كىر يۇيىۋاتقان ئەر
-نەگە ماڭدىڭ سادىر ؟
سادىن ئوغلىنىڭ جابدۇنۇپ سىرتقا ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىرىۋالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوغلىغا بولغان سۆيۈنۈش، ئامراقلىقنىڭ كۈچلۈك ئوتى يىلىنجاپ تۇراتتى. مانا مۇشۇ ئوغۇلنىڭ ئۆزى سادىننىڭ مۇشۇ دۇنياغا ئۆز ھۇجۇدىدىن تامغان ۋارىسى، ئۆچمەيدىغان ئىزى، ھاياتىنىڭ داۋامى،نەسلى نەسەبىنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ھەم ماتەنەتلىك دەلىلى. بىر ئەركەك ئۈچۈن ئوغۇل دىمە بىر ھىساپتا ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى. ئەر يىتىپ قالغان ئوغۇلغا ئاتا بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىدە شىرىنلىكنى ھىچ نەرسە بىسىپ كىتەلمەيدىغان مۇشۇنداق بىر سۆيۈنچ تۇيغىسى بولىدۇ. بۇنداق تۇيغۇ يۈرىكىگە چەكسىز ئاراملىق، قانائەت ۋە غورور ئاتا قىلىدۇ.
-ئاغىنىلەر بىلەن جاڭگالغا بارماقچى بولغان.
-جاڭگالغا ؟جاڭگالغا نىمە بوپتۇ؟
-توشقان ئوۋلايمىز
-توشقان ئوۋلايمىز ؟توشقان ئوۋلايمىز دە. بۇ ئىشىڭ قاملاشماپتۇ.
-نىمىشقا، دادا، بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟
-ئەمدى دەيمىنا، ئوۋ دىگەنننى مەندىن سورىساڭ بولىدۇ، خەتىرى يامان ئىش بۇ.
-ھا ھا ھا، قارا گىپىڭنى، توشقان ئوۋلاش دىگەننى قانچىلىك خەتىرى بولماقچى ئىدى ؟ئاڭلىسام بوۋام رەھمىتى يولۋاس ئولتۈرگەنمىش. مەن ئۇنىڭ نەۋرىسى تۇرۇپ. . . . .
-ئا. . . قويغىنا، مۇشۇنداق گەپنى. ئۇ دىگەن قاچانقى گەپلەر. بىر كىملەر نىمە قىلسا سەنمۇ شۇنى قىلامسەن. بۇ گەپكە ئىسلىۋالما. ھازىر دىگەن ھازىر. ھە دىسە دەقيانۇسنىڭ ۋاختىدىكى گەپلەرنى دەپ يۈرمە. بايا دىگىنىمدەك ئوۋچىلىق ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس. سەللا بىخەستىلىك قىلساڭ بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدىغان گەپ.
-ئەمىسە سەن ماڭا ئۈگىتىپ قوي. سەن مۇشۇ ئوتتۇرادا خىلى نمى بار ئوۋچى.
-قوي بۇ گەپنى. دىدىمغۇ،ئوۋچىلىقنىڭ خەتىرى يامان، بەزىدە جاننى سىلپ بىرىشىڭگە توغرا كەپقالىدۇ. ئۆلۈپ كىتىدىغان جاھاندا تىنىچ خاتىرجەم ياشاپ ئۆتۈپ كەتكەنگە نىمە يىتىدۇ؟
سادىن شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا دادىسىنىڭ يوغان تاغىل يولۋاس بىلەن ئىلىشىپ يولۋاسنىڭ گىلىنى بوغققان پىتى جان بەرگەن قىياپىتى كۆز ئالدىغا كىلىپ تىنى سىقىراپ،قىزىتىلغان تۆمۈر زىخ يۈرىكىگە قادالغاندەك بىر ئاچچىق تۇيغۇدىن مىڭىسىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.
