مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 160 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : 21-ئەسىردىكى سېرلىق مۇھاببەت

دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 5221
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0.2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 8
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 48 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 10(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-31
  كىرىشى: 2010-08-01

0

 21-ئەسىردىكى سېرلىق مۇھاببەت



ئەسسالام ئەلەيكۇم 
مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق تور داشلىرغا شوخ بىزدىن ئوتلۇق سالام
21-ئەسىردىكى سېرلىق مۇھاببەت
ئاپتۇرى:ئىمام ھەسەن <>
 
مۇقەددىمە

مەن دوستلۇرۇم بىلەن ئويناپ كەلمەكچى بۇلۇپ، دوستلۇرۇم مەسلىھەتلىشىپ مۇشۇ جايدىكى بىر كۇلۇبقا كىرىپ ئولتۇرۇشقا كىلىشىپتۇ ئەمما مەن چوڭ بۇلۇپ ھازىرغىچە ئۇنداق جايلارغا دەسسەپمۇ باقمىغان ئىشكىنىڭ قاياققا قارايدىغىننىمۇ بىلمەيتىم شۇ سەۋەبتىن مەن ئۇلارنىڭ ئۇ گىپىگە پەقەتلا قۇشۇلمۇدۇم.
ئارىمىزدىن ئەكبەر سەكلەپ چىقىپلا مىنى بەزلەشكە باشلىدى مەن ئەكبەرنى ئوبدان بىلەتتىم ئۇ مەھەلىمىزدە خېلە نامى بار ئۇرۇش مۇشلاش دىسە جېننى بىردىغان قايەردە چىرايلىق قىزلار بار دىسە زادى شۇيەرگە باماي بولدى قىلمايدىغان بالا ئىدى.
ئەكبەر مىنىڭ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ ئادىشىم ئىمام شۇ يەرگە بارايلىچۇ مەن چىرايلىق قىزلاردىن بىر ئىككىنى تېپىپ كېلەي خوشال ئويناپ چىقىپ كەتمەمدۇق دىدى،  ئەمما بۇ گەپ مىنىڭ قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىندى ،چۈنكى مەن كىچكىمدىن قىزلار با يەردە تۇرغۇم كەلمەيدىغان  قىزلار يېنىمدا بولسا پەقەت ئەركىن ئېچىلىپ ئولتۇرالمايدىغان ئادىتتىم بار بولغاچقا، كەسكىنلا ئۇنىڭ بۇ پىكرېگە قارشى تۇرۇپ قىزلار بولمىسا ئولتۇرغىلى بولمامدىكەن، ئولتۇرساڭلار ئۆزەڭلار ئولتۇرۇڭلار ،ئەمما مەن ئۇنداق سۇرۇنلارغا بارمايدىغان  دىيشىمگە يەنە بىر دوستۇم ئادىل گىپىمنىڭ بىلىگە تىپىپلا  ؛
-  ھە  ئىمام ئاخۇنۇم بېرىپ كەلمەمدۇق، ئەكبەرنىڭ قىزلىرنىمۇ كۆرۈپ كېلەيلى بولدى باشقا گەپنى قىلماي ئە ماڭايلى دېدى، باشقا دوستلۇرۇممۇ ھەم مەن ئاغىنىلىرىم ئارىسىدا ئەڭ كۆڭلۇم يېقىن ھۇسەنمۇ شۇنداق قىلايلى ماڭە دەپلا مىنى ئېلىپ ماڭدى.
مىنىڭ ئىسمېم ئىمام ھەسەن بولغاچقا ئاغېنىلىرىم ماڭا چاقچاق قىلىپ ئىمام ئاخۇنۇم دەپ ئاتىشاتتى ،يولدا ماڭغاچ ئۇلار چاقچاق قىلىپ ھە ئىمام ئاخونۇم ئۇنداق سۇرۇنلارغا بارمايتتى ،ئەمما بۈگۈن چۇقۇم ئاپىرمىز دەپ نەدىكى زاڭ چاقچاقلارنى قىلىپ ئاچىقىمنى كەلتۇرۋېتەتتى.
مېڭىپ-مېڭىپ كۇلۇبنىڭ ئالدىغىمۇ كىلىپ قاپتۇق . ئەكبەر ھە ئاداش كۆرۈۋال بىز كىردىغان جاي مانا مۇشۇ سىلەر كىرىپ تۇرۇڭلار ،مەن قىزلارغا تېلفون قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپلا كەينىڭلاردىنلا كېرەي دېيشىگە ھۇسەن ھە بولمىسا ئۆيىگە بېرىپلا ئەكىلەمسەن يا  دەپ ئەكبەرنى بىز زاڭلاشتۇردى، بالارمۇ  تەڭ قاقاقلاپ كۈلشىپ كەتتى ئەكبەر  ئەكەلسەم ئەكەلدىم سەن ئەكلالمىگەندېكىن مەن ئەكىلىمەن قانداق دەپلا بىزگە قاراپ قۇيۇپ تاكسى توسۇپ كېتىپ قالدى .
مەن كۆڭلۇمدە ھۇ ماز ھېجىقىز دەپ تىلاپ قۇيۇپ بالارنىڭ باشلىشى بىلەن كۇلۇب ئىچىگە كىردۇق. كىرىپلا كۇلۇب ئىچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلاردىن ۋە ناخشىنىڭ يۇقرى ئاۋازدىن شۇنداق زېرىكتىم .
ئاغىنەم ھۈسەن ھە ئاغېنىلەر بۇ يەردە ئولتۇرايلى دەپ ئىشىككە يېقىن بىر بولۇڭدا ئولتۇردۇق.
ھۇسەن ئادىل بىز بىرنەرسە ئەكېلەيلى دەپ كەتتى مەن يېنىمدىكى ئاغىنەمگە قارىغاچ شۇنداق چېرايلىق ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنى بۇزۇپ ئويناۋاتقان ياشلارغا قاراپ ئولتۇراتتىم.
توساتتىن ئادىل قولىدا گازېر قاتارلىق نەرسېلەرنى كۆتۈرۈپ يېنىمىزغا كەلدې مەن ھۈسەن قېنى دەپ سورىسام ئۇ ھە نەرسە كېرەك ئېلۋاتىدۇ دەپ جايىغا كېرىپ ئولتۇردى،مەن كەينىمگە قاراپ ھەيران قالدىم ھۈسەن بىر قۇلدا ئىككى سېلياۋ قاپاقنى كۆتۈرۈپ كەلدى .
مەن نېمە ئۇ دېسەم ھۈسەن ھاراق دېمەمدۇ ھاڭ تاڭدىلا قالدىم،مەن يېقىن كۆرۈپ ئاغىنېلىرىم ئارىسىدا ھاراق ئېچمايدىغان تاماكا چەكمەيدىغان ئوبدان ئاغېنەم دېگەن ئادەم بۇگۇن ئۆزى كۆتۇرۇپ كەپتۇ.
ھۇسەن جايىدا ئولتۇرۇپ ئادىلغا ئېشارەت قىلۋېدى ئادىل يانىدىن تاماكېنى ئېلىپ ھۈسەنگە سوندى مەن ئاچىغېمدا ھۇسەن ئازىدا چېشلەپ تۇرغان تاماكېنى ئېلىپلا نېمە قېلۋاتىسەن دەپ سورۇدۇم.
ئۇ ماڭا قاراپ بىر كۈلۈپ قۇيۇپ ئاداش شۇ مەنمۇ تاماكا چېكمەن دېمەمدۇ بېشىمدىن تۈتۈن چېكەتتى. نېمە دەيسەن سەن نېمەڭگە نېمەڭ يەتمەي تاماكا چېكسەن.
دەپ مەن ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي قاخشاپ كەتتىم ئادىل ئورنىدىن تۇرۇپلا ئاداش بىز يا ئاق چەكمېدۈق  تاماكا چەكتۇق بولدى قېلغېنا دەم مىنى توختۇتۇپ قويدى.
مەن ئاچىقىمدا ئولتۇرسام كەينىمدە بىرنىڭ ئەسسالام ئەلەيكۇم دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم باللارنىڭ ھەمىسى ئورۇنلىردىن تۇرۇشتى،مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەينىمگە ئۆرۈلسەم 17 ياشلار چامىسىدىكى 4 قىزنى ئەكبەر باشلاپ كېرىپتۇ باللار ئورۇندۇق تارتىپ ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
ئەكبەر قۇلقۇمغا كۈلۈپ تۇرۇپ بىر بىردىن ئوماق قىزلارمىكەن قاچانغىچە بويتاق يۈرۈيسەن بىرسى بىلەن تۇنۇشۋال پۇرسەتنى چىڭ تۇت دەپ قۇيۇپ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى.
مەن تازلىق ئۆيگە كىرىپ چىقاي دەپ ئادىلغا ئېشارەت قىلىپ قۇيۇپ سېرىتقا چىقىپ تۇردۇم.
مەن سېرىتقا چىقىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاندىم <<ئەگەر بۇجاھاندا ھاراق تاماكا مۇشۇنداق بىمەنەئۇيۇن تاماشا سۇرۇنلىرى بولمىغان بولسا نېمدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە>>دەپ شۇنداك خىيالارنى قىلىپ ئولتۇرسام توساتتىن ھە نېمە بۇيەرگە چىقۋاپسىلەرغۇ دىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ كەينىمگە قارىسام ئادىل  چىقىپتۇ  .
نىمە ئىچىدە ئولتۇرغۇڭلار كەلمىدىمۇ،؟  ھە بولسىغۇ ئاداش سىلە  خالىمايدىغان يەرگە كېرمىسەك ياخشى بۇلاتتى، ئەمما شۇ  ئەكبەرنىڭ بەك كېرگۈسى كېلىپ  كىتىپتۇ  يەنە بىرگە بۈگۈن شەھىدەنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنكەن ئەمەسمۇ  دېيشىگە مەن قوپۇپ شەھىدە كىم قىز ئۇ دەپ ئادىلنىڭ گېپىگە سۆز قىستۇردۇم ،ئادىل  ھېلىقى ئاق گاڭسار پادىچىلار ئىشتىنى كىيۋالغان  سىلەرنىڭ ئۇدۇلۇڭلاردا ئولتۇرغان قىز باغۇ  شۇ قىزنىڭ  ئىسمى شەھىدەكەن بۆگۈن ئۇنۇڭمۇ تۇغۇلغان كۈنكەن ئەمەسمۇ دېدى.
مەن كۆڭلۇمدە ھەجەپ مەن بىلەن بىركۇندە توغۇلغان قىز كەن ھە  دەپ ئويلۇدۇم،  ئادىل يۆرۇڭلار ئىچىگە كېرەيلى بۇ يەردە تۇرماي دەپلا مىنى ئېچىگە كېرىشكە ئېما قىلدى.
مەنمۇ ئىچىگە كىرىپ ئۆزئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرشۇمغا ئەكبەر ھە  ئاداش نىمە بولدى،؟ قىزلار كېرشىگە تازلىق ئوينى يوقلاپ كەلگۈڭلار كېلىپ كەتتىمۇ دەپ ماز كۈلگىلى تۇردى ، مەن ئەكبەرگە  تولا گەپ قىلماي ھارىقىڭنى ئىچە دەپ ئادىل قۇيۇپ تۇرغان ھاراققا ئېما قىلدىم.
توساتتىن ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بايا ئادىل بىلەن سېرىتتا گېپىنى قىلغان قىز  ئەكبەرگە قاراپ بۇ ئاغىنىڭزنى تۇنۇشتۇرمامسىز دېدى ،ئەكبەرمۇ قۇلدىكى رومكېنى قۇيۇپلا  سوز باشلىدى ،ھە تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي بۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئىمام ھەسەن بىز ئۇنى ئەكېلتىپ ئىمام ئاخونۇم دەپ قۇيمىز ،ئۆزى كومپىيوتىر شەھەرچىسىدە ئىشلەيدۇ كومپىيوتىر ئالماقچى بولساڭلار مۇشۇ ئاغىنىمىزنى ئېزدىسەڭلار بۇلدۇ  دەپ مېنى تۇنۇشتۇردى . قىزلارمۇ ماڭا ئوزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى ،مېنىڭ ئېسمىم گۇزەل،مېنىڭ ئىسمىم ئاينۇر ،مېنىڭ ئىسمىم زۇلخۇمار دەپ تۇرشىغا مىنىڭ ئۇدلۇمدىكى ھېلىقى قىز ھە مىنىڭ ئېسمىم شەھىدە تۇنۇشۇپ قالايلى، كەسپىمىز بىركەن مەنمۇ ئېلان شېركىتىدە ئىشلەيمەن. دەپ بىزنىڭ دۇكانغا يېراق بولمىغان بىر ئېلان شېركىتىدە ئېشلەيدىغانلىقىنى ئېيتى. مەنمۇ ئە بۇلىدۇ دەپ قۇيۇپلا  ئالدىمدىكى قىزىل چاينى ئىچىپ تۇرشۇمغا ، ئۇ يەنە سوز قىستۇرۇپ سىز ھاراق ئىچمەمسىز دەپ سورىدى. مەن ئۇنۇڭغا بىر قارىۋېتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ  ھىچ شۇ  نەرسىنى ئېچىپ ئۆگۈنىپ بولالمايمەنغۇ شۇ دېدىم ،گىپىم تۈگمەستىنلا ئۇ يەنە ھە ياخشىكەنغۇ ھازىرغىچە ئۆگەنمىگەنكىن ئۆگەنمەيلا قۇيۇڭ دېدى. ماڭا قاراپ كۇلۇپ تۇرۇپ مەنمۇ ئۇنۇڭغا قاراپ كۇلۇپ قويدۇم .
