<<21-ئەسىردىكى مۇھاببەت>> داۋامى
مۇھاببەتنىڭ تۇنجى قەدىمى
ئەسەرنىڭ باس قسىم ئادىرسى
/read.php?tid-7046-keyword-%D8%A6%DB%95%D8%B3%D9%89%D8%B1.ohtmlھەي شۇنداق قىلىپ بىز تۇنۇشقىلىمۇ 2 ھەپتە بوپ قالدى،بۇجەرياندا بىز كۈندە كۆرشۈپ ئالاقىلشىپ تۇردۇم .
مەن ئەتىگەندە سائەت 8 لەردە تۇرۇشتىن 6 بولماستىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چېيىمنى ئېچىپلا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نېمانداق بالدۇر ماڭسەن تېخى دۇكاننى ئاچمىدىغۇ دېگەن سۆزلىرگىمۇ قۇلاق سالماي ئالدىراپلا ئويدىن چېقىپ شەھىدە ئىشلەيدىغان دۇكاننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يولىغا تەلمۇرۇپ تۇراتتىم،تاكى ئۇ كېلىپ ئۇنى بىر كۆرمىگىچە بولدى قىلمايتىم .ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بۇنداق قېلدىغىنىمنىمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم.
شۇنداق قىلىپ كۇندە ئەتىگەندە ئۇنىڭ دۇكۇنىڭ ئالدىغا بېرىش مىنىڭ ئادىتىم بۇلۇپ قالدى .
بۈگۈنمۇ ئادىتىم بۇيۇنچە چېيىمنى تۇلۇقمۇ ئىچمەيلا ئويدىن چىقتىم چۇنكى بۇگۇن سەل ۋاقراق ئورنۇمدىن تۇرغان ئىدىم ،ئالدىراپ ئۇنىڭ دۇكۇننىڭ ئالدىغا كەلسەم ئۇ ئالىقاچان دۇكىنى ئېچىپ بۇلۇپتۇ ،ئەمما مەن دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېچىگە پەقەتلا كېرەلمىدىم.
توساتتىن تېشلىقمۇ دېگەن بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىمگە قارىسام ئۇ ئەمدى كەپتۇ ئەسلى دۇكاننى بۇگۇن دۇكاننى ئۇنىڭ خوجايىنى ئۆزى ئېچىپتۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋالىشىپ بۇلۇپ تۇرشۇمغا ئۇنىڭ خوجايىنى ئۇنى چاقىرىپ ئەكىرىپ كەتتى.
مەن دۇكان ئالدىدا بىردەم تۇرسام ئۇ قايتىپ چېقىپ تاماق يەپ كېلەمدۇق مەن ئەتىگەن تاماق يىمگەن دېدى مەنمۇ ئۇنۇڭغا قاراپ ماقۇل دىگەن مەنىدە ئېما قىلىپ ئۇنى ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ئېلىپ ماڭدىم .
بىز يولدا پاراڭلىشىپ كېتىپ باراتتۇق ئۇ تۇيۇقسىزلا ھەي سىز مۇشۇنداق يالغۇز ئۆتمەكچىمۇ بىر قىز بىلەن يۇرسېڭىز بولمامدۇ دەپ سۇئال سورىدى.
مەن نېمە دېيشىمنى بېلەلمەي كىم بىلەن يۈرىمەن، يۈرىمەن دەپلا يۈرگىلى بولمىسا دېدىم ئۇنۇڭغا قاراپ. ئۇماڭا قاراپ كۇلۇپ قۇيۇپ نىمىشقا يۇرمەيسىز كۆڭلىڭىزگە پۇككەن بېرەرسى بامۇيە دەپ سورىدى.
مەن ئۇنۇڭغا ياقەي بىرسىنى پۇكمىگەن يەنە بىرسىگە سىزگە ئېتقانغۇ مېنىڭ قىزلار بىلەن تازادېگەندەك مېجەزىم كېلىشمىگەچكە تۇزۇك قىز دوستلۇرۇممۇ يوق .شۇ قىز دوستۇمنىڭ ئالدى سىز ئوخشايسىز دېدىم مەن ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ .
ئۇ ئاستا كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ ھەم مىنىڭ يەنە بىرنەرسە دېمەكچى بولغىنىمنى بېلىپ قالغاندەكلا ئاۋۇ ئاشخانىغا كېرەيلى دەپلا ئۇدىلىمىزدىكى بىر ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
مەنمۇ كەينىدىن ئاشخانىغا كېردىم .بىز كېرىپ دېرېزە تەرەپتىكى بىر جايغا كېلىپ ئولتۇردۇق ،ئۇماڭا قاراپ كۇلۇپ تۇرۇپ سىز قەيسى تاماققا ئامراق دەپ سورىدى مەن كۆزۈمنى ئۇنۇڭدىن ئۆزمەي تۇرۇپ چۆچۈرگە سىزچۇ دەپ سورۇدۇم،ئۇماڭا قاراپ توۋا ئىكىلىمىز ئوخشاش بىر خىل تاماققا ئامراقكەنمىز ھە ئۇنداقتا دەپلا كۈتكوچىنى چاقىرىپ 2 چۆچۈر دەپلا بۇيرىتىۋەتتى.
مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ شەھىدە سىزگە دىسەم ھاياتىمدا ئازېرغىچە بىرقىز بىلەن مۇنداق يېقىن دوست بۇلۇپ باقمىغان سىزنىڭ ئوماق چىرايىڭىز شوى كۈلۈشلىرڭىز ئۇچۇق مىجەز تۈز كۆڭوللىكىڭىز مىنى سىزگە رام قىلۋالدى ،خالىسڭىز دەپ تۇرشۇمغا كۈتكۈچى تاماقنى ئەكىلىپ بېرىپ كېتىپ قالدى مەنمۇ دېمەكچى بولغان گېپىمنىڭ ئاخېرنى يۈتىۋەتتىم ،شەھىدە گەقارىسام ئۇ يارگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ مەن ئۇنى تاماققا كېلىشنى ئېتىپ تاماق يېدىم.
ئەمما تاماقنى قانداق يەۋاتىمەن بايامقى گەپ قانداق بۇلۇپ ئېغىزىمدىن چېقىپ كەتتى ئۇنى بىلمەيمەن ئەمما كۆڭلۈمدە ئويلۇغۇنۇم بىرلا ئىدى ئۇ بولسىمۇ مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئېدىم. شۇنداق خېيالارنى قىلىپ ئولتۇرسام ئۇ ماڭا ھەي جېمىپلا كەتتىڭىزغۇ گەپ قىلغاچ ئولتۇرۇڭ ئەمما گەپ قىلىڭ دىسە بايامقىدە چاقچاق قىلماڭ ھە دەپلا كۇلۇپ كەتتى مەنمۇ شۇنچىكى كۇلۇپ قۇيۇپ دۇكاندا بولغان قىزىق ئشلارنى خېرېدارلار بىلەن بولغان بەزىبىر كۆڭۈلسىز پاراڭلارنى قىلىپ بېرىپ ئۇنى كۇلدۇرۇپ ئولتۇراتتىم.
شۇنداق ئولتۇرۇپ تاماقنى تىزلا يەپ بۇپتىمىز مەن تۇرۇپ بولغىچە ئۇ بېرىپ تاماق پۇلنى بېرىۋەتتى بۇنى كۆرۈپ مەنمۇ تېزلا بېرىپ مەندە پارچە پۇل بار بۇنى ئېلىڭ دەپلا تاماق پۇلنى ئاشخانا خوجايىنغا سۇندۇم ،ئاشخانا خوجايىنىمۇ ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ مېنىڭ پۇلۇمنى ئالدى ئۇ بەرگەن 50يۇئەنلىك پۇلنى ئۇنۇڭغا قايتۇرۇپ بەردى .
بىز ئاشخاندىن چېقىپ ئۇنىڭ دۇكىنى تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق ئۇ ئاشخاندىن چىقاندى ياقى ئەسلى تاماق يەپ كېلەيلى دېگەن ئادەم مەن بولغانكىن تاماق پۇلنى مەن تۆلىسەم بۇلاتتى دەپ قاخشاپ كېتىپ باراتتى ،مەن ئۇنۇڭغا قاراپ مېنىڭ پۇلۇم ئۆتمەمدىكەن مەن تۆلىسەم نېمە بولماقچى،ئاشۇنداق سېنىڭ مېنىڭ دېيىشىپ يۈرسەك قانداقمۇ ياخشى دوست دېگىلى بولسۇن دېدىم ئاچىغىم كەلگەن قىياپەتتە .
ئۇمۇ ماڭا ھە ئۇغۇ شۇ ئەمما دېيشىگە مەن ھە بولدى ئۇنى بۇنى دىمەي كېرىپ كېتىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ ئالدىغىمۇ كەپقالدۇق دېدىم ئۇنى دۇكان تەرەپكە قارىتىپ ئۇ ماڭا قاراپ بۇلىدۇ ئەمسە كەچتە مىنى ئالغىلى كېلىڭ دەپ قۇيۇپ كېرىپ كەتتى.
ئۇنىڭ بۇ تۇنجى قېتىپ مېنى ئالغىلى كېلىڭ دېيشى ئىدى مەن شۇنداق خوشال بولدۇم ،مەن يولدا ماڭغاچ ئاشخاندا ئۇنۇڭغا دېگەن گەپلەرنى ئويلاپ ئۆزەم بىلەن ئۆزەك كۈلۈپ كېتىپ باراتتىم .
مېڭىپ دۇكانىڭ ئالدىغىمۇ كەپ قالدىم ئەمما بۇگۈن دۇكانغا پەقەت كېرگوم يوق ئىدى لىكىن ئامالسىز كېردىم .
دۇكانغا كېرىپ ماڭا زادىلا ئىش خوش ياقمىدى قاچان كەچ بۇلشىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۇشنىلا ئويلاپ ئولتۇرسام توساتتىن مورەمگە بىرى پاقىدە قىلىپلا ئۇردى مەن قارىسام ئۇ بىزنىڭ يېنمىزدىكى دۇكاندىكى مىجەزىم خېلە كىلشىدىغان مەردان ئېكەن. ئۇماڭ ھە ئاداش نىمە بولدى ئەجەپ خېيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمسىدە ئۆزۈپ كېتىپسىلەرغۇ دەپ سورىدى مەن نەدېكىنى ئاداش شۇ ئىچىم پۇشۇپ دەڭلا دەپ تۇرشۇمغا ھەي بىرسىگە كۈيەك بۇلۇپ قالدىڭلارمۇ يە دەپ سورىدى مەن شۇئانلا نەدىكى گەپنى قىلماڭلار مەن كىمگە كۈيەك بۇلۇپ قاپتىمەن دېدىم .مەردان ئەمسە مەن دۇكانغا چىقاي سىلەرمۇ ئىشىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
مەردانغا ئۇنداق دېگىنىم بىلەن مەن راستىنلا بىرسىگە كۈيەك بۇلۇپ كالغانتىم .
شۇنداق زېرىكىشلىك ئېچىدە مەن كۈتكەن كەچ ئاخىر بولدى مەن خوجايىنىڭ بۇيرىشى بىلەن باللارنى بۇيرۇپ دۇكاننى تاقاپ قايتىشتۇق .مەن ئىتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ كېتىپ باراتتىم
داۋامى بار
[ بۇ يازما قىزغىن تەرپىدىن 2010-07-31 07:27 PM دە قا ]