مۇسۇلمانلار نەپسى خاھىش بىلەن كۈرەش قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك {&UA60~6
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم gS8+S\2
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى مۇنبەرداشلار! ;<_a ,5\Q
ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك << قۇرئان كەرىم>> دە ئېيتىدۇركى: E
AZX
ئېيتقىنكى'مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولماي قالىمەن'. ?5/7
@V
________ سۈرە<<ئەنئام>>(6-سۈرە)،56-ئايەت ?~4x/d%
ئۇنداق ئەمەس، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. 3W]gn8
--------سۈرە<< رۇم>>(30-سۈرە)، 29-ئايەت R PoBF~>
نەپسى خاھىش ئەرەبچىدىكى "ھوى النفس"(ھەۋايى نەفسى) نىڭ تەرجىمە مەنىسى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ شەخسىي ئارزۇ - ھەۋەسلىرىگە قارىتىلغان، ئۇ ئاللاھ يولىغا خىلاپ كېلىدىغان، باشقىلارغا ۋە جەمىئيەتكە زىيان- زەخمىتى بولىدىغان شەىسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشلاردىن ئىبارەت. نەپسى خاھىش كىشىلەرنى ھەققانىي يولدىن ئازدۇرۇپ، ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. نەپسى ئىغۋاگەرچىلىك قاتارلىق ھەرخىل ساغلام بولمىغان مەنىۋى ۋە ئىدىيىۋى ئىللەتلەرمۇ كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر شەخسنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرىپى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆز ئېتقادىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ، شۇڭا نەپسى خاھىش ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر. ئىسلام دىنى نەپسى خاھىشقا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە نەپسى خاھىش بىلەن كۈرەش قىلىشىنى"چوڭ جىھاد" دەپ قارايدۇ. AI Kz]J0;
نەپسى خاھىش ھەممە كىشىدە بولىدىغان خاسلىق بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆز پاناھىدا ساقلىغان ۋە ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرالايدىغان بەندىلەر نەپسى خاھىشنىڭ ئازدۇرۇشىدىن خالاس بولالايدۇ. شۇڭا، نەپسى خاھىشنى بەزى ئادەملەر يېڭەلەيدۇ، بەزى ئادەملەر يېڭەلمەيدۇ. Pq8oK'z-
ئىنسانلارنىڭ پىر بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قابىل ۋە ھابىل دېگەن ئىككى ئوغلى بولغان، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىل تەقدىم قىلغان قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىلپ، قابىلنىڭكىنى قوبۇل قىلمىغان، شۇ سەۋەبتىن قابىل ئىنىسىغا بولغان ھەسەتخورلۇق ۋە ئۆچەنلىك تۈپەيلىدىن ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق قانلىق دېلونى سادىر قىلغان. بۇ ھەقتە<< قۇرئان كەرىم>> دە مۇندا دېيىلگەن: >3@3~F%xAX
ئۇ(قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى. ^m&I^ \
------سۈرە<<مائىدە>>(5-سۈرە)، 30-ئايەت r-TrA$k
<<قۇرئان كەرىم>> نىڭ <<يۈسۈف>> سۈرىسىدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئايال كىشىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشچە، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ناھايىتى كېلىشكەن چىرايلىق زات بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نەپسى خاھىشىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنىئۆز پاناھىدا ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ زات ئابرويلۇق ئەمەلدارنىڭ ئايالىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى تىزگىنلىگەن ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئازدۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلغان، چۈنكى ئۇ زات زىنا- مەئسىيەت گۇناھىنى سادىر قىلىشتىن، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا دۇچار بولۇشتىن قورقاتتى، ئۆز خوجايىنىنىڭ ياخشىلىقلىرىغا ۋاپاسىزلىق قىلىشنى ياقتۇرمايتتى، شۇڭا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى ئازغۇنلۇقنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلاپ قالالىدى. خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك: E}v8Q~A(
مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىفارىم رەھمەت قىلىپ( ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگەارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. B+mxM/U[c
----- سۈرە<< يۈسۈف>>(12-سۈرە)، 53-ئايەت &)gc{(4$
بۇ ئايەتى كەرىمنىڭ مەنىسى شۇكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ نەپسى خاھىشى ئوخشاشلا يامان ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۆز مەرھەمىتى بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ساقلىمىغان بولسا، ئۇمۇ نەپسى خاھىشقا ئەسىر بولۇپ قالغان بولاتتى. يۇقىرىقى قىسسىدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، نەپسى خاھىش ئىنسانلار قەلبىدىكى شەيتاندۇر، ئۇنىڭ بىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخەس بولۇشىمىز لازىم. بىز يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئىشقا يولۇققاندا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىغان، ئاللاھدىن پاناھ تىلەيدىغان، نەپسى خاھىشنى تىزگىنلەيدىغان روھىدىن ئۆگىنىپ، ئىرادىمىزنى تاۋلاپ، نەپسى خاھىش بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا بىز "زىيان تارتقۇچىلار"دىن بولۇپ قالمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرگىز قابىلغا ئوخشاش نەپسى خاھىشقا بېرىلىپ، ئاقىۋەتتە چوڭ بالا-قازا كەلتۈرگۈچىلەردىن بولماسلىقىمىز لازىم. V7r_Ubg@K
نەپسى خاھىش، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا زىيانە يەتكۈزۈپ، ئەخلاقىمىزنى بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ ئومومىي مەنپەئىتىمىزگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە زور دەرىجىدە زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ. ناۋادا بىز مۇسۇلمانلار نەپسى خاھىشقا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىدارە قىلىشىدا قالساق، مۇقەررەر ھالدا ئەقىدىمىزگە زىيان يەتكۈزۈپ سالىمىز-دە، ھەقر-توغرا يولدىن ئېغىپ كېتىپ قالىمىز. خۇددى<< قۇرئان كەرىم>> دە دېيىلگەندەك: 1[8^JVC>6
نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. 6lv@4R^u
---سۈرە<<ساد>>(38-سۈرە)، 26-ئايەت At?|[%<`
ئىسلام دىنىمىز تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى ئالەملىك بەخىت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا مۇشەررەپ بولۇشىمىز ئۈچۈن، بىز ھەر ۋاقىت نەپسى خاھىش بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. 7C0xKF
داۋامى بار. l`ZL^uT
مەنبەسى: ھىدايەت گۈلزارى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. Wc2&3p9 c
 |