ئاپامغا بېغىشلاپ
چوغلۇق
ئاپا
رېئاللىقنىڭ رەڭدار قوينى سەن،
سىنىڭ باغرىڭدىن
خۇشاللىقمۇ ،ئازاپمۇ چېچەكلىگەن .
گۈزەل ياشلىقىڭنى ،ئۈمۈدلىرىڭنى
بەش پەرزەنتىڭگە بەرگەن .
سەۋىردىن كۆكلەپ
زىمىستاننى باھارغا ئۇلاپ ،
مەڭگۈلۈك كۈي بۇلۇپ قالدىڭ سەن .
تېخى تۈنۈگۈنلا سەبى قىز ئىدىڭ،
ئۆيچەك ئىتىپ ئوينايتىڭ،
قونچاق بالىلارنى ياساپ
تاتلىق تىلىڭدا چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بىرەتتىڭ.
سەن تېخى ئۇ چاغدا
بېشىڭغا كىلىدىغان نە قىسمەتلەرنى بىلمەيتىڭ.
ھايات چاچلىرىڭغا ئاق سانجىدى ،
يۈزلىرىڭگە تال -تال قۇرۇقلارنى بەردى ،
كۆزلىرىڭدىن
ياق -ياق يۈرىكىڭدىن
تالاي قىسمەت يامغۇرىنى ياغدۇردى.
ھەر قېتىم سىنى كۆرگىنىمدە،
قارىغاينى ئەسلەيمەن
قىشمۇ- ياز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان .
گۈلزارلىق باغنى ئەسلەيمەن
بىز ئۈچۈن ئېچىلىپ تۇرغان ،
قۇياشنى ئەسلەيمەن
بىز ئۈچۈن نۇر چېچىپ تۇرغان،
پەقەت كۈندۈزى بار ،تۈنى بولمىغان .
ئاپا
تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن سىنىڭ قەلبىڭنى،
سەن بىز ئۈچۈن ھەممە روھىمىزدا پارلىغان .
سىنىڭ يېنىڭدىن كەلدىم
يۈرىكىمدە بىر پارچە ئوت قالدى ،
سەن روھىمغا تاشلىغان .
يازغۇم بار سەن ئۈچۈن تۈگىمەس داستان،
ئەۋلادلىرىمغا مىراس بۇلۇپ قالغان .
سەن يۇلغۇن چېچەكلىگەن ئاشۇ سەھرادا
مەن ئۈچۈن ھەممە
سىنىڭ روھىڭدىن باشلانغان .
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى شايار