مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 124 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : رەقەملىك سىگنال ياپونىيە جەمئىيىتىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى
تارىمنىڭ يۈرىگى ئوت

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1284دانە
ئۆسۈش: 6.42%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 1284
  ياخشى باھا: 252 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3247 سوم
  تۆھپىسى: 195 كىشى
  ياخشى باھا: 261 نۇمۇر
  ۋاقتى: 942(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-27

0

 رەقەملىك سىگنال ياپونىيە جەمئىيىتىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى



رەقەملىك سىگنال ياپونىيە جەمئىيىتىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى



شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:

يېقىندا بىر قىسىم ياپونىيە ئائىلىلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا قارا رەڭلىك سىزىق پەيدا بولۇپ، ئۈستىدە "سىز كۆرۈۋاتقىنىڭىز تەقلىدىي سىگنال، بۇ سىگنال2011- يىل7- ئاينىڭ 24- كۈنى توختايدۇ، شۇڭا  رەقەملىك سىگنال قوبۇل قىلىشقا تېز ھەرىكەت قىلىڭ..."دېگەن خەتلەر چىقىدىغان بولدى. كېلەر يىلى7- ئايدا، ياپونىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئومۇملاشتۇرىۋاتقان رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگنالى تەقلىدىي سىگنالنىڭ ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدۇ. ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتى نۆۋەتتە تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ رەقەملىك تېلېۋىزىيىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى رەقەملىك سىگنالنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈش توغۇرسىدىكى بەس مۇنازىرىمۇ كەسكىنلەشمەكتە.

35% تېلېۋىزور رەقەملىك سىگنالنى قوبۇل قىلالمايدۇ، 30% ئامما سىگنال ئالماشتۇرۇشنى ئېنىق چۈشەنمەيدۇ. ناگانو-كېن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر ئىنانىڭ ئاھالىسى چىيۈ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكى تېلېۋىزور كونا پاسوندىكى كىنېسكوپلۇق تېلېۋىزور بولۇپ، كۆرۈۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:" نىمە ئۈچۈن سىگنال ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن، ھازىرقى تېلېۋىزور بىر ئوبدان تۇرسا، كېيىن راستلا تېلېۋىزور كۆرەلمەمدۇق؟ يېڭى تېلېۋىزور سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ بولغاندا 100 مىڭ ياپونىيە يېنى  ئاز بولغاندىمۇ 60، 70 مىڭ ياپونىيە يېنى كېتىدۇ، بۇ ئاز چىقىم ئەمەس."

ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ياپونىيىدىكى رەقەملىك تېلېۋىزور كۆرۈىدىغان ئائىلىلەرنىڭ قاپلاش نىسبىتى 83.8% كە يەتكەن. ياپونىيە ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر تېخنىكا كەسپى جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، تەقلىدىي سىگنال رەقەملىك سىگنالغا تولۇق ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ياپونىيىدە ئومۇملاشقان 100 مىليون تېلېۋىزورنىڭ تەخمىنەن 35 مىليونى رەقەملىك تېلېۋىزورنى قوبۇل قىلالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 30% ئاھالە تېلېۋىزىيە سىگنالىنى ئالماشتۇرۇش ئىشىنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ، رەقەملىك تېلېۋىزور ئېلىش ئويى يوقكەن. 70 % ئاھالە تەقدىلىي سىگناللىق تېلېۋىزورنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى، 40% ئادەم يېڭى تېلېۋىزور ئالىدىغان ئارتۇق پۇلى يوقلىقىنى ئېيتقان.

ياپونىيە رەقەملىك سىگنالنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى دۆلەت سىياسىتى ئورنىدا ئومۇملاشتۇرۋاتقان بولۇپ، خامچوت ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليارد ياپونىيە يېنىغا يېتىدۇ.

2001-يىلى ياپونىيە "ئېلېكتر دولقۇنى قانۇنى"غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 10 يىلدا تەقلىدىي تېلېۋىزىيە سىگنالى قويۇشنى توختىتىشنى پىلانلىدى، 2011- يىل7- ئاينىڭ 24- كۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سىگنال ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى چېكى. ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتىنىڭ پىلانى بويىچە، كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى تەقلىدىي سىگنالنى پۈتۈنلەي توختىتىش كېرەك. ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان تەقلىدىي سىگنالنىڭ ئىگىلەيدىغان بايلىقى كۆپ بولغانلىقتىن، قاناللار ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان، رەقەملىك سىگنالغا ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قانال سىغىمچانلىقى زورىيىپلا قالماي، 4-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى، مېتېئورولوگىيە رادارى، ئوت ئۆچۈرۈش، ساقچى قاتارلىقلار ئىشلىتىدىغان سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى يېتەرلىك ئېلېكتر دولقۇنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگنالىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ياپونىيىنىڭ ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت قۇرۇشتا باسقان مۇھىم قەدىمى بولۇپ، 2003-  يىلى 12- ئايدا ئالدى بىلەن كانتو قاتارلىق رايونلاردىكى ئۈچ چوڭ شەھەر چەمبىرىكىنى رەقەملىك سىگنال بىلەن قاپلاش، 2006- يىلىنىڭ ئاخىرىدا دائىرىسىنى مەملىكەتتىكى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرىگىچە كېڭەيتىشنى پىلانلىغان ئىدى، نۆۋەتتە يەنىلا دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.

ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتى 2009- يىل10- ئاينىڭ1- كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، تېلېۋىزىيە كۆرۈرمەنلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، ھەقسىز مەسلىھەت بەردى. مۇلازىمەت مەركىزىدە، كەسپىي خادىملار كۆرۈرمەنلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى، تېلېۋىزور تۈرى، ئانتېنا ئەھۋالى قاتارلىقلار بويىچە كونكرت تەكلىب بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتى يەنە رەقەملىك سىگنال خەلق ھەرىكىتى باش شىتابى تەسىس قىلىپ، ياپونىيىدىكى كۆپ سانلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كومىتېتلارنى تەكلىب قىلىپ، رەقەملىك سىگنالىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى  باھالىدى. دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتىنىڭ بۇ قېتىملىق خامچوتى تەخمىنەن 90 مىليارد ياپونىيە يېنىغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 33 مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنى كىشىلەرنىڭ سىگنال قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىشىنى قوللاشقا، 11 مىليارد 100 مىليون ياپونىيە يېنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، مەسلىھەت بېرىشكە، 10 مىليارد 700 مىليون ياپونىيە يېنى ياشانغانلار، مېيىپلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن. ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەمەلىي خامچوت ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليارد ياپونىيە يېنىدىن ئېشىپ كېتىشى مۈمكىنكەن.

رەقەملىك سىگنالنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى، ياپونىيىنىڭ تەكشى ئېكرانلىق تېلېۋىزور كەسپىگە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. بىراق يېڭى تېلېۋىزور ئىشلىتىلسىمۇ، يەر شەكلى، ئېگىز ئىمارەتلەر ئېلېكتر دولقۇنىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، سىگنال قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۈت بولۇشى مۈمكىن. ئىۋاتې-كېن ناھىيىسىدە، رەقەملىك تېلېۋىزور سىگنالىنى قوبۇل قلىش ئۈسكۈنىسى ئومۇملاشقان ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى 66.7% بولۇپ، ياپونىيە بويىچە ئاخىرىدىن سانىغاندا2- ئورۇندا تۇرىدۇ. مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كونا قۇرۇلۇشلار رەقەملىك سىگنال قوبۇل قىلىش ئۆزگەرتىشىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاماملىيالماسلىقى مۈمكىن.

ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار يېقىندا  رەقەملىك سىگنال ئالماشتۇرۇشنى 2 يىلدىن 3 يىلغىچە كەينىگە كېچىكتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر پىلان بويىچە بولغاندا، بىر يىلدىن كېيىن 1 مىليون ئائىلە تېلېۋىزور كۆرەلمەيدىكەن، ئاپەت يۈز بېرىپ قالسا، ئۇچۇر يەتكۈزگىلى بولمايدىكەن.

رەقەملىك سىگنال قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى تېلېۋىزور ئېلىشقا مەجبۇر بولدى، بىراك قىلىنغان 10 نەچچە مىليون كونا تېلېۋىزورنى يىغىۋېلىشمۇ بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ياپونىيىدە، يىغىۋېلىش پۇلى تاپشۇرۇشتىن قېچىپ، قانۇنسىز تاشلىۋېتىلىدىغان كونا، كېرەكتىن چىققان ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئىچىدە، كنېسكوپلۇق تېلېۋىزور ئەڭ كۆپ. زور تۈركۈمدىكى تېلېۋىزورلارنىڭ بىراك قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيىدە كونا تېلېۋىزورلارنى قانۇنسىز تاشلىۋېتىش قىلمىشلىرى بەلكىم يەنىمۇ كۆپىيىشى مۈمكىن.
-سىز كۆرۋاتقان تىما رەقەملىك سىگنال ياپونىيە جەمئىيىتىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى قىزغىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-27, 11:19
‹‹تارىمدىكى مىسرانىم،
مىسرانىمدىكى تارىم.››
ناتىرىي خىلور

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3169
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە287دانە
ئۆسۈش: 3.59%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 287
  ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1485 سوم
  تۆھپىسى: 94 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 355(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-02
  كىرىشى: 2010-07-27

ھې ھې ھې   بۇ ساراڭلار  بىردەمدە ئۇنىڭ ئامالىنىمۇ قىلىدۇ `     بۇلار نىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوق `    لىكىن ئاۋۇ يېڭى رەقەملىك تېلۋېزور دەششەت سۈزۈك چىقىدىكەن دىسە..
بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .
    - ئىسكەندەر
@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 265
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە393دانە
ئۆسۈش: 3.57%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 393
  ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2219 سوم
  تۆھپىسى: -2 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 570(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-21
  كىرىشى: 2010-07-27

ھې ھې ھې ھې ھې ھې ھې ھې
@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@
@ رَّحْمَنِ ارَّحِيم بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم@
ئوغۇل بالا ئوغۇل بالىدەك،قىزبالا قىزبالىدەك ياش ..

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2389
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە426دانە
ئۆسۈش: 3.87%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 426
  ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2624 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 368(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-10
  كىرىشى: 2010-07-27

بىزگە ھەقسىز ئورنىتىپ بەردى  
دۇنيا پەقەت مېھر - مۇھەببەت بىلەنلا گۈزەلدۇر .

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2003
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە195دانە
ئۆسۈش: 2.44%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 195
  ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2239 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 334(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-07-28

بىزگىمۇ دەسلەپتە ھەقسىز ئورنىتىپ بەرگەن ، كىم بىلسۇن يېرىم يىل ئۆتمەيلا پۇل تاپشۇرۇڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى ۋە نۇرغۇن قاناللارنى كۈرۈشتىن مەھرۈم بولدۇق ، ئىلگىرى ئايدا 10 يۈئەن تاپشۇرۇپلا سىملىق تېلۋىزىيەنىڭ ھەممە قاناللىرىنى كۆرەتتۇق ، ھازىر 10 يۈئەن تاپشۇرساق ئىلگىرى كۆرەلەيدىغان نۇرغۇن قاناللارنى كۈرۈش بىر چۈشكە ئايلىنىپ قالدى ، تېخى پۇل تاپشۇرۇشنىڭ ئاۋارىلىقىچۇ ؟
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئەركىنلىك !

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3154
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە393دانە
ئۆسۈش: 3.57%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 393
  ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1881 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 179(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-02
  كىرىشى: 2010-07-28

مۇشنداق ئىشلارمۇ باركەن ھە!
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما