مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 69 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : مۇراببا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى شۇنداقلا ئۇنى تەييارلاش ھەققىدە
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4418
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 1.71%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 120
  ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 83(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-21
  كىرىشى: 2010-07-31

0

 مۇراببا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى شۇنداقلا ئۇنى تەييارلاش ھەققىدە



مۇراببا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى شۇنداقلا ئۇنى تەييارلاش ھەققىدە
ئاۋۋال مۇراببا ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە يازىمىز . ئاندىن كېيىن ئۇنى تەييارلاش ئۇسۇلى بىلەن بىللە مىسال قىلىپ ئالما مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز؛
مۇراببا ھەر خىل مېۋىلەرنى پۈتۈنى بويىچە ياكى پارچىلاپ شېكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان شىرىلىك ياسالما.بەزىلىرىگە ھەسەل ئىشلىتىلىدۇ.
مۇراببا قۇۋۋەتلىك ، تاتلىق ۋە تەملىك بولۇپ ، پۈتۈن بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .
مۇراببالارنىڭ تۇراقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ، مەلۇم مەزگىل ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
مۇراببانىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى ئەنجۈر ، قارا ئۆرۈك، بىھى ، ئالما ، سەۋزە ، غورا ، زەنجىۋىل، گىلاس ، كۆك سۇلتان، جىنەستە ۋە ئالگىرات قاتارلىقلار....
ئەمدى مۇراببا تەييارلاش ئۇسۇلىغا ئۆتىمىز؛
مۇراببالارنى ئامال بار مۇراببا تەييارلىماقچى بولغان مىۋە ھۆل ۋاقتىدا تەييارلىغان ياخشى ، ئەگەر مېۋە شاختىن تۆكۈلمەستە ئۈزۈۋېلىپ تەييارلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . ئەگەر ھۆل مېۋە يوق بولۇپ قالسا مېۋە قاقلىرىنى سۇغۇق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ ياكى قۇمغا كۆمۈپ سۇ بىلەن نەمدەپ تۇرۇپ ، مېۋە ھۆللۈكىگە يانغاندىن كېيىن شېكەر قىيامىدا پۇشۇرۇپ تەييارلاش كېرەك .
مۇراببا تەييارلاش ئۈچۈن بىر ھەسسە مېۋىگە بىر يېرىم ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، مېۋىسىنى سۈزۈپ ئېلىپ ، سۈيى بىلەن شېكەرنى قىيام قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشتا سۈزۈۋالغان مېۋىنى سېلىپ ، يەنە قاينىتىپ سۈيى تۈگەپ قىيامى قالغاندا ئوتتىن ئېلىپ تەييارلىنىدۇ .
مۇرابباغا ئىشلىتىلىدىغان شېكەر مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ ، بۇنى شۇ مۇراببانىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن .
مۇراببا ياساشتا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش ئۇنىڭ قىيامىنى تەڭشەش؛ قىيامى تۆۋەن ئېلىنىپ قالسا زامبۇرۇغلارنىڭ كۆپىيىشى تېز بولۇپ قېلىپ مۇراببا بۇزۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، زىيادە قۇيۇق بولۇپ قالسا شېكەر قېتىپ ناۋات ياكى كىرىستال ھاسىل بولۇۋالىدۇ. مۇراببابىڭ سۈيى كۆپ ، قىيامى بوش بولۇپ قالسا يەنە قاچا – قۇچىلار پاكىز ۋە قۇرۇق بولماي قالسىمۇ ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا يۇقىرىدا دېيىلگەنلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك . بەك ئۇزاق ساقلىمايلا ئىشلىتىلىپ تۈگەيدىغان مۇراببالارنىڭ قىيامىنى بەك يۇقىرى قىلمىسىمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۇزۇنراق ساقلايدىغان مۇراببالارنىڭ قىيامىنى ئەلۋەتتە يۇقىرى ئېلىش كېرەك.
ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا چىرىشكە قارشى تۇرغۇچى ئادەم ئورگانىزمىغا زىيان قىلمايدىغان چىرىشتىن ساقلىغۇچىلارنى ئىشلىتىش مۇمكىن . مەسىلەن ؛ناترىي بىنزۇئىكۇم ۋە نېپاگىن قاتارلىقلار....
ناترىي بىنزۇئىكۇمنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى تەخمىنەن مۇنداق بولىدۇ ؛ يەنى ھەر 100 مىللىلىتىر سۇيۇقلۇققا 0.3-0.5 گىرامغىچە ...
نېپاگىننىڭ بولسا ھەر 100 مىللىلىتىر سۇيۇقلۇققا 0.02-0.05 گرامغىچە .....
ئەگەر مۇراببالار قىيامى بوش بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ياكى باشقا بىر سەۋەبلەردىن كۆكۈرۈپ ، پاختىلىشىپ ، غەيرىي پۇراق ۋە تەم پەيدا بولۇپ قالغان بولسا ئۇنى تاشلىۋەتمەستىن ئاۋۋال ئۈستىدىكى پاختىلاشقان ياكى كۆكۈرۈپ قالغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپ ، پاكىز بولغاندىن كېيىن بىر ئاز شىكەر بىلەن قايتا قاينىتىپ تەييارلىسا بولىدۇ .
يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى  ، مۇراببالار قايناپ تەييار بولغاندىن كېيىن ، ئوتتىن چۈشۈرۈپ ئاغزى ئوچۇق پېتى  سۇۋۇغىچە قۇيۇپ قويۇش كېرەك .
مۇراببالارنى قاچىلاشقا ئىشلىتىدىغان قاچىلار قۇرۇق بولۇشى يەنە ئىمكان بار سىرلىق قاچا-قۇچىلارغا قاچىلىنىشى كېرەك . ئىشلەتكەن ۋاقتىدىمۇ ئكزى قۇرۇق ۋە ياغاچ قۇشۇق بىلەن ئېلىش كېرەك ، بولمىسا بۇزۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .
يۇقىرىدا دېيىلگەن شەرتلەر بويىچە تەييارلانغان مۇراببالار بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۈنۈمىنى ساقلىيالايدۇ.
ئەمدى ئالما مۇرابباسى ياساش ھەققىدە سۆزلەيمىز؛
ياخشى پىشقان تاتلىق ئالمىدىن 3كىلوگرام ئېلىپ ، ئاقلاپ ، نىپىز يالپاقلاپ ، توغراپ 2 لىتىرسۇ بىلەن سىرلىق قاچىدا ئىچىدكى سۈيى بىر لېتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن ئالمىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ سۈيىگە  شېكەردىن 2 كىلوگرام سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ ، ئاندىن سۈزۈۋېلىنغان ئالمىنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ سۇس  ئوت بىلەن سۈزۈك رەڭگە كىرگىچە   قاينىتىلسا ئالما مۇرابباسى تەييار بولىدۇ . بۇ مۇراببانىڭ تەبىئىتى ھۆل  سوغۇق بولۇپ ، ھەزىم  بۇزۇلۇشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى ، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك ئاجىزلىقى، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.كۈنلۈك ئىستىمالى  ئىككى  قۇشۇقتىن ئۈچ ۋاخ بولىدۇ. (ئەگەر مۇراببا ئېچىپ قالسا 500گرام شېكەر سېلىپ ئازراق قاينىتىۋېتىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.
تۆۋەندە بىر نەچچە خىل مۇرابباغا ئىشلىتىدىغان تەركىبلەرنى قالدۇرۇپ قويىمىز ، مۇراببا ئالدىدا ئېيتىلغىنى بويىچە تەييار قىلىنسا بولىدۇ .
ئەنجۈر مۇرابباسى:
ھۆل ئەنجۈر 20 دانە ، شىكەر بىر كىلوگرام  سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
قارا ئۆرۈك مۇرابباسى: قارا ئۆرۈك 1 كىلوگرام ، شىكەر ئىككى كىلوگرام ، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا .
بىھى مۇرابباسى : ياخشى پىشقان تاتلىق بىھى ئۈچ كىلوگرام ، سۇ 2500 مىللىلىتېر ، شىكەر ئىككى كىلوگرام .
زەنجىۋىل مۇرابباسى : ھۆل زەنجىۋىل 150 گرام ، سۇ 300مىللىلىتىر، ھەسەل 450 گرام .
ھېلىلە مۇرابباسى : ياخشى ساپ ھېلىلە 100گرام ، شىكەر 200گرام ، سۇ مۇۋاپىق .
تېما تەييارلىغۇچى : تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن : كۆكيال
يېڭى تىمىلار:
بارلىق يازمىلار>>
-سىز كۆرۋاتقان تىما مۇراببا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى شۇنداقلا ئۇنى تەييارلاش ھەققىدە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sahraogli تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-31, 04:44
خان دەك ياشاپ ئۆتىمەن

