مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 3640 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/11     Go
تىما : «مىسرانىم» ئەپەندى بىلەن سۆھبەت(زىيارەت)
توردا بىر - بىرىدىن ئېسىل، زادى!

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 945
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە253دانە
ئۆسۈش: 0.16%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 253
  ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5398 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 667(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-08-15

0

 «مىسرانىم» ئەپەندى بىلەن سۆھبەت(زىيارەت)



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى Tughrul تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-08-10)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،  مىسرانىم تورى شۇنداقلا
 مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتراكچىلىرى!
w6dFb6~R  
مۇنبىرىمىز شىنجاڭ بويىچە كىيىنكى قەدەمدە تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان ئۇيغۇر مۇنازىرە e6B{QP#jq  
مۇنبىرى بولۇپ ،تورداش دوستلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۈچ ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كىشىنى خوشال قىلغۇدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ تەرەققىياتلار مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، بېكەت باشلىقى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ئەپەندىنىڭ  يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كېچە - كۈندۈز جاپالىق تىرىشىشى، كەڭ تورداشلارغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى ۋە شۇنداقلا ئوت يۈرەك مىسرانىم سۆيەر تورداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ... |wEN`#.;b  
   
مىسرانىم تور بېكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان مىسرانىم ئەپەندىنىڭ تور بېكەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممەيلەن كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپتىمىز. بىز بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ئارقىلىق ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە تور بېكەت قۇرۇش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك يۈرىكىدە چوغ بولۇپ يېنىۋاتقان ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن توختاۋسىز تېرىشىۋاتقانلىقىدەك قەيسىرانە روھى ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. ئىز قوغلاپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت بارلىق "مىسرانىم" خۇمار دىلكەش دوستلارنىڭ "مىسرانىم" نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشى، "مىسرانىم" دا ئىناقلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، تەڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگۈسى!
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم مىسرانىم ئەپەندى، سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن، ئەمدى سۆھبىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك .  ئالدى بىلەن كەڭ تورداشلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسى، تۇرمۇشىڭىز ھەققىدە  تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەمسىز؟
/WV7gO&L1  
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم، زىيارىتىڭىز ئارقىلىق مىسرانىمدىكى ئەزىز دوست - بۇرادەر ، ئاكا - ھەدە ، ئىنى - سىڭىللارغا  سالىمىمنى يەتكۈزەلىگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. سىزگىمۇ رەھمەت..
  مېنىڭ دادام شوپۇر، ئاپام ئائىلە ئايالى. . ئائىلىمىزدە ئالتە جان بار. مەن بالىنىڭ ئۈچىنچىسى. ئەڭ چوڭى ئاكام،  ئاندىن ئاچام، مەن ۋە سىڭلىم بار. ئاكام ۋە ئاچام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. سىڭلىم بولسا ستۇدېنت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتدا ئوقۇيدۇ.(2007-يىللىق) مەن مانا مۇشۇنداق تور بەت ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپتىمەن.
ئائىلىمىز ئاددىي - ساددا، تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم، ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن كۈنلىرىم خوشاللىق ۋە روھىي باياشاتلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ. ']- @? sD$  
مىسرانىم ئەپەندى، سىز قانداق بولۇپ كومپىيوتېر ئىشلىتىش ۋە تور بەت ياساشنى ئويلىشىپ ، بۇ يولدا مېڭىپ قالدىڭىز ؟ مۇشۇ جەھەتتىكى يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىڭىز ۋە ھەل قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
 2000-  يىلى ئىچكىرىدىكى ئاكامنىڭ ماڭا ئەڭ ماس كېلدىغان كەسىپنىڭ كومپىيۇتىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ،  چوڭ ئېكرانلىق  كومپىيۇتىردىن بىرنى ئەۋەتىپ بېرىشى بىلەن تور دۇنياسىغا قەدەم قويدۇم .شۇ چاغدا باشلانغۇچ 6- يىللىقتا ئىدىم، كىيىن مەكتەپ مۇدىرى ھەم ئوقۇتقۇچىلىرىم مەكتەپتىكى تور ئوچوق كومپىيۇتىرنى مېنىڭ پايدىلىنىشىم ئۈچۈن ئېچىپ بېرىدىغان بولدى.شۇ تەرىقىدە مەكتەپتە دەسلەپتە قارت ئويناپ دېگەندەك ئانچە مۇنچە مائۇس تۇتۇشنى ئۆگەنگەن ئىدىم.
 2003 - يىلى ئائىلىمىزگە تور ئورناتتۇق،شۇ تەرىقىدە ئىككى يىلچە ناخشا ئېيتىپ ،ھۆسىنخەت ۋە ماقالە - ئەسەرلىرىمنى يېزىپ يۈردۈم ، كېيىن توردا تارقىتىش خىيالىغا كىرىپ قالدىم، ھەتتا نۇرغۇن بېكەت باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ناخشامنى چىقىرىش تەكلىبىنىمۇ بەردىم، بىراق ئۇلار سۆزۈمگە ئېرەن قىلمىدى،شۇ ئارىدا مەلۇم تور بېكەتلەر ناخشىلىرىمىنى توردا چىقىرىپ بەردى . تورداشلارنىڭ پىكىرى تولىمۇ ياخشى بولدى. كىيىن ئويلاپ باقسام ،ماڭا شۇنداق تالانتىمنى جارىي قىلدۇردىغان بىر بوشلۇقنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلدىم ، توربەتكە نىسبەتەن چۈشەنچەم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، دەسلەپتە چىننۇرى تور بېكىتنى بىر دوستۇم بىلەن بىرگە باشقۇردۇم.
 ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزنىڭ بۇ قىزىقىشىڭىز ۋە مۇشۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىڭىزگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولدى؟ بۇ جەھەتتە توسالغۇلارغا ئۇچرىدىڭىزمۇ - يوق ؟
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا  دەرىستە ئىزچىل ياخشى ئىدىم، ھەم  ئۇدا  12 يىل سىنىپ باشلىقى بولۇپ ئوقۇپ كەلگەن...  توربەتچىلىككە كىرىشكەندىن بۇيان دەرىسلەر زېرىكىشلىك تۇيۇلدىغان بولدى،كاللامدا  قاچان شۇ تور بېتىمنىڭ  قېشىغا بارارمەن دېگەن خىياللا بارئىدى ، ئائىلەمدىكىلەر بۇ ھەقتە نۇرغۇن قېتىم تەربىيە ئىشلەپ ھەتتا كومپىيۇتىرنىڭ مائۇسلىرىنى تىقىۋالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان ... چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نېمىش قىلۋاتقىنىمنى بىلمەيدۇ،  تېلۋىزوردا بېرىلىۋاتقان  " كومپىيۇتىر ئويناۋىرىپ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، ئويۇن ئويناپ بىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ ..."  دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلىسا ،  دائىم مېنى قېشىغا چاقىرىپ ئېلىپ كىرىپ تەربىيە قىلاتتى ، بۇ چاغلاردا ئائىلەمدىكىلەر  مېنىڭ توربەت تۈزەۋاتقىنىمنى بىلمەيتتى،  مېنىڭمۇ  ھەقىقىي نەتىجە قازانماي تۇرۇپ ئۇلارغا بۇنى دېگۈم كەلمىگەن... kL7#W9  
  نۇرغۇن قېتىم بوشلۇق مۇقىم بولماسلىق سەۋەبلىك ئائىلدىكىلەردىن پۇل سوراشقا توغرا كەلگەندە ،ئۇلار مېنى يامان يولغا كىرىپ كېتىۋاتامدىكىن دەپمۇ ئەنسىرەپ باققان... نۇرغۇن قېتىم كومپىيۇتىرنى بۇزۇپ قويغاندا بولسا ئۇلاردىن خېلى كۆپ تىللارنىمۇ ئاڭلىغان.بىراق ئىزچىل بوشاشماي مانا بۈگۈنگە كەلدىم... R8L_J6Kpa  
thO ~=RB  
  
مەزكۇر تور بەتكە نىمە ئۈچۈن "مىسرانىم" دىگەن نامنى قوللاندىڭىز؟ بۇنىڭدا بىرەر ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ قانداق؟  تور بەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەر ۋە تەرەققىياتلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
Ee1LO#^_6  
b5IA"w  
 مەن بۇرۇندىن  يېزىقچىلىققا ئالاھىدە قىزىقاتتىم ،شۇ چاغلاردا ئىشلەتكەن تەخەللۇسۇم "مىسران" ئىدى. ھۆسىنخەتكىمۇ ئالاھىدە قىزىقىشىم بار ئىدى . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1- يىللىق ۋە 2- يىللىقتىكى ۋاقتىمدا ھۆسىنخەت يېزىش بويىچە ئاپتونۇم رايونلۇق ياش ئۆسمۈرلەر خەتتاتلىق مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىككىمۇ ئېرىشكەن، شۇ چاغلارنىڭ ھەممىسىدىكى تەخەللۇسۇم "مىسران" ئىدى .
كېيىن ، "مىسران" دېگەن نام بىلەن تور بەت ئېچىشنى قارار قىلىپ، تەكشۈرسەم ئۇ ئىسىمنى ئاللىبۇرۇن ئىسىم سودىگەرلىرى ئىگەللەپ بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ  ئۆزلۈك قوشۇمچىسى  "ىم" نى ئۇلاش ئارقىلىق "مىسرانىم" دېگەن ئىسىمنى ئەنگە ئالدۇردۇم. "مىسران" نىڭ مەنىسى بولساقورقماس ،باتۇرلىقنىڭ سىموۋلى، يەنى چىن تۆمۈر باتۇر قىسسىسىدىكى مىسران قىلىچ ئوبرازى. "ىم"  قوشۇمچىسىنى ئۇلاش ئارقىلىق شۇ چۆچەكتىكى قورقماس ،باتۇرلىقنىڭ سىموۋلى بولغان بۇ ئەڭگۈشتەرنى ئۆزۈمنىڭكىگە ئايلاندۇردۇم.يەنى ھازىرقى مىسرانىمنى سۆيىدىغان،مىسرانىمنى ياقتۇردىغانلارنىڭ ئەڭگۈشتىرى دېگەن مەنىدە... ]nQt>R p_  
دەسلەپ ئاددىي بېكەت سېستىمسىدىن مۇكەممەللىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىلىرىدا نۇرغۇن ئەگرى - توقاي يوللارنى باشتىن كەچۈردۈم.  بوشلۇقنىڭ زىيارەت سانىنى قامداپ بولالماسلىق سەۋەبلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايرىم مۇلازىمىتىرنى 2009- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى سېتىۋالغان ئىدىم ، بىر يىللىقىنى ئون مىڭ يۈەنگە...  بىراق بىر ئاي ئىشلىتىشىم بىلەن تورنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبلىك سالغان مەبلىغىم يوققا چىقتى.  تور ئۈزۈلگەندىن كىيىن شىنجاڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيتىش ئۈچۈن 7- ئاينىڭ 23 كۈنى شىنجاڭ تور ئابونىتچىلىرىغا قارىتا بېكەتنى قايتىدىن ئېچىۋەتتىم. نۇرغۇن شىركەت -ئورگانلار قوللىدى.  بېكەت ئېلانلىرى ئارقىلىق بېكىتىمنىڭ ئاز بىر قىسىم چىقىملىرى ھەل بولدى، ھەم بولىۋاتىدۇ. تور بېكىتىمىزنىڭ مۇقىملىققا ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى ئاستىدا ، توربەتنىڭ مۇقىم ئېچىلىشىغا ئاساس سالدۇق، ھەم تور ئېچىلىشى بىلەن ئىچكىرىدىن ئالىي دەرىجىلىك مۇلازىمىتىرنى يىللىق توختام بىلەن سېتىۋالدۇق. ھازىرقى كۈندىلىك زىيارەت سانى 200 مىڭ  ئەتراپىدا ، بۇ ھال بىر تەرەپتىن خوشال قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىمىزدىكى نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 6qe*@o  
aw ?=hXR!  
:0K8h  
تور بېكەت قۇرۇش، تەرتىپلىك باشقۇرۇش ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق، مۈشكۈل بىر جەريان. بۇ تور بېكەت قۇرغۇچىلاردىن كۆپلىگەن زېھنىي قۇۋۋەت، مۇئەييەن ئىقتىسادىي مەبلەغ تەلەپ قىلىدۇ. سىز مۇقىم خىزمەت ئورنىڭىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىپ كېلىۋاتىسىز؟
1iL 'V-y  
 ئىقتىساد مەسىلىسى ئىزچىل تۈردە بېشىمنى ئاغرىتقان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.  ئاتا - ئانام قىلىۋاتقان ياخشى ئىشىمدىن سۆيۈنگەندىن كىيىن،  قانچىلىك مەبلەغ دىسەم ماڭا تېپىپ بېرىدىغان بولدى، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغان بولدى... ,y9iKkg  
ھەم ئۆزۈممۇ تاۋباۋ تورىدا ئانچە - مۇنچە تور سودىسى قىلىپ ،  شۇ يەردىن تاپقان پۇللىرىمنى توربەتكە ئىشلىتىمەن. v{i7h|e  
d0hhMx6$  
 
يۇقىرىدا دېگىنىڭىزدەك  ئىلگىرى سىز ئۆزىڭىز ئاممىباپ ناخشىلارنى ئېيتىپ تور بېتىڭىز ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىتىپتىكەنسىز. نۇرغۇن تورداشلار ناخشىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن.  (شارائىت بولغان بولسا ، مۇشۇ يەردىلا سىزنى تورداشلارغا ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلاتتۇق) سىز ئۆزىڭىزنىڭ شۇ ۋاقىتلىرىڭىزنى ئەسلىمە سۈپىتىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟ 
'`Bm'Dd  
 شۇنداق ... بىر قىسىم ئىجادىي ھەم كۆچۈرۈلمە ناخشىلارنى ئوقۇغانمەن. ئەسلى ناخشا ئوقۇشقا ئىشتىياقىم يوق ئىدى. مەكتەپتىكى بىر قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشا ئوقۇپ،  نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندىن كىيىن ، بۇ خىل كەسىپنىڭمۇ خوشاللىق يېرى بارلىقى ھېس قىلىپ ، بۇنىڭغىمۇ ئىشتىياق باغلاپ قالدىم . a"/#+=[  
ئىلگىرى، ئېيتقان ناخشام "نېفىت تېلىۋىزىيە قانىلى ئارام كۈيلىرى " پىروگراممىسىدا قويۇلغان، ھەم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ، شۇنىڭ بىلەن تورداش دوستلارنىمۇ شۇ ناخشامغا جۆر قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ 21 ناخشا ئېيتىپ چىننۇرى تور بېكىتىدە تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنغان ئىدىم. ھازىر توربەت ھەلەكچىلىكىدە بۇ ئىشلارنىمۇ تاشلىۋەتكىلى 3 يىلچە بولۇپ قالدى. 4GG>!@|  
E6Rz@"^XV  
  'B83m#HR#  
 سىز نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قانداق قارايسىز؟ مۇشۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرىڭىزنى بىلىپ باقساق ... DlMe5=n -u  
 
t3Z_Dp~\  
 ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئۇزۇن،ھەم مۈشكۈل...
 چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتىر بىلىم قۇرۇلمىسى ھازىردىن باشلاپ بىر ئاز يۇقىرى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى.شۇڭا خەلىققە قولايلىق بېكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ئېغىر يۈكنىڭ بىرسى. بىراق شۇ نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىغاندا تورغا بولغان چۈشەنچىسىنى ياخشى دىيىشكە بولىدۇ.تور ئارقىلىق نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ.
 شۇڭا ئۇيغۇر تورچىلىقىغا قىزىققان ،ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېچە كۈندۈز جاپالىق ئىزدىنۋاتقان توربەت قۇرغۇچىلىرىمىز، خەلق مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ،تورچىلىق جەمئىيتىمىزگە نەزىرىنى ئاغدۇرسا ،شۇنداقلا خەلقمۇ ئۆزى ياقتۇردىغان ،مەزمۇنى سەرخىل بولغان توربەتلەرنى ھەر بىر تور ھەۋەسكارلىرىغا يەتكۈزەلىسە ،ئۇيغۇر تورچىلىقىمىز "شاكىلىنى ئىلغاپ ،مېغىزىنى ئېلىش"  پىرىنسىپى بويىچە شۇ خىل يۆنىلىشتە ماڭالىسا،  تورچىلىق ساھەسىدە توربەتچىلەر شەخسىي خاراكتىرلىك توربەتلەردىن ،شىركەت خاراكتىرلىك توربەتلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، ھەم قىلغۇسى... |o'Q62`%}  
O2{)WWOT  
مىسرانىم مۇنبىرىمىز تور قامال قىلىنغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ ئېچىلىپ، بىر قاتار جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، مۇنبەرلەرنىڭ سەركىسى بولۇپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىر ۋە قان - تەرىڭىزنى سىڭدۈردىڭىز. مۇنبىرىمىز، شۇنداقلا تور بېكەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟
Nf+b" &Zh`  
تور بېكىتىمىزنىڭ مۇنبەر سەھىپىسىنى 5 ئاينىڭ 16- كۈنى سىناق تەرىقىسدە ئېچىۋەتكەن ئىدۇق... تورداشلارنىڭ ئاڭلىق مەشغۇلاتلىرى، ئاڭلىق پىكىرلىرى ئاستىدا بېكىتىمىز ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىردىن - بىر مۇكەممەل ،ھەم ئۇتۇقلۇق مۇنبەر بولۇپ قالدى. بۇ جەريانلاردا مۇنبەر ئىچكى زىددىيىتى ھەم سىرىتقى بىر قىسىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش يولىدا خېلى ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم ...
مۇنبىرىمىزنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى تېخى تولۇق ئېچىۋىتىلمىدى، تورداشلارنىڭ باشقۇرۇشىمىزغا ئاكتىپ بويسۇنۇپ بېكىتىمىزنى قوللىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن ، تور بېكىتىمىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ، قىسقىغىنە 2 يىل جەريانىدا شىركەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىش، ھەم ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ھەممە ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىدىغان ئۇنۋىرسال بەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ... يەتمەكچى بولغان بۇ نىشاننى  پىداكار باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېرىشچانلىقى ھەم مۇنبەردىكى ئوت يۈرەك ئەزالارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىيالمايمەن، ئەلۋەتتە...
مىسرانىم ئەپەندى، سىزدىن مۇنداق بىر سوئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ:
كومپىيوتېر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلار شۇنداقلا تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتى كۆپىنچە مۇشۇ تەرەپلەرگىلا سەرپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇ سەۋەبتىن مۇھەببەتتە كۆپ ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقىدىغان، كېچىكىپ تۇرمۇشلۇق بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، سىزمۇ بۇ جەھەتتە باش قېتىنچىلىقىغا يولۇقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭىز؟
X u"R^  
 بۇ سوئالنى سوراپ قالدىڭىز ... راستىمنى ئېيتسام ، بۇ جەھەتتە بۇرۇنقى قازانلاردا ئانچە - مۇنچە قايناپ باققان بولساممۇ ، كېيىنكى مۇساپەمدە مەلۇم بىر نەتىجە قازانماي تۇرۇپ، ئاتا - ئانامنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ  مۇھەببىتىدىن ، تور بېكىتىمنىڭ مۇھەببىتىدىن باشقا مۇھەببەتلەرنى  قوبۇل قىلالمىدىم ھەم قىلمايمەن....  بۇ ئىشلارنى ئارتۇقچە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ بىلىمەن، ئاللاھ خالىسا مۇشۇ كەسپىمدە ئۇتۇق قازىنىپ بولغاندىن كىين باشقا ئىشلارنى ئويلىشىمەن.(قىسقا بولسا بەش يىل، ئۇزۇن بولسا 10 يىلغىچە) *KK+X07  
;E~4)^  
  ~5ZvOX6L 2  
يەنە بىر مەسىلە: تورداشلار مۇنبەردە ياكى مۇڭداشقۇدا بولسۇن، ئۇچۇر ئەۋەتىپ سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغىنىدا، كۆپىنچە جاۋابسىز قالىدىكەن. مانا مەنمۇ سىزنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم جاۋابقا ئېرىشەلمەي، ئاخىرى بۇ پۇرسەتكە ئىگە بولدۇم. ئەلۋەتتە، سىزمۇ بىر كۈن ئىچىدە ئىزچىل توردا بولالمايسىز، تۇرمۇش ۋە تور بەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرۈپ، ھەممە ئىشلارغا يېتىشىپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن. مېنىڭچە تورداشلار بۇ جەھەتتىن ئېنىقراق چۈشەندۈرۈش بېرىشىڭىزگە موھتاج.
/Y[~-Y+!,  
 ئادەتتە قۇرۇق پاراڭلىشىش بىلەن خوشۇم يوق، شۇنداق بولغاچقىمىكىن تورداشلارنى كۆپىنچە نارازى قىلىپ قويىمەن. بىراق ، " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"  بىلەن سۆزىنى باشلاپ" مەن مۇنبەردىكى ماۋۇ ئەزا" دىگەن ھەرقانداق توردىشىمىزنى نارازى قىلىپ باقمىدىم.  ئادەتتە كۈندە توردا بولساممۇ ، بېكىتىمىزدىكى 30 نەچچە سەھىپە بىر مېنىڭ مەزمۇن قوشىشىمغا قاراشلىق بولغاچقا ،ئۈن - تىنسىز ھالدا بېكەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشلا بولۇپ كېتىمەن،  ئادەتتە كەچ سائەت 11 دىن كىين بىر ئاز بىكار بولىمەن...  تورداشلارنى بۇ ئىشلاردا نارازى قىلىپ قويغان بولسام توغرا چۈشىنىشىنى ھەم كەچۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. #5sD{:f`  
  =U OLT>!  
ئۆزىڭىزنىڭ ياشاش مىزانىڭىز ۋە بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىڭىزدىكى پىلانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
A6 
   C8@TZ[w  
 ھەقىقىي ۋىجدان - غورۇرىم، ئەجىر - ئەمگىكىم ، قان - تەرىم بىلەن ھالال ياشاپ ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىم!  ھاياتلىق مۇساپەمدە قانچىلىك داۋالغۇشلار بولۇپ كەتسىمۇ ، تورداشلارنىڭ مەنىۋىيتىنى قاندۇرۋاتقان تور بېكەتتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، مۇنبەردىكى ھەممە ئاكا - ھەدە ،ئىنى - سىڭىللار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، مىسرانىمنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىمەن، بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلسام دېگەن ئۈمىدتىمەن ، پىشقەدەملەرنىڭ كۆپرەك تەلىم بېرىشىنى سورايمەن. ?[ly`>KpJ  
-@^Zq}  
  `T/~.`R  
ئەڭ ئاخىرىدا تور بېكىتىمىزنىڭ بارلىق ئەزىز ئىشتراكچىلىرى ۋە مۇنبەردىكى ئوت يۈرەك ئەزالىرىمىزغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟
1rw0sAuGy  
 مۇنبىرىمىزنى قوللاپ ،تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تېرىشىۋاتقان تورداش ئاكا - ھەدىلەر، ئىنى - سىڭىللار، ئۇيغۇر تورچىلىقى سىز ، مەن ھەم ئۇنىڭ تىرىشىشىغا، قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج .  بۇ جەھەتتە توربەت ئىگىلىرى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ،بىرلىشىپ، ئەزالار كۆپ پىكىر ۋە كۆپ ئەقىل بىلەن ،  بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ،  تور بېكىتىمىزنى تور ساھەسىدە چاقنىغان يۇلتۇز قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشساق ... مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم ! 
مەن مىسرانىمدىكى بارلىق ئاكا ھەدىلەر ، ئىنى - سىڭىللارنىڭ ئائىلىسىگە بەخت - ئامەت ،زور خوشاللىق تىلەيمەن. كۈنلىرىڭلار كۆڭۈللۈك ئۆتسۇن، ئائىلەڭلاردىن شاد - خۇراملىق ،  بەرىكەت نۇرلىرى دائىم چاقناپ تۇرسۇن! W#_/ak$uF*  
ئاللاھ ياخشى كۈن ،ياخشى سائەتلەردە سىلەر بىلەن يەنە يۈز كۆرۈشۈشكە نىسىپ قىلسۇن! رەھمەت ...
مىسرانىم ئەپەندى ، سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى قۇربان قىلغان ئاساستا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ ، ئوي - پىكىرلىرىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن بايان قىلىپ بەرگىنىڭىزگە، سەمىمىي تىلەكلىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.  بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىڭىزدە باسقان ھەربىر قەدىمىزگە بەرىكەت ، ئامەت ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمەن!  ئائىلىڭىزگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك يار بولغۇسى ! بىز مىسرانىمدا كۆكلەيمىز ...
مانا بۇ مىسرانىم ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەقىقىي زىيارەت خاتىرىسى. مىسرانىم ئەپەندىنىڭ پەزىلىتى، مۇستەقىل ھاياتلىق قارىشى، سەمىمىيىتى، خالىسلىقى، ھەشەم - دەردەمدىن خالىي ، ئاددىي - ساددا، تىنىمسىزلىقى مۇئەللىپنى زوقلاندۇردى. " مىسرانىم" ئارقىلىق يۈكسىلىشنى نىشان قىلغان قەيسەر ئىرادىسى، ئىزدىنىش روھى، شۇنىڭدەك قەتئىي رىئايە قىلالايدىغان كەسكىن تۇرمۇش مىزانى دىلدا قايىللىق، تىلدا ھاياجان قوزغىدى. ئىلھام بۇلاقلىرى قايناپ قولغا قەلەم ئېلىنىپ، سەمىمىي يۈرەكتىن چىققان خەيرلىك ئۈنچىلەر دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى ...
شۇنداق، ئۇلۇغ روھ ھامان ئىجتىھاتلىق ئىزدىنىشتىن تۇغۇلىدۇ، جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىق سۇنماس روھنى يېتىلدۈرىدۇ. "يول - ئاچقۇچىلارغا، ئىز - ماڭغۇچىلارغا مەنسۇپ"
_مۇئەللىپتىن
L;_ c|\%  
Y izE5[*  
-سىز كۆرۋاتقان تىما «مىسرانىم» ئەپەندى بىلەن سۆھبەت(زىيارەت),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(Jidelhor) ئېسىل يازمىك ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(kalkvn117117) نۇمۇر قوشۇلد ..
  • مۇنبەر پۇلى:+199(arxang) نادىر ئەسەر
  • سادىر ئەپەندى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 128
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە315دانە
    ئۆسۈش: 0.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 315
      ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2033 سوم
      تۆھپىسى: 12 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 506(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    مىسرانىم ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشقۇنىمغا خۇرسەنمەن . قولۇمدىن چوڭ ئىشلار كەلمىسىمۇ مسرانىم مۇنبىرى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىمەن ھەم مىسرانىمنىڭ ئىيتقىنى بويىچە كەلگۇسىدە شىركەت تۇسىنى ئالغان توربەت بولىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .
    گۈزەل قىزلارنى سۆيۈمەن!!!

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 82
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
    ئۆسۈش: 0.05%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 118
      ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 9476 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 3(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-15

    مىسرانىم ئۇچۇر كەسپىي چەكلىك شېركىتىنىڭ،بالدۇرراق قۇرۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
    باتۇر جەڭچىلەر،مەنزىل كۆز ئالدىمىزدىلا-ئالغا!!!

    QQ:1428535011

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 5514
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە237دانە
    ئۆسۈش: 0.34%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 237
      ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 983 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 219(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-03
      كىرىشى: 2010-08-15

              " ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن " دېگەن گەپ بار . باشلىقنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا تىلەكداشمەن !!! ux2013 C_  
              چىكىنمەڭ - نەتىجە تىرىشقانچانلارغا مەنسۇپ !!!!!!!!!
    كەلدى باھار يامغۇرى ،
    قوشاق توقۇسام دەيدۇ .
    ئىسمىدۇر ئابدۇمىجىت ،
    خۇشال يايرىسام دەيدۇ .

    چ چ : 975642745
    بىلمىدىڭلاربارلىقىمنى ?مىھرىڭلەرگە زارلىقىمنى؟

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 5544
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
    ئۆسۈش: 0.2%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 198
      ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2872 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 81(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-03
      كىرىشى: 2010-08-15

    سۆھبەتتىن قارغاندا مىسرانىم تور بېكتىنىڭ مۇشۇنچىلىك بولشىغا مىسرانىم ئەپەندىنىڭ ئاز تۆھپىسى سىڭمەپتۇ . Id8wS!W`7  
    مىسرانىم تور بېكتىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشغا ،تور بېكەتلەر ئاسمىنى ۋە ئالىمىنىڭ چولپانى بولۇشىغا تىلەكداشمەن ،.شۇنداقلا مىسرانىم ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقيەت تىلەيمەن .
    شۈكران!        يا~شەرئىەت! يا~شاھادەت!

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 5175
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
    ئۆسۈش: 0.08%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 31
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
      ۋاقتى: 168(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-30
      كىرىشى: 2010-08-15

    مەن بۇ ئورۇننى ئىجارىگە ئالغاش تۇراي!
    تىما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش:
    ئىجارە ۋاقتى توشۇپ ئېشىپ كەتتى، تورداش ...
    ئاللاھنىڭ يولدا ئۆلگەنلەرنى(شەھىدلەرنى)ھەرگىزمۇ ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن!بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر!ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمان قىلىندۇ!
    ئاق ئاتلىق شاھزادە

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 993
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
    ئۆسۈش: 0.17%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 116
      ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1145 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 76(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-27
      كىرىشى: 2010-08-15

    مىسرانىم قۇرغۇچىسى ئابابەكرى ئەپەندىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    شۇنچە ھەيۋەت بىلەن كەلگەن دېڭىز دولقۇنىمۇ قىرغاقتىكى جىمجىت سۈكۈتتە تۇرغان تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ئۈمىدسىزلەرچە كەينىگە يانىدۇ...
    @BaYwaTQa@

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3003
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
    ئۆسۈش: 0.08%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 15
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 550 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-24
      كىرىشى: 2010-08-10

    ھەققىقەتەن  تەس جۇمۇ !  ئاللا ئىشلىرىڭغا ئاسانلىق بەرسۇن!
    ساڭا بولغان ئەقىدەم، ساڭا بولغان مۇھەببىتم،مەڭگۈلۈك!

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4199
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
    ئۆسۈش: 0.07%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 26
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 83 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 10(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-17
      كىرىشى: 2010-08-14

    مىھرىزاتنىڭ قۇلى بىلەن ئانچا - مۇنچە چۈشىنىش ھاسىل بولدى .
    Are you  smiled today

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 118
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1143دانە
    ئۆسۈش: 0.52%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1143
      ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4003 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 135(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-14

    يەنە بىرقىتىم تەرجىمھالىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. 7eH@n <]Y2  
    ke 
    غەلبە تىرىشقانلاغا مەنسۇپ ....
    ئۇخلىغاننىڭ رىسقىنى ، ئۇخلىمىغان يەيدۇ!!!
    ئۇيغۇرغائىتتىپاق قانۇن بىلىم لازىم

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3750
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
    ئۆسۈش: 0.14%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 96
      ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1165 سوم
      تۆھپىسى: -2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 66(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-11
      كىرىشى: 2010-08-15

    ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ، مۇشۇنداق سۆھبەت داۋاملىق بولغۇسى.
    ئۇيغۇر كەلگۈسىى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۈگىنىش كېرەك.

    ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12345»Pages: 1/11     Go