پۈتۈن دۇنيادا يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنى 25 ياشقا توشمىغان.
شىنخۇا تورىنىڭ 19-ئىيۇل ۋېينادىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلقئارا ئەيدىز كىسىلى بىرلەشمىسى ۋېينادا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا ئەيدىز كىسىلى يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە يېرىمغا يېقىن ئادەم 25 ياشقا توشمىغان بولۇپ، ياشلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ھادىسىسى ناھايىتى روشەنلەشكەن.
خەلقئارا ئەيدىز كىسىلى بىرلەشمىسىنىڭ مۇتەخەسىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيادا ھەر كۈنى يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تەخمىنەن 7400 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3300 ئادەمنىڭ يېشى 25 كە يەتمەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياشلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ھادىسىسى ناھايىتى ئېغىر، بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەيدىز كىسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇرى يېتەرلىك بولماسلىق، مۇناسىۋەتلىك تەربىيەنىڭ كەملىكى، جەمئىيەتتنىڭ ناچار تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر پۈتۈن دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ياشلىق دەرۋرىگە قەدەم قويۇش ۋاقتىنىڭ بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ئالدىغا سۈرۈلۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توي قىلىش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ، تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بارغانسىرى ئومۇملىشىپ قېلىشىنى بۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سەۋەبى دەپ قارىدى.
ب د ئەيدىز كىسىلى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ 2008-يىلىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2007-يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز كېسلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلار 10 مىليونغا، ئەيدىز كېسلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 15 ياشتىن تۆۋەنلەر 2 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن. (مۇخبىر ليۇ گاڭ، شۈ رۇ خەۋىرى)
مەنبە: شىنخۇا تورى
[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-07-29 10:05 PM دە قاي ]
 |