خۇدايىم بەرسە ،پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ دىگەندەك،ئابلىز مۇئاۋىن ھاكىم بولغىنىغا ئىككى ئاي بولمايلا ،ھاكىملىققا ئۆستۈرۈلدى.ئابلىز ھاكىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئىككىنجى كۈنى ئىشخانىسىغا ئۇنى بىرسى ئىزدەپ كەلدى.ئىزدەپ كەلگۈچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى تۇرغۇن ئىدى.تۇرغۇن ئابلىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپلا ھىچنىمە دىمەيلا ئىچ يانچۇقىدىن بىر پارچە قەغەزنى ئابلىزغا سۇندىدە،يەنىلا بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەي چەتتە قاراپ تۇردى.
ئابلىز تۇرغۇنغا قاراپ قويۇپ،غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ،ھىچ بىر گەپ سورىمايلا تۇرغۇن سۇنغان قەغەزگە تېزلىك بىلەن كۆز يۈگۈرتتى،يۈگۈرتتىيۇ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ،قايتىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
ئەسلىدە بۇ قەغەز مەكتەپتە سېلىنىۋاتقان ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 4 يىلدىن بۇيان يەنىلا يېرىم قۇرۇلۇش ھالەتتە تۇرغانلىقى،بۇ سەۋەبلىك مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ۋە مەكتەپنىڭ خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات ئىدى.
_"تۇرغۇن مۇدىر،دوكلاتتا دىيىلگىنىنىڭ ھەممىسى راست ئىشمۇ" سورىدى ئابلىز .
_"راست -يالغانلىقىنى ھاكىم ئۆزلىرى بېرىپ كۆرۈپ، بىلىپ كەلسىلە "دەپ جاۋاپ بەردى تۇرغۇن .
_"سەن......." ھاكىم تۇرۇپلا قالدىدە ،دەرھال يەنە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ سورىدى:
_بۇرۇن بۇ ئىشلارنى يۇقىرىغا دوكلات قىلغانمۇ؟"
_نۇرغۇن قېتىم دوكلات قىلغان ھەم نۇرغۇن قېتىم يۇقىرىدىن باشلىقلار كىلىپ كۆرۈپ كەتكەن بولسىمۇ،يەنىلا كارى بولىدىغان بىرسى چىقمىدى،ئەگەر ھاكىم ئۆزلىرىمۇ كۆڭۈل بېرىپ بولالمىسىلا،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتكە بارسام بولىدىغان ئوخشايدۇ."
_"بولدى!"ھاكىم ئاچچىغىدا ۋاقىردى،ئاندىن" بۇ ئىشنى بىلدىم،سىز ئاۋال قايتىپ ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەت ئىشلەڭ،ئوقۇچىلارمۇ ياخشى ئوقۇسۇن،ئاندىن ئەمەت يېزا باشلىقىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭ،مەن بىر نەچچە كۈنگىچە مەكتىۋىڭلارغا بارىمەن"دىدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندىلا ، ئابلىز ھاكىم دىگەندەكلا ،يېزىلىق ھۆكىمەت ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ مەكتەپتە پەيدا بولدى.
مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى.قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئورۇن مەكتەپنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە بولۇپ،ئارانلا ئىككى قەۋىتى پۈتكەن بۇ قۇرۇلۇش مەكتەپ ھويلىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا چوخچىيىپ تۇراتتى.ھەر خىل قۇرۇلۇش سايمانلىرى قالايمىغان چېچىلىپ تۇرغان ،تامىنىڭ تۈۋىدە تىكلەپ قويۇلغان قۇرۇلۇشتا ئىشلەتكەن تاختىپەزلەر دات بېسىپ ،قارىماققا ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتى.
ھاكىم بۇ مەنزىلەرنى كۆرگەنچە چىرايى تۇتۇلۇپ ئۆزگۈرۈپ كەتتى. ئەمەت يېزا باشلىقى ھاكىمنىڭ چىرايىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىگە قاراپ ،ئەھۋالنىڭ چاتاقلىغىنى پەملەپ،قورققىنىدىن ئىككى پۇتى يۇمشاپ،بەدىنىگە تىتىرەك ئولىشىپ،چوڭراقمۇ تىنالماي ھاكىمنىڭ كەينىدە يۈرەتتى.
ھاكىم خېلىغىچە ئۈندىمەي ئەھۋالنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ،مەكتەپ مۇدىرىنى چاقىرتىپ بەزى مەسىلىلەرنى سورىدى.ئويلىغاندەك قۇرۇلۇش پۈتمىگەندىكى تۈپ سەۋەب مەبلەغ مەسلىسى بولۇپ ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇليەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قويىشىدىن ئىدى.
مۇدىرنىڭ بۇ دوكلاتىنى ئاڭلاپ بولغان ھاكىم ئارتۇق گەپ قىلمايلا يېزىلىق ھۆكىمەتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كەينىدىن يېزا باشلىقى ئەمەتمۇ تىتىرگىنىچە ھاكىمنىڭ كەينىدىن ماڭدى.ھاكىم يېزىلىق ھۆكىمەتكە بارغاندىن كىيىن،يېزا باشلىقىنى ئايرىم چاقىرىپ يېزا باشلىقىنىڭ ھاكىمنىڭ ماشىنىسىنى سېتىپ شۇ پۇلنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشىنى
يەتمىگىنگە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىگىچە ئامالىنى قىلىشىنى،ئەگەر قۇرۇلۇش يەنىلا پۈتمەي مۇشۇ ھالدا تۇرسا،يۈز-خاتىرە قىلمايدىغىنىنى ئېيتتى.
يېزا باشلىقى ھاكىمنىڭ ماشىنىسىنى سېتىپ قۇرۇلۇش ئىشىغا ئىشلىتىدىغاننى ئاڭلاپ ھەم خوش ھەم ھەيران بولدى.
ئۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى ھەم ئچىدە" ھاكىم مۇشۇنداق بولسا .مەكتەپ قورۇلىشىدا ئۈمۈت بولىدىغان بولدى،مەنمۇ بىر باش ئاغرىقتىن قۇتۇلىدىغان بولدۇمدە" دەپ ئويلىدى.
يېزا باشلىقى ھاكىمنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كىيىن دەرھال ھەر دەرىجىلىك يېزا دەرىجىلىك كارخانا دېرىكتۇرلىرىنى چاقىرتىپ كىلىپ جىددى يىغىن ئاچتى،يىغىنغا قاتناشقانلار ھاكىمنىڭ ماشىنا ساتىدىغان ھەم ماشىنا ساتقان پۇلنى
قورۇلۇشقا ئىئانە قىلىدىغاننى ئاڭلاپ يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن بەس-بەستە ماشىنىغا باھا قويۇشقا باشلىدى.نەتىجىدە
ھاكىمنىڭ بۇ كونا ماشىنىسى يېڭى ماشىنىنىڭ باھاسىندىنمۇ يۇقىرى سېتىلدى.
شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ھاكىم يېزا باشلىقىنىڭ تېلىفون دوكلاتىنى تاپشۇرۋالدى.ئاندىن يېنىك بىر ئۇھ تارتىۋەتتى.
بىراق يېنىدا تۇرغان ئايالى خاپا ھالەتتە :
_ئەمدى ماشىنىنى سېتىۋەتتىڭىز ،ۋاقتى كەلگەندە قايسى ماشىنىنى ئىشلىتىسىز ؟" دىدى.
_"مەن بىر ھاكىم تۇرۇپ ماشىنا يوقلىغىدىن ئەنسىرەمدىم؟" ھاكىم ئايالىغا خوشال نەزىرىدە قارىۋەتكەندىكىن دىدى"سەن بىلمەيسەن،بۇ ماشىنىنى بۇرۇنقى ھاكىم ئىش تېرىپ قويۇشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن،شۇڭا ھەر قېتىم بۇ ماشىنىدا ئولتۇرسام بىئارام بولاتتىم،كۆزۈمدىن يوقىتىشنىڭ ئامالىنى قىلالماي بېشىم ئاغىرىپ تۇرغاندا بۇ تازا ياخشى پۇرسەت ئەمەسمۇ!".
تۇگىدى !!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مىسرانىم مۇنبىرىدە كۈندە دىگىدەك ئېسىل تېمىلاردىن ھوزۇر ئېلىپ يۈردۈم.مەنمۇ بىرەر تېما يوللاي دىسەم يېزىقچىلىق ئىقتىدارىم يوق دىيەرلىك.شۇڭا قولۇمدىن كىلىشىچە مۇنۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم،ئادەتتە ئۆزەم كۆرۈپ چۈشۈنۈپلا تەرجىمە قىلىپ باقماپتىكەنمەن،شۇڭا تۇنجى قېتىملىقىدا تازا ياخشى چىقمىغان بولىشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ تەنقىدى-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىغىنى ۋە ياقتۇرۇپ ئوقىشىنى ئۈمۈ ت قىلىمەن.رەھمەت.
ھە راست ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويدۇم شۇ.
تەھرىر(ئەلشىر)دىن:
بولسا تەرجىمە قىلىنغان مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز.....رەھمەت[ بۇ يازما ئەلشىر تەرپىدىن 2010-08-03 10:00 PM دە قا ]