مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 612 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : ئىستانبۇلدىكى باغچە ( ھېكايە )
The wolf , he used to be

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1579
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە596دانە
ئۆسۈش: 2.71%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 596
  ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4543 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 506(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-08-04

0

 ئىستانبۇلدىكى باغچە ( ھېكايە )



  

 ئىستانبۇلدىكى باغچە
 ھېكايە
 
ئەزىزان
 
( بۇ ئەسەر پۈتۈنلەي بەدىئىي توقۇلما ، ئەسەردىكى نام ۋە پېرسوناژ خاراكتېرلىرى ھەرقانداق شەخسكە ئوخشىشىپ قالسا بۇ تاساددىپىيلىق . )
 
 
 
 
   ئۈچ يىل ئاۋۋالقى بىر كۈنى ، ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر باغچىدا ، مەن بىر چىرايلىق ئۇيغۇر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . لېكىن بۇ گۈزەل شەھەردىكى گۈزەل باغچىدا يۈز بەرگەن ئۇچرىشىش ئانچە بەك رومانتىك بولمىغان ئىدى . ئۇ كۈنى مەن ناھايىتى روھسىز ، چۈشكۈن  ئىدىم . چاچلىرىممۇ تاراقسىز ، ساقال-بۇرۇتلىرىم ئۆسۈپ پۈتۈن يۈزۈمنى بېسىۋالغان ئىدى .
  ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە پەقەت ئۆزۈمدىنلا ئاغرىنىش مۇمكىن ، چۈنكى ئەينى چاغدا مۇشۇ تۈركىيە دېگەن دۆلەتكە قەلبىمدە چەكسىز ئىنتىلىش بار ئىدى . ئولتۇرسام-قوپسام خىيالىم "ھامان چەتئەلگە چىقىپ كېتىمەنغۇ " دېگەندە ئىدى . ئاتا-ئانام بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ ، دۇئالار بىلەن ، مېنى تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە رېستۇرانتقا خىزمەت قىلىشقا ئېۋەرتتى .
  بۇ دۆلەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ، مەن ئۆزۈمنى بىر ئەقىللىق ئوغۇل بالا دەپ ئويلايتتىم . لېكىن چىنە-قاچا يۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەت مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى پۈتۈنلەي يەرگە ئۇردى . ئالدىرىغانسېرى پۇت-قولۇم كالۋالىشاتتى ، ئەمدى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تۆكۈپ قولۇمنى سۇغا تىقىپ بولغۇچە يان تەرەپتىن " تېز بولمامسەن ! تەخسە ! تەخسە قېنى ؟ " دېگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئالاقزادە بولۇپ داۋاملىق چىنە-تەخسىلەرنى چېقىپ قوياتتىم .
  مەن بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتاتتىم . زەڭگەررەڭ دېڭىز بويىدىكى گۈزەل ساھىلدا ، ئەگەر مۇشۇنداق زېرىكىشلىك ئۆتۈشۈمنى بىلگەن بولسام ، بۇ يەرگە بوينۇمدىن سۆرىسىمۇ كەلمەس ئىدىم .
  شۇنداق قىلىپ بۇ ئاشخانىدىكى بىرىنچى ئاينى شۇنداق مۇشەققەتتە ئاران ئۆتكۈزدۈم . خوجايىن بولسا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ ماڭا چېچىلاتتى : " جېنىم ئۇكام ، بۇ سېنىڭ قانداق خىزمەت قىلغىنىڭ ؟ سېنىڭ بىر ئايدا چېقىۋەتكەن تەخسىلىرىڭ بۇ تاماقخانىنىڭ بىر يىللىق رېكورتىدىن ئېشىپ كېتىپتىغۇ ؟ "
  ئۇنىڭ بۇنداق مۇبالىغە بىلەن مېنى لال قىلغان سۆزلىرى ئىچىمگە بەك ئۆتتى ، ئاچچىقىمغا پايلىماي قولۇمغا تەخسىدىن ئىككىنى ئالدىم -دە ، خوجايىننىڭ ئالدىغا ئاتتىم . تەخسىلەر يەرگە چۈشۈپ "چاراس-چۇرۇس " قىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى .
  لېكىن ، مەن قىلغىنىمغا تېزلا پۇشايمان قىلدىم ، دېمىسىمۇ بەك ھاماقەتلەرچە ئىش قىلىپ قويۇپتىمەن . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ تەنبىھلىرىنىڭمۇ ئورنى بار ئىدى . تەخسىنىڭ چېقىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ پۈتۈن خىزمەتچىلەر ماڭا تىكىلىپ قاراپ قالدى ، خوجايىن بولسا سېمىز قوللىرى بىلەن مېنى كۆرسىتىپ ساقاللىرى توختىماي تىترەيتتى-يۇ ، گەپ ئاغزىغا كەلمەيتتى . مانا ئەمدى ، ھېچكىم مېنىڭ بۇرۇنقى ئاشۇ تەخسىلەرنى قەستەن چېقىۋەتمىگەنلىكىمگە ئىشەنمەس بولدى ، چۈنكى مەن ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ تەخسىنى يەرگە ئاتتىم ئەمەسمۇ . مانا ئەمدى ، مەن بۇ خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلمىسام بولمايدىغان بولدى .
