مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 610 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : ئــــوغــلــۇمـنـىـڭ ئــــۆيـــى
قۇلۇمدا چوغسىمان قىزىل ئەتىرگۈل

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1507
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
ئۆسۈش: 0.1%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 165
  ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5783 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 433(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-08-15

1

 ئــــوغــلــۇمـنـىـڭ ئــــۆيـــى



ئوغلۇمنىڭ ئۆيى


1


چىۋىق بىلەن ئۇزۇن تونىغا يېپىشقان چاڭ- توزانلارنى قېقىشتۇرغىنىچە پاكار، ۋادەكلىك كىچىك دەرۋازىدىن چىقىپ كەلگەن بوۋاي ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېڭىشكىنىچە شەمبىزە كۆڭلىكىگە يۇقۇپ قالغان پاختا تۇزۇندىلىرىنى ئالىقىنىغا تۈكۈرۈپ تۇرۇپ ھىمىرىپ تازىلاپ، ئۇرۇق، يېرىلغان ئالىقانلىرىغا تۈرۈلگەن پاختا يىپچىلارنى قېقىشتۇرۋاتقان موماينى ئالدىراتتى :
- بولە خوتۇن ، ئۇستام بەك ساقلاپ كەتتى .
- قۇلۇمنى تىترەتمسىلە دادىسى ، مانا مېڭىۋاتىمەن .
-سەنمۇ قىزىق ، خۇددى توياڭ بۇلىدىغاندەك قىپكەتتىڭغۇ ؟ ئوغلىمىز يامەتجاننىڭ ئۆي مارىكى جۇما بۇ...
- بىلىمەن دادىسى، << ئاناڭنى ئاتاڭغا بىپەداز كۆرسەتمە >> دەيدىغان گەپ با. << قانات سۆگەت >> نىڭ ھاشىرىغا ئەمەس ، يامەتجان بالامنىڭ شەرىگە بارىمىز ئەمەسما . شەلىك دېگەن ئۇز خەق ، يامەتجان بالامنى كېلىنىمىزنىڭ ئالدىدا سۇندۇرۇپ قويساق بومماس.
موماي گىدىڭشىپ سۆزلىگىنىچە دوڭغايغان بېلىگە بىر قولىنى ئارتىپ ئىشكتىن چىقتى . ئاندىن كونىرىغىنىدىن كىرلىشىپ قارامتۇل بۇلۇپ پاقىرىغان ئىشك قانىتىنى ئاۋايلاپ يېپىپ زەنجىرلىدى . يوغان ئۇرۇس قۇلۇپىنى سېلىپ ، قۇلۇپنى بىر قانچە قېتىم تارتىپ بېقىپ خاتىرجەم بولغاندىن  كىيىن ، ئۇزۇن شوينىغا چېگىلگەن ئاچقۇچلارنى جىلدىرلاتقىنىچە چىمچىلاق بارماقتەك قالغان كۈمۈشرەڭ ئۆرۈم چېچىغا چىگىۋېلىپ ، چېچىنى دولىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ ئارقىسىغا تاشلىۋېتىپ ئاندىن بوۋايغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى :
- ئەمدى ماڭايلى ، دادىسى .
ئۇلار پايپاسلىشىپ ، توپىلىق يولنىڭ بىر چېتىگە توختىتىلغان كىچىك مىنبۇسنىڭ يېنىغا كېلىشتى . تىت-تىت بۇلۇۋاتقان شۇپۇرغا قاراپ بوۋاي ئەپۇ سورىغاندەك كۈلۈمسىردى :
-مۇشۇ خۇتۇن خەق بىلەن بىر يەرگە بارسائەدەمنى زىرىكتۈرۋېتىدۇ زادى . خاپوممىسىلا جۇما ، ئۇكام .  
-ھۇيت! ئاياغلىرىدا پايپېتەك بۇلۇپ ئادەم ئىسكەتىگە چىگۈزۈپ قويسام زىرىكىپ كەتتىلىما ئەمدى . ئوڭشىسىلا ئىۋۇ تۇماقلىرىنى ، قاچان قايلىسا جىيىكىنى تەتۈر ئۆرۈۋالغان ! شەگە بۇنداق باسىلا ، ئېزىپ قاغان پادىچىكەن دەپقالىدا جۇما .
- گېپىڭمۇ تولا خۇتۇن-دە ، سەن .
ئۇلار بىر- بىرىنى ئىتتىرىشىپ ، بىر- بىرىگە پۇتلىشىپ ، ئۈسسۈشۈپ- غۇدۇرۇشۇپ نەرسە-كېرەكلىرىنى سىلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈشتى.
- بىر نەرسە ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندۇ دە، دادىسى ؟
-ئۇنتۇلمىغاندۇ .
-يوتقان - كۆرپىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىمۇ ، ئۇستام ؟
- خاتىرجەم بۇلۇشسىلا ، ھەممىسى مۇشۇ يەدە.
-ھېلىقى نەرسىنى ئالدىلىمۇ دادىسى ؟
-ھەئە .
ئۇلار تارشىدەك قوللىرى بىلەن بۇلۇتتەك يۇمشاق تىكىلگەن يوتقانلارنى يەنە بىر قېتىم سىلاشتۇرۇپ كۆڭۈللىرى ئەمىن تاپقاندىن كىيىن يېنىك تىنىشتى .
-ماڭساق بولاما، تاغا؟- دېدى ئالىغاي شوپۇر ئاسمانغا قاراپ.  
-ماڭىلى.
شوپۇر ماشنىنى ئوت ئالدۇرۇپ بۇلۇ ئارقىسىغا قايرىلدى :  
- ئىشىكنى ياپسىلا .
شوپۇرنىڭ كۆزىگە قاراپ قۇيۇپ خىرامان ئولتۇرغان بوۋاينى موماي جەينەكلىدى :
-ئۇستام گەپ قىلىۋاتىدا.
-ساڭا دېدىمىكىن ؟  
-ياق ، سىلىگە .
شوپۇر ئالىغاي كۆزلىرىنى نەلەرگىدۇر تىككىنىچە قايتا تەكرارلىدى :
-ئىىشكنى يېپىۋالسىلا ، تاغا.
-ھە، مېنى دەپتۇ ،-بوۋاي سىيرىلما ئىشىكنى ياپتى . مىنبۇس توپا تۇزۇتقىنىچە قوزغالدى . ئىككى قېرى كاتاڭ يولدا چايقىلىشىپ كەلىمە كەلتۈرۈشتى :
- بىسمىللا ، ئاقيول بەرگەيسەن ئىگەكىم ....


2


ناھىيەنىڭ ئاۋات كوچىسغا جايلاشقان << تولۇن ئاي >> رېستۇرانىنىڭ ئالدى كىرىپ- چىقىۋاتقان ئادەملەر بىلەن بېسىق ئىدى . جۈپ -جۈپتىن يېتىلىشىپ كىرىپ- چىقىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ چاقچاق - كۈلكىلىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى . رستۇران ئىچىدە رەت- رەت تىزىلغان يۇمىلاق شىرەلەرنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلار ئىككى - ئۈچتىن باش قۇشۇشۇپ پاراڭلىشاتتى . بىرلىرى بۇيۇنلىرىنى قۇشقاچ كامارلىرىدەك يوغان ئېچىشىپ ، باشلىرىنى توختىماي گىلدىڭشىتىپ تىڭشايتتى . ئاللىكىملەر يېنىدىكى قىز - چوكانلارنى موتاپ چىمدىسا ، ئۇلاردىن بىرلىرى نازلىنىپ ئىڭرايتتى . چىرقىراپ كۈلەتتى . بويلىرى ، كىيىم - كېچەكلىرى بىر خىل كۈتكۈچىلەر بىر - ئىككىدىن كىرىشىۋاتقان مېھمانلارنى بوش ئۇرۇنلارغا تەكلىپ قىلىشاتتى . بىر كۈتكۈچى قىز بېلىكىگە قۇيۇلغان تۈنىكە مۇقاۋىلىق دەپتىرىگە  مېھمانلارنى تىزىملاپ يۈرەتتى . زال ئىچى غۇژ-غۇژ ھەدە ئۇۋىسىدەك قاينايتتى.
شوپۇر ئەينەكلىك ئىشىكتىن كىرىشنى بىلمەي قىستىلىشىپ تۇرغان بوۋاي - موماينى قولىدىن تارتقىنىچە ئاغرىندى :
- يائاللا ، مانداغ تارتسىلا تاغا ، تۇرىدىيا قايلاپ !
كۆزلىرى ياشاڭغىراپ ، بەللىرى دوڭغايغان ، باشلىرى تىنىمسىز گىلدىڭشىپ تۇرغانغا كۆنگەن بىر جۇپ قېرى لىق تولغان مېھمان ، چىراغلىرى كۆز قاماشتۇرغان تورۇس، نەقىشلىق تەكچىلەر بىلەن بېزەلگەن تاملارغا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراشتى . ئەمدىلا زالغا قەدەم باسقان بوۋاينىڭ ناھاللىق ئۆتۈكى غىر قىلىپ تېيىلىپ كەتتى .شوپۇر چاققانلىق قىلىپ يۆلىۋالمىغان بولسا ئوڭدىسىغا چۈشەتتى . بوۋاينىڭ بىلىكىدىن چىڭ تۇتىۋالغان شوپۇر بوۋايقا قاراپ بوش غۇدۇرىدى :
-مەككەم دەسسىسىلە ، تاغا.
بوۋاي مەيدىسى غىژىلداپ تىنغانچە شوپۇرغا چىڭ ئېسىلىپ ، توختىماي گىلدىڭشىۋاتقان بېشىدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغان قارا كۆرپە تۇمىقىنى چۆكۈرۈپ كىيگەنچە سۆزلىدى :
-يائاللا ما بالىنى ، تاپقان پۇلىغا يەرگە ئەينەك ياتقۇزغانمۇ نىمە ؟
- بۇ ئەينەك ئەمەس ، چىنە ، قىش ، تاغا . ئاۋايلىسىلا ، ئۆزلىرىنى يامەتجاننىڭ قۇلىغا ساق تاپشۇرۇپ بېرەي.
بوۋاي شوپۇرغا تېخىمۇ چىڭ ئېسىلدى . يادەك ئېگىلىپ دوڭغايغان موماي بىر قۇلىنى بېلىگە ئارتىۋالغىنىچە ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەيتتى :
- شەھەرنىڭ ئۆيلىرى تار بۇلىدۇ دەيدىغان ، ئوغلىمىزنىڭ ئۆيى خانىقادەك چوڭ ئىكەن-ھە، دادىسى ؟
-شۇنى دەيمەن ، ئازنا مەچىتنىڭ جامائىتى سىغقۇدەك . .
- ئوغلىمىز چىقمايدىغۇ ، دادىسى ؟
- مېھمانلار بىلەن ئالدىراشتۇ تايىنلىق .
-ئىگەكىم ....  
زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە شوپۇر ئالدىغا ھىجىيىپ كەلگەن بىر تۇنۇشى بىلەن كۆرۈشكىلى قۇلىنى تارتىۋېدى ، ئاران تۇرغان بوۋاي غىرتتىدە تېيىلىپ كەتتى ، ھۇدۇقۇشتىن ، پەرىزاتتەك ياسانغان بىر قىزغا ئېسىلىۋالدى . ھېلىقى قىزمۇ پاشنىسى ئۇچلۇق توپلەي بىلەن تۇرالماي ئىككەيلەن تەڭلا پۇتلىشىپ يىقىلدى . ئەتراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشتى . كۆرمىگەنلەر نىمە بولغىنىنى بىلەلمەي ، بۇيۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ھەدەپ قاراشقىلى تۇردى.
-ئوھۇش ، نەدىن ئېزىپ كېپقالغان ئادەم بۇ؟!...
كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوسال بولغان قىز نۇمۇس ۋە ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى. بوينىنى شاش ئاتتەك تولغاپ ، شىرەلەرگە پىيالە- ئىستاكان ، قەغەز -چوكا تىزىش بىلەن بەنىت بولغان كۈتكۈچى قىزغا ۋاقىردى :
-كۈتكۈچى ، بۇ نىمە قالايمىقانچىلىق ؟  
كۈتكۈچى قىز ئالدىراپ -تىنەپ كەلدە-دە، ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇرۇۋاتقان بوۋايغا ئالايدى :  
-بىر كىمنى ئىزدىشەملا ؟  
بۇ گەپ بوۋايغا سەل ھار كەلدى . ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ئادەمنى مۇنداق سوراق قىلغان قانداق شەھەر جىنى ماۋۇ ؟ دېگەنلەرنى ئويلىغىنىچە ، تىنىمسىز گىلدىڭشىۋاتقان بېشىنى قىزغا بۇراپ :
-ھەئە ، ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە كەگەن ! -دېدى تۇمىقىنى ئوڭشىغىنىچە .
شۇ ئەسنادا ئوتقاشتەك قىپقىزىل يوللۇق گالىستۈكنى لەپىلدىتىپ كەلگەن سۆلەتلىك يىگىت يىقىلغان قىزنى قولتۇقلاپ ، ئۈستىۋېشىنى تۈزەشتۈردى :
-پەرىدە ، نىمە بولدىڭىز ؟
-قايلىڭە ما خەقكە !-دەپ ھاللاندى قىز .
يىگىت ئۆرۈلۈپ قاراپ بوۋاينى كۆردى .
-ھوي ، دادا ، بۇ سەنمىدىڭ ؟
بوۋاي ئوغلىنى تۇنۇپ خۇشھاللىقىدا ھەممىنى ئۇنتۇپ قۇچىقىنى كەردى :  
-يامەتجانمۇ سەن ، بالام !
بوۋاينىڭ ئوغلىنى قۇچاقلاش ئۈچۈن كەرگەن غۇلاچلىرى سارنىڭ قانىتىدەك لەيلەپ قالدى . يىگىت ئەتراپىدىكىلەرگە بىر قاراپ قۇيۇپ ، ئاندىن ئىككى قۇلىنى ئۇزىتىپ :
-ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ دادا، ئانا -دېدى بوش ئاۋاز بىلەن .
ئوغلىنى كۆرگەن موماي يەرنى سۆيگىدەك ئېڭىشكەن گەۋدىسىنى رۇسلاشقا تىرىىشپ سۆزلەپلا كەتتى :
-سادىغاڭكېتەي ئالتۇنۇم بالام ! دادا ڭ ئىككىمىزنىڭ كۆزىدىن ئۇچۇپلا كەتتىڭغۇ . ئۆينى ، بىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن ؟  
- ئۇنداق ئەمەس ، ئانا ، ئىشلار ئالدىراش شۇ .
موماي دولىسىدىن ئالدىغا ساڭگىلىغان چېچىنى ئاچقۇچلار بىلەن قۇشۇپ ئارقىسىغا تاشلىۋالدى . موماينىڭ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرى توختىماي چىمىلدايتتى ، ھاسىرايتتى . ئوغلىنى كۆپرەك كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن توختىماي قارايتتى .
يامەتجان ئەتراپىغا يەنە بىر قارىۋېلىپ ئىككى قەدەم ئارقىغا داجىدى -دە، مېھمان تىزىملاپ يۈرگەن كۈتكۈچى قىزنى چاقىردى :
-كۈتكۈچى ، ماۋۇ ئىككى مېھماننى جوزىغا باشلاڭ .

