ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى كىشلەر ئالدىدا تۇراتتى . بىر ئادەم كېلىپ ئۇنىڭىدىن : ئىمان دېگەن نىمە ؟ دەپ سورىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << ئىمان دېگەن ، ئاللاھقا ، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، ئاللاھقا مۇلاقەت بولۇشقا ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىققا ئىمان كەلتۈرۈش ( ئىشىنىش ) >> ، دەپ جاۋاب بەردى . ئۇ ئادەم : ئىسلام دىگەن دىمە ؟ دەپ سورىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << ئىسلام دىگەن ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈمەي ئىبادەت قىلىش ، ناماز ئوقۇش ، پەرىز زاكاتنى بېرىش ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش >> ، دەپ جاۋاپ بەردى . ئۇ ئادەم : ئېھسان دىگەن نىمە ؟ دەپ سورىدى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << ئېھسان دىگەن ، ئاللاھقا خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ئىبابەت قىلىش ، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ >> دەپ جاۋاپ بەردى . ئۇ ئادەم : قىيامەت قاچاپ بولىدۇ ؟ دەپ سورىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << جاۋاب بەرگۈچى سورىغۇچىدىن ئارتۇق ئەمەس ، قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بېرەي ، دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا ، پادىچىلار چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ . قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش مەسىلىسى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بەش تۈرلۈك غايىب نەرسىنىڭ ئىچىدە بار >> . دىدى . ئاندىن : << قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ >> دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئادەم ئارقىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە : << ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىڭلار >> ، دېدى . ساھابىلەر قارىۋىدى ، ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << ئۇ جىبرىئىل بولىدۇ ، كىشلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىنى تەلىم بەرگىلى كەلگەن >> . دىدى . K)-Gv|*
t
- ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان h
bZ]DRg
z@70{*
ھەدىس شەرىفىتىن ئۈنچە مارجانلار دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى . A%Ov.~&\G
Z)V m,ng
مۇسلىمە
 |