مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 71 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : گۇنا تۇيغۇسى نەگە كەتتى
ئاللانىڭ قۇلى

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 535
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 1.5%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 30
  ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1054 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 16(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-08-04

0

 گۇنا تۇيغۇسى نەگە كەتتى



گۇناھ تۇيغۇسى نەگە كەتتى ؟ 3CL:VwoW  
]qQB+]WN  
يازغۇچىسى : ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي
z$,hdZ]  
نەچچە يىل ئىلگىرى بىر ماتېرىيالدىن ئامېرىكىنىڭ مەلۇم پرېزىدېنتىنىڭ : << ناۋادا 70 پىرسەنت ئامېرىكا خەلقى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى قانۇنلۇق قىلىپ بېرىڭلار ، دەپ ئاۋاز بەرسە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلچە ئىككىلەنمەي قانۇنلۇق قىلىپ بېرىدۇ >> دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى كۆرگەنىدىم . بۇ سۆزنى پرېزىدېنت ئامېرىكا دېموكراتىيىسىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە مۇكەممەللىكىنى كۆز – كۆز قىلىش ئۈچۈن ئېيتقان . بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغىنىمدا ھەيران قالغانىدىم ، لېكىن بۇ ھەيرانلىق ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىدىن پەيدا بولغان ھەيرانلىق بولماستىن ، بەلكى 70 پىرسەنت ئامېرىكا خەلقى راستتىنلا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى قانۇنلۇق قىلىپ بېرىڭلار ، دەپ تەلەپمۇ قىلارمۇ دېگەن گۇماندىن پەيدا بولغان ھەيرانلىق ئىدى . ھەيرانلىقىم ئۇزۇنغىچە بېسىلمىدى . ھەتتا غەربىي ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەت ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇش ھەققىدە قانۇن ماقۇللىغاندا ھەيرانلىقىم ئەۋجىگە چىقتى . كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ھەققىدىكى چۈشەنچەمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ھەيران قالماس بولدۇم ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا جۆيلۈشكە ئوخشاش تۇيۇلغان سۆزىنىڭ تېگىگە يەتتىم . بىردىن ئىچىم ئاچچىق بولدى . ئەينى چاغدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەخلاقى ۋە گۇناھ تۇيغۇسىغا ئىشەنچ قىلغان ، ئۇلارنىڭ ھەق – ناھەق كۆز قارىشىدىن گۇمانلانمىغاچقا ، قورقماستىن شۇ گەپنى قىلغانىكەن . #Z5~a9rO  
نېمىشقا ئىچىم ئاچچىق بولدى ؟ ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە نىسبەتەن قەلبىمدە ھەسەت ئوتى يالقۇنجىدىمۇ – يە ؟ ياق ! ياق ! ياق ! 6n4S$a  
ئىككى يىلدىن بۇيان ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ، ئابروي تۇيغۇسى ناھايىتى يۇقىرى مەتبۇئاتلىرىمىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەخلاقىمىزغا چېتىلىدىغان ، گۇناھ تۇيغۇمىزنى سوراقلايدىغان غەيرىي ھادىسىلەر ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى . قەلبىمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەخلاقىغا نىسبەتەن گۇمان ، چوڭقۇر قايغۇ پەيدا بولدى . ناۋادا ھازىر جۇڭگودا ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش راي سىناش ئېلىپ بېرىلىپ ، چىرىكلىك قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئاۋازغا قويۇلسا ، قانچىلىك ئەمەلدار قارشى تۇرار ، قانچىلىكى قوللاپ ئاۋاز بېرەر ؟ سودىگەرلەر ئارىسىدا سودا ئەخلاقى ئاۋازغا قويۇلسا ، قانچىلىك سودىگەر قوللاپ ئاۋاز بېرەر ، قانچىلىكى قوللىماس ؟ . . . h 