-بىراق كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم بىرەر ئىش قىلغۇم بار.
-ھە، نىمە ئىش؟
-ئۆزۈممۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن. نىمە. ىش بولسا مەيلى. ئىشقىلىپ بىرەر ئىش قىلسام، ئۆمۈرۈم بىكار ئۆتمىسە دەيمەن. چىلىشچى بولساممۇ ياكى. . . . . . . .
-كاللاڭ قىززىپ قاپتۇ. ئوۋچىلىق، چىلىشچىلىق، ئوغلاق تارتىش، دىگەنلەر ئادەمگە ئارامچىلىق بەرمەيدىغان ئىشلار. ساڭا دەيدىغان گېپىم شۇ ز:قانداق قىلىپ بولمىسۇن تىنچ ئامان تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇت. ھازىردىن باشلاپ بولار بولماس خىياللارنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت.
سادىن سۆزلەۋىتىپ ئوغلىغا سەل ئاچچىقى كەلگەندەك قاراپ قويدى. ئوغلى ھە دىسە بوۋىسىنى شىپى كەلتۈرۈپ، بالىلىق قىلىپ ئۇنى دورايمەن دەپ بىرەر پىشكەكچىلىككە ئۇچىراپ قالسا قانداق بولىدۇ. سادىن ئۈچۈن دادىسىنىڭ يەنە ئاخۇنبەگلەرنىڭ كۆرمىشلىرىنىڭ يىتىپ ئاشقۇدەك ساۋاق ئەمەسمۇ.
-لىكىن شۇنداقتىمۇ توغقا ئوۋلاشنىڭ نەرە يامان. ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى مىنىڭ. ئالدىنقى قىتىممۇ ئىككى توشقان تۇتۇپ كەلگەن ئىدىم. بىخەتەر<قاپقان قۇرۇپلا تۇتىمىز.
-تىخى ئىلگىرى بىر قىتىم بىرىپتىكەنسەندە. مەن ھەجەپ بىلمەي قاپتىمەنغۇ؟
-ساڭا دىمەيلا كىتىپ قالغىنىم راست. خاپا بولما دادا ھىچنىمە بولمىدى.
-شۇنداقمۇ دەيسەن، خەتىرى بار ئىشچۇ بۇ. خاپىلىقنىڭ ئېزى ياخشى. توشقاندەك نىمىدىن قانچىلىك گۆش چىقاتتى. توشقان قوغلايمەن دەپ بىرەر نەرسىگە پۇلىشىپ يىقىلساڭ ياكى مۈدۈرۈپ كەتسەڭ. . . . . <بالا -قازا كۆرۈنمەس،پۇت قوللىرىنى ساڭگىلىتىپ >دىگەندەك يىرتقۇچلارغا يولۇقۇپ قالساڭ. . . . . .
-ئۇنداق بولماس.
-ئۇنداق بولمايدىغىنىنى نەدىن بىلىسەن. مەن بىلەن تولا تاكاللاشماي ماڭ بىرىپ ئىشىڭنى قىل. ئاناڭ ئوت ياش ئوتاۋاتىدۇ، شۇنىڭغا قاراش، تولا ئىچىمنى پۇشۇرما.
-دادا. . . . . .
-ماڭ دەۋاتىمەن ياغاچقۇلاق. بىرنى قويىمەن ھېلى بىكار
سادىر دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراشقا پىتىنالماي، يەرگە دوڭغۇيۇپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئارقىسىغا يىنىپ باغقا قاراپ ماڭدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئوۋ ھەققىدە بىر نەرسە دىگەنلىكىنى ھىچكىم ئاڭلاپ باقمىدى.
