بەلغەم خىلىتى ۋە بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەر
 
بەلغەم خىلىتى پۈتۈن بەدەننى سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، ماددىلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ئېقىتىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش، قاننى تولۇقلاش، بوغۇملار ھەرىكىتى ۋە ئەزالارنىڭ ئارىلىقلىرىنى تولدۇرۇپ ، سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئارتۇق ماددىلارنى قان ئېقىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى سۇ .
بەلغەم خىلىتلىق كىشىلەر ئېغىر – بېسىق ، سېزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن ، كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ . ئۇيقۇچان كېلىدۇ ، سىياسى ئىشلارغا ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا  قىزىقماي ئۆز ئىشى بىلەنلا  بولىدۇ.
تەپەككۇرى ئاستا ،ئۇنتۇغاق ، بېراق مۇقىم قاراشقا ئىگە . مۇقىم ۋە تەرتىپى ئېنىق بولغان مەشغۇلات خارەكتىرىدىكى خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، رەھبەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنرەك بولىدۇ.
قىياپىتى خام سېمىز ، چىرايى ئاققا مايىل ، گەۋدىلىك .
تېرىسى ئاق ، يۇمشاق ، سىلىق ، پارقىراق بولىدۇ. سېزىملارنى ئاز سېزىدۇ . تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. 
تىلى ئۈستىدە ئاق سۈزۈك گەز بار بولۇپ ، ئېغىزى تەمسىز كېلىدۇ.
سۆز ئالاھىدىلىكى : سۆز قىلغاندا ئاشۇ ، ئاۋۇ ، چۇ . ھە ...دېگەندەك قۇشۇمچىلارنى قۇشۇپ سۆزلەيدۇ، سوئال بولمىسا گەپ قىلمايدۇ.
يىمەك – ئىچمىكى : گۆشكە ئامراق ، تۇزلۇق مايلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ . كۆكتات ۋە سۇيۇقلۇقلارنى ئانچە  ياخشى كۆرمەيدۇ . تاماقنى ئاستا ۋە كۆپ يەيدۇ ، قورسىقى ئاچسا چىدىمايدۇ .
خەت- يېزىق ئالاھىدىلىكى : خەتنى چوڭ ، قۇر ئارىلىقىنى يېراق ، ئاستا ، چىرايلىق ، كۆركەم يازىدۇ. يازىدىغان نەرسىلەردىن زېرىكمەيدۇ. 
يول مېڭىشى : ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ . سەپەردىشى بىلەن يۆلىنىپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەر ئۈستىدە كۆپ گەپ قىلمايدۇ . 
كىشىلىك مۇئامىلىسى : كىشىلەرگە ئاسانلا سۇغۇق چىراي كۈرۈنۈپ قالىدۇ . بېراق ئاق كۆڭۈل ، ساددا بولۇپ ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ ھەم باشقىلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ . باشقىلارنى رەنجىتىشنى خاھلىمايدۇ . تەۋەككۈلچىلىكتىن خالىي بولىدۇ ۋە ئىرادىسى بوشراق كېلىدۇ .
سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ . 
دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ ، ئىناۋىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ . 
ئۇيقۇسى كۆپرەك ، تولا ئەسنەيدۇ . 
ھالەت ئۆزگىرىشى : ئىنكاسقا نىسبەتەن دەرھاللا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ . 
تۇرمۇش ئادىتى : تۇرمۇش رېتىمى ئاستىراق بولسا ، ناھايىتى تەرتىپلىك بولىدۇ ، تىز بولسا سۆرىلىپ ھېرىپ قالىدۇ ، باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇزۇقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.  
ئىللىتى : ۋەزىيەتنى ۋە ئېھتىياجنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئېغىر ، ھەر ئىشنىڭ ناچار تەرىپىنى چوڭ ھېسابلايدۇ . 
كېسەللىككە مايىللىقى : ئۆپكە كېسەللىكلىرى ۋە رېماتىزم قاتارلىقلارغا مايىل كىلىدۇ ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ . 
كۈتۈنۈشى : ھاراق –شاراب ۋە سۇيۇق نەرسىلەر زىيان قىلىدۇ . شۇڭا قۇرۇق ئىسسىق ۋە دورا دەرمانلىق تاماقلار خىل كېلىدۇ . 
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار  : يازدا ئىسسىق ۋە قىشتا سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە پايدىلىق . 
كىرگۈزگۈچى : كۆكيال
 پايدىلانغان ماتىرىيال : ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پسىخولوگىيىسى( ئەخمەتجان ئىسمايىل) 
 'QG xd!4  
 Z
kgV_<M|   
 
 [ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-08-03 11:02 PM دە قاي ]