  ئۇ كىچىك باغچە بولسا رېستۇرانتنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئاۋۇ قېتىدا ئىدى . مەن يۈك-تاقىلىرىمنى كۆتۈرۈپ نەگە بېرىشىمنى بىلەلمىگەن ھالدا ، ئۇيان بېسىپ بۇيان بېسىپ باغچىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە خىيالغا چۆكتۈم .
  بۇ ناتونۇش بولغان شەھەردە ، نەگىمۇ بارارمەن ؟ كىمنىمۇ ئىزدەرمەن ئەمدى ؟ گەپ قىلالىغىنىم بىلەن پەقەت ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايمەن ، دېمەك بۇ دۆلەتتە مەن ھازىرچە بىر گاچا . ئەمدى پۇشايمىنىم بۇلدۇقلاپ چىقماقتا ئىدى . 22 ياشقا كىرگەن بۇ كۈنى ، باشقا قىتئەدىكى يىراق بىر دۆلەتنىڭ كاتتا شەھىرىدە ، ياشلىرىمنى مەھكەم بېسىپ خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدىم . رېستۇرانتتىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا خوجايىن تەڭلىگەن 500 دوللارنىڭ 100 دوللىرىنى " ئالە ماۋۇ سېنىڭ تەخسىلىرىڭگە بولغان تۆلەم بولسۇن ! " دەپ يۈزىگە ئاتقان ئىدىم ، ئەمدى شۇ 100 دوللارغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ يۈرىكىم ئۆرتەنمەكتە ئىدى .
  سۆرۈن شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ كۈزنىڭ نەم سوغۇقىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى . ئەلۋەتتە ، چوقۇم بىر جاينى تېپىشىم كېرەك ، باغچىدا قونۇپ قالغىلى بولمايدۇ . قانداق قىلىش كېرەك ؟
  بۇ چاغدا كۆزۈم ئىختىيارسىز مەندىن سەل يىراقتىكى بىر قىزغا چۈشتى ، چاچلىرى قارا ، كۆزلىرى قارا ، ئىشقىلىپ قاراشقىلا ئۇيغۇر چىراي بىر قىز ، " ئۇيغۇردۇ ؟ ھېچبولمىغاندا بىر جۇڭگولۇقتۇ ؟ " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . لېكىن كۆزلىرىم ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ تۇراتتى . ئۇمۇ ماڭا يىراقتىن سەپسېلىپ قاراپ باقاتتى . جىمجىتلىق ئىچىدە مەن يەنىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم .
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇرمۇ سىز ؟
-- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، شۇنداق ، مەن ئۇيغۇر . قانداق ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟_ بۇ قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىماققا ناھايىتى يېقىملىق ئىدى .
-- ياخشى . ئۆزىڭىزچۇ ؟ مەن پەقەت ... مەن پەقەت سىزدىن بۇ ئەتراپتا ياخشىراق كىچىك مېھمانساراي بار-يوقلۇقىنى سوراي دەپ ...
-- مېھمانساراي ؟ بۇ ئەتراپتىكى ھەممىسى چوڭ مېھمانخانىلار ، كىچىكرەكىنى ... ئېھتىمال خېلى يىراق يەردىن تاپالامسىزكىن . _ دېدى قىز ئۈستىۋېشىمغا گاڭگىراپ بىر قارىۋېتىپ .
-- بۇ ئىش مۇنداق ئىدى ، _ دېدىم چۈشەندۈرۈپ،_ مەن تۈركچىنى تازا ياخشى سۆزلىيەلمەيمەن ، يەنە كېلىپ بۇ دۆلەتكە كەلگىلىمۇ بىر ئايچە بولدى . تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن .
-- ھە ؟ _ دېدى قىز قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ،_ ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز يالغۇزما ؟ نېمىشقا ھەمراھدىن بىرنى ئېلىۋالمىدىڭىز ؟ يولدىن ئېزىپ قالدىڭىزمۇ يە ؟
-- ھەي ... دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن ، _ دەپ ھېكايەمنى باشلىدىم مەن . ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم بولۇپ ، پەقەت ئۇيغۇرچە سۆزلەشلا ئىمكانىيىتى بولسا ، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقالايتتىم .
شۇنداق قىلىپ مەن قىزغا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم . ئۆزۈمنىڭ بىر ھەققانىيەتچى ئىشچى ئىكەنلىكىنى ، شەھۋەتپەرەس خوجايىننىڭ دۇكان خىزمەتكارى قىزچاققا پوخۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى بايقىغان چېغىمدا ، كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ قىزچاقنى قۇتۇلدۇرغانلىقىمنى ، خوجايىن قاتتىق ئۇيات ۋە ئاچچىق ئىچىدە ، مەندەك بىر ئۇرۇق-تۇغقانسىز يىگىتنى يالغۇز ئىشىكتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم . مەن ھېكايەمنىڭ ئىچىدە ماس سۆزلەر ئارقىلىق خوجايىننىڭ نەقەدەر پەسكەش ۋە نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ، يەنە ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر باتۇر ۋە ھەققانىيەتچى ئىكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ بەردىم . ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ھېكايىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگۈچە ، ھەتتا ئۆزۈممۇ ئىشىنىپ قالغان گەپ . ئۇ قىز بۇ سۆزلىرىمگە ئەلۋەتتە تېخىمۇ گۇمانسىز ئىشەندى .
 
  مېنىڭ ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەپ ھېكايە توقۇپ ئالدىشىمدىكى مەقسىتىم ، ئاساسلىقى ئۇ مېنى بىرەر لايىقراق مېھمانسارايغا باشلاپ بارارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم . ئەڭ ياخشىسى ئۇ ماڭا بىر قېتىم ھەقسىز تەرجىمان بولۇپ بېرەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . ئويلىمىغان يەردىن ، قىزچاق مېنى يىراق بولمىغان يەردە ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە باشلاپ باردى . ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە بېزىلىشى شۇنداق مۇۋاپىق ئىدىكى ، بۇ ئۆيگە قەدەم باسقاندىن كېيىنلا ئۆزۈمنىڭ قاچا يۇيغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلاردىكى جەۋرى-جاپالىرىم ئۇنتۇلۇپ ، بىز ھازادىلا ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى . بۇ قىز ھەقىقەتەن ماڭا شۇنداق ئىشىنىپتۇ . ئويلىدىمكى ، ئەگەر ھېكايە توقۇپ پۇل تاپقىلى بولسا ، مەن جاھاندىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ كېتەر ئىكەنمەن .
  پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن قىزچاقنىڭ ئىسىمىنىڭ دىلبەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم . بۇ ئۆيىنىڭ كاتتىلىقىغا ، ئۆزىنى تۈركىيەدە يالغۇزمەن دېيىشىگە ، يەنە مېنى قورقماي ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باشلاپ كېلىشىگە قاراپ ، مەن دىلبەرنى بىرەر چوڭراق باينىڭ ئىندىكىدىكى كىچىك خوتۇن ، ھەتتا ئۇنى بىر جالاپمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم . مەن گەرچە ئەمدى 22 ياشلىق ئوغۇل بالا بولغىنىم بىلەن ، قىز-ئاياللار ماڭا نىسبەتەن بەك ناتونۇش ئەمەس ئىدى . ھازىر زامان ئوخشىمايدىغان بولۇپ كەتتى ، بۇنداق چىرايلىق قىزلارنى ھەرقانداق يەردە قوغلىشىدىغان ئەرلەر بار ، كېلىشكەن ئوغۇللارنىمۇ مال-دۇنيا بىلەن ئىندەككە كەلتۈرىۋالىدىغان ئاياللار بار . ۋەتەندىكى چاغلاردا ، ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ئېسىل پېكاپلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلماي يۈرىدىغان چىرايلىق خېنىملارنى مەن كۆپ كۆرگەن . باشقىچە ئارتۇقچىلىقى يوق ، پەقەت ئۆزى چىرايلىق ، كىشىنى جەلب قىلىدۇ ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيسە يارىشىدۇ ، يەنە تېخى كارىۋات ئۈستىدىكى ماھارىتى ياخشى .
مەن قاتتىق ھەرخىل خىياللارغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا ، دىلبەر خىيال يىپىمنى ئۈزۈپ :
-- سىز بۈگۈن كەچتە مۇشۇ مېھمانخانىدا بىر كېچە ئۇخلاپ ئارام ئېلىڭ . ئەتە سەھەر تۇرۇپ خىزمەت ئىزدىگىلى چىقىپ بېقىڭ ، مەن سىزگە ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ بەزى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى قەغەزگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ قويدۇم . كېرەك بولىدۇ .
 