(3)
ھويلا تىمىنىڭ يىنىدا ئۆسكەن ئىگىز ئۈجمىنىڭ شاخلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قۇرۇپ كەتكەن. ئۈجمىنىڭ تۈۋىگە بۇ يىقىندا سۇ كىرمىگەندەك توپا ئۆلەپ تۇرىدۇ. بىر تەرەپكە قىيسىپ قالغان كونا زاماننىڭ دەرۋازىسىنىڭ قىلىن تاختايلىرى قىيىپ، يىرىقلىرىغا پاختا تىقىپ قويغاندەك كۆرىنەتتى. كىرلەشكەن، چىرىشكە باشلىغان دەرۋازا كۈچلۈك بىر زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك قىلاتتى.
سادىر قاراڭغۇ ئايۋاندا ئاچچىق موخۇركىنى شوراپ ئوڭدىسىغا ياتقان ئىدى. كۆكۈش موخۇركا ئىسلىرى تايىنسىز يۈرەكتە توزۇپ كىقتىۋاتقان ئاجىز روھتەك لەيلەپ يۈرەتتى. ئون ياشلارنىڭ قارىسىنى ئىلىپ قالغان ئوغلى سەمەتجان يىنىدا ئولتۇراتتى. بالا دادىسىغا قورقاندەك قاراپ قويۇپ ئاستا سورىدى:
-دادا. . . تۆ. . تۆمۈر پالىۋان دىگەن كىم؟
-تۆمۈر پالىۋان ؟بۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن. ئۇ شۇنداق بىر ئادەمدۇ.
-خەقلەر. . . خەقلەر ئۇنى سىنىڭ ئۇلۇغ بوۋاڭ، قالتىس ئادەمكەنمىش دىدى.
-بۇنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيمەن. قالتىس ئادەم بولسا بولمامدۇ. ئۇنىڭ سەن بىلەن ماڭا ھىچ ئالاقىسى يوق. ئۇنى كىم كۆرۈپتىكەن.
-بىراق ئۇ. . . . .
-نىمە بىراق. بۇنداق پەلىپەتىش گەپلەرنى خىيال قىلىپ يۈرمەي ئوقۇشۇڭنى ئوقۇ.
-خەقلەر ئۇنى يولۋاس ئۆلتۈرگەن دەيدۇ.
-قىپقىزىل يالغان گەپ. نەدە ئادەم دىگەننىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگىنى بار. گەپ دىگەنگە مۇشۇنداق ئۆرۈلۈپ چۆرۈلۈپ مۇشۇنداق قانات قۇيرۇق چىقىپ قالىدۇ. تىلنىڭ سۆڭىكى يوق دىگەن شۇ. بەلكىم ئۇ يولۋاسنى ئەمەس يولۋاس ئۇنى ئۆلتۈرگەن بولغىيتى. بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق گەپلەرگە قۇلاق سالما،ھەممىسى يالغان.
-بىراق بۇنى خەقلەر راست دەيدۇ،-بالا شۇنداق دەۋىتىپ قورققاندەك كەينىگە شىپقىدى.
-ئاغزىغا بىرنى قويىمەن ما گۇينىڭ ھىلى. ھەجەپ مەن ئاڭلىمىغان گەپنى سەن ئاڭلاپسىنا. دىدىمغۇ،ھەممىسى يالغان گەپ. بۇنداق ئىشلارغا كاللاڭنى چاچماي ئوقۇشۇڭنى بىل. مۇئەللىمىڭنىڭ گىپىنى ئوبدان ئاڭلا. ئىنتاھاندا يانا تۆۋەن نۇمۇر ئالساڭ قۇلىقىڭنى يۇلۇپ قولاڭغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن. بۇرۇن كىملەر نىمە ئىشلارنى قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى. بايا دىدىمغۇ،ئۇنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى بىلسەك بولدى ئاڭلىدىڭمۇ.
