سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى
بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-بىرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويىشنى ئۇنۇتمايتى،شۇنداق قىلىپ 9يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە شۇ كۆڭۈللۈك باشلانغۇچ،ۋە ئوتتۇرا ەەكتەپ ھاياتى ئاخىرلاشتى،تولۇق ئوتتۇرا ئىنتىھانى تۈگگەندىن كىيىنكى چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش ھەممىسنىڭ كۆڭلىنى بىر ئاز غەش قىلىپ قويدى .چۈنكى بۇ تۆتى باشقا -باشقا مەكتەپكە بۆلۈنگەن ئىدى،تۆتى بىر مەكتەپتە ئوقۇيمەن دىسە ئائىلىسىدىكلەرنىڭ مۇنداق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ دوسلۇقىنى دەپ شارائىت ئالماشتۇرشىغا قەتئى قوشۇلمايدىغىنى ھەممىسىنىڭ كۆڭلىگە ئايان بولغاچ ،باشقا ئامال يوق ئىدى ،سەردار بىلەن لالە بىر مەكتەپكە ،ئەكبەر بىلەن ئەلناز بىر مەكتەپكە بۆلۈندى،باشقا -باشقا مەكتەپكە چىچىلىپ كەتكىنى ئۈچۈن كۆڭۈللىرى يىرىم بولسۇشسىمۇ بىراق ئارتۇق قايغۇرۇپ كىتىشمىدى ،چۈنكى ھەممىسى مەڭگۈ ھەممە يەردە بىرگە بوللالمايدىغىننى بەك ئىنىق بىلەتتى، مەيلى ئۆزلىرى قەيەردە بولمىسۇن ،دوسلۇق رىشتىسىگە ھىچنىمنىڭ توسالغۇ بولالامايدىغىنغا قاتتىق ئىشنەتتى ،بۇ تەرەپتە كۆڭلىدە ئازراقمۇ گۇمان يوق ئىدى ،ئۇلار ئۈچۈن ئىيىقاندا سەرداربىلەن ئەكبەرقان قىرىنداش ئاكا -ئىنگە
ئوخشىسا ،لالە بىلەن ئەلناز ئاچا سىڭىلغا ئوخشايتى ،بىر- بىرگ نىسپەتەن زادى يات تەرەپلىرى يوق دىيەرلىك ئىدى،شۇغىنسى ئەلناز بىلەن ئەكبەر تولا تىركىشىپ قالاتتى ،ئەكبەر تولا ئەلنازنى بوزەك قىىلىپ بولۇپ يەنە ئۆزنىڭكىنى راس قىلىپ تۇرۋالاتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئەلناز جىلە بولۇپ يىغلايتى ،ئۇ يىغلىسا ئەكبەر يەنە چىدماي بىر ئامال قىلىپ ئەلنازنى كۈلدۈرەتتى ،ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرى لالە بىلەن سەردارنىڭ ئىچىنى سىقىپ قوياتتى ::نىمانداق قىلىدىغانسىلەر ،ئۆزۈڭلار ئۇرشۇپ ئارقىدىن بىر -بىرىڭلارغا چىداشماي كىتىدىكەنسىلەر ،ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ،ئۇرۇشماي ئۆتۈپ باقساڭلار نىم بولدۇ ،يۈرە لالە بىز مىڭىۋىرىمىز ::: شۇنداق دەپ سەردار لالەنى سۆرەپ ئىلىپ كىتەتتى ،ئەكبەر بىلەن ئەلناز بولساخۇددى گۇناھكار ئادەمدەك دومسىيىشىپ ماڭاتتى ،ئۇلارنىڭ شۇ تۇرقىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ كۈلگۈسى كەلمەي قالمايتى .
ئەكبەرئادەتتىكى ئوقۋاتقان كۈلنىرى ئارام ئىلىش كۈنلىرىنىڭ بالدۇرراق كلىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى ،
بىراق ئارام كۈنلىرى يىتىپ كەلگەندە بولسا ،ئۆزنى بىكارچى بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ھەركەت قىغۇسى كىلىپ كىتەتتى ،ئانىدن سەردارغا تىلفۇن قىلىپ ،بىللە چىقىپ ئوينايتى ،تەنتەربىيە سورۇنلىرىغا باراتتتى ،بۇ شەنبىمۇ شۇنداق قىلدى ،سەردار بىلەن باردىغان ئورۇننى كىلشىش ئۈچۈن تىلفۇن قىلۋىدى ئويلىمغان يەردىن تىلفۇننى سەردارنىڭ سىڭلىسى ئالدى ،
ئەكبەر : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،سەردار بارمىدۇ ؟
نادىيە : با بىراق ئاكام ............
