دىققەت تىلفونىڭىز ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىنىۋاتىدۇ !
ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئالا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ تىلفون ئالا ھەممە كىشىنىڭ نورمال تۇرمۇش ، سودا ، خىزمەت ئالاقىسىدىكى كام بولسا بولمايدىغان قورالغا ئايلاندى . يان تىلفون ئالاقىسى ھازىر ھەر بىر كىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى بولۇپ قالدى. لىكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ھەر خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ يان تىلفون ئالاقىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ سىزنىڭ خۇسۇسى مەخپىيەتلىكىڭىز ، سودا مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئوغۇرلاش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ كىشلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا . تۆۋەندە مەن بۇ ھەققە ئىككى كەلىمە توختالماقچى .
ئەگەر سىزنىڭ يان تىلفونىڭىزدا سۆزلىشىۋاتقان چىغىڭىزدا سەۋەپسىزلا ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازىڭىز ئۆزىڭىزگە ئەكىس سادا بولۇپ ئاڭلانسا، ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەكىس سادا پەيدا بولىۋالسا، ھەم سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىزدا دائىم مۇشنداق ئەھۋال كۆرۇنسە! دىققەت قىلىڭ ! سىز ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىنىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. ‑Jwum
سىز ھازىرلار سودا ھەمكارلاشقۇچىڭىز بىلەن تىلفوندا بۇ قېتىمقى سودىنڭىڭ ئەڭ تۆۋەن كېلىشىم باھاسىنى دىيىشسىڭىز، سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز بىردەمدىلا بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلىۋالدى؟ cXSx*o(1
سىز خىزمەتدىشىڭىز بىلەن تىلفوندا تۆۋەن ئاۋازدا شېركەتنىڭ سىزگە بولغان تەڭسىزلىگىدىن ۋايساپ زارلىسىڭىز نىمىشگە خوجايىن ئەتىسىلا سىزنى ئىشخانىغا چاقىرىپ سىزنىڭ ئەدىۋىڭىزنى بەردى؟ (
سىز تىلفوندا تۆۋەن ئاۋازدا تۈنجى سۆيگىنىڭىز بىلەن ئەھۋاللاشسىڭىز سىزنىڭ يولدىشىڭىز سىلەرنىڭ قىلىشقان ھەر بىر ئېغىز سۆزلىرىڭلارنىڭ زەر زىۋىرىگىچە بىلىۋالدى؟ ناھايىتى ئېقىققى سىزنىڭ تېلفونىڭىز ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاندى !
سىز كېنو ‹‹ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ›› (窃听风云) دىگەن فىلىمدىكى بۇ بىر بۆلەك كېنو تىكىستى : ـــــــــ ھەر بىر ئادەمنىڭ يان تىلفونى بىر مەخپى تىڭشىغۇچ ، سىز يان تېلفوننى ئاچقان بولۇڭ ياكى ، تاقىۋەتكەن بولۇڭ، ئوخشاشلا سىزنىڭ سۆزىڭىزنى مەخپى ئاڭلىغىلى بولىدۇ . دىگەن ئىبارە ئېسىڭىزگە كەلسە سىز ئاندىن بىلىسىز . ئەسلىدە ھەر بىر كىشى ‹‹ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ›› خەۋىپى ئىچىدە . '?"
‹‹ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ›› (窃听风云) دە گويەنزۇ بىر تېلفون نومۇرىنى كومپىيوتىر يۇمشاق دىتالىغا كىرگۈزۇپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بۇ يان تىلفون بىر مەخپى تىڭشىغۇچقا ئايلىنىدۇ. يانفون ئەتراپىدىكى بارلىق ئاۋازلارنى ئېنىق ئاڭلىيالايدۇ. ھەتتا تېلفوننى تاقىۋەتسىمۇ يەنىلا ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
بۇ خىل يان تىلفون نومۇرىنى كىرگۈزسىلا ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغىلى بولىدىغان سېستىما ،‹‹ CSM توسۇغۇچ›› (CSM 阻载器) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا رىيال تۇرمۇشتا بۇ خىل ئۇسكىنە ۋە سېستىما بارمۇ ؟ نوكىيا شىمىنزى ئالاقە شىركىتىدىكى BCS سېستىما ئىنژىنىرى جاڭ گۇئاڭ خۇانىڭ قارىشىچە CMS يان تېلفون ئۇچۇرىنى تېخنىكىلىق توسۇش ۋە ئۇنى يېشىش ناھايىتى ئاسان .
يانفوننىڭ ئالاقىلىشىش پىرىنسىپى بولسا ، بىر تەرەپنىڭ ئاۋاز ئۇچۇرىنى سىزسىز دولقۇن ئارقىلىق رايۇن ئاساسى بىكىتىگە ئەۋەتىپ باشقۇرۇش سېستىمىسى ئارقىلىق ئۇ ئۇچۇرنى يەنە بىر تەرەپ يان تىلفونىغا ئەۋەتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. جاڭ ئەپەندىنىڭ دىيىشىچە ھازىرقى ھەر بىر يان تىلفون ئالاقە باش بىكەتلىرىنىڭ ئىشلەتكەن دولقۇن چاستوتىسى بىر قانچە يۈزدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر بىرەرسىنىڭ يان تىلفونىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىماقچى بولسا شۇ يان تىلفون ئۇچۇرى تەۋە رايۇن تەۋەلىگىگە كىرىپ شۇ تەۋەلىكتىكى بارلىق يان تىلفون ئۇچۇرلىرىنى قوبول قىلغىلى ۋە ئۈنى يەشكىلى بولىدۇ.
نىشان يان تىلفوننىنىڭ بارلىق ئۇچۇرى تىلفون نومۇرىدىن تارتىپ ھەممىسى مۇشۇ سىفىرلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ . ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغۇچى مۇشۇ بىر توپ 1 ۋە 0 لەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارنى ئايرىپ چىقسىلا بولدى. بۇ ھىچقانچە تەس ئەمەس . بولۇپمۇ CSM ئۇچۇرىنى . چۈنكى مەملىكەت ئىچىدىكى CSM نىڭ سېفىرلىق ئوچۇرىغا مەخپىلەشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمايدۇ. چۈنكى CMS نىڭ مەخپىلەشتۇرۇش ئۇسۇلى ئاللا بۇرۇن يېشىۋېتىلگەن، تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئىككىنجى ئەۋلاد ئۇچۇر ئالاقىسىغا مەخپىلەشتۇرۇش لاھىيىلىمەيلا قويغان . لىكىن CDMA ۋە ئۈچۈنجى ئەۋلاد ھەر خىل ئالاقە سېستىمىسىغا بىر قەدەر بىخەتەر بولغان مەخپىلەشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ نىسبەتەن بىخەتەر.
مەركىزى تىلفىزىيە ئىستانىسى 30 مىنۇتلۇق خەۋەرلەر پىروگگىراممسىنىڭ موخپىرىنىڭ تەكشۇرۇشىچە، سىز پەقەت تورغا چىقىپ ئىزدىسىڭىزلا ناھايىتى ئاسانلا يانفون ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئۇسكىنىلىرىنى ساتىدىغان تور بەتلەرنى تاپالايسىز. بېڭجىڭنىڭ مەلۇم بىر شېركىتىنى سېتىۋاتقان ‹‹ ئامرىكا K8 يانفون ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئۇسكىنىسى ›› (美国原装K8手机XXX) نىڭ تونۇشتۇرىشىدا مۇنداق يېزىلغان مۇ مەھسۇلات بىرلا ۋاقىتتا كۆپ يان تىلفوننى بىرلا ۋاقىتتا ئاڭلىيالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ يان فونىدا باسقان سېفىرلانىمۇ بىلەلەيدۇ . مەسىلەن : قاچىلاش كارتىسى مەخپى نومۇرى، باناكا ھىساۋات مەخپى بومۇرى ... قاتارلىقلار . پەقەت سىز قارشى تەرەپنىڭ يان تىلفون نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىزلا بولدى .
بۇ تىپتىكى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئۇسكىنىلىرىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش دىتللىرنىڭمۇ توردا بازىرى بەك ئىتتىك . بىر ‹‹X جاسۇس›› X 卧底 ناملىق دىگەن دىتالنىڭ تەشۋىقاتىدا مۇندا دىيىلگەن، ئادەتتىكى ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە كومپىيوتىر ياكى يان فونغا قاچىلىۋېلىپ يىراقتىن كونتورول قىلىپ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغىلى بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ يان تىلفونى ئۆچۇك ھالەتتە بولسىمۇ ئەتراپتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. دىتال 2006 - يىلى تارقىتلغاندىن باشلاپ ھازىرقىچە 3- ئەۋلادقا تەرەققى قىلغان . ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا كۆپ قىسىم ئىشلەكۈچىلەرنىڭ مەقسىتى سودا مەخپىيەتلىگىگە ئېرىشىش ئىكەن.
تەيئېر( 泰尔) تەجرىبەخانىسىدىكى تېخنىڭ لو خوڭۋېينىڭ ئەسكەرتىشى مۇنداق ئادەتتىك كىشىلەر يانفون ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 12 نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. يانفون سېتىۋالغاندا ئىشەنچىلىك قانۇنلۇق ئورۇنلاردىن سېتىۋىلىش ۋە يانفون ئىشلەپ چىقىرىش ۋە سېتىلىشقىچە بولغان بارلىق جەرياندا قاتتىق تەكشۇرۇشتىن ئۆتۇلگەنلىگە جەزىملەش.
2. يافوننى قالايمىقان كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرمەسلىك . يانفوننىڭ ھەرخىل مەخپى نومۇرلىرىنى باشقىلارغا ئاشكارلىماسلىق. تىجارەتچىلەر ، دۆلەت خىزمەتلچىلىرى يانفونغا گۈمانى بولسا ئىشلەتمىگەن چاغلاردا ياكى ھالقىلىق پەيىتلەردە يانفوننىڭ مىيىنى چىقىرىۋېتىش.
3. يانفون رىمۇنىت قىلغاندا قالايمىقان ئورۇندا رىمۇنىت قىلماسلىق، ئىشەنچىلىك ئورۇنغا بېرىش، رىمۇنىقا بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم تىلفون كارتىسىنى چىقىرۋېلىش.
4. ئىشلەتكۈچى تەستىقلەش ئىقتىدارىدىن چوقۇم پايدىلىنىش كېرەك.
5. مۇھىم ئۇچۇرلارنى مەخپى نومۇر ئارقىلىق ساقلاش ياكى يوشۇرۇش.
6. ئۇچۇرلارنى زاپاسلىۋىلىشىقا دىققەت قىلىش . ئالاقىلىشىش دەپتىرى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئامال بار دەپتەرگە خاتىرلەش.
7. ئامال بار مەسىلە كۆرۇنىدىغان مەشغۇلاتلارنى قىلماسلىق، يەڭگىلتەكلىك بىلەن توردىن دىتال چۇشۇرۇپ قاچىلىماسلىق.
8. يانفون چىقىرىش ئېغىزلىرىنى مەسىلەن لەييا ، USB قاتارلىقلارنى ئىشلەتمىگەندە ئامال بار تىقىۋېتىش.
9. ئىقتىدارى كۆپ تىلفونلارنىڭ ئىشلەتمىگەن ئىقتىدارلىرىنى ئامال بار تاقىۋېتىش. ئامال بار ئۇنى مەخپى نومۇرلۇق ئىشلىتىغان قىلىش.
10. يانفوننىڭ مۇداپىيە تىمى ، فېروسخور قاتارلىق مۇداپىيە دىتاللىرىنى قاچىلاش ۋە ئېچىۋېتىش.
11. كونا يانفوننى بىر تەرەپ قىلغاندا ئىچكى ساقلىغۇچنى تولۇق يۇيۇۋېتىش.( بۇ ئۇسۇلمۇ ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس . ئۆچۈرگەن ئۇچۇرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولىدۇ)
12. تىلفون سېتىۋالغاندا ئامال بار 3- ئەۋلاد يان تېلفونى سېتىۋىلىش.
مەنبە : ئەلقۇت مەرىپەت تورى
[ بۇ يازما قىزغىن تەرپىدىن 2010-08-02 01:27 AM دە قا ]