ياتاقتىكى پاراڭلار--ئاخىرقى جىدەل---خەيرخوش لەنىتى ياتاق
مانا بۈگۈن شۇ ياتاقنىڭ ئىگىسى بىلەن بارلىق ھېساباتنى ئۈزۈپ قايتتىم. ئەمما بىرقىسىم نەرسىلىرىم يەنە شۇيەردە قالدى. ئالدىرىماي يۆتكىۋالارمەن. بىر ئايدىن بېرى ئۇ ياتاقتىمۇ ياتمىغان، شۇنداق بولسىمۇ بىر ئايلىق پۇلىنى بېرىۋەتتىم.
مەن ياتاقتا يوق مەزگىلدە چوڭ جىدەلدىن بىرى چىقىپتۇدەك، خالمۇرات دېگەن كونا ساۋاقدىشىم تاس قاپتۇ تۈرمىگە كىرگىلى، ھېلىقى شايارلىقنىڭ قولى سۇنۇپتۇ. قالغانلىرى بولسا بىر-بىرلەپ يۇرتىغا قايتىشىپتۇ. بۇنى بۈگۈن تېخى ياتاقتىكى باشقا بالىلاردىن ئاڭلىدىم.
جىدەلنىڭ جەريانى مۇنداق بوپتۇ.
<<قۇشقاچ>> ئوۋلاش دېگەن تېمىدا بايان قىلغىنىمدەك ئىككىنچى قەۋەتتە بىر تورخانا بارتى. ئۇ كۈنى خالمۇرات تورغا چىقىپ، ئارىلىقتا شايارلىق بالا بىلەن ھاجەتخانىغا كىرىپتۇ. شايارلىق بالا ئالدىدا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، خالمۇرات ئولتۇرغان ئورۇنغا سىرتتىن بىرى سۇ چېچىپتۇ. خالمۇرات كۆڭلىدە شايارلىقنى چاقچاق قىلدى دەپلا ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرتتىن ئىككىسى باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىشكە باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن شايارلىق بالا ئېتىلىپ كىرىپ ئاجرىتاي دېسە، تۇيۇقسىزلا ئەتراپتىن بىرتوپ ئۇرۇشقاقلار كېلىپلا كەمەرلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشقا باشلىغان گەپ. خالمۇرات پۇرسەت تېپىپ بىرىنىڭ( ئۇ بالا تورخانىدا باشقۇرغۇچى ئىدى) يۈزىگە بىرمۇش ئىتىپلا چىشىنى سۇندۇرۇپتۇ. ئۆزىنىڭ قۇلىقى ئارقىسىغا كەمەرنىڭ توقىسى بىلەن تاياق يەپ، قۇلىقى يەڭگىل دەرىجىدە ئاڭلىماس بولۇپ قاپتۇ. نەدىن چىقتىكىن، بىرچاغدا خالمۇراتنىڭ قولىغا كالتەك چىقىپ قاپتىكەن، ھەممىنى سۈرۈپ ھاجەتخانا سىرتىغا ئېلىپ چىقىپتۇ، ئەمما سىرتتا كۆزىتىش ئاپراتى بولغاچ دەرھال كالتەكنى تاشلاپتۇ. ئانغىچە ساقچىلار كېلىپ ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىپتۇ.
كېيىن ئىككىلىسى زەخمىسىنى بېكىتىپ، خالمۇرات ھېلىقى باشقۇرغۇچى بالىغا 1000سوم بېرىدىغان، ئەرز قىلىشمايدىغانغا كېلىشىپتۇ. گەرچە ئۆزى باشقىلاردىن تاياق يېگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاجەتخانىدا كۆزىتىش ئاپراتى بولمىغاچ ئۇ يەنىلا زىيان تارتتى.
مەن بۇلارنى ئاڭلاپلا قويدۇم. خالمۇراتمۇ قەشقەرگە قايتقۇدەك، ئۇنىڭغا سالام ئېيتىشنى تاپىلاپ قايتتىم.
دىيارىمىزدا بۇنچىلىك جىدەل ھېساپلىنامدۇ ھازىر؟
قولىغا كالتەك ئەمەس، پىچاق ئالسىمۇ نورمال ئەھۋالغۇ؟
بىر چىش تۆكۈلسە قانچىلىك ئىشتى؟ خۇن تۆكىلىۋاتىدىغۇ ئاينا؟
بارغانسىرى مىللىتىمىز ئارىسىدىكى بۇنداق كارتىنىلار بىزدە بۇرۇندىن تارتىپ باردەك، بىزنىڭ باشقا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ئوخشاش قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. جىدەل چىقسىمۇ ئېرەن قىلماس بولدۇم. خۇددى بۇ ئىنساننىڭ نەپەسلەنگىنىدەك.
شۇنداق قىلىپ ياتاقتىكى پاراڭلار ئاخىرلاشتى. يەنە كۆپلىگەن مەزمۇنلار يادىمدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلارنى ئويلاشنىمۇ خالىمىدىم.
ئەمدى يازسام بۇرۇن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ياكى بولمىسا ھازىر كۆرىۋاتقان تۇرمۇشلارنى يازارمەن. لېكىن بۇلارنى يازغانلىق بىلەن، يازما يۈزىدە قامچىلىغانلىق بىلەن بىر ئىش تەۋرەپ قويمايدىكەن. يەنە شۇ بۇزۇقچىلىقنىڭ داۋام ئەتكىنى ئەتكەن، يەنە شۇ خۇنلار تۆكۈلگەن، يەنە شۇ ئوغۇللار قىزلارنى دەپسەندە قىلغان، قىزلار ئوغۇللارنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالغان، بەندە ئۆز ھاياتىغا تىكەن تېرىغان.
يەنىلا ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بولسام بولغۇدەك. ئۇنىڭدىن ئارتۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش مېنى ھالسىرىتىپ قويغۇدەك.
نەچچە كۈندىن بېرى ياتاقتىكى پاراڭلار خاتېرىسىنى قايتا ۋاراقلاپ چىقىپ يەنە بىئارام بولۇشقا باشلىدىم.
بىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىش ئىمكانىيىتمىز يوقمىدى؟
بار.
نېمىشقا ماڭمىدۇق؟
چۈنكى بىز ئىرادىسىز.
نېمىشقا بىزدە ئېرادە يوق؟
چۈنكى بىزدە كۈچلۈك ئىتىقاد كەمچىل.
ئى اللە، بىزنى ھىدايەتتىن يېراق قىلىمىغىن. قىيامەت كۈنى يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. بىز ساڭا ئىشەندۇق. سېنىڭ بارلىقىڭغا، سېنىڭ پۈتۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىڭگە ئىشەندۇق. سەن بىزنى ئۆزۈڭ غەزەپ قىلغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ياقتۇرغان، سەن رازى بولغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. غەپلەپتە قالغان، توغرا يولنى تاپالماي تەمتىرىگەن قەۋمىم ساڭا مۇھتاج. سەن ئەڭ كېرەملىكتۇرسەن.
[ بۇ يازما قىزغىن تەرپىدىن 2010-07-30 01:01 AM دە قا ]