كىشىلىك دۇنيادىكى مۇھەببەت خىلمۇ-خىل بۇلىدۇ، بەزىلىرى ئادەمنى گۈزەل باغقا باشلىسا ،بەزىلىرى ئادەمنى چوڭقۇر ھاڭغا تاشلايدۇ . بەزىلىرى ئاچچىق، بەزىلىرى تاتلىق ،لېكىن ھەرقانداق بىر مۇۋاپىقىيەتلىك باشلىنىپ ،مۇۋاپىقىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى پۈتۈن جەريانى ئۇڭۇشلۇق ،نەتىجىلىك بۇلىشى ناتايىن . ئەجىر بولمىسا نەتىجە بولمايدۇ . ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيتى ئۆزلىكىدىن كىلىپ قالغان ئەمەس . ھەرقانداق بىر غەلبە مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن شۇ ئادەمنىڭ قان- تەر بەدىلىگە ، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن شۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئاچچىق-چۈچۈك ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش بەدىلىگە كەلگەن . ھەرقانداق بىر غەلبە قان بىلەن ئوتتىن خالى قولغا كەلگەن ئەمەس. مىنىڭچە ھەرقانداق بىر ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى چۇقۇم كۈڭۈلدە يىتەرلىك تەييارلىق ۋە مۇۋاپىق ئىشەنچ بۇلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن. ئىشەنچ بىلەن باشلانغان ئىش چۇقۇم مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلىدۇ .....
مانا بۇ مىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھەببەتكە بولغان ئاددى بىر قارىشىم .
مىنىڭچە ھەممە ئادەم مۇھەببەتنى تۇلۇق چۈشىنىپ يارالغان ئەمەس ،شۇڭا توردا ئۇچىراشقان مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق ،ياكى ساختىلىق ۋەياكى بىر خىيالى چۈش دەپ قاراش مىنىڭچە بىر تەرەپلىمىلىك قاراش خالاس.
ئەمدى مەن تورداشلارغا ئۈزۈمنىڭ بىر يىللىق تور ھاياتىمدىكى ئاچچىق - چۈچۈك ئەسلىمىلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتەي :
بىز تۇنۇشقىلى بىر يىل بۇلۇپ ئاشتى ، ۋاقىت نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن - ھە ....... مۇشۇ قىسقىغىنە بىر يىل ۋاقىت مىنىڭ قەلبىمدە نۇرغۇن ئۇنتۇلماس ئاچچىق -چۈچۈك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى . بۇ ۋاقىتلار مىنى بەزىدە يىغلاتسا بەزىدە كۈلدۈردى ، مانا مەن ھازىرقى ئايالىم بىلەن توردا تۇنۇشۇپ ،تېلىپۇندا سۆزلىشىپ ، ئاخىرى يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ ،ۋە چوڭلارنىڭ رازىلىقى بىلەن توي قىلدىم .لېكىن مەن بۇ توينى مۇھەببىتىمىزنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى دەپ قارىمايمەن ،. ئۇلۇغ ئاللاھ كۈنلىرىمىزگە تېخىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن ، ھەر ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى چەكسىز زىيادە قىلسۇن ، مۇھەببىتىمىز مۇشۇ تەرىقىدە مەڭگۈ داۋام قىلسۇن .......!!!!!!!!!!!!
جەريان :
بۇ مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ھەقىقى بىر ئىش ، قىلچىلك يالغىنى يوق .
مىنىڭ توردىكى قوللانغا تەخەللۇسۇم « تەشنا » ئىدى بىزنىڭ تۇنجى كېتىم توردا كۆرۈشكەن ۋاقتىمىز 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىدى . مىنىڭ دوسلىرىم بىلەن بىرگە قۇرغان www.xjsarhil.com ناملىق بىر تور بېتىم باتتى ( تور تاقىلىش سەۋەپلىك ھازىر ئېچىلمايدۇ ) . مەن بۇ تور بەتتىكى ئەڭ ئالىي باشقۇرغۇچى ئىدىم . مىنىڭ ئايالىممۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر ئەزا بۇلۇپ تەخەللۇسى «شەھلا » ئىدى . بىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىمىز مانا مۇشۇ تور بەتتىن باشلانغان . بىز ئۆزىمىز نىڭ ئويلىغانلىرىمىزنى تىما، تىمىغا بولغان كۆز قاراشلىرىمىزنى ئىنكاس قىلىپ مۇنبەرگە يوللايتتۇق . بىز بەزىدە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ، كەسپىمىز ، ۋە تۇرمۇشتىكى بەزىبىر مەسىلىلەر توغۇرلۇق پاراڭلىشاتتۇق . بىز تەدرىجى ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىشلار توغۇرلۇق پاراڭلىشىدىغان بولدۇق ، ئۇ ماڭا مەيلى كۆڭلى ئاغىرغان مەيلى خۇشال بولغان كۈنلىرى بولسۇن ئاڭا ئېيتىپ بىرەتتى ، مەنمۇ بارا-بارا ئۆزۈمنىڭ ئىچكى سىرلىرىمنى ئۇنىڭغا ئېتىپ بىرىدىغان بولدۇم . مۇشۇ جەرياندا ئۇنىڭمۇ بىر قېتىم مۇھەببەتتىن زەربە يىگەنلىكىنى بىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇھەببەتتىن بىر قېتىم زەربە يەپ ، مەن ياخشى قۈرىدىغان قىزنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلىپ كەتكەنلىكىدىن تارتىپ ئۈزۈمنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردىم ، ئۇ مىنىڭ بايانلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا تەسەللى بىرىپ ماڭا ئاتاپ بىر كۇپىلىت شىېر يېزىپ ماڭا سوۋغا قىلدى : ئۇنۇت تەشنا ئازاپلىرىڭنى،
ئىزلە ھەركۈن خۇشاللىقىڭنى.
چىرايىڭدىن كەتمىسۇن كۈلكە ،
ھەسرەت تېغى باسمىسۇن سىنى .
مۇشۇ تەرىقىدە ئىككىمىز بىر- بىرىمىز گە دەرتلىمىز نى تۈكۈشۈپ ياخشى سىرداشلاردىن بۇلۇپ قالدۇق بىر مۇشۇ تەرىقىدە بىر بىرىمىزگە تەسەللى ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدۇق . لېكىن مۇشۇ سىردىشىش ۋە پاراڭلىشىشلار جەريانىدا بىز بىر- بىرىمىز گە مەن سىز نى ياخشى كۈرۈپ قالدىم دىيىشىپ باقمىغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئارلىقىمىزمۇ خېلىلا يىراق ئىدى . مەن بىر قېتىم تۇققان يوقلاپ ئۇ تۇرغان شەھەرگە كەلدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىىڭ بىلەن بىر كۈرۈشۈپ بېقىش ئىستىكىدە ئۇنىڭغا تېلىفۇن بەردىم ، ئۇ مىنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالدى ، بىز خۇددى كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ ئۆسكەن دوسلاردەك پاراڭلىشىپ كەتتۇق . بىز يەنە مۇنبەر، كەسىپ ( ئۇنىڭ كەسپى كومپىيۇتىر رىمۇنۇت قىلىش ۋە قۇراشتۇرۇپ سېتىش ئىدى، مىنىڭ بولسا قول تېلىپۇن رىمۇنۇت قىلىش ئىدى ) ، تۇرمۇش توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق ، بىز كۈرۈشكەن ئەشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىمۇ ئىككىمىز نىڭ مۇھەببەت ئىشىمىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدۇق .
بۇ قېتىملىق ئۇچۇرشىش بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇرشىشىمىز ئىدى . مەن قايتىدىغان ۋاقتىمدا ۋاقتى بولسا مەن تۇرغان شەھەرگە بېرىپ ئويناپ كىتىشىنى دەپ ئۇنى تەكلىپ قىلىپ قۇيۇپ كەتتىم ،. ئارىدىن ئككى ئايدىن كىيىن ئۇ مىنى يوقلاپ مەن تۇرغان شەھەرگە كەپتۇ ، بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچۇرشىش بىزنى تېخىمۇ يېقىن قىلىۋەتتى ، قايتىدىغان چاغدا ئىككىمىز خاتىرە ئۈچۈن بىر پارچىدىن رەسىمگە چۈشۈپ خوشلاشتۇق . كىم بىلسۇن مۇشۇ رەسىمنىڭ ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ بىزنى دوسلۇقتىن مۇھەببەت قاينىمىغا باشلاپ كىرىشىنى . ئۆيدىكىلەرنىڭ بالام تىزراق بىرسى بىلەن بېشىڭنى قۇشۇپ ئۆيلەپ قويساق بۇلاتتى دەپ بېشىمنى ئاغىرتىپ كىلىۋاتقان ئۆيدىكىلەر ئىككىمىز بىللە چۈشكەن رەسىمنى كۈرۈپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر مەندىن كوچىلاپ سۇراپ تۇرۋالغاچغا مەن ھەممىنى دەپ بەردىم يەنە ئىككىمىزنىڭ ئادەتتىكى دوس ئىكەنلىكىمىزنىمۇ قۇشۇپ قويدۇم . لېكىن ئويدىكىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى ..... راس گەپ قىلسام مەن بۇرۇنلا «شەھلا» نى ياقتۇرۇپ قالغانتىم ،لېكىن مەن بۇرۇن نۇرغۇن تور بەت ، مۇنبەرلەردىن توردىكى مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى يالغان ، توردىكى مۇھەببەت ، ئالدامچىلىق ،دەپ بىلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ،يەنە كىلىپ ئىككىمىزنىڭ ئارلىقىمىز تېخى يىراق ئۆيدىكىلەرگە دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ قۇشۇلىشى ناتايىن ئىدى، مىنىڭمۇ بۇ ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . شۇڭا بۇرۇن مەن «شەھلا»غا سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم دەپ دىمىگەن ئىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر بىز ئۇ قىز بالا بىلەن بىر كۈرۈشۈپ باقايلى ئۇ قىز كەلسۇن دىدى ، ئۇ كەلدى ئۆيدىكىلەر ئۇ قىز بۇلىدىكەن لېكىن ئارلىقى بەك يىراقكەن دەپ ئىككىلىنىپ قالدى ..........
شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارلىقدا نۇرغۇن كۆڭۈللۈك ۋە كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بەردى ، بەزىدە كۈلسەك بەزىدە يىغلىدۇق . بۇ يۈزبەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر تەقدىر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ئۆز-ئۆزۈمگە بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ دەپ تەسەللى بىرىپ يۈردۈم ، مانا بۇگۈنگە كەلگەندە بىز مىنىڭ ئاتا-ئانام ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە چوڭلارنى قايىل قىلىپ ،رازى قىلىپ بۇ تويىمىزنى قىلدۇق.
كۈنلىرىم ئاللا ئىلتىپاتى بىلەن خۇشال-خۇرام ، تىنىچ-ئامان ئۈتىۋاتىدۇ..............
شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم : مەڭگۈلۈك داغدام يول يوق ، مەڭگۈلۈك مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدىغان قىيىنچىلىق يوق ، پەقەت ئىشەنچ ۋە ئىرادە بۇلغاندىلا ، ھەر بىر بەخىتسىز تۇپراقتىنمۇ بەخىت ئۇرۇقىنى تاپقىلى بۇلىدۇ .
بەلكىم بەزى تورداشلار مىنىڭ يوللىغان بۇ تىمامنى كۈرۈپ بەكلا بىمەنە تىمىكەن دىيىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلىرى بولسا بىر ئاشىق بولسىمۇ مۇرادىغا يىتىپتۇ دەپ مەن ئۈچۈن ىۇشال بۇلىشى مۇمكىن .
مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىم : توردىكى مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى راس ، چىن- ھەقىقى مۇھەببەت دىمەكچى ئەمەسمەن ، بەلكىم مىنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىلىرىم بىر تەقدىر بۇلىشى مۇمكىن . مەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ شۇنى ھېس قىلدىمكى : بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچ مۇكەممەل بولغاندىلا مەيلى توردىكى بولسۇن ۋەياكى ئەتىراپىمىزدىكى مۇھەببەت بولسۇن ھەممىسى ھەقىقى - مۇھەببەت خالاس .........