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3970
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
ئۆسۈش: 2.26%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 158
  ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 720 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 142(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-14
  كىرىشى: 2010-07-31

تەپسىلى يىزىپسىز جۇمۇ  ، ئەگەر خالىسىڭىز گۈلقەنىتنىڭ بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپ تىكەن .
خان ___ ئۇيغۇرخان  .
كۈلۈپ ياشا ،ئاي!!!

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1729
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە456دانە
ئۆسۈش: 2.85%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 456
  ياخشى باھا: 99 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5032 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 632(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-07-31

بولسا قارا ئۆرۈك مۇرابباسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تەييارلاش ئۇسۇلىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.مەن ئۆگىنەي دەپ يۈرەتتىم.
تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4418
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 1.71%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 120
  ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 83(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-21
  كىرىشى: 2010-07-31

ماقۇل ، ئەمىسە بىر ئىككى سائەت تەخىر قىلىڭلار .
راھەت جاپاسى بىلەن،مۇھەببەت ۋاپاسى بىلەن.

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3385
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە269دانە
ئۆسۈش: 3.84%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 269
  ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1003 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 52(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-05
  كىرىشى: 2010-07-31

رەھمەت بەكلا تەپسىلى يىزىپسىز      
دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4418
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 1.71%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 120
  ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 83(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-21
  كىرىشى: 2010-07-31

بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر تىما  يوللىسام  يوققۇ ؟  

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 971
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە465دانە
ئۆسۈش: 2.91%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 465
  ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2647 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 868(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-08-01

مىنىڭ مۇراببا بىلەن پەقەت خوشۇم يوق، پەقەت يىيەلمەيمەن،........... IJ!]1fXy+  
ئاپام بەك تولا قىلىپ بىرىدۇ.............باشقىلار بەك ئامراق......   
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4418
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 1.71%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 120
  ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 83(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-21
  كىرىشى: 2010-07-31

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت خان كە 2010-07-31 02:21 PMئەۋەتىلدى : kG?tgO?*  
تەپسىلى يىزىپسىز جۇمۇ  ، ئەگەر خالىسىڭىز گۈلقەنىتنىڭ بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپ تىكەن . En5Bsz !  
xg'0YZ\t  
كەچۈرۈڭ ، بۇ ھەقتە يوللىغان تېمام چىقماپتۇ ، ئەپسۇسلۇق ئىش بولدى .
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4418
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 1.71%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 120
  ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 837 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 83(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-21
  كىرىشى: 2010-07-31

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت suzuk-ay كە 2010-07-31 02:28 PMئەۋەتىلدى : bzUc;&WDz  
بولسا قارا ئۆرۈك مۇرابباسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تەييارلاش ئۇسۇلىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.مەن ئۆگىنەي دەپ يۈرەتتىم. @ Chj0wWZ>  
_ZR2?y-M  
كەچۈرۈڭ ؛ قارا ئۆرۈك مۇرابباسى ياساش ھەققىدىكى تېمام چىقماپتۇ ، يا ئورگىنالىنى ساقلىۋالماپتىكەن . ئەپسۇسلۇق  ئىش بولدى . ئەمدى سىزنىڭ باشتىكى قائىدىلەر بويىچە تەييارلىشىڭىزغا توغرا كەلدى .
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما