1. ئالتۇن تاپماقچى بولغان ئادەم
نېمە مەسىلە كېلىپ چىقتى؟ نېمە ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنىڭلا غېمىدە يۈرۈپ، تېخمۇ كۆپرەك پۇل تاپالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلارغا ئوخشاش باي بولالمايمىز؟
........بىزنىڭ پۇل تېپىشنى بىلەلمەي كېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. چۈنكى، بىز زادى ئىزدەنمىگەن ئىكەنمىز!
بابىلونلۇق ھارۋا ياسىغۇچى ئۇستام بەنسې ئۆز ئۆيىنىڭ پاكارغىنە تېمىدا غەمكىن ھالدا بېشىنى سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئاددىيغىنە ئۆيىگە ۋە ئۈستى ئوچۇق دۇكىنىغا قارايتتى، دۇكىنىدا ئەمدىلا يېرىمى ياسىلىپ بولغان بىر ھارۋا تۇراتتى.
ئايالى داغدام ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن ئۇنىڭغا پات-پات قاراپ قوياتتى، ئۇنىڭ ھەربىر قارىشىدىن ئېرىگە، ئۆيدە ئاش-ئوزۇق تۈگەي دەپ قالدى، ئىشىڭىزغا دەرھال تۇتۇش قىلىڭ، ھارۋىنى چاپسانراق پۈتكۈزۈپ، ئاندىن ھارۋىنىڭ رىزىنكىسىنى چىڭىتىۋېتىپ، ئۇنى خېرىدارغا ئاپىرىپ بېرىپ تېزرەك پۇل ئەكېلىڭ، دەۋەتقاندەك مەنە چىقىپ تۇراتتى.
ئەمما، بەستلىك كەلگەن ھارۋا ياسىغۇچى ئۇستام يەنىلا تامدا مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇرۇپ بىر مەسىلە ئۈستىدە سەۋرچانلىق بىلەن ئويلىنىۋاتاتتى، ئېفرات دەرياسىنىڭ ئۈستىدىكى ئوتتەك كۈن نۇرى ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن چۈشۈۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاپتاپنىڭ تەپتىنى قىلچىمۇ سەزمىگەندەك قىلاتتى، ئۇنىڭ پېشانىسىدىن توختىماي تەر ئېقىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ھەيۋەتلىك شاھ ئوردىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يىنىدا يەنە بىل ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاسمان-پەلەك رەڭدار مۇنارىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيى بولسا ياساقسىز قالغان باشقا پاكار-ئاددىي ئۆيلەرگەئوخشاشلا ئاشۇ سەلتەنەتلىك ئىمارەتلەرنىڭ غايەت زور كۆلەڭگىسىدە قالغانىدى.
بۇيەردىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كوچىلار پۇلدارلارنىڭ ھارۋىلىرى، ھاللىق سودىگەرلەر ۋە يالىڭاياغ تىلەمچىلەر بىلەن تولغانىدى. ئەمما، ئاشۇ كېتىۋاتقان ئۇزۇن قۇللار سېپىگە يول بىرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتاتتى، چۈنكى ئۇلار "پادىشاھ ئۈچۈن ئىش بېجىرىپ"، مۇئەللەق باغچىنى سۇغىرىش ئۈچۈن سۇ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.
بۇ چاغدا بەنسې پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ مەسىلىسى بىلەن بەند بولۇپ كەتكەنىدى، ئاۋات ۋە ئالدىراش شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە قالايمىقانچىلىقلارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغاندەك قىلاتتى. يېقىملىق ساز ئاۋازى ئۇنى بىردىنلا چوڭقۇر خىيال دەرياسىدىن ئويغىتىۋەتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ قارىغانىدى، ئۇنىڭ دوستى سازەندە قۇببى ئۇنىڭغا يېقىملىق كۈلۈمسىرىگەن پېتى قاراپ تۇرۇۋېتىپتتۇ.
- ئاللا ئىگەم مۈشكۈلۈڭنى ئاسان قىلغاي، جان دوستۇ، -دېدى قۇببى گېپىنىڭ بېشىدىلا قىزغىن ھال-ئەھۋال سوراپ،-ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇلار سېنى ئەمگەكنىڭ ئازابىدىن مەردلىك بىلەن خالاس قىپتۇ. سېنىڭ ئامىتىڭدىن خۇرسەن بولدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىن سەن بىلەن تەڭ بەھرە ئالماقچى بولۇۋاتىمەن. ھازىر سېنىڭ پۇل خالتاڭ توشۇپ كەتتىغۇ دەيمەن. بولمىسا بۇ كەمدە دۇكىنىڭدا پايپېتەك بولۇپ ئىشلەپ يۈرگەن بولاتتىڭ-دە! سەن ماڭا ئىككى تىللا ئۆتنە بېرىپ تۇرغىن ئەمىسە، بۈگۈن ئاخشام ئاقسۆڭەكنىڭ زىياپىتى تۈگىگەن ھامان ئاقچاڭنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىۋېتىمەن.
- مەندە ئىككى تىللا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پۇلنى ئەڭ ياخشى دوستۇم بولغان سېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئادەمگە قەرزگە بېرەلمەيمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھەممە مۈلكۈم ھېسابلىنىدۇ،- دېدى بەنسې غەمكىن ھالدا،- ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ بارلىقى ھېسابلىنىدىغان مۈلكىنى باشقىلارغا ئۆتنە بەرمەيدۇ، ئۇ ئادەم ئەڭ ياخشى دوستى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق-دە.
- نېمە؟- دېدى قۇببى ھەيران بولۇپ،- سېنىڭ يانچۇقۇڭدا بىرەر يارماقمۇ يوق تۇرۇپ، يەنە تېخى لاي ھەيكەلگە ئوخشاش تامنىڭ ئۈستىگە چېقىپ قېتىپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەن! نېمىشقا ئۇ ھارۋىنى پۈتكۈزۈۋەتمەيسەن؟ بۇنىڭدىن باشقا قارنىڭنى تويدۇرىدىغان باشقا ئامال-چارەڭ بارمۇ؟ بۇنداق قىلىش سېنىڭ تەبىئىتىڭگە يات، جان دوستۇم. پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-مادارىڭ نەگە كەتتى؟ كۆڭلۈڭنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان قانداق ئىش ئۇ؟ بىرەر ئاۋارىچىلىككە بولۇقۇپ قالدىڭمۇ-قانداق؟- دېدى قۇببى.
-ئاللا ئىگەمنىڭ مېنى قىنىغانلىقىدىن بولسا كېرەك،-دېدى بەنسې جاۋابەن،-ھەممە ئىش ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان خىيالىي چۈشتىن باشلاندى، چۈشۈمدە ئۆزۈمنىڭ پۇلدار ئادەم بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپتىمەن، بەلۋېغىمغا چىرايلىققىنە بىر پۇل خالتىسى ئېسىۋالغانمىشمەن، ئۇنىڭدا پەۋەس تىللا تۇرغۇدەك. قەلەندەر-دىۋانىلەرگە خالىغانچە سەدىقە بەرگۈدەكمەن، ئايالىمغا ۋە ئۆزۈمگە خىلمۇخىل نەرسە-كېرەكلەرنى ئالغۇدەكمەن، مېنىڭ پۇل-تىللارىم ئاجايىپ جىق بولغانلىقى ئۈچۈن، خاتىرجەم خەجلەۋەرگۈدەكمەن، كەلگۈسىدىن ھېچقانداق غەم يېمىگۈدەكمەن، كۆڭلۈم رازىمەنلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن تولغۇدەك. سەن جان-جەھلى بىلەن ئىشلەيدىغان ئىلگىرىكى دوستۇڭ- مېنى ۋە ئايالىمنى تونۇيالمايۋاتقۇدەكسەن، چۈنكى ئۇنىڭ چىرايىدا ئەمگەك-جاپا دەستىدىن پەيدا بولغان قۇرۇقلا قالمىغانمىش، بەخت ئامىتى مانا مەن دەپلا ئۇرغۇپ تۇرغۇدەك. ئۇ يەنە بىر قېتىم يېڭى تۇرمۇش قۇرغان چاغدىكىدەك چىرايىدىن كۈلكە يىغىپ تۇرغان قىزغا ئايلىنىپ قالغانمىش.
-ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى خۇشال قېلىدىغان چۈش ئىكەن، مۇشۇنداق ئوبدان چۈش نېمە ئۈچۈن سېنى ھاڭۋاقتى لاي ھەيكەلگە ئوخشاش قىلىپ قويدى ئەمىسە؟- دېدى قۇببى.
-زادى نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مەن ئويغىنىپ ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە پۇل خالتام قۇرۇقلا تۇرۇپتۇ، بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم. بىز بىرلىكتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلايلى، ماترۇسلار ئېيتقاندەك، ئىككىمىز بىر كېمىدە بولغاندىكىن، بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇشىمىز كېرەك-دە. ياش ۋاقىتلىرىمىزدا بىرلىكتە كاھىنلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەقىل-پاراسەت ئۆگەنگەنىدۇق، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولغانىدۇق. يېشىمىز چوڭايغاندىن كېيىن ئوخشاشلا جاندوست بولۇپ كېتىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا تۇتقان يولىمىز بار، ھەرئىككىمىز جاپادىن باش تارتمايمىز، ئىلگىرىكى چاغلاردا بىر مۇنچە پۇللارنى تاپقان بولساقمۇ، باياشاتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەلمىدۇق، پەقەت چۈشىمىزدىلا تەسەللى تېپىپ يۈرگەن ئىكەنمىز، ھەي! بىز ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەسقۇ؟ بىز ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ باي شەھەردە ياشاۋاتىمىز. بۇ يەرگە سەيلە-ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ ھەننىۋاسى بۇ يەرنىڭ بايلىقىغا ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ، دېيىشىدىكەن. ئەتراپىمىز بايلىق بىلەن تولغان، ئەمما ئۆزىمىزدە بىرەر تىيىنمۇ يوق. سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم، ئۆمرۈڭنىڭ تەڭدىن تولىسى جاپالىق ئىشلەش بىلەن ئۆتۈپ كەتتىن شۇنداق تۇرۇقلۇق يانچۇقۇڭ يەنىلا قۇرۇق، يەنە تېخى:"ماڭا ئىككى تىللا ئۆتنە بېرەلەمسەن؟ بۈگۈن ئاخشام ئاقسۆڭەكنىڭ زىياپىتى تۈگىگەن ھامان قايتۇرۇپ بېرىۋېتىمەن" دەپ كەپسەن، ئاندىن مەن نېمە دەپ جاۋاپ بەردىم؟ مەن ساڭا:"ھەميىنىم مانا مايەردە تۇرۇپتۇ، ساڭا پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن" دەمدىمەن؟ ياق، مەنمۇ ھەميىنىمنىڭ سېنىڭكىگە ئوخشاشلا قۇرۇق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشىم كېرەك، نېمە مەسىلە كېلىپ چىقتى؟ نېمە ئۈچۈن بىز يېمەك-ئىچمەكنىڭلا غىمىدە يۈرۈۋېرىپ، تېخىمۇ كۆپرەك پۇل تاپالمايمىز؟
-بالىلىرىمىزنىمۇ ئويلاپ باقايلىق،-دېدى بەنسې گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- ئۇلارمۇ بىز ماڭغان كونا يولدا مېڭىۋاتمامدۇ؟ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمۇ ھەممە يېرىدە ئالتۇن بار يەردە ياشاۋېتىپ يەنىلا بىزگە ئوخشاش ئېچىپ قالغان قوي سۈتى ۋە ئۇماچ ئىچەلىگىنىگە شۈكۈر-قانائەت قىلىپ يۈرۈۋېرەرمۇ؟
-بىز تونۇسۇپ سالام-سەھەت قىلىشىپ يۈرگەننىڭ مابەينىدە مۇنداق گەپلەرنى قىلىپ باقمىغانىدىڭ، بەنسىې!- دېدى قۇببى چۈشەنمىگەندەك تەرىزدە.
- ئىلگىرى مەنمۇ بۇلارنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىكەنمەن، قاق سەھەردىن تارتىپ كەچ كىرگۈچە ئىشلەپ ئەڭ ياخشى ھارۋىلارنى ياساپ، ئاللا ئىگەمنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىلغان ئەمگىكىمنىڭ قىممىتىنى ئېتراپ قىلىشىنى، ماڭا بايلىق ئاتا قىلىشىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم. ئەمما، ئەھۋال مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى. بۈگۈن چۈشەندىمكى، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ئۇنداق قىلمايدىكەن، شۇڭا ناھايىتى قاتتىق مەيۈسلەندىم. مەن باياشات ياشاشنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنىڭمۇ يەر-زىمىن، مال-چارۋىلىرىم بولۇشى كىرەك، چىرايلىق كىيىم-كېچىكىم ۋە پۇلغا لىق تولغان ھەميىنىم بولۇش كېرەك. ئاشۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى ۋە ھۈنىرىمنى، بارلىق ئەقىل-پاراسىتىمنى ئىشقا سېلىشنى خالايمەن، ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ماڭا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزدىن نېمە مەسىلە چىقتى؟ سەندىن شۇنى يەنە بىر مەرتىۋە سوراپ باقاي، نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلارغا ئوخشاش باي بولالمايمىز؟
-ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلگەن بولسام ياخشى بولاتتى!-دېدى قۇببى جاۋاب تەرىقىسىدە،- تۇرمۇشقا نىسبەتەن مەنمۇ ساڭا ئوخشاش قانائەت قىلمايۋاتىمەن، ساز چىلىپ يۈرۈپ تاپقان پۇللىرىم تۈگەي دەپلا قالدى. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچىكىنىڭ غېمىدىلا يۈرۈۋاتىمەن. يەنە كېلىپ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىلارنى چالىدىغان ئۆرە چىلتارىمنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەگەر ئاشۇنداق ساز بولغان بولسا، پادىشاھىممۇ ئاڭلاپ باقمىغان كارامەت ئېسىل مۇزىكىلارنى چالالايتتىم.
-سەندە ئاشۇنداق ساز بولۇشى كېرەك، دەرۋەقە پۈتكۈل بابىلون شەھىرىدە مۇزىكىنى سەندەك يېقىملىق چالالايدىغان ھېچقانداق ئادەم چىقمايدۇ؛ ئەگەر سەن ئۆرە چىلتار چالالايدىغان بولساڭ، پادىشاھ تۇرماق مالائىكىلەرمۇ ئېچىلىپ يايراپ كېتىدۇ. ئەمما، سەنمۇ، مەنمۇ خۇددى پادىشاھنىڭ قۇللىرىغان ئوخشاش نامرات تۇرساق ئۇنداق سازغا قانداقمۇ ئېرىشەلەيمىز؟
بۇچاغدا كىيىملىرى ئۇچىسىنى ياپالماي قالغان، دۈمبىسىدىن توختىماي تەر ئېقىۋاتقان بىر توپ قۇللار دەريا ياقىسىدىكى تار چىقىر بولنى بويلاپ ناھايىتى تەسلىكتە مۇشۇ تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. ئۇلار بەشەيلەن بىر قاتار بولۇپ تىزىلىشقانىدى، ئۇلارنىڭ بەللىرى كۆتۈرۈۋالغان ئېغىر سۇ تۇلۇملىرىنىڭ دەستىدىن مۈكچىيىپ كەتكەنىدى.
-باشلامچى بولغان ئادەم ناھايىتى ساغلامدەك قىلىدۇ،-دېدى قۇببى ھەممىسىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئادەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ قولىدا قوڭغۇراق جىرىڭلاپ تۇراتتى، ئۇچىسىدا ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى.
-قاتاردا بىر مۇنچە قاۋۇل ئادەم بار ئىكەن،- دەپ قوشۇپ قويدى بەنسې،- ئۇلار بىزگە ئوخشاش بەستلىك كىشىلەر ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سېرىق چاچلىق شىماللىقلار، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان جەنۇبلىقلار، قوشنا دۆلەتتىن كەلگەن قوڭۇر تەنلىك پاپىلارمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئادەملەر ھەركۈنى دەريادىن سۇ ئېلىپ مۇئەللەق باغچىغا يۈدۈپ ئاپىرىدۇ، ئۇلاردا ھېچقانداق ئۈمىد يوق، ئۇلار شال پاخىلىنى ئاستىغا سېلىپ ئۇخلايدۇ، قېتىپ مونەك-مونەك بولۇپ قالغان شوۋىگۈرۈچ ئىچىدۇ، ئۇ ئادەملەر نېمىدېگەن بىچارە-ھە، قۇببى!
-ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىيدۇ. گەرچە بىز ئەركىن ئادەملەردىن بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھالىمىزمۇ ئۇلارنىڭكىدىن ئانچە قېلىشىپ كەتمەيدۇ.
-راست ئېيتىسەن، قۇببى، بۇ ئەھۋال كۆڭلىمىزنى بىئارام قىلسىمۇ، لېكىن بۇ نەق پاكىت-دە. بىز قۇلغا ئوخشاش كۈن ئۆتكۈزۈشنى خالىمايمىز.
-بىزمۇ باشقا ئادەملەردەك پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قىلغىنى بويىچە قىلىپ كۆرمەمدۇق؟-دېدى قۇببى.
-بىزمۇ بەلكىم بۇنىڭ ئېپىنى ئوبدان بىلىدىغانلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ پۇل تىپىشنىڭ يولىنى بارا-بارا ئۆگىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن،-دېدى بەنسېمۇ ئويغا چۆككەندەك قىلىپ.
-بۈگۈن مەن قەدىناس دوستىمىز ئاقاتنى ئۇچرىتىپ قالدىم،-دېدى قۇببى،- ئۇ ئۆزىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقانىكەن، باشقا پۇلدار ئادەملەرگە ئوخشاش ھاكاۋۇر قىياپەتتە ماڭا قارىماي ئۆتۈپ كېتىۋەرمەستىن، بەلكى قول ئىشارىسى قىلدى. كوچىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ سازەندە قۇببىگە سالام قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردى.
-كىشىلەر ئۇنى بابىلون بويىچە ھەممىدىن باي ئادەم دېيشىدىكەن،- دىدى بەنسىې ئويلىنىپ تۇرۇپ.
-ئۇ ئىنتايىن باي، ھەتتا پادىشاھمۇ مالىيە ئىشى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايدىكەن،- دېدى قۇببى جاۋاب بېرىپ.
-ئىنتايىن باي،-دېدى بەنسې ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىپ،-بۈگۈن ئاخشام ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشىم، ئۇنىڭ لىپمۇلىق پۇل تولغان ھەميىنىغا ئېرىشىشىم مۇمكىن.
-پەلىپەتىش جۆيلۈمە،- رەددىيە بەردى قۇببى،- بىر ئادەمنىڭ بايلىقى ھەميىنىدىكى ئازغىنە پۇل بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، ئەگەر ئۆزلۈكسىز تۈردە تەڭگە سېلىپ تۇرمايدىغان بولسا، ھەرقانچە لىق تولۇپ كەتكەن ھەميانمۇ ھەش-پەش دېگۈچە قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ. ئاقاتنىڭ مۇقىم كىرىمى بار، ھەميىنىنى ئىزچىل تۈردە تولۇقلاپ تۇرالايدۇ، ئۇ پۇلنى ھەرقانچە خەجلىسىمۇ تۈگىمەيدۇ.
-كىرىم، جاۋاب دېگەن مانا شۇ،- ۋارقىراپ كەتتى بەنسې،- مەن مەيلى سەپەرگە چىقاي، ئىش قىلىپ، قىلغان كىرىمىم ھەميىنىمنى ئۈزلۈكسىز ھالدا توشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاقات كىرىمگە ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى جەزمەن بىلىدۇ، لېكىن مېنىڭ كاللام بەك گال تۇرسا، بۇ توغرىدا ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويالارمۇ؟
-مېنىڭچە ئۇ ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى ئوغلى نوماسقا ئۆگىتىپ قويىدۇغۇ دەيمەن،-دېدى قۇببى،-نوماش نىنېۋېخقا(قەدىمكى دەۋردىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ قەدىمىي شەھەر بولۇپ، تىگرىش دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. ھازىرقى ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىگە يېقىن.-تەرجىماندىن) كەتكەن ئەمەسمىدى؟ مېھمانخانىدىكى ئادەملەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ دادىسىنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپمۇ شۇ يەردىكى ھەممىدىن باي ئادەملەرنىڭ بىرى بولۇپ قاپتۇ.
-قۇببى، سەن مېنىڭ خىيالىمغا ناھايىتى ئوبدان بىر چارىنى كەلتۈردۈڭ،- دېدى بەنسې كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىتىپ،-ياخشى دوست دېگەندىن مەسلىھەت سوراشقا ھەرگىزمۇ پۇل كەتمەيدۇ، ئاقات ئۇزاقتىن بۇيان بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز ئىدىغۇ؟- ھەميىنىمىزنىڭ بۇلتۇرقى قۇش ئۇۋىلىرىغا ئوخشاش قۇرۇق ئىكەنلىكىدىن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلمايلى، ئەمدى بوشىشىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئاۋات مەركىزىي شەھەردە بىر تىيىنسىز ياشىغان كۈنلەرنى تويغۇدەك ئۆتكۈزدۇق. پۇلدار ئادەملەردىن بولۇشىمىز كېرەك. يۈر، ئاقاتنىڭ يېنىغا بېرىپ، قانداق قىلساق كىرىم قىلالايدىغانلىقىمىزنىڭ يولىنى سوراپ باقايلى.
-ناھايىتى ئوبدان چارە بولدى بەنسې، سەن مېنىڭ ئەقلىمنى ئاچتىڭ، بىزنىڭ قانداق پۇل تېپىشنى بىلەلمەي كېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. چۈنكى، بىز زادى ئىزدەنمىگەن ئىكەنمىز! سەن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي بابىلون بويىچە ئەڭ ياخشى ھارۋا ياساپ چىقىشقا پۈتۈن پىكىر-خىيالىڭنى ئاتىدىڭ، شۇڭا سەن بابىلون بويىچە ئەڭ ئەڭ ياخشى ھارۋا ياساپ چىقالىدىڭ. مەنمۇ داڭلىق سازەندە بولاي دەپ خىيال قىلغانىدىم، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ يۈرۈپ بۇ مەقسىتىمنىمۇ ئىشقا ئاشۇردۇم.
-ھەرئىككىمىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق قىلغان ئىشىمىزدا غەلىبە قىلدۇق. تەڭرىمىز ئەمدى بىزنى ھازىرقى ھالىتىڭلارنى ساقلاپ قېلىڭلار دەپ قارىسا مەيلى. بىز مانا ئەمدى ئاخىرقى ھېسابتا تاڭ نورىنى كۆرەلىدۇق، ئۇ بىزگە ئۆگىنىش كۆپ بولغانسېرى ھوسۇلنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. يېڭى بىلىم ئالغاندىن كېيىن، چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.
-بۈگۈنلا ئاقاتنىڭكىگە بارايلى ئەمىسە،- بىز بىلەن ئوخشاش نامرات ھالەتتە ئۆتۈۋاتقان بارلىق دوستلىرىمىزنىمۇ چاقىرىۋالايلى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولسۇن،- دېدى بەنسې ئالدىرىتىپ.
-سەن ھامان دوستلارنىڭ غېمىنى يەيسەن، بەنسې، شۇڭا سېنىڭ بىر مۇنچە دوستۇڭ بار-ھە، دېگىنىڭ بويىچە، بۈگۈنلا ئۇلار بىلەن بىللە بېرىپ مەسلىھەت سورايلى ئەمىسە!