
ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئاففانىستانلىق ئايال ئەيشانىڭ يولدىشى تەرىپىدىن بۇرنى ۋە ئىككى قۇلىقى كېسىۋىتىلدى
تەيۋەن «بۈگۈنكى خەۋەرلەر» تورىنىڭ 2-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى بىر ھەپتىلىك «ۋاقىت» ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بۇرنى ۋە قۇلىقى كېسىۋىتىلگەن بىر ئاففانىستانلىق ئايالنىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئايال ئائىلىسىدە يولدىشىنىڭ خورلىقلىرىغا چىدىماي قاچقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇۋىلىنىپ، يولدىشى تەرىپىدىن بۇرنى ۋە ئىككى قۇلىقى كېسىۋىتىلگەن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئاففانىستانلىق ئايال ئەيشا يەرلىك ئاياللارنىڭ ھوقوقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىشقا قوشۇلغان ئىكەن. شۇڭا «ۋاقىت» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى رىچاد.سىتەنگىلمۇ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىپ، ئاندىن بۇ ژورنالغا ئۇنىڭ سۆرىتىنى باسقان ئىكەن. رىچاد.سىتەنگىل بۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق «تالىبان» نىڭ ئاياللارنى ئېزىشىنى چەكلەشنى ئۈمۈد قىلغان.
ۋەقە 2009-يىلى يۈز بەرگەن بلۇپ، يولدىشىنىڭ خارلىشىغا چىدىمىغان ئەيشا ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن. كېيىن ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، 5 ئاي قاماپ قويغان. زۇلمەتلىك كۈنلەر بۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشماستىن، ئۇنىڭ يولدىشى ۋە قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر «ئائىلىنىڭ يۈزىگە داغ تەككۈزدى» دەپ قاراپ، ئەيشانى تالىبانلارنىڭ ياردىمىدە تۇتۇپ كېلىپ، قىزنىڭ كىچىك تاغىسى يەرگە بېسىپ بەرگەندە، ئۇنىڭ يولدىشى ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ بۇرنى ۋە ئىككى قۇلىقىنى كېسىۋەتكەن.كېيىن ئۇنى بىر تاغلىق رايونغا تاشلىۋەتكەن بولۇپ، ئۆلۈش-تىرىلىشى بىلەن كارى بولمىغان. بەخىتكە يارىشا «ئاففانىستان ئاياللار بىرلەشمىسى» ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. بىراق ئاففانىستاندا بۇ خىل ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان قەبىھ قىلمىشلارغا ئۇچرايدىغان بىر ئەيشالا ئەمەس ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە،1996-يىلى تالىبان ئاففانىستاندا باش كۆتۈرگەندىن بۇيان ئاياللارغا "تۆمۈر تۈزۈم" قوللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېچىشىغا، يولدىشىنىڭ ھەمرالىقىسىز بازارغا چىقىشىغىمۇ يول قويۇلمايدىكەن.2001-يىلى تالىباننىڭ ھوقوقى ئاجىزلاشقاندىن كېيىنلا ئاياللار باش كۆتۈرەلىگەن.
خەۋەردە يەنە، ئاففانىستان ھۆكۈمىتى ياخشىلىشىپ قېلىش پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، پەرەز قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان نۇرغۇنلىغان ياخشىلىشىپ قېلىش شەرتلىرىنى ئالماشتۇرىشى مومكىن ئىكەن. ئاياللارنىڭ ھوقوقى مەسىلىسى بەلكىم بۇ ئالماشتۇرۇشتا ئېغىر دەرىجىدە بېسىمغا ئۇچرىشى مومكىن ئىكەن. شۇڭا بۇ قېتىمقى «ياخشىلىشىپ قېلىش پىلانى» ئاففانىستان ئاياللىرىنى ئەنسىرىتىپ قويغان. ئاففانىستانلىق ئايال پارلامېنت ئەزاسى كۇفى خەلقئاراغا «ياخشىلىشىپ قېلىش، ئىناقلىقنى ساقلاشنىلا ئويلىشىپ، ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى3-ئاۋغۇست
[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-08-03 06:25 PM دە قاي ]
 |