ئوغلى ياش يۇقى كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ ئارقىغا داجىدى. كىچىككىنە تۈڭلىكتىن چۈشۈپ تۇرغان، كەڭ -پاكار ئايۋاننى كۈچەپ قىيلىنىپ، ناھايىتى تەستە يورۇتۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
سادىر،ھوي سادىر
خوتۇننىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلىغان سادىر ئوغلىغا ئالىيىپ قويۇپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ خىقىرىدى :
-نىمە بولدى،گىپىڭ بولسا قىشىمغا كىرىپ دىمەمسەن. ئادەمنى بىردەم ئارامىدا قويمىغان. . . . . .
خوتۇنى قۇچاقتىكى بالىسىنى پەس قىلالماي رەللە بولغىنىچە ئايۋانغا كىرىپ كەلدى.
-ئۆيدە ئۇن تۈگەپتۇ، تۈگمەنگە بىر بىرىپ كىلەمسىز
-ئا. . . . ئۆزۈڭ بارغىنا، ئادەمگە ئىش خوشياقمىغاندا. مەن ئاغىنىلەر بىلەن قارتا ئويناشقا دىيىشىپ قويغان
-ھوي،ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز بارسىڭىز نىمە بولىدۇ. نەدە خوتۇن كىشى تۈگمەنگە بىرىپ ئۇن تارتىدىغان ئىش بار
-بارسا نىمە بولىدىكەن. خوتۇن كىشىنىڭمۇ قورسىقى باردۇ.
بارلىقىغۇ بار. شۇنداقتىمۇ ئەر كىشى تۇرغان يەردە خوتۇن كىشى تۈگمەنگە بىرىپ ئۇن تارتىمەن دەپ يۈرسە قاملاشماس.
-قاملاشمايدىغان نىمىسى بار، قاملىشىۋىرىدۇ.
-سىزمۇ ئەر كىشى بوپ قاپسىز.
-ئاغزىغا بىرنى قويىدىكەنمەن. ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ئەر كىشى، ئەر كىشى بولغاندىكىن دەۋىرىدىغان نىمىكىنا بۇ. ئەركىشى بولغانغا تويغۇزامسەن.
-بولدى گەپ قىلمىدىم. ئۆزەملا باراي بولدى. تۈگمەن دىگەنەە ساپلا ئەر كىشى، ئادەمگە بىر قىسما قاراشقىلى تۇرسا خىجىل قىلىپ. . . . .
-بولدى، دەۋەرمە بۇ گەپنى قارىسا قارىمامدۇ. قارىغانغا سىنى يەپ كىتەمتى.
ئۇلار شۇنداق دەپ دەتالاش قىلغاننىڭ ئۈستىگە قوشنىسىىڭ سەمەتجان بىلەن قۇرداش ئوغلى بىر قارا مىكىياننى كۆتۈرۈپ ئايۋانغا كىرىپ كەلدى.
-سادىركا، ئانام بۇ توخۇنى بوغۇزلاپ بەرسۇن دىۋىدى.
-سادىر بىر بالىغا، بىر بالىنىڭ قولىدىكى توخۇغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. بۇرۇن پەرەكلىرى كىڭىيىپ كەتتى.
-خاپا بولما،مە. . . مەن توخو بوغۇزلىيالمايمەن.
خوتۇنى ئۇنىڭغا قاراپ مەخىرىلىك ھىجىيىپ قويدى. ئۇ تا مۇشۇ كۈنگىچە ئېرىنىڭ توخو چاغلىق بىر نىمىنى بوغۇزلاپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ راستىنلا توخو بوغۇزلىيالمايدىغانلىقىنى كۆرگەندە بەكلا ھەيران قالدى.
-ئۇنداق دىمەي بوغۇزلاپ بىرىڭە سادىركا، ئۆيگە مىھمان كەلگەن.
-ساڭا دىدىمغۇ، بوغۇزلىيالمايمەن، قورقىمەن دەپ.
-توۋا، كاراڭ سىزنى، ئەركىشى بولغاندىن كىيىن، توخو دىگەن قانچىلىك نىمىدى، بوغۇزلاپ بەرسىڭىز نىمە بولىدۇ.
-ماۋۇ نىمىنىڭ چىشىنى تۆكىۋەتكۈدەك بولدۇم. نىمە گەپ بولسا ئەر كىشى بولغاندىكىن، ئەر كىشى بولغاندىكىن دەۋىرىسەن، ئەر كىشى بولغانغا تويغۇزامسەن.
-ماۋۇ توخۇنى قانداق قىلىمىز، مەزلۇم كىشى بوغۇزلىغان جاندارنىڭ گۆشى ھارام، -دىدى،خوتۇنى ئۇنىڭغا زەردە بىلەن تىكىلىپ. ئېرى ئۇبىڭ كۆزىگە ئەزەلدىن ئۇنداق زەئىپ كۆرۈنۈپ باقمىغان ئىدى.
-ھالال -ھارام بولىشى بىلەن نىمە كارىم. دىدىمغۇ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل. مەن قورقىمەن.
-ئەكەل،بالام، مەن بوغۇزلاپ بىرەي، -دىدى خوتۇنى بالىنىڭ قولىدىكى توخوغا قولىنى ئۇزۇتۇپ، -ئەر كىشى يوق يەردە ئايال كىشى بوغۇزلىسىمۇ ھالال بولىۋىرىدۇ.
قوشنىسىنىڭ ئوغلى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن سادىرنىڭ خوتۇنى نىمىشقىدۇر ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىسىغا قوشۇلۇپ سەمەتجانمۇ ئانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ يىغلاشقا باشلىدى.
(4)
تار ھويلىلىق ئۆيدىن قانداقتۇر بىر بىر كۈينىڭ يەڭگىل ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئالمىنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرى ھالسىز بىرھالدا كۆزگە تاشلىناتتى. كەچكى قوياشنىڭ ئىسسىقى تار ھويلىنى دىمىق قىلىۋەتكەنىدى.
ئۆيدىن كۈجە ھىدى ئاڭقىپ تۇراتتى. چىنىدەك پاكىز تازلانغان ئۆيدە ھەممە نەرسە شۇنداق رەتلىك، جاي جايىدا قويۇلغان. چاقچۇق پولنى سۈرتىۋاتقان سەمەتجاننىڭ پىشانىسىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پارقىرايتى. تارتىۋالغان پەرتۇقى تىزىدىن ئىشىپ تۇراتتى.
ئىشىك ئېچىلىپ ئۆيگە ئۇنىڭ خوتۇنى كىرىپ كەلدى. قويۇق گىرىملىرى، بۈدۈر قىلىنىپ سىرىق بويالغان چاچلىرى بۇ ئايالنى زامانغا لايىق چوكانلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە قىلغاندەك ئىدى.
-كەلدىڭىزمۇ،-دىدى سەمەتجان قولىدىكى پول سۈرتكۈچنى تامغا يۆلەپ قويىۋىتىپ، -چاي دەملەپ بىرەي.
-بولدى، ئۇسسۇمىدىم. كىرلەرنى يۇيۇپ بولدىڭىزمۇ ئ
-يۇيۇپ دەزماللاپ قويدۇم، قايسىسىنى كىيىسىز، ئاچىقىپ بىرەي.
-بولدى، سەل تۇرۇپ ئۆزەم تاللايمەن. بۈگۈن پەرىدەنىڭ چىيىغا. قورسۇقۇم ئىچىپ كەتتى. تاماقنى تىزىرەك. ئېتىڭ.
-تەييارلىق قىلىپ قويغان، ھازىرلا پىشىدۇ. بىراق شۇ. . . . . .
-نىمە بولدى ؟
-چايغا بارسىڭىز، بالدۇراق يىنىو كەلسىڭىز بوپتىكەن. يىرىم كىچىدە -تاڭ ئاتاي دىگەندە ئېشىك مۇشتلاپ يۈرسىڭىز ئۇيقۇم ئىچىلىپ كىتىدىكەن. بىلىسىز، ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس. ئاران ئۇخلىغاندا بىرلا ئويغۇنۇپ كەتسەم ئۇقۇم قىچىپ ئۇخلىيالماي بەك قىيلىنىپ كىتىمەن.
ئايالنىڭ چىرايلىق كالپۇكلىرى چۈشەنگىلى بولمايدىغان تەرزدە قىيسايدى. . زەن سالغان ئادەم دىققەت قىلسا بۇنىڭدىكى مەنىدىن جانلار قاقشاپ كىتەتتى.
-شۇنداقمۇ،سىز تىخى ئۇخلىيالمايدىغان بوپقالدىڭىزما. سىزنىڭ ھىچنىمىڭىز ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيقىڭىز بەك ئوبدان. سىز مەن بىلمەيدىغان سەمەتجان ئەمەس. . بارغاندىن كىيىن تازا ئويناپ پۇخادىن چىققاندا كىلىدىغان گەپ. سىزنى ئۇخلىيالمايدىكەن دەپ، چايدىن بۇرۇن يىنىپ كىلىدىغان ئىش يوق.
-ئايال پەرۋاسىزلا شۇنداق دەپ قويۇپ ئۇدۇللا پەرداز ئەينىكىنىڭ ئالدىدىكى يۇمشاق ئورۇندۇققا ئولتۇر ۇپ قاش قەلىمىنى قولىغا ئالغاچ دىدى:
-لازىنى كۆپرەك سىلىڭ - ھە، لازا بولمىسا تاماق پەقەت ئېغىزىمغا تىتىمايدۇ مىنىڭ.
-بىراق شۇ، -سەمەتجان تەمتىرەپ >-لازا يىسەم ماڭا زىيان قىلىدىكەن. سىزمۇ بىلىسىز، ئاشقازىنىم ئاغرىپ. . . . . شۇڭا ئازىراق سالايمىكىن.
-ۋۇي ما گەپنى. قاچاندىن باشلاپ ئاشقازىنىڭىز ئاغرىيدىغان بوپ قالدى سىزنىڭ. سىزگە زىيان قىلىدۇ دەپ مەنمۇ يىمىسەم بولامتى ئەمىسە. قىززىق گەپ بولدىدە بۇ، زىيان قىلغان بولسا سىز يىمەڭ. بازاردىن نان ئەكىرىپ يەڭ، نانغا لازا سالمىغاندىن كىيىن.
-ۋايجان. دائىم مۇشۇنداق ماڭا زىيان قىلىدۇ دىسەم. . . . -سەمەتجان بىر نىمىلەرنى دەپ غودۇرۇغىنىچە ئاشخانىغا ماڭدى.
-ئەمىسە سىزگە ئاۋال ئىتىپ بىرەي. ئاندىن مەن قورۇپ يەي، شۇنداق قىلسامغۇ بولار. -سەمەتجان ئاشخانا ئىشىكىدىن بىشىنى چىقىرىپ شۇنداق دىدى. ئاپئاق يۈزى بىرتەرەپكە سىڭايان بولۇپ تۇراتتى.
-بولدى بولدى، نىمىلا ئەتسىڭىز تىزىرەك بولۇڭ، كىچىكىپ قالسام بولمايدۇ.
-ھازىرلا تەييار قىلىمەن. ئۆزى ھىچ ئىشقا قولىنى ئەگرى قىلماي ئادەمگە تولاۋەرگەن.
سەمەتجاننىڭ ئاپئاق چىرايى قىزىرىپ كەتتى. خوتۇنىنىڭ ئۇنىڭدىن رازى بولماسلىقى ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
-ۋايجان. . . . . ئاپا. . . . . .
خوتۇننىڭ قاتتىق چىقىرىشىدىن قورقۇپ كەتكەن سەمەتجان يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئاشخانىدىن چىقتى. خوتۇنى ئىككى قولىنى ئىڭەكلىرىنىڭ ئاستىغا جۈپلەپ تۈگۈلگىنىچە تىتىرەپ تۇراتتى. كۆزلىرى چەكچىيىپ چانىقىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغانىدى.
