مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 1159 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 451
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 81
  ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 740 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 55(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-06-10
0 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 09:03 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

0

 مۇھەببەت يامغۇرى _ (ھېكايە)

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى تارىم تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-06-01)
مۇھەببەت يامغۇرى

(ھېكايە)


ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران




ئىشىك ئاراچلىرىدىن يۇپۇرلۇپ كىرگەن سوغۇق شامال تەنلىرىمگە نەشتەردەك ئۇرۇلۇپ ئارامىمنى بۇزدى. سەرسان كۆڭلۈمنىڭ قۇرغاق بەستىدىكى ھەسرەتلىرىم بىلەن كېچىچە ئەسرالىشىپ، كۆزلىرىم تېخى ھېلىلا يۇمۇلغان ئىدى. ماڭا نەچچە مىنۇتلا تەئەللۇق بولغان ئۇيقۇ مەلىكىلىرى شامال كىرگەن يۇچۇقتىن شۇڭغۇپ چىقىپ كەتتى. بىرى تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر تىنىمنى تەستە كۆتۈرۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ياتاقنىڭ شەرقى تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان مۈشۈك ياپىلاق سائەت بېسىپ ئۆتكەن ھەر بىر مۇساپىسىگە قايغۇرىۋاتقاندەك چىكىلداپ  تىلىنى تەستە يۆتكەپ ئالغا سىلجىماقتا.......
«غازاڭ بولغان گۈل كىشىگە ئېچىنىش تۇيغۇسىدىن باشقا زوق ئاتا قىلالمايدۇ» بۇ بىر جۈملە سۆزنى قاچان، قەيەردىن ئوقۇغانلىقىم ئېنىق ئىسىمدە يوق. ئەينى چاغدىكى ھېسياتىم بويىچە ئېيتقاندا مەنمۇ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزدە ئېيتىلغاندەك قاراشتا ئىدىم، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس. مۇھەببەت كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ، كىچىككىنە سەۋەنلىكىم تۈپەيلى، سايدىكى تاشتەك قەدىر- قىممەتسىز بولۇپ قالغان ۋاقتىمدا، تۇمان باسقان قەلبىمدە باش باھارنىڭ ئالتۇن قوياشىدەك پارلاپ، ھاياتنىڭ جۇت- شىۋىرغانلىرىغا ئۇرۇلۇپ، ئۆز سۈلىكىتنى يۇقاتقان مەيۈس چېھرىمگە ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى چاچقان. ئاشۇ يىگىتنى، شۇنداقلا پەرىشتە سۈپەت خاسىيەت ھەدەمنى ئۇچراتقان چېغىمدىلا، غازاڭ بولغان گۈلگە قاراپ ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېچىنمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئاشۇ ئېچىنىش تۇيغۇلىرىنى مېھرى- مۇھەببەت يامغۇرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاشۇ گۈلگە ياغدۇرىدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشەندىم. ئۆزەم كىچىك، بېشىمدىن ئېسسىق- سوغاقلار ئۆتمىگەچكە، باشقىلارنىڭ تۇنجى سۆيگۈ ئۆچمەيدۇ ھەم كۆچمەيدۇ دىگەنلىرىگە ئىشتىياق قىلىپ يۈرۈپتىكەنمەن.
مىنىڭ ئاشۇ تۇنجى سۆيگۈ ئۈچۈن تۆلىگەن ئۇرۇنسىز بەدەللىرىم، غازاڭ بولغان قىزلىق غورورۇم، ئادىمىلىك تۇيغۇم شۇنى چۈشۈنۈپ يەتتىكى، ھايات، تۇرمۇش دىگەنلەر، ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچە گۈزەل بولمايدىكەن. مۇھەببەت، سۆيگۈ دىگەنلەرگە ھەممە ئادەم ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ كىتەلمەيدىكەن.
بۈگۈن شەنبە بولغاچقىمىكىن ياتاقتا ھىچكىم يوق ئىدى. كىيىملىرىمنى يۆتكەپ، يۈز- كۆزلىرىمنى يۇغاندىن كىيىن سىرتقا چىقتىم. فىۋرالنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بۇلۇشقا قارىماي، كۆك قەھرىدىن قىش چېچەكلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مەكتەپ باغچىسىدىكى يالىڭاچ دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا قۇنىۋالغان قۇچقاچلار بىر- بىرى بىلەن شاخ تالىشىپ توختىماي چۇرۇقلىشاتتى. ئېغىزىدىكى ھورى بىلەن توڭلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئىسسىتىپ، توپ ئويناۋاتقان ئوغۇللار، باشلىرىغا ئەتىرگۈلدەك چىرايلىق يۇڭ پوسما كىيىۋالغان جەزبىدار قىزلار ھەممىسى شۇ قەدەر بەختىيار كۆرىنەتتى. ئاشخانىغا قانداق كىرىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بەلكى قورسۇقۇم ئاچقان بولسا كېرەك. ئىشىكتىن كىرىشىمگە بىرىنىڭ ئادىل قارا راھىلە دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ كۆز ئالدىمدا شۇ ھامان پەيدا بولدى، ئۇنى كۆرمىگەن بولۇپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇميۇ، پۇتلۇرۇم ئالمىشىپ كىتىپ، ئۇنىڭ كۈزىچىلا يىقىلىپ چۈشتۈم.
__ بىر نىمە بولمىغانسەن. قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىشى بىلەن تەڭلا كۈچلۈك بىلەكلىرى مىنى ئورنۇمدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى.
__ ياق!
بۇ بىر ئېغىز سۆزنى شۇنچىلىك زەردە بىلەن ئېيتىمكى شامالدەك يۈگۈردۈم
-راھىلە...
كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم، ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلمەكتە... مەن چىن ئەقىدەم بىلەن سۆيگەن بۇ يىگىتنىڭ مىنى خانى- ۋەيران قىلغىنى بەرگەن پاك سۆيگۈمنىڭ بەدىلىگە ماڭا ئاتا قىلغان كۈلپەت ئەلەملىرىنى قەلبىم ھىچ ئۇنتۇيدىغاندەك ئەمەس. بۇنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن.ھاياتتا ئۇنتۇپ كىتىدىغان ئىشلارمۇ نۇرغۇن لىكىن يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا مۆھۈردەك بېسىلىپ بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىشلارمۇ كۆپ.
بۈگۈن مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا ئۇنى ئۇچرۇتۇشۇم بىلەن تەڭ ئاشۇ ئازاپلىق ئۆتمۈش قەلبىمنى ئەسىر قىلىپ، ئازاپ- ھەسرەتلەر مىسكىن  يۈرۈكۈمنى يەنە تاتىلاشقا باشلىدى. مەن ئەسلى مېھرىبان بىر دادىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىدىم. دادامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە ئاپام مەن تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەن يىلى ئۆپكە كېسلى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىكەن.
ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ دادامنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا چوڭ بولدۇم. بۇنداق دىسەم يالغان بولماس، دادامنىڭ تا بۇ كەمگىچە ماڭا قاتتىقراق ۋارقىرغىنىمۇ ئىسىمگە ئالالمايمەن. بىچارە دادام ماڭا يىتىم ئەڭلى كەيگۈزمەي، يىتىم ئېشى يىگۈزمەي، مىنى مەئىشەتلىك تۇرمۇشتا بېقىپ چوڭ قىلدى. دادام قاسساپ بولۇپ، مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئۈجمە دەرىخىدىن ياسالغان ياغاچ كانارغا سويغان قويلىرىنى ئېسىپ گۈشىنى ساتاتتى. دادام ھەر قېتىم قوي سويغىنىدا ماڭا بىر ئاق لاتىنى تۇتقۇزۇپ، ھۇركۈتۈڭ قىزىم ھۈركۈتۈڭ دەپ چىۋىنلارنى قوغلاشقا بۇيرۇيتتى. مەن نارازى بولغاندەك تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ، دومسىيىپ تۇرىۋالسام، دادام يىرىك قوللىرى بىلەن بۇدرۇق يۈزۈمنى سىلاپ، قىزىم چىۋىنلەرنى ھۈركۈتمىسىڭىز گۆشنى مەينەت قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار بەك ئەسكى، ئاندىن مەينەت گۆشنى يىگەن ئاكا- ھەدىلەر ئاغرىپ قالسا، باللىرى يىغىلايدۇ ئەمەسمۇ دەيتتى. مەن دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، ماقۇل، ئۇلار ئاغرىپ قالمىسۇن، باللىرى يىغلىمىسۇن دەپ چىۋىنلەرنى ھۈركۈتۈشكە باشلايتتىم. دادام بەزىدە مىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، قىزىم مىنى سۆيۈپ قويىڭە دىگىنىدە، بەدىنىدىن كىلىۋاتقان خام گۆشنىڭ قاقسىق ھىدىدىن سەسكىنىپ، ياقا سەن بەك سېسىق پۇرايدىكەنسەن دەپ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ قاچقان چېغىمدا، دادامنىڭ چىرايىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنى ھېلىمۇ ئىسىمدە، ئادەم كىچىك ۋاقىتلىرىدا تولىمۇ ئەقىلسىز بولىدىكەن. ئەينى چاغدا دادامنىڭ نىمە ئۈچۈن قاساپلىق قىلىدىغانلىقىنى ، كىم ئۈچۈن سەكپارە بۇلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ كىتەلمەيتتىم. ھازىر ئويلاپ باقسام بالا دىگەن ئاتا- ئانىغا خوشاللىقلاردىن كۆپ دەرت- ھەسرەت ئاتا قىلىدىغان مەخلۇق ئىكەن. ئۇلار بۇ دەرت ھەسرەتلەرنى قۇچىغىنى كەڭ ئېچىپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىشقا رازى ئىكەن.