نادىيەنىڭ گىپى تۈگمەي تۇرۇپلا سەردارنىڭ مۇنچدا تۇرۇپ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئۇنى چۈچۈتۋەتتى ،:
نادىيە كىمكەن ؟
نادىيە :ھە!!!!!!! ئەكبەر ئاكامكەن ،سىنى ئىزدەيدىكەن ،نىم دەيمەن ؟_ نادىيەنىڭ تىلفۇننىڭ تۇرۇپكىسىنىمۇ توسۋالماي تۇرۇپ قىلۋاتقان باللارچە گىپىگە ئەكبەرنىڭ كۈلگۈسى كەلدى.خۇددى ئۆزنىڭ سىڭلىسىغا ئىچى كۆيگەندەك ئىچى كۆيدى .
سەردار : ھىلى ئاكام ئۆزى تىلفۇن قايتۇرمەن دەيدۇ دەپ قويە ئوماق .
سەردار خلى كۈچەپ توۋلىغاچ ،ئەكبەرمۇ ئۇنىڭ نىمە دىگىننى ئاڭلىغان ئىدى ،شۇڭا نادىيە ئەمدى ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولغۇچە ئەكبەر توسۇپ قويدى ،
ئەكبەر : بولدى سىڭلىم ،دىمىسڭىزمۇ بولدۇ ،
نادىيە : ئاكامنىڭ نىمە دەيدىغىننى بىلىپ بولدىڭىزما ؟-ھەيرانلىق ھىس قىلىپ .
.ەكبەر : ھى ھى ھەئە بىلىپ بولدۇم .
نادىيە : ۋاھ !!!ئەكبەر ئاكا بەك يامان كەنسىز جۇمۇ ،مەن تىخى دىمەي تۇرۇپلا بىلۋاپسىز .
ئەكبەر : ھى ھى شۇنداقمۇ ،ئاكڭىز خىلى يۇقرى ئاۋازدا دىدى ئەمەسمۇ شۇڭا ئاڭلاپ قالدىم .
نادىيە : ھە مۇنداقكەندە ئەسلى ھىھى .
ئەكبەر:ماقۇل ئەمسە سىڭلىم ،قالغان گەپنى ئاكڭىزنىڭ ئۆزگە دەي ھە !
نادىيە : توختىڭا ئاكا .......
ئەكبەر :ھە گىپڭىز بارمىدى ؟
نادىيە : ئىم........سىز بىزنىڭ ئۆيگە كەلمىگەنگە بەك ئۇزۇن بولدىغۇ قاچان كىلسىز ؟سىزنى
كۆرگۈم كەلدى .....
ئەكبەر : راسما ،مىنىڭمۇ سىزنى كۆرگۈم كەلدى ،مۇنداق بولسۇن بۈگۈن ئاكڭىز بىلەن ئىشىمنى تۈگتۈپ دىلەرنىڭ ئۆيگە باراي ماقۇلمۇ ؟
نادىيە :راسما !!!ماقۇل
ئەكبەر : ئەمسە شۇنداق بولسۇن ھە خوش سىڭلىم .........
نادىيە : توختاپ تۇرۇڭ .
ئەكبەر: يەنە نىم بولدى .......؟
نادىيە: ئىم ھى ھى كەلگەندە ماروژنا ئەكلىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ .
ئەكبەر : ھى ھى ماقۇل ماقۇل چوقۇم شۇنداق قىلمەن ،يەنە گەپ بارمۇ ......
نادىيە ؛ياق ئەمدى تۈگدى.
ئەكبەر: خوش ئەمسە .
سەردار بىلەن ئەكبەرلەرنىڭ ئائىلسىنىڭ مۇناسىۋىتى بەك قويۇق بولغاچقىمىكىن ،نادىيە كىچىكىدىن ئەكبەرگە ئامراق ئىدى.
بەزىدە سەرداردىنمۇ بەكرەك ئامراقلىق قىسا سەردارنىڭ سەل خۇيى تۇتۇپ قالاتتى ،
شۇنداق قىلىپ سەردار مۇنچىدىن چىقىپ ئەكبەرگە تىلفۇن قىلىپ ئىككىسى سوقما توپ كۇلۇبىدا كۆرشىدىغان بولۇپ كىلىشتى ،ئىككىسى كۇلۇپقا كىلىپ بىر دەم ئويناپ سوقما توپ ئويناش مەنىسىز بوپ تۇيۇلدى ،
ئەكبەر:ئاغىنە پەقەت ئوينۇغۇم كەلمەيۋاتىدۇ ،سىتكا توپ ئويناپ كىلەليلىمۇ بولمىسا ،نىمدىگەن مەنىسىز ئويۇن بۇ ..........!
سەردار: ئايقىڭ چىقىپ مىڭىشنى ئۈگەنگندىن باشلاپ بىر جايىڭدا توختاپ باقمىدىڭغۇ دەيمەن ھە سەن ھى ھى
ئەكبەر : ئامال يوق ئەمدى خۇدايىم بۇ پۇتنى مىڭىشقا ياراتقان سەندەك ئولتىرىۋەرسە تاشقا ئايلىنىپ قالدىغان گەپ شۇھى ھى
سەردار : ماقۇل ئىككىلىمىز تاشقا ئايلىنىپ قالمايلى .سىتكا توپ ئوينايلى،ماڭدۇق ئەمسە
ئەكبەر ؛ ماقۇل ،ھەي خۇدا
سەردار : نىمە ؟
ئەكبەر:بىزنىڭ ئا ئىككىسنى ئالماي ئوينىغىنمىزنى ئۇلار ئۇقۇپ قالدىغان بولسا زە تۈگشىمىز جۇمۇ
سەردار: قىز بالدىن قورقىۋاتامسەن ئاغىنە ھى ھى قوقما مەن با ھى ھى
ئەكبەر : ماڭاۋا كىم قوقۇپتۇ ،لالەنىڭ ئاغزىنى بىلسەنغۇ ،پىلمۇتتەك قويۇپلاۋەتسە ئىتمەن دەپمۇ ئەتكىلى بولمايدۇ
تۇرۇپ ئويلاپ قالمەن بۇ قىزلارنىڭ ئاغزى نىمداق ئىتتىكتۇ دەيمەن،مەندەك ئاغزى ئىتتىك ئادەممۇ بەزىدە لالەگە گەپ تىپىپ بىرەلمەي
دۇدۇقلاپ كىتمەن دىسە ھى ھى
سەردار: قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس ،كۆرمەمسەن ئەلنازنى شۇنداق بوزەك قىساڭمۇ ،گەپلىرىڭىنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ
لام -جىم دىمەيدۇ ساڭا ،شۇنداق چوڭ سۈپەت ،
ئەكبەرمۇ سەردارنىڭ گىپىنى تەستىقلىغاندەك قىلىپ :ئۇغۇ شۇ ،
سەردار : ئەكبەر بىرئىش كاللامدىن زادى ئۆتمەيدۇ ؟
ئەكبەر :نىمە ئىش ،مەنلا بولسام ئۆتكۈزۋىتىمەن ھەر قانداق ئىشنى، دىگىنە قىنى؟
سەردار ئەكبەرنىڭ كۆزگە بىر قارۋىتىپ يىندىكى مىنرال سۇنى ئىلىپ ئىچكەچ گىپىنى داۋام قىلدى
نىمىشقا ئەلناز ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا ۋارى تاڭ تاڭ تۈگمەيدۇ ،ئىككىڭلارنىڭ ئارسىدا تالاشقىدەك نىمە بار زادى ؟
ئەكبەر : ھىچ ئىشقۇ يوق ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ،ئۇنى كۆرسەملا ئۇرۇشقۇم كىلىپ كىتىدىكەنغۇ تاڭ ھى ھى
سەردار :ۋاي بولدى يۈرە
ئەكبەر : نەگە؟
سەردار : دىۋەڭلىك كىسلىڭ بارمۇ يە سىنىڭ ئۆزۈڭ سىتكا توپ ئوينايمىز دىدىڭغۇ
ئەكبەر : ۋوي راس سەن گەپ سوراۋىرىپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ھى ھى
شۇنداق قىلىپ ئىككسى سىتكا توپ ئويناشقا ماڭدى ،سىتىكا توپ مەيدانىغا يىتىپ كىلىپ خلى ۋاقىتقىچە ئويناپ ئىككىلىسى چىلىق تەرگە
چۆمۈپ كەتكەن ئىدى ،سەردار پەقەت چىدماي پالاقىنى يەرگە تاشلاپلا ئولتۇردى ،توختىماي ھاسىرايتى
ئەكبەرمۇ توختىماي ھاسىرايتى ،
ئەكبەر: ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق تەرلىمىگەنگە ،.........
سەردار: قانداق ئادەتتە پو ئىتىڭ دىسە ئايماي ئاتاتتىڭ ،نىم بولدى بوشاپ كەتتىڭغۇ ،شۇ ھالىڭغا
سىتكا توپ ئوينايمەن دەيسەنغۇ يەنە ھى ھى
ئەكبەر : ھە سەن تەرلىمەي مۇز بوپ قىتىپ كىتىپسەن ئاغىنە ..........
سەردار : قويە سىنى.........
ئەكبەر : قانچىلىك بولدى كەلگەنگە
سەردار سائەتكە قارۋىتىپ : 3سائەت بوپتۇ ،قايتامدۇق ؟
ئەكبەر: ماقۇل،تۇرۇپ تۇر يۇينىۋالاي ،ھە راس ھىلى قايتاشىمىزدا ماروژنا ئىلۋال دەپ قويۇشنى
ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ ،سىڭلىڭ ئالاھىدە تاپلىغان ماڭا ھى ھى
سەردار: سەن قاپسەندە ئەمدى ئۇ ماروژنا بۇيرىمغان ھى ھى ماقۇل دەپ قوياي .
[ بۇ يازما Musallas تەرپىدىن 2010-08-03 10:29 PM دە ]