-نى. . . . نېمە بولدىڭىز، -سەمەتجان خوتۇننىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئۆزى ئۇنىڭدىنمۇ بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئاقپىشماق چىرايىدا ئادەتتىن تاشقىرى جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
-پا. . . پاقا. . . .
-نېمە. . . پاقا. . . .
-تېز بولۇڭ ئۇنى تالاغا تاشلىۋىتىڭ قورقىمەن
سەمەتجان ئالدىغا بىرقەدەم مىڭىپ يەنە كەينىگە چىكىندى.
-تىز بولۇڭ، ئۇنى تىز ئىلىۋىتىڭ، بەك قورقۇپ كەتتىم.
كىچىكرەك بىر پاقا بۇ ئۆيدىكى جىددىيچىلىكتىن بىخەۋەر ھالدا پوكىنىنى لىپىلدىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە نەدەن كىرىۋالغىنىنى ھىچ ئۇققىلى بولمايتى.
-نىمىگە قاراپ تۇرىسىز، تىز بولۇڭ دەيمەن تىز، -خوتۇنى يىغلامسىراپ ئۇنىڭغا ئاچچىق بىلەن ۋاقىرىدى. ، -قورقۇپ ئۆلەي دىدىم،
سەمەتجان بىر خوتۇنىغا، بىر پاقىغا قاراپ تىتىرىگىنىچە ئالدىغا بىر قەدەم مىڭىپ توختاپ قالدى. پاقا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بارغانسىرى يوغىناپ كىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتاتتى. ئۇ يەنە بىر قەدەم ماڭاي دەپ تۇرىشىغا پاقا سەمەتجاننىڭ ئالدىغا دىككىدە بىر سەكرەپ نۇرسىز كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ قاراپ تۇردى. سەمەتجان مەڭدەپ كەتتى ۋە سەت ئاۋازشدا چىقىرىۋەتتى :
-ۋايجان. . . . -ئۇ شۇنداق چىقىراپ ئۇرنىدا مىخلاپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدى. قورقۇنچتىن كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى.
-تىز بولۇڭ، نىمە لامزەللىدەك تۇرىسىز، بەك قورقۇپ كەتتىم.
-سىز قورقسىڭىز مەن قورقمامدىكەنمەن، ما گەپنى. -سەمەتجاننىڭ گىپى تۈگىشى بىلەن پاقا سەكرەپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۆمىلەشكە باشلىدى.
-ۋايجان، ۋاي خۇدايىم، جىنىم چىقاي دىدىغۇ. -خوتۇنى چىقىراپ بايىقى جايىدا تۈگۈلۈپ قاراپ تۇراتتى.
-ۋىيەي خۇدايىم، نىمانداق سەت بىرنىمە بۇ، -سەمەتجان شۇنداق دەپلا پارتلا قىلىپ تالاغا قاچتى. ئۇنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەن ئايالىمۇ سوڭدىشىپلا تالاغا يۈگەردى. دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ جەھلى بىلەن يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقان ئېرىگە قاراپ كۆزلىرىدىكى ياشنى توختىتالماي قالدى، ئاندىن ئۆزىنى كاچاتلاشقا باشلىدى.
ئايالىنىڭ كەلمەسكە كەتكەن بىر قىممەتلىك نەرسە ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، ھازا ئاچقاندەك يىغلاپ نالە قىلىشلىرى سەمەتجاننىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.
-ئۆيدىن ئۇلارنىڭ ئىككى ياشلق ئوغلىنىڭ قىقىرىغان يىغىسى ئاڭلاندى. بالىنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسى شەھەرنىڭ ئۆلۈك شاۋقۇنلىرى ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالدى.