققانمۇ بولدى ۋە كۆڭلىگە ياقمىغانلىقىنى ئېيتىپ توي قىلىشتىن باش تارتتى، ئاخىرى بولماي ‹‹ئەگەر مېنى مۇشۇ شەھەردە ،مۇشۇ ئۆيدە ياشىسۇن دېسەڭلار  توي قىلىشقا قىستىماڭلار،مەن راھىلەدىن باشقا ھېچقانداق بىر قىزغا كۆڭۈل بېرەلمەيمەن، شۇڭا باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىپ ئۇنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ بەختسىز قىلغۇم يوق......››دەپ كەسكىنلىك بىلەن گەپنى ئۈزۈپ توقامنى قارنىغا ئالدى، ئۇنىڭ پەيلىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئانىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشتىن ئازىراق قالدى. 
     ئەمدى  نەزىرىمىزنى راھىلەگە تىكىپ ،ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ باقايلى،بىچارە راھىلە ئۆيىدىكىلەر تەرىپىدىن دىلمۇراتتىننمۇ بەكراق قىستاقلارغا ئۇچرىدى، ئۇ ئاز كېپ قالغاندەك خۇلۇم –خوشنىلىرىنىڭ ‹‹بىرەر ئەيىبى بولمىسا ،مۇشۇ كەمگىچە  ئەرگە تەگمەي ئولتۇرامتىيەي....!››‹‹پالانىنىڭ قىزى ئۇنىڭدىن مانچە ياش كىچىك،مانا بىر بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ قالدىيەي....››‹‹ داشۆدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىر بالىغا  بۇزلۇپ بوپتىكەن،ئۇ بالا قىلغۇلۇقنى قىلىۋېلىپ ،ئۇنى تاشلىۋېتىپ،كۆزىنى يۇمۇپلا  ئۆزىنىڭ يۇرتىغا كېتىپتۇ ،شۇڭا باشقىلار بىلەن توي قىلسا ئەيىبى ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن قورققان گەپيەي....››دېگەندەك قۇلاقنى –قۇلاققا يېقىشلار ئارقىلىق تېپىلغان كۇسۇر –كۇسۇر ئەپقاچتى پاراڭلار ،ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ خېلى بىر مەزگىلگىچە كەينىدىن قوغلۇشۇپ يۈرگەن ،بىر يەردە ئىشلەيدىغان بىر يىگىتكە ئېيتقان‹‹مەن سىز بىلەن توي قىلالمايمەن، مېنىڭ توي قىلىدىغان يىگىتىم بار، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالماي قالسام ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىمەن....!››دېگەن كەسكىنلىك بىلەن ئېيتقان سۆزىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەنلىكنىڭ ئاچچىقىدا ‹‹ئۇنداق بۇزۇقكەن..... بۇنداق بۇزۇقكەن.....››دېگەن ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشى بىلەن ئۇنى بىر مەزگىل  باش كۆۈرۈپ يۈرگىسىز قىلۋەتتى.ئاتا –ئانىسىنىڭ تاپا –تەنىلىرى، دادىسىنىڭ سۈرلۈك ھالدا گۈلىيىپ قاراشلىرى،خۇلۇم –خوشنىلىرىنىڭ ئۇنى كۆرگەندە قۇلاقنى –قۇلاققا يېقىپ كۇسۇرلاشلىرى بىچارە راھىلەنى تۈگەشتۈرىۋەتتى.ئۇ نەچچە قېتىم بۇ دۇنيادىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلاپ باقتى ،لېكىن ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا –ئانىسى،دىلمۇراتنىڭ مىسكىنلىك بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ،بۇ بولمىغۇر ئوي –خىياللىرىدىن ۋاز كەچتى.
     قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن بۇ بىر جۈپ ياش تېلىفون ئارقىلىق بىر –بىرىگە تەسەللى بېرىشكەندىن كېيىن ،ئاخىرى راھىلە ‹‹ بۇنداق يۈرىۋەرسەك بولمىغىدەك،سەنمۇ ئۆيۈڭدىكلەرنى رازى قىلىپ تويۇڭنى قىلىۋالغىن.... ›› دېدى يىغلاپ تۇرۇپ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان دىلمۇرات ھۇش –كاللىسىدىن ئايرىلغاندەك بولۇپ قالدى،تېلىفوندا ‹‹نېمىشقا ئۇنداق گەپلەرنى قىىلسەن، مەندىن يۈز ئۆرىمەكچى بولىۋاتامسەن؟ سەندىن باشقا ھەرقانداق بىر قىز مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ ،بولدى ،مەن خىزمەتنى تاشلاپ قېشىڭغا بارىمەن ....››دەپ ۋارقىراپلا كەتتى. ھەر ئىككىلىسى بىر –بىرىنىڭ ئاھ –زارلىق يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى. ئۇلار ئۇيان مەسلەھەتلىشىپ ،بۇيان مەسلەھەتلىشىپ ئاخىرى دىلمۇراتنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن ئۇ خىزمەتنى تاشلاپ راھىلەنىڭ يۇرتىغا بارماقچى،تويىنى قىلىپ  شۇ يەردە  تىجارەت قىلىپ جان باقماقچى بولدى ۋە بۇ مەسلەھەتنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتماقچى بولدى.
    دىلمۇراتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئاتا –ئانىسى ئۇنىڭ پىكرىگە زادىلا قوشۇلمىدى،ئەگەر شۇنداقلا قىلسا ئاتا –بالىلىق مۇناسىۋەتتىن كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى، دىلمۇراتمۇ تەتۈرلۈك قىلىپ ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇردى.راھىلەنىڭ ئاتا –ئانىسىمۇ دىلمۇراتنىڭ خىزمەتنى تاشلاپ بۇ يەرگە كېلىشىگە قوشۇلمىدى،ئۇلار‹‹ئەركىشى دېگەن ئۆينىڭ تۈۋرىكى، ئۇ خىزمىتىنى تاشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ سەن بىلەن توي قىلدىمۇ دەيلى، كېيىنچە ‹مېنىڭ خىزمىتىم يوق، خوتۇنۇم مېنى بېقىۋاتىدۇ› دېگەن بېسىمدا قالىدۇ، ئەركىشى خىزمەت قىلماي ئايال كىشى ئىشلەپ يۈرسە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ.....››دېگەندەك مىساللارنى ئېلىپ دىلمۇراتنىڭ خىزمەتنى تاشلىشىغا قوشۇلمىدى،بۇ ئىككىسىنىڭ چىن مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن راھىلەنىڭ ئاتا –ئانىسى ئۇنىڭ دىلمۇراتنىڭ قېشىغا بېرىشىغا ماقۇل بولدى. 
     راھىلە خىزمىتىنى تاشلاپ دىلمۇراتنىڭ يۇرتىغا كەلدى،ئۇ چىن مۇھەببىتى، ساداقىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى ئەرزىيدۇ دەپ قارايتتى،ئۇلار توي قىلىپ بىر- بۈرىنى ‹‹ساقام، گۈلۈم...››دېگەن تاتلىق تىللار بىلەن ئەركىلىتىشىدىغان، ھەقىقىي  بەختلىك بولغان بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى.ئۇلارنىڭ توي قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىك، توسالغۇ،خاپىلىقىلرىنى بىر –بىرلەپ دەپ ئولتۇرمىساقمۇ ئوقۇرمەنلەر ئويلاپ يېتەلەيدۇ ئەلۋەتتە.راھىلەنىڭ ئۇرۇق –تۇققانلىرى ،خۇلۇم –خوشنىلىرى ،دىلمۇراتنىڭ تونۇش –بىلىشلىرى راھىلەگە ‹‹ئەخمەق ››دېگەن نامنى بېرىشتى، لېكىن راھىلە بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى.ئۇلار شۇنداق بەخلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتاتتى.راھىلەنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۆينىڭ قېشىدىنراق ئەپچىلگىنە بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ كۆپەيتىپ –بېسىش ئورنىنى ئېچىۋالدى،ئۇنىڭ ئالدىغا ئىش ئېلىپ كىرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، تىجارىتى شۇنداق ئېقىپ كەتتى، دىلمۇراتمۇ بىكار يۈرمەي ئارام ئېلىش كۈنلىرى توي –چايلارنى سىنئالغۇغا ئېلىش ئىشلىرىنى قىلدى،شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ ياش ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن  دىلمۇراتنىڭ ئىدارىسدىن بىر ئۆي ئېلىۋالدى.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنداق خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئىدى. 
    ئۇلار توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى راھىلە بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغدى،ئەر –ئايال ئىككىسىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى، راھىلەنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىغا شارائىت يار بەرمىگەچكە قېيىن ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇردى، دەسلەپتە ‹‹ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ كەتتى››دەپ رەنجىپ يۈرگەن قېيىن ئانىسىمۇ كېيىنچە راھىلەنىڭ ئىشچانلىقى، چاققانلىقى، ئەقىللىقلىقىنى ...ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.ئوغۇل نەۋرىلىك بولغانلىقىدىن  ئالەمچە سۆيۈنگەن قېيىن ئانىسى راھىلەنى قىرقىسى توشۇپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ قىزىنى كۈتكەندەك  شۇنداق تۈجۈپلەپ كۈتتى.دىلمۇرات بىلەن راھىلەنىڭ تۇرمۇشىغا ئوغلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك مېھمان سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇررمۇشىغا شادلىق ئېلىپ كېلىپ  كۈنلىرى تېخىمۇ ئالدىراشلىق،تېخىمۇ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىدىغان بولدى.ئۇلارنىڭ بالىنى بىر –بىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ تۇرۇپ ئەركىلىتىپ ئوينىتىشلىرى، بىر –بىرىگە تېخىمۇ ئامراقلىق بىلەن ئىچىكىشلىرى.....ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ بەختىلك تۇرمۇشىدىن سۆيۈنمەيدىغان، ئۇلارغا مەسلىكى كەلمەيدىغان ئادەملەر ئاز ئىدى.
    بەخت –سائادەت ئىچىدىكى كۆڭۈللۈك تۇرمۇشنىڭ داۋام ئېتىۋاتقانىغا سەككىز يىل بولاي دەپ قالدى.ھەر يىلى يازدا دىلمۇرات ئۆزىنىڭ دەم ئېلىشىنى ئېلىپ راھىلە بىلەن ئوغلىنى ئېلىپ غۇلجىغا بېرىپ راھىلەنىڭ ئاتا –ئانىسىنى يوقلاپ ،كۆرۈشۈپ كېلەتتى.دىلمۇرات بىلەن راھىلەنىڭ  مۇھەببىتى قىلچىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى، بەلكىم بىر بىرىگە بولغان مېھرى -مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرىلشىپ كەتكەن ئىدى،ھازىر راھىلەنىڭ تىجارەت ئورنى ۋە دائىرسى تېخىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ ،بىرنەچچە خىزمەتچىسى بار ئىدى،دىلمۇراتمۇ ئارام ئېلىش كۈنلىرى بولسىلا  راھىلەگە ياردەملىشىپ بېرەتتى،ھەرقانداق بىر خېرىدار كۆپەيتىپ باستۇرىدىغان، تەرجىمە قىلىدىغان ياكى ئۇرۇپ چىقىرىدىغان  بىرەر ئىشنى قىلدۇماقچى بولسا بۇ  جايغا كېلىپلا كۆيۈمچان ئەر –خوتۇنلارنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئېرىشىپ ‹‹اللاھ بەختىڭلارنى تېخىمۇ بەرسۇن، تۇرمۇشۇڭلارغا كۆز تەگمىسۇن....›› دېگەن تېلەكلەرنى تىلىشىپ ،كۆڭلى ئالەمچە سۆيۈنۈپ چىقىشاتتى،راھىلەنىڭ تىجارىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئىنتايىن ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتەتتى.شۇڭا ئوغلىنى يېسلىگە ئاپىرىشتىن تارتىپ مەكتەپكە بەرگەندىن كېيىنكى  ئاپىرىپ –ئەكىلىش ئىشلىرىغىچە سۆزسىز ھالدا دىلمۇرات ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت يەنە بەزىدە تاماق ئېتىش ۋە راھىلەگە تاماق توشۇش ئىشىلىرىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى، دىلمۇرات بۇ ئىشلارنى قىلغىنىنى  ھەرگىزمۇ‹‹ نومۇس ئىش ››دەپ قارىمايتتى، بۇنى  ‹‹ مەجبۇرىيەت، كۆيۈنۈش ...››دەپ ھېسابلايتتى، ئۆزىنىڭ  بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن ‹‹سايىم ،بەشتە ياخشى ئەر››دەپ مازاق قىلغۇچىلارغا تېگىشلىك گەپلەر بىلەن دەككىسىنى بېرىپ قوياتتى.
     بىر كۈنى راھىلە  دۇكاندا خەت ئۇرۇپ ئولتۇراتتى،تېلىفون سايرىدى، راھىلە تېلىفوننى ئېلىپ ئانىسىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى.ئانىسى ئۇنىڭغا چوڭ ئانىسىنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ،چوڭ ئانىسىنىڭ ‹‹راھىلەنى بىر كۆرىۋالسام بولاتتى.....››دەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆيگە بىر كېلىپ كېتىشىنى ئېيتىپ تېلىفون قىلغان ئىدى.ئانىسىنىڭ سۆزىنىڭ ئۇرانىدىن قارىغاندا چوڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى خېلى ئېغىردەك قىلاتتى، چوڭ ئانىسى راھىلەگە بەك ئامراق ئىدى،راھىلەمۇ چوڭ ئانىسىغا بەك ئامراق ئىدى،راھىلە تېلىفوننى قويۇپلا دىلمۇراتنىڭ قېشىغا يۈگۈردى. دىلمۇرات خىزمەتتىن بوشۇنۇپ رۇخسەت سورىيالمىدى ، قىلىۋاتقان، ئوغلى ئوقۇۋاتقان ۋاقىت بولغاچقا ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىش ئەپسىز ئىدى،شۇڭا راھىلە ئۆزى يالغۇز يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى. راھىلە ئۆيىگە كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن چوڭ ئانىسى قازا قىلدى.يىغلا –قاخشا مېيىتمۇ يەرلىكتە قويۇلدى. ئارىلىق يىراق ھەم قىش پەسلى بولغاچقا بولغاچقا دىلمۇرات ۋە ئاتا –ئانىسى پەتىگە كېلەلمەي قالدى.چوڭ ئانىسى تۈگەپ كېتىپ يىگىرمە نەچچە كۈنلەردىن كېيىن راھىلە ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. 
    ئۆزىنىڭ يولغا چىققان ۋاقتىنى تېلىفون ئارقىلىق دىلمۇراتقا ئۇقتۇرىۋەتكەن بولغاچقا ‹‹راھىلە ئەتە كېلىدۇ ››دەپ كۆڭىلدە ھېسابلاپ ،ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان دىلمۇرات ئىشخانىسىنىڭ تېلىفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى.
     -ۋەي،مەن ...،-تېخى گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا ،- مەن قاتناش ئەترىتىدىن ،ئايالىڭىز ھادىسىگە ئۇچرىدى،ھازىر دوختۇرخانىدا،سىزنىڭ تېلىفون نومۇرىڭىزنى باي ھۇشۇغا كېلىپ ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن سىزگە تېلىفون قىلدۇق،تېزراق كېلىڭ ،-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.دىلمۇراتنىڭ ھۇش –كاللىسى ئايلىنىپ كەتتى.ئۇ قاتناش ساقچى ئەترىتىدىك يولداشنىڭ ئېيتىپ بەرگەن ئادرېسى بويىچە راھىلە ياتقان دوختۇرخانىغا كەلدى.راھىلە كېسەل كارۋىتىدا ياتاتتى.دىلمۇرات ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك توۋلىغىنىچە ئېتىلىپ قېشىغا كەلدى،راھىلە مىدىرلىيالماي ياتاتتى.  ئەر –ئايال ئىككى قۇچاقىلشىپ يىغلاشتى.ئەسلى ئاپتوبۇس شەھەرگە كىرىشكە ئاز قالغاندا يانداپ كەلگەن ماشىىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قاردا تېيىلىپ كېتىپ،يولنىڭ قىرغىقىدىكى ئويمانغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، دوختۇرخانىدا ياتقان يارىدار بولغانلارنىڭ ھەممە چىقىملىرنى ئابتوبۇس شوپۇرى ئۈستىگە ئالدى،لېكىن ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى راھىلەنىڭ بەل ئۇمۇرتقىسى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ ئوپراتسىيە قىلسىمۇ ئەسلىگە كەلمەيتتى،بەختلىك  تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقان بۇ بىر جۈپ ياش ( بولۇپمۇ راھىلە)شۇنداق ئېچىنىشلىق قىسمەتكە دۇچار بولدى، ئۇ ئەمدى يېرىم پالەچ ئادەمگە ئايلانغان بولۇپ ،ئەركىن ئادەملەرگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان ئىدى.
     مانا بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگىمۇ ھەش –پەش دېگۈچە بەش –ئالتە يىللار بولۇپ كەتتى،ئۇلارنىڭ ئوغلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ،راھىلەنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، مېيىپلار ھارۋىسىغا چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قىلچىمۇ سۇسلىشىپ قالغىنى يوق،دىلمۇرات راھىلەگە ئاجايىپ كۆيىنىدۇ، ئۇ راھىلەدەك يېرىم جان ئايالنى قويۇپ بېرپ ،باشقىدىن ئۆيلىنىۋېلىش مەسلەھەتىنى بەرگەنلەرگە شۇ يەردىلا دەككىسىنى بەرگەن ئىدى، ھەتتا‹‹ئەمدى ئۆمۈر بويى مۇشۇ يېرىم جان خوتۇن بىلەن ئۆتەمسەن...؟››دېگەن سۆزنى قىلغان  ئۆزىنىڭ ئانىسىغىمۇ قاتتىقراق تەككەن ئىدى. اللاھ ئۇلارنىڭ دىلىغا  ھەقىقىي مېھرى –مۇھەببەت، چىن ساداقەت ۋە ۋاپانى سالغان ئىدى،  ئۇلارنىڭ  بۇ سەمىمىي مېھرى -مۇھەببىتىگە ھېچقانداق بىر كۈچ توسقۇنلۇق قىلالمايتتى. 
    قەھرىتان قىش كۈنلىرى قېلىن ئەدەيال بىلەن مەھكەم ئورالغان،يازنىڭ سالقىن كۈنلىرى چىرايلىق كەلگەن  نېپىز كىيىملىرى بىلەن كىشىلەرنى ‹‹ پاكىزە،چىرايلىق بىر چوكانكەندۇق! ئەجەب بوپ قاپتا...!›› دېگەن ھەم ئىچ ئاغرىتىش ھەم قىزىقىش، مەسلىكى كېلىش  ھېسياتلىرى بىلەن قارىغۇزىدىغان چىرايلىققىنا كەلگەن بىر ئايالنى مېيىپلار ھارۋىسى بىلەن ئىتتىرىپ كۈلكە –چاخچاقلار بىلەن خوشال ھالدا كېتىۋاتقان دادا –بالىلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، بۇلار دەل دىلمۇرات ،ئۇلارنىڭ قاش –كۆزلىرى دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئەڭ چىرايلىق يەرلىرىنى تارتقان ئوغلى ۋە مېيىپلار ھارۋىسىدىك راھىلە.ھەممىمىز  بىرلىكتە ئۇلارنىڭ بەختىگە كۆز تەگمەسلىكىنى ،مەڭگۈ مۇشۇنداق بەختلىك ئۆتىشىنى تىلەيلى......


 


مەنبە : ئۆز قەلىمىم
 
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-08-12 06:50 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت.....!,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(Tughrul) مۇھەببەت دېگ ..
  • بىلمىدىڭلاربارلىقىمنى ?مىھرىڭلەرگە زارلىقىمنى؟

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 5544
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
    ئۆسۈش: 0.2%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 198
      ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2872 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 81(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-03
      كىرىشى: 2010-08-15

    ھەقىقىي مۇھەببەت دىگەن ئەنە ... ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ،،بىر ئوقۇۋېىدىم تۈگكىچە ئوقۇپتىمەن ھەم قىزقىپ ھەم ھاياجانلىنىپ ...
    تۇغرۇل _ بۈركۈت ئەركىسى

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 34
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
    ئۆسۈش: 0.15%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 323
      ياخشى باھا: 340 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 11512 سوم
      تۆھپىسى: 108 كىشى
      ياخشى باھا: 606 نۇمۇر
      ۋاقتى: 688(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئاللا ئۇلارنىڭ بەختىىگە كۆز تەگمىسۇن ! ھازىر مۇشۇنداق كىشىلەر رىئاللىقتىمۇ مەۋجۇت ، يەنى بىزنىڭ يۇرۇتتىمۇ بار . مىيىپ بولغۇچى مېنىڭ دوستۇم ، بىر ئوغلى بار  ئايالى ھازىرمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بىللە ئۈتىۋاتىدۇ .
    سىز دېگەندەك مۇشۇنداق مۇھەببەتنى ھەقىقىي مۇھەببەت دىيىش كېرەك .
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان ،
    ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .
    daxxat~~~umak

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3311
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە315دانە
    ئۆسۈش: 0.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 315
      ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2075 سوم
      تۆھپىسى: -1 كىشى
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      ۋاقتى: 384(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-04
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئاللا ئۇلارنىڭ بەختىىگە كۆز تەگمىسۇن
    مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

    دەرىجىسى: يېـــڭى مـــېھان

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 6174
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 0.03%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 2
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 11 سوم
      تۆھپىسى: -1 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-12
      كىرىشى: 2010-08-13

    خەي مۇھەببەت..................................................................................................
    dilkax

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1419
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    ئۆسۈش: 0.01%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 4
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 521 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 290(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-29
      كىرىشى: 2010-08-14

    ھەقىقى مۇھەببەت دىگەن شۇنداق بۇلسا ،كۇڭۇللەر -كۇڭۇللەردىن سۇ ئىچسە نىمە دىگەن ياخشى ھە .ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ،رەھمەت سىزگە.

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 878
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
    ئۆسۈش: 0.05%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 47
      ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5849 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 530(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-26
      كىرىشى: 2010-08-15

    اللە بەختىنى بەرسۇن.
    爱我就不要伤害我

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 314
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
    ئۆسۈش: 0.45%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 451
      ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2068 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 599(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-22
      كىرىشى: 2010-08-15

    ھەقىقىي مۇھەنببەت دىگەن مانا شۇ
    بىزنىڭ مىسران !

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3924
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
    ئۆسۈش: 0.28%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 56
      ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 528 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 41(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-14
      كىرىشى: 2010-08-12

    سالام !
    ھەقىقىي ئاشىقلار ...
    كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇدا ... ساراڭ ھېكمەت بىر ئەما قىزغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ . قىز دەيدۇ ، سەن ساراڭ بولدىڭمۇ ؟ مېنىڭ كۆزۈم كۆرمەيدۇ ، بۇنى بىلمەي توي تەكلىۋى قويمايۋاتقانسەن ؟ دەپ سورايدۇ ... ھىكمەت دەيدۇكى ... سېنىڭ كۆزلىرىڭ دۇنيانىڭ گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى كۆرمىگەن ، قەلبىڭ پاك ، مەندە ئىككى كۆز بار بۇ ھەر ئىككىمىزگە يېتىدۇ . . . دەيدۇ .
    تىمىڭىزغا رەھمەت مۇسلىنە .
    ھايات پەقەت ياشاش ئەمەس ، ياشىتىشتۇر .
    ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2839
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە318دانە
    ئۆسۈش: 0.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 318
      ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1950 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 250(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    ھەقىقى پاك مۇھەببەت ئەنە ئاشۇنداق بولاتتى ئەسلىدە....
                    جەلىپكار يېزىپسىز.........
    ماڭا كۆز ئوينىتىپ خۇمالىق قارغانلارغا ئەمەس ،مەن قارغاندا ۋىللىدە قىزارغانلارغا ئۆزۇمنى ئاتاپ قويمەن، ھەم شۇلار ئۇچۇن ياشايمەن.

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 5867
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
    ئۆسۈش: 0.03%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 25
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5092 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 37(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-08
      كىرىشى: 2010-08-14

    مۇھاببەت ئېرشىش ئەمەس بەلكى بىغىشلاشتۇر.ھەقىقى مۇھاببەت ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئەمەس بەلكى قارشى تەرەپنىڭ خۇشاللىقىنى كۆزلەيدۇ.
    بۇ تىمىنى كۆرگەندىنى كىيىن بۇلارنىڭ مۇھاببىتىدىن  بەك تەسىرلەندىم .مۇشۇنداق ئېسىل تىمىدىن  ھوزۇرلاندۇرغانلىقىڭىزغا  رەھمەت!
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «123»Pages: 1/3     Go