شامدىن كىيىنكى پاراڭلار
‹ھېكايە›
مەۋلانە مۇھەممەد ئەمىن
‹يارقىن›
قۇياش يىراقتىكى تاغنىڭ كەينىگە ئولتۇرۇشقان ۋاقىتتا ، مەھەللىدىكى كىچىك مەسچىتتىن قېرى ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەر شام نامىزىنى ئادا قىلىپ مەسچىتتىن ئۆيلىرىگە، گاھىلىرى مەسچىدنىڭ باراڭلىقلىرىغا تارىلىشتى .خۇپتەن نامىزىنىڭ ئەزانىغا يەن بىر سائەتچە ۋاقىت بولغاچ ئۆيگە قايتمىغان بوۋايلار باراڭدا توپلىشىپ پاراڭ سېلىشماقتا ئىدى .
-داۋۇتاخۇن بۇگۇن مەسچىتكە چىقماپتا .- دىدى چىرايلىق بادام دوپپا كىيىۋالغان شالاڭ ساقاللىق ساۋۇت بوۋاي باشقىلارغا سۇئال نەزىرىدە قاراپ .ئارىدىن ئازغىنە جىمجىتلىقتىن كىيىن چىشلىرى چۇشۇپ كەتكەن ساقلى مەيدىسىگىچە ئۆسكەن قادىر ئىسىملىك دېھقان بوۋاي ئاستاغىناھالسىراپ ئېيتتى .
- ھە . ئەتتىگندە ئايالى ئايلىخان ئاغىرىپ قالدى دىۋىدى .
- ھەي .داۋۇتاخۇن بالىسىنى ئۇزاتقاندىن كىيىن يامان ئۆزگىرەپ قالدى جۇما . بىر كۇن ساق بولسا ئون كۇنى دورا بىلەن ،بۇ جاننى ئاخىرى ئالىدىغۇ ئاللاھ. ئۆلۇمنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بىلەن بۇ جايغا يىغىلغان پۇتۇن جامائەت ئۇنسىز ئولتۇرۇپ قېلىشتى. نىمىسىنى دەيسىز قېرىندىشىم . ياش بىريەلەرگە بارغاندا كىشىنىڭ كاللىسىغا ئۆلۇمدىن باشقىسى كەلمەيدىكەن.ياشلىقتا كىشى ھەرخىل ۋەزىپە خىزمەتلەرنى ئۆتىسىمۇ ، ياشانغاندا ھەركىشىنىڭ بىردىن بىر ۋەزىپىسى پەقەت كېلىشى مۇقەررەر جانغا خېرىدار بولغان ئەزىرائىلنى ساقلاش بولۇپ قالىدىكەن.‹ ھەربىر جان ئۆلۇمنىڭ دەششىتىنى تېتىغۇچىدۇر › دىگەن بۇ ئايەت بەلكى سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر . بىر ئاز ۋاقىتلىق جىمجىتلىقتىن كېيىن ئاق ساقاللىق بۇ مەسچىدنىڭ مەزىنى بولغان ئەزىزئاخۇن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويغاندىن كىيىن ،
-بالىنىڭ دەردى ياماندە، گەرچە داۋۇتاخۇننىڭ ئوغلى ئاق چىكىپ قېتىپقالغان بولسىمۇ ، ئاتا –ئانا دىگەن ئۆز جىگەر پارىسىغا چىدامدۇ ؟ ھەي نىمىسىنى دەيمىز بۇ ھاياتنىڭ ئاتىسى ئۇ دۇنيانىڭ غېمىدە بالىسى بۇ ئالەمنىڭ ، دادىسى بەش ناماز بالىسى ھاراق بىلەن ئىپتا قىلىدىغىنى، ھەي ئاللا قانداق ھۆكۇم قىلاكى ئاخىرەتتە ، بالىسىغا ھەقنى دىمىگەن ئاتا گۇناھكارمۇ ياكى زەھەر چەككەن ئىچكەن بالا گۇناھكارمۇ ؟
ئەزىز ئاخۇننىڭ سۆزىدىن كىيىن ئولتۇرغان جامائەتنىڭ كۆز ئالدىغاتېخى30ياشنىڭ قارىسىنى ئالمىغان دائىم ئالدىراشلا يۇرىيدىغان قارماتاق ئورۇق داۋۇتاخۇننىڭ بىردىنبىر ئوغلى مۇرات كۆرۇنگەندەك بولدى . راست دىگندەك مۇرات ئۇچ ئاي بۇرۇن مەھەللىنىڭ جەنۇبىدىكى دەرەخزارلىقتا ئاق چىكىپ قېتىپ قالغان ئىدى. شۇچاغدىكى مەنزىرە ھەرقانداق ئىنسان بالىسىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتماي قالمايتى .ئۇنىڭ جەسىدى كونا سۆگەت دەرىغىنىڭ تۇۋىدە بىلىكىگە ئوكۇل سانجىلغان ھالەتتەبايقالغان بولۇپ بىر ئىككى كۇن تۇرغان مۇراتنىڭ جەسىدى ئاللىبۇرۇن پۇراپ سېسىپ كەتكەن چىۋىنلەر خۇددى پوققا ئولاشقاندەك ئولاشقان ئىدى . داۋۇتاخۇن ئەنە شۇ ھالەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولغاچقىمۇ ئۆز ئوغلىنىڭ بۇ خىل ئۆلىمى ئۇنى تولىمۇ ئېچىندۇرغان ۋە ئاخىرى ھالسىراتقان ئىدى . ئۆز جىگىرىنىڭ بۇ خىل ئۆلىمىگە كىممۇ چىداپ تۇرالىسۇن ، ئۆزى ئۆستۇرگەن بۇ نوتىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن سۇنۇپ كېتىشى كىمنىمۇ ئۇمىدسىزلەندۇرمىسۇن . جامائەتلەردىن بەزىلەر كۆزلىرىگە لىق كەلگەن ياشلىرىنى قولياغلىقلىرىغا سۇرىتىپ ئەنە شۇ ئۆلۇمدە داۋۇتاخۇننىڭ ئۇنلۇك ھازا ئېچىپ ئېيتقان قوشىقىنى ئەسلىمەكتە ئىدى .
نىمدەپ يىغلاي جان بالام ،
قارا يۇز بولۇپ كەتتىڭغۇ.
ئاخىرەتتە گۇناھكار،
دوزاخ بولۇپ كەتتىڭغۇ.
جېنىم تەندىن چىققۇچە،
مەندىن بۇرۇن كەتتىڭغۇ.
نىمدەپ يىغلاي جان بالام،
دوزاخقا شېرىك قىلدىڭغۇ.
كەچۇرگىن ھەي جان بالام،
ئاللا جاجامنى بەرگۇسى.
ھەقنى ياپقان تىلىمغا ،
ئوتتىن يۇگەن سالغۇسى.
مەي شاراپقا بېرىلدىڭ،
سەبرى دىدىم ئۆزۇمگە.
ئاقىبەتتە ساڭغىمۇ ،
قىلدىم يەنە ئۆزۇمگە.
تۇتماپتىمەن قولۇڭدىن،
مەسچىتكە تەڭ بېرىشقا.
ھارام يولدىن چىكىنىپ ،
ھەقنى بىللە تونۇشقا.
ھاراق ئىچمەكنى بەلكىم،
مەن ئاتاڭدىن ئۆگەندىڭ.
نىمە دەرمەن سورالسا ،
‹بالاڭغا نىمە ئۆگەتتىڭ›.
كەچۇرگىن ھەي جان بالام،
ساڭا تەلىم بەرمىدىم.
ئۆزۇم ئۆگىتىپ ھارامنى،
سىنى ياندۇرالمىدىم.
كۆزدىن سىرغىپ چۇشىدۇ،
يېشىم ئەمەس قانلىرىم.
ئىبرەت بولاي سىلەرگە،
ئەھلى دوست –يارەنلىرىم.
ئۆگىتىڭلار باللاغا،
ھەقىقەتنى ئىسلامنى.
دوزاخ بولۇپ كەتمەيلى،
تىكىپ دوغا بارچىنى.
توساتتىن ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازىدىن بوۋايلار چوچۇپ، مەسچىدكە قاراپ ئاستا –ئاستا سىلجىشتى. ھەممىنىڭ قۇلاق تۇۋىدە تاۋۇتاخۇننىڭ خىرىلداپ ئېيتقان قوشىقى جاراڭلاپ تۇراتتى .خۇپتەندىن يېنىپ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشكەن بوۋايلار، يۇمشاق ئوران –كۆرپىلىرىگە مەھكەم يۆگىنىپ ،خوراك تارتىپ ئۇيقىغا كېتىشتى . ئۇلار ھېچقاچان كەچتە ئۆزلىرى جەننەتنىڭ باغۇ بوستانلىرىنى چۇشەپ شۇباغدا سەيلە قىلىۋاتقان چاغلىرىدا ئۆز تەربىيىسىدە ئۆسكەن ئوغۇللىرىنىڭ، مەست ئەلەس ھالدا ئۆيگە قايتقانلىرىنى، كىلىن ۋە نەۋرىلىرىنىڭ قورقۇپ تۇگۇلگەن بىچارە ھالىتىنى دائىما قەلىپ كۆزىدىن يىراق قىلاتتى . ئاقىبەت ھەممىمىز ئاللا دەرگايىغا قايتقۇچىلارمىز .
بالىسىغا ھەقنى دىمىگەن ئاتا گۇناھكارمۇ؟ زەھەر چەككەن ئىچكەن بالا گۇناھكارمۇ ؟
تۇن قاراڭغۇسىدا يىراقتىكى كەپىدىن داۋۇتاخۇننىڭ ھالسىرىغانلىقتىن خىرىلداپ ئېيتىلغان قوشىقى ئىشىتىلدى...
كۆزدىن سىرغىپ چۇشىدۇ،
يېشىم ئەمەس قانلىرىم.
ئىبرەت بولاي سىلەرگە،
ئەھلى دوست –يارەنلىرىم.
ئۆگىتىڭلار باللاغا،
ھەقىقەتنى ئىسلامنى.
دوزاخ بولۇپ كەتمەيلى،
تىكىپ دوغا بارچىنى.
شەھرى ئۇرۇمچى .
يارقىن
ئەسكەرتىش ئەسەر يازسىڭىز، تىنىش بەلگىلىرگە دىققەت قىلسىڭىز. تۇزۇتۇپ بۇلالماي كۇزۇم تىشىلىپ كىتەي دىدى .
[ بۇ يازما Musallas تەرپىدىن 2010-07-28 06:19 PM دە ]