*                     *                               *
14- سىنتەبىر مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدىغان قاباھەتلىك بىر كۈن. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى مىنى قوغلاشقان يىگىتلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم. 3 يىلدىن تىپتىنىچ ئۆتۈپ كەتتى، 4- يىلغا يەنى بۇ يىلنىڭ بېشىغا كەلگەندە، تاساددىبى بىر پۇرسەتتە مەندىن بىر قارار يۇقۇرى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئادىل بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ قايسى تەرىپىنى بۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بەلكى ئاشۇ جىمغور مىجەزى، قاپقارا كۆزلىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسام كېرەك، ئەنۇ شۇ كۈندىن باشلاپ مۇھەببەت كوچىسىغا تۇنجى قەدىمىمنى ئالدىم. يېرىم يىل ۋاقىت شۇنچىلىك بەختىيار ئۆتتى، مۇھەببەتنىڭ بۇنچىلىك تاتلىق تۇيغۇلىرىنى ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان شىرىن ھېسلىرىنى دەل شۇنىڭدىن تېتىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تالاي ۋەدە قەسەملىرى، سۇنغان دەستە- دەستە گۈللىرى يۇپۇرماقتەك تاتلىق پىچىرلاشلىرى، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ئىشەنچىمنى ئاشۇرغان ئىدى. گاھىدا ئۇ تۇغۇلغان كۈنۈمدە سوۋغا قىلغان خىرۇستال كۈچۈككە قاراپ سۆزلەپ، ماڭە ئادىل ئاكاڭنى چاقىرىپ كىر، ئەگەر چاقىرىپ ئەكىرەلسەڭ ساڭا كەمپۈت بىرىمەن دىگەنلىرىمنى ساۋاقداشلىرىم ئاڭلاپ قېلىپ، مىنى ساراڭ بوپسەن دەپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكەندە، ماڭا ئاشۇ كۈلكىلەرمۇ شۇ قەدەر تاتلىق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
14- سىنتەبىر ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، بىز كەچ سائەت 7 دە مەكتەپنىڭ ئالدىدا كۈرۈشۈپ، بۇ كۈننى يالغۇز ئىككىمىزلا تەبرىكلىمەكچى بولدۇق. مەن دەرستىن چۈشۈپلا ئۇنى ساقلاشقا باشلىدىم، لىكىن دىيىشكەن ۋاقىت تۇشۇپ، نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ كەلمىدى. ئاخىرى تېلفۇن قىلدىم، تېلفۇنىمۇ ئېلىنمىدى. كىيىن ياتاق بىناسىنى تاقايدىغان ۋاقىت تۇشۇپ قېلىپ، ئامالسىزلىقتىن ياتاققا كىرىپ كەتتىم، ياتاققا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تېلفۇن جىرىڭلىدى. يۈگۈرۈپ بېرىپ تېلفۇن تۇرۇپكىسىنى قۇلۇمغا ئېلىشىمغا، قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىدى.
__ ۋەي راھىلەما؟
__ شۇنداق مەن سىنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلىسام كەلمىدىڭ، تېلفۇنىڭمۇ ئېلىنمىدى، شۇڭا ياتاققا كىرىپ كەتكەن ئىدىم .
__ ئاپلا دېدى ئۇ.- مىنىڭ مۇھىم بىر ئىشىم چىقىپ قېلىپ كىچىكىپ قالدىم، ھازىر مەن چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا، دەرھال كېلە.
__ قانداق بۇلار، -مەن سەل تەشۋىشلەندىم.
__ نېمىنى قانداق بۇلار دەيسەن.
__ ياتاق بىناسىنى سەل تۇرۇپ تاقايدۇ، ھازىر چىقسام كىرەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىنىمۇ تاقىۋېتىدىغان تۇرسا.
__ ياتاق بىناسىغا كىرىشنىڭ ئامالىنى قىلساڭلا، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىش ئاسان، چىقمىساڭ مەن خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ.
__ ماقۇل، مەن بىر ئامالىنى قىلىپ باقاي، ئاندىن ساڭا تېلفۇن قىلاي ھە.
__ ماقۇل، ئەمسە شۇنداق بولسۇن، تېزراق بۇلارسەن.
تېلفۇننى قويىۋېتىشىم بىلەن تەڭلا ساۋاقداشلىرىم بېشىنى كۆتۈردى.
__ نىمە راھىلە، مۇشۇ كەچتە سىرتقا چىقامسەن ئاداش.
__ ھەئە، بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلان كۈنى ئىدى، شۇڭا ...
__ شۇنداق بولسىمۇ ھازىر سائەت 10 دىن ئاشقان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر جەمئىيەت تىنچ ئەمەس.
مەن دوستلۇرۇم ئالدىدا سەل ئوڭايسىزلانغان بولساممۇ ، يەنىلا ئادىلنىڭ گىپىنى يىرىشقا ئامالسىز ئىدىم. يازلىق تەتىلدە يۇرتۇمغا بارغىنىمدا دادام كىچىك بىر يىشىككە بېغىمىزدا پىشقان ئەنجۈر قېقىدىن  قاچىلاپ يوللۇق تۇتقان ئىدى، ئۇنىڭ ئاغزىنى تېخى ئاچمىغان ئىدىم، تەييارلىغىمنى قىلىۋالغاندىن كىيىن ئەنجۈر قېقىنى كۆتۈردۈمدە ياتاق بىناسىنى باشقۇرىدىغان ئايالنىڭ يېنىغا چۈشتۈم.
__ مۇنداق ئىشتى ھەدە، بەلكىم ئۇ قۇلۇمدىكى پارقىراق يىشىكنى كۆرۈپ بولغان بولسا كېرەك. گازىردەك ئۇزۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجايدى.
__ نىمە ئىشتى تارتىنماي دەۋىرىڭ سىڭلىم.
__ بۈگۈن بىرسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، شۇڭا ...
__ ھە مۇشۇ ئىش مىدى. كەچراق قالىمەن دەڭ، ئىش قىلىپ تاڭ ئاتقۇچە بىر قېتىم كەلسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا مىنى ئويغۇتالماي قالسىڭىز، ماڭا تېلفۇن قىلىڭ، بۇ مىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇم. ھە راست مەكتەپنىڭ ئارقا تېمىدا ئادەم پاتقۇدەك بىر شۇرا بار، قىينالمايلا كىرەلەيسىز. ئەمسە شۇنداق بولسۇن، باشقىلارغا تىنماڭ، خوشال ئويناپ كىلەرسىز.
ئۇ گىپىنى دەپ بولۇپ، ئەمسە قۇلۇڭدىكىنى بەرمەمسەن دىگەندەك قۇلۇمدىكى يىشىككە تىكىلدى. -رەھمەت ھەدە دېدىم، ئۇنىڭغا يىشىكنى تۇتقۇزۇپ، -ناۋادا ئۇخلاپ قالسىڭىز تېلفۇن قىلارمەن، كەينىمگە يېنىپ بىر دوستۇمنىڭ تېلفۇنىنى سوراپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن مەكتەپتىن چىقتىم.
يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سۇس جىلمىيىپ تۇرغان كوچا چىراقلىرى، سىنتەبىر شامىلىنىڭ يەلپۇتىشى بىلەن تاتلىق شىۋىرلاۋاتقان يۇپۇرماقلار،ئاسفالىت يولدا پاپىلداپ سىگنال چىلىپ، قۇيۇندەك كېتىۋاتقان ماشىنلار ئىش قىلىپ ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە كۆزۈمگە شۇقەدەر سۆيۈملۈك كۆرۈنمەكتە ئىدى. مەن جىمجىتراق بىر جايغا بېرىپ ئادىلغا تېلفۇن قىلدىم.
__ ۋەي سەن نەدە، مەن راھىلە، تېلفۇندىن ئۇنىڭ مەس ئەلەس ئاۋازى ئاڭلاندى.
__ مەن .... مەنما مەن قىزىلگۈل دىسكۇخانىسىدا نىكەم، ۋوي مەن سىنى ساقلىغىلى، ئادەمنى بۇنچە تەقەززا قىلماي، شاقلا تاكسىغا چىقىپ كىلە جېنىم.
__ ماقۇل، ھازىرلا باراي، لىكىن سەن مەسكەنسەنغۇ.
__ مەن ... مەس بولسام نىمە بوپتۇ، تۇغۇلغان كۈنۈم بولغاندىكىن ئازراق ئىشتىم شۇ، دوستلۇرۇم زورلاپ تۇرىۋالسا قانداق قىلىمەن.
__ ئەمسە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇر، مەن ھازىرلا باراي ...
تىروپكىنى قۇيۇشۇم بىلەن  تەڭلا، كۆڭلۈمگە بىر ۋەھىمە لىپلا قىلىپ سايە تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتى، توۋا دېدىم ئىچىمدە، ئۇ پەقەت ئىچمەيتىغۇ، مەن بىلمەيدىغان ھۈنەرلىرىمۇ بارمۇ نىمە بۇنىڭ؟ بولدىلا كۆپ ئويلىماي دوستلۇرۇم زورلاپ تۇرىۋالدى، شۇڭا ئىچتىم دىدىغۇ ئەينا.
بىر خىل تەشۋىش ۋە تەڭلىك ئىچىدە تاكسى توستۇم، تاكسىدىن چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا ئۇ سەنتۈرۈلگىنىچە  ئالدىمدا پەيدا بولدى.
__ ھەجەپ ئۇزۇندا كەلدىڭا، ماشىنىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتمىگەندۇ، ماڭە ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرىمىز، ئىچىدە دوستلۇرۇم بار. ئۇ مىنىڭ قۇلۇمدىن تۇتۇپ تارتتى.
__ ياق كىرمەيمەن دېدىم نارازى بولغاندەك.-مەن بۇنداق يەرگە كىرىپ باقمىغان، سەن ماڭا تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئىككىمىز ئايرىم ئۆتكۈزىمىز دىگەنغۇ، ئەمدى نىمە دەپ دوسلۇرۇڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق. قارىغىنا ئەپتىڭگە، كىمگە ئوخشاپ قالدىڭ، ئىچىگە كىرسەڭ يەنە ئىچىكىڭ كىلىپ كىتە ھەقاچان.
__ مەندىن چاندىڭ شۇنداقمۇ راھىلە، ، كۆزىڭگە سەت كۆرىنگەن بولسام كەتكىن ئەمىسە
ئۇ قۇلۇمنى قويىۋەتتى،
__ ياق مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس، لىكىن ...
__ كىرەمسەن كىرمەمسەن؟
ئۈنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم، دىسكۇخانىنىڭ ئىچى شۇنداق دىمىقكى توپ- توپ بولۇپ ئويناۋاتقانلارنىڭ ياۋايى مايمۇندەك  چىرقىراشلىرى يۇقۇرى ئاۋازدا قويۇلغان مۇزىكىنىڭ غالدۇر-غۇلدۇرلىرى  ، ئادەمنىڭ مىڭىسىنى سېرىق ھەرىدەك چاقاتتى. ئۇ مىنى ئارقا تەرەپتىكى بىر ئورۇنغا باشلاپ ئاپاردى. پىۋە پوتولكىلىرى ۋە قالايمىقان تاشلانغان تاماكا قالدۇقى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئەينەك تومپۇچكىنى چاقماق كۆينەك كىيىۋالغان تاقىرباش بىر يىگىت بىلەن چېچىنى كەينىگە تارىۋالغان ئۇرۇق بىر يىگىت چۆرىدەپ ئولتۇراتتى.
__ بۇچۇ مىنىڭ تۇمۇچۇغۇم، ئىسمى راھىلە، تۇنۇشۇپ قېلىڭلار، ئادىلنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ئۇلار ماڭا سۇسلا سالام قىلىپ باش لىڭشىتتى.
__بۇ تۇمۇچۇغۇڭ ھەقىقەتەن گۈزەلكەن، نىمىش قىلىدۇ.
__ مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىش قىلىپ ئاكىلا مەكتەپتە بۇنىڭدەك گۈزەل قىزلار ئاز جۇما، قانداق؟ بۇلامدىكەن يا!
__ بولمامتىكى سىنىڭ ئادىمىڭ بولغاندىكىن ئەلۋەتتە بولىدۇ- دە، كۆزۈڭ مال تۇنۇيدىكەن ئادىل .
تاقىرباشنىڭ تاماكا ئىسىدا كىرلىشىپ كەتكەن سېرىق چىشىنى چىقىرىپ كۈلىشى تولىمۇ كۆرۈمسىز ئىدى. ئادىلنىڭ مىنى ھەر نېمىلەرنى دەپ توختىماي سۈپەتلەپ ماختاشلىرى ئارىدا بۇلىشىۋاتقان تاقا- تۇقا گەپ- سۆزلەرنى زال ئىچى ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولسىمۇ ئاڭلىغىلى بۇلاتتى. بۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىگە ئالا- يېشىل چىراقلار يۇرۇتۇپ تۇرغان سۆسۈن چىرايدىكى ئىپادىلەرگە قاراپ، مىنى سەل ۋەھىمە باستى.
توۋا، ھەجەپ گەپ قىلىدۇ يا بۇ ئادىل، يا مەن دۇكاندىكى مال بولمىسام، ماختاپ خېرىدارغا سالغىلى، مەستلىكتە خۇدىنى بىلمەي، شۇنداق قىلامدىغاندۇ يا، خۇدايىم ئىش قىلىپ كۆڭلىگە ئىنساپ بىرەرسەن..... دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ، بۇ يەردىن تېزراق كېتىشنى ئويلاۋاتقىنىمدا، ئۇلار بىراقلا گۈپۈرلەپ ئورنىدىن تۇرۇشتى.
__ ماڭامدۇق بالىلا
__ شۇنداق قىلىلى
__ قۇپە راھىلە ماڭىمىز
بۇ نەس باسقۇر جايدىن كىتىدىغىنىمنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم پاللىدە يۇرۇپ كەتتى- دە ئادىلغا يانداشتىم.
__ قارا دېدى ئادىل، سىرتقا چىقىپ قۇلۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، بۇلار مىنىڭ يېقىن دوستلۇرۇم، بىزنى ھازىر كىچىك ماشىنىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ، مىنىڭ دوستلۇرۇم ياخشىمىكەن.
__ ھەئە، ياخشى ئىكەن
__ جۈرە ئەمسە، ماشىنىغا چىقىمىز.
ھەش- پەش دىگۈچە كۆز ئالدىمىزدا قىزىل رەڭلىك كىچىك ماشىنا پەيدا بولدى، ماشىنا مەن بايا كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، باشقا يول بىلەن كىتىپ باراتتى. ماشىنا ھەيدەۋاتقان تاقىرباش بىلەن ئۇنىڭ ھەمرايى پات- پات كەينىگە قاراپ نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلىشاتتى. ئۇلارغا قاراپ مىنى سۈر بېسىپ كەتتى، بەدەنلىرىم سۇس تىترەيتتى، قورقۇنۇشۇم كۈچەيگەنسىرى ئادىلغا شۇنچە يېپىشتىم.لىكىن ئۇ ئىپادىسىزلا بىر ناخشىغا غىڭىشىپ ئولتۇراتتى، شۇ تاپتىكى ھېسياتىمنى ھىچ چۈشىنىدىغاندەك ئەمەس، بىردىنلا تاقىر باشنىڭ ئاۋازى قۇلۇقۇمغا قىش شامىلىدەك ئۇرۇلدى.
__ ھوجون خان، زەھەر چىكىپ لاتا غەلەپ بولۇپ كەتكەن بىرنىمىگە بۇنچە چاپلىشىۋالغۇچە، بىزدەك قانلىرى شۇۋۇلداپ تۇرغان بەردەم يىگىتلەرگە قۇچاق ئاچمامسىز
__ نىمە!؟
بىرى مىڭەمگە پولات مىخ قاققاندەك ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم. قۇلاقلىرىم بۇ مۇدھىش ئاۋازدىن غۇڭۇلداپ كەتتى .
__ ئادىل!؟
مەن ئۇنى چاقىرغان چاغدىكى ئاۋازىمنىمۇ تۇنىيالماي ۋاتاتتىم.
__ تۇرە، ئۇ ... ئۇلار نىمە دەۋاتىدۇ، سەن راسىت زەھەر چىكەمسەن، بۇ راستمۇ؟ ...مەن مەكتەپكە كىتىمەن، ئۇلارغا دە، ماشىنىنى توختاتسۇن، بىردىنلا ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراشقا باشلىدىم. ھۇجۇدۇمنى قاپلىغان قانداقتۇر بىر قورقۇنۇش مىنى بومبا بولۇپ پارتىلىتىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.
