مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 152 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : <<ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر>>نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

دەرىجىسى: يېـــڭى مـــېھان

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4669
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0.17%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 1
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 17 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 13(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-24
  كىرىشى: 2010-07-31

0

 <<ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر>>نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى



   شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (ئۆتكۈر - ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى) 1923 - يىل 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قېلىپ، دادىسىنىڭ دوستى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تەپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇپتۇرپان ناھىيسىگە كۆچۈپ بارغان، ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، سابىق ئۆلكىلىك ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئۆتكەن، 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. v>cE59('0  
v]Q_  
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئازادلىقتىن كېيىن، خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. |>fS"u  
5 Yibv6:3a  
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىرىيەت ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە ناھايتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <تاڭ شاماللىرى>، < ياخشى>، <مەن ئاق بايراق ئەمەس> قاتارلىق شېئىرلىرى؛ <ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>، <قەشقەر كېچىسى> قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ناھايىتى چوڭقۇر، قوللىنىلغان بەدىئىي تىل ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر پاساھەتلىك، ھېسايات بىلەن ئوبراز ناھايتى ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىيەتتە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يازغان غەزەللىرى ھازىرقى زامان غەزەلچىلىكىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە نەسر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <دېڭىزدىن سادا>، <باش ئەگىم>، <شېئىر ۋە شائىر>، <قاشتېشىغا مەدھىيە> قاتارلىق ئېسىل نەسرلەرنى يازغان. ydFhw}1>  
tJF~Xv2L!  
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە رومانچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، 80 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يۈكسەڭ تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 -، 30 -، 40 - يىللاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان <ئىز> ۋە <ئويغانغان زېمىن> رومانلىرىنى يازدى. بۇ رومانلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ ياخشى تارىخىي رومانلار ھېسابلىنىدۇ. D$!p+Q  
 G#n)|p  
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە داڭلىق، نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئۇ، <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ <ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى - يۈسۈپ خاس ھاجىپ>، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>، <ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيۋى سىستېمىسى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1986 - يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا <>قۇتادغۇبىلىك< تەتقىقاتى جۇڭگودا> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ قىزغىن قارشى ئېلىنغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىيچىلىق>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن تاتار ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى توغرىسىدا>، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلىرىنىڭمۇ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <قۇتادغۇبىلىك> قاتارلىق مۇھىم كلاسسىك ئەسەرلەرنى تۆھپە قوشقان. }Z$G=;3#  
+ d)~;I$  
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يۈرەك مۇڭلىرى> (1946 - يىل، لەنجۇ)، <تارىم بويلىرى> (1948 - يىل، تەڭرىتاغ نەشرىياتى) ناملىق شېئىر توپلاملىرى، <قەشقەر كېچىسى> (1980 - يىل،  خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، <ئۆمۈر مەنزىللىرى> (1985 - يىل،  ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - نەسرلەر توپلىمى، <ئىز> (1985 - يىل،  خەلق نەشرىياتى)، <ئويغانغان زېمىن> (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىل،  خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى بار. Cspm\F  
7tO$'q*h  
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى. NcMq>n  
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر غەزەللىرى
UNLNY,P/!)  
  KK3xz*W0  
1968 - يىل - 15 - فېۋرال. ئۈرۈمچى z"C(#Y56 x  
jY6=+9Jz5  
ئىنساننىڭ ئاجىزلىغى
ئا.ت.ئۆتكۈر
ئىلاھا ھىكمىتىڭ كۆپتۇر بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيمەن.    -#M~Nb I,  
ئۆزىڭدىن بولمىسا رەھمەت ئۆزۈم يىغلاپ كۈلەلمەيمەن، 1gK3= Ys  
كۈلەرمەن دەپ ئۈمۈت قىلسام قالارمەن گاھىدا يىغلاپ. TUYl> 
تۇرۇپ بىردەم بۇلۇر ئىشنى ماراپ تۇرسام كۆرەلمەيمەن.    Jm,X~Si  
  #IA(*oM  
ئۆزۈم قىلدىم ئۆزۈم بىلدىم دىگەن بىرلا جاھالەتتە . b 
ئۈزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت بازاردىنمۇ كېلەلمەيمەن. z`7C)p:  
بېرىىپ كەلدىم بىرلا ھەرەم ،مەككە مەدىنەمگە. +ANIm^@  
ئۆزۈڭ بىلدۈرمىسەڭ يا رەب ئۆزۈمنى ھەم بىلەلمەيمەن. ^K[tO54  
`g1~ya(MC  
ئەجەپ ئاجىز ئىكەن بەندە ،جېنى بولغان بىلەن تەندە. u`nn {C4D"  
ئۆزۈڭ يەتكۈزمىسەڭ يا رەب باراي دەپمۇ بارالمايمەن. -^"?a]B  
تېنىمنىڭ ساقلىقى بىلسەم،سىنىڭ پەزلى كەرەمىڭدۇر. H;L&G|[  
ئۆزۈڭدىن بولمىسا ساقلىق ،تېنىمنى ساق ئېتەلمەيمەن.   G\AQql(f4  
ئۆزۈڭنىڭ قۇدرىتى بىلەن كۆزۈم ئاچتىم بۇ ئالەمگە.    `t2! M\)  
ئۆزۈڭ ئەپكەتمىسەڭ يا رەب ،كېتەي دەپمۇ كېتەلمەيمەن.    >p:fWQ6  
               ئارمان نىمە _9 O'  
C(+BrIS*  
بولمىسا جانىم ئارا ئىشقىڭ ماڭا بۇ جان نېمە؟ O, 6!`\ND  
سادىغاڭ بولسۇن بۇ جان، سەندىن بۆلەك جانان نېمە؟ "VCr^'  
_xsYcw~)  
كۈلمىسە جۇشقۇن خىيالىم ئاسمىنىدا ئاپتىپىڭ، UGgi)  
مەن ئۈچۈن ئالەم نېمەيۇ؟ گۆر نېمە؟ بوستان نېمە؟ 4(IP  
k]sT'}[n  
ھىچ تېگىشمەس بىر كۈنۈڭنى دەۋرى - دەۋرانغا كۆڭۈل، 'M /&bu r  
بولمىسا ۋەسلىڭ نەسىۋى ماڭا مىڭ دەۋران نېمە؟ A/aQpEb%  
^f]pK&MAmN  
ئۆتتى باشتىن شۇنچە يىللار قالدۇرۇپ ماڭلايدا ئىز، x$I>e  
بولسا سەندىن بىر خەۋەر، ئۆمرۈم ئۈچۈن پۇشمان نېمە؟ {D< ?.'  
UPF=X) !M  
تەلمۈرۈپ شۇنچە يولۇڭغا ئاقتى كۆزنىڭ نۇرلىرى، 3.Kdz}  
چاڭلىرىڭنى تۇتىيا قىلسام ئىدىم، ئىمكان نېمە؟ /.bwwj_;  
*uR'eXW  
گۈلنى ھەر تاڭدا كۆرۈپ بۇلبۇل يەنە قىلماي شۈكۈر، pDQ,v"  
شۇنچە نالە ئەيلىسە، ئۇ نېمدېگەن نادان نېمە؟ s]UeDZ  
IZLX[y  
كاشكى مەن ئۆمرۈمدە بىر كۆرسەم سېنى ئاي يۈزلۇكۇم ، /FY_LM  
جان بېرىپ ئۆلسەم شۇ دەم ، دۇنيا ئارا ئارمان نېمە؟ hrK^oa_[W  
t[Q\T0E  
ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكۈر ئادا بولدى قەلەندەردەك كىزىپ، r>\.b{wI  
يوقمىدۇر شۇنچە جاھاندا دەردكە بىر دەرمان نېمە؟ cxV3Vrx@A  
gqd#rjtfz  
1948 - يىلى 12 - ئاپرېل، ئۈرۈمچى KV2X[1  
gC_U7aw  
` fXcW)  
~Q5HM  
                 قەلبىم باھار V! p;ME  
pB`<4+"9  
ئوت بىلەن كۆيمەكنى ئۆز جانىمغا قىلدىم ئىختىيار، ^ 
ئىختىيار قىلماس ئىدىم، ھوشۇمنى ئالدى بىر نىگار. x\WKsc  
'0+-Hit?  
بىر نىگار كىم، لۇتپى ئەيلەپ تەنگە جان بەرگەن ئۆزى، q-'zZ#  
ھەم يەنە خەنجەر بىلەن باغرىمنى قىلدى لالىزار. *=rl<?tX  
Onao'sjY  
مىڭ شۈكۈر دەيمەن بۇڭا، يوقتۇر پۇشايمانىم مېنىڭ، Ad[-YT  
كى قىزىلگۈلنىڭمۇ ھۆسنى ھەم بۇيى، ھەم خارى بار. YC{od5a  
&12.|  
گەر تىكەنلىك دەپ گۈلىدىن كەچسە بۇلبۇل بىر نەپەس، +NQw ^!0qy  
تاپماس ئەردى بۇ جاھاندا قاغىدەكمۇ ئېتىبار. +]G;_/[2  
s<:J(gD  
چىقمىغاي ھەرگىز دىلىمدىن يار سېلىپ قويغان كۆيۈك، @<_4Nb  
چۈنكى شۇ دەرد بىرلە كۆڭلۈم ھەم يارا ھەم بەختىيار. 2!A/]:[F  
Hly$ Wm  
ھىچ سىغىشماس تەنۇ جانىم ئەمدى بىدەردلىك بىلەن، J}BS/Tr}=  
يۈرگىچە بىدەرد ياشاپ ، پەرۋانە بولماق ئىپتىخار. }JS?42CTaV  
{C [7V{4(%  
مەيلى مۆلدۈر، تاش - بورانلار ياغدۇرۇپ تۇرسۇن پەلەك، "[76>\'H  
ئەل بىلەن بىللە يۈرۈپ دەرمەن ھەمىشە يارى - يار. dLLF#N  
)]'?yS"  
مەيلى جىسمىمنى زىمىستان ئەيلىسۇن دەۋران ئىشى، E }UlQq  
يار خىيالى بىرلە قەلبىمدە ياشار مەڭگۈ باھار. tJc9R2  
6tVB}UKs  
1949 - يىل 2 - ئاۋغۇست. ئۈچتۇرپان ))<3+^S0V\  
fDf:Jec`[  
UW!!!  
    مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » M(xd:Fa?  
[/xw5rO%  
sJ,:[  
:be BiO  
[/  سەجدىگاھىمغا
Z8Qmj5'[  
4 QD.'+ L  
     qhc3 oRe  
Mz_*`lRN  
بىلەمسەن، دىلرەبا ھۆسنۈڭنى ئاختۇرغان نىگاھىمدۇر، Y;G+jC8   
بۇ گۈلدۈرماما - چاقماقلار مېنىڭ پەريادى ئاھىمدۇر. $ba3dqbCW  
@#x h)"}  
ئۆزۈڭنى ئوت بىلەن تاۋلا دىگەچ سەن سۆيگۈ سۇلتانى، *%bQp  
قەيەردە يانسا بىر يالقۇن، شۇ يالقۇن بارىگاھىمدۇر. ;b-Y$<  
u6j\@U6I  
ئاداشسام زۇلمىتى دەشتتە، تىڭىرقاپ نالە چەكمەسمەن، 9q(*'rA m  
جامالىڭ شولىسى پارلاق ئۈمىد بەخش سۈبھىگاھىمدۇر. RX3P %xZ  
8bd&XieE  
مەلامەت، تەنە - تۆھمەتتىن، رەقىبتىن قىلمىدىم پەرۋا، Wz',>&a  
دىلىمغا ئورنىغان ئىشقىڭ نىجاتكار باشپاناھىمدۇر. $)8b)Tb  
(pJ-_w' G  
سېنى ئويلاش بىلەن كۆڭلۈم تاپۇر ھەر جايدا مىڭ لەززەت، XR3=Y0YDf  
خىيالىڭ كۈندۈزى ئاپتاپ، كېچەلەر كۆكتە ماھىمدۇر. {]ie|>'=C  
@ W[LA<  
ئەگەر رەشىك ئەيلىسە مەيلى ئەرەب يۇرتىدىكى كەئبە، oP vk ^H  
مۇشۇ تۇپراق - ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر. 9O1#%  
av~dH=&=  
كۆڭۈل مۈلكىدە جاي يوقتۇر سېنىڭدىن ئۆزگىگە مۇتلەق، FyY 
قەسەميادىم ئۈچۈن مىسكىن مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدۇر.
`IN/1=]5  
ھىدايەتنامە t|XQFb@}  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر &b~if}vcb  
lM/)<I\8  
ئۆمۈرمەنزىلىدىن تىنماي قىدىردىم مەن ﻫەقىقەتنى، kIR?r0_ 
تەپەككۇر بولدى بىر ﻫادى تېپىشتا چىن ﻫىدايەتنى. "kH Ft|%@  
تىلەپ ﻫەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساﻫەتنى، ?2LRMh")$  
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزﻫارغە ﻫەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، GO3F[ l  
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆﻫبەتنى. bvpP/LeY  
`GGACH3#s  
سۆزۇمنىڭ باشى بىسمىللاﻫ بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر، LNm{}VJ%  
سانايۇ ﻫەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر. c^Y&4=>T  
قۇرۇق، تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل، ئەقىدەمدۇر، @!;EW R]  
بۇ دەئۋايىمغا بۇرﻫانىم، مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر، .@7J8FS*  
تىلەيمەن رەببىم ئاللاﻫتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى. {Ftz4y)6  
[ vWcQ6m  
تەئەججۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇ قەسىدەمدىن، U2~7qC,!Do  
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن. &2i3"9k  
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلەر ناگاﻫ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن، E Ux kYl  
شۈكرىكىم رەﻫنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن، ?=C?3R  
ئىلاﻫا ئەيلىگىل مەڭگۈ ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى. kZ^}  
Cq-d,  
تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل، HkgmZw,  
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى، ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل. 7hQf T76h  
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل، T!GX^nn*O  
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئېرىتىش ۋە ياكى نىل، Q"2t :  
جاﻫانداچەكمىگەي ﻫېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى . [#}A]1N  
?k6P H"M  
سەﻫەردە ﻫەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ﻫەر دەمدە، IYJS>G%*  
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ﻫىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە. ulcm  
ۋاﻫالەنكى ئادا بولماي ﻫىساپسىز قەرىز بۇ زىممەمدە، <4caG2~q  
ﻫامان قاينايدۇ ﻫەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇقەلبىمدە، vSu|!Xb]  
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى. uU&,KEH  
v^Vr^!3  
باﻫار يامغۇرلىرى ﻫەرتاڭ يۇيار ﻫەم ياشنىتار تاغنى، 2!6+>nvO  
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ﻫەتتا گۈللىتەر باغنى . dMcC SwYh  
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى، iG:9uDY  
ئېرىتسە ﻫېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى، mPl2y3m%  
ئاتا قىلسا ئىلاﻫىم خەزىنەسىدىن قەترە رەﻫمەتنى . d+ LEi^  
y;0k |C   
سىراتەلمۇستەقىم تاپماق ئەگـئەربولسا نەسىبەمدە، GrwoV~  
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەﻫزۇن بۇ سېنەمدە، a6UW,n"n  
ئۇمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە، Lk%u(duU^  
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە، $O n  
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى . V}leEf2'  
1 \#n{a3  
خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ﻫەمىشە قايناق، `(SWE+m1g  
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاﻫى تاڭغىچە ئويغاق، =Mg/m'QI  
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق، 0YMmWxV  
ئىلاﻫىم ئۆزى يار بولغاي ئۇمىدىمگە يەنە كۆپراق، O@.afk"{  
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى. S Z@ JzOA  
=xO  q-M  
پىكىر دەرياسىغە قانچە تىرەن چۈمگەنسىرى ﻫەر تۈن، \ \j98(i  
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە، يۇيۇلدى-تارقىدى ئەپسۇن، *`}4]OGv.  
ﻫاياتىم گەرچە پۇشايمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەﻫزۇن، wH:'5+u:6  
ۋە لېكىن جان كىتابىغە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن، myp}DI(  
يېقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى . ?}QHEk:H  
fk(l.A$  
تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە، !fFmQ\|)4S  
ئەمەستۇر خالى ﻫىكمەتتىن ۋە ﻫەتتاكى ﻫەسەل ﻫەرە، Y(>]7  
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە، mp_(ke  
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇتېخى ئازغىنە قەترە، (t.pM P4  
ئىلاﻫا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ﻫىكمەتنى. 2<$C6J0HM  
|TOz{  
بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك، kcH ?l  
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق، Qp{rAAC:  
مىسال قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن ,قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق، MC5M><5\  
بىلۇر ئەمما گۈدەك ﻫەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق، 4m%RD&ZN  
دېمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ -پاراسەتنى. ]Y|Y?  
a#X[V5|6Q  
تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش، axOdGv5  
ﻫايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ﻫەم خاﻫىش، Im{I23.2  
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش، L+@RK6dq  
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش، )W&H{2No  
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روﻫى قۇدرەتنى، [guJd";  
9C5w!_b@  
مىسال بىر قەترەدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق، /nEh, 
ئانا قارنىدا بۇجانغا ﻫاۋا بولغاننى ئويلاپ باق، ,HXY|fYr  
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق، iARIvhfdi  
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق، 9)p VDS  
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى. \D BtU7"v  
:)+|q  
بۈگۈن پەن يۇكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن، x$9UHEb kM  
ۋە ﻫەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن، bit&H  
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدﻫىيە- تەﻫسىن، Wa~'p+ 
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن، MyAS'Ki  
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى. f.0~HnNg1  
xZt]s3?  
نىمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر؟ ,qJ/Jt$A  
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەﻫرىردۇر؟ vBCQ-l 
نىمىشقا مىڭ كىشى چىﻬرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر؟ O 
قېنى ئېيتىڭچۇ، بۇسىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەبىردۇر؟ {:c*-+?  
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇسۈرەتنى. yhQv $D,^f  
Sf[ZGY)  
ئۆلۈمنى ئويلىسا ﻫەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن، )r-t $ L  
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ﻫەممىگە ئايدىن، xlF$PpRNM  
لېكىن نەدە،  قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن؟ zh)qo  
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن، s%"3F<\  
ﻫەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ﻫەممە دىققەتنى. "NSm2RU3  
; k{w@L.@  
ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاﻫاندىن كەتتى كۆپ دەنا، zb Z0BD7e  
ۋە لېكىن تاپمىدى ﻫېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا، c.m8~@O5+  
ئارىستو ياكى لوقماندەك ﻫەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا، .)|r!X  
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا، (1gfb*L  
دېمەك مۇمكىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنىي زۆرۈرەتنى. x9R_KLN:;  
A~& Tp  
قۇياشۇ ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئىتىپ ﻫەر كۈن، H2`aw3  
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئىتەر ﻫەر كۈن، Se+sgw_"  
بۇڭا ﻫاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن، wmdv AMN  
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن، 2,?4'0Z@R  
يۇرۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇﻫالەتنى . 1a 4 [w  
W-zD1q~0?  
ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر، p6u"$)wt  
ۋەﻫالەنكى تەبىئەت ﻫەم ئەجەپ بىر خىلدا ﻫەيئەتتۇر، w?]k$  
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ﻫونۇز بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر، I `:nb  
شېغىل تاش ﻫەر زامان تاشتۇر ,زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر، 6=a($s!   
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاﻫالەتنى. U,S&"`a  
lx,^Y 647  
مىسال پەن -ﻫۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ﻫىكمەت دۇكانىنى، YFgQ!\&59  
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇ مۆجىزاتلار زامانىنى، pH5"g"e1  
يەنە ﻫەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ﻫىممەت داۋانىنى، j*aN_UTr3  
لېكىن ئادەم تۈگۈل ﻫەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى ، Rdao  
ياسالماس ﻫەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى . ,9Y{x  
9v&{; %U  
ﻫاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرﻫان، nV'~uu  
تۇخۇسىز ئالۇر ﻫەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان، .PBma/w W  
ئەگەرچە يەنە مىڭ ﻫەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران، :c%vl$  
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان، +~mBo+ ,  
دىمەك مەخلۇق ﻫامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى . P [-2^1P"  
L/9f"%kZ  
نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا، sXxF5&AF0  
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىﻬقان ﻫۇسۇل تولمايدۇ خامانغا، jz(}P8  
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا، b$)b/=2  
زاۋۇتلاردا ياساپ ﻫەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا، |u,2A1  
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى . )? WiO}"  
-ZqN~5>j)  
ﻫاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر، |Q2H^dU'rQ  
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەﻫرى دەريادۇر، Cn4o^6?"  
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ﻫىكمەتلەر ئەﻫيادۇر، 7Wub@Mp  
كى تۇپراق بولمىدى كېمېيا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر، b489sa  
ﻫايات قانۇنى ﻫەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى. 1MV\Jm  
_ h\wH;  
مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ﻫەر ئان، =BW>jD  
ۋە لېكىن ﻫەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان، KZ^W@*`D  
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى «سۈرە ئەررەﻫمان»، T. nY>Q8  
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە «ما تۈكەززىبان»، g|_-O" l  
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ دەۋەتنى. \ A'MEd-  
)HWf`;VQ  
تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەئىشلەر بولمىدى سادىر، +BcJHNIB  
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاﻫىر، 3uA%1 E  
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر، !uoU 8Ki9  
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر، =w='qjh  
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى . >]uV  
tM3eB= .*  
ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ﻫاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر، Ig*68M<  
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر، V;$ME4B\{  
بىراۋلارقەسىت بىلەن قۇرئان بېتىنى قىلسىمۇ تەﻫرىر، lrg3n[y-l  
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ﻫەرىىپ,ۋە ﻫەتتا بىر زەبەر ۋە يا زىر، gB1w,96J  
چۈشەنمەك نەمۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى. Ng=XH"ce~  
j?sq i9#  
پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات، $oKT-G  
ئۇقۇپ بىركۈن «ئىقرە بىسمى رەببىكەللەزى»نى ﻫەيﻬات، P)bS ;w\(Y  
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات، OrN>4S  
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇنياد، &c<0g `x  
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ﻫەقىقەتنى . aq/'2U 7  
[:Kl0m7  
ئۇقۇپ كۆرسەك بۇ تارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ﻫىكمەتتۇر، 8!87p?Mz  
مۇبارەك تەرجىمەﻫالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر، 3Z.<=D  
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ﻫۆججەتتۇر، > cFH=um  
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇﻫەممەددۇر، yu8xTh$:  
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى. BK._cDR  
8BP.VxX  
نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ﻫالىنى ئەسلەڭ، %-C   
جاﻫالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەﻫۋالىنى ئەسلەڭ، pU4k/v555;  
زالالەت ﻫەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئېماسىنى ئەسلەڭ، .~J}80a/  
مىسال بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ، $Pw@EC]  
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى. tNsiokOm  
W$_}lE$  
ۋەﻫىنى بەزىلەر ئىلﻬام دىيىشتى بىر زامان ﻫۆكمەن، 1CS[%)-c  
ۋەﻫالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان، jhs('n,  
ئۇنى ئىلﻬام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان، frB~ajXK  
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان، 01bBZWX  
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ﻫەقىقەتنى . &OpGcbf1  
 
بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ﻫەتتا، Vaj4p""\F  
تېپىپ مىڭ ﻫېلە -نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا، cE}y~2cH  
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر,ۋە ﻫەتتا قىلسىمۇ غەۋغا، Grot3a  
جاﻫاندىن كەتتلەر لىكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا، 'FVh/};Y.D  
تاپالماس چۈنكى باتىللىق,ﻫەقىقى شانۇ-شۆﻫرەتنى. '<(S*&s  
l5?fF6#j  
بۇلارنىڭ ﻫەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە، r3~~4Q4XI>  
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ﻫەقتە، w QV4[  
ئەقىل ساﻫىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قانائەتتە،، ']'H8Y-M  
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاﻫالەتتە، j2oHwt6"  
ئۆزىگە رەﻫنامە قىلسۇن ئەدىل , مەردانە پىكرەتنى. >FrF"u:kM  
p#-;u1-B  
خاتىمە. m 6V:x/'=  
-c%K_2`  
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما، M$|r8%z1  
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ﻫەتتا، MjGeH> c  
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ﻫېدايەتتىن بىرەر مەئنا، G@4ro<  
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن, ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا، @fDWp/  
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راﻫەتنى.  C~C}b  
O' 5xPJ  
ئەقىدەم ﻫەققە باغلانغان, بۇ يولدا ئەتىمادىم بار، s)?=4zJ  
شۈكرىكىم,ﻫەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار، ROWb:tX}  
ئەقىدە ساﻫىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار، | rY.IbL  
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاﻫلىق,قىلىشقا نىمە ﻫەددىم بار، (:JX;<-  
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى. 3['aK|qk.  
} Mh@%2$  
جاﻫان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان، Dgb@`oo  
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ﻫەتتا ۋەﻫشى چىڭگىزخان، 7d44i  
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاﻫانغا بىﻬېساپ كارۋان، ^qn,b/>L  
ئۆتەر دۇنيا, كېچەر دۇنيا، پەقەت ﻫەقلا سۈرەر دەۋران. \KBE+yj  
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىﻬايەت شۇ ﻫەقىقەتنى. {km~,]N  
-k$*@Hq  
v[3QI7E3  
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق توپلامدىن ئېلىندى. pN-l82]'  
[ بۇ يازما قىزغىن تەرپىدىن 2010-07-31 09:31 PM دە قا ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما <<ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر>>نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(@OTKAX@)
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى قىزغىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-31, 12:01
    مۇڭ سىرداش

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 622
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە846دانە
    ئۆسۈش: 3.85%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 846
      ياخشى باھا: 143 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4109 سوم
      تۆھپىسى: 7 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 880(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-24
      كىرىشى: 2010-07-31

    مەن ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر ئاكامغا بەك قىزىقاتتىم .. F\)?Ntj)>@  
    1kX>sajp~  
    رەخمەت سىزگە ..  
    qq  854588274         ئىسىل   ياشا
    كۆڭۈل غەيرەت قىل!روھلۇق بول!

    دەرىجىسى: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 129
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1097دانە
    ئۆسۈش: 3.92%
      نادىر تىما: 2
      يوللانما: 1097
      ياخشى باھا: 142 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5743 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 288(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-01

    بۇ تىمىنى يوللاپ بولغۇچە جاپا چىكىپسىز رەھمەت!مەندىمۇ  شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمالى يىزىلغان كىتاب بارتى.يوللاپ قويسام بولغۇدەك.
    ھامان ئۆلۈپ كىتىمىز،ئۆلمەيدىغاندەك پاتماي كىتىمىز!ھەر ۋاقىت، ئۈ دۇنياغا مىڭىشىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى!ئىناقلىق ئەۋزەلدۇر!


    ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى!
    ahlak adam zinniti

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3589
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
    ئۆسۈش: 6.05%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 121
      ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 696 سوم
      تۆھپىسى: -2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 83(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-08
      كىرىشى: 2010-07-31

    جاپا چىكىپسىز رەھمەت سىزگە

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3310
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ئۆسۈش: 0.65%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 13
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1047 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 4(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-04
      كىرىشى: 2010-07-31

    ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەنزۇتىلىنىمۇ ئوبدان بىلەمدىغاندۇ؟
    روما
    .

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2215
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
    ئۆسۈش: 1.35%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 27
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 585 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 12(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-03
      كىرىشى: 2010-07-31

    مەرھۇمغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن،مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياكتۇرۇپ ئۇقۇيمەن، ئۇنىڭ تالانتىغا قول قويىمەن. ئۇ دۇنيادىكى  داڭلىق يازغۇچىلاردىن قىلىشمايدۇ ھەتتا ئۇنىڭدىن  ئېشىپ چۇشىدۇ .

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 393
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
    ئۆسۈش: 3.46%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 242
      ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1408 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 132(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-22
      كىرىشى: 2010-07-31

    مەنمۇ مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن. LaolAqU  
    يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز..

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 971
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە465دانە
    ئۆسۈش: 2.91%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 465
      ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2647 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 868(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-26
      كىرىشى: 2010-08-01

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  kugul كە 2010-07-31 08:12 PMئەۋەتىلدى  : ks=l Nz9  
    بۇ تىمىنى يوللاپ بولغۇچە جاپا چىكىپسىز رەھمەت!مەندىمۇ  شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمالى يىزىلغان كىتاب بارتى.يوللاپ قويسام بولغۇدەك. .BWCGb2bH  
    <ah!!  
    بولسا يوللاپ قويۇڭە بىزمۇ ئوقۇپ ھوزۇرلىنايلى.............

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 79
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە247دانە
    ئۆسۈش: 3.53%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 247
      ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1361 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 49(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-01

    ئەسەرلىرىنى بەك قىزىقىپ ئوقۇيمەن بۇ ئاكامنڭ..جاپا چىكىپسىز ككپ رەھمەت سىزگە،مەن بىلمەيدىغان يەرلەر كۆپكەندۇق تېخى...
    ئەرزىمەيدۇ،قاخشىما! چۈنكى ئۇ سىنىڭ ئازاپلىنىشىڭ بەدىلىگە باشقىلارنى سۆيگەن،
    daxxat~~~umak

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3311
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە174دانە
    ئۆسۈش: 2.49%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 174
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1584 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      ۋاقتى: 237(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-04
      كىرىشى: 2010-07-31

    رەخمەت  مەن بىلىۋالدىم
    مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
    daxxat~~~umak

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3311
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە174دانە
    ئۆسۈش: 2.49%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 174
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1584 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      ۋاقتى: 237(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-04
      كىرىشى: 2010-07-31

     6(kapsiz)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس



    كەپسىز  مەن سىزگە ئايايتەن  بىر رەسىم ئىشلەپ قويغان  قانداق كۈرۈپ باقامسىز
    مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12»Pages: 1/2     Go