مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 812 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/6     Go
تىما : مىسرانىم كېچىلىكىنىڭ داۋامى (سۈزۈك ئاي)
نەپسىگە قۇل _ ھەممىگە قۇل...

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1729
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە518دانە
ئۆسۈش: 2.35%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 518
  ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5720 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 638(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-08-03

 مىسرانىم كېچىلىكىنىڭ داۋامى (سۈزۈك ئاي)



مىسرانىم كېچىلىكىنىڭ داۋامى





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ سۆيۈملۈك ئىشتىراكچىلىرى ياخشىمۇسىلەر! كەمىنە سۈزۈك ئايدىن ھەمىڭلارغا ئالىي سالام ! گۈل چېيىمىز قولدىن-قولغا ئۆتۈپ بۈگۈن  پېقىرنىڭ قولىغا  ئۆتۈپتۇ.سىلەرگە ئەھمىيەتلىك گۈل چاي ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كېتىشتىن ئەنسىرمەي ، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي خەجلەۋەردىمغۇ... يەنىلا سىلەر ئۈچۈن . ئالدىنقى قېتىم تاڭ نۇر ئۆتكۈزگەن كېچىللىككە كېچىكىپ قېلىپ ،ئالدىڭلاردا تازا خىجىل بولغان. مانا ئەمدى بۈگۈن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن. كۆڭلۈڭلارنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى گۈل چايغا ئالاھىدە زىياپەت تەييارلىدىم. ئەمىسە ئېغىز تەككەچ پېقىرنىڭ ئاددىي داستىخىنىدىن ھڭزۇرلانغايسىزلەر...
گۈل چاينىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشى ئۈچۈن مىسرانىم ئەپەندىنىڭ تەكلىپى ۋە مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ  بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قۇيۇشى ئارقىلىق
شاش  يىگىتىمىز تاڭ نۇرنى  مىرشاپ، قىزغىن ئەپەندىنى يىگىت بېشى قىلىپ بېكىتتۇق. ئەمىسە بۇئىككى يىگىتنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ گۈل چاينىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىغا ھەسسە قۇشۇشىنى ھەمدە سورۇننى كۆڭۈللۈك كەيىپىياتىنى  بۇزغان ياكى  توققۇز قىزغا چاقچاق قىلىپ ئۇلارنىڭ زىتىغا تەككەنلەرنى ئادىللىق بىلەن جازالاپ كېچىلىكنىڭ نورمال ئەھمىيەتلىك سورۇن بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قارىسام بىر قىسىم مىسرانىم ئەھلى تېخى سورۇنغا يىغىلىپ بولالماپتۇ. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى . ئەمىسە گۈل چاي رەسمىي باشلاندى!... چاۋاك....قېنى ئەمىسە ئاددىي داستىخىنىمدىن ئېغىز تەككەيسىزلەر...
















مەن گۈل چاي باشلاندى دەپ جاكارلاپ بولغۇچە ، يىگىتلىرىمىزدىن ئوتقاش، مۇسەللەس، تارىم ، سۇلتان، خان،
شائىر ئەپەندىم، كۆكنۇر، تەسكىن، سەھرا ئوغلى ، ئارشاڭ، دەقىيانۇس ، سەرۋان ،تاتلىغىم،ئۆرۈكجان ،سۇتۇق، زامانى ،تەنھا 204... قاتارلىقلار داستىخانغا دۈم چۈشكەنىدى. توققۇز قىزنىڭ قاتارىدا ئولتۇرغان كۆڭۈل قىزچاق ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، 40 ئۆرۈمە چاچلىرىنى يانغا تاشلاپ ، بېلىنى تۇتقان ھالدا:
-ۋۇي ، يىگىتلەرباشقىلارمۇ بار جۇما..."مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ" دەپ سورۇن باشلىنار باشلانمايلا داستىخاننى قۇرۇقدىغىلى تۇردىڭلىغۇ؟ -دېدى.
تارىم مۇغەمبەرلىك بىلەن بىرنى كۈلدى-دە:
-ۋاي-ۋۇي، قارىساق بىر-بىرىڭلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ، نازلىنىپ ئولتۇرساڭلار... شۇڭا قورسىقى توق ئوخشايدۇ دەپتۇق.بىز ئوغۇللار دېگەن قوساققا ئامراق ، سىلەر قىزلار ياسىنىشقا... ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈزۈك ئاي ئېلىڭلار دەپ زورلاۋەردى شۇڭا ئۆز ئادەم بولغىدىكىن دەپ يەۋېرىپتۇق. بولدى ھە ئاچچىقلانماڭلار ، قېنى بىرنى كۈلىڭە ... بىر پىيالە چاي تۇتاي...دېدى.
شۇنىڭ بىلەن سورۇندا بىر قىزغىن كەيىپىيات بارلىققا كېلىپ ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. كۆڭۈل قىزمۇ ئەتتىرگۈلدەك رەڭلىنىپ بىرنى كۈلۈپ قويدى-دە، تارىمنىڭ قولىدىكى چاينى ئېلىپ:

قىزىق بولغاچ چېيىڭىز،
ياندى بايىقى ئاچچىق.
ئەمدى بىزنى خۇش قىلىپ،
كۈلدۈرۈڭ بەك تاتلىق...

ۋاھ، تازا كەلدى ماۋۇ قۇشاق دەپ مەلىكە قولىدىكى  گۈل چەمبىرەكنى  بېشىغا تاقىغاچ قوشىقىنى باشلىدى.



بۈگۈن ھەممە تەنتەنە بىلەن،
خۇشالىققا بولۇپتۇ جەم.
سۈزۈك ئاينىڭ ئولتۇرۇشى ،
شاد،قىززىققا  چۆمسۇن ھەم.

ئۇنىڭ رەڭلىنىپ كەتكەن رۇخسارىدىن تۆكۈلگەن تەبەسسۇم قۇشاققا ئۆزگىچە رەڭ قوشقانىدى. دەل شۇ پەيىتتە يىگىتلىرىمىزدىن شائىر ئەپەندىممۇ بوش كەلمەي:
- ھەي ، يىگىتلەر ... بىر-بىرىمىزگە قوشاق تۇقۇۋەرمەيلى .مەن بۈگۈنكى ئولتۇرۇشقا بىر شېئىر يازغان . ھەممىڭلارغا سۇناي ، دېيىشىگىلا بارلىق ئەھلى مۇنبەردىكىلەر چاۋاك چېلىپ ئۇنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ قاتۇرۇپ كەيگەن كاستۇمىنىڭ ياقىسىنى قىرلاپ قۇيۇپ :
شېئىرىم "سۆيگۈ " تېمىسى . ئەمىسە ھۇزۇرلانغايسىزلەر، دەپ گېلىنى بىر -ئىككى قېتىم قىرىپ قۇيۇپ شېئىرنى باشلىۋەتتى.

ۋىسال ئۈچۈن سۆيمىدىم سېنى




تەڭ كېچىدە لەيلەپ قاپتىمەن،
چۈشلىرىمدە بىر گۈزەل خانەم.
جۇدالىقتۇر سۆيگۈ پورىكى،
ئاھ،ئۇرمايمەن، دەردەم مۇقەددەم.
سۆيگۈ ئەسلى ئەمەس ھېچنىمە،
چايقىلىدۇ ھەسرەت پىيالەم.

ۋىسال ئۈچۈن سۆيمىدىم سېنى،
"سۆيگۈ" نېمە جۇدالىق ھەممە.
كەچۈر دېسەڭ تۈگەيدۇ ھەممە ،
قاراقىمغا چۆكىدۇ ئالەم....

ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەيمەن سېنى،
يىغلىمايمەن يۈرەكتە لالەم.

ئات تەپكەندەك ئۈركىگەن ھېسلار،
گۈلخان ئىزلەپ يۈرمەيدۇ دىلجەم.
لاي سۇ كەچكەن قىزىل گۈللەرنى،
سولاشتۇرار ئېھ ، ئابى زەم-زەم.
مەن كېتىمەن تەنھا كۆڭۈلنى ،
سۆيۈپ قۇيار لىۋىم خىيالەن.

تىلسىماتتۇر يۈرىكىم ئەمدى،
يۈرىكىڭدە ساقلىما لالەم...




شېئىر ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا گۈلدۈر قاراس ئالقىش ساداسى پۈتۈن سورۇننى كۆتۈرۋەتتى. قارىسام قار مەلىكە ، دىلناز، مېھرىزات ، ئەل قىزى ، ياپراق قاتارلىق بىر قانچە كۆڭلى يۇمشاق قىزلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ماراپ قاپتۇ. دەل مۇشۇ پۇرسەتتە دىلسىرى ئوغۇر مۈشۈكتەك سورۇنغا كىرىپ كەلدى.ئۇ چېچىنى بوياپ ئازىراق ھۆسىن تۈزەپتىكەن. پېقىر تېخى چەتئەلدىن كەلگەن بىرەرسى ئوخشايدۇ ، دېسەم ... ئەقىللىق كەپسىز قىز تۇنىۋاپتۇ. قاراڭلار دىلسىرىغا  كېچىكىپ قالغىنىغا ئىزا تارتماي كۈلىۋاتقىننى ....


كۆزى ئۆتكۈر كەپسىز قىز :
_ ۋۇي ئاپئاق، تېخى ئازىراق گىرىم قىلسام تۇنۇمايدۇ دەپ قالدىڭىزما؟ كىچىكىپ كەلگەنگە بىر نۇمۇر كۆرسەتمىسىڭىز  ھەرگىز بولدى قىلمايمەن، جۇما... دەپ دىلسىرنى قورقۇتتى. تەڭلىكتە قالغان دىلسرى ئامالسىز نازۇركومغا ئۇسۇل ئوينىماقچى بولۇپ ، تەييارلىق قىلىپ سەھنىگە چۈشتى.
_نازىركومنى كىم توۋلايدۇ ؟ دەپ تۇرۇشىمغا توغرۇل ئەپەندىم:
_پېقىر ، مەن ياش ۋاقتىمدا خېلى توۋلاپ قۇياتتىم نازىركومغا. ئاخشام مىسرانىمدىكى بىر نەچەيلەن ئېيتىپ بېرىڭ دەپ  ئازىراق توۋلاپ قۇياپتىكەنمەن. بىراق ھازىرمۇ ياش چېغىمدىن قېلىشمايمەن. ئەمىسە توۋلاپ بېرەي. قېنى دىلسىرى تەييارمۇ يە؟
-ھە مانا قېنى باشلاڭ....



شۇنىڭ بىلەن دىلسىرى ھېلىقى كورىيىچە كىيمىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ ، بىردەمدىلا گۈزەل ئۇيغۇر قىزىغا ئايلاندى. سورۇن شۇنداق قىزىپ كەتتىكى ھەممەيلەننىڭ كەيىپىياتى دىلسىرنىڭ ئۇسۇلى بىلەن يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. يىگىتلىرىمىزمۇ بوش ئەمەسكەن... مۇنبەردىكى ئوغۇللارمۇ بىر-بىرلەپ سەھنىگە چۈشۈپ نازىركوم ئۇسۇلىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۋەتتى.ئوتتۇز ئوغۇل ، توققۇز قىزىمىز بىرى-بىرى بىلەن بەشلىشىپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.... ۋاھ، ۋاھ ...ئۇسۇل بىلمەيدىغان مەندەكلەرمۇ  ئاز ئەمەسكەن.لىۋىمىزنى چىشلەپ ، باشقىلارغا مەسلىگۈمىز كېلىپ ھەۋەس قىلىپ قاراپ  ئولتۇردۇق شۇ... ھەي...

ئەل قىزىنىڭ داپ ئۇسۇلى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى... ئۇنىڭ نەپىس ئۇسۇلى مىسرانىمدىكىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتتى...ئاھ ،ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ نەپسىلىكىنى مانا ئەمدى كۆز ئالدىمدا ھەقىقي كۆرگەندەك بولدۇم...


ئۇسۇلمۇ ئاخىرلاشتى. داستىخانمۇ خېلى قۇرۇقدالدى. ئەمدى نېمە ئىش قىلساق بۇلار دەپ ئولتۇرساق. ئەلشىر ئاكام توۋلاپ:
- ماۋۇ يىگىت بېشى قىزغىن ، مىرشاپ تاڭ نۇر كۆرۈنمەيدىغۇ؟ -دېدى ئۇياق-بۇياققا قاراپ.
ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا :
-ۋاي ،بار بىز،- دەپ ئورۇنلىرىدىن قول تۇتۇشۇپ تۇرۇشتى. بايا بىز ئارقا سەپنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. سۈزۈك ئاينىڭ گۈل چېيىنىڭ غەلبىلىك چىقىشى ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. بۈگۈن ئەھۋال شۇنداق نورمال. گۈل چاينىڭ مۇقىملىقى ياخشى ... بىراق بىرنەچچە قۇلاق كەستى توققۇز قىزنىڭ بىرى نازۇك0999 غا چاقچاق قىلىپ مىسرانىم تۈرمىسىگە تاشلاندى. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى دەپ ئولتۇرماي. نازۇك 0999 مۇ يامان ئىكەن. قولىدىكى پوپايكا توقۇيدىغان زىق بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ كاسسىسىغا سانجىپ قۇيۇپ ئەدىپىنى تازا بېرىپتۇ... ھى ھى ...دېدى قىزغىن .
ئەلشىر :
ياخشى قىلىپسىلەر...جاپا تارتىڭلار...مۇنبەر ئەھلىنىڭ بۇ گۈللىرىنى قۇبۇل قىلىڭلار...





ئۇلار گۈلنى كۆرۈپ ، ئاغزى قۇلىقىغا كەلگىچە خۇشال بولۇپ كەتتى. ئەلشىر كەسكىنلىك بىلەن:
-ئەمىسە بۈگۈنكى گۈل چاينى كىم ئالىدۇ؟ تەلەي قاپىقىنى ئاچتىڭلارمۇ دېيىشىگە بىر نەچچە ئەزالار ۋاي مەن ئالاي دېسە ،مەن ئالاي دەپ تالاشقىلى تۇردى. تەلەي قاپىقىنى ئاچساق تالاشقانلار ئىچىدىن دىلسىرىگە چىقىپتۇ. دىلسىرى خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى. ئەمىسە كىلەر قېتىمقى گۈل چاينى دىلسىرى ئالماقچى. ئەمىسە ھەممىڭلار ئاڭلاپ قېلىڭلار...
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈنكى مىسرانىم كېچىلىكى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى.   ئەزىزلەر ئامان بولغايسىزلەر....




ئىلاۋە: قەلەم قۇۋىتىمنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى ئاران مۇشۇنچىلىك يازالىدىم. چاقچاق ئېغىر كەتسە خاپا بولمىغايسىزلەر...ياقتۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىسمى چىقمىغانلارنىڭ كېلەر ساندا چىقىدۇ. ئەمىسە خۇش ۋاق بولۇڭلار..


2010-يىلى 1-ئاۋغۇست

مەنبە: سۈزۈك ئاي .
[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-08-02 08:37 PM دە قاي ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مىسرانىم كېچىلىكىنىڭ داۋامى (سۈزۈك ئاي),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+40(تارىم)
  • مۇنبەر پۇلى:+100(tagnur) ئىشىم چىقىپ ..
  • مۇنبەر پۇلى:+50(@OTKAX@)
  • مۇنبەر پۇلى:+100(sahraogli) ئىسىل تىما .م ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sahraogli تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-01, 14:26
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    ئۆرۈكجان

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 195
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە585دانە
    ئۆسۈش: 2.66%
      نادىر تىما: 2
      يوللانما: 585
      ياخشى باھا: 178 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4704 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 116(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-03

    بەك ئېسىل كېچىلىك بولغان ئىدى ئۇ ئاخشام.

    ئەمما كاۋاپنڭ تۇزى سەل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
    ئەڭ ئاچچىقىم كەلگەن يېرى، مەن ناخشامنى ئەمدى باشلاي دىگەندە توك كەتتى-دە..
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(suzuk-ay) قىززىقچى ...
  • ياشىسۇن ياخشىلار! ياڭرىسۇن ناخشىلار!
    ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2839
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە241دانە
    ئۆسۈش: 2.41%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 241
      ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1616 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 134(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-20
      كىرىشى: 2010-08-04

    ۋاي مەنمۇ تېخى كىچىلىكڭىزدە بىر ناخشا ئىيېتىمەن دەپ تەييارلىق قىلىپ كەلگەنتىم سىز ئۇدۇللا داستىخانغا باشلاپ قويدىڭىز  ئۇنىڭ ئۇسىتگە ماۋۇ قىزلاپ مىنى بىر بىرلەپ ئۇسۇلغا تارىتماي بىراقلا ئۇسۇلغا تارتىپ ئۇسۇل ئويناۋېرىپ
    ئادەمنى ھاردۇرۋەتتى......شۇنىڭ بىلەن ئېيتىدىغان ناخشامنىمۇ ئۇنتۇپ دىگەندەك....شۇ ئاندىن نىمە قىلىپ...
    [ بۇ يازما زامانى تەرپىدىن 2010-08-01 10:55 PM دە قا ]
    ماڭا كۆز ئوينىتىپ خۇمالىق قارغانلارغا ئەمەس ،مەن قارغاندا ۋىللىدە قىزارغانلارغا ئۆزۇمنى ئاتاپ قويمەن، ھەم شۇلار ئۇچۇن ياشايمەن.
    اللاھ بىر

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4042
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە175دانە
    ئۆسۈش: 2.5%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 175
      ياخشى باھا: 32 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 976 سوم
      تۆھپىسى: 12 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 212(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-15
      كىرىشى: 2010-08-04

    مىنى ئۇنتۇپ قاپسىز دە،خەپ
    مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما
    ئەخلاق~ئادەم زىننىتى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3589
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
    ئۆسۈش: 2.58%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 258
      ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1563 سوم
      تۆھپىسى: -1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 153(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-08
      كىرىشى: 2010-08-04

    مەن يوق تۇرامدىم نىمە؟
    سەۋىر قىلىڭ،ھەممە ئش ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2977
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە195دانە
    ئۆسۈش: 2.79%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 195
      ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1527 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 367(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-24
      كىرىشى: 2010-08-04

    گەرچە چاخچاقلىرىڭىزدا بولمىساممۇ لىكىن ئاخىرىدىكى بىر دەستە گۈلنى كۆرۈپ
    خۇشال بولدۇم،چۈنكى گۈل-ئۇ كۆڭۈلدە.
    كىچىلىكنىڭ تازا قىزىشىنى تىلەيمەن.
    ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ.
    ئۇخلاپ قالما!

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 498
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە306دانە
    ئۆسۈش: 1.91%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 306
      ياخشى باھا: 34 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5416 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1121(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-08-03

    بۇنى كۆرۈپ ئېغىزىمغا سېرىق سۇ يىغىلىپ كەتتى-دېسە!
    ئەي جانان سەنسىز ماڭا مۇنداق جاھانلار نەكېرەك،
    ئايرىلىپ سەندىن يايرىڭ يۇرگەن زامانلار نەكېرەك.
    سۇلغانگۈل

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 262
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە709دانە
    ئۆسۈش: 3.22%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 709
      ياخشى باھا: 131 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3691 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 329(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-21
      كىرىشى: 2010-08-03

    كىچىلىك ياخشى بولغاندەك قىلامدۇ نىمە ..
    لىكىن زە بىزگە ئورون يوقكەن ئۇنتۇپ قالغان ئۇخشايسىلە ...
    ئىشەنسەڭ سۆيگىن .
    ئىشەنمىسەڭ سۆيمە .
    بىلىپ سۆيگىن .
    كىيىن ئېچىنما .
    دەقيانوس  پادىچىنىڭ پادىشاھ بولغانلىق رىۋا ..

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 53
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە692دانە
    ئۆسۈش: 3.15%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 692
      ياخشى باھا: 91 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3445 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 13(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-04

    مەن كۆرسەتكەن سېرىك نۇمۇرىغا  ھىچكىم چاۋاك چالمىدى ئاچچىقىمنى كەلتۇرۇپ، كىيىنىكى قىتىمدا سېرىك ئوينىمايمەن.
    تاپالمىدىم بۇگۇن ئۆزۇمنى
    كۆرەلمىگەچ يەنىلا سىنى
    ئەخلاق~ئادەم زىننىتى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3589
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
    ئۆسۈش: 2.58%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 258
      ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1563 سوم
      تۆھپىسى: -1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 153(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-08
      كىرىشى: 2010-08-04

    سۈزۈك ئاي بۇندىن كىيىن مىنى ئۇنۇتماڭ جۇمۇ
    كۆڭۈل غەيرەت قىل!روھلۇق بول!

    دەرىجىسى: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 129
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1174دانە
    ئۆسۈش: 4.19%
      نادىر تىما: 2
      يوللانما: 1174
      ياخشى باھا: 154 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 6155 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 321(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-03

    سۇزۇكئاي كىچىلىك ئاخىرى ،مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتى ھە..رەھمەت سىزگە!دىلسىرى مەن كىتىمەن دەپ ،چاينى ئۆتكۇزەلەرمۇ؟سىزنىڭ چىيىڭىزدا مۇنبەردىكى جىق ئاشپاقىلارنى كۆردۇم.ھەممىسى زىياپەت دەپلا تاماق يىمەي كەپتۇ.ئۇيىدىكى نورمىنى تۇگەپ كەتمىسۇن دەپ.توۋا!

    گۇل چاي داۋاملاشسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    [ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-08-02 08:40 PM دە قاي ]
    ھامان ئۆلۈپ كىتىمىز،ئۆلمەيدىغاندەك پاتماي كىتىمىز!ھەر ۋاقىت، ئۈ دۇنياغا مىڭىشىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى!ئىناقلىق ئەۋزەلدۇر!


    ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى!
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12345»Pages: 1/6     Go