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ سابىق ئەزاسى ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرىتارى چېن شىتۇڭ ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ كېجىلار جۇڭگودىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى جەريانىدا بايقالغان دۆلەت رەھبىرى دەرىجىلىك پارىخورلار ، چىرىكلەر . . . ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ پاش قىلىنىشى خەلقنى خۇشھال قىلدى . لېكىن كاللىمىزدا سوئالمۇ پەيدا بولدى . بىرى دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، يەنە بىرى پايتەختنىڭ بىرىنچى باشلىقى _ دۆلەتنىڭ مۇھىم رەھبىرى . ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق خاتالاشتى ؟ ئۇلار كوممۇنىست ئىدىغۇ ، كوممۇنىستىك ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەنگەن ئادەملەر ئىدىغۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىكى ئەخلاق ، گۇناھ تۇيغۇسى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا مېڭىشتىن چەكلەپ قالالمىدى ؟ C u5 - w  
بۇ ئىككىسى ئەڭ تىپىك مىسال . باشقا چىرىكلىك مىساللىرى قۇمدەك . . . دېمەك ، بۇ ئەھۋاللار كاللىمىزدا << ناۋادا مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغان چىرىكلەر قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ، جىنايەتنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان بولسا ، قانداق قىلغان بولار ئىدۇق >> دېگەن سوئالىن پەيدا قىلىدۇ . . . N* QI>kzU  
ئۇندىن باشقا ، ھازىر جۇڭگونىڭ خەلقئارادا ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ، دېگەن نامى بار . ماگىزىنلىرىمىزنى ئارىلىساق ، ساختا مال ئېلىپ سېلىش ۋەھىمىسى ۋۇجۇدىمىزنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ تۇرىدۇ . بۇ ئەھۋالدىن مۇنداق ئۇچۇرغا ، ياق ، يەكۈنگە ئېرىشىمىز : تۆۋەندە قانۇندىن ، يۇقىرىدا خۇدادىن قورقماسلىق ، خەنزۇچە ئېيتقاندا : << 天不怕,地不怕>>لىق ھالىتى ، ئېتىقادسىزلىق ئىجتىمائىيىتىمىزدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتىمۇ نېمە ؟ ;!Mg,jlQ  
ھەر يىلى جۇڭگودا نەچچە مىڭ ئادەم يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ، پالەچ بولىدۇ . TR;-xst@  
ئادەمنىڭ ئەڭ تۈپ ئېھتىياجى بولغان يېيىشمۇ بۇلغانغان . . . ھەتتا ئادەم ھازىر خاتىرجەم يېيىش – ئىچىش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم . ijT^gsLL  
ستولبىلاردىن << قىزلىق پەردىسى سېلىش ئوپېراتسىيىسى >> قىلىش ھەققىدىكى ئېلانلارنى كۆرۈپ تۇرىسىز . بەلكىم ئەر كىشى بولسىڭىز غۇرۇرىڭىزنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىغانسىز . ئايال كىشى بولسىڭىز ئاياللىق قىممىتىڭىزنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇپ ، ئاياللىق ئۇلۇغلۇق ، پاكلىقىنىڭمۇ خرىسقا ئۇچرىغانلىقىدىن ، ئادەملەرنىڭ بەزلەشكەن قەلبى ئالدىدا قىزلىق غۇنچىسىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىدىن قەلبىڭىز قىيامەت ھەسرىتىگە چۆمگەندۇ ؟ FL}8h/  
ئەتراپىمىزدا ئادەملەر ئۆز – ئۆزىنى ئاياغ ئاستى قىلماقتا . . . بىر چاغدا زۇنۇن قادىرىي << ماغدۇر كەتكەندە >> ناملىق ھېكايىسىدە يەر تراگېدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى ، ھازىر يېنىمىزدىلا ۋىجدان ، ئەخلاق تراگېدىيىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ . w}0PtzOe  
بىر چاغلاردا دېموكراتىيىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتى ئىدىم ، شەخسىي ئەركىنلىككە چوقۇناتتىم . لېكىن ھازىر دېموكراتىيىدىن گۇمانلىنىمەن ، ئەركىنلىكنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ ئاغزىغا ئۇرغۇم كېلىدۇ . نېمىشقا ؟ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش مەلۇم قانۇننى ماقۇللاش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلسا خەلقىمنىڭ ئەخلاقىدىن ، گۇناھ تۇيغۇسىدىن گۇمان قىلىمەن . 70 پىرسەنت ئادەمنىڭ زەھەرلىك چېكملىك چېكىشنى قانۇنلاشتۇرۇپ بەر ، دەپ تەلەپ قىلىشىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە چىركىن – پاسىق نەرسىلەرنى قانۇنلاشتۇرۇۋېلىشىدىن قورقىمەن . جىنايەتنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى قىيامەتنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى ، خالاس . Il[WXt<S  
گۇناھ تۇيغۇسى ئومۇمى خەلق ئەخلاقىنىڭ شەخسىي روھىيىتىدىكى چەكلەش كۈچىدۇر . ئەخلاقمۇ ماھىيەتتە قانۇننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئاڭلىقلىشىدۇر . ئەخلاقنىڭ يەنە بىر مەنبەسى _ ئېتىقاد . ئېتىقادسىزلىق ، ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇسىغا زەربە بېرىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان كېسەلمەن شەخسىيەتچىلىك ، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلىماسلىق دەل گۇناھ تۇيغۇسىغا چۈشكەن ۋابا ۋىرۇسىدۇر . &'j77tqOk  
يېقىندا مەن << شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى >>نىڭ مەلۇم سانىدىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ پۇل ئۈچۈن ئانىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ، << شىنجاڭ ئاياللىرى >> ژۇرنىلى 2001 – يىل 11 – سانىدىن تۇرسۇن داۋۇت دېگەن مەلئۇننىڭ ئەمدىلا 17 ئايلىق بولغان ئوماق بوۋاق قىزىنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ھەققىدىكى پاجىئەلىك دېلونى ئوقۇپ قالدىم . ئەخلاق ، گۇناھ تۇيغۇسى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم ئەۋجىگە چىقتى . m[rJFSpef  
پۈتكۈل جۇڭگودىكى ئەخلاق كرىزىسىنىڭ ئېتىقادلىق سانالغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە يامرىشى قەلبىمنى پارە – پارە قىلىپ تاشلىدى . 2^:nlM{u  
ئەنە ، ھە دېسە : << بىز ئۇيغۇر >> ، << ئۇيغۇر ئۈچۈن >> دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان بىر ئۇيغۇر قاراپ تۇرۇپ قېرىندىشىنىڭ كېكىردىكىگە پىچاق سۈردى . ئەنە ، يەنە بىر ئۇيغۇر مەن مۇسۇلمان ، دەپ تۇرۇپ نارىسىدە قىزىنىڭ نومۇسىغا تەگدى ، يەنە بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىغا گۆشنى كەم تارتىپ بەردى . q1j[eru  
ئەنە ، بىر ئۇيغۇر قاسساپ ئۆچكىنىڭ كەينىگە قوينىڭ قۇيرۇقىنى 502 ماركىلىق يىلىم بىلەن چاپلاپ ، ئۇنى قوي گۆشى ئورنىدا بىر قېرىندىشىغا ساتتى . (nG  
قەسەمخورلۇقنى نومۇس بىلىدىغان ئۇيغۇر قەسەمخور بوپكەتتى . ئەڭ ئۇلۇغ ناملارنى ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىش قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . #-O4x`W>  
بىر چاغلاردا رەھمەتلىك بوۋام قىيامەت ھەققىدە سۆزلەپ : << ئادەملەر بىر – بىرىگە ئىشەنمەي قەغەز – قەلەمنىڭ گۇۋاھچىلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىغاندا ، ئادەملەر قەلبىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم سىغماس بولۇپ ، ئاياللار ئەرلەرگە خرىس قىلغاندا قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدىن بىشارەتتۇر >> دەيتتى . شۇ چاغلاردا گۆدەكلىكىمدىن بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە يەتمىگەنىكەنمەن . ئەمدى ئويلاپ باقسام ، ئادەملەرنىڭ بىر – بىرىگە ئىشەنمەي قەغەز – قەلەمنىڭ ئىسپاتىغا ئىشىنىشى ئەسلىدە ئېتىقاد ، ئىشەنچنىڭ ئاجىزلاپ ، ئادەملەر قەلبىنىڭ يىراقلاپ كېتىشى ئىكەن . . . >U]. k8a)  
ھازىر تۈز يوللاردا كىملەردۇر كولاپ تىندۇرۇۋەتمىگەن ئورەككە پۇتلىشىپ ، يىقىلىپ چۈشكەندە : << بىر چاغلاردىكى يولدا تىكەن ئۇچرىسا ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ئېلىپ تاشلايدىغان ئادەملەر نەگە كەتتى ؟! >> دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ . . . ئەخلاق ، گۇناھ تۇيغۇسى ھەققىدە ئويغا چۆمىمەن . گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ ئىنسانغا بېرىلگەن نەقەدەر زور بايلىق ئىكەنلىكىگە قول قويىمەن . قەلبى گۇناھ تۇيغۇسىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگ قاراپ : << سىلەر جىنايەت يولىغا كېتىۋاتىسىلەر >> دەپ ئۈنسىز ۋارقىرايمەن . . .
[ بۇ يازما Musallas تەرپىدىن 2010-08-03 10:16 PM دە ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما گۇنا تۇيغۇسى نەگە كەتتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(musilina) ئەھمىيەتلىك ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-03, 14:17
    (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن،

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3346
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
    ئۆسۈش: 3.5%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 70
      ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 258 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 216(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-04
      كىرىشى: 2010-08-04

    دەشئەت يىزىلغان ئەسەر كەن .  تۇغرا بىز ئاشۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلۇشۇپ باقساق بولدۇ .
    چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3346
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
    ئۆسۈش: 3.5%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 70
      ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 258 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 216(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-04
      كىرىشى: 2010-08-04

    ئەسەر ئىچىدە ئېلىنغان مىسالارمۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق ،دەل جايىغا كەلگەن .
    چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!
    تارىحنى  عەلبە قىلعۇچىلار  مەعلۇپ بول ..

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 723
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
    ئۆسۈش: 7.6%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 152
      ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 349 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 403(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-08-03

    ئويلنىشقا تىگىشلىك ئىشلار .تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق يېزىلغان تىمىكەن بۇ .
    چىن سۆيگۈنى ئۇنۇتماق تەس

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3964
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ئۆسۈش: 4.75%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 95
      ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 358 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 327(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-14
      كىرىشى: 2010-08-04

    يەنە بىر ئوقۇغۇنۇمدىن خوشال مەن .
    يۈز يىل دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ ، تىمساق بىلەن دوس بولالمايسەن .
    سىنى ئۇنتۇپ كەتسەمكەن دەيمەن !

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3865
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
    ئۆسۈش: 3.25%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 65
      ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 228 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 241(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-13
      كىرىشى: 2010-08-04

    قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ! قايىل بولدۇم . لىكىن جىق گەپ قىلىشقا  پىتىنالمىدىم ،  گۇناھ تۇيغۇسى مەندە قانچىلىك ؟
    ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە589دانە
    ئۆسۈش: 2.68%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 589
      ياخشى باھا: 201 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 8217 سوم
      تۆھپىسى: 8 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 376(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-04

    ناھايىتى جانلىق ،ئەمىىليى مىساللار ئارقىلىق ئۆزىمىزدە يوقاپ كېتىۋاتقان ئادىمىيىلىكنى، ئەخلاق كىرزىسىنى ياخشى يورتۇپ بېرىپتۇ.....ھەر بىر ئادەم ئوقۇپ ئويلۇنۇپ كۆرسە بولغۇدەك ماقالە ئىكەن بۇ....... K=;p^dE  
    ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا رەھمەت.....
    ئەسسالامۇ - ئەلەيكۈم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبىركاتۇ .

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3506
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
    ئۆسۈش: 0.73%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 29
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 91 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 87(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-07
      كىرىشى: 2010-08-04

    ئادەمدە ئىمان ئېتىقاد يوقالغاندا بىر -  بىرگە ئىشەنمەسلىك ۋە بىر  - بىرنى ئالداش كىلىپ چىقىدۇ ، مىنىڭ قىلغان ئىشىم توغرىمۇ ياكى خاتا دەپ ئۆز -ئۆزىگە دىئاگۇنۇز قويۇپ تۇرۇش بىر مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ئادىتى . @?z*: 7a  
    ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  ، ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك .
    ئاياللارغا خاس ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بېزەك ئىپپەتتۇر . ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز ، يالىڭاچ گەۋدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ،
    سەۋىر قىلىڭ،ھەممە ئش ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2977
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە195دانە
    ئۆسۈش: 2.79%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 195
      ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1527 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 367(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-24
      كىرىشى: 2010-08-04

    ئىمان ۋە ئىتقادتىن ئايرىلغاندا،ئادەم ئەنە شۇنداق نومۇسسىزلىقلار ئىچىگە چۆكۈپ كىتىدۇ.ياراتقان ئاللادىن ئىمانىمىزنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىنى تىلەيلى.
    ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما