مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 69 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : جامائەتچىلىك ۋە قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرى
millat  uqun ............

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4135
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 2.4%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 48
  ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 159 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 63(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-16
  كىرىشى: 2010-07-31

0

 جامائەتچىلىك ۋە قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرى



ئۇيغۇرلار ئىقسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ ،لاپقۇتلىشىش - ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئەمگەك ھەمكارلىقىنىداۋام قىلىپ كەلگەن. تېرىم مەزگىلىدە قوشنا -قولۇملار ياكىئۇرۇق -تۇغقانلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ، ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ . يەرنى ئوسا قىلىش (سۇغىرىش)،يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، سۆرەم سېلىش ،قوناق، كېۋەزئوتاش،  ئورمىنى ۋاقىتىدا ئوروش، خامان ئېلىش ،مەڭگەن -پاخاللىرىنى توشۇش ۋە بېسىش قاتارلىقلارغا ئادەتتە بىر ئائىلىنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدۇ .قېرى -چۈرى ،يېتىم -يېسىر ،ئاغرىق -مېيىپ،بويتاق-تۇللارنىڭ يېتىشىپ بولىشى تېخىمۇ مۈشكۈل. مۇنداق تۇرمۇش كەيپىياتى ئۇيغۇرلارنى قە دىمدىن تارتىپلا ئۆزئارا لاپقۇتلىشىشتىن ئىبارەت جامائەتچىلىك روھىدا تاۋلىغان . ئىككى -ئۈچ ئائىلە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك قىلالايدىغانلىرى ئېتىز- ئېرىققا چىقىپ ،ھەربىر ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىقىنى بىر-بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاياللارمۇ ئەمگەككە قاتنىشىدۇ، كىمنىڭ دېھقانچىلىقى بىر تەرەپ قىلىنۋاتقان بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ خوتۇن- قىزلىرى لاپقۇتلاشقانلارغا ئۇسسۇلۇق، مېۋە-چېۋە ئەكىلىپ بېرىدۇ.، تاماق تەييارلايدۇ . كەچلىكى لاپقۇتلاشقانلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ ھاردۇق ئېشى بېرىدۇ . ئەەەر بىر ئائىلە ئۆي سلماقچى بولغان بولسا ، بىر مەھەللىدىكى ھەممە ئائىلىدىن بىردىن ئەمگەك كۈچى ئۆي سالماقچى بولغان ئائىلىگە ئۆزلىگىدىن كېلىپ ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، قېرلارمۇ ئەمگەك قىلالمىغىنىغا قارىماي ئش بىشىغا كېلىۋالىدۇ، خوتۇن- قىزلار ئش قىلۋاتقانلارغا ئۇسسۇلۇق ۋە مېۋەتەييارلايدۇ. ھەر بىر ئائەلىدىن دېگۈدەك داستىخان تەييارلىنىپ ،ئۆي سىلىۋاتقان ئائىلىگە ئېلىپ كىلىدۇ. ئۆي ئىگىسمۇ مال بوغۇزلاپ ، تاماق تەييارلايدۇ.  
      ئۇيغۇرلار ئجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەمكارلىقتا، قوشنىدارچىلىق ۋە يۇرتداشلىقنى ۋايىگە يەتكۈزىدۇ. توي -تۆكۈن ،ۆلۈم -يېتىم، نەزىر- چىراقدا قولۇم- قوشنىلار ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ھامان بىر -بىرىگە ياردەم قىلىدۇ.، ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، بىللە خوشال بولىدۇ، بىللە مېھمان ئۇزىتىدۇ، بىللە قايغۇرىدۇ ، بىللە قارىلىق تۇتىدۇ. توي- تۆكۈن نەزىر- چىراق، ئۆلۈم -يىتىمدە بىر مەھەللىدىكىلەر ئۆي ئىگىسى چاقارسۇن- چاقارمىسۇن ،خەۋەر تاپقان ھامان مۇراسىم ئۆتكىزۋاتقان ئۆيگە بارىدۇ. تېگىشلىك ئىشلارنى بىرەرى تەشكىلمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن قىلىپ كېتىۋېرىدۇ. توي -توكۈندە مېھمانلارنى كۈتۋالىدىغان، قولىغا سۇ ئالىدىغان داستىخان سالىدىغان ، تاماق تارتىدىغان ،قاچە-قۇچا يۇيىدىغان، سۇ توشۇپ-ئوتۇن يارىدىغان ئىشلارنى ھەممىسىنى تەشكىلسىز ھالدا قىلىۋىرىدۇ. تويدىن ياكى نەزىر- چىراغنىڭ ئالدىدا  خەۋەر تاپسا ، شۇ ئائىلىگە كېلىپ ، ياردەمدە بولىدىغان قانداق ئشلارنىڭ بارلىقىنى تۆۋەتچىلىك بىلەن سورايدۇ، ئىقسادا جەھەتتە قىيلىنىپ قالغان ياكى يۈگۈر -يېتىم ئىشلىرىغا يېتىشەلمگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسدە قوشنىلار ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇراسىم ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇنداق چاغلاردا قولۇم-قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ شۇ مۇراسىمنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە پاتمىغان مېھمانلار قولۇم- قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇزىتىلىدۇ ، ھېرىپ- چارچىغان مېھمانلار قوشننىڭ ئۆيىدە ئارام ئالىدۇ . مەشرەپ ئۆتكۈزۈش، قاتار چاي ئۆتكۈزۈش ، ئولتۇرۇش، بەزمە- باراۋەت قىلىش ، مېھمان كۈتۈش ،قاتارلىق مەدەنىي ھەمكارلىق ئادەتلىرىدە قولۇم -قوشنىلار ، يۇرتاشلار ئۆي ئىگىسنىڭ يوقىنى بار قىلىپ، ئاجىزلىقىنى بىلىدۈرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قوشنىلار ئەتىسى- ئاخشىمىىمۇ ئۆزئارا تاماق سۇنىشىدۇ ،نان، چاي، سۈت ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆتنە-لاپقۇت قىلىشدۇ، قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە يىراقتىن مېھمان كەلسە، قوشنا قوشىندارچىلىنىڭ يۈزى بىلەن مېھمەننى ئۆيىگەقوشنىسى بىلەن قوشۇپ چاقىرىلىدۇ، قوشنىلار سەپەرگە چىقىپ قالسا، تەڭ ئۇزىتىشىدۇ ۋە ئائىلىسىدىن ،باللىرىدىن، مال-چارۋىسدەن خەۋەر ئالىدۇ. يېڭى قوشنا كۆچۈپ كەلسە، كونا قوشنىلار ئۇلارنى قىزغىن كۈتۋالىدۇۋە ھال-ئەھۋالنى سورايدۇ، تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ ،. ناۋادا بىرەر قوشنا كۆچۈپ كەتمەكچى بولسا ، كونا قوشنلار كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان قوشنىسغا ئاتاپ چاي ئېرىپ، مەشرەپ ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۆتكۈزگەن سەۋەنلكلىرى بولسا، كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىشىنى ئۆتۈنىدۇ. قېلىپ قالغان قوشنىلار بىر- بىرىنى قەدىرلىشىپ ،ياخشى ئۆتۈشىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ياردەم قىلىپ تۇرۇشىدۇ.
[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-08-01 10:26 AM دە قاي ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما جامائەتچىلىك ۋە قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Musallas تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-31, 16:45
ئۆزۇڭدىكى غورۇر ۋە مەسئولىييەت يوقالغاندا ، سەن باشقىلار ئالدىدا ئۆگىتلگەن بىر ئىت خالاس.
كۆڭۈل غەيرەت قىل!روھلۇق بول!

دەرىجىسى: ئىجادچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 129
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1174دانە
ئۆسۈش: 4.19%
  نادىر تىما: 2
  يوللانما: 1174
  ياخشى باھا: 154 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 6155 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 321(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-08-03

سۇيۇملۇك زۇمرەت بەكمۇ تىتىملىق تىما يوللاپسىز.ھازىرقى قوشنىلار بۇرۇنقى قوشنىلارغا ئوخشىمايدۇ.مەن بەزىدە بىرەر ئايغىچىمۇ ،ئۇدۇلمدىكى قوشنامنى كۆرمەيمەن.پەقەت زالدا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمەن.يەنىلا بۇرۇنقىلارنىڭ ھويلىلىق ئۆيلىرى ياخىشكەن بىنادىن.
ھامان ئۆلۈپ كىتىمىز،ئۆلمەيدىغاندەك پاتماي كىتىمىز!ھەر ۋاقىت، ئۈ دۇنياغا مىڭىشىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى!ئىناقلىق ئەۋزەلدۇر!


ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى!
ئۈمىد

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4119
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ئۆسۈش: 2.1%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 42
  ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 527 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 213(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-16
  كىرىشى: 2010-08-04

koxnidarqilik jamaatqilik adatlirimiz binalaxturux bilan tup yiltizidin kurimakta
ئۈمىدلىك بول
ئۈمىد

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4119
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ئۆسۈش: 2.1%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 42
  ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 527 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 213(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-16
  كىرىشى: 2010-08-04

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  kugul كە 2010-08-01 01:20 AMئەۋەتىلدى  :
سۇيۇملۇك زۇمرەت بەكمۇ تىتىملىق تىما يوللاپسىز.ھازىرقى قوشنىلار بۇرۇنقى قوشنىلارغا ئوخشىمايدۇ.مەن بەزىدە بىرەر ئايغىچىمۇ ،ئۇدۇلمدىكى قوشنامنى كۆرمەيمەن.پەقەت زالدا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمەن.يەنىلا بۇرۇنقىلارنىڭ ھويلىلىق ئۆيلىرى ياخىشكەن بىنادىن.



tapmu tang yiziptuk inkasni 
ئۈمىدلىك بول
قايتا يارىلىشىمدا.........!!!.........

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2025
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە519دانە
ئۆسۈش: 3.24%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 519
  ياخشى باھا: 263 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4212 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 536(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-08-04

كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى. مۇماملارنىڭ ئۈيىگە بارسام تاماق ئەتسە خوشنىلارغا تاماق سۇنىدىغان...لىكىن ھازىر... بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇنداق قىلغىنىنى ئاندا ساندا كۈرۈپ قالمەن...
بۇلبۇل

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 971
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە529دانە
ئۆسۈش: 3.31%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 529
  ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2991 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 941(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-08-04

ھازىر خوشنىلار ئارا تاماق سۇنىشىدىغان ئىشلارمۇ قالمىدى............ يەنىلا بۇرۇنقى خوشنىدارچىلىق ياخشى ئىكەن.
رەھمەت تىمىڭىزغا. ئەجىر قىپسىز.   
دۇنيا پەقەت مېھر - مۇھەببەت بىلەنلا گۈزەلدۇر .

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2003
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
ئۆسۈش: 2.88%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 288
  ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3025 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 467(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-08-04

ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ نۇرغۇن ئىسىل ئورپ - ئادەتلىرىمىزنى بىزدىن تولىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى . ھەممىسىگە يەنىلا ئۈزىمىز سەۋەپچى .
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئەركىنلىك !
سەن ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالما

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 427
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە576دانە
ئۆسۈش: 3.6%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 576
  ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2301 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 506(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-08-03

ھۆرمەتلىك زۇمرەت   تېمىڭىزنىڭ مەنبەسى   قىنى؟؟  مىنىڭچە  بۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يىڭى دەرىس تۈردىكى  ئەدەبىيانىڭ  فىلوكلور قىسىمىدىنغۇ دەيمەن.
مۇۋاپىقىيەت تىرىشقارلارغا مەنسۇپ

دەرىجىسى: يېـــڭى مـــېھان

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 5340
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0.83%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 5
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 15 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 12(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-01
  كىرىشى: 2010-08-02

گەپ ئوزىمزدە .ھازىر ئازلا قالدۇق ئوزىمىزنىمۇ يۇتتۇرۇپ قويغىلى،.............
        ئەگەر دىنىمىزغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان بولساق  بەك گۇزەل بولغان تۇرمۇش  كارتىنىللىرى  رىئاللىقتا مەۋجۇت بولغان بولاتتى،،،،،
ئاتا -بوۋىللىرىمىز ئوزىنىڭ دىنى ئىتقادىغا،ۋىجدانىغاناھايتى بەك سادىق ئىدى  
بىزچۇ؟...........باش چايقاپ ئولتۇرۇپ ئوتمۇشنى ئەسلەپلا ئوتەرىزمۇ؟
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما