بۈگۈن تورغا چىقىپلا <<ھۆكۈمران>> ئەپەندىنىڭ <<ھەق سۆزلەنگەن تىمىدىن شۇنچە قورقامسىلەر؟>> دىگەن تىمىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ، قىزىقىپ ئېچىپ كۈرۈپ باقتىم، لېكىن تىمىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ كۆڭلۇم باشقىچىلا بۇلۇپ قالدى، چۈنكى بۇ تىمىدا مەن ئويلىغاندەك بىرەر ھەق سۆزنى تاپالمىدىم، بۇنداق دىسەم ھەيران قېلىشىڭلار ئېنىق، ھەمدە <<نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسەن؟>> دەپ سوئال قۇيۇشىڭلارمۇ تۇرغان گەپ، مەن سىلەرگە ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي، ھەممىمىز پىكىرلىشىپ باقايلى، يەنى تۆۋەنكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك كۆز-قارىشىمنى دەپ باقاي.
?h7[^sxJ 1. ھۆكۈمران ئەپەندى سىزنىڭ <<خۇدايىم بېرىدۇ ۋە بىزدىكى پۇل قارىشى>> دىگەن تىمىڭىزنى ئەستايىدىل ھالدا بىر قانچە قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم، ئەسىرىڭىزدە پۇلنىڭ ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە كۈچىنى شەرھىلەپسىز، ھەمدە جەمىيەتتە ھەقىقەتەن بار بولغان بىر قىسىم مىساللارنى ئېلىپسىز، لېكىن سىزدىن بىر سوئال سورىغىم كىلىۋاتىدۇ ، سىزنىڭ قانچىلىك پۇلىڭىز بار؟ بۇنداق دىسەم خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ، چۈنكى بىر ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزگەندىلا ، ئاندىن شۇ ئىش توغۇرلۇق باشقىلاغا تەلىم-تەربىيە بىرىش ھوقوقى بولىدىغۇ دەيمەن . شۇڭا سىزدىن مۇشۇنداق سورىدىم، ئەمدى راست گەپكە كېلىلى، سىز ئەسەرنىڭ بېشىدا ئالغان مىسالدىكى ئاشۇ دۇكان خوجايىنى بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ بەلكىم ئۇنىڭمۇ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى باردۇ ياكى ئۇ ھېلىقىدەك يۈزى قېلىن قويمىچىلاغا كۆپ قۇيۇلۇپ كەتكەچكە يۈرىكى ئارىسالدى بۇلۇپ كەتكەندۇ، لېكىن سىز دىگەندەك باغرى تاش ئادەم بۇلۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك بۇنى سىزمۇ ياكى مەنمۇ بىلمەيمىز. ئەمدى سىز دىگەن <<پۇل دىگەن قولنىڭ كىرى>> دىگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ ھەرگىزمۇ سىز دىگەندەك بىر ئەخمەقنىڭ ياكى بىر باينىڭ گىپى ئەمەس، مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا مۇشۇ سۆز توغۇرلۇق سىنىپتا دە-تالاش بولغان، ئاخىرىدا مۇئەللىمىمىز بۇ ماقالنىڭ يەشمىسىنى بىزگە دەپ بەرگەن، ئەگەر سىز بىر دىھقان بولسىڭىز بۇنى چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن، دىھقانلار كەتمەن چاپقاندا قول ئالقىنى تەرلەپ چۇقۇم كىر بولىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق قول ئالقىنىغا تايىنىپ بايلىق يارتىدۇ، قالغىنىنى دىمىسەممۇ چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن، لېكىن ھازىر ھەقىقەتەن بۇ ماقالنىڭ بەزى سورۇنلاردا مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتتى، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن.....
q9(O=7O]- ماقالىڭىزدا يەنە ئۇكىڭىزنىڭ مەسلىسىنى سۆزلەپسىز، بۇ مەسىلە بۇ ماقالىغا يات بىر مەسىلە بۇلۇپ قاپتىغۇ دەيمەن، يەنى سىز بۇ يەردە ئۇكىڭىزنىڭ مەسلىسى ئارقىلىق ئۇقۇرمەنلەرگە نىمىنى دىمەكچى، ئۇكىڭىزنىڭ ئامىرىكىغا ئۇقۇشقا بارغانلىقىنى ئۇقتۇرماقچىمۇ ياكى ئاشۇ ئۇكىڭىزنىڭ ئۇقىشىغا ياردەم بەرمىگەن تۇققانلىرىڭىزنى توردا ئەدەپلىمەكچىمۇ؟ ئۇلارنىڭ سىزگە ياردەم بەرمىگەنلىكىنى ئۇقۇرمەنلەرگە جار سېلىشتىن بۇرۇن، سىز يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ مانداق بىر مەسلىنى، يەنى <<ئاشۇ تۇققانلىرىممۇ بىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقتا قالغاندا مەن ئۇلارغا قانچىلىك ياردەم بەردىم>> دىگەننى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىزنىڭ ئەيىبىنى بۇ يەردە ھەممىگە جار سېلىش سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكمۇ قانداق، يەنى << يامان ئاتاق ئۆيدىن چىقار>> دىگەن تەمسىلنى ئۇنتۇپ قالمىساق ياخشى بولاتتى.
acpc[^' ئەسىرىڭىزدە يەنە ماندا بىر گەپ باركەن، يەنى << پۇلغا ھازىر ئاتا-ئانىدىن باشقىنى سېتىۋالالايسىز، بىلىمنىمۇ سېتىۋالالايسىز>>. سىزچە پۇل شۇنداق بەك قۇدرەتلىكمىدۇ؟ سىز دىگەندەك ھەممىنى سېتىۋالغىلى بولامۇ؟ ياق، بۇ سۆزنى سىز بەك يىنىكلىك بىلەن ئىشلىتىپ ساپسىز، پۇلغا ھەقىقەتەن ئاتا-ئانىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئەمما سىز پۇلغا يەنە ئەشۇ ئامرىكىدا ئۇقىۋاتقان ئىنىڭىزدەك ئىنىدىن بىرنى سسېتىۋالالامسىز؟ بىلىمنىمۇ سېتىۋالالايسىز دەپسىز، مەن پۇلغا كىتاپ، ئۇقۇش ماتىرىياللىرىنى سېتىۋالغاننى كۆرگەن لېكىن بىلىمنى سېتىۋالغاننى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن، راس پۇل بولسىلا سىز دىگەندەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا كىرىپ ئۇقىغىلى بولىدۇ، لېكىن، سىز ئەتراپىڭىزدىكى ھەر-ھەر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرۈپ كىلىپمۇ بىر ناننى ئوتتىرىدىن ئىككى قىلالمايدىغان<<ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق>> داشۆسىڭلىنى كۆرمىدىڭىزمۇ، سىزگە دىسەم پۇلغا كىتاپ سېتىۋالغان بىلەن بىلىمنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، قان سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن جان سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۆي سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن ئىناق ئائىلىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، خوتۇن سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ......... بۇنداق مىساللار يەنە بەك كۆپ، ھەممىنى سۆزلەش ھاجەتسىز.
7|m{hSc شۇڭا دەيدىغىنىم، پۇل ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر نەرسە، لېكىن ئۇ ھەممىنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس. پۇل تېپىش ۋە باشقىلارنى توغرا يول بىلەن پۇل تېپىشقا ئۈندەش ياخشى ئىش، لېكىن پۇل تېپىشنى ئىنسان ھاياتىنىڭ مەركىزى قىلىۋېلىش ئۇ تېخىمۇ بىمەنىلىك. چۈنكى ماندا بىر تەمسىل بار <<پۇل دىگەن قەغەز ئىتقا بەرسە ئىت يىمەيدۇ، ئۆلسە گۆگە ئەكەتكىلى بولمايدۇ>>. مۇنۇ شئېرنى ئۇنتۇپ قالمايلى:
d76C]R5L پۇل دىگەن ئەركەكنىڭ قولىنىڭ كىرى،
aBF ئەمما ئەمەس پۇلى بار جاھاننىڭ پىرى.
-r_ Pp}s پۇل ئۈچۈن ساتمايلى ۋىجداننى قاننى،
I7ySm12} بولىمىز بىر كۈنى جاھاندىن نېرى.
@[(%b{TE; 2. سىزنىڭ <<ھەق سۆزلەنگەن تىمىدىن شۇنچە قورقامسىلەر>> دىگەن تىمىڭىزنى ئۇقۇپ راسلا بىر خىل بۇلۇپ قالدىم، راست گەپنى قىلسام يا كۈلۈشىمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمىدىم، بۇ تىمىدا سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ باشتا سۆزلەنگەن ئەسىرىڭىزنى كۆرمىگەنلىكىدىن، باشقىلارنىڭ ئىنكاس يازمىغانلىقىدىن، نادىر تىما بۇلۇپ باھالانمىغانلىقىدىن بەكلا ئاغرىنىپ كىتىپسىز، سىزچە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ سىز دىگەن " غۇسلى تاھارەت توغرىسىدا سوئال-جاۋاپلار" دىگەن تىمىنىڭ ئىككىلىسىنى كۈرۈپ چىقتىم، بۇ ھەقىقەتەن ھەربىر مۇسۇلمان بالىسى كۈرۈپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىسىل تىمىكەن، بۇنىڭدا مەن بىلمەيدىغان ئىسىل مەزمۇنلار كۆپ ئىكەن، كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم، ئاشۇ تىما ئېگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. لېكىن بۇ تىمىنىڭ مىنى ئەپسۇسلاندۇرغان يىرى، مەزمۇننى ئىنكاس يازغاندىلا كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ لاھىيلەپ قۇيىلىشى. سىز بۇ تىمىغا <<نىمە باكىن، كۈرۈپ باقاي....... دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ>> دەپسىز ، لېكىن سىز ئويلاپ بېقىڭ، ئەمدى تىمىنى كۆرمەي تۇرۇپ نىمە دەپ ئىنكاس يازسا ئاندىن ياخشى بولاتتى، <<كۈرۈپ بۇلۇپمۇ ياخشى ئىنكاس يازماپتۇ>> دەپسىز، سىزچە مۇشۇنداق تىمىغا نىمە دەپ ئىنكاس يازسا ياخشى بولىدۇ، تورداشلارنىڭ بەزىسىنىڭ دىن جەھەتتىكى بىلىمى ھەقىقەتەن سىلەرگە يەتمەس، شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار ئۇ يەردە شۇ << ياخشى تىمىكەن، رەھمەت، ھارمىغايسىز ....>> دىگەندەك ئىنكاسلارنى يازماي، سىزچە <<ئاۋۇ يىرى خاتا بۇلۇپ قاپتۇ، ئاندا ئەمەس، ئەسلى مۇنداقتى....>> دەپ يازسا بولامتى، مىنىڭچە مۇشۇ مۇنبەردىكى كۆپلىگەن تورداشلانىڭ ئىسلامىي بىلىملەر جەھەتتە بىز قايىل بولغىدەك بىر پىكىرلەرنى بىرىشكە تېخى سەۋىيەسى ئازلىق قىلامىكىن دەيمەن. شۇڭا بىز مۇشۇنداق زىل تىمىلارغا كەلگەندە، بىلمىگەنكىن ئارتۇقچە ئىنكاسلانى يازمىغىنىمىز ياخشى، ھەمدە بەزى تىما يوللىغۇچىلاغا تەكلىۋىم بولسا تىمىنى ئاشۇندا يۇشۇرۇن ھالەتتە يوللىمىساق، ئەگەر سىزنىڭ يازغان تىمىڭىز ياخشى تىما بولسىلا ئىشىنىمەنكى سىز يۇشۇرۇپ قويمىسىڭىزمۇ ئىنكاس چۇقۇم سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىن كۆپ بۇلىشى مۇمكىن.
'bef3P9` ئەمدى ھۆكۈمران ئەپەندىنىڭ سۆزىگە كەلسەك، سىز راسلا سەل ئاشۇرۋېتىپسىز، نەدە بىر يازغۇچى ئەسەرلىرىنى باشقىلارغا زورلاپ ئۇقۇتقان بار. ئۆزىڭىزما دەپسىز، ئەسىرىڭىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تۇلۇق يوللىماپسىز، مۇشۇنداق پۈتۈنلىكى بولمىغان ئەسىرىڭىزنى يەنە نادىر تىما قىلىپ باھالاش سىزچە توغرىمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق پۈتۈنلىكى بولمىغان ئەسەرنى نادىر تىما قىلىپ باھالىسا، سىزچە مۇنبەردە تالاش-تارتىش يۈز بەرمەسمۇ؟ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك تەرەپلىرى بولسا، سىز ئۇلارنى ئۇقۇشقا زورلىمىسىڭىزمۇ،چۇقۇم ئۇقۇرمەنلەر ئىزدەپ-سوراپ ئۇقۇيدۇ، سىز بۇيەردە ئەسلى تورداشلارنى ئەسىرىڭىزنى ئوقۇشقا ۋە ئىنكاس يوللاشقا، باشقۇرغۇچىلارنى ئەسىرىڭىزنى نادىر قىلىپ باھالاشقا زورلىماي، بەلكى سەۋەنلىكنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدىسىڭىز ياخشى بولاتتى، يەنى سىز مىنىڭ ئەسىرىمنىڭ نەرى ئۇقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلالمىدى، مەن زادى نەدە كەتكۈزۈپ قويدۇم دىگەننى ئويلىسىڭىز ياخشى بولاتتى. بىزدە مۇشۇنداق ئىللەت بەك ئېغىر، سەۋەنلىكنى ھەرگىز ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەيمىز، بىز <<سەن>> نى بەك ئۆگەنگەنكى <<مەن>> نى ھەرگىز ئويلاشمايمىز، بىز باشقىلاردىن ئاغرىنىشتىن بۇرۇن ، چۇقۇم <<مەن زادى نىمە قىلدىم>> دىگەننى ئويلىشمىز بەك زۆرۇر....سىز يەنە ناخشا-قوشاقلار، يۇمۇر-تېپىشماقلارلا بۇ مۇنبەردە قارشى ئېلىنىدۇ دەپسىز، مەن بۇ گىپىڭىزنى توغرا چۈشەنمىدىم، چۈنكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ، بۇ مۇنبەردە شۇنداق ياخشى شئېرلارنى يازىدىغان نامسىز شائىرلار، ھېسامدەك يۇمۇرچىلار بەك كۆپ، سىز خۇددى مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى يېزىشقا قىزىققاندەك، ئۇلارنىڭمۇ قىزىقىشى ئۆزىگە، شۇڭا ئۇلارمۇ خۇددى سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ھۆرمەتلىگەندەك، سىزنىڭمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن، چۈنكى بىزنىڭ مىللىتىمىز تەشۋىق-تەربىيەگىلا ئەمەس، بەلكى شئېرلاردىكىدەك رومانتىكىلىققا، لەتىپە-يۇمۇرلاردىكىدەك خۇشال-كۈلكىلەرگىمۇ مۇھتاج، مىسرانىم بولسا ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى سەھنىسى، شۇڭا بۇ يەردە <<شئېر-قوشاق يېزىپسە، يۇمۇر جىق بۇلۇپ كەتتى>> دىگەندەك يوق پەتىۋالانى چىقاماي، كىمنىڭ نىمىدە ئالاھىدىلىكى بولسا، شۇنى جارى قىلدۇرىشىغا ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقارساق، مىسرانىملا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۈچ چىقارغان بولىمىز، دەپ ئويلايمەن.
]o8~b- گەپلىرىم خاتا كەتكەن يىرى بولسا كەچۈرۈشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن، چۈنكى مەن پۇل-مال دۇنيا ئۈچۈن سۆزلەنگەن شۇئارلارنى سىز دىگەن ھەق گەپ دەپ قارىمايمەن، چۈنكى پۇلنىڭ كۆپ بۇلىشى ياخشى ئىش، لېكىن پۇل بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە، ئەكىس تەسىرىمۇ كۆپ بۇلىشى مۇمكىن، بۇ سىزنىڭ تىمىڭىزغا يازغان ھەقىقىي ئىنكاسىم.
atFu
KYI (7aE!r\Ab مەنبە : مەن (سەھرا)
[ بۇ يازما قىزغىن تەرپىدىن 2010-07-30 08:43 PM دە قا ]