يانچۇقتىكى قەغەز پۇل ، 
قايغۇرىدۇ كېچە - كۈندۈز .
چۈنكى ئۇنىڭ يوقتۇر 
بارار جايى ، 
ۋاقىتلىق پاناھ ئالغان 
ئاقكۆڭۈل پورتمال ئىچىدىن . 
بىرى چوڭ بىرى ئۇششاق ، 
بىر جەمەت بۇ پۇل . 
بەزى پۇچۇلغان ، 
بەزى تۈگۈلگەن ، 
بىرى يېتىم بەزى تۇل . 
 <U(wLG'XS  كېرەكتىن چىققان پورتمال ئىچىدە ، 
ئۇزاقتىن زۇلمەتتە ياتقان 
بىر پارچە سۈرەت ، 
سۈرەتتىكىسى ساھىبجامالدۇر _ 
ئىسىمى ئۆتمۈش ، ئىسىمى ۋاقىت . 
قارا چاچىدىن ، 
سوزۇلۇپ ئاققان بىر تارىخ .
كۆز ياشلىرىدا 
ھەل بېرىپ ئاڭا ، 
مەست بولغان يىگىت  . 
  _]btsv\)f  قىزچاقنىڭ ئىسىمى 
سۆيگۈ-مۇھەببەت . 
ساقلانغان مەڭگۈ 
پورتمال ئىچىدە . 
 ئۇنىڭدىكى گۆدەك قەسەملەر ،
ئېزىپ قاپتىغۇ سۈرەت ئىچىدە ،
سۈرەت ئىچىدە 
ساھىبجامالنىڭ شەھلا كۆزىدە .
ئۆزى يىراققا 
كېتىپتۇ ئەمدى ، 
يامانلاپتۇمىش ئۆتمۈشلىرىدىن . 
 $d2mcwh\  سۆيگۈ - مۇھەببەت 
ئۆتمۈشكە تالىق . 
قالدۇرۇپ شۇنداق 
ئاچچىق بىر تارىخ ، 
ياتلىق بولۇپتۇ 
باشقا بىرىگە . 
 x5[wF6A  بۇ بىر قاينىغان بازار ، 
پورتمال ئىچىدە 
كەڭ ۋە تۇتاش كوچىلىرىدا . 
بۇ بىر ھايات جەمئىيەت ،
شۇ پۇللار 
ئولتۇرۇپ جىمجىت كېچىدە ، 
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ تۆكىشەردۇر دەرت . 
 `R@1Sc<*|  ھېيتگاھ ئالدىدا ،
سالغاندا ساما ، 
يىقىلىپ چۈشتى 
بىر ياشقا چوڭ پۇل . 
 `
6
a  ئىشقا ماڭىدۇ 
ئەتىگەن سەھەر ، 
تىرىكچىلىك بار 
يانچۇق ئىچىدە . 
 xi|T7,\X  كۈلگۈنچەك ئىكەن شۇنچە بۇ دۇنيا ، 
قىزىرىپ سەھەر ۋىلىلدايدۇ ئۇ . 
بەزىدە گويا 
يېڭى كېلىننىڭ يۈزىدەك ، 
تۇنجى ئاخشىمى 
قىزىرىپ پىشقان ،
كەچكى شەپەققە 
يېقىلغان سامسا . 
 j4h6p(w{  بىر يۈەن پۇل قۇچاققا ئېلىپ 
بىر ياكى ئىككى تىيىن نەۋرىلىرىنى . 
كىرىپ كېتىدۇ يانچۇق شەھەردە 
مۇناردىن قىيسايغان ئاينىڭ نۇرىدا ، 
قايسىبىر كوچىلارغا 
پورتمالدىكى دوڭغاق بىر ئۆيگە . 
 Q!7il 
تۈگىمەس سامامۇ ناغرا يېرىلسا ،
ئۆلمەس يېقىلسا نەچچە قېتىمدا . 
خىيالدا ،
چۈش ئىچىدە شۇنداق بىر دۇنيا ،
شۇنداق بىر شەھەر 
بار ، ئۇ شۇنچە رىئال ۋە تىنچ . 
ياشايدىكەن شۇنداق رىتىمدا . 
 
 
 
--- ئەزىزان --- 
[ بۇ يازما Azizan تەرپىدىن 2010-07-27 05:19 PM دە قا ]
 
				
							
              |