توساتتىن بىرمەيدان لېرىك تانسا باشلاندى بالىلار ئارىسدا تانسا ئوينىيالمايدىغان مەنلا بار ئېدىم باللارنىڭ ھەمىسى بىر بىرنى تارتىپ مەيدانغا چىكەتتى جوزىدا شەھىدە ئىككىمىزلا قالغان ئېدۇق .مەن ئەمدى ئالدىمدىكى سۈيۈمنى ئېچەي دەپ تۇرشۇمغا شەھىدە يەنە سىز تانسا ئويناشنى بىلمەمسىز ياكى مەن بىلەن ئوينىغىڭىز يوقمۇ دەپ ماڭا سۇئال نەزىردە قاراپ تۇراتتى .
مەن دەمالىققا نېمە دېيشىمنى بىلمەي ھە  ياقاي ئوينۇغۇم يوق ئەمەس شۇ ئويناشنى بىلمەيمەن دېدىم. بېشىمنى يەدىن ئۈزمەي تۇرۇپ ،ئۇ ھە ئۇنداقتا بىلمىسڭىز مەن ئۆگۈتۈپ قۇيايمۇ يۇرىڭە ئېكىمىز ئوينايلى ، دەپلا مېنىڭ يېنىمغا كەلدى .
مەن چاقچاق قىلىپ ئوينىمايلى مەن پۇتىڭىزغا دەسەپ تېرنىقىڭىزنى چېقىرۋەتمەي يەنە دېدىم. ئۇنۇڭغا كۇلۇپ تۇرۇپ ئۇمۇ كۇلۇپ كەتتى ھەم كۈلكېسنى تىزلا توختۇتۇپ  يا ئاشۇنداق بولار ئاۋال ئويناپ باقمايمىزمۇ دەپ تۇرشىغا ناخشا تۆگەپ مەيداندېكىلەرمۇ تارقاشتى .
ئۇ ماڭا قاراپ ھە مانا سىز تۇرماي ناخشىمۇ توگەپ قالدى ،كېيىنكى مەيداندا چۇقۇم ئوينايمىز ھە، دەپ  تۇرشىغا ئەكبەر يېنىمىزغا كېلىپ ھە نېمە ئېكىڭلار قانداق شەخسي پاراڭ قېلشىۋاتىسىلەر دەپ  بېرخىل مەنىلىك قاراشتا ماڭا قاراپ تۇراتتى،مەن نېمە شەخسى پاراڭ قېلىشماقچى ئېدۇق ،شۇ پاراڭلىشىپ دېيشىمگە ئەكبەر يانا پاراڭلىشىپمۇ ياكى پاراڭلىشىپمۇ دېدى ،كۇلۇپ تۇرۇپ مەن جېق گەپ قېلماي ئولتۇرە دېيشىمگە ئەكبەرمۇ  ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى .
ئېچىمدە يانا تانسا چېقمىسا بۇلاتتى دەپ ئولتۇراتتىم شۇنداق ئولتۇرسام ،توساتتىن بىرنىڭ يانفونى سايراپ دېقتېمنى بۆلۋەتتى،ئۇ سايرىغان يانفون شەھىدەنىڭ ئېدى ئۇ تىزلا يانفوننى ئېلىپ سېرىتقا چىقىپ كەتتى، بىرھازا ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ كېرىپ كەچۇرۇڭلار ئاپام ئۆيگە تىز قايتىپ كېلىڭ دەپ تېلفون قېلىپتۇ ،مەن قايتاي دەپ تۇرشىغا ئادىل بۈگۈن توغۇلغان كۆنڭىزكەنغۇ يەنە بىردەم ئولتۇرمامسىز سەل تۇرۇپ بىز ئاپىرىپ قۇيايلى دېدى .
   مەن بۇگەپنى ئاڭلاپلا  ئادىلغا ھە بولدى قىل ئاپىسى تېلفون قىپتىغۇ قىزبالا بولغانكىن بالدۇر قايتىپ كەتكېنى ياخشى دېدىم ، شەھىدەممۇ ماڭا قاراپ كۇلۇپ قۇيۇپ  ئەمسە ھەممڭلار بىلەن ئەتە كۆرشەيلى، مەن قايتاي دەپ تۇرشىغا ھۇسەن ھەي بولمىسا ئىمام سىزنى ئاپىرىپ قويسۇن دېدى، بالارمۇ ھە بولمىسا شۇنداق قىلمامسىلەر دېيىشتى ئادىل ماڭا قاراپ سەن شەھىدەنى ئاپرىپ قۇيۇپ كەل ئەمسە دېدى .
