مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 369 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 128
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە247دانە
ئۆسۈش: 2.47%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 247
  ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1647 سوم
  تۆھپىسى: 11 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 367(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-08-04

0

 يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر




قار يىغىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى. ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن زىمىن قىتىپ ئۇيۇپ قالغاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ھۇشقۇيتۇپ سۈر كۆرسىتىۋاتقان شىۋىرغان قارلارنى ئۇچۇرتۇپ يۇرۇيدۇ. تەبىئەت مۇزلىغان،جاھاننى سوغۇقلۇق ئىلكىگە ئالغان. شۇ ھالدا ئالەم- جاھاننىڭ جاراڭلاپ تۇرغان سوغۇقىدىن كۆرە ئاچچىق زەربىسىدىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇدھىش بىر سوغۇقلۇق ھەم غەزەپ ئىگىلىگەن. قارنىڭ سوغۇقىدىنمۇ بەكرەك جاننى قىسىدىغان پاجىئەنىڭ كۆيدۈرۈپ، چاياندەك چىقىپ، قاخشىتىپ، جانغا ۋەھىمىلىك قىيناق سالىدىغان ئوغىدەك سىزىمىدىن گاراڭ بولغان بىرتوپ جامائەت مەھەللىنىڭ كۈچىقىش تەرىپىدىكى ياداڭلىق ئارىسىدىكى زاراتگاھتىن قايتىپ مەھەللىگە كىرىپ كىلىشتى. بىر -بىرىدىن ئىغىر ئۈچ جىنازا ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى ئەمەس يۈرىكىنى،روھىنى بىسىپ يانجىپ تۇرغاندەك،قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەلەم ۋە خورلۇقتىن كۆڭۈك ئالىمى غىرىبلىقنىڭ كۈلرەڭ توزۇندىلىرى بىلەن بۇلغۇنۇپ كەتكەندەك ئىدى. ئۆلۈم -يىتىم بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن بۇنىڭدەك كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىپ،قەلبىدە ئوت بولۇپ يانىدىغان، غالىپلىق تۇيغۇلىرىنى پايخان قىلىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۈچ تاۋۇت مەسچىت ھويلىسىغا قاتار قىلىپ قويۇلغاندىن كىيىن، ھەسەن ئاقساقال يۈرىكى مۇزلاپ،تىتىرىشىپ تۇرغان جامائەتكە قاراپ قايغۇلۇق بىر ئاھاڭدا سۆز باشلىدى:
-بۈگۈن بىزگە بىر قارا كۈن بولدى،بىر ئۆيدىن بىراقلا ئۈچ جاننى ئۇزاتتۇق. ھەرھۇم يۈسۈپ پالىۋان يىغىمىزنى يىغلاپ، دەردىمىزگە يىتىدىغان قىرىندىشىمىز ئىدى. ئەمدى ئۇنەڭ خوتۇن بالىلىرىمۇ يىرتقۇچلارنىڭ تىرنىقىدا جان بەردى. بىز ئۇلارنى قوغدىيالمىدۇق. مەن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن. جامائەت، ئۇلارنىڭ تۇپراق بىشىنى تاشلىمايلى،مەرھۇملارنىڭ روھى قورۇنمىسۇن. . . . .
شىۋىرغان تىخىمۇ ئەدەشكە باشلىدى،قارلارنى توزۇتۇپ، بوغۇناق كۆتۈرۈپ، سۇنۇق كۆڭۈللەرنى تىخىمۇ مالىمان قىلىۋەتتى
ھەسەن ئاقساقالنى مەھەللىدىكى بىرنەچچە ئورۇۋىلىشقان. شىۋىرغاننىڭ چىقىراشلىرى ئارىسىدا ئۇلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى. پەقەت ھەسەن ئاقساقالنىڭ ئۇزۇن قوللىرىنى شىلتىشلىرى،باش چايقاشلىرىدىن ياشلارنىڭ قانداقتۇر بىر تەلىپىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
ھەسەن ئاقساقالنىڭ ئۇزۇن تونچە چاپىنىنىڭ پەشلىرى لەپىلدەيتى،سالۋا تەلپىكىنىڭ يۇڭلىرى تۇزغۇيتى. ئۇ بورانغا قارشى ئالدىغا ئىڭىشكىنىچە كۈچىنىپ كىتىپ باراتتى.
ئاقساقال تۆمۈر مەرگەننىڭ ھويلىسىغا كىرىشى بىلەن تەڭ توقۇقلۇق چىلان توروقلۇق ئاتنىڭ يىنىدا ياتقان ئىككى تايغان ھاۋشىپ كىلىپ ئۇنىڭغا ئىتىلدى. تايغانلار ئاقساقالنىڭ يىنىغا كىلىپ تونۇش ھىدنى سىزىپ يەنە ئارقىغا قايتىپ جايىغا بىرىپ يىتىشتى. قاڭتۇرۇپ قويۇلغان چىلان تورۇق بىر ئورنىدا جىم تۇرماي تولا چاپچىپ، ئىككى كىگىز ئورنى يەردىكى قارنى دەسسەپ مىلىق قىلىۋەتكەنىدى.
