مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 524 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : قانغا مىلانغان  ئەتىرگۈل(ھېكايە)

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 27
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
ئۆسۈش: 1.44%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 101
  ياخشى باھا: 116 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2089 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 41(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-08-04

0

 قانغا مىلانغان  ئەتىرگۈل(ھېكايە)



يارتقۇچى دۇنيانى رەڭدار قىلىپ يارىتىش بلىەن بىرگە ،كىشىلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ ياراتقانلىقىلا ئۈچۈن بۇ دۇنيا شۇنچە گۈزەل ، شۇنچە رەڭدارلىققا تولغان.(خاتىرەمدىن)
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ۋولقان بىر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن مەشغۇل.ئەمدىلا 23-24ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىگىز بوي،قاڭشارلىق،قارا قاش،قوي كۆزلىرى ئويناپ تۇرىىدىغان ،ئىلمەك بۇرۇن ئاددىغىنە ئەمما يارىشىملىق ياسىنىۋالغان بۇ يىگىت تولىمۇ يېقىملىق،خۇش پىېئل كۆرۈنەتتى.
  ئۇ كۈندە دىگۈدەك ئاشۇ ئارانلا ئون كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدىن سەھەردىلا چىقىپ كېتىپ كەچ كىرگىچە خىزمەت ئىزدەش بىلەن مەشغۇل .بۈگۈن ئۇ كەچلىك گېزىتتىن مەلۇم بىر شىركەتكە خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرۈپ تىزىملىتىپ كەلگەندىن كېيىن تولىمۇ روھلۇنۇپ كەتتى ،بالدۇرلا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ يېتىپ قالدى.مانا تاڭمۇ ئاتتى ئۇ كونا خروم سومكىسىنى قولتۇقلىغىنىچە بالدۇرلا شىركەت تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.سەھەر بولۇشىغا قارىماي كوچىدا ئادەم مىغ-مىغ ئىدى.ئۇ شىركەتكە كەلگەندە تېخى شىركەت دەرۋازىسى ئېچىلمىغاندى.بىر دەم ساقلىغاندىن كېيىن قوغداش خادىمى دەرۋازىنى ئاچتى ۋە ئىمتىھان بەرگىلى كەلگەنلەرنىڭ تۈرلۈك ئىسپاتلىرىنى  بىرمۇ-بىر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن كىرگۈزۈشكە باشلىدى.نۆۋەت ئۇنۇڭغا كەلدى .ئۇ ئەمدىلا ئىسپاتلىرىنى قوغداش خادىمىغا  سۇنۇشىغا يەردە تۇرغان بىر دانە كىملىك ئۇنۇڭ كۆزىگە چېلىقتى ،ئالدى تەرەپتە بىر نەچچە قىز  پەرۋاسىز كېتىشىپ باراتتى.ئۇ بىر قولىدا ئىسپاتلىرىنى قوغداش خادىمىغا تەڭلىگەچ يەنە بىر قولىنى يەردىكىگە ئۇزارتتى،قولىغا ئۇنى ئېلىپ  رەسىمگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتى ۋە يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى. ئۇ نىمانچە چىرايلىق قىزدۇ بۇ؟ توۋا دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ كىملىكتىكى ئىسىم بويىچە :
-ساجىدە!ساجىدە !دەپ چاقىرىشقا باشلىدى لېكىن ئۇنۇڭ بۇ چاقىرىشلىرىغا ھېچكىممۇ پەرۋا قىلىپ قويمىدى.ئۇ يەنە بىر نەچچە قېتىم تەكرار چاقىرغاچ ئالدى تەرەپكە ماڭدى.بىر دەمدىن كېيىن ئالدىدا كېتىۋاتقان قىزلاردىن بىرى ھەيرانلىق ئىلىكىدە كەينىگە بۇرۇلدى-دە،ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.يىگىت چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن بىر دەمدىلا ئۇنۇڭ يېنىغا  يېتىپ كەلدى ۋە.
-ئىسمىڭىز ساجىدە بولامۇ؟دەپ سورىدى قىزدىن.
-شۇنداق .نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى قىز سورىدى كەسكىنلىك بىلەن ئۇنۇڭدىن.
-بۇسىزنىڭمۇ دىگىنىچە قۇلىدىكىنى ئۇزارتتى يىگىت قىزغا.
-شۇنداق مېنىڭكى.
-چۈشۈرۈپ قويۇپسىز ئاۋۇ يەردىن تېپىۋالدىم .
-رەسمەت سىزگە قىز كۈلۈمسىرىگەن پېتى كەينىگە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.بىراق ۋولقاننىڭ ئىچىدە بىر قۇرت پەيدا بولغاندى. ئۇ نىمە دىگەن چىرايلىقتۇر؟! توۋا دىگىنىچە جايىدا گويا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى.بىر ھازادىن كېيىن ئۇ سەل ئەسلىگە كەلدى ۋە ئىمتىھان مەيدانى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.مانا ئىمتىھانمۇ باشلاندى بىراق ئۇنۇڭ كۆڭلى ئىمتىھان بېرىشتە ئەمەس بەلكى باشقا تەرەپلەردە ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا ،بۇ ئۇنۇڭ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم شۇنداق بولۇشى ئىدى.ئۇ تۈرلۈك باھانا سەۋەبلەر بىلەن كاللىسىغا كىرىۋالغان خىيللارنى قوغلىماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىمتىھانمۇ ئاخىرلاشتى،دەرۋازا سىرتىغا چىققاندىن كېيىن ئۇ نىمىگىدۇر تەشنا بولغاندەك شىركەت ئىچىگە خېلى ئۇزۇن تەلمۈرۈپ تۇردى، بىراق ئۇ ئىزدىگەن نەرسىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئامالسىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ ھېلىقى دوپپامچىلىك ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.ئۇنۇڭ كۆز ئالدىدا بۇغداي ئۆڭ،بۈدۈرە چاچ،يۇمۇلاق يۈزىنىڭ ئوڭ تەرەپىگە تولىمۇ ياراشقان ھۆسنىگە -ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدىغان بىر تال خالى بار،گۆھەردەك چاقناپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆز،چىشلىرى بەئەينى سەدەپتەك پارقىراپ تۇرىدىغان،ئالمىدەك كۆكسى ئويماق ياقىلىق كۆينىكىنىڭ ئۇچۇق جايلىرىدىن" مانا مەن" دەپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر قىزنىڭ سىماسى كەتمەيتى. بۇ سىما يىگىتنى قىينىماقتا ئىدى .ئۇ ئۆز-ئۆزىگە توۋا بۇنداقمۇ چىرايلىق قىز بولامدۇ ؟جاھاندا دەپ پىچىرلاپ قوياتتى، تۇرۇپ -تۇرۇپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارايتتى.مانا موشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن ئۆيىگە كېلىپ قالغىنىنى سەزمەيلا قالغان ئۇ ئىشىكتىن كىردى-دە،قولىدىكى ماتېرىياللارنى ئۈستەلگە قويغاندىن كېيىن ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ قانداقتۇر چىگىش خىياللارغا غەرق بولۇشقا باشلىدى.ئۇ بىر ھازادىن كېيىن سەل ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە سەن نىمانداق بەڭگىنىڭ خىيالىنى قىلىدىغنسەن؟شۇنچە چىرايلىق قىزنىڭ سۆيگىنى بولماي قالاتتىمۇ؟توۋا سەۋزىدە "خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ دىگەندەك "ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىمەي ئىشىڭنى قىل دەپ ئۆزىنى بەزلەشكە باشلىدى .بىراق ئۇمۇ كارغا كەلمىدى ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەستىن ئۇ يەنە ھېلىقىدەك خىياللارغا غەرق بولۇشقا باشلىدى...
بۇ بىر نەچچە كۈن ۋولقان ئۈچۈن خۇددى قىيامەتتىنمۇ ئۇزۇن تۇيۇلدى. ئۇ ھەر كۈنى بىر قېتىم قىز بىلەن ئۇچىراشقان شۇ جايغا ئىختىيارسىزلا بېرىپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى. كۆڭلىدە ئۇ مەن نىمە بولۇپ قالغاندىمەن دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى .دەرۋەقە ئۇ مۇھەببەت مەستانىسى بولۇپ قالغاندى.ھېلىقى كۈندىن باشلاپ ئۇنۇڭ ئىچىدە بىر دانە قۇرت پەيدا بولغان بولۇپ ئۇ ،ئۇنى قىينىماتا ئىدى...
مانا بۈگۈن نەتىجە ئېلان قىلىنىدىغان كۈن، سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرغان ھولقان رەتلىك كىيىنگەندىن كېيىن شىركەت تەرەپكە قاراپ يول ئالدى .ئۇ سەل بالدۇر كەلگەچكىمىكىن دەرۋازا ئالدىدا ھېچكىم كۆرۈنمەيتى .ئۇ يەنە ھېلىقى جايغا قارىغىنىچە قانداقتۇر بىر خىياللار دېڭىزىغا غەرىق بولۇشقا باشلىدى.ۋاقىت ناھايىتى ئاستا ئۆتمەكتە ئۇ يەنىلا شۇ شېرىن خىياللار بىلەن بەند بولۇپ دەرۋازىنىڭ ئېچىلغىنىنىمۇ سەزمەيلا قالدى.ئەگەر ئۇ كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىمىغان بولىسدى چوقۇم تۇرغان جايىدا تۇرۇۋەرگەن بولاتتى،ئۇ سەل ئېسىنى يىغقاندەك بولۇپ دەرۋازا ئىچىگە قاراپ ماڭدى.بىراق ئادەم ناھايىتى شالاڭ بولۇپ تامغا چاپلانغان ئۇقتۇرۇشنى كۆرىدىغانلار قالمىغاندى.ئۇ تامدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆزدى-دە ،يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى چۈنكى قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە ساجىدەمۇ بار ئىدى.شۇ ئەسنادا ئۇنۇڭ يۈرەكلىرى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى .ئۇقتۇرشنىڭ ئاخىرىدىكى
قوبۇل قىلىنغانلارغا دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە شىركەتنىڭ ئۇيۇشما زالىدا يىغىن بار، ۋاقتىدا كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز دىگەن قۇرلارغا كۆز يۈگۈركەندىن كېيىن ئاستىغىنە قورودىن چىقتى-دە،دەرۋازا ئالدىدا كىمنىدۇر بىرىنى ساقلاشقا باشلىدى.مانا چۈشمۇ بولدى ئۇنۇڭ قۇرساقلىرى ئېچىپ ئۈچەيلىرى چاپلىشىپ كەتتى لېكىن ھېلىقى ساقلىغان كىشىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.ئىلاجنىڭ يوقىدىن ئۇ يولنىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ ئاشپۇزۇل ئىزدەپ ماڭدى...
ئەتە شەنبە،ئۆگۈنلۈككە يەكشەنبە،ئىندىلىققا دۈشەنبە،نىمانچە ئۇزۇن ۋاقىت بۇ ؟نىمە ئۈچۈن شەنبىنىڭ كەينىدىن دۈشەنبە ئورۇنلۇشۇپ قلامىغان بولغايتى دىگەندەك خىياللارنى قىلاتتى ئۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈن ساناپ دىگۈدەك ئارانلا دۈشەنبىگە ئۇلاشتى .سەھەردىلا تۇرۇۋالغان ۋولقان ناشتىدىن كېيىن رەتلىك كىيىنىپ يېڭى ئىش ئورنىغا قاراپ يول ئالدى. بۈگۈنمۇ ئۇ يەنىلا بالدۇر كېلىۋالغان بولۇپ دەرۋازا يەنىلا قۇلۇپلاغلىق ئىدى.ئامالسىز ئۇ يەنە ساقلاشقا باشلىدى.
ۋاقىت نىمانداق ئاستا ئۆتىدىغاندۇر ؟دىگەندەك خىياللار بىلەن ئۇ بىر دەم-بىر دەم سائىتىگە قاراپ قوياتتى بىراق ۋاقىت خۇددى ئۇنۇڭ بىلەن قېرىشقاندەق ناھايىتى ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.ئاخىرى سائەت توشۇشقا ئازلا قالدى يولنىڭ قارشى تەرىپىدىن بىر تونۇش سايە ئۇ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى .دەل شۇ ئۇنۇڭ يۈرەكلىرى ھېلىلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى ،ئۇ سەل ئۆزىنى كونتىرول قىلىۋالغاندىن كېيىن يېقىنلاپ كەلگەن قىزغا :
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇردىڭىزمۇ دەپ سالام بەردى.قىز  سەل تۇرۇۋالغاندىن كېين بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك بولدى ۋە.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دىدى جاۋابەن.
-قوبۇل قىلىنىپسىز سىزنى تەبرىكلەيمەن دىدى يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ.
-سىز نەدىن بىلدىڭىز؟سورىدى قىز ھەيرانلىق بىلەن .
-تامغا چاپلاغلىق ئۇقتۇرۇشتىن دىدى يىگىت جاۋابەن.ۋە ئارقىدىن ئۇلاپلا ھېلىقى كۈنى كىملىكىڭىزنى تېپىۋالغاندا سىزنىڭ ئىسىمىڭىز ئېسىمدە قاپتىكەن دىدى يىگىت چەبدەسلىك بىلەن.
-شۇنداقمۇ؟رەھمەت سىزگە ھېلىقى كۈنى ئىمتىھانغا ئالدىراپ رەھمەت دىيىشنىمۇ ئۇنتۇوپ قالغان ئوخشايمەن كەچۈرۈڭ دىدى قىز كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ياقەي رەھمەت ئېيتتىڭىز ئەسلى ئۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى .
-ھە سىزمۇ قوبۇل قىلىنغان ئوخشىمامسىز ؟سورىدى قىز.
-شۇنداق قوبۇل قىلىنىپتىمەن.
-بەك ياخشى بوپتۇ قانداقلا بولمىسا ئىككى ئۇيغۇر بار ئىكەنمىز.
-شۇنداق بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۆزئارا ياردەمدە بولارمىز دىدى يىگىت.ئۇلار پاراڭلاشقان پېتى يىغىن زالىغا كىرىپ كېتىشتى.يىغىندن كېيىن ھەر ئىككىيلەن تىجارەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇلار كەسىپداش بولۇپ قالدى،يىگىتنىڭ قەلبىنى بىر خىل ئوت ئۆرتىمەكتە بىراق قىزنىڭ بولسا بۇنۇڭدىن خەۋىرى يوق ئىدى.چۈشلۈكلىرى بىرگە تاماققا چىققان ۋاقىتلاردا يىگىت قىزدىن بىر نەرسىنى سوراي دەيتىيۇ، بىراق ئۇنىڭ تېلى كالىۋالىشىپ زۇۋانى چىقماي قالاتتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىگىتنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ھېلىقى قۇرۇت چوڭلاشقا باشلىغاندەك قىلاتتى شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالمايتى.ئايلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ بىرگە ئىشلىگىنىگىمۇ بىريىل بولۇپ قالدى.قىز بىلەن يىگىت خىزمەتتە چىقىشىپ قالغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا بۇ توغۇرلۇق پاراڭلاشمىدى،قارىغاندا ۋاقتى- سائىتى يىتىپ كەلمىگەندەك قىلاتتى...
بىر كۈنى خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن يىگىت قىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى .قىز يىگىتنىڭ بۇ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.ئۇ قىزنى  شەھەردىكى ئاۋات بىر رېستۇرانغا تەكلىپ قىلغاندى،قىز دەسلەپتە سەل ئويلاشمايلا ماقۇل دىدى-دە،بىر ئازدىن كېيىن باشقا جايغا بارايلى دەپ تۇرۇۋالدى بىراق يىگىت ئۇنىمىدى .قىز يىگىتكە:
- ئۇنداق بولسا مەن بارغۇچە تاماق بۇيرۇتماي تۇرۇڭ دەپ تاپىلاپ قويۇ پ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
  -رېستۇرانغا بالدۇرلا كەلگەن ۋولقان ھەر خىل تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ قىزنىڭ كېلىشىنى كۈتتى .مانا قىزمۇ كەلدى ئۇنۇڭ كېلىشى بىلەن ئۈستەلگە ھەر خىل قورۇمىلار چىقىشقا باشلىدى ،بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا  ئۈستەل ھەر خىل تاماقلار بىلەن تولدۇرۇلدى .بۇنى كۆرگەن قىز  :
-بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ ؟تاماق دىگەننى نەدىلا يىسەك بولۇۋېرىدۇ.ئىككى ئادەمگىمۇ موشۇنچىۋالا تاماق بۇيرۇتقان بارمۇ ؟ بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىپ نىمە قىلىسىز ؟قاراڭ يېزىلاردىكى كىشىلىرىمىزنى يىلدا بىرەر قېتىم گۆش يىسە -يىدى بولمىسا خۇدانىڭ سۈيۈگىلا تاماق ئېتىپ يىيىشىدۇ.ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ كۈنىمۇ كۈن .بىز بۇنداق ئىراپچىلىق قىلساق بولامۇدۇ؟دىدى سەل خاپا بولغان قىياپەتتە .يىگىت بېشىنى ساڭگىلىتىپ بىر ئاز ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ،بىرەر قېتىمغا ھېچ نەرسە بولماس،مەن سىزنى دەپلا موشۇنداق قىلىدىم دىدى جاۋابەن.
-ئۇنىسىغۇ ماڭا ئايان لېكىن بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز ئەسلا بولمايدۇ، ئىسراپچىلىق دىگەننى ئىسلام دىنىدىمۇ ئېغىر ئالدۇ ،موشۇ خەجلىگەن پۇللىرىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىزغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ئۇلار قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر،بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلماڭ !دىدى قىز ئۇنۇڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
-بولىدۇ دىدى ۋولقان پاتتاڭلىرىغىچە قىزارغان ھالدا.ئۇلار تاماق يىگەچ پاراڭلىشىشقا باشلىدى.گەپ ئارلىقىدا يىگىت سەل خىجىل بولغان ھالدا قىزدىن.
-سىزنىڭ سۆيگىنىڭىز بارمۇ دەپ سوراپ سالدى .ئۇنۇڭ بۇ گېپىدىن قىز سەل خىجالەت ھېس قىلدىمۇ تاڭ چوغدەك قىزىرىپ كەتتى ۋە بېشىنى ئاستا چايقىدى.شۇ تاپتا ۋولقان تىتىرەشكە باشلىدى ئۇ ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايتى.
يۈرەكلىرى يايراپ كەتكەندى. ئۇنۇڭ كۆزلىرى قىزنىڭ ئالمىدەك چوڭلۇقتىكى كۆكسىگە تىكىلىپ تۇراتتى .ئۇ سەل ئېسىنى يىغىۋالدى ۋە قىزغا.
-ئككىمىز يۈرسەك قاندق دەپ سورىدى قىزدىن.
-سىزغۇ خېلى ياخشىدەك قىلىسىز ،ماڭا ئويلۇشۇپ بېقىشقا بىر نەچچە كۈن بەرسىڭىز بولامدۇ؟ دىدى قىز يەرگە قاراپ تۇرۇپ.
-بولىدۇ لېكىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتمىسۇن دىدى يىگت قىزغا .ئۇلار خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كېيىن قوۇرمىلارنى خالتىغا سېلىپ رېستۇراندىن چىقىپ يېقىن مېڭىشىپ قىزنىڭ ئۆيى تەرەپكە  يۈرۈپ كەتتى. قىز بىر قورانىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن يىگىتكە .
-ئۆيدىكىلەر مىنى ساقلاپ ئۇخلىماپتۇ تېزراق كىرىپ كېتەي ،قوشنىلار كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ خوش دىگىنىچە كىرىپ كەتتى.قىز بۈگۈن تولىمۇ خۇشال كۆرىنەتتى ،قىزنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئانا بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ :
-قىزىم بۈگۈن بەكلا خۇشال كۆرۈنىسەنغۇ ؟ساڭا نىمە بولدى بىرەر نەرسە تېپىۋالدىڭمۇ يا ؟دەپ سورىدى قىزىدىن.
-كۈندە شۇنداققۇ دىدى قىز جاۋابەن ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
ئەمدى گەپنى ۋولقاندىن ئاڭلاڭ. ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە قولىدىكىنى قويغاندىن كېيىن ،تېلىفونىنى ئېلىپ  يېقىن دوستىغاۋە ھەدىسىگە تېلىفون قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت تۇتقانلىقىنى ئېيتتى ،ھەمدە قانداقتۇر بىر شېرىن خىياللار ئىلىكىدە ئۈزۈشكە باشلىدى.تۈن نىسبى بولدى بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا شۇ چېگىش خىياللار  ئىلىكىدە ئەركىن ئۈزمەكتە.
كىيىكنى ئاتاي دىدىم،
چەنلىدىم ئاتالمىدىم.
سەن ئۇياقتا،مەن بۇياقتا،
تاڭ ئاتقىچە ياتالمىدى.
مانا ئۇ تۈننى ئارانلا تاڭغا ئۇلاشتۇردى ۋە كۈندىلىك ئادىتى بويىچە سەھەر تۇرۇپ ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىدارىغا قاراپ ئۇچتى ئۇ بۈگۈن ھەر قايسى كۈندىكىدىن روھلۇق كۆرۈنەتتى.مانا ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى قىز بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنۇڭغا .
-چۈشتە بىرگە تاماق يەيلى دىدى .بۇ گەپتىن خۇشال بولغان ۋولقان تاسلا قالدى جايىدا تۇرۇپ سەكرىۋەتكىلى ۋە  .
-بولىدۇ دىدى ماقۇل دىدى جاۋابەن.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ۋولقان قىزدىن .
-قانداقراق ،ئويلۇشۇپ بولدىڭىزمۇ ؟دەپ سورىدى.قىزنىڭ يۈزى ۋىللىدە قىزىرىشقا باشلىدى.ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ سەل خىجىل بولغان قىيەپەتتە :
-ھەئە دىيەلىدى ئارانلا.
-يىگىت بولامۇ  قايتىلاپ سورىدى.
-بولىدۇ دىدى قىز سەل تۆۋەن ئاۋازدا .شۇ تاپتا ۋولقاننىڭ يۈرەكلىرى جايىدىن قوزغۇلۇپ كېتىۋاتقاندەكلا قىلاتتى ئۇنۇڭ بۇ خۇشاللىقىنى كىشى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.
بۈگۈن قىز ۋولقاننىڭ ئۆيىگە كەلدى ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا بۇ كىچىك  ھەم پاكىزە ئۆيدىن تولىمۇ ھەيران قالدى ۋە ئۇنۇڭغا ئەركىلەپ تۇرۇپ.
-توي قىلسام زىيان تارمىغۇدەكمەن دىدى ۋولقانغا .
-نىمىگە شۇنداق دەيسىز؟ سورىدى يىگىت.
-پاكىزلىقىڭىزغا دەيمەن نىمانداق پاكىزە ئۆي بۇ ؟دىدى قىز .ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى تۈگىمەيتى ،بىر دەم چاقچاق قلىشسا بىردەم قىزغىن پاراڭلىشاتتى، بىر چاغدا يىگىت قىزنىڭ بېلىدىن قاماللاپ تۇتتى ۋە ئۇنى ئۆزى تەرەپكە تارتتى قىز قارشىلىق كۆرسەتمەيتى چۈنكى مۇھەببەتنىڭ ۋولقىنى قىزنىمۇ ،يىگىتنىمۇ ئۆرتىمەكتە ئىدى.مانا ئىككى تەن بىرلىشىپ لەۋلەر ئۆزئار ئۇچىراشتى ھەر ئىككىيلەن ئۆزىنى جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلشقا باشلىدى. قىز بولسا كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ئۆزىنى بولغۇسى يولدىشىنىڭ ئىختىيارىغا قويغاندى...
مارت ئايلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بلەن ئۇلارنىڭ توي كۈنلىرىگىمۇ ئازلا قالغاندى .بۇ بىر جۈپ ياش ئۆي بېزەش،نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندى .8-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ۋولقاننىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز خانىم -قىزلار بايرىمى كېلىپ قالدى. شۇنۇڭ بىلەن ئۇ گۈل دۇكىنىغا قاراپ يول ئالدى.دۇكانغا كىرگەندىن كېيىن ئۇ بىر مۇنچە گۈللەر ئارىسىدىن بىر تال ئەتىرگۈلنى تاللىدى-دە،بولغۇسى ئايلىغا سوۋغا قىلىغقا ئالدىراپ تاكسىدىن بىرنى توراپ ماڭدى.تاكسى ساي يولىدىن ئۆتۈپ خوتەن كۆچىسىغا ئەگىلگەندە تۇيۇقسىز ئۇدۇلدىن كەلگەن بىر ماشىنىغا شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلدىكى مىر نەچچىنى دۇمىلاپ كەتتى.قۇتقۇزۇش خادىملىرى چاقامق تېزلىكىدە يېتىپ كېلىشتى .تاكسى شوپۇرى نەق مەيداندىلا قازا قىلغان بولۇپ يېنىدىكىسىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا بىر تال ئەتىرگۈل مەھكەم تۇتۇقلۇق بولۇپ قىپ -قىزىل قانغا بويالغاندى.ئۇ دەرھاللا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى دوختۇرلار ئۇنى جىددىي قۇتكقۇزۇشقا كىرىشتى ھايال ئۆيمەي  ساجىدەمۇ يېتىپ كەلدى.ئۇنۇڭ كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئېقىشقا باشلىدى.
-كەچۈرۈڭلار قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىدى دىدى ئوتتۇرا ياشلىق بىر دوختۇر .
-نىمە ساجىدە ھوشىدىن كەتتى ،ۋولقاننىڭ جەسىدى ئېلىپ چىقىلدى .ئۇنۇڭ قولىدا قانغا مىلانغان بىر تال ئەتىرگۈل مەھكەن تۇتغلۇق تۇراتتى.بۇ ھالنى كۆرگەن  قىزنىڭ ئاتا_ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن قاننىڭ ئورنىغا يىرىڭ ئېقىشقا باشلىدى.ئىككىيلەن تەڭلا جېنىم ئوغلۇم دىيىشكىنىچە ئۇنۇڭغا تاشلاندى.دوختۇرخانىدىكى بىمارلاردىن تارتىپ دوختۇرلارغىچە،سېستىرالاردىن تارتپ تازىلىق ئىشچىلىرىغىچە ئىختىيارسىز ھالدا كۆز يېشى قىلىشىتى. ھەتتا پۈتۈن كائىناتمۇ شۇنداق  قىلغاندەك كۆرۈندى جاھاننىڭ غەرب تەرىپىمۇ ئازابدىن قىزىرىشقا باشلىدى،ھەي رەھىمسىز تەقدىر ،ئەي شۇم پەلەك...(مەنبە  ئجادىيىتىم)
[ بۇ يازما پادىشاھ تەرپىدىن 2010-08-02 12:10 AM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما قانغا مىلانغان  ئەتىرگۈل(ھېكايە),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(suzuk-ay)
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sahraogli تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-01, 12:19
    ئەخلاق~ئادەم زىننىتى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3589
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
    ئۆسۈش: 2.58%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 258
      ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1563 سوم
      تۆھپىسى: -1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 153(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-08
      كىرىشى: 2010-08-04

    ياخشى يىزىپسىز رەھمەت ھە

    دەرىجىسى: چەكلەنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 265
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە480دانە
    ئۆسۈش: 3%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 480
      ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2684 سوم
      تۆھپىسى: -3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 678(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-21
      كىرىشى: 2010-08-03

    ئەزا چەكلەندى،بۇ مەزمۇن تاقالدى!
    سەن ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالما

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 427
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە576دانە
    ئۆسۈش: 3.6%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 576
      ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2301 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 506(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-08-03

    تەسىرلىك چىقىپتۇ  بۇلۇپمۇ  ئاخىرى   لىكىن ئاخىرىنى بەك ئاددى تۈگەپ قالغاندەك قىلامدۇ نىمە   سەل ھىسيات   كىرگۈزۈپ  كىشىلەرنى بەكرەك  يىغلىتىدىغان قىلغان بولسىڭىز  بوپتىكەن.  ( بۇلۇپمۇ ما مۇنبەردىكى قىزلانى يىغلىتىدىغان قىلىپ        )
               ئاددى پىكىرىم ئەيىپكە  بۇيرىمىغايسىز  
    مۇۋاپىقىيەت تىرىشقارلارغا مەنسۇپ

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4159
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
    ئۆسۈش: 3.1%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 62
      ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 234 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 123(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-17
      كىرىشى: 2010-08-04

    ھەقىقەتەن   تەسىرلىك  ھىكايىكەن    
    ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە589دانە
    ئۆسۈش: 2.68%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 589
      ياخشى باھا: 201 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 8217 سوم
      تۆھپىسى: 8 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 376(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-04

    ۋەقەلىكى تەسىرلىك چىقپتۇ....شۇنداق بېرىلپ ئوقۇپتىمەن.....تېخىمۇ ئېسىل ھېكايىلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.....
    تەكلىبىم: ئىملاغا بەكراق دىققەت قىلىپ كەتسىڭىز.تىل ئىشلىتىشتە تىلنىڭ  جەلپ قىلارلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرپ كەتسىڭىز....ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ......

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 27
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
    ئۆسۈش: 1.44%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 101
      ياخشى باھا: 116 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2089 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 41(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-08-04

    5-قەۋەتكە ئەۋەتىلدى.
    ھۆرمەتلىك تورداش مۇسىلىنە سىزنىڭ   تېمامنى ئوقۇپ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغىنىڭىزغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت .بۇندىن كېيىن چوقۇم ھەر قايسى تەرەپلەردىن دىققەت قىلىمەن.
    قالغان تورداشلىرىمنىڭمۇ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2185
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
    ئۆسۈش: 0.95%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 19
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 561 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 25(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-03
      كىرىشى: 2010-08-02

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ
    ئەسلىمە
    سىنى دەپلا مۇشۇ كۈنگە كەلگەنمەن  يەنە قاچان ..

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3986
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
    ئۆسۈش: 3.4%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 68
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 464 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 73(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-15
      كىرىشى: 2010-08-04

    ۋەقەلىك ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .....
    ئەپسۇسلنىمەن  نىمەئۈچۈن   نۇقسانسىز مۇھەھەببەت ھامان كىلىشمەسلىككە ئۇچرايدىغاندۇ .........
    ```````````سەنسىز ياشىيالمايمەن     ``````
    ئەخلاق~ئادەم زىننىتى

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3589
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
    ئۆسۈش: 2.58%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 258
      ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1563 سوم
      تۆھپىسى: -1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 153(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-08
      كىرىشى: 2010-08-04

    ھەقىقەتەن تەسىرلىك بوپتۇ جۇمۇ!
    سەن ساراڭنىڭ گىپىگە ئىشەنمەيمەن!!!!!!!!

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2353
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
    ئۆسۈش: 1.58%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 158
      ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2635 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 407(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-09
      كىرىشى: 2010-08-04

    شۇم پىلەك ئەمەس ،شۇم پەلەك
    ساراڭدىن سەن ساراڭمۇ دەپ سوراپ بېقىڭە ،ئۇ نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدۇ؟
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «123»Pages: 1/3     Go