مەنمۇ قىز بالا بولغاندىكىن كەچ بۇپ كېتىپتۇ يولدا يەنە بىر ئىش چېقمىسۇن دەپ ئاپرىپ قويماقچى بۇلۇپ  ئورنۇمدىن تۇردۇم ،ئۇ ماڭا قاراپ ئەمسە ماڭامدۇق دەپ ھەممەيلەن بىلەن خوشلۇشۇپ ئېشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى مەنمۇ ئەمسە ئاپىرىپ قۇيۇپ كېلەي دەپ كەينىدىنلا چېقتىم ،ئۇمىنى ئېشىك ئالدىدا ساخلاپ تۇرغان ئېكەن.
مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنداقتا ماڭامدۇق قاياققا ماڭمىز دەپ  سورۇدۇم ئۇ خەلىق مەيدانى تەرەپكە ماڭايلى ،ئۆيۈم ئاشۇ تەرپتە دەپ ماڭا يول باشلاپ ماڭدى، مەنمۇ  ئۇنىڭ كەينىدن ئەگىشىپ ماڭدىم .
يولدا كېتۋېتىپ ئۇماڭا قاراپ قىز دوستىڭىز بەك بەك تەلەيلىكەن، جۇمۇ سىز ھاراق ئىچمەيدىكەنسىز تاماكا چەكمەيدىكەنسىز قىز دوستڭىڭىز نېمىش قىلدۇ دەپ سورىدى.
مەن مېنىڭ قىز دوستۇم يوق دېدىم، ئۇنۇڭغا قاراپ ئۇ ماڭا ھەيرانلىق نەزىردە قاراپ تۇرۇپ نىمىشقا دەپ سورىدى مەن ئۇنۇڭغا قىزلار بىلەن مېجەزىمنىڭ كېلىشمەيدىغانلىقىنى چوڭ سەۋەبتىن دېگەندە قېزلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىمنى ئىيتقاندا ئۇ يەنە مەندىن نىمىشقا قىزلارغا ئىشەنمەيسىز دەپ سورىدى .
مەن ئۇنۇڭغا بىر قارىۋېتىپ ھازرىقى قىزلارغا ئېشەنگەندىن بىر زەھەرلىك يىلانغا ئېشەنگەن ياخشى  قىز بالا دىگەن ناھايتى ئۆزگۈرۈشچان ۋاختى كەلسە ، بىر تېلفون بىلەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن تونۇغىسىز ئۆزگۈرۈپ كېتىدىغان نەرسە شۇڭا قىز بالغا ئېشەنگەن ئادەمنىڭ ئوزى ساراڭ دېدىم .ئۇماڭا قاراپ قۇيۇپ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ بەش قول ئوخشاش بولمىغانداك قىزلارمۇ ئوخشاش ئەمەس ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسىڭىز قانداق بۇلدۇ دېدى ماڭا بىرخىل ئاچىقلانغان قىياپەتتە.
بىز يەنە بىر ھازا سۆكۇت ئىچىدە ماڭدۇق.كېيىن مەن ئۇنۇڭغا قاراپ سىزنىڭچۇ ئوغۇل دوستىڭىز نېمە خېزمەت قىلدۇ دەپ سورۇدۇم  ،ئۇ ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ شۇكلاپ تۇرۇپ ئۇ بېكارچى ئېدى بىز  1يىلدىن كۆپرەك يۇرگەن ئەمما ھازىر ئايرىلىپ كەتتۈق ئايرىلغىنىمىزغىمۇ 2 ئايدىن ئاشتى دېدى مەن ئۇنۇڭدىن يەنە ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز  دەپ سورۇدۇم ئۇمۇ ماڭا قاراپ كۇلۇپ قۇيۇپ  ئەلۋەتتە ئۇ بېكارچى خېزمىتى بولمىسىمۇ مەن ئۇچۇن بۇ جاھاندىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەڭ قەدىرلەيدىغان بىردىن بىر ئادەم ئېدى دەپ ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ گېپىنى تۈگەتتى . مەن يەنە  ئۇنداقتا مۇناسىۋېتىڭلارنى  ئەسلىگە كەلتۇرسەڭلار بولمامدۇ ،دىسەم ئۇ ماڭا ئۇ  ئۇنداق ئارسان ئىش ئەمەس .ئۇنىڭ ھازىر يۇرىۋاتقان قىز دوستى بار، يەنە بىرسىگە ئۇنىڭ ھازىرقى مۇھاببىتى مىنىڭ ساۋاقدېشىم دېدى . مەن ئۇنۇڭدىن بۇ سوئالنى ئارتۇقچە سورىغانلىقىمدىن خىجىل بۇلۇپ كەچۇرۇپ سورۇدۇم  .
ئۇ ماڭا ھېچقىسى يوق ئازىر ئۇنداق ئازابلانمايدىغان بۇلۇپ  قالدىم دېدى ،مەنمۇ ئۇنۇڭغا دېمىسىمۇ ئازابلانماي كۇنلىرڭىزنى خوشال ئۆتكۈزسىڭىز بولغىدەكقۇ ئۇنداق ئادەم ئازابلىنىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ ،ئەرزىگەن بولسا سىزگە بۇنداق ۋاپاسىزلىق قىلماس ئېدى، بولدى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بىر ئادەم بولمىغانغا يەر شارى چۈگلەشتىن توختاپ قالمايدىغۇ ،مەن سېزگە دېسەم بۈگۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، تۆنۇگۇنگە پۇشمان قىلماڭ، ئەتە ئوزى كىلدۇ، قانداق دېدىم .ئۇنۇڭغا تەسسەلىي بەردىم، ئۇ توختاپ ماڭا قاراپ تۇرۋېتېپ ھەي  ھەممە باللا سىزدەك  ياخشى بولغان بولسا قىزلارمۇ بۇنداق ئىزىپ كەتمەسكەن، سىز يۈرۈپ  باقمىغان بىلەن ئەمما مۇھاببەتنى خېلە چۇشۇندىكەنسىز ھە دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ .
بىز شۇنداق قىلىپ پاراڭلىشىپ ئونىڭ ئۆينىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ  قاپتۇق، ئۇ ماڭا ئۆيگە كەلدىم بولدى ،سىز مۇشۇ يەردىن قايتىپ كېتىڭ، ئاۋۇ مىېنىڭ ئويۇم دېدى، ماڭا 50 مېتىر يېراقتىكى بېنانى كۆرسۇتۇپ، مەنمۇ  ھە دىگەن مەنىدە بېشىمنى لېڭشىتىپ قويدۇم .
مەن قايتاي دەپ تۇرشۇمغا شەھىدە مىنى چاقىرىپ بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمدىكى  ئەڭ ياخشى ئوتكەن تۇغۇلغان كۈن بولدى مەن ھازىرغىچە بېرەرسى بىلەن مۇنداق پاراڭلىشىپ  باقمىغان  ئېلگىرى ئوغۇل دوستۇم بىلەنمۇ مۇنداق پاراڭلاشمايتۇق  ،سىز گە رەھمەت دېدې. مەنمۇ  كەينىگە ئۇلاپلا سىزگىمۇ رەھمەت ئېكىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىز بىر كۈنكەن ياخشى دوست بۇلۇپ قالايلى دېدىم ئ،ۇ كۇلۇپ تۇرۇپ ئەمما مەن سىزدىن 1 ياش كېچىككەنمەن سېزنىڭ سېڭلىڭىز بۇلاي دېدى ،مەنمۇ كۈلۈپ چاتاق يوققۇ دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ كۇلۇب تەرەپكە قاراپ ماڭدىم يولدا ئۇنىڭ گەپ قىلغان ھالىتىنى كۇلۇپ تۇرغان تەبەسسۇملۇق ئوماق چىرايىنى ئويلاپ مېڭىپ كۇلۇبنىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ قاپتىمەن،  قارىسام ئاغىنىلەر چېقىپ بۇپتۇ  ھۈسەن كېلىپلا   ھە ئۆيگە ئاپرىپ قۇيۇپ كەل دېسە ،مۇشۇنداق ئەمدى كىلەمسەن دېدى،  ماڭا قاراپ ئاچىقلىنىپ.
ئادىل ھە  باللا  كەچ بۇلۇپ  كېتىپتۇ مەن قايتاي يەنە ئاپام تېلاپ كەتمىسۇن  دېدى، كۈلۈپ تۇرۇپ  بالارمۇ  كۈلۈشۈپ  كەتتى شۇنداق  قىلىپ  ھەمىمىز  خوشلۇشۇپ ئۆيىمىزگەماڭدۇق .
ئۆيگە كىرىپلا ئوزەمنىڭ ياتاق ئۆيگە كېرىپ ياتتىم  ئەمما پەقەت  ئۇيقۇم  كەلمەيۋاتاتتى ، خىيالىم يەنىلا شۇ شەھىدە دە ئىدى ،مەن ئۇنى خىيال قېلىپ قاچانلاردىدۇ ئۇخلاپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .
داۋامى بار !




ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ ئەمدى ئاخىرىنى يازسىڭىز يىزىپ بولۇپ يوللاشتىن بۇرۇن يەنە بىر قىتىم ئۇقۇپ ، ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزۈتۈپ يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەمدى يەنە ئىملا خاتالىقى مۇشۇنداق كۆپ بولۇپ كەتسە تەستىقلانماي قالىدۇ ،
ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەخمەت.
[ بۇ يازما sahraogli تەرپىدىن 2010-07-31 12:32 PM دە ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما 21-ئەسىردىكى سېرلىق مۇھاببەت,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sahraogli تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-31, 04:33
شوخ بىزدىن مىسرانىم مۇنبېردىكى بائارلىق تورداشلارغا ئوتلۇق سالام
دىلناز

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1849
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە533دانە
ئۆسۈش: 3.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 533
  ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2255 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 457(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-01
  كىرىشى: 2010-08-01

داۋامىنى تىزراق يوللاڭە !!!
ۋاقىت ئەقىللىكرەك . ياخشىراق ، تولۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن ، بىزگە ئىنئام قىلىنغان ئەڭ ئېسىل سوغىدۇر !!!
قەلبىمدە بار ھىجران ۋە ۋىسال ،مەن ياش تۆكەي سەن ب ..

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1744
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە318دانە
ئۆسۈش: 3.18%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 318
  ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1561 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
  ۋاقتى: 89(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-07-31

ساقلىۋېلىپ كۆرەي ``
شۇنچىلىك ئۇرۇندۇم يالۋۇردۇم ئەمما ،
ھېچ مەقبۇل بولمىدى شۇ ئاددىي تەلەپ!
كۈتكىنىم بىر ئىللىق تەبەسسۇم ئىدى ،
ئالەمچە نەپرەتكە ئېرىشتىم ئەجەپ !
شۈكرى ئاللاھ~!

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2000
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 2.5%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 50
  ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 682 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 39(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-01
  كىرىشى: 2010-07-31

        مۇھاببەتنىڭ ئۈزى  سىرلىققۇ؟
     داۋامىنى تىزراق يوللىغايسىز ~!
قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،
       بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!
راھەت جاپاسى بىلەن،مۇھەببەت ۋاپاسى بىلەن.

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3385
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە269دانە
ئۆسۈش: 3.84%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 269
  ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1003 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 52(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-05
  كىرىشى: 2010-07-31

داۋامىنى قاچان يوللايسىز؟
دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 5221
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0.2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 8
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 48 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 10(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-31
  كىرىشى: 2010-08-01

 Re:21-ئەسىردىكى سېرلىق مۇھاببەت داۋامى



<<21-ئەسىردىكى مۇھاببەت>> داۋامى يوللاندى

تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىنى ئۇمۇد قىلمەن
شوخ بىزدىن مىسرانىم مۇنبېردىكى بائارلىق تورداشلارغا ئوتلۇق سالام

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3174
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0.35%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 7
  ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 554 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 73(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-02
  كىرىشى: 2010-07-31

داۋامىنى قەيەرگە يوللىدىڭىز ؟
بىلىڭلاركى قەلىبلەر اللەنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
(قۇرئان كەرىمدىن)
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما