ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ نىمە قىلارىمنى ھايات يولۇمنىڭ قانداق بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ
كىچە - كۈندۈز ئالى مەكتەپ ئىتاھاننىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان پەيتلىرىمدە ھايات يولۇمدا يىڭى بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقى چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىغان ئىدى.
بۇ كۈنى باشقا كۈنلەرىگە پەقەتلا ئوخشىماس بىر كۈن بولغانىدى ھەممە يەر قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرىغا چۆمگەن ئالدىنقى كۈنلەردىكى يامغۇردىن ئەسەرمۇ قالمىغاندى،مەن بۇ كۈنى تولۇق ئوتتۇردىكى دوستلىرىم بىلەن تاغقا چىقىپ ئۆزىمىزدىكى روھى بىسمنى يىنىكلىتىش توغرىسدا مەسلەھەتلىشپ ئاران دىگەندە يىغىلىشپ جەم بولغاندۇق ،ئەمدىلا تاغقا چىقىپ تۇرۇشىمىزغا تىلفۇنۇم جىرىڭلاشقا باشلىدى بۇ تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان دوستۇم ئەكرەمنىڭ تىلفۇنى ئىدى،
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام ،بامۇسەن ئاداش يوقاپلا كەتتڭغۇ داشۆسىڭ بولغىلۋاتسەن بىزلەرنى ياراتمىدىڭمۇ يە،تىلفۇنمۇ قىلمايسەن بىزلەرگە ئاي يىىللار ئۆتۇپ كەتسىمۇ ،نىمىش بىلەن ئالدىراش ئۆزۇڭ؟
ئۇنىڭ بۇ تەنە گەپ قىلىدىغان مىجەزىنىڭ تىخى ئۆزگەرمىگەنلىكى ماڭا غەلىتە تۇيۇلمىدى چۈنكى ئۇ قانداقلا يىقىن دوستىنى كۆرسە مۇشۇنداق گەپ قىلۋالاتتى (مەن سىنىڭ يىقىن دوستۇڭ ئۇنتۇپ قالما دىگەندەك قىلىپ)
-ۋاي نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ئاغىنە سىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي؟
-سەن ھازىر نەدە ؟
مەن تاغدا ئىكەنلىكىمنى ھازىر تولۇقتا بىللە ئوقۇغان باللا بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمنى ئىيتىم ،ئۇ تىخىمۇ ئەزۋەيلەشكە باشلىدى.
-بوپتۇ يىڭىنى تاپقاندا كوننى ئۇنتىيمىز شۇنداقمۇ .........ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر خىل بوپ كەتتىم ،
-نەخ گەپنى قىلە ساڭا بۈگۈن زادى نىمە بولدى؟باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەكرەك قايناپ كەتتىڭغۇ؟
-نىمە بولاتتى تولۇقسىزدىكى باللا يىغىلغان سىنىمۇ چاقىرغان شۇ بىزنى ئادەم ئەتسەڭ كەل بولمىسا مەيلى،شۇگەپنى قىلىپ بولۇپلا تىلفۇننى قويۇۋەتتى.
ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ تولۇقتىكى باللارنى ئۇيەرگە تاشلاپ قويۇپ يا ماڭغىلى بولمىسايا....شۇئويلار بىلەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرسام تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ مۇشۇ تاغقا چىقىپ بولۇپلا كىتەيلى دىگەن ئاۋازى مىنى ئۆزىگە تارتتى كىسەل كالىغا پىچاق خوش ياققاندەك بۇ گەپمۇ ماڭا تازا چىرايلىق ئاڭلاندى ،مەنمۇ ئۇنىڭ گىپىنى قوللا پ يۈرۈپ چۈش بىلەن يولغا چىقتۇق ،بازاغا كىرىپلا ئەكرەمگە تىلفۇن قىلدىم ئۇ ماشىنا بىلەن مىنى ئالغىلى كەپتۇ مەن نەگە بارىدىغانلىقىمىزنىمۇ سورىمايلا ماشىنىغا چىقتىم ئۇ ماشىنىسىنى بىر ئاشخانا ئالدىدا توختاتتى دە -قىنى چۈشسلە ئەزىز مىھمان سىلىنى چىللاپمۇ كەلتۈرمەك تەس ئىكەن ئاۋايلاپ چۈشەلا.
-بولدى قىلە ئاداش مانا كەلدىمغۇ ئىشىمنى تاشلاپ،شۇنداق دەت تالاش بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ قىتىپلا قالدىم ،نىمىش بولغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم يۈرۈكۈم توختاپ قالغاندەكلا تۇيۇلاتتى .ئۇ راس شۇمۇ ئەمەسمۇ دىگەن ئوي بىلەن سورۇندىكى بالىلار بىلەن قانداق كۆرۈشكەنلىكىمنى ئۇقمايلا بىر ئورۇنغا بىرىپ ئولتۇردۇم ،پەقەتلا ئىچىلالمايۋاتاتتىم كاللامدا شۇ بىر ئوي ئۇ راستلا شۇمۇ ؟ ھە شۇ كەن ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى ،گەپ قىلىشلىرى ...-ھەي !نىمە بولدى ساڭا روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكلا بوپ كىتىپسەنغۇ ؟ئەكرەمنىڭ ئاۋازى مىنىڭ ئويغا پاتقان كاللامنى سەگىتتى ،قارىسام بىچارە قىز مىنىڭ سەۋدالارچە قاراشلىرىمدىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىكەن.سورۇندىن كۈلكە كۆتۇرۇلدى مەن ھىچقاچان بۇنداق بىرسىگە تىكىلىپ قاراپ باقماپتىكەنمەن ،ئۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت قارىغىنىم ئىسىمدە يوق .تۆت يىللىق سىغىنىش ،تۆت يىللىق ھىجران مىنى شۇنداق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن .
.....
تولۇقسىزغا چىقىپ ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن ئاڭلىغان پالانى قىز بىلەن ئارلاشتىم ياخشى كۆرۈپ قالدىم دىگەن گەپلەرنى تولا ئاڭلايدىغان تىخى بەزى دەرتمەنلەرنىڭ قىزلارنىڭ تاشلىۋىتشگە ئۇچرىغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىدىغان بوپ قالدىم ،مانا دوستۇم ئەكرەممۇ تولۇقسىزغا چىقىپ ئىككى كۈن بولا بولماي بىرسنى تىپىۋالغاندى ،مەنمۇ "ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيشىڭ گەندە" دىگەندەك بىر ئىككى قىزلارغا كۆزتاشلاپمۇ باقتىم لىكىن بىرسىمۇ كۆزۈمگە سىغمىدى، سىغقانلىرى مىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى ،مۇشۇنداق رەت قىلىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەر مىنى قىزلارغا نىسپەتەن بىپەرۋاسىزلىق خاھىشى يىتىلدۇردىمۇ قانداق؟ قىزلارغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بولدۇم .مانا ھەش-پەش دىگۇچە بىر يىلمۇ توشتى، سىنىپتىكى باللارنىڭ ئالدى بىر نەچچىنى يولغا سىلىپ بولغاندى ،لىكىن "كاۋىنى بىگىم يەيدۇ ،تاياقنى يىتىم" دىگەندەك يىقىن ئۆتىدىغان بىر دوستۇم بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدا سۆز-چۆچەك تارقىلىشقا باشلىدى .
ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك ھەممە ئىشلارنى ئۇنتاتتۇق،ئۇ چاغلاردا مەكتەپنىڭ يىرىگە ئىش قىلغان چاغلىرىمىزمۇ ئىككىمىزنى بىر يەردىن تاپاتتى ،مەن ئۇنى پەقەت دوست ئورنىدا كۆرەتتىم ، ئۇمۇ ھەم شۇنداق لىكىن سۆز-چۆچەلەر ئەۋجىگە چىققانسىرى ئۇ ماڭا بەك كۆپ گەپ قىلمايدىغان بولۇۋالدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا بىر گۇناھ ئۆتكۈزۇپ قويغان كىشىدەك يۈرەتتىم ئىككىمىزنىڭ پارتىمىز ئالدى كەينى بولسىمۇ مانا ئەمدى دەرس توغۇرلۇق ئىشلاردىمۇ بەكلا پەخەس قىلىدىغان بوپ كەتكەنىدۇق،ئۇنىڭ جىغۇرلىشىپ كەتكىنىگە قاراپ يۈرۈكۈم ئىچىشاتتى. مانا شۇندىلا ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلغانىدىم ،بۇنى قانداق ئىيتىش كېرەك ؟ سىنىتىپتىكى قىززىق تىما يەنىلا ئىككىمىز ئۈستىدە ئىدى ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا يۈرەك سۆزۈمنى دىيىش تىخمۇ قىينغا توختايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم ،مانا 3-يىللىققىمۇ چىقىپ قالدۇق بۇ چاغدا قىززىق تىمىلارمۇ قاياقلارغا غايىپ بولغانىدى ،بىر كۈنى ئۇ ماڭا بىر سوۋغا بەردى ، پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلدىممەن دە بىر پارچە خەت يازدىم ،بۇ سوۋغىنى نىمە يۈزىسىدىن قىلىنغان سوۋغىلىقىنى سورىدىم (گەرچە بىلىپ تۇرساممۇ گەپنى تىششىنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى مۇشۇ ئىدى).ئۇمۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەن چىغى دەرھاللا قايتۇرۇپ مەن سىزنى قەدىناس دوستۇم دە بىلىمەن شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋغا قىلدىم دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ بۇ خەتنى كۆرۈپ مەن يەنە بىر خەت يازدىم.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم رائىلە مەن سىزنى دوست ئەمەس مەڭگۈلۈك سىردىشىم بولسىكەن دىگەن ئۈمىدتە ئىدىم ، سىز قانداق قارايسىزكىن؟ ئەختەمدىن يازغان خىتىم ئاز لىكىن چىن يۈرەك سۆزۈم ئىدى باشقىلاردەك شېئىر -قوشاق قىتىپ يازمىغان بولساممۇ .
ئەتىسى ئۇنىڭ جاۋاب خىتىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولغاندىم ئۇمۇ خىتىنى قىسقىغىنا قىلىپ:
ۋە ئەلەيكۇم -ئەسسلام ئەختەم شۇنداق بولۇشىنى مەنمۇ ئۇزاقتىن ئويلىغان لىكىن قىز بالا ئۇچۇن ئوغۇل بالىغا سۆز ئىچىش قىيىنغا توختايدىكەن .
ئامان بولۇڭ :رائىلە دىن
مانا شۇنىڭدىن تارتىپ بىزنىڭ خۇشال تۇرمىشىمىز باشلانماقتا يوق تارتىنچاقلىق تۇرمۇشىمىز باشلاندى خۇددىكى "بار موللام چاي ئىچمىسمۇ تەرلەيدۇ" دەپ تىخىمۇ گەپ قىلىشمايدىغان بولدۇق تاكى مەكتەپتىن ئايرىلغۇچە شۇنداق بولدى .
مانا بۈگۈن بۇ سورۇندا ئۇچراشقاندا بولسا ئۇنى نەقەدەر سىغىنغانلىقىمنى ھىس قىلماقتا ئىدىم ،ئۇنىڭدىن گەر سورىماقچى بولدۇم لىكىن ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھكار چاغلايتتىم ،چۈنكى بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ بىر قىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ قويۇپلا غايىپ بولۇپ كىتىش مىنىڭ ۋىجدانىمنى مۇشۇ چاغقىچە سوراق قىلاتتى ،ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسام نىمە دەپ كەچۈرۈم سوراشنىمۇ بىلمەيتتىم .
-ئىمتاھان بىرىپ بولدىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ ئاۋازى خىيالمنى بۆلۈۋەتتى .
-ھە..ھە ئە قىسقىلا جاۋاب بىرىپ ئولتۇردۇم
نى...مىش...قى...لىۋاتسى..ز دۇدۇقلاپ ئارانلا سورىيالىدىم ،كۆڭلۇمدە بىر خىل قورۇنۇش ھۆكۈم سۇرمەكتە ،
-بىكار
خىلى ئۇزاققىچە ھەر ئىككىلىمىز جىم بولۇپ قالدۇق، يىگەن نەرسىلىممۇ ئاغزىمغا تىتىمايتتى ھەتتا نىمە يەۋاتىمەن بۇنىمۇ بىلەلمىگەندەك خامۇش بولۇپ قالغاندىم . ئاخىرى قانداق كۈچنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ،
-تىلفۇن نومۇرىڭىز قانچە؟ ماڭا دەپ بەرسىڭىز بولارمۇ دىگەن سۆزنى ناھايىتى تىزلا دەۋەتتىم ،ئۇمۇ ئۈندىمەستىن تىلفۇنۇمنى قۇلۇمدىن ئىلىپ نومۇرنى كىرگۇزۇپ بەردى .
مانا تۆت يىلدىن بىرىقى تۇنجى قىتىم ئۇنۇڭغا ئۇچۇر يىزىپ تىلفۇندا پاراڭلىشىپ دىگەندەك بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلىرىمنى ئۇنڭغا ئىيتتىم بىر خىل بەخىىت مەندىن ئەگىپ كىتەلمەيۋاتقاندەك ھىس قىلدىم يۈرۈكۈم قايتىدىن سوقماقتا سوققاندىمۇ شۇ قىزنىڭ تۆت يىللىق ئەقىدىسگە كۇلۇپ سوقماقتا ئىدى.
تامام .
پىكىر تەكلىپ بەرگەيسىزلەر
[ بۇ يازما قىزغىن تەرپىدىن 2010-07-31 08:45 PM دە قا ]