<بۇ ئادەمنىڭ خۇيى ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمىگۈدەك. . . . >دىگەنلەرنى خىيال قىلغان ئاقساقال ئىغىر قوش قاناتلىق ئىشىكتىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تۆمۈر مەرگەننىڭ ئوۋ ئېتى يىل 360 كۈن، ئوۋۈا چىقسۇن چىقمىسۇن توقۇپ، تەييار قىلىقلىق بولاتتى. ئۇنىڭ ھازىر 50تىن ئىشىپ كەتكەن كەمپىرى 14ياش ۋاختىدا قورقۇمسىز، چاپچىپ ئىتىلىپ تۇرىدىغان تۆمۈرگە تەگكەندىن باشلاپ ھەر ئەتىگىنى كۆرىدىغىنى مۇشۇنداق جابدۇپ تەييار قىلىپ قويۇلغان ئات ئىدى. كىيىنكى كۈنلەردە ئايالىمۇ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى. ھويلىدا توقۇقلۇق ئاتنى كۆرمىسە، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يىرىم بولۇپ، بىر نىمىسى كەمدەك بىر ئەسكى تۇيغۇ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلاتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پالىۋىنىم، ساقىيىپ قالدىلىمۇ. . .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەلسىلە ئاقساقال. ئۆزلىرى ساق، مەھەللە كوي ئامانمۇ؟
-ھە. . . . ئاقساقال ئارتۇق بىرنىمە دىيەلمەي توختاپ قالدى. كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشۈپ تەڭدىن تولىسى ئاقىرىپ كەتكەن ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى.
-نىمە بولدى،ئاقساقال، -تۆمۈر مەرگەننىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك كۆزلىرى ئاقسالغا تىكىلدى، نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئاغرىق ئازابىدا تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدا قورقۇنچلۇق بىر جىددىيچىلىك پەيدا بولدى.
-ئۆزلىرى ساقسىز بولغاچقا خەۋەر بىرەلمىدۇق،جامائەتنى مەن توسۇپ قويدۇم. ئۆزلىرىنى تۇتالماي قىلىپ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قايغۇغا قىلىشىمىزدىن ئەنسىرىدىم. بىلىشلىرى كىرەك، ئۆزلىرىنىڭ ساقلىقلىرى بىز ئۈچۈن ئامەت. ئەمدى بولسىمۇ دەي. كۆڭۈللىرىگە كىلىدىغىنىنى بىلىمەن. بۈگۈن مەرھۇم يۈسۈپ پالىۋاننىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنى يەرلىكىدە قويدۇق. ھەممىسىنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي.
تۆمۈر مەرگەننڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدا قورقۇنچلۇق بىر سايە پەيدا بولۇپ سارغۇچ، يىرىك ساقال -بۇرۇتلىرى تىكلىشىپ كەتتى، پىشانىسىدە ھەمساتتا يىڭنە ئۇچىدەك تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى.
-تىخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بالىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى سوراتقان ئىدىم. بۇ ئەمدى نىمە بولغىنى. ئۇلارنىڭ ئۆلىمىنىڭ بائىسى نىمىكىن،ئاقساقال ؟
ئاقساقال ئوڭايسىز بىر ھالدا ئولتۇرۇپ كەتتى، دەماللىققا نىمە دىيىشنى بىلەلمايۋاتقاندەك قىلاتتى. تۆمۈر مەرگەننىڭ تىكىلىپ قارىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالماي دۇدۇقلىدى :
-ئاللا ئامانىتىنى تۈرلۈك تۈمەن سەۋەب بىلەن ئەكىتىدۇ،پالىۋىنىم. مىنىڭمۇ شۇ تاپتا يۈرۈكۈم لەختە قان بولدى. قازاغا رىزا. نىمە ئامالىمىز بولسۇن. . . ئۇ. . . ئۇلارنى. . . يول. . . . يولۋاس ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ. ئىزچىلار شۇنداق دىيىشتى. ھەتتا پۇت -قوللىرىنى يەپمۇ كىتىپتۇ.
تۆمۈر مەرگەننىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، ئاچچىق نىر نەرسە يۈرىكىگە قۇيۇلۇپ، تىنىقى تىنىقىغا ئۇلاشماي قالدى.
-مەھەللىدىكى بىرنەچچە ياش بالا يولۋاسنى ئۆلتۈرىۋىتىمىز دەپ سەكرەپ چىقىۋىدى،توسۇپ قويدۇم سۆڭىكى قاتمىغان بالىلار، تىخىمۇ چوڭ ئىش چىقمىسۇن دىدىم.
بۇنى ياخشى قىپلا. بۇ ئىشنى ئۆزەم قىلىمەن. ياخشىلىققا يامانلىق دىگەن دىگەن مۇشۇ. ھايۋان دىگەن ھامىنى ھايۋانلىقىنى قىپتۇ ئەمەسمۇ.
ئاقساقال تۆمۈر مەرگەننىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىەەن بولسىمۇلىكىن بىر نىمىدىن قورققاندەك بولۇپ تۆمۈر مەرگەنگە يىلىندى :
-ئۆزلىرىنى تۇتىۋالسىلا، پالىۋىنىم. بىلىشلىرى كىرەك. يۇرتتا سىلى بولمىسىلا بولمايدۇ. مەنمۇ قىرىپ ماغدۇرۇمدىن قالدىم. ھەر ئىش بولسا با مەسلەھەت بىر ئىش قىلامىز، قاراملىق قىلمىغايلا.
-خاتىرجەم بولسىلا، -تۆمۈر مەرگەن كۆزلىرىگە ياماشقان ياشلىرىنى ئاستا سۈرتىۋىتىپ ئاقساقالغا قارىدى. ، -سۆزلىرىنى ئاڭلايمەن. ئەمما بۇ يىرتقۇچلارنى يوقاتماي بولمايدۇ. يۈسۈپ پالىۋان مىنىڭ قىيامەتلىك بۇرادىرىم ئىدى. مەن ھايات تۇرۇپ ئۇنىڭ خوتۇن باللىرى مۇشۇنداق ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئۇنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن. . . .
-كۆڭۈللىرى ماڭا چۈشۈنۈشلۈك. بۇ كەلگۈلۈكتىن مەنمۇ شۇ تاپتا ئۆزۈمنى قەيەرگە قويۇشنى بىلمەيۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ ھازىر ساقلىقلىرى يوق. ئوڭشالغانلىرىدىن كىيىن بىر نىمە دىيىشەرمىز
ئوبدان ئاقساقال. دىگەنلىرىدەك بولسۇن
***************************************************************************************
چىلان تورۇق يورغىسىغا چۈشۈپ ئاپئاق قارلارنى توزۇتۇپ، تىزگىن سىرىپ كىتىپ بارىدۇ. ئاتنىڭ شىڭشىيىپ كەتكەن قۇمۇش قۇلاقلىرىنىڭ جىدددى ھالىتىدىن بۈگۈنكى سەپەرنىڭ ئۇنىڭ قىززىپ كەتكەن تۇياقلىرىنىڭ خۇمارىنى بىسىپ، ئىچ ئىچىدىن شاتلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. ئاتتىن كىلىۋاتقان تونۇش تەر ھىدى تۆمۈر مەرگەننىڭ بۇرنىغا يەڭگىل ئۇرۇلاتتى.
<ھايۋان دىگەن ھايۋانلىقىنى قىلىدۇ-دە. چوقۇم ئاشۇ يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى. يۈسۈپنى ئۆزۈم توسۇپ قويغان. شۇ چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپلاۋەتكەن بولسا بۈگۈنكى مۇشۇ كەلگۈلۈك كەلمىگەن بولاتتى. خۇدا ياراتقان جانارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە بۇنىڭ ئۇۋالىغا قالمايلى، دەپ كۆڭلى يومشاقلىق قىلغاننىڭ كاساپىتى مۇشۇ بولدىغۇ. يۈسۈپ ئاداش. قەدىناسلىقىمىزنىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن بۈگۈن جان كەتسىمۇ. . . . نىمە كۆرسەم كۆرەمەن. . . . . ئاشۇ يولۋاسنىڭ يۈرىگىنى سۇغۇرىۋىلىپ، خوتۇن باللىرىڭنىڭ قىساسىنى ئالىمەن. . . ئاقساقالچە بولسا ياش بالىلاردىن بىرنەچچىنى ئەۋەتكىسى بار. ئۇنداق قىلىپ بولامدۇ؟ئالىمادىس بىرەر كىلىشمەسلىك بوپ قالسا مەن تۇرغان يەردە يەنە مۇشۇ مەھەللە كويىدا بىركىملەرنى يىرتقۇچلار يەپ كىتىدىغان ئىش بولسا ماڭا بۇ جاننىڭ نىمە كىرىكى قالىدۇ. يۇرتتا تۆمۈر پالىۋان دىسە تۆمۈر پالىۋان دەپ خەق مىنى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرگىدەك بوپ كىتىدۇ، ئەمدى مەن ئۇلارنىڭ بۇنچىزا ھۆرمەت ئىززىتىگە لايىق ئىش قىلماي قۇلۇم قوشنىلارنى يولۋاس يەپ كىتىپتۇ، دەپ دوڭغۇيۇپ تۇرغىچە قارنىمنى يىرىپ ئۆلىۋالغىنىم تۈزۈك. نەچچە ئەۋلاد ئوۋچىلارنىڭ يۇرتتىكى نام ئابرويى ماڭا كەلگەندە چۈشۈپ كەتسە، مەن بار يەردە ىر كىملەرنى ياۋايى جاندارلار تالاپەتكە ئۇچىراتسا بۇ مەن ئۈچۈن نۇمۇس، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز خورلۇق. . . ھامان بىركۈنى ئۆلۈپ كىتىدىغان، بىر كۈنى ئەمەس بىركۈنى ئىگىسىگە تاپشۇرىدغان بۇ جاننى بۇنچىۋالا ئاياپ، نۇمۇسقا قويۇپ خار قىلغاندىن كۆرە، خۇدا پىشانەمگە پۈتكەن ئەركەكلىكنىڭ شەرپى ئۈچۈن ئەركەكتەك ئىشلارنى قىلىپ جاننى ئىگىسىگە تاپشۇرغىنىم خوپ. . >
چىلان تورۇق جىدددى قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىدۇ. ئات جاندارنىڭ كۆڭلىدە بىر خۇشھاللىق باردەك قىلاتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇ ئىگىسى بىلەن بۇ كەڭرى كەتكەن جاڭگاللارنى كىزىپ چىقتى، بارمىغان يەرلىرى ئاز قالدى، جىددى ئىلىشىشلار، ھايات ماماتلىق تىرىكىشىشلەر بولدى. ئۇھەرقاچان ئىگىسىنىڭ يىرتقۇچلارنى يەڭگەن چاغدىكى خۇشھاللىقىنى كۆرۈشكە شۇنچە خۇمار ئىدى. ئىگىسىگە مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدىنمۇ ھىدىنى ئايرىيالايدىغان دەرىجىدە ئۈگۈنۈپ كەتكە بۇ جانىۋار ئۆزىنىڭ جەڭگە يارالغانلىقىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئەزىمەتلەرنىڭ نەرە ساداسى ئىچىدە جەڭگە كىرەلمىدى، ئەمما ئىگىسىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل جەڭ بولۇشى مۇمكىن. . . . . پايانى يوقتەك كۆرىنىدىغان كەڭرى جاڭگالنىڭ چىغىر يوللىرىدا كىتىۋاتقان تۆمۈر پالىۋان بىلەن ئۇنىڭ كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدىغان قۇمۇشقۇلاق ئېتىنىڭ خىيالى بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ۋاختى كەلەەندە شىرىنلىكىگە ھىچنىمە تەڭ كىلەلمەيدىغان جان دىگەن بۇ نەرسىنى دو تىكىپ، ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ رەقىبىگە ئىتىلالايدىغان بىر روھ بىلەن، شۇنداق بىر ماتانەت بىلەن ياشاش شەرىپىگە ئىگە بولالىغان ھەر قانداق جان ئۆلۈمنى مەنسىتمىگەن ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشالىسا. . . بىر جان ئۆزىنىڭ يارالمىشىنڭ مەنىسىگە يىتەلىسە، ئالەمدە بۇنىڭدىن ئۆزگە سۆيۈنۈشلۈك، پەخىرلىنەرلىك ئىش بولمىسا كىرەك. . . . . . . .
ئاقساقال ئەتىسى بىر نىمىدىن كۆڭلى ئۆيۈپ كىچىك ئوغلىنى تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئۆيىگە يۈگۈرتتى. ئوغۇل ھايال بولمايلا قايتىپ كىلىپ ھويلىدا تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئېتىنىڭ يوقلىقىنى مەلۇم قىلغاندا ئاقساقال پىشانىسگە پاققىدە بىرنى ئۇردى-دە، پالاقلىغىنىچە تالاغا يۈگەردى.
تۆمۈر پالىۋاننىڭ قاردا قالغان سۇس ئىزلىرىنى نىشان قىلىپ ماڭغان بەش -ئالتىدەك ياش ئوۋچى ئاقساقالنىڭ باشچىلىقىدا جىدى يول يۈرۈپ تۆمۈر پالىۋاننى تاپقاندا تۆمۈر پالىۋان يوغان بىر تاغىل يولۋاس بىلەن قۇچاقلاشقىنىچە قىتىپ قالغان ئىدى. ئىگىز دۆڭنىڭ يان باغرىدىكى كەڭرى بىر يەر جىددى ئىلىشىش جەريانىدا، تىلغىنىپ،بۇلغىىپ كەتكەن ئىدى. يولۋاسىڭ قىنى بىلەن ئادەمنىڭ قىنى ئارلىشىپ كەتكەن، تۆكۈلگەن قانلار مەرۋايىتتەك پاقىراپ كۆز چاقاتتى. تۆمۈر مەرگەننىڭ جىنىنى ئالغان، تۆمۈر مەرگەننىڭ قولىدا جان بەرگەن بۇ يولۋاسنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋال كىچىككىنە ئارسىلان ۋاختىدا تۆمۈر مەرگەن ئىچ ئاغرىتىپ قويۇپ بەرگەن يولۋاس كۈچىكى ئىكەنلىكىنى ھىچ كىم خىيالىغا كەلتۈمىدى. شۇ چاغدا تۆمۈر مەرگەن ئانا يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغان يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يقنىغا كەپقالدى. قەدىناس دوستىنىڭ شىجائىتىدىن سۆيۈنۈپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنى تەبرىكلىدى. ئۇلار تۆمۈر مەرگەن ئوۋلاپ كەلگەن قىرغاۋۇل گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ مەززە قىلىشىۋاتغاندابىر نىمىلەرنىڭ غىڭشىشلىرىنى ئاڭلاپ ئوۋچىلارغا خاس سەزگۈسى بىلەن يىقىنلا يەردە يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ئىزدەپ بىقىۋىدى، دىگەندەك بۈككىدە بۇلغۇنلار بىلەن قاپلانغان بىر دۆڭنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈچ يولۋاس كۈچىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. جانلىقلار ئالىمىدىكى سۈر ھەيۋە، كۈچ قۇدرەت، قورقۇمسىزلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى تۆمۈر مەرگەن بىلەن يۈسۈپ ئوۋچىغا سۈر ھەيۋە بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، كىچىككىنە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلاتتى. يۈسۈپ ئوۋچى ئۇزۇن خەنجىرىنى سۇغىرىۋىلىپ ئۇۋىغا يىقىنلاشتى.
-بىچچارىلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمىسۇن،ئەسلىدىن ئالغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھسىز جانلار، -دىدى تۆمۈر مەرەەن يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يولىنى توراپ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئوغلى سادىن كىلىۋالغان ئىدى.
-بىراق. . . . -يۈسۈپ ئوۋچى سەل تۇرىۋىلىپ قوشۇپ قويدى، -بوپتۇ، لەۋزىڭنى يەدە قويالمايمەن، سىنىڭ ھۆرمىتىڭ. . . . بولدى، بۇ يىرقۇچلار ئامان قالسۇن.
ئۇ قايتاشىدا بىر قەرەننىڭ گۆشىنى يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىغا تاشلاپ بەرگەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن يادىغا ئالدى. زىيادە كۆڭلى يۇمشاقلىق بىر كۈنلر كەلگەندە بىشىڭغا ئاپەت ئىلىپ كىلىدىكەن.
ئارىدىن بىرەيلەن كۆزىگە يا ئىلىپ مىشىلداپ يىغلىدى. دىقماق كەلگەن 18 ياشلاردىكى بۇ يىگىت تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ يولۋاسنىڭ ئالەمدىكى جىمى دەھشەتنى ئۆزىگە يىغقادەك كۆرىنىدىغان كۆزلىرىگە تىكىلگەن ئىدى.
-يىغلىما سادىن بالام، -دىدى ئاقساقال ئۇنىڭغا جىددى نەزەر بىلەن قاراپ، -بىر ئەركەك قورقماي ئۆلەلىسە،يەنە كىلىپ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىپ ئۆلسە. . . ئۇنىڭ ۆزى يىغلايدىغان ئىش ئەمەس. ئەرلىك شەرەپنى ساقلاش ھەممىدىن موھىم. ئەركەكلىك نۇمۇسىنى ساقلىغان ئادەم مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.
مۇشۇ يىشىغىچە دادىىسىنىڭ قانداق بىر جايدا ئوۋ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئوغۇل يولۋاس بىلەن بىللە ئۆلگەن دادىسىغا ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ قاڭشارلىق بۇرنى ئۈستىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پاقىراشقا باشلىدى.
(2)
تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن بۇ ئوتتۇرادا ئوۋچىلىقنى كەسىپ قىلغىنى ئۇنىڭ ئوغلى سادىن بوپقالدى. ئۇنى ئوۋچىلىققا، مەرگەنلىككە ئۈندەپ تۇرىۋاتقانلار ئانىسى بىلەن ھەسەن ئاقساقال ئىدى. سادىن ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن بويۇن تولغاشقا قۈرئەت قىلالمايتى. ھەسەن ئاقساقال تۆمۈر پالىۋاننىڭ تولا تەرىپىنى قىلاتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا تۆمۈر پالىۋاندەك ئاەملەر ئەركەكلىكنىڭ بىردىنبىر ئۈلگىسى ئىدى. بىر يۇرتتا ئۇنىڭدەك ئادەمدىن ئونى، بەشى، ھىچبولمىغاندا بىرسى بولسىمۇقالتىس ئىش بولاتتى. ئۇنىڭدەك ئادەملەر يۇرتنىڭ بەخت تەلىيى ئىدى. ئادەم دىگەن مەيلى قانچىلىك قۇدىرەتلىك بوپ كەتسىمۇ ھامان بىر كۈنى ئكلۈپ كىتىدۇ. ئۆلۈم دىگەن قورقۇپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس. ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ ئزىنى باسىدىغانلارنىڭ بولماسلىقى، رەقىبىگە تىك قاراپ، ئۆلۈمنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويۇپ، ئەركەكلىك ئار نۇمۇسى ئۈچۈن قەدەم بىسىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ يوق بولىشى ئىدى. ئاقساال شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزىدىن مەيۈس بىر شولا پىلىلداپ قالدى. بۇ كۆزلەدىكى نۇر شۇلىلادىن ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئوت -ئىزتىراپلىرىدا پۇچلىنىۋاتقان بىر يۈرەكنىڭ سىماسى غىل پال كۆزىگە چىلىقىپ قالاتتى.
-داداڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت،تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى داداڭنىڭ قېنى. بالىلار ئاتا ئانىسىدىن ئېشىپ كەتسە ئامەت ياغقىنى شۇ،دورىيالمىساتۈگەشكنى شۇ.
بۇ، ئاقساقالنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا سادىنغا دىگەن گىپى ئىدى. سادىن ئاقساقالنىڭ گەپلىرىنى يادىدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى.
كەڭرى كەتكەن جاڭگالدا تەرگە پىشىلىپ كەتكەن قۇلا ئاتنىڭ ئېغىر خارتىلداشلىرى ئاڭلىناتتى، ئاتنىڭ پۈتۈن بەستدىن تەر ئاقاتتى، پاقىراق مويلىرى قوياش نۇرىدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان تۈلكە قۇمۇش يۇلغۇنلار ئارىسىدىن بويلاپ سادىنغا بوي بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. چىپىپ كىتىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە ئىتىلىۋاتقان ئوقلارنىڭ ھەممىسى زايا بوپ كىتىۋاتاتتى. <كىشىلەر تۆمۈر پالىۋان ئات ئۈستىدە كىتىۋىتىپ قىچىپ كىتىۋاتقان توشقاننىڭ كۆزىگە سوقالايتى، دىيىشىدۇ. . . . ئۇ قانداق ئاتىدىغان بولغىيتى خەپ. . . >سادىن قىچىپ كىتىۋاتقان تۈلكىگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپ قوغلاۋىتىپ شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقاندا، يان تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق چىىقىپ ئۇنىڭغا يانداشقاچ ۋاقىراشتى:
-سادىن، توختا، جىددى ئىش چىقىپ قالدى. . . .
سادىن ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ھىلىقى ئىككىسىگە قارىدى. قىزىپ كەتكەن قۇلا ئات كىچىككىنە دائىرە ھاسىل قىلىپ بىر نەچچىنى پىقىرىۋەتتى.
-نىمە بولدى؟
-مۆمىن قويچىنى بۆرىلەر قورشىۋالدى، بۆرىلەر كۆپ، كۈچىمىز يەتمىگۈدەك،بىللە بىرىشىپ بەر، تىز بولمىساق ئۈلگۈرەلمەيمىز.
-ھە. . . . بۆ. . . بۆرە. . . .
-شۇنداق تىز بول!!
سادىن ھاڭۋاققاندەك قاراپ تۇرۇپ قالدى. بۆرە. . . . . بۇىڭ ئۆزى چاخچاق قىلىدىغان مەخلۇق ئەمەس. . . ئۇنى تۈلكە، سۈلەيسۇنلارغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ، يىرتقۇچلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىي مەخلۇق دەل شۇ.
-نىمىگە تۇرىسەن ھاڭۋىقىپ، تىز بول. بۇ قاراپ تۇرىدىغان چاغ ئەمەس، مۆمىنكام خەتەر ئىچىدە قالدى.
سادىن تۇرۇپ قالدى، تىنى جۇغۇلداپ بۇرۇن پەرەكلىرىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى. ئۇ ئىلگىرى بۆرە دىگەن مەخلۇق بىلەن ئىلىشىپ باققان. ئەمما ھە دىگەندە ئۇنىڭغا بەۋا كەلگىلى بولمايدۇ. ئالىمادىس بىر ئىش بوپقالسا. . . ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بۇنىڭدىن يىرىم يىل ئىلگىرى بۆرىلەر بىلەن تۇتىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاغىنىسى ئاخۇنبەگ كەلدى. ئاخۇنبەگنىڭ بەرجەس قامىتى تۈگۈلۈپ قالغان مۈڭگۈز ساپلىق پىچىقىنى مەھكەم قاماللىۋالغان ئىدى. بۇقىنىڭ پاتىڭىدەك يوغان بوينى قانغا مىلىنىپ تىتىلىپ كەتكەن، ئوچۇق قالغان كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە قىتىپ قالغانىدى. سادىن ناھايىتى ئۇزاققىچە دادىسىنىڭ يولۋاس بىلەن بىللە قۇچاقلىشىپ بىللە جان بەرگىنى بىلەن ئاخۇنبەگنىڭ ئاشۇ ھالىنى چۈشەپ چىقتى. ھەر قىتىم مۇشۇنداق چۈش كۆرگەندە ياكى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ھالتى يادىغا يەتسە نىمىشقىدۇر تىنۇ جۇغۇلداپ، ئىسەنگىرەشتىن، ئەزايى بەدىنى تىكەنلىشىپ كىتەتتى.
-ئۈچىمىزلا بارساق تەڭ كىلەلەمىزما؟. . . يا باشقا نىرىنى ئىزلەپ باقساڭلار بولامدىكىن. . .
-بۇ نىمە دىگىنىڭ. جان تۇمشۇققا كەلگەندە بۇ جاڭگالنىڭ نەرىدىن ئادەم تاپقىلى بولسۇن، يا بۇ يۇرت ئچى بولمىسا.
-ئە. . . . ئگمىسە سىلەر اڭغاچ تۇرۇڭلار، كەينىڭلاردىن باراي يەنە قىلىدىغان ئازىراق ئاشىم تۇرىدۇ.
-<مالغا بۆرە تەگسە ئىتنىڭ چىشقىسى كەپتۇ >دىگەندەك، ئاۋۇ يەردە بىرسى ئۆلىۋاتسا، نىمە دىگىنىڭ بۇ. قورقىۋاتامسەن يا سادىن
-دىدىمغۇ ئازىراق ئىشىم بار دەپ، سىلەر بىرىۋىرىڭلار. . . . . .
-ۋوي قورقانچاق، تىخى تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى بولاپ قاپتۇ.
-ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا تۆمۈر پالىۋان تۆمۈر پالىۋان دەيدىكەنمىز. بالىسىنىڭ ھالى شۇ بولغان يەردە دادىسى قانچىلىك بولماقچىدى.
-ياق ئۇ قالتىس ئادەم.
-ئۇ ھەقىچان ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بىر گادايمىكىن.
ئىككەيلەن بىرنىمىلەرنى دەپ غوتۇلداشقىنىچە كىتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بايا ئات چاپتۇرۇپ كەلگەندىكى جىددىيلىكىمۇ سۇسلاپ قالغاندەك قىلاتتى. سادىننىڭ يۈرىگىنىڭ بىر يەرلىرى ۋىژىلداپ ئىچىشتى. ئۆزىنىڭ بايىقى قىلمىشىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولغىنىنى پەقەت ئىلغا قىلالمىدى. <ھەممىسى دادامنى قالتىس ئادەم دىيىشىدۇ. نىمىشقا ئۇنىڭدىكى قورقۇمسىزلىق مەندە يوقتۇ. ياق، مەنمۇ بوش ئەمەس، ۇرتتا مىنىڭچىلىك ئوۋچىدىن يەنە كىم بار. مۇنۇ ئىككىسىمۇ بۆرىلەرنى كۆرۈپلا يىنىمغا سەكىلدەپ كەپتىغۇ. ئەمما مەن دىگەن مەن دەپ بىر ئىشلارغا ئۆزۈمنى ئۇرىۋەرسەم بۇنىڭ ماڭا نىمە پايدىسى. >. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللي تاپغاندەك بولدى. ئەمما كۆڭلىدە يەنە غودىرايتى :<گىپىم بار دەپ قىلىۋىرىدىغان نىمىلەركەن بۇ. ئۇنداق دىگەن بىلەن ئوينىشىدىغان مەخلۇق ئەمەس. بىكادىن بىكا جاننى سىلىپ بەرسەم قانداق بولىدۇ. دادامنى شىپى كەلتۈرۈپ كىتىشكىنىنى تىخى. ئۇ شۇنداق بىر زامانلار بولغىيتى بەلكىم. دادام شۇنداق قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن ئۇنى دورايمەن دەپ ئالىمادىس بىر ئىش بوپ قالسا باللىرىم قانداق قىلىدۇ؟خوتۇن بالا-چاقىلىرىم نەلەردە بويۇن قىسىپ يۈرۈيدۇ؟>ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يەتتە سەككىز ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوغلى سادىر كىلىۋالدى. ۋاي-ۋۇي ئۇنىڭ قىلىقلىرىنىڭ تاتلىقلىقىنى دىسە. . . . .
قىرىپ يىشى بىريەرگە بىرىپ قالغان ئانىسى بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئۇھ تارتىپ ئولتۇرۇپ كەتتى؛
-بۇ ئىشىڭ پەقەت قاملاشماپتۇ. سەن دىگەن تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى. داداڭنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا ئەھلى يۇرت تەۋرەپ كىتەتتى. ئۇنىڭ يۇرتقا ئەقىدىسى بەك كۈچلۈك ئىدى. يۇرتمۇ داداڭنى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرگەن. سىنىڭ بۇ قىلىقىڭ. . . . . . . .
سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن دادام شۇنداق بىر قارام ئادەمكەن. ئۇنىڭ ئوغلى بولسا نىمە بوپتۇ. دادىسى نىمە قىلسا بالىسىمۇ شۇنى قىلىش كىرەكمىكەن. تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلىمەن دوپ، ككرۈنۈپ تۇرغان بالا قازاغا ئۆزۈمنى ئۇردام بولامتى. جان دىگەن ھەممە ئادەمگە تاتلىق. مەن خوتۇن بالام بار ئادەم. . . . . .
ئانا ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋىتىپ تۆمۈر پالىۋاننىڭ ۋاياتلىقىدا ناھايىتى موھىم بىر ئىشنى كەم كىلغانلىقىنى ئويلاپ يىتىپ، بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئۇزاقتىن -ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى.
-سىز كۆرۋاتقان تىما يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sahraogli تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-01, 09:39
ئالىم بولغىچە،ئادەم بول---

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 782
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
ئۆسۈش: 3.03%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 212
  ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1118 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 790(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-25
  كىرىشى: 2010-08-04

مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ...........
تۇغرۇل _ بۈركۈت ئەركىسى

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 34
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە271دانە
ئۆسۈش: 2.71%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 271
  ياخشى باھا: 316 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2759 سوم
  تۆھپىسى: 108 كىشى
  ياخشى باھا: 606 نۇمۇر
  ۋاقتى: 546(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-08-02

بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى (ئاپتۇرى) تۇرسۇن مۇھەممەتقۇ دەيمەن .

ئەر دېگەن ئەردەك بولۇشى ، ئەرلىك سالاپىتىنى ساقلىشى ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن ، مىللەت، ئائىلە ئالدىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .
تەقدىر ، قولۇڭنى چىڭ تۇتىۋالايچۇ!!!

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 49
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 3.09%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 216
  ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1634 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 721(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-08-04

ئەسەر ئاپتۇرى تۇرسۇن مەھمۇت...<شىنجاڭ مەدىنىيىتى >ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان....بۈگۈنكى دەۋر ئەرلىرىنى ئۆزلۈك ئۈستىدە ئويلاندۇرىدىغان ئىسىل ئەسەر...داۋامىنى تېزراق يوللىۋېتەرسىز...
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟
قەلەمنى مەشئەل قىپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ .......

ئابدۇقادىر جالالىدىن
شۈكرى ئاللاھ~!

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2000
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 2.8%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 56
  ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 41(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-01
  كىرىشى: 2010-08-04

      مەنمۇ 《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》دە ئۇقۇغان بۇ ئەسەرنى ~~~!
  گەرچە ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بولساممۇ بىراق ئۇقۇپ ئاپتۇرغا چىن دىلىمدىن قايىللىق ھىسياتىم قوزغالغانىدى .،،بارلىق ئۇغۇللارنى ئۇقۇپ چىقسۇن دەپ بىر نەچچىنى ئارتۇق سېتۋاپ  ئاكامغا،بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىمغا سوۋغا قىلغاندىم ~~~~
        
قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،
       بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 178
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 1.55%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 31
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 620 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 104(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-08-03

قايسى ۋاقىتتا ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە يوق بىراق ياخشى يېزىلغان ئەسەر دەپ قارايمەن!!
budunyd razillikka tolgan dunya

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3171
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 3.15%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 63
  ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 728 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 100(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-02
  كىرىشى: 2010-08-03

مەنمۇ ئۇقۇغان بەك ياخشى،بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ھارمىغايسىز.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1692
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 4.4%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 88
  ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 763 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 282(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-08-03

ياخشى ئەسەر دىن بىرنى يۇللاپسىز رەھمەت سىزگە
ئەخلاق~ئادەم زىننىتى

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3589
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
ئۆسۈش: 2.58%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 258
  ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1563 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 153(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-08
  كىرىشى: 2010-08-04

ياخشى ئەسەركەن رەھمەت
خەنجەر

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 5101
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 189
  ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 553 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 72(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-29
  كىرىشى: 2010-08-03

ئەمەلىيەتتە ياخشى يېزىلىپتۇ!!!
ئويلىغانلىرىم~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
قەلبىمدە بار ھىجران ۋە ۋىسال ،مەن ياش تۆكەي سەن ب ..

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1744
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
ئۆسۈش: 3.63%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 363
  ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1761 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
  ۋاقتى: 96(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-08-03

قايسىبىر كىتاپتا ئوقۇغاندەك قىلىۋېدىم ````
ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ```ھازىرقى ئەركەكلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقىلار بىلەن پەرقى مانا مۇشۇ  ````
   ئەپسۇس  ```كۆچۈرمە ئەسەر بولمىغان بولسا نادىرلاشقا ئەرزىيتتى ```
شۇنچىلىك ئۇرۇندۇم يالۋۇردۇم ئەمما ،
ھېچ مەقبۇل بولمىدى شۇ ئاددىي تەلەپ!
كۈتكىنىم بىر ئىللىق تەبەسسۇم ئىدى ،
ئالەمچە نەپرەتكە ئېرىشتىم ئەجەپ !
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«12»Pages: 1/2     Go