__ ماشىناڭنى توختات مەن كىتىمەن!
__ ھا ... ھا ...ھا ... كىتىمەن.
ئاۋازىمنى تاقىرباشنىڭ ئاچچىق كۈلكىسى بېسىپ كەتتى.
__ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، قارىغاندا سىنىڭ خەۋىرىڭ يوق ئوخشىمامدۇ، ئادىلاخۇن ماۋۇ بىر نىمەڭ كېتىمەن دەيدۇيا، قەرزىنى قايتۇرامسەن ياكى ...
__ مەن باشتا دىگەندەك بولسۇن، بۇ قېپ قالىدۇ ئاكا.
ئادىلنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.
__ نىمە، سەن بۇلارغا مىنى ساتماقچىما ئادىل، بۇ سەنمۇ!؟
مىنى ساتما، قەرزىڭنى مەن تۆلەي بۇلامدۇ؟
__ سەن مۇشۇ يول ئارقىلىق تۆلىمىسەڭ پۇل بىلەن بىر ئۆمۈر تىپىرلىساڭمۇ  تۆلەپ بۇلالمايسەن.
ئەڭ ياخشىسى قارشلىق بىلدۈرمە، سىنى بەرىبىر ئالىمەن، مەن رازى بولغاندىكىن بولدىغۇ.
__ ھايۋان!؟
ئۆزەمنىڭ ئۇنى نىمىلەرنى دەپ تىللاپ ياقىسىنى قانچىلىك سىققىنىمنى بىلمەيمەن، مەڭزىمگە چاڭ قىلىپ تەككەن تەستەكتىن ئىسىمگە كەلدىم.
__ قانداق قىلىمەن ئەمسە، شۇ باشقىلار بىر چىكىپ باق، ھىچنىمە بولمايدۇ دىگەن، چىكىپ سىلىپ خۇمار بوپ قالدىم. كىيىن پۇلۇم تۈگەپ بۇلارغا قەرز بولۇپ قالدىم، چەككەن تاماكىلارنى مۇشۇلاردىن نىسىگە ئالغان، ئەمدى ماڭىمۇ باشقا ئامال يوق، ماقۇل دىگىن بۇلامدۇ، سىنى بەرىبىر ئالىمەن، بۇ راسىت.
__ ھايۋان، سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ، بۇ گەپ ئېغىزىڭدىن قانداق چىقتى.
ئۇنىڭ كاچىتىغا نەچچىنى ئۇرۇپ، ياقىسىنى يەنە قاماللىدىم، ئۇ ياقىسىدىن قوللۇرۇمنى قايرىپ ئاجرىتىپ، چاقماق تىزلىكىدە ماشىنىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئىشىكىدىن چۈشۈپ كەتتى ...
__ ئادىل!
مىنىڭ جانسىز ئاۋازىم ماشىنا ئىچىگە سىڭىپ كەتتى.
ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولغۇچە، تاقىرباش چاقماق تىزلىكىدە ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، يېنىمغا ئۆتتىدە ھەمرايىغا قاراپ ۋارقىردى.
__ ماشىنىنى سەن ھەيدە، تېز بول.
__ نەگە؟
__ سا ...ساي تەرەپكە
__ دادا!؟ ...
ئاۋازىم ئۇنىڭ گۆشلۈك ئالقانلىرى ئاستىدا تۇنجۇقۇپ قالدى. بارلىق ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ۋارقىرماقچى بولغان بولساممۇ، ئۇنىڭ قولىنى ئاجرىتىشقا ئامالسىز قالدىم، ماشىنا خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن توختىدى.
__ ۋارقىرا قانجۇق، قېنى ئەمدى ۋارقىرىمامسەن.
ئۇ ھاراقنىڭ ئاچچىق بۇسى كىلىۋاتقان ئاغزىدىن شۆلگەيلىرىنى چاچرىتىپ گۆلەيدى، ئەتراپ قاپقاراڭغۇ، بۇلارنىڭ مىنى نەگە ئەكەلگىنىنى ئىلغا قىلالمايتتىم. بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ تەنلىرىم ياپراقتەك تىترەيتتى. بۇلارنىڭ مەقسىدى ئېنىق بولغاچقا، قولىدىن قېچىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمەي يالۋۇرماقچى بولدۇم.
__ جېنىم ئاكا سىزنىڭمۇ ھەدە- سىڭىللىرىڭىز باردۇ، مىنى قويىۋېتىڭ، مەن سىلەر ئويلىغاندەك قىز ئەمەس، مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا، مىنى چەيلىمەڭ.

ياشلىرىم يامغۇردەك تۈكىلەتتى، جىسمىم ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنگەن، يۈرۈكۈم ئۇنىڭدىن شەپقەت تىلەۋاتاتتى.
__ ھا ... ھا ... ھا ... نىمىگە بۇنچە قىلىپ كېتىسەن، ھامىنى بۇلىدىغان ئىشقۇ بۇ، ئاراڭلاردا ھەر جۈمە كۈنى دەرستىن چۈشۈپلا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىچكىرىگە بېرىپ تېنىنى سېتىپ، يەكشەنبە كەچ قايتىپ كىلىپ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئوقۇيدىغانلار جېققۇ، ھەجىبا سەن بۇنى ئىنكار قىلامسەن.
__ يالغان، كىم شۇنداق دەيدۇ، سىتۇدېنىت قىزلارغا تۆھمەت قىلما!
__ بولدى بەس، سەن نىمىگە چالۋاقايسەن ساراڭ! ساق چىقساڭ چىقتىڭ، ناۋادا ساق چىقماي قالساڭ، ئادىل دىگەن گۇيدىن ئوبدان ھېساپ ئالىمەن، قانداق ئۆزەڭ چىرايلىقچە بويسۇنامسەن ياكى ...
شۇ دەقىقىدە ھۇجۇدۇمغا تۇلۇپ تاشقان سىرلىق بىر كۈچ بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم- دە، يەرگە سەكرەپلا بەدەر قاچتىم.
__ توختا قانچۇق، بەرىبىر تۇتىۋالىمەن، كەينىمدىن ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، -توختا دېدىم.
غەيرەت قىل راھىلە، جىسمىڭدىكى بارلىق كۈچۈڭنى ئىشقا سېلىپ قاچ، بۇ مەلئۇننىڭ قولىدىن قېچىپ كەتسەڭلا ھىچ ئىش بولمايدۇ، سەن دىگەن باتۇر قىز، سەندە نۇزۇگۇمنىڭ روھى بار، قەلبىم قېتىدىكى بىر روھ ماڭا مەدەت بىرىۋاتاتتى. ئەپسۇس شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ كىچىككەن ئىدىم. كۆز ئالدىمدا تۇپا چاڭ ئۆرلىتىپ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان تۆمۈر مەخلۇق يۇلۇمنى توستى، نىشانىمنى بۇراپ بولغۇچە تاقىرباش ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ چېچىمدىن قاماللىدى، قاپقارا چاچلىرىم ئۇنىڭ قوللىرى ئارىسىدا قېلىپ ۋاراسلاپ يۇلۇندى، ئۇ چېچىمنى ھايۋاننىڭ نوقتىسىنى تۇتقاندەك قاماللاپ تۇتۇپ، مىنى زەردە بىلەن يەرگە ئېتىپ ئۆستۈمگە تاشلاندى.
__ دادا!...
يۈزۈمگە تەككەن قاتتىق مۇش زەربىسىدە كۆزلىرىمدىن ئوت ياندى. يىرتىلغان كىيىمىمنى رەھىمسىز بارماقلار ئارىسىدا قېلىپ ئامبۇردا قىسقاندەك ئاغرىۋاتقان كۆكسۈمنى قوغداش ئۈچۈن  جان – جەھلىم بىلەن تىپىرلىدىم . ئەمما  تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ ھەممىسى بىكار بولىۋاتاتتى، ئۈستۈمگە مۆلدۈردەك ياققان مۇشت- تىپىكلەر، مىڭەمگە چىققان زەھەردەك ئاغرىق مىنى ھالسىزلاندۇرغان ئىدى. مەن رىئاللىق بىلەن چۈش قوينىدا لەيلەۋاتاتتىم، ئەنە ئەڭ چوڭقۇر كۆلچەككە چۈشۈپ كىتىپ قىرغاققا چىقىش ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتىمەن. بىرى مىنىڭ بېشىمدىن تۇتۇپ سۇغا شۇڭغۇتىۋاتىدۇ، مەن دادامنى چاقىرۋاتىمەن، دادام قان يۇقۇپ قالغان ئاپپاق كۆينىكىنىڭ يىڭىنى جەينىكىگىچە تۈرۈپ قويۇپ، قوي سويىدىغان يوغان پىچىقىنى كۆتۈرۈپ، كىمدۇر قوغلاپ ۋارقىراۋاتىدۇ، مەن ئەمدى قوي سويمايمەن، ئادەم سويىمەن، ئادەم!
__ يامان قانجۇق كەنسەن، بىكارغا تىركاڭشىماپتىكەنسەندە. ھازىرقى جەمئىيەتتە سەندەك قىزلار ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ، تۇتە مەن ساڭا ئىش ھەققى قۇشۇپ بىرەي. ئۈستى بېشىمغا چېچىلغان قىپ- قىزىل پۇللار كۈز ياپراقلىرىدەك تۈكۈلدى، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلىرىم توختاۋسىز تۈكىلەتتى .شۇنچىلىك تەستە ئېغىزىمنى ئۆمەللەتتىم.
__ بۇ سېسىق پۇللىرىڭنى چىكەڭگە تاڭ، سەنمۇ ئادەممۇ ھايۋان. ماڭا قىلغانلىرىڭنىڭ قىساسىنى ھامان تارتسەن، خۇدا جاجاڭنى بىرە ئىلاھىم .
__ ھا ... ھا ... ھا ... مەن ھايۋانمۇ ياكى ئادەممۇ، بىلمەكچى بولساڭ ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ ھېلىقى تۆمۈر قەپەسكە قاراپ باققىن، تومۇچۇق
قىزىل پىكاپ مىنى تۇپا چاڭلار ئارىسىدا قالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.
مەن دادامنى چاقىرىپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىدىم، يىرتىلىپ تۇپا چاڭغا مىلەنگەن كىيىملىرىم، تاياق يەپ ئاغرىۋاتقان تەنلىرىم، خورلۇنۇپ يىغلاۋاتقان يۈرۈكۈم دەتلىرىمگە دەت قۇشۇپ ئېچىنىشلىق نالە قىلماقتا ئىدى ....
ئاھ خۇدا، ئەمدى قانداق قىلىمەن، دادامغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن، مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا قايسى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن، ئەجىبا بۇ قاباھەتنىڭ داۋامى ئۆلۈممۇ، مەن ئەمدى ئۆلۈشۈم كېرەك، چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك.
ياق راھىلە سەن ئۆلسەڭ بولمايدۇ، بۇ ئىشتا سىنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ يوق، ھەممىنى قىلغان ئاشۇ ھايۋانلار، پەقەت سەندە ئالدىراپ خەققە ئىشەنگەنلا سەۋەنلىك بار، مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۆزەڭنى ئۆلۈمگە ئىتتىرسەڭ داداڭ قانداق قىلىدۇ، ئويلاپ باقتىڭمۇ، ئۇ پەقەت بۇدۇنيادا سىنىلا دەپ ياشىدى، سەن چوقۇم داداڭنى دەپ بولسىمۇ، بەختىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭ كېرەك، ئۇلىۋالساڭ خۇدامۇ سىنى كەچۈرمەيدۇ.
تۇيغۇمدىكى بىرەيلەن مىنى ئۇلىۋالماسلىققا قايتىدىن ياشاپ، ئىستىقبالىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، ماڭا تەسەللى بىرىۋاتاتتى. تۈن قوينىدا كۆزىنى قىسىپ جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار، ساينىڭ سالقىن شامىلىنىڭ سۈيىشى بىلەن شىۋىرلاۋاتقان چاكاندا يانتاقلارمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قوللاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇزاق ئويلانغاندىن كىيىن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، جەنۇپنى نىشانلاپ يول ئالدىم. ئالا ھەزەل بىر سائەت ماڭغاندىن كىيىن، ئاسفالىت يولغا چىقتىم ۋە سومكامدىن تېلفۇننى ئېلىپ ئۇنىڭ يۇرىقىدا ئەينەككە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. كۆز ئالدىمدا يۈزلىرى ئىششىغان، كۆزلىرى چوغدەك قىزارغان، سۇمبۇل چاچلىرى تۇپا چاڭغا مىلەنگەن كۈرۈمسىز بىر قىز قاراپ تۇراتتى. ئەينەكتىكى بۇ قىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يەنە بۇزۇلدى، توۋا شۇنداق ئۇماق غۇبارسىز قىز ئىدىڭغۇ راھىلە، ئەمدى نىمە دەپ ...
بىردىنلا ئاسفالىت يولنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى گۈللۈكتىن سۇنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قەدىمىمنى شۇ ياققا بۇرۇدۇم، گۈللۈكنىڭ قىرغىقىدىكى تۇربىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ ئېقىۋاتاتتى، تۇربىنىڭ يېنىغا كىلىپ يۈز- كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، كىيىملىرىمدىكى تۇپا- چاڭلارنى سۈرتۈپ، چۇۋۇلغان چاچلىرىمنى تارىغاندىن كىيىن چوڭ يولغا چىقىپ بىر ماشىنى توستۇم.
تەلىيىمگە تېلفۇن قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ياتاق بىناسىغا قارايدىغان ئايال ئىشىكنى ئاچتى، ئۇيقۇچىلىقتا ئۇ تەقى- تۇرقۇمغا دىققەت قىلمىغان بولسا كېرەك، ئارتۇق گەپ قىلمىدى. مەنمۇ ياتاققا قاراپ قەدىمىمنى تىزلەتتىم. ياتاققا كىرىپ كىيىم- كىچەكلىرىمنى تۈزەپ، كارىۋاتقا چىققىنىمدا سائەت 3 تىن ئاشقان ئىدى، يوتقۇنۇمغا بېشىمنى تىقىپ دەمدەردەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. دادامنىڭ ئاشۇ مېھرىبان، مىسكىن سىماسى ياشلىرىم ئارىسىغا شۇڭغۇپ، يۈرەك باغرىمغا ئاقماقتا ئىدى. ئەتىسى مىجەزىمنىڭ يوقلىغىنى باھانە قىلىپ دەرسكە چىقمىدىم. يۈز- كۆزلىرىمدىكى ئىششىغان يەرلەرنى ساۋاقداشلىرىمغا پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشتۈم دەپ چۈشەندۈردۈم. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نىمە ئويلىغىنىنى بىلمەيمەن،لىكىن ماڭا يالغان سۆزلىمەسلىككە ئامال يوق ئىدى.
كۆڭلۈمدە ئادىلنى مىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىمدىن قورقۇپ، ئاللا بۇرۇن تىكىۋەتتى دەپ ئويلىغان ئىدىم. لىكىن ئۇ كەتمەپتۇ، چۈشتىن كىيىن ساۋاقداشلىرىم دەرسكە چىقىپ كەتكەن ئىدى، ، ئىشىك چىكىلدى، ئاچسام ئۇ قولىدا بىر دەستە ئەتىرگۈل تۇتۇپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
__ تۈفىي!
ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈرۈپ ئۈلگۈردۈم.
__ قانداق كىردىڭ ھايۋان، قىزلارنىڭ ياتاق بىناسىغا ئەسلى ئوغۇللارنى كىرگۈزمەيتىغۇ، ئادەم چاقىرامدىم ياكى ئۆزەڭنى بىلىپ كىتەمسەن.
__ شۇ ھېلىقى ئايالغا ئازراق شۇ ...
__ بولدى، نىمە قىلغىنىڭ بىلەن كارىم يوق، يۈزۈڭگە يەنە تۈكۈرۈشۈمدىن بۇرۇن كۆزۈمدىن يۇقال!
__ راھىلە مىنى كەچۈرگىن، ئوقۇش پۈتكەندە سىنى ئالىمەن، ماڭا ئىشەن، ئاخشام مەست بولۇپ قېلىپ شۇ، ئەمدى ئۇ بىرنىمىنى چەكمەيمەن.
ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ، قولىدىكى گۈلنى ماڭا ئۇزاتتى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى گۈللەر ئارىسىدىن بىر گۈلنى يۇلۇپ ئالدىم- دە، بەرگىلىرىنى ئۈزۈپ يەرگە تاشلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ كۆزىگە تەڭلىدىم.
__ بۇ گۈل قانداقكەن؟
__ ...
__ مەن سەندىن بۇ گۈل قانداقكەن دەپ سوراۋاتىمەن، سەتمىكەن؟
__ شۇ ... شۇنداق
__ سەنمۇ مىنىڭ مۇشۇ گۈلنىڭ بەرگىدەك، پاك غۇبارسىز نازۇك بەرگىمنى تۇزاتقان مەلئون ھايۋان سەن. قارا بۇ گۈل بەرگىلىرى بار چاغدا شۇنداق چىرايلىق ئىدى، ئەمدى ئارزۇلىغىدەك نىمىسى قالدى.
__ مەيلى نىمىلا بولسۇن سىنى ئالىمەن.
__ ھا ..... ھا ..... ھا ...... ئاچچىق كۈلكەمدىن ئۇ كەينىگە نەچچە قەدەم سەن تۈرۈلۈپ كەتتى.
__ سەنمۇ ئوغۇل بالىما، بۇ گەپ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى، مىنى خەققە تۇتۇپ بىرىپ قانمىدىڭما، يەنە تۇتۇپ بىرەي دىدىڭمۇ يا، يوقال ھايۋان!
جاق قىلىپ يېپىلغان ئىشىك بىلەن تەڭ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم. پەقەت يىغلىماي سەۋىر قىلاي دەپ شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ، ياشلىرىم مەندىن چاققان كىلىپ، مەڭزىمنى ھۆلدەپ ئېغىزىمغا قويۇلدى. ئازاپ قەلبىمگە ئوغۇدەك ئۇيۇپ كەتكەن بىر ئازاپ يۈرۈكۈمنى يۇپۇرماق قۇرتىدەك غاجىلىماقتا ئىدى.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئادىلمۇ مەندىن نەچچە قېتىم شاپىلاق يەپ يۈز- كۆزلىرىگە چاچرىغان تۈكۈرۈكتىن قورقتىمۇ قانداق ئالدىمدا قايتا پەيدا بولمىدى. پەقەت ناگان- ناگاندا مىۋىلىك باققا ئوغۇرلۇققا كىرمەكچى بولۇپ، شورىدىن ماراۋاتقان كىچىك بالىدەك كەينىمدىن قاراپ قۇياتتى. مەن بۇ ئازاپلىق ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كۈنلەردە، ئۆزۈمدە كۆرىلىۋاتقان نۇرمالسىزلىقتىن ۋە دوۋسۇنۇمنىڭ سانجىپ ئاغرىشلىرىدىن ئەنسىرەپ، شەھەرنىڭ چىتىگىراق جايلاشقان بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزەمنى تەكشۈرتتۇم. كارىدور ئىچىدىن كېلىۋاتقان دورا- ئۇكۇللارنىڭ ئاچچىق پۇرىقى ھەر يانغا پاتپاتراق بولۇپ يۈگۈرىشىۋاتقان دوختۇر، سېستىرالار كېسەل ئازابىدىن چىر- چىر چىرقىراپ يىغلاۋاتقان بىمارلارنىڭ ئاۋازلىرى قۇشۇلۇپ كۆڭلۈمنى ساراسىمگە سالماقتا ئىدى.
__ مانا بۇ تەكشۈرۈش قەغىزى 3- قەۋەتكە چىقىپ مەسئۇل دوختۇرغا كۆرسىتىڭ. مىنى بىچاۋدا تەكشۈرگەن دوختۇر قىز چىرايىمغا لەپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن، تەكشۈرۈش قەغىزىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى. ئېغىر قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ مەسئۇل دوختۇرنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇدۇلدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان قىرىق ياشلاردىن ھالقىغان قاپقارا چاچلىرىنى، ئاق پوسمىسىنىڭ ئىچىگە چىڭ چۈمكىۋالغان سىمىزگىنە  ئايال دوختۇرنى كۆرۈپ يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى.
ناۋادا ئەھۋالىم گۇمانىمدىكىدەك چىقسا، قانداق قىلغۇلۇق؟
شۇلارنى خىيال قىلىپ، كەينىمگە ياناي دەپ تۇرۇشۇمغا دوختۇر ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغاندەك، قۇلۇمدىكى تەكشۈرۈش قەغىزىنى تىزلا ئالدى- دە، مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، بايا جىددىيچىلىكتە دىققەت قىلمىغان بولسام كېرەك. ياندىكى ئۇرۇندا بۈدۈرە چاچلىرى تۇزغۇپ تۇردىغان ئاپپاق خالات كىيىۋالغان ياشلا بىر يىگىت ئىپادىسىزلا قاراپ ئولتۇراتتى.
توۋا دېدىم ئىچىمدە، ئاياللار بۆلۈمىدە بۇ ئەر دوختۇر نىمىش قىلىدىغاندۇ.
__ ئىسمىڭىز راھىلەما؟
ئايال دوختۇرنىڭ توم، ئەمما سىلىق ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم.
__ ھەئە
__ ئىرىڭىز نىمىشقا سىز بىلەن بىللە كەلمىدى.
__ مەن ....
تىلىم ئېغىزىمغا كەپلىشىپ قېلىپ، گەپ قىلالماي قالدىم.
__ نىمە گەپ بولسا تارتىنماي دەۋىرىڭ، بىز دوختۇرلار مەخپىيەتلىكنى ساقلايمىز قىزىم. مەن ئاۋۇ دوختۇر نىمە قىلىدۇ دىگەندەك بايامقى ئەر دوختۇرغا قارىدىم.- قوقماڭ دېدى- ئايال دوختۇر ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغاندەك.-  بۇ يىگىتمۇ دوختۇر، يەنى مىنىڭ ئىنىم بولىدۇ، ئاقسۇدا خۇسۇسىي دوختۇرخانا ئاچىدۇ، دوختۇرخانىمىزغا بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن، ئەھۋالىڭىزنى تەپسىلى دىمىسىڭىز بولمايدۇ. مىنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقىنىمنى ئەر دوختۇر بىلدىمۇ، قانداق ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭ ئايال دوختۇر ئەمدى دەڭ دىگەندەك ماڭا تىكىلدى.
__ ھەدە مەن ...كۆز ياشلىرىم قۇيۇلۇپ لەۋلىرىم تىترەشكە باشلىدى.
__ قوقماڭ قىزىم، مەن سىزنىڭ ئۆز ئانىڭىزغا ئوخشاش نىمە ئىش بولسا دەۋىرىڭ، دوختۇرنىڭ يۇمشاق قوللىرى ياشلىرىمنى ئىرىتتى.
__ مەن باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ھەدەمنىڭ  مىنىڭ ئىرىم يوق، مەن تېخى ئوقۇغۇچى. بۇ گەپلەرنى شۇنچىلىك تەستە دىدىمكى ئۆزۈمنى سەزمىگەن ھالدا دوختۇرنىڭ باغرىغا ئېتىلدىم.
__ يىغلىماڭ قىزىم، زادى نىمە بولۇپ بۇ ئىش بولغان، مىنى ئانىڭىزنىڭ ئورنىدا كۆرسىڭىز ماڭا ئېيتىڭ بۇلامدۇ؟
دوختۇر چاچلىرىمنى سىلىدى. مەن شۇنچىلىك غەيرەتكە كىلىپ بولغان ئىشلارنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي، بۇ مېھرىبان دوختۇرغا سۆزلەپ بەردىم  ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ مېھرىبان سىماسى بىلەن كۆزۈمگە ئۆز ئانامغا ئوخشاش كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى.
__ قىزىم دېدى ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بولۇپ، ياشلىرىنى سۈرۈتكەچ. نىمىشقا ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلمىدىڭىز، ئۇ ۋىجدانسىز ھازىرمۇ مەكتەپتە بارمۇ؟
__ بار ھەدە، مەلۇم قىلاي دىگەن. لىكىن دادام بۇ ئىشنى بىلسە چوقۇم كۆتۈرەلمەيدۇ. مىنىڭ ئانام ئۆلۈپ كەتكەن، دادامدىن بىلەك ھىچنىمەم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش مەكتەپكە يېيىلىپ كەتسە مەنمۇ مەكتەپتىن ھەيدىلىمەن، ئوقۇشۇممۇ پۈتكىلى كۆپ ۋاقىت قالمىدى.
دوختۇر ئاغزىنى تەستە ئۆمەللەتتى.
__ مۇنداق ئىش قىزىم، بۇيىڭىزدا قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا، بالاياتقۇنىڭ سىرتىغا ئورنىۋاپتۇ. بۇ ئەھۋالدا بالىنى ئوپراتسىيە قىلماي ئالغىلى بولمايدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىرى يۈرۈكۈمگە غاچلا قىلىپ پىچاق تىققاندەك تىپىرلاپ كەتتىم. ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداق بۇلارىنى ئويلىمىغان ئىدىم.
__ قانداق قىلىمىز قىزىم، ئۇنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلساق ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز، دوختۇر ئېغىر خۇرسىنىپ ماڭا تىكىلدى، ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭ.
__ بولدى ھەدە، ساقچىغا مەلۇم قىلمايلى، مەن ئۆزەم بىر ئامالنى قىلاي، ئوپراتسىيە قىلدۇرمىسام زادى بولمامدا، باشقا ئامال يوقمىدۇ؟
__ ياق ئۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە سىزگىمۇ تەس. ئەڭ ياخشىسى تەتىلدە ئۆيىڭىزگە قايتماي ئوپراتسىيە قىلدۇرڭ. سىز تېخى ياش، ئالدىڭىزدا نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. سىز بەل قويىۋەتمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ شۇنداقلا دادىڭىزنىڭ بەختىيار كۈنلىرى، سىزنىڭ تىرىشچانلىغىڭىز بەدىلىگە بارلىققا كېلىدۇ. سىزمۇ ھامان بىر كۈنى ھەقىقى سۆيگۈگە، چىن مۇھەببەتكە ئېرىشىسىز قىزىم. دوختۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ياشلىرىم يەنە قويۇلدى.
