dm;C @.ML 0a1Vj56{) ئۇنۇتماڭكى ئۆلۈم ھەق
9 E@}@ZV( G@Jl4iHug" دۇنيا لەززەتلىرى ئالداپ قويمىسۇن ،
بۇ مەلئۇن دۇنيا دەپ دىنىڭ كۆيمىسۇن .
قەلبىڭ گۇناھلارنى ئەسلا سۆيمىسۇن .
ئۇنۇتما ئۆلۈم ھەق ، قىيامەت ھەقدۇر .
ھىچ كىممۇ دۇنيانىڭ ئۈستۈنى بولماس ،
ئىماندا ئۆتكەنلەر قايغۇنى بىلمەس .
ھەقنىڭ قىيامەتدەك ھىچ كۈنى بولماس ،
ئۇنۇتما ئۆلۈم ھەق ، قىيامەت ھەقدۇر .
ئاگاھ بول ئالدانما نەفسى شەيتانغا ،
بۇ دۇنيا سىناقدۇر ھەر بىر ئىنسانغا .
بىر مەرتە كەلگەيسەن بۇ ئىمتىھانغا ،
ئۇنۇتما ئۆلۈم ھەق ، قىيامەت ھەقدۇر .
ھەق يولدا ئازارلار يەتكەي بۇ سۇننەت ،
سەبىرنى ئۆزۈڭگە ئەيلىگىن زىننەت .
تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاقىۋەت جەننەت ،
ئۇنۇتما ئۆلۈم ھەق ، قىيامەت ھەقدۇر .
چىرايلىق ۋە سالىھ ئەمەللەر قىلغىن ،
ھەق يولدا بىر گۈزەل نەمۇنە بولغىن .
ئۆلسەڭ ھەم چىن مۆمىن ھالىڭدا ئۆلگىن ،
ئۇنۇتما ئۆلۈم ھەق ، قىيامەت ھەقدۇر .
8-f2$ Mg7nv\6 ئۇنۇتما ئۆلۈم ھەق ، قىيامەت ھەقدۇر .
ئۇنۇتما ئۆلۈم ھەق ، قىيامەت ھەقدۇر .
مەنبە : ئۆزبىكچە تور
(x+C=1,