كۈتكۈچى قىز كېلىپ بوۋاي بىلەن موماينى ئەگەشتۈرۈپ بۇلۇڭدىكى بوش ئۇرۇنغا ئەكەتتى . يامەتجان پەرىدەنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرگىنىچە خۇشامەتلىك تەبەسسۇم قىلدى :  
- بىر يېرىڭىز ئاغرىدىمۇ ،  پەرىدە ؟
- ئاغرىپمۇ كەتمىدى . ئادەم كۆپ يەردە ھەجەپ ئوسال قىلدى ئادەمنى !
-خاپومماڭ پەرىدە ، ئايرىمخانىدا بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ ، يۈرۈڭ .


3


بوۋاي بىلەن موماي كەمچەترەڭ سىرلانغان ئىگىز ئۇرۇندۇقتا پەقەت ئولتۇرالمىدى . موماينىڭ زىرائەت ئوتىغاندىمۇ يۈكۈنۈپ ئادەتلەنگەن تىزلىرى ، دائىملا دوڭغىيىپ تۇرىدىغان بېلى تېلىپ ، ھېرىپ ھالىدىن كەتتى . يۇمىلاق شىرەگە تىزىلغان نازۇ - نىمەتلەرگە قاراپ ھەيرانۇ - ھەس بۇلۇشقان بايقۇشلار لەڭپۇڭ توغرامچىلىرىنى چوكا بىلەن قىسالماي قولىنى ئۇزىتېۋىدى  ، ئارىلاپ چاي قۇيۇپ يۈرگەن سېكىلەك قىز پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى . ئۆيىدە لەڭمەن يېسىمۇ قۇشۇق سېپىدا يېيىشكە ئادەتلەنگەن ئىككى قېرى غىققىدە بۇلۇپ جىم بوپقېلىشتى .
<< قانداق بولغىنى ؟- دەپ ئويلايتتى بوۋاي ئەلەملىك خۇرسىنىپ .- بالىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ئاتا- ئانىنى تەپ تارتماي < كىمنى ئىزدەيلا > دېگىنى قايسى يۇسۇن ؟ئاۋۇ بالىنى دەيمەن ، سودىگەرچىلىك قىلىمەن دەپ شەھەرگە بىر كەتكەنچە ئۆي تۇتۇپ ، ئۆيلىنىۋېلىپ ، يەنە تېخى مۇشۇ كەمگىچە كۆرۈشمىگەن ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قۇيايمۇ دېمەي ، كۆرۈشكەندە ئادەمدىن نۇمۇس قىلغاندەك بىر قىلىق قىلىدۇ دېسە! پۇلى جىق ئادەمنىڭ كۆڭلى قارا بوپكېتىدۇ ، دەيدۇ .
ئوغلىمىزمۇ ....ياق ، ياق ، ئوغلىمىز ئۇنداق ئەمەس ... >>بوۋاي بېشىنى گىلدىڭشىتىپ قارىغىنىچە شىرەلەرنى ئارىلاپ يۈرگەن ئوغلىغا زوقلىنىپ زەن سالدى . تىجارەت قىلىمەن دەپ شەھەرگە كەتكىلى نەچچە يىل بولدى  . سەمىرىپ ، ئاقىرىپ ، چىرايلىق بوپ كېىتپتۇ . بۇرۇتلىرىنىڭ ياراشقىنىنى . بوينىغا تاقىغان گالىستۈكىچۇ تېخى ، قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدە تېلىۋىزور كۆرگەندە << مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر >> دە چىقىدىغان سالاپەتلىك باشلىقلارغا ئوخشاپ قاپتۇ . قامەتلىكلىكى چوڭ بوۋىسىنى تارتقان . بوۋام رەھمەتلىك باقىھاجىم تېڭىقچىمۇ مۇشۇنداق كېلىشكەن ئادەم ئىدى . يوللۇق پەرىجىسى ، گىلرەڭ ئۆتۈكىنى كىيىپ ، سەللىىسنى ئوراپ ، قۇلا تۇلپارغا مىنىپ يولدىن ئۆتىدىغان بولسا ھەممە ئادەم قارىشاتتى . موماينىڭ تەخسىدىكى مونەكچىلەردىن يېگۈسى كېلىپ تارتىنغىچە بىر تال ئالدى -دە، چىشلىرى قالمىغان ئاغزىغا بىر تال سېلىپ چىشلىدى . چىشلىدىيۇ ، تاڭلايلىرى چىدىغۇسىز ئاغرىپ ، زىڭىلداپ كەتتى . ئاغزى تۇزلۇق بۇلۇپ ، ئاغرىقى مېڭىسىگە چىقتى . تاشتەك قاتتىق دادۇرنى چىشسىز ئېغىزىدا ئۇيان - بۇيان يۇمىلىتىشقا باشلىدى . تېخىچە ئاغرىۋاتقان زاڭىقىنى ئالىقىنى بىلەن بېسىۋالدى .