__ بۇ مۇمكىن بۇلارمۇ ھەدە، مەندەك قىزغا بۇ جاھاندا يەنە ئورۇن بارمىدۇ.
__ ئەلۋەتتە، ئورۇن بار، ئۇنداق روھىڭىزنى چۈشۈرىدىغان چۈشكۈن گەپلەرنى قىلماڭ، سىز غەيرەت قىلسىڭىزلا ئاللا سىزگە سائادەت ئاتا قىلىدۇ قىزىم.
__ لىكىن ھەدە ...
__ ئوپراتسىيە پۇلىنى دەيسىزغۇ ھەقاچان، بوپتۇ سىزگە قىلغان ياردىمىم بوپ قالسۇن، مىنىڭمۇ سىز بىلەن تەڭ بىر قىزىم بار، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدۇ. سىز كۆزۈمگە ئۆز قىزىمدەكلا ئىسسىق كۆرۈندىڭىز، تەييارلىغىڭىزنى قىلىپ كىلىڭ، ئامال بار ئوپراتسىيەنى تېزراق قىلىۋېتەيلى.
شۇنداق قىلىپ تەتىلگە قويۇپ بېرىشى بىلەن تەڭ دادامغا كۇرۇستا ئوقويدىغان بولۇپ قالدىم دەپ تۇنجى قېتىم يالغان ئېيتىپ تېلفۇن بەردىم. دادامنىڭ تېلفۇندىكى مەيۈس ئاۋازىدىن مىنى شۇنچىلىك سېغىنغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مەندىمۇ نىمە ئامال، مەنمۇ دادامنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم. لىكىن ئەھۋالىم مۇشۇنداق تۇرسا ...
ئوپراتسىيەنى خاسىيەت دوختۇر ئۆز قولى بىلەن قىلدى. مەن تاكى ساقىيىپ مەكتەپكە بارغۇچە ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ داۋالاندىم. خاسىيەت دوختۇر بەكمۇ ئالدىراش بولغاچقا، ھالىمدىن ھېلىقى كۈنى مەن دوختۇرخانىدا كۆرگەن يىگىت يەنى خاسىيەت دوختۇرنىڭ ئىنىسى خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ ئىسمى ۋەلى بولۇپ تېخى توي قىلمىغان ئىكەن. مەن ئىچكەن ئۈگرىلەرنى، شوگۈرۈچ، شورپىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن قىلىپ بىرەتتى. بەزىدە ئۇ سۇيۇپ بەرگەن ئالما، نەشپۈتلەرنى قولىدىن ئېلىۋاتقان چېغىمدا بارماقلىرىم ئۇنىڭ بارماقلىرىغا تىگىپ كىتىپ، يۈزۈم ئوت بولۇپ ياناتتى. زىرىكىپ قالغان چاغلىرىمدا ئۇ ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىلەردىن تەسىرلىنىپ، كۆز يېشى قىلاتتىم. مەن ساقايغاندىن كىيىن خاسىيەت دوختۇر بىلەن ۋەلىگە چوقۇم جاۋاپ قايتۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكەتتىم ، ساقىيىپ مەكتەپكە بارىدىغان كۈنى ۋەلى مىنى ئاپىرىپ قوياي دەپ تۇرۋالدى . ئۇنىڭ بىلەن دەرۋازا ئالدىدا خوشلۇشۇپ نەچچە قەدەم ئېلىشىمغىلا ئۇچاقىرىپ قالدى مەن تىزلا كەينىمگە ياندىم .
__ راھىلە مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ماڭا تىگىڭ بۇلامدۇ؟
ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپلا قالدىم .
__ توۋا دەڭ ۋەلى، مەن دىگەن قانداق قىز، كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىپ گەپ قىلىڭ، بۇ گەپنى جاھاندا قىز تېپىلمىغاندەك ماڭا دەۋاتىسىزغۇ  بۇ گەپنى ئەڭ ياخشىسى خاسىيەت ھەدەم ئاڭلاپ قالمىسۇن، بولمىسا مەندىن قاتتىق رەنجىيدۇ. ھېلىمۇ سىلەرگە يەتكۈچە قەرز بولدۇم، بۇ گەپنى يەنە ئاڭلىماي بەك ئازاپلىنىپ كىتىدىكەنمەن.
__ ھەدەمگە دېدىم راھىلە،-  ئۇ شاقلا قۇلۇمنى تۇتتى،-  ھەدەم قۇشۇلدى.
__ نىمە؟ ...
مەن ئۇنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن قۇلۇمنى سۇغۇردۇم- دە، مەكتەپ ئىچىگە قاراپ يۈگۈردۈم...
__ راھىلە ...
شۇ كۈنى باشقىچە بولۇپ قالدىم. مەن خاسىيەت دوختۇرنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ۋاقتىمدا ۋەلىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، بۇنى ئىنكار قىلالمايتىم. ئۇنىڭ سەمىمىي ئوبرازى، ماڭا ھەقىقەتەن تەسىر قىلغان ئىدى، لىكىن مەن قانداقمۇ ئۆزەمنى ئۇنىڭغا لايىق كۆرەي دەپ بۇ ئىشلارنى ئويلاشتىنمۇ قورقاتتىم  بۈگۈن ۋەلىنىڭ ئاغزىدىن چىققان مۇنۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالدىم.
كەچتە ياتاقنىڭ تېلفۇنى جىرىڭلاپ قالدى. ئالسام ئۇ ئىكەن.
__ ۋەي راھىلەما، مەن ۋەلى
__ شۇنداق مەن شۇ، قانداق ئەھۋالىڭىز.
__ تازا ياخشى ئەمەس جۇمۇ، قارىغاندا سىز كىلىپ داۋالاپ قويمىسىڭىز بولمىغۇدەك.
__ قىززىق، مەن يا دوختۇر بولمىسام سىزنى قانداق داۋالاپ قويىمەن.
__ ھا ... ھا ... ھا ... يۈرۈكۈمگە سۇ سېپ قويسىڭىزلا بولدى، بۇ يۈرۈككە سىز بولمىسڭىز پەقەت بولمايدىغان ئوخشايدۇ ، بولمىسا دائىم ئاغرىپ قالىدۇ.
__...
راسىت ھەدەم سىزنى تاماققا كىلىپ كەتسۇن دىگەن، كەلمىسىڭىز خاپا بولىمەن جۇمۇ، شۇڭا تېلفۇن قىلىشىم.
__ ماقۇل، ھازىرلا باراي .
ئۆيگە كىرىشىمگە ئۇلار مىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى، ئۈستەل ئۈستىگە ھەر خىل قورىمىلار تىزىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاپپاق كۆينەك بىلەن قارا ئىشتاننى ياراشتۇرۇپ كىيىۋالغان ۋەلى كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە باقاتتى.
-قىزىم دېدى خاسىيەت ھەدەم، تاماقتىن كىيىن بىز سىز بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن چىقىشىپ قالدۇق، بۈگۈن سىزنى بۇ يەرگە چاقىرىشتىكى مەقسىدىم سىزنى ئائىلىمىزگە كىلىن قىلىۋالايلىمكىن دەيمەن. بىز سىزنى بۇ ئىشقا مەجبۇرلىمايمىز، قېنى ئوبدانراق ئويلۇنۇپ بېقىڭ، ناۋادا ۋەلىنى ئۆزىڭىزگە لايىق كۆرسىڭىز قۇبۇل قىلىڭ، بولغان ئىشلاردىن ئۇنىڭمۇ خەۋىرى بار، بۇ سىزگىمۇ ئايان، ۋەلى سىزنى جان دىلى بىلەن سۆيىدۇ، شۇنداقلا قەدىرلەيدۇ. مەن بۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن، شۇ تاپتا ۋەلىنىڭ سىزدىن بىلەك قىزغا پەقەتلا قارىغۇسى يوق، بەلكى بۇ تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇلسا كىرەك، تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ ئەمەسمۇ، سوغوق قانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ بېقىڭ، بىز سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتىمىز.مىنىڭچە سىزنىڭ چاڭقاڭ قەلبىڭىزگە، يارىلانغان يۈرىكىڭىزگە ۋەلى شىپالىق يامغۇر بۇلالايدۇ ، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئويلۇنۇپ قالدىم، بۇ چىن يۈرەكتىن چىققان سۆزلەر ئىدى.
دىمەك، ئۇلار ماڭا ھەقىقىي چىن مۇھەببەت بەرمەكچى ئىكەن. ئۇلار مەندەك قۇرۇپ قاقشال بولغان بىچارە گۈلگە مېھىرى- مۇھەببەت يامغۇرى ياغدۇرماقچى بولىۋاتاتتى. بۇ ماڭا تەقدىرنىڭ ئاتا قىلغان ئازاپلىرىدىن كىيىنكى سۇنغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ئىدى. مەن بۇ مۇھەببەتنى رەت قىلالمايتىم ھەم رەت قىلىشقىمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. يۈرۈكۈم ۋەلىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ شىۋىرلاۋاتقان بۇ دەقىقىلەردە ھايات ماڭا ئۈمۈد ۋە ئىشەنچە ئاتا قىلىۋاتاتتى.
