مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 292 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : مېنىڭ پەرشتە سىڭلىم....ھىكايە
ئەردەك ياشا!!!

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1159
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 0.53%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 37
  ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3452 سوم
  تۆھپىسى: 8 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 60(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-28
  كىرىشى: 2010-07-31

0

 مېنىڭ پەرشتە سىڭلىم....ھىكايە




ھوللىۋوتتىكى يىڭى فىلىمنى تۈگۈتۈپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە ماڭغاچ تامدىكى سائەتكە قاراپ قويدۇم .سائەتنىڭ كىچىك سىتىرىلكىسى تۆتكە توغۇرلىنىپ ئازراق ئاشقانىدى ، ئىنىقكى بامدات ۋاختى ئاللىقاچان كىرىپ قالغانىدى ، لىكىن ماڭغا ھازىر ناماز ئوقۇش زادىلا خۇش ياقمايتتى . ئاتا ئانام ئورنىدىن ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ياتاق ئۆيۇمگە غىپپىدە كىرىپ يىتىۋىلىشنى ئويلاپ ماڭدىم . ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كىلىپ ياندىكى ئۆينىڭ چىرىقى يورۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم .ئۇئۆيدە سىڭلىم تۇراتتى . ئۇنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى قارىمىساممۇ بىلەتتىم . ئۇ كىچىلىرى ناماز ئوقۇپ قۇرئان ئوقۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغانىدى ، ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى ئاۋايلاپ ئىچىشىمغا ئۇ مىنى توۋلىدى :
--ئاكا ، بۇسەنمۇ ؟ مەن ئۈنچىقمىدىم . ئاياغ تىۋىشنىمۇ چىقارماسلىق ئۈچۈن جايىمدا جىم تۇرىۋالدىم ، ئۇ ئىچىدىن چىقىپ كەلدى : -- گەپ قىلسام جاۋاپ بەرمەيسەنغۇ ئاكا ؟ بامداتنى ئوقۇدۇڭمۇ ؟
--ھەئە ئوقۇدۇم ،-- ئۇ كۆزلىرىنى باشقا ياققا تارتىۋالدى ،لىكىن ئۇ مىنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقىنىمنى سىزىپ قالدى .
-- ئاكا ، ياتىقىمغا كىرسەڭ ، ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى .
ئىككى يىل ئىلگىرى دوختۇر ئۇكامنىڭ ئاق قان كىسلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى . ئىككى يىلدىن بىرى شۇنچە ئىزدەنگەن بولساقمۇ ئۇكامغا ماس كىلىدىغان يىلىك تاپالمىغان ئىدۇق ، ئۇ دوختۇرخانىدا يىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى ،ئۆزى بولسا كۈندىن - كۇنگە ئاجىزلاپ كىتىۋاتاتتى ، جاھاندىكى بەزى ئىشلارغا ھەيران قالىمەن . ئاتا - ئانامنىڭ ۋە مىنىڭ قان تىپىم A ، پەقەت سىڭلىمىڭلا قان تىپى o تىپلىق ئىكەن .......
ئاكا ، ھازىر سىنىڭ ماڭا ئىچىڭ ئاغرىۋاتىدىغۇ دەيمەن ؟ مىنى ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كىتىدۇ ، دەپ مەن ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن ؟ ياق ئاكا ، قايغۇرمىغىن ، مەن رەببىمنىڭ ئالدىغا بىرىشقا تەييار بولۇپ بولدۇم . ھازىر ھەر بىر كۈنۈمنى بۇرۇنقى گۇناھلىرىم ئۈچۈن تەۋبە ، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى تىلەپ ئۆتكۈزىۋاتىمەن . لېكىن ئاللاھنىڭ مىنىڭ جىنىمنى قاچان ئىلىشىنى سەن قانداق بىلىسەن ؟ سىنىڭ ئاغىنەڭ پەرھاتنىمۇ ماشىنا سوقىېۋىتىپ تۈگەپ كەتتىغۇ ؟ شۇ چاغدا مەن ئاغرىق ئىدىم ،پەرھات ئاكام تىخى ماڭا ، قەيسەر غەيرەتلىك بولۇڭ سىڭلىم ، دىۋىدى ، لىكىن ئۇ ئۆزى مىنىڭ ئالدىمدا كىتىپ قالدىغۇ ؟ سەن ئاۋۋال ئۆلۈپ كىتەمسەن ، ياكى مەنمۇ بۇنى پەقەت بەر ئاللاھ بىلىدۇ ، لىكىن قاچانلا بولسۇن ساڭىمۇ بىر ئۆلۈم بار ، بۇ جاھاندا ئۆلمىگەن ئىنسان يوق . سەن رەببىمىزنىڭ ئالدىغا قانداق بىرىش ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردىڭمۇ ؟ ئەگەر ئەتە سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارىسەن ؟ قەدىرلىك ئاكا ، ياكى دەۋزەختە كۆيۈشكە تەييار بول ياكى ئاللاھنى رازى قىلىشقا . ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ، پۈتۈن جىسمىڭ بىلەن ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىگىن ، ئاكا ....
بۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى ئۇ بۇگۇن بىرىنچى قىتىم قىلىۋاتقىنى يوق . بەلكى كىسەل كىشى مۇشۇنداق بولۇپ قالسا كىرەك ، دەپ ئويلايتتىم . ئەلۋەتتە ئۆلۇمگە يىقىنلاپ قالغان سىڭلىمغا ئازار بەرمەيتتىم .
ھازىر مەكتەپلەردە تەتىل مەزگىلى بولغاچ ئۆيىمىزگە كۈندە تۇققانلىرىمىزنىڭ كىچىك بالىلىرى ئۇنىڭدىن دەرىس ئۈگەنگىلى كىلەتتى . ئۇ بەزىدە ئۇلارغا قورئان ئوقۇشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقى ، بەزىدە ئوقۇپ بىرىۋاتقانلىقىنى ، بەزىدە ساھابىلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بىرىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم ، ئۇ ھىكايە سۆزلىگەندە كىچىك بالىلارغا لايىق تىلدا سۆزلەيتتى ، ئۇنىڭ سۆزلىگەن ھىكايىلىرىگە مەنمۇ قىزىقىپ قۇلاق سىلىپ قالاتتىم .
دالان ئۆيگە چىقسام ئۇ بالىلارغا قورئان ئوقۇپ بىرىۋاتقان ئىكەن . ئاخشامقى سۆھبەت تۈپەيلى سەل خجىل بولۇپ قالدىم ، شۇڭا گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم . -- ئۇكىلىرىم ، ئاكاڭلارغا سالام دەڭلار ،-دىدى سڭلىم مىنى كۆرۈپلا . -- ياق ،-- دېدى كىچىك بالىلاردىن بىرى ،-- ھەدە ، سەن ئۆزۈڭ ئۆگەتكەنغۇ ! رەسۇلۇللاھمۇ كىچىك بالىلارغا سالام قىپتىكەنغۇ ! سەن ئۆزۈڭ يالغۇز ئادەم جامائەتكە سالام قىلىشى كىرەك ، دىگەنىدىڭغۇ ؟
كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا خىجىلچىلىقتا قالغىنىمنى سەزدىم . «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم » دېدىم-يۇ، سىرىتقا ئۆزۈمنى ئىلىپ چىقىشقا ئالدىرىدىم ، ئۇلارنىڭ جاۋابىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى .
كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا- ئانىمىز ئىككىمىزنى ياخشى ئىسلامىي تەربىيە بىلەن تەربىيلىگەن ئىدى. دادام بىزنىڭ ئىلىم - بىلىملىرىنىمۇ ياخشى ئىگەللەپ ، كىيىن مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىش قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتى . ئاتا -ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي سىڭلىم ئىككىمىزمۇ مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغانىدۇق . ئۇمەندىن پەقەت ئىككى ياشلا كىچىك ئىدى . مەن ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىدا ياخشى نۇمۇرغا ئىرىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبول قىلىندىم . ھەممەيلەن سىڭلىمنىمۇ ناھايىتى ياخشى نۇمۇر ئالىدۇ ، دەپ ئۈمىد كۈتۈپ تۇراتتى . ئويلىمىغان يەردىن ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىدىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ قان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئىنىقلانغانىدى . سىرىتتا دوسلىرىم بىلەن بىر كۈننى ئويۇن - تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈپ ناماز شامغا يىقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، ئۆيدە ھىچكىم يوق ئىدى . ھەتتا ئادەتتە زادىلا سىرىتقا چىقمايدىغان سىىڭلىممۇيوق ئىدى . بىر ئاز ھەيران بولدۇميۇ ، تىلىۋزۇر كۆرگەچ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقچى بولدۇم . شۇ ئارىدا ئىشىك ئۇرۇلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . -- تىز بول بالام ، دوختۇرخانىغا بار ، سىڭلىڭنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتتى .-- دېدى خوشنىمىز ئامىنە ھەدە كۆزىگە ياش ئىلىپ ، تولىمۇ جىددىيلەشكەن ئاۋازدا . دوختۇرخانىغا كەلگىنىمدە سىڭلىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ، ئاتا -ئانام سىرىتتا كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن . ئانامنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كىتىپتۇ . بۇنداق ئەھۋال ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قىتىم يۈز بەرگەن ئىدى . --بالام ،ئاناڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تۇرساڭ ، مەن چىقىپ شام نامىزىنى ئوقۇۋالاي ،--دېدى دادام . -- ياق ، مەنمۇ بىللە چىقاي . بالام ، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر ، سىڭلىڭدىن بىرەر خەۋەر بولسا داداڭنىڭ يانفۇنىغا تىلفۇن قىل .- دېدى ئانام ، كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتىۋىتىپ ، مەن بىشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردۈم . جىددىي ئۆيىنىڭ ئالدىدكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇروپ خىيالغا پاتتىم . جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن دوختۇر ۋە سىستىرالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى . كىنولاردىكىدەك بىرىپ ئىچىدىن چىققان بىرەرىدىن «مىنىڭ سىڭلىم قانداقراق »دەپ سوراپ باققۇم كەلدىيۇ ، نىمىشقۇدۇر جۈرئەت قىلالمىدىم . ئەگەر ئۇلار سىڭلىڭ ئۆلۈپ كىتىدۇ،دىسە قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ كۆز ئالدىمدىكى سىڭلىمغا ئالاقىدار ئەسلىمىلەر بىر - بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى . سىڭلىم كىچىكىدىن تارتىپلا يولىمۇ ئەقىللىق ئىدى . ئۇستازىمىز قۇرئان ئايەتلىرى ئۈگەتسە ئۇ بىرىنچى بولۇپ يادىلاپ بولاتتى . مەيلى ھەدىس ياكى ئەرەپ تىلى بولسۇن ، ھامان ھەممىمىز دىن ياخشى ئىدى . مەكتەپتە ھەم دائىم بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى . ھىلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، ئۇ بەش ياش ، مەن يەتتە ياش چىغىمىزدا ئاتا - ئانام ناھىيىدىكى تۇققانلارنى يوقلىغىلى بارماقچى بولۇپ ئىككىمىزنى خوشنىمىزنىڭ قاراپ تۇرشىغا تاپشۇرغاندا ، ئۇ خوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن پۈتۈن بىر كۇن ھىچنىمە يىمىگەن ئىدى . دادام كىيىن سەۋەبىنى سورىغاندا «ھالالمۇ ئەمەسمۇ ، بىلىەلمىدىم » دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى ئىسىنى بىلگەندىن تارتىپلا ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى كۈنسىرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى . لېكىن مەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن بۇيان دوسلىرىمنىڭ « ياردىمىدە »بارا-بارا ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويماقتا ئىدىم . ئاتا- ئانام مەندىكى ئۆزگىرىشنى سىزىپ مەندىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى . ئۆزۈممۇ ئۆزۇمدىن زىرىكىشكە باشلىدىم . بۇرۇنقى ئىمان ئىچىدىكى ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمدىكى قەلىپ خاتىرجەملىكىنى ھېچنەدىن تاپالمىدىم . ھەمىشە ئۆزۇمنى گۇناھكار ھېس قىلاتتىم . لېكىن نىمىشقىدۇر ئۆزۈمنى تارتالمايتتىم ...
ھارغان جىسمىمنى كۆتۈرۈش ئېغىر كىلىۋاتقان پۇتلىرىمنى تەسلىكتە سۆرەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ئاتا- ئانام مىنى بىر ئاز دەم ئىلىۋال ، دەپ قايتۇرىۋەتكەنىدى . دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە سىڭلىم خەتەرلىك باسقۇچتىن تېخى ئۆتۈپ كەتمەپتۇ . ئۇنىڭ ھايات قىلىش ياكى قالماسلىقىدا ئۇلار بىرنىمە دىيەلمەيدىكەن .
سىڭلىمنىڭ ئاخشام ئىيىتقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىماقتا ئىدى :«جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن ، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ . جىىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن ، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ...» ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، ئىشىك ئوچۇق ئىدى . يەردە جەينەماز سىلىقلىق ، قۇرئان ، كارۋىتى ئۈستىگە قويۇلغان رېھلىدا ئوچۇق پىتى تۇرۇپتۇ :«بىرئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ؛ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر ؛ ئۇ مۇگىدەپ قالمايدۇ ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ ؛ .اسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ (مۇلىكى) دۇر ؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن ؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ( يەنى دۇنيادا قىلغان ) ، كەينىدىكى ( يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان )ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ( ئاللا ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن ( يەنى پەيغەمبەرلەنىڭ تىلى ئارقىلىىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن ) باشقا ھىچ نەرسىنى بىلمەيدۇ ، ئاللاھنىڭ كۇرسى ( مەلۇماتى ) ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئاسمان - زىمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئىغىىر كەلمەيدۇ . ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر ، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر . سۈرە بەقەرە 255- ئايەت } { ئىمان ئىيتىقان ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ، ناماز ئوقۇغان ، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ( چوڭ ) ساۋاپقا ئېرىشىدۇ ، ئۇلاردا ( ئاخىرەتتە ) قورقۇنىچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدۇ . سۈرە بەقەرە 277- ئايەت }
تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تاھارەت ئالدىم . ئاندىن سىڭلىمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ جەيناماز ئۈستىگە چىقتىم ۋە پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ھالدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم . قوللىرىمنى دۇئاغا كۆتۈرگەن شۇ دەقىقىلەردە خۇددى ئاللاھ ماڭا تولىمۇ يېقىندەك ھىس قىلماقتا ئىدىم . « ئى ئۇلۇغ رەببىم ، ماڭا ئىماننى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن . ماڭا سىنىڭ مۇھەببىتىڭنى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن . سۆيۈملۈك سىڭلىمنى مۇشۇ كىسەلدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى نىسىپ قىلغىن..... » جەيناماز ئۈستىدە قانچىلىك ئولتۇغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر ۋاقىتتا سىرىتتا ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازىدىن بامدات بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم ۋە بامداتنى مەسچىتتە ئوقۇش ئۈچۈن چاپىنىمنى كىيىشكە تۇتۇندۇم . شۇ ئارىدا تېلفۇن جىرىڭلىدى . --بالام ، دوختۇرخانىغا بىر كەلسەڭ سىڭلىڭنىڭ يۈزىنى كۆرىۋال،--دېدى دادام بوغۇق ئاۋازدا . تىلفۇننى تۇتقىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم . يۈزىنى كۆرىۋال ؟ ئەجىبا سىڭلىم .... ئەجىبا سىڭلىم ......ئۇشۇنچە يامان قىز تۇرسا ، مەكتەپتە ھەتتا ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گەپقىلىشقا پىتنالمايتتىغۇ ، ئۇ قانداقمۇ ...... -- ياق ، داداااااا ، مەن ئىشەنمەيمەن ، سىز يالغان ئىيتىۋاتىسىز !
--ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ( ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز ، يەنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز ) . سەۋر قىل بالام . سىڭلىڭنى كۆرۈۋال ....... چاپىنىمنى قانداق كىيىپ ئۆيدىن قانداق چىققىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . باشقىلارغا ھەر قىتىم « كۆردۈڭلارمۇ ، ئاۋۇ مىنىڭ سىڭلىم » دىگىنىمدە ئۆزۈمننىڭ شۇنداق بىرقىزغا ئاكا بولغىنىمدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنەتتىم . ئۇ ھامان ھەممىدىن ياخشى ئىدى . مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە ، زىھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە ، ۋالىبول ، تىكتاك توپ مۇسابىقىلىرىدە .... ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغىنى يوق ئىدى . ئەجىبا ئاشۇ سىڭلىم كىتىپ قالغانمىدۇ ؟ بىرەر قىتىم نامازنى كىچىكتۈرسەم ، ياكى بىرەر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالسام قاپاقلىرىنى تۈرۈپ « ھەي مۇسۇلمان ، ئاللاھتىن قوروق » دەيدىغان سىڭلىم كىتىپ قالدىمۇ ؟ ياغلىقنى چىڭڭىدە ئوراپ ، بىرەر تال چىچىنىمۇ كۆرندۈرۈپ قويمايدىغان ، تىلدا ھامان ئاللاھنى زىكرى قىلىپ تۇرىدىغان سىڭلىم كىتىپ قالدىمۇ ؟...... مەسچىتتە بامدات نامىزىنى ئوقۇۋالغاندىن كىيىن دەرھال دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلدىم . ئۇنى ئىلىپ چىقىپ كىتىشمەكچى ئىكەن . --سىڭلىڭ تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىنگەندىن بۇيان شاھادەت كەلىمىسىنى تاكى تىنىغى ئۈزۈلگىچە توختىماي زىكرى قىلىپ چىقتى ،- - دېدى دادام تۆۋەن ئاۋازدا ،-- سڭلىڭغا ئاللاھ شەھىتلەر قاتارىدىن ئورۇن بەرسۇن . بۇ ئامانەتنى ياخشى ساقلىدىم ، ئاللاھنىڭ سىڭلىڭ تۈپەيلى گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتىمەن ....... سىڭلىمنىڭ چىرايىغا قارىدىم ، ئۇ تولىمۇ خاتىرجەم ، كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . لەۋلىرى ئازراق ئوچۇق ، خۇددى ئىيتىپ بولالمىغان سۆزلىرى باردەك . ئۇ نىمە دىمەكچىدۇر ؟ شاھادەت كەلىمىسىنى داۋاملىق ئىيىتقۇسى بارمىدۇر ، ياكى ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى دەقىقىلىرىدە قانداقتۇر گۈزەل نەرسىلىەرنى كۆرۈپ بىزگە شۇنى ئىيتىپ بەرمەكچىمىدۇر ؟ بىزگە « بۇيەر بەكمۇ گۈزەل ئىكەن ، ئىمان ئىيىتقان ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار قاتارىدا بولۇپ بۇ يەرگە كىلىڭلار » دىمەكچىمىدۇر ؟ ..... ۋە ياكى « بىز نىمىلا قىلمايلى ، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ . جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن » دېمەكچىمىدۇر ....ۋەياكى شۇلارنىڭ ھەممىسىنى .......
ئى ئارام تاپقۇچى جان ! [27] . سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن ، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا ، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايىتقىن [28] . سەن مىنىڭ (ياخشى ) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشولغان [29] مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن [30] .
89- سۈرە ،فەجر سۈرىسى

(يۇقارقى سىز ئوقىغان ھىكايە بىر مۇساپىر قىرىنشىمىزىنىڭ رىئاللىقتا يۇز بەرگەن راست ھىكايىسىدۇر....)
مەنبە: خاتىرەمدىن
يازما يوللىغۇچى: ئەرتىل

[ بۇ يازما AR-TIL تەرپىدىن 2010-07-30 05:00 PM دە قا ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مېنىڭ پەرشتە سىڭلىم....ھىكايە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(musilina) ئەھمىيەتلىك ..
  • مۇنبەر پۇلى:+50(suzuk-ay) ئەھمىيەتلىك ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sahraogli تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-30, 08:37
    ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر سىناق!
    ئۈمىد

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4119
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
    ئۆسۈش: 2.05%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 41
      ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 479 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 154(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-16
      كىرىشى: 2010-08-01

    ih insanlar naga karap kitip barimiz rabbimizga kargudak yuz barmu bizda bir dakika otti bir dakika yikinlaxtuk olumga :namaz musulmanning  balgisi
    ئۈمىدلىك بول
    ئۆزگىنى ئۆزگەرتىمەن دېگۈچە ئاۋال ئۆزەڭنى ئۆزگەر ..

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1594
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
    ئۆسۈش: 5.8%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 116
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 836 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 325(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-08-01

    كۆزۈمگە لىققىدە  ياش  كەلدى ،مېنىڭ ئىلگىرىكى مۇھەببىتىممۇ شۇنداق نامازنى تاشلىمايدىغان شۇنچىلىك ئەدەپ ئەخلاقلىق قىز ئىدى ، ھەيران  قالارلىقى ئۇمۇ ئەنە ئاشۈنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانىدى ~!~!               
    خان دەك ياشاپ ئۆتىمەن

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3970
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
    ئۆسۈش: 2.26%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 158
      ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 720 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 142(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-14
      كىرىشى: 2010-07-31

    مەن ئىنكاس شەكلىدى ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقۇي . تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر .
    خان ___ ئۇيغۇرخان  .
    كۈلۈپ ياشا ،ئاي!!!

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1729
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە456دانە
    ئۆسۈش: 2.85%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 456
      ياخشى باھا: 99 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5032 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 632(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-31

    ئەسەرنىڭ ئەسلى ئىسمى "ئۇ مېنىڭ -سىڭلىم " ئىدىغۇ دەيمەن. سۆيۈملۈك ھەمشىرەم رۇمەيسانىڭ يازمىسى . قايتا كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. ئاللاھ ئەشۇنداق سۆيۈملۈك ، پەرىشتە سۈپەت سىڭىللىرىمىزنى ئارىمىزدىن كام قىلمىسۇن...
    يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4159
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
    ئۆسۈش: 0.85%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 34
      ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 61(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-17
      كىرىشى: 2010-07-31

    ھەقىقەتەن   بىز  غەپلەتتىمىز
    ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە512دانە
    ئۆسۈش: 2.33%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 512
      ياخشى باھا: 193 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 7885 سوم
      تۆھپىسى: 8 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 352(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-08-01

    ئىلگىرىمۇ  بىر قېتىم ئوقۇغان ئىدىم بۇ ھېكايىنى، ھازىرمۇ شۇنداق تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، ئوقۇپ بولغۇچە يۈرەكلىرىم سېلىپ ،كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى......مېھرىبان ھەم ئۇلۇغ اللاھتىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيمەن.....
    ئەردەك ياشا!!!

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1159
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
    ئۆسۈش: 0.53%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 37
      ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3452 سوم
      تۆھپىسى: 8 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 60(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-28
      كىرىشى: 2010-07-31

     Re:



    ئىلىگىرىمۇ بۇ يازمىنى تورغا مەن باشقا ئىسىمدا نەچچە قىتىم يوللىغان.باشقىلارمۇ كوچۇرۇپ باشقا تورلارغا يوللىغان بولىشى مۇمكىن.نەچچەيىل بۇرۇن بۇ يازمىنى مەن بىر بىلوگدىكى
    ۋەتەن سىرتدىكى بىر مۇساپىر قىرىندىشمىزىنىڭ (سىزمۇ ئۇقۇپ بىقىڭ) نامىدىكى
    يازمىسدىن خاتىرەمگە كۆچۇرۇپ ساقلاپ قۇيغان.بۇگۇن مىسرانىم ئەھلىگە(مېنىڭ پەرشتە سىڭلىم....ھىكايە) نامىدا سۇندۇم.يازمىدىكى ھەقىقەتنى چۇشەنگەن قىرىنداشلىرىمغا تەشەككۇر!
    [ بۇ يازما AR-TIL تەرپىدىن 2010-07-30 07:30 PM دە قا ]
    ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر سىناق!
    بەخىت بىلەن ئازاپ قوشكىزەك

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1670
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە299دانە
    ئۆسۈش: 2.99%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 299
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1452 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 220(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-29

    مەنمۇ ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغان ،مەيلى كىم يوللىغان بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر
    بۇ ھىكايە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ ...
    اللا ئىگەممۇ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئادىمىنى بۇرۇن ئەكىتىدۇ دەيدىغان گەپ بار
    ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!
    بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن،
    ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن.
    بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات،
    قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.
    kulup     yaxag

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4360
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ئۆسۈش: 4.75%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 95
      ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 125(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-20
      كىرىشى: 2010-08-01

    راستلا  بھك  تەسىرلىك

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3174
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
    ئۆسۈش: 0.35%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 7
      ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 554 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 73(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-02
      كىرىشى: 2010-07-31

    مەن بۇتىمىنى بۇرۇن سەلكىن مۇنبىرگە يوللىغان تېخى بۈگۈن مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىغان نىمە سەۋەپتىندۇ مۇنبەردە  كۈرۈنمىدى بىرە باشقۇرغۇچىمۇ ئۇچۇرمۇ قىلمىدى.
    كىملا يوللىسا ئوخشاش ئەمەسمۇ ؟ مەنبە دىگەن يىرىگە مەستۇرە يازمىسى دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ بۇ يۇلغۇن مۇنبىردىكى مەستۇرە يازغان ھىكايە.
    بىلىڭلاركى قەلىبلەر اللەنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
    (قۇرئان كەرىمدىن)
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12»Pages: 1/2     Go