مانا ھازىر كۈندە تىلفۇنىمغا كەلگەن ئون ئۇچۇرنىڭ توققۇزىنى سەن يوللىغان . تىلفۇنىڭنى ئالمىغىنىمغا قىيداپ يوللىغان ئۇچۇرلىرىڭمۇ - بۇ ؟ ۋەياكى ئۆز ۋىژدانىڭغا يۈز كىلەلمەيماۋامسەن ؟ ياكى بولمىسا ئۆزۈڭ دىگەندەك بىرسىگە " خوتۇن " بولغۇڭ كىلىپ قالدىمۇ ؟ جىنىم يار - يارىم ، ھازىر قانداق بىر ئىچىنىش ئىچىدە بۇلارنى يىزىۋاتقىنىمنى بۇلەمسەن ؟ يۈرەكلىرىمنىڭ نىمە - نىمە بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالامسەن ؟ ياق ، سەندە بۇنى ھىس قىلغۇدەك يۈرەك يوق ، ھىس قىلالىغان بولساڭ ئىدىڭ بۇگۈنكىدەك كۈنگە كەلگەندە ئالدىمغا يالۋۇرۇپ ، " ساڭا قىلغانلىرىمغا پۇشمان قىلىۋاتىمەن ... " دىمەس ئىدىڭ . بۈلىمەن ، كۆيەك ئازابىنىڭ بىرسىنى قانچىلىك قىينايدىغانلىقىنى ، نىم - نىمە كويلارغا سالمايدىغانلىقىنىمۇ ھەم بۇلىمەن . بوپتۇ خەر ، سەنمۇ شۇ ئاچچىق ئازاپلاردىن ئازىراق تىتىپ باق ، ئاندىن ھەققىقىي ئازاپنىڭ نىمىلىكىنى ، ھەققىقىي ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بۈلۈپ قالارسەن .
ئىسىڭدە بارمىكىن ؟ شۇيىل قىش يۇرتىمىزدا بەك كۈشلۈك بولدى ، ئەگەر زىيادە قىلىنراق بىرنەرسە كىيىۋالمىسا ھەرقانداق كىشى توڭلاپ ئۆلۈپلا قالاتتى ، قارمۇ قەيەردىن چۈشۈۋاتىدىكى تاڭ نەچچە كۈندە بىر تۆكۈلەپلا تۇراتتى .
كۈندە مەكتەپكە كەلسەم يىنىمدا سەن ، يىنىمدىلا ئەمەس كۆڭلۈمدىمۇ ھەم پەقەتلا سەن . ھەتتاكى دەمئىلىشكە قويۇپ بەرسە يىنىمدا ئولتۇرماي سىرىتقا چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىڭنى كۆرگەن كۆزلۈرۈم ئىختىيارسىز نەملىنەتتى . يۈرۈكۈمنى خۇددى بىر غايىپ كۈچ سۇغۇرۇپ كىتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . " نىمىشقا مەن بىلەن ئۇزاقراق بىللە ئولتۇرمايدىغاندۇ ؟... " دائىما مۇشۇنداق ئاچچىق ھىسلارغا چۈمۈلۈتۈم . سىنىڭ ئاشۇ پىشىڭنى قىقىپ چىقىپ كەتكىنىڭدىن ئىچىناتتىم . تۈگۈمەس خىيال ، ئاخىرى چىقماس سوغۇق ۋە چىڭقاق خىيال ...
بىز يەنە پارتىداش بولۇپ ئولتۇرىۋەردۇق ، سەن ھەتتا مەن بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىڭغا نارازى بولساڭمۇ لىكىن مەن شۇنچىلىك خۇش ۋە بەخىتلىك ئىدىم . ھەر كۈنى دەرىستىن چۈشكەندە مەكتەپتىن بىللە قايتاتتۇق ، سەن ۋىلسىپىتىڭنى مىنىپ غۇيۇلداپ كىتىپ قالاتتىڭ مەن بولسام يۈزۈمنىمۇ بىريەرگە قايرىپ قويۇپ سىنى قوغلايتتىم . ساڭا يىتىشىۋالغاندا بولسا ئۆزۈمنى خۇددى بىر جەڭدە غەلبە قىلغان ئىنساندەك شۇنچىلىك خۇشال تۇتاتتىم . ئەتىگەنلىرى بولسا ئۆزۈمنى قىشىنى - ياز دىمەي سىنىڭ مەھەللەڭنىڭ ئالدىدا كۆرەتتىم . ئالتە يىرىمدا كۆرىشىلى دىسەم ماقۇللىقمۇ بۈلدۈرمەي كىتىپ قالغىنىڭدا ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ ماقۇل دىدىغۇ دەپ ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئالتە بولماستا ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا ئۈنۈپ بولاتتىم . بىراق سەن سائەت يەتتە يىرىم لەردە ئاران چىقاتتىڭ ، سىنى ساقلاپ تاقىتىم تاق بولاتتى . چىققىنىڭنى كۆرگۈنۈمدە بولسا خۇشاللىقىمدىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالمايتتىم . " ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ؟ " كۆرۈشۈپلا تىشلىق سورايتتىم " ھە ! " جاۋابىڭ مۇشۇ ئىدى . نەچچە قىتىم " ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام دە ، يامان بولىدۇ ... " دىگەنلەر توغىرىسىدا ئۇرۇشۇپمۇ كىتەتتۇق . بىر ھەپتىدە بىركۈن ياخشى ئۆتسەك ئالتە كۈن ئۇرۇش جىدەل بىلەنلا ئۆتەتتى .
2007-يىل 1-ئاي
بۇگۈنمۇ بۇرۇنقى ئادىتىم بويىنچە سەھەر سائەت بەش يىرىمدىلا ئەتىگەنلىك ناشتىمۇ قىلماي ئاپامغا " مەكتەپكە بىرىپ چىنىقىمەن " دىگەندەك يالغان گەپلەردىن ئىششەك توقۇپ ئۇچقاندەك يىنىڭغا باردىم . بارسام سىنىڭ يەنە بۇنداق بالدۇر چىقالمايدىغانلىقىڭنى بۈلەتتىم يۇ لىكىن ئىچ - ئىچىمدە بىر نىمىلەر تىپىرلاپ مىنى ئۆيدە ئولتۇرغۇلى قويمايتتى .
بۇگۈن باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا باشقىچىلا سوغۇق ، يەرمۇ خۇددى لىباستىن تون كەيگەندەك ئاپ - ئاق ، يوللار ئەينەكدەك مۇز تۇتقان . لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقىنى ۋىلسىپىتنى غۇيۇلداپ ھەيدەپ كىتىۋاتقاندا يۈزلۈرۈمگە خۇددى زىخ سانجىلغاندەك تاراسلاپ سانجىلاتتى . يۈزلۈرۈپ ئىيچىشتى ، تىيىلدىم يىقىلدىم ، قوپتۇم ، يەنە تىيىلدىم يىقىلدىم ، يەنە قوپتۇم ... بۇنارنىڭ نەچچە قىتىم تەكىرارلانغانلىرىنى بۈلمەيمەن . يامان تەسلىكدە مەنزىلىمگە يەنى يەنە شۇسىنىڭ بوسوغاڭغا كەلدىم . خۇش بولدۇم ، بايامقى يىقىلغانلىرىم ، توڭغانلىرىم پۈتۈنلەي ئىسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتتى . يىڭى بىر ھاياتى كۈچكە كىردىم . ئەنە ، ھەركۈنى سەن ۋىلسىپىتىڭنى غۇيۇلداتقىنىڭچە كىرىپ كىتىغان مەنزىل ، ئەنە ، سىنىڭ كەينىڭدىن تاكى قاراڭ يۈتۆۈچە قاراپ قالىدىغان مىنىڭ سىمايىم . شۇنداق بىر مەنزىلە كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى ، كۈلۈپ تاشلىدىم . نىمە كۈلگۈنۈمنى بۈلەمسەن ؟ سىنى يەنە بىر قىتىپ ئەسلىۋالغانلىقىمغا ، سىمايىڭنى كۆزئالدىمغا ئەكىلىۋالغانلىقىمغا كۈلدۈم .
سوغۇق ئەجەپ كىتىشكە باشلىدى ، بايامنىڭزى ئىللىغان بەدىنىم ئەمدى قايتىلاتىن تىتىرەشكە باشلىدى . يەرنى تىپىپ تىپچەكلەپ كەتتىم ، قوللۇرۇمنى ھىلى يانچۇغۇمغا ، ھىلى بولسا قولتۇرلۇرۇمغا سۈركەيتتىم . ھىچ ئارام بولمىدى ، ئۇيان بۇيانغا توختىماي ماڭدىم ، بۇمۇ كار قىلمىدى ، ئاخىرى بىر چاغدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بىشىمنى كۆتۈرۈپ دەرۋازاڭغا قارىغىنىمچە تۈگۈلۈپلا قالدىم . بۇنداق قىلغىنىمدا يا بەدەنلىرىمدىكى ئىسسىقلىق قاچمىغاچقىمۇ ۋە ياكى سىنىڭ بوسۇغاڭدىن كۆزۈمنى ئالماي قاراپ تۇرغاچقىمۇ ئىيتاۋۇر ئۆزەمنى باشقىچىلا ئىللىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم . تاكى مەن كىلىپ بىر يىرىم سائەتتىن كىيىن سەن چىقتىڭ ، شۇنداق يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىۋالغان ، دولىسىدا بوخچا ، ئالدىرماي چىقىۋاتقان تونۇش چىراي .... بەدەنلىرىمگە قايتىلاتتىن جان كىرىشكە باشلىدى ، ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم . سەن مىنى كۆردۈڭ ، كۆردۈڭ - يۇ مەنزىلىڭنى ئۆزگەرتىپ ئاپتىبوس بىكىتى تەرەپكە قاراپ يول ئالدىڭ . بۇۋاقىتتا قانداق ھىسلارغا كەنگىنىمنى بۈلەمسەن ؟ ساڭا شۇنچىلىك نەپرىتىم كەلدى ، يۈگۈرۈپ بىرىپ تەستەكلىرىڭگە نەچچىنى ئۇرۇۋەتكىم كەلدى . لىكىن ئۆزۈمنى تەسلىكتە تۇتىۋىلىپ يەنە كۈلۈمسىرىگىنىچە يىنىڭغا باردىم . " ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم " سەندىن ھىچ تاۋۇش چىقمايتتى . بىكەتتە بىردەم بىللە تۇردۇق . سىنىڭ ئاپتۇبۇسقا چىقماقچى ئىكەنلىكىڭنى بۈلەتتىم لىكىن سەن بىلەن ئازىراق بولسىمۇ بىللە مىڭىش، ئاپتۇبۇسقا چىقماسلىقىڭنى ئۆتۈنۈپ توختىماي گەپلەرنى قىلىپ زىھنىڭنى ئىلىپ قىچىشقا تىرىشاتتم . " ساراڭمۇ -يا سىز ؟ نىمە تولا كەينىمگە كىرىۋالىسىز ؟ قانچىلىك نىمتىڭىز ؟ ئىشىڭىز يوقمۇ سىزنىڭ ؟ ... " بىرتاغار ئاچچىق تىللىرىڭغا كۆمۈلۈپ قالغان مەن يەنىلا ئۈندىمەستىن ساڭا قاراپ تۇرىۋالدىم . بايامقى سىنى ساقلاش ئۈچۈق كەتكەن جاپالىرىمنى ، توڭغۇنۇمنى ئويلاپ كۆزلۈرۈم ئۆزۈمگە بويسۇنماي " تۆكۈلىمەن - تۆكۈلىمەن " دەپلا تۇراتتى ." سىنى مىنىڭ قىلغانلىرىمغا تەسىرلەنسىكەن دىمەكدىن باشقا نىمە ئويۇم بار ؟ ئەلىۋەتتە ، سەن ئۈچۈن جىنىمدىنمۇ كىچىشكە مەن رازى ..... " مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىپ تۇرغۇنۇمدا ئاپتۇبۇس كەلدى . سەن بولساڭ ئالدا كەينىڭگە قاراپمۇ قويماي پىشىڭنى قاققىنىڭچە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ كەتتىڭ . كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولۇپ كەتتى ، بايامنىڭزى سوغۇقتا تولا ئولتۇرۇپ ئۇيۇشۇپ ساقايغان پۇتۇم ئەمدە قايتا ئۇيۇشۇشقا باشلىدى ، پۇشۇن بەدىنىمدىكى تومۇرلاردا ئاققان قان ئۆزۈمگە سىزىلىپ تۇراتتى . تۇيۇقسىز نەدىن كەلدىكى ئىككى تامچە ياش يۇزۇمدىن توغۇرىسى يۈرۈگۈمدىن سۇغۇرلۇپ چۈشتى . يول بويىدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم ، بىشىپ ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەك سىرقىراپ ئاغىرىشقا باشلىدى . تۈگۈلدۈم ، سىنىڭ تاش يۈرەكلىگىڭگە تىزپۈكدۈم ، بايامنىڭزى سىنى دەپ ئاپامنى ئالداپ ، ەييار قىلىپ قويغان ناشتىلىقىنىمۇ داستىخاننىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويۇپ قىچىپ چىققانلىرىمغا ، يولدا ۋىلسىپىت بىلەن كەلگۈچە مىڭنى يىقىلىپ مىڭنى قوپقانلىرىمغا ، سوغۇقتا سىنى ساقلاپ كۆرمىگەن سوغۇقنىڭ دەردىنى تارىتقان بەدىنىگە ئىچىم ئاغرىدى . ئۆزۈمنى باشقۇرالماي ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم ........
 |