ئەمدىلا كېلىپ توختىغان يامەتجان بىر بوش ئۇرۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرۇپ ئاتا- ئانىسىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى :
-دادا، ئانا ئالغاچ ئولتۇرۇڭلار.
-ئېلىۋاتىمىز بالام ،- بوۋاي ئوغلىغا زوقلىنىپ قارىغىنىچە بېشىنى گىلدىڭشىتىپ سورىدى ،- قايداغراق تۈرىۋاتىسەن بالام، ئىش- ئوقىتىڭچۇ ؟
-ياخشى ، دادا ، بۇلىدا .  
- بىر كەتكەنچە يۇرتقا دەسسىمىدىڭمۇ بالام ، بەكلا سېغىندۇق سېنى ...  
موماي ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتتى . يامەتجان ئەتراپىغا قارىۋېلىپ ئۆزىنى ئاقلىدى :
- تىجارەت دېگەن شۇنداق نەرسە ، ئانا، بىر كۈن ئۈزۈپ قۇيۇشقا بولمايدا .
- ئەمىسە رىشتىمىز ئۈزۈلۈپ قالسا بۇلامدا ؟
-بۇ...ئانا...
يامەتجان خىجالەت بۇلۇپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى تاپالمىدى . بوۋاي موماينى بىلىندۈرمەي جەينەكلىدى .  
-بالام ، كېلىنىمىز قېنى ؟  
- ئۇ بايام يىقىلىپ كەتكەندە پۇتى ئاغرىپ كېتىپتىكەن ، ئارام ئېلىۋاتىدا .- دېدى يامەتجان ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ .
-ھە؟! بوۋاي ھەيران قالدى .- ئاشۇ كېلىنىمىزمىدى بالام ؟
- ھەئە .
-ئەستاغپۇرۇللا شەيتان !... پالاكەتلىك قىلىپ كېلىنىمىزنى يىقىۋېتىپتىمەن ئەمەسما . سەت بولاپتۇ ، سەت بولاپتۇ .بىزنى باشلاپ چىققان بولساڭ بالام ، ئەپۇ سورىۋالىلى .شۇنداقمۇ ئانىسى ؟
-راست كېلىنىمنى باشقىدىن كۆرەي .  
يامەتجان تۇرۇپ قېلىپ ، بىر ئازدىن كىيىن :
-مەيلى، يۈرۈڭلار ئەمىسە ،- دېدى ئاستاغىنە .
ئۇلار ھىم ، پارقىراق ئىشىكلىك ، بېزەكلىك ئايرىمخانىغا كىرگەندە پەرىدە بىر قانچە دوستلىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئىشىكتىن كىرگەنلەرنى كۆرۈپ كۈلكىسى ئۆچتى . بوۋاي بىلەن موماي يەر سۆيۈپ دېگۈدەك كېلىنىگە سالام قىلىشتى :
-ئەسسالام قىزىم ، تىجلىقما ؟
- ۋاي خېنىم قىزىم ، ئالتۇن قىزىم ، ئوبدان تۇدىلىما ؟
پەرىدە ئۇلارغا چالا- پۇلا باش لىڭشىتىپ قۇيۇپ تۆرە سالىمى كەلتۈردى . خىجىل بۇلۇپ تۇرغان بوۋاي پەرىدەدىن يېنىش - يېنىشلاپ ئەپۇ سورىدى :
- بايام ئۆزلىرىنى رەنجىتىپ قوياپتىمىز ، قىزىم ، كۆڭەللىرىگە ئاممىسىلا . ئەدەم قېرىغاندا پالاكەت بولاپقالىدىكەن شۇ...
- ۋاي خېنىم قىزىم ، چىرايلىق قىزىم ، مەن يامەتجان بالامنىڭ ئانىسى بۇلىمەن . قايلىسىلا دادىسى ، كېلىنىمىز مەرى ئىسسىق ، پاكىز، ئۇز قىز ئىكەن ئەمەسما . كەلسىلە قىزىم ، پىشانىلىرىگە سۆيەپ قوياي ، ئىگەكىم .
موماي ئۇرۇق قوللىرى بىلەن پەرىدەنىڭ ئىككى چېكىسىدىن تۇتۇپ ئالدىغا تارتىپ پىشانىسىگە چوپپىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى . ھاسىدەك تۇرغان پەرىدەنىڭ بوينى ئالدىغا سەل- پەل ئېگىلگەندەك بولدى . چىرايىنى بىر نەرسىدىن يىرگەنگەندەك پۈرۈشتۈرۈپ قويدى . موماي تېخىچىلا ئەزۋەيلەپ سۆزلىۋاتاتتى : - يامەتجان بالام، بۇدا چوكىنىڭنى ئېلىپ يۇرتقا بېرىپ كەل . يۇرتتا بىر توي بېرىلى . چۇقۇم باسىلا قىزىم ، ئۆز قولام بىلەن كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ بېرىمەن . قېرىغان بىلەن تاماققا ئۇستىمەن قايلىسىلا .

-پات يېقىندا بارالمايمىز ، ئانا. ھازىر شىركەت قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن ، ئىشلار بەك ئالدىراش .
-ھېلىمۇ بامىغىلى نەچچە يىل بوپكەتتى ،بالام، يۇرت-مەلىنىڭ ئالدىدىن بىر ئۆتۈۋېتىپ ئاندىن كېلىپ قۇراسەن ئۇ شىركىتىڭنى .ھە، راست دادىسى ، ھېلىقىنى ئوغلىمىزغا بەرسىلە ...
-ماقۇل، ئېسىم قۇرىسۇن ... بوۋاي قوينىنى ئۇزاق ئاختۇرۇپ ، قوش مۇشت چوڭلۇقىدا تۈگۈلگەن تۈگۈنچەكنى ئالدى . ئاندىن توختىماي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن تۈگۈنچەكنى يەشتى:
- بالام، سېنى ئۆي تۇتقاندا بېرەمىز ، دەپ بىر ئىنەكنى ئاتاپ بېقىپ يۈرەتتۇق . شەھەردە بولمىغۇدەك ،شۇڭا قويلارنى قۇشۇپ سېتىپ ئۆيەڭنى مارەكلەپ ئەكەلدۇق ، ئاز بولسىمۇ ئەلتە مىك كوي ، ئاناڭ ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى . ئىشلىتەرسەن .
يامەتجان سەل -پەل ھاياجانلانغاندەك بۇلۇپ رەڭگىگە قىزىللىق يۈگۈردى :
- بۇنداق قىلمىساڭلار بۇلاتتى ، دادا، ئاۋارە بولاپسىلەر ، پەرىدە ماۋۇنى ئېلىڭ .
باياتىن بېرى ناخۇش بوپ قالغان پەرىدەنىڭ چىرايى سەل-پەل ئېچىلىپ ئېغىزىنىڭ بۈرجىكىدە تەبەسسۇم قىلدى :
- ۋىييەي ، كايىپسىلەرغۇ ، رەھمەت جۇمۇ سىلەرگە .
- ياق ، قىزىم ، بۇ ئۆز رىسقىڭلار .
ئۇغۇل ئايرىمخانا ئىچىدىكى تەڭتۈشلەردىن ، قىزلاردىن ئوڭايسىزلانغاندەك بۇلۇپ ئېغىز ئاچتى :
-دادا، تاماققا چىقايلىما؟
-ماقۇل بالام، توختا قولاڭغا ئېسىلىۋالاي ... بۇ ئۆينىڭ ئاستىغا نىمانداق سىيلىق نەرسە ياتقۇزغانسىلەر ؟  
قىزلار پىخىلداپ كۈلۈشتى . ئۇلار چىقىپ كېتىشىگە كۈلۈش پاراقلاپ كۈلۈشكە ئۆزگەردى :
-ھەي پەرىدە ، قىينتاتاڭ نىمانداق مەتۇ ؟
سەھرالىق دېگەن ھەممىسى شۇنداق .
-گەپلرىنىڭ قوپاللىقىچۇ تېخى ، << ئېرىڭ -چوكىنىڭ >> دەپ ، نېمە دېگەن مەدەنىيەتسىز ؟!
- ئۆي مارىكىڭلارغا ئالتە مىڭ كوي ئەكەلگىنىگە قارىغاندا قىيناتاڭ باي ئوخشىمامدۇ ، پەرىدە؟
- ۋاي نەدىن بىلەي ، ئىۋۇ ، قېرىغان دادام - ئانام بار دەۋاتاتتى ، مەنمۇ بۈگۈن كۆرۈشۈم .
- پۇلنى نىمانداق جىم ئالىسەن ، پەرىدە ؟ مېنىڭ بۇنداق با قىيناتام بۇلىدىغان بولسا << دادىكام ، ئانىكام >> دەپ ئېرىتىۋېتەتتىم !  
-ھا-ھا-ھا-ھا.. !
ئايرىمخانىنى قىز- چوكانلارنىڭ كۈلكىسى بىر ئالدى . پەرىدە پۇلنى بىر يەرلىرىگىچە سالغاچ ، ئاپئاق قول ياغلىق بىلەن قىينانىسى بايام سۆيگەن يەرنى بېسىپ - بېسىپ سۈرتۈشكە باشلىدى .
  

4


رېستۇراننىڭ چوڭ زالى مېھمانغا لىق تولغانىدى . قاتتىق ئۇرۇندۇقتا ھەدەپ قىمشىپ ئولتۇرالمايۋاتقان بىر جۈپ قېرى مېھمانلارنى ئارىلاپ يۈرگەن ئوغلىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ قاراشقىنىچە ئىچ- ئىچىدىن سۆيۈنۈشەتتى . ئوغلىغا ئىچى كۆيگەن بوۋاي گىلدىڭشۋاتقان بېشىنى جىم تۇتۇشقا تىرىشىپ خىيال سۈرەتتى . << ئوغلىمىز پۇلمۇ تېپىپتۇ ، يۈزمۇ تېپپىپتۇ . سالغان ئۆيلىرى ھەم كەڭرى ھەم ياسىداق . مېھمانلىرىمۇ ھەم كۆپ ھەم سالاپەتلىك . مېھمانلىرىغا قارىشىپ بېرىۋاتقان قۇلۇم- قوشنىلىرىمۇ پاكىز، ئۇز بالىلار ئىكەن . ئوغلىمىز راستىنلا چوڭ بوۋىسىنى تارتىپتۇ . بوۋام رەھمەتلىك ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق ئابروي- ئىناۋەتلىك ، كېلىشكەن كىشى ئىدى . باقىھاجىم تېڭىقچى كېلىۋېتىپتۇ دېسە خەقلەر ئۆرە-تۆپە بۇلۇشاتتى . بوۋام رەھمەتلىكنىڭ قولى تەگكەن ھەر قانداق ئېغىر سۇنۇقمۇ ئەيىب- نۇقسانسىز ھەم پات ساقىياتتى . رەھمەتلىك كۆڭلىمۇ ، قولىمۇ ئۇچۇق مېھرىبان ئادەم ئىدى . بىر زاغرا ئۈچۈنمۇ سۇنۇق تاڭاتتى . بىر چاڭگال يېمىش ، بىر چاڭگال جىگدە كۆتۈرۈپ كەلگەنلەرنىمۇ نائۈمىد قويمايتتى . ھېچ نەرسىسى يوق مۇساپىر - غېرىپلارنىمۇ تېڭىپ قۇيىۋېرەتتى . شۇڭا خەقلەر بۇ قۇلى يۇمشاق زاتنى كاتتا ھۆرمەت بىلەن ئۇلۇغلايتتى . << باقىھاجىمنىڭ خانىقاسى >> دېگەن خانىقادا يۇرت- يۇرتتىن كەلگەن سۇنۇق مۇساپىرلار تۇشۇپ كېتەتتى . رەھمەتلىك ئاللارنىڭ ئىلتىپاتى يول بەرگەن شىپالىق قۇلىنىڭ بەرىكىتىدىن بېيىپ ئەل يۇرتقا خانىقا - مەدرىسلەرنى سالغۇزغان كىشى ئىدى . ئاتام رەھمەتلىكنىڭمۇ بالا ۋاقتىدا مەككىگە ئاپىرىپ ھەج قىلدۇرۇپ كەلگەن . ئىلاھىم ، ئاللا ئىگەم ئوغلىمىزغىمۇ چوڭ بوۋىسىغا بەرگەن كەرىمىي - ھۆرمەتنى ئاتا قىلغاي ...>>
قاياقتىندۇر توۋلانغان ئالىتاغىل ناخشا ئاۋازى بوۋاينىڭ خىيالىنى ئۈزۈۋەتتى . بىر مەست يېنىدىكىلەرنىڭ چاۋاك چېلىپ جۆر بۇلۇشى بىلەن كېكىردىكى يىرتىلغاندەك ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى :
سەنمۇ باردىڭ ئايەمگە ،  
مەنمۇ باردىم ئايەمگە.
ئاشنام بىلەن ئوينىسام ،
ئەرز قىلاتتىڭ پايەنگە...
ناخشىغا ئۇلىشىپلا ئۆچكە مەرىگەندەك ۋارقىراشلار ، ئىسقىرتىش ، قىقاس- سۈرەنلەر قۇشۇلۇپ زالنىڭ ئۆگزىسى ئېچىلىپ كەتكۈدەك لەرزىگە كېلەتتى . ئۇ ياقتا نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمىگەن بوۋاي بىلەن موماي بۇيۇنلىرىنى سۇزۇپ قىزىقسىنىپ قارايتتى . بوشلۇقتا نەپەس قىسقان تاماكا ئىسلىرى لەيلەيتتى . ئاياللارنىڭ ئەتىرلىرى ، تاماكا ھېدى ، ھاراقنىڭ پۇرىقى قۇشۇلۇپ بوۋاي بىلەن موماينىڭ مەيدىسىنى غىژىلدىتىپ قىينايتتى .
كۈن كەچكە قىستىغاندا مېھمانلار بىردىن - ئىككىدىن تارقاپ زال بوشىدى . ئوغلى بىلەن كېلىنى مېھمانلارنى ئۇزىتىپ بۇلۇپ خېلى ئۇزاق  ھايال بۇلۇپ كىرگەندە بوۋاي بىلەن موماي بىر بۇلۇڭدا يالغۇز مۈگدىشىپ ئولتۇراتتى .زالنىڭ بۇلۇڭىدا بوۋاي - موماي ئەكەلگەن يوتقان -كۆرپىلەرگە قۇشۇلۇپ سوۋغاتلار دۆۋلىنىپ تۇراتتى كۈتكۈچى قىزلار جوزىلاردىكى ئاشقان تاماقلارنى بىر چىلەككە پولدۇڭشىتىپ تۆكۈپ يۈرەتتى . يامەتجان بىر چەتتە ئولتۇرۇپ قالايمىقان قاتلانغان كونۋىرىت لىپاپىلارنى رەتلەۋاتقان پەرىدەنىڭ يېنىغا بېرىپ :
- ماۋۇ نەرسىلەرنى يۆتكەشكە ماشىنا ئۇقۇشۇپ چىرەيما ؟- دېدى .
-ھەئە . تىز بولاڭ ،- دېدى پەرىدە ئارقىسىغىمۇ قارىماستىن .

- ھە راست داداملارنى ...
پەرىدە يامەتجان تەرەپكە سەل تولغۇشۇپ بۇرۇلۇپ بوش ئاۋازدا سورىدى :
ئۇلار كېتەمدۇ ، تۇرامدۇ ؟  
- قانداق قىلىدىكىن .
- سوراپ بېقىڭە بېرىپ .
- دادا، بىزنىڭ ئۆيدە بىرەر كۈن تۇرارسەن ؟
- رەھمەت بالام ، بىزنى يولغا سېپقويساڭلار بولامدىكىن . مەھەللە - كويلاردا يۈرۈپ ئۆگىنىپ قاپتۇق . شەھەرنىڭ ئۆيلىرى توڭ ياتقۇزغان ئوسىلىقتەك غىلتا - غىلتاڭ بۇلىدىكەن ، قېرىغاندا ...
- مۇشۇنداق كېتەمىسلەر ؟ ئۆيلەرنى كۆرەپ ...
- ھەي يامەتجان ، تېلىفون !
يامەتجان كۆزلىرىنى ئالايتىپ ئەنىسز چاقىرغان پەرىدەنىڭ يېنىغا كەتتى . پەرىدە يەر تېگىدىن ھۆمىيىپ قۇيۇپ قۇلىدىكى يانفوننى تەڭلىدى .
- ھە ، ئابدۇسالاممۇ ؟ ھە ئاداش، تەييار بولاپقالغانتۇق . پەرىدەمۇ ئەمدى ساڭا تېلىفون قىلايلى دەۋاتقان .... ماقۇل، كېلىپ شاققىدە يۆتكىشىپ بېرە ئەمىسە . پەرىدە بىلەن يولاڭلارغا قارايمىز جۇما.
يامەتجان يانفوننى ئېتىپ پەرىدەگە ئۇزاتتى . پەرىدە قوپال لېكىن بوش ئاۋازدا سورىدى :  
- ئاتا- ئانىڭىز كېتەمدىكەن ، تۇرامدىكەن ؟
-ئۇلارغا كەتسەك بۇلامدىكىن دەيدۇ ....
- ئەمىسە يولغا سېپقۇياڭ .كەچ بولاپكەتسە بېكەتتە ماشىنا قالمايدا .
-بىراق، ئاران بىژ كەلگەندە ئۆيىمىزنى كۆرەپ كەتسە بولىتتى ،- يامەتجان پەرىدەنىڭ چىرايىغا قاراپ سەل دۇدۇقلىدى ،- مۇشۇنداقلا يولغا سېلىپ قويساق ...
- ۋىييەي ،كۆرمىگەنگە نىمە بولىتتى ، پەشتاقتىن چىقىپ - چۈشەلمەي ئىنجىقلايدا ھېلى!  
- بىراق ، ئۆيىمىزنى بىلمىسە ....
- پۇرسەت تېخى كۆپقۇ ؟ ئەتە- ئۆگۈن بالىمىز تۇغۇلسا ئېككىلىۋالامىز .
- شۇنداق قىلامدۇق .  
-ھەئە.
- مەيلى ئەمىسە، مەن ئۇلارنى يولغا سېپقۇياپ چىرەي .
- تىزرەك بولاسىز ، ئەزمىڭىزنى ئېزىپ يۈرمەي .
يامەتجان دادىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دۇدۇقلاپ سورىدى :
- شۇنداق قىلىپ ..... تۇرمامسىلە دادا؟
- كېتىلى بالام . شەھەرنىڭ ھاۋاسى مەيدەمگە ياقمايدىكەن . مال - ۋارانلار ئاچ قالىدا .  
- ئەمىسە سىلەرنى يولغا سېپ قۇياي  دادا .
- شۇنداق قىل بالام. توختا، قولاڭنى تۇتىۋالاي ، ئۆتۈكۈمنىڭ ناھىلى ...  
بوۋاي ئوغلىنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدى .ئۈچەيلەن قاتار بۇلۇپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى . پەرىدەنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتكەندە توختاپ ، موماي دوڭغايغان بېلىنى رۇسلىغىنىچە كېلىنىگە تەبەسسۇم قىلدى :
- خوش، ئالتۇن قىزىم ، ئامان بولسىلا . ئەتە-  ئۆگۈن ۋاقىت چىقىرىپ يۇرتقا بېرىڭلار . يۇرت - مەھەللىمۇ گېپىڭلارنى بەك قىلىدۇ ، ئىگەكىم .
- بارىمىز ، مېڭىشاملا؟ ماقۇل ئەمىسە ،- دېدى پەرىدە بېشىنى سۇس لىڭشىتىپ .
- خوش قىزىم ، خۇدايىمغا ئامانەت !



5


مىنبۇسنى توشقۇزالماي ئالدى - كەينىگە ئايلاندۇرۇپ يۈرگەن شوپۇر يوغان بىرنى ئەسنەپ ئېغىز ئاچتى :
- قارىمكا ، ماشىنا توشمىدى . بۈگۈن مۇشۇ شەھەردە قونىمەن .
- ھە؟ ئانداقتا ....
- سىلەر چۈشۈپ كېتىڭلار ، مەن ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىگە چىرىپ كېتىمەن .  
- بايا چىقىپ بولاپتىمىز ئۇكام . ئۇنداق قىلمىسىلا .
- بىراق ماشىنا توشمىسا ماڭالمايمىز- دە.
- قايلىسىلا ئۇكام، يۈك يېنىك بولسا قىينالماي ماڭالا؟
- يۈك يېنىك بولسا چۆنتەكمۇ يېنىك بۇلىدۇ ، موللىكا .
- ئەمىسەقانداق قىلارمىز ؟  
- يا بوممىسا ،- شوپۇر گەدىنىنى كارت- كارت قاشلىدى ،- قالغان بەش ئۇرۇننىڭ  پۇلىنى قۇشۇپ تۆلىۋەتسىلە ئاپىرىۋېتەي .  
- بۇ...
- مەيلى دېسىلە دادىسى ، ئۆيگە يېتىۋالايلى ئىگەكىم .
- بولاپتا ھەيدىسىلە .
ماشىنا قوزغالدى .
شەھەردىن يىراقلاشقانسېرى بوۋاي بىلەن موماينىڭ چىرايىغا قان يۈگۈرۈپ ، مەيدىسىكى غىژ- غىژلارمۇ يوقالغاندەك بولدى . كۆڭلى ئاينىغاندەك بۇلۇپ جىمىپلا كەتكەن موماينىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ گەپكە كىرىىشپ قالدى :  
- ئوغلىمىز ئۆيىنى ھەجەپ ياساپتۇ ھە، دادىسى ؟
- شۇ ، تاپقان پۇلى بېقىنىغا گۈس- گۈس ئۈسكەن گەپ ئۇ گۇينىڭ ! ھى -ھى- ھى .
- كېلىنىمىزنى دېمەملا دادىسى ، ئايپەرىنىڭ ئۆزى خۇددى . ئوغلىمىزنىڭ چوكاندىن تەلىيى بار ئىكەن ، كىچىكىدە كۆزىنى قىيا ئۇچۇق قۇيۇپ ئۇخلايتتى زادى .
كۆزى ئۇچۇق ئۇخلىسا نىمە بۇلىدۇ ؟
- پەرىشتىلەرنىڭ نەزىرى چۈشىدۇ . خۇتۇنىنى چىرايلىق بۇلىدا .  
- ئۇنداقتا مەنمۇ كۆزۈم ئۇچۇق ئۇخلايمەنكەنتۇق . نېمىشقا ؟...
- ھە؟ نىمە بۇلاپتۇ ؟! مەنمۇ ياش چېغىمدا كېلىنىمىزدەك ئۇز ئىدىم . ئەمدى دوڭغاي بولاپقالدىم شۇ ، ئىگەكىم .
- ھى- ھى -ھى !...
بوۋاي كارنىيى ئىسقىرىتقاندەك خىرىلداپ كۈلدى . مومايمۇ ياغلىقىنى ئالدىغا تارتىپ قۇيۇپ سۆزىنى ئۇلىدى :  
- شەھەرنىڭ قىزلىرى ھەجەپ چىرايلىق بۇلىدىكەن . كېلىنىمىزنىڭ قاملاشقان بۇيىنى دەيمەن . لەپ-لەپ-لەپ -لەپ ماڭسا ياش ۋاقتىم يادىمغا كېپقالدى ، ئىگەكىم .
- شۇڭا مۆرىمەي شۈك بوپقاپسەندە ؟
- ياق ، كۆڭلۈم ئاينىپ بىر قىسما بولاپقالدىم . بوممىسا كېلىنىم بىلەن بىر كېچە بىللە يېتىپ قانغۇچە مۇڭدىشاتتىم . قىز بەرمىگەن خۇدايىم قىزىمدەك مەرى ئىسسىق كېلىننى بېرىپتۇ . چېچىنى ياش ۋاقتىمدىكىدەك قىرىق تال ئۆرۈپ قويسام ھاردۇقۇم چىقاتتى ! ئىگەكىم .
-ئوغلىمىز بۇدا ئۆيگە بارسا شۇنداق قىپ قوي.
-ئەلۋەتتە . ئۇنىڭ چېچىنى مەن ئۆرىسەم تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كېتىدۇ . ئۇ تۇغسا نەۋرەمنى ئۆزۈم باقىمەن ! ئىگەكىم .
- ساقىلىمنى تارتىپ بوزەك ئېتىدىغان گۇيدىن بىرنى تۇغىدۇ تازا.ھى- ھى -ھى !
- گۇي ئەمەس دادىسى ، خېنىم تۇغىدۇ !
- خۇدايىم بۇيرىسا دە.
- خۇدايىم بۇيرىسا ئىگەكىم .


6


سېكىلەك ۋاقتىدىن تارتىپ جاپاكەش، ئىشقا پىششىق ئادەتلەنگەن موماي پەقەت جىم تۇرمايتتى . زىرائەتلەرنى ئوتايتتى ، ھەتتا ئېرىق قىرلىرىدىن تارتىپ ئۇستىرا بىلەن قىرغاندەك پاك- پاكىز قىلىۋېتەتتى . موماينىڭ بىكار تۇرۇپ قالسا ئىچى پۇشاتتى . دائىم بىكار قالسىلا خەقلەر قالاش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىلىرىغا دۆۋىلەپ قويغان كېۋەز شادىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنگەنچە قاچانلاردۇر ئۇنتۇلۇپ قالغان ، چالا ھىڭگىيىپ ئېچىلىپ قالغان غوزەكلەردىكى پاختىلارنى مىتىلداپ ئولتۇرۇپ تېرەتتى. مەھەللىدىكى چوكانلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي ياكى خوش ياقماي قېپقالغان غوزەكلەردىكى پاختىلار موماينىڭ قولىغا ئوڭايلا چىقاتتى .ھەمساتتا ئېتەك توشقان غوزا پاختىسىنى كۆتىرىپ ، ئۇزاق يۈكۈنۈپ ئۇيۇشقان پۇتلىرىنى سۆرەپ دوڭغايغىنىچە ئۆيگە كىرەتتى . كېچىلىرى جىنچىراغنىڭ يۇرۇقىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ غوزا پاختىلىرىنى تىتىپ چىگىتتىن ئايرىيتتى . ئاندىن پاختىنى پىلىكلەپ يىك چوكىسىغا ئوراپ ، بىر ئۇچىنى پىرقىرغۇچقا چېگىپ چاققان - چاققان پىرقىرىتىپ يىپ ئىگىرەتتى . يىپلارنى توپتك يۇمىلاق ئورايتتى . ئەتە-كەچلىرى قوينىغا مونەك يىپلارنى سېلىۋېلىپ دوڭغايغىنىچە بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ قايسىدۇر  بىر ھەقەمسايىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلەتتى-دە، يۇمشاق پاراڭ بىلەن يىرتىق- تۆشۈك كىگىز -پالاس ، شىرداقلارنى ياماشقا باشلايتتى. مەھەللە - كويلۇقلار ئۇنىڭغا كۆنۈك ئىدى . موماي يەرنى سۆيگىدەك دوڭغىيىپ ، بىر قولىنى بېلىگە قۇيۇپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق گىدىڭشىپ ئۆزىگە -  ئۆزى سۆزلەپ كىرىپ ئولتۇرسا ، يىرتىق - تۆشۈكلەر ئۇنىڭ ئالدىغا ئاچىقىپ قۇيۇلاتتى . دائىملا قارىسا قوينىدا قايچا ، جۇۋالدۇرۇز ، يىپ-يىڭنىلىرى تەييار تۇرىدىغان موماي قاچانلاردۇر بۇلۇپ ئۆتكەن ياكى ئاڭلىغان، تولا ئېيتىلىپ تەكرارلىنىپ خەقكىمۇ يادا بوپ كەتكەن << ئىمىش >> لەرنى يېڭىۋاشتىن باشلىغىنىچە ئىشقا چۈشۈپ كېتەتتى . ئۆي ئىگىلىرى موماينىڭ كۆڭلى ئۈچۈن نەچچە ئاڭلاپ كونا بوپكەتكەن پاراڭلارغا <<ھە-ھە>> دەپ قۇلاق سېلىپ بەرگەن بۇلاتتى .مومايمۇ باشقىلارنىڭ ئۆز پارىڭىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىغىنىغا سۆيۈنۈپ قانچە قانچە سائەتلەپ دوڭغىيىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قۇمدەك پارىڭىنى داۋاملاشتۇرغانچە بىر مۇنچە يىرتىق - تۆشۈكنى ياماپ پۈتكۈزۋېتەتتى .يىڭنە- قايچا تۇتۇشقا قېرىق چوكانلار ، ھەتتا ئېشىكىنىڭ ئۇچۇلۇقلىرى يىرتىلىپ كەتكەنلەرمۇ ئىشلىرى يىغىلىپ قالسلا موماينىڭ يېنىغا چىقاتتى -دە:
- خانئايلا ، بىزنىڭ ئۆيلەرگە چىرىپ بىژدەم ئولتوراپ چىقالا ،- دەپ قوياتتى . موماي شۇ ھامان لازىمەتلىك نەرسىلىرىنى تەقلەپ ، شۇ يەردە ھازىر بۇلاتتى .
يېقىندىن بۇيان موماي خەقلەرنىڭ ئۆيىدە بىر ئىش قىلسا كۆپ سۆزلىمەيدىغان بوپقالدى . شۈك ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ، پات-پات كالتە يۆتىلىدىغان ، ئېغىر ئۇھ تارتىدىغان ، مەيدىسى چىڭقىلىپ ھۆمۈدەيدىغان ،بىر ئولتۇرغىنىچە ئۇزاقراق ئىشلىيەلمەيدىغان بوپقالدى .
موماي ئۆز ئەھۋالىنى ياخشى ئەمەس دەپ بىلەتتى، ياش بىر يەرگە بارغاندىن كىيىن ئاغرىق سىلاق قەدەمنى قىسقارتىپ ، ئىش- ئوقەت ، بەرىكەتنى كېمەيتىپ ، رىسقىنى ئازلىتىپ ئاندىن ئىگىسى ئالىدىغان ئامانەتنى ئالىدۇ دەپ ئويلايتتى . شۇڭا ئۇ يەر - بۇ يېرى ئاغرىسا << ئامانەتنىڭ ئالامىتى >> دەيتتى. <<ئۇھ!>> دېسە كۈچ- ماغدۇرى ئېغىزىدىكى ھور بىلەن چىقىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتى . ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ئويلىسا، كۆڭلى يېرىم بۇلاتتى . ئۆتكەندە ئۆي مارەكتە بىې قېتىملا كۆرگەن كېلىنىنى يەنە بىر كۆرگىسى ، كېچىچە مۇڭدىشىپ چىققۇسى كېلەتتى . تىزرەك نەۋرە يۈزى كۆرۈشنى تىلەيتتى . ئاشۇ ئۆي مارەكتىن بۇيان ئۆيگە تېخىچە كېلىپ باقمىغان ئوغلىدىن تۇرۇپ ئاغرىنغۇسى كېلەتتى . تۇرۇپ ئوغلىنى يەنە سېغىناتتى . شەھەرگە بارغان خەقلەردىن گەپ ئەۋەتىپ بىر قېتىم كېلىپ كېتىشنى نەچچە ئۆتۈندى. خەقلەردىن ئاڭلىشىغا قارىغاندا ، ئوغلى قانداقتۇر بىر شىركەتنى قۇرۇپتىمىش . قوڭىدا چەتئەل دېگەن يەرنىڭ ئېسىل پىكاپى بارمىش ، دائىم ئالدىراشمىش.
ئىچ مىجەز موماي دائىم چاندۇرماي يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ كەتتى . بارا- بارا خەقلەرنىڭ يىرتىق- تۆشۈكىگىمۇ چىقالمايدىغان بولدى . نەپىسى قىيىنلىشىپ ، مەيدىسىدە خالاپ - خالاپ پەيدا بولدى . بىر يۆتەل تۇتسا بىر ئاش پىشىم قېقىلىدىغان بولدى . دېمى كېسىلىپ ھاسىرايتتى . كېكىردىكى خىرىلدايتتى. يۈكۈنگەن پېتى دۈم بۇلۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يەر تىڭشايتتى ، ھەتتا قازان بېشىغىمۇ ئۆتەلمەي ئىسسقسىز قالدى . ھەر نېمە بولسا بوۋاينىڭ قولى ئەپلىك ئىدى . قۇم چۆگۈندە چاي قايناتقاچ سېرىق قوناقنىڭ ئۇنىدا خىمىر يۇغۇرۇپ كۆمەچ پىشۇراتتى . سىڭىپ پىشقان كۆمەچلەرنى غېدىر تاۋاققا چىلاپ ئېزىپ ئىچۈرەتتى.
موماي تەرىتىگىمۇ تەستە چىقاتتى . قەدىناس بوۋاي ئۇنىڭ جىلىتكىسىنى يېپىنچاقلىتىپ ، ئۆزىنىڭ گىرۋەكلىرى قىرىلىپ كەتكەن قارا كۆرپە تۇمىقىنى كىيدۈرۈپ ، تېخىمۇ دوڭغىيىپ ھالىدىن كەتكەن موماينى لەڭپۇڭدەك تىترەپ مېڭىپ تەرىتىگە ئاچىقاتتى .
بىر كۈنى موماي قاتتىق يۆتىلىۋېتىپ ، تەكىيە بېشىغا قۇيۇپ قۇيۇلغان پۇچۇق ساپال تاۋاققا قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈردى. بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرگەن بوۋاي چاقلىرى قېيىپ، غىچىرلاشلىرى قۇلاق- مېڭىنى يەيدىغان ئەبجەق ئېشەك ھارۋىسىغا موماينى چىقىرىپ يېزىنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى . قۇلاق تىڭشىغۇچتىن ئالىيران سايمىنى بولمىغان قۇرۇق يۈز، دىقماق بويلۇق دوختۇر موماينى بىر ھازا تەكشۈرۈپ ، موماينىڭ چىرايىغا  ئۇزاق قاراپ ئېغىز ئاچتى :
- ئۆپكىدە دەرد ئېغىر ، چوڭراق  ئۇستامغا ئاپارسىلا قارىكا، بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيدا.
بوۋاي ئېغىر غەم -غۇسسە ئىلكىدە قايىتپ چىقتى . پات- پات قەدىنىسىنىڭ ئاقىرىپ- تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ، ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن مىسىلداپ كېتىۋاتقان ئىشەك ھارۋىسىنى يانداپ، قوللىرىنى قۇۋۇشتۇرغىنىچە مۈكچىيىپ كىلەتتى . موماي بولسا كاتاڭ يولدا جاقىلداپ كېتىۋاتقان ئەسكى ھارۋىدا خېمىردەك بوشىشىپ ياتاتتى . بوۋاي ئېغىلغا كىردى . يېقىندىن بۇيان مېھرىبان ئىگىسىنىڭ قولىدىن چۆپ يېمىگەن ئىككى ئۆچكە تۈكلىرى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قۇتۇر بېسىپ ۋاقىرىشاتتى . ئوغلىنىڭ ئۆي مارىكى ئۈچۈن سېتىۋېتىلگەن ئىنەكنىڭ ئۇقۇرىغا ئۆمۈچۈك تور باغلاپ كەتكەنىدى .
بوۋاي بېشىنى تۆۋەن سالدى. ئوغلى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شەھەردە چوڭ تىجارەت قىلىمەن دەپ ساتار- ساتقۇلۇقنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەندىن بۇيان ئۆيدە قولغا چىققۇدەك نەرسىنىڭ تايىنى قالمىغاندەك قىلاتتى . بوۋاي قانداق قىلىشنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدى . قازناق ئۆيدىكى بىر - ئىككى قاپ بۇغداي ، ئاتىسىدىن مىراس قالغان كونا ئات جابدۇقلىرى ، بىر كونا ساپاندىن بۆلەك كۆزگە ئۇرۇنغىدەك نەرسە قالمىغانىدى . خېلىغىچە ئويلىنىپ بېشى قاتقان بوۋاي تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەلىم بايۋەتچىدىن ئوغلىغا گەپ ئەۋەتتى : ئاناڭنىڭ مىجەزى يوق ئىكەن ، ئۆيگە كېلىپ كەتسۇن ، چوڭراق دوختۇرغا ئاپىرىدىغان ئوخشايمىز ، پۇل ئالغاچ كەلسۇن دېدى دېسىلە،دېدى. موماينىڭ قان تۈكۈرگىنىنى دېمىدى . كېسلى ئېغىرمۇ ئەمەس ، سېنى سېغىنىپ قاپتىكەن دېسىلە، بوممىسا ئەنسىرەپ قالىدۇ ،دەپ قۇشۇپ قويدى . شۇنداق قىلىپ ھەممە ئۈمىدىنى ئوغلىغا باغلاپ ئولتۇرغاندا ، شەھەردىن قايتقان ھەلىم بايۋەتچى بوۋاينىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى ، بىراق كېلىنىگە تاپىلاپ قۇيۇپ  كەلگىنىنى ئېيتىپ كەلدى . ئوغلى قايسىدۇر بىر چوڭ شەھەرگە ئۆتكۈزۈلىدىغان كارخانىچىلار يىغىنى دەمدۇ ، بىر ئىش بىلەن ئالدىراشمىش . يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن كېلەرمىش.
كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ ،ئۇرۇقلاپ جەينەكتەك بوپقالغان جۆرىسگە قاراپ ئىچى سىيرىلغان بوۋاي ئوغلىنىڭ ئۆيىدە بۇلىدىغان كۈنىنى مۆلچەرلەپ ،ئۆيىدىكى ئۆچكىلەرنى ، چاشقانلار يېرىمدىتىپ قويغان ئىككى قاپ بۇغداي ۋە سۇيۇلماي قۇرۇغان بىر تال ئاچا تۈۋرۈكنى مەھەللىدىكى ئابدۇكېرەم توشقانغا ئەرزانلا ساتتى-دە، موماينى ئېلىپ ئوغلىنىڭ ئۆيىگە جۆنىدى . شەھەرگە بېرىۋالساملا قالغىنىغا ئوغلىمىز ئامال قىلىدۇ دەپ ئويلايتتى بوۋاي.


7


بېكەتكە چۈشۈپلا بېشىنى چۆرگىلىتىپ قۇيۇپ بەرگەندەك بوپقالغان بوۋاي موماينى يۆلىگىنىچە قاياققا مېڭىشنى بىلمەي تۇرغاندا يەر بىلەن تەڭ ماڭىدىغان بىر قىزىل بىكاپ ئۇلارنى يانداپ توختىدى .
-ھاجىم ، نەگە بېرىشىلا ؟
-ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە ،- دېدى بوۋاي كىراكەش يىگىت كۆزىگەئىسىىق كۆرۈنۈپ .
-چىقىشسىلا ، مەن ئاپىرىپ قۇياي .
بوۋاي ھاسىراپ-ھۆمىدەپ موماينى مىڭ تەسلىكتە پىكاپقا يۆلەپ چىقاردى . ئاندىن ئۆزىمۇ ئۆمىلەپ يۈرۈپ جايلىشىۋالغاندىن كىيىن شوپۇر ئالدىدىكى باھا تاختىسى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قۇيۇپ :
-ھاجىمكا ئوغاللىرىنىڭ ئۆيى قاياقتا ؟- دەپ سورىدى.
بوۋاي ئېسىدە تۇتۇۋالغىنى بۇيىچە شۇپۇرغا بارار يېرىنى سۈرەتلەپ بەردى .پىكاپ سىلىق قوزغالدى .
شوپۇر بوۋاينىڭ كۆرسەتكەن بەلگىلىرىگە قاراپ ئاستا كېتىۋاتاتتى . بوۋاي بېشىغا چوڭ كېلىپ توختىمايۋاتقان قارا كۆرپە تۇمىقىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ، خېلىدىن بېرى ئۇستىرا تەگمەي ئۆسۈپ قالغان ئاقچاچ بېشىنى قاشلىغىنىچە تۇنۇش ئۇرۇننى ئىزدەۋاتتى .
-ئەنە، كەلدۇق ، ئۇستام.
شۇپۇر يولنىڭ چېتىگە چىقىپ توختىدى . بوۋاي قوينىدىن تۈگۈنچەكنى ئېلىۋېتىپ سورىدى :
-نەچچە پۇل بېرىمەن ،ئۇستام ؟
-ئەللىك يۇەن ،- دېدى شۇپۇر بالا مىت قىلماي .
-قىژمەتكەنغۇ ؟ -دېدى بوۋاۇ سەل تەمتىرەپ.
-ماۋۇ باھا تاختىسىغا چىققاننى ئالىمىز ، ھاجىمكا ،- دېدى شوپۇر بوۋاينىڭ قولىدىكى تۈگۈنچەككە كۆز قۇيرۇقىدا قاراپ قۇيۇپ.
ئۇ بوۋاي سۇنغان ئەللىك يۈەننى موك ئالغاندىن كىيىن ، بوۋاينىڭ << رەھمەت ئۇستام >> دېيىشلىرىگىمۇ جاۋاپ قايتۇرماستىن قوڭغۇزدەك ئەگىپ كېتىپ قالدى .
<< تۇلۇن ئاي >> رېستۇرانىنىڭ ئىشىكىدە كىشىلەر ئاۋالقىدەكلا كىرىپ چىقىپ تۇراتتى ، چاقچاق قىلىشاتتى ، كۈلىشەتتى ، موتىشاتتى ، دەلدەڭشەيتتى ،قۇسۇشاتتى ...
بوۋاي تۇنۇش ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ مومايغا  قارىدى :
-مانا كەلدۇق ئانىسى ، ئوغلىمىز يەنە مېھمان چاقىرغان چېغى .
موماي ئۈندىمەي قانسىز لەۋلىرىنى قىمىرلىتىپ قويدى ، گەۋدىسى تېخىمۇ دوڭغىيىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى . تۇلا ئېگىز-پەس بۇلۇپ تارتىشىپ قالغان كىر ياغلىقى ئاستىدىن تارالمىغىلى ئۇزاق بولغان كۈمۈشرەڭ چېچى پاخپىيىپ كۆرۈنەتتى . بوۋاينىڭ بىر جۈپ بېلىكى موماينىڭ دوڭغايغان بېلىدىن كۆتىرىپ دېگۈدەك يۆلەپ تۇراتتى .
-چىرەيلى ،- دېدى بوۋاي ،- چىڭ دەسسىگىن ، بولمىسا تېيىلىپ كېتىدىكەنمىز .
بوۋاي بۇ قېتىم ناھالسىز ئۆتۈك كىيىۋېلىشنى ئۇنتۇمىغانىدى . تاساددىبىي كېلىن بالىنى يەنە يىقىتىپ قويسا سەت ئەمەسمۇ .
ئۇلار لەڭپۇڭدەك تىترەپ ، بىر-بىرىنى يۆلىشىپ ئەينەك ئىشىكنى ئالدىغا ئىتتىرىشتى . بىراق پۇرشىنلىق ئىشىك قانىتىغا كۈچى يەتمەي قىينىلىپ تۇرغاندا بىر قىز كېلىپ ئىشىكنى يېرىم ئېچىپ بېشىنى چىقاردى :
-بىر كىمنى ئىزدىشەملا ؟
بوۋاي ھاڭ تاڭ بولدى . بۇ قانداق ئىش ئۆزى ! ئوغلى يەنە كۆرۈنمەيدۇ . بوۋاي ھار ئالغاندەك خاپا بولدى . نېمىشقا بۇ ئۆيدە ئۇنى دائىم يات خەقلەر سۇراق قىلىدۇ ؟ بوۋاي تىنىمسىز گىلدىشىۋاتقان بېشىنى جىم تۇرغۇزۇشقا تىرىىشپ ئاستاغىنە دېدى :
- بىر كىمنى ئىزدىمەيمىز ، بىز مۇشۇ ئۆيگە كەگەن . ئىشكنى ئېچىپ بەرسىلە بولاپتىكەن .
قىزنىڭ چىرايلىق قاشلىرى ھىمىرىلىپ ، قاپىقى تۈرۈلدى :  
-سىلىنىڭ بۇ يەردە ئىشلىرى يوق ، باشقا جايغا بېرىشسىلا !
قىز قوپاللىق بىلەن ئىشىكنى ياپتى . بوۋاي چۆچۈپ ئارقىسىغا داجىدى .
<< توۋا خۇدايىم ، بۇ ئوغلىمىز قانداق بولاپقالدى ؟ مۇشۇنداق بىئەدەپ ، يۇسۇنسىز ئادەملەر بىلەن ئىزدىشىپ ، قوشنا بۇلۇپ ئولتۇرامدىغاندۇ ؟>> بوۋاي سەل ئويلىنىپ قالدى .
<<شەھەرلىكلەرنىڭ قائىدە -يۇسۇنى ئوخشىمايدۇ دەيدۇ . مۇشۇلارنىڭ قائىدىسى بۇيىچە سۇراپ باقاي .>>
بوۋاي ئىشىكنى بوش تاقىلداتتى . ھېلىقى قىز خاپا بولغان ھالەتتە يەنە چىقتى .
-ئىشكنى تۇسۇشمىسىلا ، مېھمان كىرىدۇ !
-مانداغ گەپ ئىدى بالام ، بىز مۇشۇ ئۆيدىكى بالىنىڭ تۇغقىنى ،- دېدى بوۋاي ئالدىراپ -تېنەپ قىزغا چۈشەندۈرۈپ .
- مۇشۇ يەردە توختاپ تۇرۇشسىلا . خوجايىننى چاقىراي ،- دېدى قىز بوۋاينىڭ چوققىسىدىن تاپىنىغىچە يېنىشلاپ سەپسېلىپ قاراپ .  
<< خوجايىن دەيدىيا ما قىز . ئوغلىمىزنى شۇنداق ئاتىغىنىمىدۇ ؟>>
بوۋاي خاپا بولدى . ئىككى -تۆت تەڭگە پۇل تېپىپلا خوجايىن بوپ كەتتىمۇ بۇ بالا . نېمىدىگەن سەت ئاتاق بۇ ؟ بىر كىمگە خوجايىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەل ئەمەس ئىدى . ئۆز ۋاقتىدا رەھمەتلىك بوۋىسى باقىھاجىم تېڭىقچىنى خەقلەر << غوجام >> دېسە بەكمۇ خاپا بۇلاتتى . مەن بىر كىمنىڭ غوجىسى ئەمەس ! مەن دېگەن باقى تېڭىقچى ! بۇدا يەنە غوجام دەپقالساڭلار سۇنۇقۇڭلارنى تاڭمايمەن . غوجاڭلارنى تېپىپ تاڭدۇرۋېلىڭلار ! دەيتتى . قارا ماۋۇ چەۋرىسىنى ، پۇلۇم بار دەپ خۇجايىن بوپكېىتپتۇ ! بومماپتۇ ، رەسمىي ئولتۇرۇپ نەسىھەت قىلىپ قويمىسا شەھەردە ئاينىپ كەتكۈدەك !...
بوۋاي ئۆيگە تەكلىپ قىلىنماي سىرتتا قالدۇرۇپ قۇيۇلغىنىغا ھار ئېلىپ تۇرغاندا ، ئىشىكتىن قۇرسىقى ئاران پاتقان خام سېمىز ئادەم چاچراپ چىققاندەك قارايدىغان پالكۆزلىرىنى بوۋايغا تىكتى :
-ھە، نىمە دەيلا ؟
-بىز... بىز ئوغلىمىزنى ئىزدەپ كەگەن....
- بۇ يەردە ئوغاللىرى يوق .
بوۋاي داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى .  
- قايلىسىلا ئۇكام ، بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى مېنىڭ ....
-بۇ ، ئۆي ئەمەس ئاكا، رېستۇران ! مېڭىشسىلا -مېڭىشىسلا !
خام سېمىز ئادەم كىرىپ كەتتى . بوۋاي ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى . نىمە ئالامەت بۇ! قاراپ تۇرۇپ ئىشىكتىنمۇ كىرەلمىگىنى نېمىسى ؟!...
موماي مۈكچىيىپلا قالدى . ئۇنى يۆلەپ تۇرغان بوۋاينىڭ قوللىرىمۇ تېلىپ كەتتى . بۇلۇنغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ جىم بۇلۇپ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى . بۇرنىدىن ، كۆزىدىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇراتتى .

8

چىراغلار ئاپپاق يۇرۇتۇپ تۇرغان يوللاردا ماشنىلار ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشەتتى . ئەينەك ئىشكنىڭ يېنىدا مومىيىنى يۆلەشتۈرۈپ ئولتۇرغان بوۋاي قايسى ۋاقىت بولغىنىنى بىلىش ئۈچۈن ئاسمانغا قارىۋېدى ، يەر ئاق ، ئاسمان قارا گۈمبەز بۇلۇپ كۆرۈنۈپ بىر تال يۇلتۇزنىمۇ پەرق ئېتەلمىدى . بوۋاينىڭ بۈگۈنكى شام ، خۇپتەن نامازلىرىمۇ قازا بوپكەتتى . ئوغلى بىلەن كۆرۈشەلمەي ئىچى تىتىلداپ ، بېشى چىڭقىلىپ كەتتى . ئوغلىنى چىقىپ قالارمۇ دەپ پات-پات بۇرۇلۇپ ئىشىككە قاراۋېرىپ بوينىمۇ تېلىپ كەتتى . بايىقى خام سېمىزنىڭ قوپال مۇئامىلىسى ئۇنىڭ جان- جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى . تۇرۇپلا تېرىكسە ، تۇرۇپلا غېرىپسىناتتى . پۇلى جىق ئادەم شۇنداق بوپقالامدىغاندۇ دەپ ئويلايتتى ئۇ. ئۇنداقتا ئوغلىمۇ مۇشۇنداق بوپقالغانمىدۇ ؟ بوۋاينىڭ ئەزايى- بەدىنى تىترەپ كەتتى . ئەگەر ئۇ شۇنداق بوپقالسا ....ياق، بولمايدۇ. چوڭ بوۋىسنىڭ روھى قۇرۇنۇپ قالىدۇ . ئۆز ۋاقتىدا باقىھاجىم تېڭىقچى كىشىلەرگە بەك سىيلىق مۇئامىلە قىلاتتى . ئالدىغا كەلگەننى باي - گاداي دەپ ئايرىغان ئەمەس . كىم كەلسە بېشىنى سىلايتتى ،يۇمشاق سۆزلەيتتى .ھالىغا يېتەتتى .كىشىگە ئازار- ئاھانەت قىلمايتتى ھەتتا تىكىلىپ تۇرۇپمۇ سۆز قىلمايتتى  .
بوۋاينىڭ قورسىقى ئاچقاندەك بولدى . ئۆيىدىن چىقاردا پوتىسىغا تۈگۈۋالغان سېرىق قوناقنىڭ كۆمىچىنى چىشسىز ئېغىزىدا ئۇيان يۇمىلىتىپ بۇيان يۇمىلىتىپ يۇمشىتىپ ئاۋارە ئىدى . تامىقى قۇرۇپ ، ئاغزىدىكى كۆمەچنى يۇمشاتقىدەك شۆلگىيى قالمىغاندەك قىلاتتى . بىردەم ئوڭ قوۋىزى ، بىردەم سو قۇۋۇزى پاقىنىڭ گېلىدەك لىپ-لىپ قىلاتتى . يۇمشىمىغان يىرىك كۆمەچنى يۇتالماي كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى . كۆمەچنىڭ ئۇۋاقلىرى چىشسىز ئاغزىدا جىقلاپ كەتكەندەك بۇلۇپ ئاغزىنى يىرىك تاتىلايتتى .
دۈم يۈكۈنۈپ بېشىنى بوۋىيىنىڭ تىزىغا قۇيۇۋالغان موماينىڭ مەيدىسى غىژىلداپ ، بۇرنى پۈتۈپ كەتتى . مەيدىسىدىكى بەلغەم ئېغىرلىشىپ نەپسى قىسىلىۋاتاتتى . بوۋاي ئېڭىشىپ تۇرۇپ مومايغا سەپ سالدى .
-قۇرسىقىڭ ئاچتىمۇ؟
موماي بېشىنى كۆتۈرمەي <<ياق>>قا باش چايقىدى . بوۋاي سەل جىدىيلەشتى .
-نېمە بۇلۇۋاتىسەن ؟  
موماي ئۈندىمەكچى بۇلۇۋېدى . مەيدىسىدە بىر نەرسە تۇسۇلۇپ قالغاندەك بولدى . بەلغەمنى ھەيدەش ئۈچۈن كۈچەپ گېلىنى قىرىۋېدى ،<< خالاپ >> قىلىپ توغرا تۇرغان بەلغەم موماينى تىنغىلى قويمىدى . موماينىڭ پۇت- قوللىرى بوشىشىپ ، كۆزلىرى چىڭقىلىپ كەتتى . تىنالماي يۈزى تاتىرىپ ، لەۋلىرى كۆكىرىپ كەتتى . پۈتكۈل ئەزايى لاغىلداپ تىترەپ ، ھالسىز بارماقلىرى بىلەن بىر نىمىلەرنى ئشارەت قىلدى . بوۋاي تېخىمۇ ئېڭشىتى .
-نىمە دەيسەن ؟ گەپ قىلە ...سۇما ؟... ماقۇل تۇرۇپ تۇرە.
بوۋاي موماينىڭ ئىشارىتىنى چۈشۈنۈپ ئاستا ئۆرە بولدى . موماينى چىنە خىشلىق  پەشتاققا سىڭار جەينەك ئولتۇرغۇزۇپ ، ئۆزى ئەينەك ئىشىككە قاراپ ماڭدى .
ئەينەك ئىشىق ئۇچۇق بۇلۇپ ، زال ئىچى بوشاپ قالغانىدى . بوۋاي ئاۋايلاپ مېڭىپ ئىشىككە يېقىن پارقىراق مۇنبەر- مۇلازىمەت باش پۇكىيىگە يۆلەنگىنىچە دورداي كالپۇكلىرىنى قىمىرلىتىپ پۇل ساناۋاتقان خام سېمىز ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، خۇشامەت قىلغاندەك زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئېغىز ئاچتى :
-قايلىسىلا ئۇكام، بۇ ئەسلىي ئوغلۇمنىڭ ئۆيى ئىدى ....
-بۇ ئۆي ئەمەس ئاكا ، رېستۇران ! مەن يامەتجان دېگەننى بىلمەيمەن . ماڭا قايلىسىلا ، بۇ ئەسلىي ئاكامنىڭ رېستۇرانى ئىدى . مەن ئۆتكۈزۋالغىلى بىر يېرىم ئاي بولدى . ئۇقتىلىما . سىلى ئېزىپ قالغان ئوخشايلا .
بوۋاي بۇ قېتىم يەنە گاڭگىرىدى . رەڭگى ئۆڭۈپ خام سېمىز ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ قالدى . سەل ئېسىگە كەلگەندىن كىيىن :
-مەن ئېزىپ قالمىدىم . يازدا ئوغلۇمنىڭ ئۆي مەرىكىگە كەلگەن ئۆي مۇشۇ ،- دېدى جەزملەشتۇرۇپ.
-ھە، مۇنداق دېسىلە ،- خام سېمىز ئادەم دورداي كالپۇكلىرى تەتۈر ئۆرۈلگەندەك قاقاھلاپ كۈلدى ،- ئەخمەق بوپقاپلا تاغا ، ئۆي مارەك ئۆتكۈزگەنگىلا بۇ سىلىنىڭ ئوغاللىرىنىڭ ئۆيى بولاپقاممايدۇ . ھازىر دېگەن ھەممە ئادەم ئۆي مارىكىنى رېستۇراندا مارەكلەيدۇ . بايام كەلگەنلەرمۇ ئۆي مارەككە كەلگەنلەر . ئۆيىنى ئاۋۇ ياققا سېلىپ ، مارىكىنى ماۋۇ ياقتا ئۆتكۈزۈشۈپ كېتىدۇ شۇ .قايداغ؟
- ھە .... مۇنداق دېسىلە ...
بوۋاينىڭ پۇت قۇلىدا جان قالمىدى . ئۇ يەنە يېلىنىپ تۇرۇپ سورىدى :
-ئۇكام خاپومماي دەپ بەرسىلە ، مۇشۇ شەھەردە شىركەت ئاچقان يامەتجاننى تۇنالىمۇ ؟
ساناۋاتقان پۇلىدىن ئېزىپ كەتكەن خام سېمىز بوۋايغا ئالايدى :
-ئوغاللىرى نىمە شىركەت ئاچاتتى ؟
-شۇ ... بوۋاي مەڭدىگەندەك تۇرۇپ قالدى .راس، نىمە شىركەت بولغىيدى ؟ بۇ خەقنىڭ گېپىنىڭمۇ پۇتىقى تۇلىكەن !
-ھېچ بىلەلمىدىم قايلىسىلا ،- دېدى بوۋاي خىجىل بۇلۇپ،- شىركەت قۇردۇم دېگەن .
خام سېمىز ئادەم دورداي كالپۇكلىرىنى يۇغان كېرىپ ئەسنىۋېلىپ بوۋايغا قارىدى:
بۇ شەھەردە نېمە تۇلا ، شىركەت تۇلا . << ئارمان >> شىركىتى ، << كارۋان >> شىركىتى ،<< پالۋان >> شىركىتى ،<< دەۋران >> شىركىتى ، <<سايمان >>شىركىتى ،<< دەرمان >> شىركىتى ، << سايرام >>شىركىتى ،<< قاينام >> شىركىتى ، << بايرام >> شىركىتى ، << ھايۋان >> شىركىتى ، << پەيمان >> شىركىتى ...... ئوغاللىرى قايسىدا ؟
بوۋاينىڭ بېشى ئايلىنىپ كەتتى . ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ گەپلەركەنغۇ بۇ! ئوغلى قايسىىدا بولغىيتتى ؟ ئەستاغپۇرۇللا ...
بوۋاينىڭ جان ئىمانى چىقىپ كۆزىگە قاراڭغۇچىلىق تىقىلدى . قۇمدەك تۇلا << پالان -پۇكۇن>>نىڭ ئىچىدىن ئوغلىنى قانداقمۇ تاپار ؟ بىچارە مومىيىنىڭ ھالىغا ئىچى سىيرىلدىمىكىن ، تىت-تىت بۇلۇپ كۆزلىرىگە يىغا ئولاشتى . غېرىپلىق، يالغۇزلۇق ، مۇساپىرچىلىق بېسىپ ، لەۋلىرىنى كىچىك بالىدەك ئۈمچەيتىپ خىتىلداپ يىغلىۋەتتى . يېرىلغان قۇرغاق يۈزىنى بويلاپ ئاققان ياشلىرى ياسالمىغان رەتسىز ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى . كىرلىشىپ پارقىراپ كەتكەن يەڭلىرى بىلەن يۈزىنى سۈرتتى .
-ئۇكام ...
-ھە-ھە! نېمانداق تولا ئازدۇرىلا ئادەمنى؟
-خاپومماي بىر چىنە چاي بەرسىلە بولاپتىكەن ، تالادا مومىيىم قالغانتى . مىجەزى يوقتى قايلىسىلا ، قاتتىق ناننى يېيەلمىدى ،- دېدى خام سېمىزنىڭ چالۋاقىشىدىن ھۇدۇقۇپ ئارقىغا داجىغان بوۋاي .
خام سېمىز ئادەم بوۋايغا ئاچچىقى بىلەن ھومىيىپ قۇيۇپ ، شىرەمۇ -شىرە ئارىلاپ ، چالا يېيىلگەن تاماقلارنى يوغان چېلەككە پالاقشىتىپ تۆكۈپ يۈرگەن قىزنى بۇيرىدى :
-چىمەن، ما ئەدەمگە بىر چىنە چاي بېرىڭا.
-ماقۇل.
بوۋاي قىزنىڭ قولىدىن چاينى رەھمەت - ھەشقاللا بىلەن ئېلىۋاتقاندا خام سېمىز ئادەم چاقىردى :
-ئاكا، ھوي، ياجىڭ قۇيۇپ ماڭسىلا !
-يا...ياجۇڭ ؟ نېمە ئۇ ئۇكام ؟
-زاكالەت پۇلى، ھېلى چىنىنى ئەچىگەندە قايتۇرىمىز.
-بېرەي ئۇكام ، بېرەي، نەچچە پۇل؟
-يىگىرمە كوي.
بوۋاي يېنىدىن يىگىرمە يۈەننى ئېلىپ تەڭلىدى . خام سېمىز پۇلنى ئېلىپ تاراقلىتىپ سىلكىپ بېقىپ غەللىگە سالغاچ قۇشۇپ قويدى :  
-چىكىتىۋەرسىلە . چىنە چېقىلسا ياجۇڭ قايتۇرالمايدۇ جۇما!
بوۋاي غىرت-غىرت تېيىلىۋاتقان تاپىنىنى ئاۋايلاپ يۆتكەپ تالاغا چىقتى . موماي بېشىنى كۆتۈرمەكچى بۇلىۋېدى . كۈچىيەلمىدى . بوۋاي چىنىنى قۇيۇپ موماينى يۆلىدى . خەسىدەك تاتارغان موماي كۈچەپ نەپەس ئالغاندا سۈمۈرگەن ھاۋا كېكىردىكىدە بىر نېمىگە دوققىدە ئۈسكەندەك قىلاتتى . ئاندىن ھىق-ھىق قىلىپ ، يىڭنە تۆشۈكىدەك بىر يەردىن قىستىلىۋاتقان نەپسىدىن ئىسقىرتقاندەك ، بىراق ھالسىز بىر ئاۋاز كېلەتتى . لەۋلىرى كۆكىرىپ كەتكەنىدى .
- چاي ئىچىۋالە ، قىزىق چاي.
موماي تاتارغان لەۋلىرى بىلەن چاينى ئاستا ئوتلىدى . بوۋي مېھرى بىلەن مومىيىنىڭ پىشانىسىنى سىلىدى:
-نان چىلاپ بېرەيمۇ؟  
موماي بېشىنى چايقاپ ، ئوتلىغان چېيىنى يۇتتى. بىراق ئاران ئوتلىغان بىر يۇتۇم چاي توغانغا كېلىپ قايغان سۇدەك قېيىپ نېرى ئۆتمەي ، موماي قاتتىق قېقىلىشقا باشلىدى ...


تۈگىدى

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى
[ بۇ يازما gulsiri تەرپىدىن 2010-08-12 01:31 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئــــوغــلــۇمـنـىـڭ ئــــۆيـــى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+199(arxang) نادىر تىما
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى arxang تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-12, 05:10
    ساڭا خاتىرجەملىك تىلىدىم،
    يول ئارىسىغا يۈرىكىم بىلەن قارىدىم.

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 927
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 0.22%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 151
      ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1026 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 513(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-26
      كىرىشى: 2010-08-13

    بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى بارغۇ دەيمەن ؟ يوللىماپسىزغۇ؟
    ئانام ئۈچۈن بارلىغىم.

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 68
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
    ئۆسۈش: 0.13%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 288
      ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 10026 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 677(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    مەن بۇرۇن بىر ژورنالدىنمۇ ياكى بىر كىتاپتىمۇ ئوقۇغانكەنمەن، يەنە قايتا كۆرۈپ چىقتىم، بۇنىڭدىكى ۋەقەلىك،ئاتا-ئانىغا بولغان بالىلارنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇريىتى ئەينەن يورتلغان، چۈشەنگەن ئىنسانغا.
    يەنە مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
    [ بۇ يازما arxang تەرپىدىن 2010-08-12 02:14 PM دە قا ]
    ئانام ئۈچۈن بارلىغىم
    ئۈمىد

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4119
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
    ئۆسۈش: 0.42%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 84
      ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1010 سوم
      تۆھپىسى: -2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 440(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-16
      كىرىشى: 2010-08-15

    apturi  kim askartkan bolsingiz
    ئەگەر ئۆلۈمدىن شەك قىلىدىغان بولساڭ، ئۇخلىمىغىن،
    قانداق ئۇخلىساڭ شۇنداق ئۆلىسەن، (ئۇخلىغاندەكلا ئۆلىسەن).
    nazi

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 5011
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
    ئۆسۈش: 0.28%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 56
      ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 240(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-28
      كىرىشى: 2010-08-15

    مەن بۇرۇن ئۇقۇغان ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر بۇ  بارلىق تۇرداشلارنىڭ ئۇقۇپ بىقەشىنى تەۋسىيە قىلىمەن
    ناھەقچىلىقنى كۆرگەندە بىشىمنى مۇشۇنداق لىڭشىتى ..

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4824
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
    ئۆسۈش: 0.3%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 209
      ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1753 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 341(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-26
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئۆزىغۇ ياخشى ئەسەركەن ، ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ، ياكى ئۆزىڭىز بولسىڭىز ئىسمىڭىزنى يىزىپ قويۇڭ ! مۇنداق نادىر تىمىلارنىڭ زادى قايسى مەتبۇئاتنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى بۈلۈپ باقساق !  
    ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ مۇھاببىتىگە ئىرىشەلمىسەڭ نەپرىتىگە بولسىمۇ ئىرىش ، شۇندىلا مەۋجۇتلۇقۇڭنى ھىس قىلالايسەن !

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3570
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
    ئۆسۈش: 0.03%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 11
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 38 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 40(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-08
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئەجەپ ئىچىم ئاچچقى بۇلۇپ قالدا
    ئشلىرىم ئوڭغا تارتسۇن
    ظأزىڭىزگە ظىشنىڭ !

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2587
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
    ئۆسۈش: 0.21%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 43
      ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 659 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 416(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-13
      كىرىشى: 2010-08-13

    داإامى بارمؤ قانداق ؟ظەجەپ ظىچىم ظاچچىق بولدا...جاپاكەش ظاتا-ظانىلار !
    غەلبە تىرشچانلارغا مەنسۇپ !
    سەرگەردان

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1041
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە431دانە
    ئۆسۈش: 0.43%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 431
      ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2466 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 152(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-27
      كىرىشى: 2010-08-14

    بىر  كىنو  بار ئىدى .  << مىنىڭ كۆرۈمسىز ئانام >> دەيدىغان ، ۋەقەلىكى  شۇ  كىنودەكلا  تەسىرلىككەن .
    ئاتا ـ  ئاننى  زارى  قىلمىغان  ئادەمنىڭ ياخشى  كۈن كۆرمەيدىغانلىقى ھەممىگە  مەلۈم ھەقىقەت.
    ئاللاھ ، زالىملارغا مەدەت بەرگۈچىلەرنى ئاشۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن جازالايدۇ   (  ھەدىستىن )

    641281950
    ماغدۇر كەلگەندە...

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 495
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
    ئۆسۈش: 0.33%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 332
      ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1280 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 153(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-08-14

    ياخشى ئەسەر ..    ئىنكاسىمنى يەنە تەھرىرلەيمەن ..
    ھېسلىرىم : ئەسەرلەرگە باققاندا رېئال تۇرمۇش تىخىمۇ مۇرەككەپ ، رېئال تۇرمۇش ھەممە نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ، ئەمما ئەسەرلەر كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ .
    ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2839
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە318دانە
    ئۆسۈش: 0.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 318
      ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1950 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 250(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    ئاتا-ئانا

    بۇ دۇنيادا ئۇچ نەرسە بار،ئىزدىسە تېپىلماس،
    بىرى ئاتا ،بىرى ئانا،بىرى قېرىنداش،

    ئاتا ئۇلۇغ،ئانا ئەزىز،قېرىنداش غەمخور،
    ئۆمۇر گۇلۇڭ شۇلار بولماي زادى ئېچىلماس،

    ئاتا-ئانا،دۇئايىنى ئۇلۇغ بىلگەيمىز،
    شۇ دۇئاسىز،بېشىمىزغا ھېچ،دۆلەت قونماس،

    ئاتا-ئانا كۆز يېشىغا سەۋەب بولغانلار،
    توزۇپ تۇگەر،دەرگاھىدا ئاۋاتلىق بولماس،

    ئاتا ئىشلەر ئېتىزلاردا بىلى مۇكچىيىپ،
    ئىچ ئاغرىتقىن بىچچارىگە بىر كۇنمۇ تىنماس،

    ئانا بارار ئەڭ ئالدىدا بارچە مۇشكۇلنىڭ،
    شۇلار قويغان تۇۋركلەرىمىز زادى يىقىلماس،
    [ بۇ يازما زامانى تەرپىدىن 2010-08-12 02:16 PM دە قا ]
    ماڭا كۆز ئوينىتىپ خۇمالىق قارغانلارغا ئەمەس ،مەن قارغاندا ۋىللىدە قىزارغانلارغا ئۆزۇمنى ئاتاپ قويمەن، ھەم شۇلار ئۇچۇن ياشايمەن.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «123»Pages: 1/3     Go