*                 *                      *
ئىشىك جالاقلاپ ئېچىلىپ، دوستلۇرۇم يۈگۈرۈپ كىردى.
__ راھىلە قارا ئادىل ....... ئادىلنى ساقچىلار ئىزدەپ كەپتۇ.
__ نىمە؟ زادى نىمە ئىش بولۇپتۇ.
__ بىلمەيمىز، تىز بۇلە بىللە چىقىپ كىرەيلى.
گەرچە ئادىلغا چىش تىرنىغىمغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولساممۇ، ساقچىلارنىڭ ئۇنى نىمە سەۋەپتىن ئىزدەپ كەلگىنىگە قىزىقىپ ئۇلار بىلەن بىللە چىقتىم. مەكتەپنىڭ ئالدىدا بىر ساقچى ماشىنىسى ئالا بۇلماچ چىرىغىنى پىلدىرلىتىپ تۇراتتى. ئىككى ساقچى قولىغا پولات كويزا سېلىنغا ئادىلنى ماشىنا تەرەپكە يالاپ ئەكىتىۋاتاتتى، بىردىنلا قۇلۇغۇمغا ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ قىلىشۋاتقان گەپ- سۆزلىرى كىرىپ قالدى.
__ نىمىش قىلىپتىكەن بۇ؟
__ نىمىش قىلاتتى، زەھەر چىكىپ، ئېلىپ سېتىپتىكەن.
__ ئىسىت، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسائاتا – ئانىسى نىمە بۇلۇپ كىتەر ھە  بالام ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كاتتا ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئولتۇرغان بولغۇيدى ھەقىچان.
__ شۇنى دەڭلا، بۇنداق ئۆزنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئويلىمىغان بۇنداق  ئەقىلسىز بىر نىمىگە ئىچ ئاغرىتقاننىڭ پايدىسى يوق، جاجىسىنى يەپتۇ.
ھەش پەش دىگۈچە ساقچى ماشىنىسى ئەنسىز چىقىراپ يۈرۈپ كەتتى .مەن نىمىشقىدۇر خىيالغا پاتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم .ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەننى بىلمەيمەن .بىرچاغدا ماشىنىنىڭ سىگىنال ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەينىمگە قاراپ ئاپئاق كىچىك ماشىنا يېنىدا ماڭا  قاراپ تۇرغان ۋەلىنى كۆردۈم ئۇتىز لا يېنىمغا كەلدى .
__ قانداق ئەھۋالىڭىز
__ ياخشى،ئۈزىڭىزنىڭچۇ
__ مىنىڭمۇ ياخشى، ھەجەپ بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ؟
__ ھە .... مۇنداقلا ئىچىم پۇشۇپ چىققان
__ يۈرۈڭ، ماشىنا ئىچىگە چىقىپ پاراڭلىشايلى، قاراڭ توڭلاپ كەتكىنىڭىزنى، ئۇنىڭ ئىسسىق ئالقانلىرى، بارماقلىرىمنى ئارىسىغا ئالدى.
__ بۇ كىمنىڭ ماشىنىسى، ھەجەپ چىرايلىق ئىكەنغۇ؟
__ مىنىڭ ماشىنام، سىزنى قېيىنىئاتامنىڭ ئالدىغا مۇشۇ ماشىنىغا چىقىرىپ ئاپىرايمىكىن دەۋاتىمەن، قانداق، بۇلامدىكەن، يېڭىدىن سېتىۋالدىم.
__ شۇنداق، بەك چىرايلىق ئىكەن.
__ بازار ئايلانغاچ بىللە تاماق يەپ كىلەمدۇق، سىزنى سېغىنىپ كەلگەن ئىدىم.
__ بولىدۇ
__ يۈرۈڭ ئەمسە ...
ماشىنا ياڭراتقۇسىدىن شادىمان بىر كۈي ياڭراۋاتاتتى. بۇ مەن ئۈچۈن  ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەر ئىدى، لىكىن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم ئىدى.  

[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-05-29 06:41 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مۇھەببەت يامغۇرى _ (ھېكايە),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى تارىم تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-05-28, 13:31
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 278
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
ئۆسۈش: 4.67%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 140
  ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 699 سوم
  تۆھپىسى: -2 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 27(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-21
  كىرىشى: 2010-06-01
1 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 09:44 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ ئەسرىڭىزنى سەلكىن مۇنبىرىدە ئوقۇغاندەك قىلىمەنغو.....؟
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 451
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 81
  ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 740 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 55(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-06-10
2 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 09:51 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

شۇنداق ئىلگىرى سەلكىن مۇنبىرىگە يوللىغان .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 480
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە109دانە
ئۆسۈش: 3.63%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 109
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 325 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 22(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-06-11
3 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 10:00 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ ھېكايىڭىزنى تۇنجى بۇلۇپ  ئۇقۇپتىمەن ،.،.،.ناھايتى ياخشى تەسىرلىك رېئاللىقتىن ئېلىنغان تۇرمۇش كارتىنىسى بۇپتۇ،.،.،.مىنىڭچە  بۇ ئەسەرنى نادىرلىسىمۇ زايا كەتمىگۈدەك  ،.،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،.،.،.نادىر تېنىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۈرۈشكە تەشنامەن دوستۇم           
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە730دانە
ئۆسۈش: 4.87%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 730
  ياخشى باھا: 170 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 6607 سوم
  تۆھپىسى: 102 كىشى
  ياخشى باھا: 155 نۇمۇر
  ۋاقتى: 168(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
4 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 10:03 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 451
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 81
  ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 740 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 55(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-06-10
5 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 10:03 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

راس  بىرنۇقتىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن .توردىن ئوقۇشقا پۇرسەت بولمىغان دوسلار << يېڭى قاشتېشى >> ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 2-سانىدىن ئوقۇساڭلارمۇ بۇلىدۇ .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 808
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
ئۆسۈش: 6.6%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 198
  ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 787 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 38(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-25
  كىرىشى: 2010-05-31
6 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 10:11 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

     ھىكايىڭىزدىكى تىراگىدىيە بىلەن ئاخىردىكى ۋىسال شاتلىقى راسلا ياخشى  ماسلىشپتۇ مەن بەكلا ياقتۇردۇم  
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 37
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە223دانە
ئۆسۈش: 2.23%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 223
  ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4244 سوم
  تۆھپىسى: 98 كىشى
  ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-10
7 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 10:29 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئىسىل تېمىڭىزنى يەنە بىر قىتىم ئوقىغىنىمدىن بەك خۇرسەن بولدۇم دىدار غەنىمەت .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1189
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 1.1%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 33
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 99 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 29(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-28
  كىرىشى: 2010-06-01
8 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 10:32 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ناھايىتى ياخشى بۇپتۇ!!!!!!!!!!
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 143
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
ئۆسۈش: 3.2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 96
  ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 258 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 38(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
9 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 10:32 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ياخشىكەن ھە، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يوللاڭلار دوسلار...
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 812
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 3.67%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 11
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 33 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 4(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-25
  كىرىشى: 2010-05-28
10 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 11:24 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ناھايتى  ياخشى  يېزىپسىز  بۇرۇنراق  ئۇقۇسام بوپتۇكەن  ئاللا قۇلۇڭىزغا  دەت  بەرمىسۇن     

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 130
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
ئۆسۈش: 5.03%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 151
  ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 427 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 18(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
11 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-29 11:43 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ھەي،،،،،،،،،،،،،، ھايات ھەي  نادانلىق .مۇھەببەت  نەپرەت بىرلىشىپ كەتكەن بۇ  رەھىمسىز  دۇنيا .ئەسىرىڭىزنى بەك ياختۇردۇم  رەھمەت  مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 90
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە430دانە
ئۆسۈش: 4.3%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 430
  ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1292 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 127(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
12 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-29 11:46 AM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بەكلا ئىسىل تىما ئىكەن،ئوقۇپ بولۇپ ئاجايىپ بولۇپ قالدىم.....ياخشى تىمىلىرىڭىزنى مىسرانىمدىن ئايىمىغايسىز...
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە621دانە
ئۆسۈش: 6.21%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 621
  ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1885 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 152(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
13 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-29 12:06 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ياخشى تېما ،   
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1150
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 1
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 7(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-28
  كىرىشى: 2010-06-02
14 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-29 12:17 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

نىمىشقا نۇرغۇن قىزلار پەقەت تۇنجى سۆيگىنىنى شۇنداق قەدىرلەيدۇ؟
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«123»Pages: 1/3     Go