مېدال ئاسقانلارنى كۆرسەم ھەۋەس قىلاتتىم . ئاشۇلار قانداق ئىنساندۇ ؟ ياكى ئۇلار ئەۋلىيامۇ ؟ ئويلاندىم ، تەپەككۇر قىلدىم . زادىلا تېگىگە يېتەلمىدىم . يەنە بىر كۈزىتىپ باقاي دەپ مۇنبەرنى باشتىن - ئاياق بىر ئايلىنىپ چىقتىم . كۆزۈم يۇرۇپ كەتتى ، سەۋەبى بەكلا ئاددى ئىكەنغۇ ، مەن نىمىشقا بۇنى بالدۇرراق بىلمىگەندىمەن .تېما يازغاننىڭ قەدرى بولمىسا ، مەنمۇ سىناپ باقايچۇ ، >/4[OPB0R  
    مۇنبەرگە غىپپىدە كىردىم دە ، بارلىق تېمىلارغا << ياخشى يېزىپسىز ، بەلەن يېزىپسىز ، ئىسىل تېما ، ياخشى تېما ...... >>  دىگەندەك ئىنكاسلارنى ئالا قويماي يېزىپ چىقتىم قارىسام بىردەمدىلا مەيدەمگە كۈمۈش مېدال ئېسىلىپ قاپتۇ ، ئارقىدىنلا ئالتۇن مېدال . << ۋاھ ! نىمە دىگەن ياخشى >> ئىچ - ئىچىمدىن خوشال بۇلۇپ كەتتىم .  v8 =#1YB;  
         تىت - تىت - تىت ... ( سىزگە قىسقا ئۇچۇر كەلدى ) . قارىسام ئىكرانىمنىڭ ئۇستىدىكى ئۇچۇر بەلگىسى توختىماي لىپىلدىغىلى تۇرۇپتۇ . ھە قاچان بىرسى مېنى تەبرىكلىگەن ئوخشايدۇ ، دەپ ئىتتىكلا ئۇچۇرنى ئاچسام نەدىكىنى ، << نىمە بولدى سىزگە ، ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەستىڭىز ، نىمە ئىش بولسا بىللە ھەل قىلايلى >> دىگەن ياغلىما گەپ . بەلكىم بۇ مېنى كۈرەلمىگەننىڭ بىرسىدۇ ( ئالتۇن مېدال ئاسقانلارغا كىم ھەۋەس قىلمايدۇ دەيسىز ، ئالتۇننىڭ گىرامى  پالانى پۇل تۇرسا ) . ھىم . دىمىغىمنى قېقىپ قۇيۇپ ئاشۇنداق پاخال ئىنكاس يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەردىم . <<نوچى بولساڭ سەنمۇ ئاس >> دىدىم ئىچىمدە . I
Z>l  
     ئۇھ ، ئاخىر مىرادىمغا يەتتىم . قارىسام مەيدەمدە ئالماس مېدال ، لېكىن بۇنى ئېلىشىممۇ ئاسانغا چۈشمىدى ، ئېھسان 731 ، بابى دىگەن ئىككىيلەن بىلەن بەسلىشىشكە چۈشۈشكە توغرا كەلدى ، ئۇلارمۇ بوش كەلمىدى ، مەنمۇ چىڭ تۇردۇم ، ئاخىر ئالماس مېدالنى قولغا چۈشۈردۈم ، << تويە تالاشقانغا ، ھۆكۈمران بىلەن تالىشىپ يېڭەلەمتىڭ؟ >> . 1U/9=b  
          تىت- تىت . ( سىزگە قىسقا ئۇچۇر كەلدى ) . قارىسام << پاخال ئىنكاسنى يېزىشنى توختاتمىسىڭىز ، سىزگە چارە قوللانماي ئامالىمىز يوق >> .  كۆرەلمەسلىكقۇ بۇ ؟ نىمە باشقىلار ئالسا بولىدىكەنۇ ، مەن ئالسام بولمامدىكەن ؟ . << بۇلار يەنە بىرەر ھىيلە ئىشلىتىپ ئالماس مېدالىمنى تارتىۋالمىسۇن يەنە ، ئاستا چىقىپ مېدالنىڭ پەيزىنى سۈرەي >> دەپ ئويلىدىمدە ، مېدالىمنى تۇم قارا كاستۇمۇمنىڭ ئۈستىگە تاقاپ كوچىغا چىقتىم . ( ئالماس قارا رەڭنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ پارقىرايدىكەن ئەمەسمۇ؟) 4FYV]p8f  
     كوچىدا مەغرۇر كېتىپ باراتتىم ، ھەممەيلەن ماڭا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى ، ئىچ - ئىچىمدىن خوشال بولاتتىم .( بۇ دۇنيادا ئالماستىن مېدال ئاسالايدىغانلاردىن قانچىلىكى بار دەيسىز ؟ ) يەتمىش سانتىمىتىر كېلىدىغان گەۋدەممۇ كېڭىيىپ ئىككى مېتىرغا يەتكەندەك ، بويۇممۇ ئەسلىدىكى 175سانتىمىتىردىن ئىگىزلەپ 2 مىتىرغا يەتكەندەك ھېس قىلدىم . كوچىلارنى ئالا قويماي ئايلىنىپتىمەن . مېڭىۋېرىپ شەھرىمىزدىكى ئەڭ ئىگىز  28 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئالدىغا كەپتىمەن . << ئاشۇ بىنانىڭ ئۈستىدە تۇرسام ، پۈتۈن شەھەر خەلقى مېنى كۆرسە ، ئالقىش ياڭراتسا ، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولماس >> شۇلارنى ئويلاپ بىناغا كىردىم  . لىفىتنىڭ ئالدىغا كەلسەم ( توك توختىغانلىقى ئۈچۈن لېفىت ئىشلىمەيدۇ ، بۈگۈنكى ئىشىڭىزنى ئەتە قىلىڭ !) دەپ ئۇختۇرۇش تۇرمامدۇ ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، ئاچچىقىمدا لىفىت ئىشىكىنى نەچچىنى مۇشلاپتىمەن ، يەنىلا كوچىغا چىقتىم . G?,3Zn0  
      - ۋاھ ! مۇبارەك بولسۇن ! كاتتىغۇ ، - بىرنەچچە دوستلىرىم ھەۋەس بىلەن مېدالىمغا تىكىلەتتى . ~ PyS;L}  
     -  مېھمان قىلىدىكەنسەندە ، ئۇزۇن بولدى كۈرۈنمىدىڭ ، - دىدى ئارىدىن بىرسى . zJ}abo6rVw  
     - چاتاق يوق ئاغىنىلەر ، - مەيدەمگە مۇشلىدىم : يۈرۈڭلار كەتتۇق . N3#^If
n[  
   ( ئالىجاناپلارئارامگاھى) غا كېلىپ ئەڭ كاتتا ئايرىمخانىنى بۇيرۇتتۇم ، ھاۋادا ئۇچىدىغاندىن تارتىپ ، سۇدا ئۇزىدىغانغىچە ، ئۆملەيدىغانلاردىن تارتىپ مۇشۇ ئارامگاھتىكى بار ئىسىل قورۇمىلارنىڭ ھەممىسىنى ، ئەڭ قىممەت شاراپلارنىبۇيرۇتتۇم . دوستلۇرۇم بۇگۇنكى مەرتلىكىمدىن ھەيران بۇلۇپ ، باشقا كېلەلمىگەن دوستلارغا تېلپۇن قىلىشقا باشلىدى . ئاستا يانچۇقۇمغا قولسالدىم ، پەقەت نەچچە ئون كويلا . بولمىدى، تېز ئامالىنى قىلاي ، دەپ ئويلىدىمدە ھاجەتخانىغا چىقىشنى باھانە قىلىپ ئاستىلا تاكسىغا چىقتىم .  p JF
9Z  
    ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىنىڭ خوجايىنى قۇلۇمدىكى ئالماس مېدالنى كۈرۈپ ھەيران قالدى . مەن باھا تالاشمايلا خېلى كۆپ پۇلغا سېتىۋەتتىم ، خوجايىن خوش بۇلۇپ كەتتى ، ئۇ بۇنىڭدىن نەچچە يۈز ھەسسە پايدا ئالالايدىغانلىغىنى ئويلاپ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى . سېتىپ بۇلۇپ مېدالىمغا قىيمىغاندەك بوپ قالدىم . << مەيلىلا ئەتە يەنە بىرنى ئېلىۋالمامدىمەن ، ئىنكاس بىلەن توشقۇزساملا بولىدىكەنغۇ ) دەپ ئۈزۈمنى بەزلەپ ئارامگاھقا قايتتىم . xWY\,'+Q  
     دوستلىرىم بۇ ئىسىل تاماق شاراپلاردىن تازا ھوزۇرلانغىلى تۇرۇپتىكەن ، تېخى بەزىلىرى تەڭشىلىشكىمۇ ئۈلگۈرۈپتۈ . ئۇلار ھە دەپ مېنى ماختايتى ، ئۇچۇراتتى ئۈزۈمنى خۇددى كۆكتە ئۇچقاندەك ھېس قىلاتتىم . كېچىكىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھەقىقەت دەپ بىر ئاغىنەم بۇلىدىغان ، ئۇ ناھەق ئىشلارغا زادى چىداپ تۇرالمايتى . تۇيۇقسىز مەندىن سوراپ قالدى :  L |#0CRiN  
     - راست گېپىڭنى قىلە ، ئالماس مېدالنى نەدىن ئالدىڭ ؟ q~aj
"GD  
     راست گەپنى قىلسام نىمە بوپتۇ ، ئۇلار باياتىننىڭياقى ئىچتى ، يىدى ، ئەمدى ماڭا ئارتۇقچە بىر نىمە دىمەس ، بىزدە ( يىگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ) دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ . ;!
?l8R  
    مەن ئۇلارغا مۇنبەردە پاخال ئىنكاس يوللاپ ئالماس مېدالنى ئالغانلىغىمنى ئۇچۇق ئېيتتىم .  s1[.L~;J  
   -  نىمە ؟ سەن بىزنى نىمە كۈرۈپ قالغان ئىدىڭ ؟ ،- ھەقىقەت دىگەن ئاغىنەمنىڭ تەستىكى كۈزۈمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى . (?(gz#-  
   -  باشقىلار ئالسا بۇلىدىكەن ، مەن ئالسام نىمىشقا بولمايدىكەن ؟ مەنمۇ بوش كەلمەي يېڭىمنى تۈردۈم . 0wTOdCvmb  
   - ئىپلاس ، باشقىلار نىمىش قىلسا دورايدىغان ، سەن مايمۇنمىتىڭ ؟ باشقىلار پوق يىسە سەنمۇ يەمتىڭ ؟ ئىسىت سېنى ئاغىنەم دەپ يۈرگىنىم ، - بىرسى يۈزۈمگە شالاققىدە تۈكۈردى . 
58HAl_8W  
   -  ئەسلى بىزگە يېگىزگۈنىڭ خوشامەتتىن كەلگەن ھارامكەندە ، بىزنىمۇ بۇلغىدىڭغۇ سەن خومسى ، ;q%z\gA  
   - تازا دەسسەش كېرەك ،  oBub]<.J  
   - مىجىقىنى چېقىرىۋېتەيلى ،  fH9"sBiO  
   - ئادەم ئەمەس نىمىكەن بۇ ، SFwY%2np)!  
   مۇش تېپىكلەر باش كۈزۈمگە ئايىماي تېگەتتى ، جوزىدىكى ئىسىل قورۇمىلار ئۈستى بېشىمغا چاپلىشىپ ، ساڭگىلاپ << تويە ساختىلىق ، يالغانچىلىق قىلغانغا >> دىگەندەك مېنى مەسخىرە قىلىۋاتاتتى ، بۇنداق تۇرۇۋەرسەم ئۆلمىگەندىمۇ ئېغىر يارىلىنىشىم ئېنىق ئىدى ، شۇڭا ئۆمىلەپ دىگۈدەك سورۇندىن قېچىپ چىقىۋالدىم . A+H8\ew2,  
    كوچىدا بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرايتىم : JURu>-i  
   - مېدال ئالغانغا پەندىيات !!!!!!! 
:
F[s  
   vA6onYjA  
    سەمىمى ئەسكەرتىش : تېمىدا ئىسمى چىققانلارنى ئەسەرنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدى . توغرا چۈشۈنەرسىلەر . R64f0NK.  
  مەنبە : ئۈزۈم  4IY|<  
 $f+I#uJ  
 \pI	{b9  
 &F7_0iAP(  
 0cfGI%  
 47{5{/B-  
				
							
              |