مېھمانخانا ئۆيدىكى بۇ سافا ئۆزگىرىشچان بولۇپ يان تەرەپتىن بىرلا تارتسا كارىۋاتقا ئۆزگىرەتتى . دىلبەر ماڭا بۇ كارىۋاتنى راسلاپ كىرلىك سېلىپ بېرىۋاتقۇچە مۇنداق دېدى :
-- مېنىڭ دوستلىرىم ئانچە-مۇنچە كېلىپ كېتىدۇ ، شۇڭا مەن بۇ سافا كارىۋاتنى ئالاھىدە تەييارلاپ قويغان .
  " بولدى ، يوشۇرما مەندىن . " دېدىم ئىچىمدە . لېكىن مۇنداق قارىسام ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى شۇنداق رەتلىك پاكىز ئىدى . ياق ،ياق ، بۇ زاماننىڭ پاھىشىلىرى ئاشۇنداق ستۇدېنت قىزلاردەك ياسىنىپ ئەرلەرنى جەلب قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ، بىر قاراشقا شۇنداق سەبىي كۆرىنىدۇ .
  يۇمشاق كارىۋات ئۈستىدە يېتىپ يەنە خىيال باياۋانىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم . ئاھ ،دۇنيا ، ھەممە كىشىنىڭ بىر خىل ھېكايىسى بار ، قايسىسى راست ؟ قايسىسى يالغان ؟ خۇددى مەن ئۇنىڭغا ئېيتقان ساختا ھېكايىدەك ، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ قانچە پېرسەنتى چىن بولغاي ؟
  بەك ھېرىپ كەتكەچكە ، تېزلا ئۇخلاپ قاپتىمەن .
  ئەتىسى قۇياش دەرىزىدىن سىڭايان چۈشكەندە ، ئويغىنىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە مۇنداق بىر قەغەزنى بايقىدىم : " مەن ئىشقا كەتتىم ، سىز ئاشخانىغا كىرىپ ئوبدان ناشتا قىلىۋېلىپ ئىش ئىزدىگىلى بېرىڭ ! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! "
  مانا ، پۈتۈن بىر كېچە ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى . مەن تېخى ئۇنى غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ ماڭا ئۆزىنى ئاتارمۇ دەپ ئويلاپ ، تېخى رەت قىلىشىمنى ياكى ماسلىشىشىمنى بىلەلمەي خام خىياللارنى قىلىپ كېتىپتىمەن . مانا ، ھازىر بولسا كۆڭلۈمدە كىچىككىنە ئۈمىدسىزلىنىش پەيدا بولماقتا ئىدى .
  شەھەرنىڭ سىرتىدىكى زاۋۇت ۋە ئىسكىلاتلار ئارا دىلبەر بەرگەن ئادرىس ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مىڭبىر تەستە ھازىرچە قىلغۇدەك خىزمەتتىن بىرنى تاپتىم . يەنى ئىسكىلاتتا مال توشۇيدىغان ئېغىر ئەمگەك ئىدى . "خەير ، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ، چىدا ! ئۆيدىن چىقتىڭمۇ ؟ چىققاندىكىن چىدا ! "دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە .
 
   ھاۋا شۇنداق ئوچۇق ئىدى ، لېكىن مېنىڭ كەيپىياتىم بەك تۆۋەن ئىدى . مەندەك بىر ئەركە ئوغۇل يۇرتتىكى غەمسىز كۈنلەرنى تاشلاپ ئەمدى ياقا ئەلدە مەدىكار بولدىما ؟ توۋا ، ماۋۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىنى . يولدىن ئۆتكەن چىرايلىق تۈرك گۈزەللىرىمۇ كۆزۈمگە چېلىقمايتتى . يولدا ئۇچرىغان بىر گۈل دۇكىنى دىققىتىمنى تارتتى . مەن گۈل دۇكىنىغا كىرىپ گۈلچى قىزنىڭ ھەرخىل ئىشارە بىلەن چۈشەندۈرىشى ئاستىدا بىر دەستە پىيازگۈل سېتىۋالدىم . پىيازگۈل بولسا پاكلىقنى بىلدۈرەتتى .
  ئويلىغىنىمدەك ، دىلبەر بۇ بىر دەستە گۈلنى قولىغا ئالغىنىدا ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى . شۇنداق ، ئادەتتە بۇزۇلغان قىزلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى  شۇنداق پاك دەپ قارىشىنى ياقتۇرىدۇ .
-- سىزنىڭ مەندەك بىر سەرگەرداننىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭىزغا رەھمەت دىلبەر ! بۇ گۈل سىزگە بولغان تەشەككۈرگە تولغان قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
  دىلبەر ناھايىتى ئىللىق بىرنى كۈلىۋەتتى . مەنمۇ مەقسىتىمگە يەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ، بۇندىن كېيىن ئەمدى باغچىدە قونۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولغۇدەك .
 
  ئىسكىلاتقا بېرىپ ئىشلىگەن بىرىنچى كۈنۈمدىن باشلاپلا ئايال خوجايىننىڭ قىزىنىڭ ماڭا قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدىم . ئۇ قىز بېكار بولسىلا مېنىڭ يېنىمغا كېلىۋالاتتى . ئۇنىڭ كىيىنىشى ناھايىتى مودا ئىدى ، چاچلىرى ئالا-سېرىق بويالغان ، يۈزلىرىگە قېنىق گىرىم قىلىنغان بولۇپ ، مۇنداقلا قاراشقا ئەسلى چىرايلىق ياكى سەت ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى . قىزچاق ئۆزىنى ئەمدى 18 ياش دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ چاپلىشىشىنى رەت قىلمىدىم ، بەرىبىر مەن ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ ، زىيان تارتمايمەن ، يەنە كېلىپ مۇشۇ ئارقىلىق ئايال خوجايىن ماڭا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلسا ئەجەب ئەمەس ئىدى .
  نەتىجە مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى ، مەن زىيان تارتتىم . ئايال خوجايىن مېنى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى . ئىسكىلاتنىڭ ياتىقىدا ئارام ئېلىپ ياتسام ، خوجايىننىڭ قىزى كىرىپ كەلدى ۋە تۈركىيەدىكى داڭلىق قىزىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئېلىپ كىرىپ ئۇنىمىسام ئۇنىماي بىللە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغاندا ، مەندە قارشى تۇرغۇدەك ئازراقمۇ ئىرادە ۋە ماغدۇر قالمىغان ئىدى . پەقەت قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ ئېسەدىگەندەك پىچىرلاشلىرى ئاڭلىناتتى . " كېلە قەدىرلىكىم ، مەن سېنى ماڭا مەسئۇل بول دەپ تۇرۇۋالمايمەن " . كۆز ئالدىمدا دىلبەرنىڭ يېقىشلىق چىرايى پەيدا بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا بارلىق قارشىلىقىمنى يوقاتتىم ...
  ئەتىسى ئېسىمگە كەلگەندىن كېيىن ، پۇشايماندىن تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى . مۇشۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئايال خوجايىننىڭ قىزى ماڭا تېخىمۇ بەك يېپىشىدىغان بولۇپ كەتتى . مەن بولسام ئۇنىڭدىن بىزار ئىدىم . ئوتتۇرا ئاسىيالىق خىزمەتداشلار بولسا مىيىقىدا ھىجىيىپ " ئاخشام راھەتلىنىۋالدىڭمۇ ؟ " دەپ سورىشاتتى .
  خۇددى مەن تۈنۈگۈن ئاخشام پۈتكۈل خىزمەتداشلارنىڭ ئالدىدىلا خوجايىننىڭ قىزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندەك ، ھەممە كىشى بۇ ئىشنى بىلىپ بولغان ئىدى . مەن ھەممىنى چۈشەندىم ، ئەسلى بۇ يەردە ئىشلەيدىغان يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قىز بىلەن شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققان ئىكەن . بۇ ئەھۋال مېنى خۇددى بىر چېۋىن يۈتۈۋالغاندەك ، تۈكۈرۈپمۇ چىقىرالمايۋاتقاندەك ھېسسىياتقا ئەكېلىپ قويدى .
 
  شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ، مەن ھەقىقەتەن بىر ئۆزۈم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايال زاتىنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىشىنىڭ نەقەدەر بىزار قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تېتىدىم . بۇ چاغلاردا مەن يەنىلا دىلبەرنىڭ ئۆيىدىكى ئەشۇ سافا كارىۋاتنى سېغىناتتىم .
  لېكىن ، ئىش ھەققىمدىن مېنىڭ ياتاقتا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇللىرىمنى چىقىرىۋەتكەندە ، قولۇمغا بىر سېنتمۇ ئاشمىغان ئىدى .
 
   مەن يەنە بىر ھېكايە توقۇش نىيىتىگە كەلدىم . بۇ كۈنى مەن سول قولۇمنى داكا بىلەن مەھكەم تېڭىپ ئېسىۋالدىم . دىلبەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم .
-- تۈنۈگۈن مېنى نەس باستى ، ماشىنىدىن يوغان بىر ساندۇق غۇلاپ چۈشكەن ئىدى ، مەن خىزمەتدېشىمنى قۇتقۇزۇپ بىر چەتكە ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قولى بېسىلىپ قېلىپ قولۇم سۇنۇپ كەتتى . سىز ... سىز مېنى بىر قانچە كۈن ئۆيىڭىزدە تۇرغۇزالارسىزمۇ ؟
 
  دىلبەر خۇشاللىق بىلەن مېنى قارشى ئالدى . دېمەك ، ئۇنى بېقىۋاتقان ئۇ پەردە ئارقىسىدىكى پۇلدار كىشى چوقۇم يىراقتا ئالدىراش .
  مەن دىلبەرنىڭ ئۆيىدە ياخشى يەپ ياخشى ئىچىپ ھۇرۇنلۇق بىلەن ياتىدىغان كۈنلىرىمنى باشلىدىم . دىلبەر ھەركۈنى سەھەردە ئىشقا چىقىپ كېتەتتى . ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم . بەلكىم ئۆزىگە ئوخشاش باشقا پاھىشە قىز-ئاياللار بىلەن بىرلىكتە بازار ئايلىنىپ كارتا ئويناپ كۈن ئۆتكۈزەر . لېكىن قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ماڭا راستتىنلا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى . كۈندە ئۈچ ۋاخ تامىقىمنى شۇنداق ياخشى تەييارلاپ قورسىقىمنى باقاتتى . يەنە ۋەتەندىن كەلگەن ۋ س د پلاستىنكىلىرىنى تېپىپ كېلىپ مېنىڭ كۆرۈشۈمگە بېرەتتى . بارلىق چىقىمىم دىلبەردىن بولۇۋاتاتتى . كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، بىللە چىقىپ باغچىنى ئايلىناتتۇق . بۇ يات ئەلدە دىلبەرنىڭ روھى سىقىلغان ئىدى ، مېنىڭمۇ ھەم . ئىككىيلەننىڭ جىسىمى يەنىلا ئارىلىقنى ساقلاۋاتاتتى ، لېكىن قەلبىمىز بارا-بارا يېقىنلاشماقتا ئىدى .
  بارا-بارا ، دىلبەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قالدىم . گەرچە ئىككىيلەن بىر-بىرىمىزنى ئالداۋاتقان بولساقمۇ ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ، لېكىن بۇ خىل ھېسسىيات بارغانچە كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى . دىلبەر ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدا چوڭ بولغانلىقىنى ، لېكىن بۇ يەردىكى يىگىتلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىمىزنىڭ كىشىلىرى بىلەن ئائىلە قۇرۇشقا ئىنتىلىدىكەن .
  " سەن بۇ گېپىڭ بىلەن كىچىك بالىنى گول قىلىۋاتامسەن ؟ " دېدىم ئىچىمدە . ئاندىن مەنمۇ ناھايىتى پاك ، بىغۇبار ، گۆدەك قىياپەتتە ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىقىمنى ، بولسا بىرلا قىز بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈردۈم . گەرچە 18 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلىلا كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپتىكى شاش قىزلار بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ بولغان بولساممۇ .
  مۇشۇ سوغۇق كەچ كۈز ئاخشاملىرىدا ، پۈتۈن ئۆينىڭ ئىچى ئىككىيلەننىڭ ساختا گەپلىرىگە توشۇپ كەتتىغۇ ، دەپ ئويلايتتىم .
   مەن قايتا ئىشقا بارمىدىم . مەن مۇشۇنداق راھەت كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋېرىشنى خالايتتىم . شۇڭا قولۇمدىكى تېڭىقنىمۇ زادى ئالدۇرمىدىم . خۇددى ئەپيۇنغا ئۆگەنگەن كىشى ئۇنىڭ خۇمارىدىن زادى قۇتۇلالمىغاندەك .
  
 
   بىر ئايدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى ، قايتىپ كەلگەن دىلبەرنىڭ يۈز-كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى . ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇراتتى . نېمىشقىدۇر ، ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى .
-- نېمە بولدى سىزگە ؟ _ سورىدىم .
   ئۇ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاشقا باشلىدى .
-- دېرىكتور ... دېرىكتور مېنى ... ئۇ مېنى تىللاپ كەتتى . ئۇ مېنى پۈتۈن ستاتىستىكىنى قالايمىقان قىلىۋەتتىڭ ، دەپ تىللاپ كەتتى ... ئەسلى خىزمەتدېشىم ماڭا بەرگەن ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خاتا ئىكەن ... مەن شۇنچە تىرىشساممۇ ...
   "دېرىكتور ؟ ھى ھى ، سېنى پۇلىغا ئىلناشتۇرىۋېلىپ ئويناۋاتقان كىشىنى دەۋاتقانسەن ؟ يەنە بىرنى تېپىۋاپتۇ-دە ؟ " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
   لېكىن تېشىمدا بولسا چاندۇرماي ، ناتىقلىق ۋە ئارتىسلىق ماھارەتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ دىلبەرنى بەزلەپ ، ئۇنى ئاخىرى يىغىدىن توختىتىپ كۈلدۈرۈۋەتتىم . نەدىن كەلگەن جاسارەتكىن بىلمىدىم ، ئۇنى بوغۇپلا چوڭقۇر بىرنى سۆيدۈم . بۇ چاغدا كاللامدا " ئەگەر دىلبەر ئاشۇ پۇلداردىن ئايرىلىپ مەن بىلەن بىرگە بولۇشنى خالىسا ، مەن مەڭگۈ دىلبەرگە سادىق بولاتتىم . " دېگەن خىياللار ئەگىدى .
   ئۇنى سۆيگەن چاغدىكى سەزگۈ ھەقىقەتەن شۇنچە ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى . ئۇ قۇچىقىمدا يېنىك تىترەۋاتاتتى ، لېكىن قارشىلىق قىلمىدى . مەن ئۇنىڭ تىنىقلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ ، بۇ خىل مەستخۇشلۇق ھەتتا ھېلىقى كۈنىدىكى ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ بەكرەك مېنى ئاسماننىڭ قەھرىدە لەيلىتىۋاتاتتى . مەن ئۇنى بېلىدىن ئېلىپ دەس كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ كارىۋاتقا تاشلىدىم . ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى-بەدىنىنى يېنىك سۆيۈپ چىقتىم . ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارىغان خۇش ھىد مېنى ۋىسال ئىشقىدا مەست قىلىۋاتاتتى .
   دەرىزىدىكى پەردىلەر تارتىلدى ، چىراغ ئۆچتى . ئىككىيلەن سۆيگۈ دەرياسىنىڭ ئىشقى سۈيىدە لەيلەپ ئېقىپ مەستخۇش بولۇپ لەيلەۋاتاتتۇق . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ "ئاھ " دەپ ئېچىنىشلىق ئىڭرىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم . ئۇ قاتتىق تىترەپ كەتتى-يۇ ، يەنە بەدىنىمگە مەھكەم ئېسىلدى . بىر ئىسسىق ئېقىم ، بۇ ئېقىمنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەننىڭ جىسمىمىز بىرلىشىپ تىنىقىمىز ئارىلىشىۋاتاتتى ...
  
   ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئويغىنىپ قارىسام يېنىمدا دىلبەر يوق . ئورنۇمدىن تۇرغۇچە كۆزۈم كىرلىكتىكى قان يۇقۇندىسىغا چۈشتى . قان ! قانلار كىرلىكنىڭ ئۈستىدە ئۇيۇپ ، قاق ئوتتۇرىدىن ئاجرىغان بىر يۈرەكنىڭ شەكلىگە كېلىپ قالغان ئىدى .
   ئۇ راستتىنلا ... ؟ ياق ، ياق ! بىر يېگىرمە بەش ياشلىق گۈزەل قىز ، ئۇ تۈنۈگۈن ئاخشام قىز ئىدى . لېكىن بۇنىڭغا مېنىڭ يىغلىغۇم كېلىۋاتاتتى . نېمىشقا ئۇ مەن ئويلىغاندەك بىر بۇزۇق ئەمەس؟
   مېھمانخانىدىن ئۇنىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكەن خۇشال ئاۋازى ئاڭلانماقتا ئىدى .
-- ئاپا ، ئۇ بىر ياخشى يىگىت ...
-- ئەينى چاغدا سەنمۇ دادام بىلەن شۇنداق تونۇشمىغانمىدىڭ ؟ ئۇمۇ دادامغا ئوخشاش بىر ھەققانىيەتچى يىگىت ...
-- مەنمۇ سەن دادام بىلەن ئۆتكەنگە ئوخشاش ، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن ئۆتىمەن ئاپا ...
 
   مەن كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە خىيالغا چۆكۈپ قانچىلىك ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن . پەقەت دىلبەر كېلىپ يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ " خەير-خوش ،مەن ئىشقا ماڭدىم " دېيىشى بىلەن ، ئاندىن ھۇشۇمغا كەلگەندەك بولدۇم .
   بۇ چاغدا ، مەن بارا-بارا ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىشكە ، ئۆزۈمدىن قاتتىق سەسكىنىشكە باشلىدىم . شۇنداق ، مەن شۇ قەدەر پاسكىنا ئىدىم ، ئۇ بولسا شۇ قەدەر پاك ئىدى . ئۇ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى راست ئىدى ، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم بولسا قارا-قويۇق ھەممىسى يالغان ئىدى . ئۇ بولسا ئاقكۆڭۈل ئىدى ، مەن بولسام خىيالچى-قىلتاقچى ئىدىم . مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا ماس كېلەي ؟
   مەن دىلبەرنىڭ ئۆيىدىن ئۇچقاندەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم . كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىمىدىم . چۈنكى بۇ ئازابىم يوشۇرۇنغان ئۆيگە ئەمدى قارىغۇدەك يۈزۈم قالمىغان ئىدى . مەن بۇ شەھەردىن ، رومانتىك ، ئازابلىق ئىستانبۇلدىن ئايرىلدىم .
  
 
    بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ، مەن بارلىقىمنى گۈللىنىشكە ، ئۆزۈمنى تاۋلاشقا سەرپ قىلدىم . قىمار ئوينىمىدىم ، ھاراق ئىچمىدىم ، قىز-ئاياللارغا قالايمىقان يېپىشمىدىم . ئۆيۈمدىكىلەر ۋەتەندە تۇرۇپ مەن سالغان پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا ، قولىغا تېلېفوننى ئېلىپ مېنىڭ ياراملىق كىشى بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندى . ئاپام كۆز يېشى قىلىپ مەندەك ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ، باشقىلارنىڭ نەزەرىدە " يۇرتقا پاتماي تۈركىيەگە قاچقان " سەرگەردان بالىنىڭ ئاخىرى ئىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىكىدىن خۇشال بولدى . لېكىن ، پەقەت ئۆزۈمگىلا ئايانكى ، بىر قىز مەندەك بىر پاسىق كىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربان قىلدى . ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭغا بولغان خىجىللىق ئىچىدىكى سېغىنىشىم يۈرىكىمنى قىينايتتى .
   ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، مەن ئاخىرى دىلبەرنىڭ تەلىپىدىكى ئاشۇنداق ئەر بولۇشقا قاراپ ئازراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدىم . ئاخىرى بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، دىلبەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ، ئۇنى قايتىباشتىن باغرىمغا بېسىش ئىستىكىدە ئىستانبۇلغا كەلگىنىمدە ، ئۇنىڭ ئۆيى قۇرۇق . ئۆي تېلېفونى ۋە يانفونى ھەممىسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇق نومۇرغا ئايلانغان .
   بەلكىم ، ئۇ ئۆي كۆچكەندۇ ، بەلكىم ، ئۇ خىزمەت ئالماشتۇرغاندۇ . ۋە بەلكىم ، ئۇنىڭ ئۆز ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان مەندەك بىر ئالدامچىنى قايتا ئۇچراتقۇسى زادى يوقتۇ ...
 
   ئۇيان بېسىپ ، بۇيان بېسىپ ، ئاخىرى مەن تۇنجى رەت دىلبەرنى ئۇچراتقان ئاشۇ باغچىگە كېلىپ قالدىم . ئەينى چاغدىكى ئەشۇ ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، كۆزۈمدىكى ياشلارنى زادىلا بېسىۋالالمىدىم .
 
 
(تۈگىدى )
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئىستانبۇلدىكى باغچە ( ھېكايە ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى قىزغىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-08-01, 05:24
Messi , kaka , Forlan , c-ronaldo , Xavi , who is the winner ?
سوپۇن

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 5331
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
ئۆسۈش: 4.8%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 96
  ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 482 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 48(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-01
  كىرىشى: 2010-08-04

ئەينى چاغدا سەلكىنگە باشقا بىرسى يوللىغاندەك قىلغانتى؟سىزمۇ يا؟
دىلنىڭ سىر دىشى -----

دەرىجىسى: ئىجادچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1553دانە
ئۆسۈش: 5.55%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 1553
  ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5372 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 705(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-08-04

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  sopun كە 2010-08-01 01:32 PMئەۋەتىلدى  :
ئەينى چاغدا سەلكىنگە باشقا بىرسى يوللىغاندەك قىلغانتى؟سىزمۇ يا؟

سەلكىندىكى ئەزىزان شۇ .
مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2657
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 1.4%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 28
  ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1163 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 424(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-13
  كىرىشى: 2010-08-03

دۇنيا شۇنداق ...باردا قەدرىنى بىلمەيمىز ...يوقتا ئەسلەپ...
halkimni suyiman
پەرىق نىمە ؟

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2081
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
ئۆسۈش: 1.81%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 127
  ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 941 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 74(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-08-03

ھەي ! ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى . شۇ يىگىت ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۇزگەن ۋاختىدىلا شۇ ئۆيدىن چىقماي دىلبەرگە ئىگە بولۇپ خىزمەت ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۇرسە بولمامدۇ . ئادەم دىگەن نىمە دىگەن بىلەن خام سۇت ئەمگەن نەرسە دە  !   ئامال يوققققققق !  
خاتالىقنىڭ ئۆزى بىر ساۋاق !
ئومماق كۆزەم

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 755
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە574دانە
ئۆسۈش: 3.59%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 574
  ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2480 سوم
  تۆھپىسى: 15 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 212(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-25
  كىرىشى: 2010-08-01

ھەي......................
قىلغان ئېشىمغا پۇشايمان قىلمايمان!!
ئۇخلاپ قالما!

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 498
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە306دانە
ئۆسۈش: 1.91%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 306
  ياخشى باھا: 34 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5416 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 1121(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-08-03

يەنە كىم ماڭقىسىنى ئېقىتار ئەمدى نىشان سەل مەخپى. ئەمما، ئىپادىلەش ئوچۇق بولۇپتۇ بۇرادەر    قېنى تاساددىبىلىقنى كۈتۈشتىن ئۆزگە چارە يوق
ئەي جانان سەنسىز ماڭا مۇنداق جاھانلار نەكېرەك،
ئايرىلىپ سەندىن يايرىڭ يۇرگەن زامانلار نەكېرەك.
پىنھاندا ئىچىلغان يىگانە گۈلمەن!

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4561
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 2.4%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 48
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 146 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
  ۋاقتى: 60(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-23
  كىرىشى: 2010-08-03

ھەي ئىسىت ،بىچارە قىز !
گۈل بەرگىدە بولساممۇ تامچە،
كۈن نۇرىدا چاقنىيالىسام.
گۈل تۈۋىدە يىسەممۇ قامچە،
ئەقىدەمنى ساقلىيالىسام.
خان دەك ياشاپ ئۆتىمەن

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3970
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە193دانە
ئۆسۈش: 2.76%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 193
  ياخشى باھا: 43 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 864 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 185(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-14
  كىرىشى: 2010-08-04

ئىستانبۇل تىلغا ئېلىنسا پولات ئالىندار يادىمغا كىلىدۇ  . ياخشى چىقىپتۇ . .    
خان ___ ئۇيغۇرخان  .
ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە589دانە
ئۆسۈش: 2.68%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 589
  ياخشى باھا: 201 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 8217 سوم
  تۆھپىسى: 8 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 376(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-08-04

شۇنداق بېرىلپ ئوقۇۋاتاتتىم، يېشىمى بىزگە ئويلىنىشقا قالدۇرۇلۇپتۇ -دە........دىلبەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغاندۇ......؟بۇ توغرۇلۇق ھەر خىل تەسەۋۋۇرلارنى قىلىپ باقتىم.....
ئەخلاق~ئادەم زىننىتى

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3589
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
ئۆسۈش: 2.58%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 258
  ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1563 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 153(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-08
  كىرىشى: 2010-08-04

بۇ قىزغا نىمە دىسەم بولا؟
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«12»Pages: 1/2     Go