مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 199 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تارىمنىڭ يۈرىگى ئوت

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1284دانە
ئۆسۈش: 6.42%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 1284
  ياخشى باھا: 252 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3247 سوم
  تۆھپىسى: 195 كىشى
  ياخشى باھا: 261 نۇمۇر
  ۋاقتى: 942(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-27

0

 مەستانىلەر~( ھېكايە )



مەستانىلەر


(ھېكايە)

ئاپتورى: سەمەت دۇگايلى



ياقۇپ ‹‹مەستانە›› دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان تورخانىدىن خىزمەت تاپتى. بۇ تورخانا شەھەرنىڭ چېتىدىرەك بولسىمۇ، يېقىن ئەتراپتا باشقا تورخانا بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ تورخانىنىڭ تاپاۋىتىنى ئاز دېگىلى بولمايتتى.

ئۇ ئەسلى ئالىي مەكتەپنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەنىدى. بۇ ئاي  –  بۇ كۈنلەردە بۇ كەسىپتە ئوقۇغانلارغا قىزىقىدىغان بىرەر ئورۇن چىقمىغانلىقتىن بىر يىلغا يېقىن بىكار يۈرۈپ، شەھەردە ئوقەت قىلىدىغان بىر تونۇشىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بۇ تورخانىنى تاپقان، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەت تېپىلغىچە ‹‹بىكار يۈرگىچە بىكارغا ئىشلە››دېگەندەك بۇ يەردە ئىشلەپ تۇرماقچى بولغانىدى. چۈنكى، تورخانىنىڭ خوجايىنى ئاساسىي ئىش ھەققىنىڭ 400 يۈەن بولىدىغانلىقىنى، تورداشلار كۆپ بولسا ئۇلار تاپشۇرغان ھەقنىڭ %1ىنى مۇكاپات قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ياقۇپ ئىش ھەققىنى ئاز كۆرسىمۇ مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ رازى بولغانىدى. يەنە بىر ياخشى تەرىپى، تورداشلار تارىغاندىن كېيىن ئۇ مۇشۇ يەردە يېتىپ قالسا بولاتتى. خوجايىننىڭ ئۇنىڭغا تورخانىدىن ياتاق بېرىشى، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭغا تورخانىسىنى ساقلىتىش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن، خوجايىننىڭ مەقسىتى نېمە بولسا – بولسۇن، ياقۇپ سىرتتىن ياتاق ئىجارە ئېلىپ پۇل تۆلەشتىن قۇتۇلۇپ قالاتتى.

ئۇنىڭ خوجايىن بىلەن تۈزگەن توختامنامىسىدە ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويماي ئىش تاشلىسا بولمايدىغانلىقى، ئۆزى تورغا چىقىپ باشقىلار بىلەن، بولۇپمۇ قىز – چوكانلار بىلەن سۆزلەشسە، ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئۇ ئىشقا چۈشتى. 30 كومپيۇتېرلىق بۇ تورخانىدا خېنىگۈل ئىسىملىك يەنە بىر خىزمەتچى بولۇپ، ئىككىيلەن 15تىن كومپيۇتېرغا مەسئۇل بولدى. خېنىگۈل يىگىرمىنىڭ قارىسىنى ئالغان چىرايلىق قىز ئىدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئۇ مەسئۇل بولغان دائىرىدىكى كومپيۇتېرلارنى ئوينايدىغانلار كۆپ ئىدى. قىز – چوكان تورداشلار ئاللىقانداق سىر ئەسنالىرىنى قىز بالا كۆرسە كېرەك يوق، دەمدىكىن، خېنىگۈلنىڭ دائىرىسىدىكى كومپيۇتېرلارغا چاپاتتى. يىگىتلەرنىڭ ئۇ تەرەپكە ئىنتىلىشى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك. ئۇلارنى خېنىگۈلنىڭ ئۇز چىرايى، يېقىملىق تەبەسسۇمى ناتونۇش تورداشلىرىدىن بەكرەك ئۆزىگە تارتاتتى. ياقۇپ مەسئۇل بولغان دائىرىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ خېرىدارلىرى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاھاننىڭ ئەلمى – تەلمىنى بەك بىلىپ كەتمەيدىغان بالىلار، ياكى ھاياتتىن، يېقىنلىرىدىن زېرىككەن پەرۋاسىز كىشىلەر ئىدى. شۇڭا ياقۇپ تەمە قىلغان ‹‹مۇكاپات›› يوق دېيەرلىك بولدى. ئۇ ئىككى ئاي ئاشۇنداق ئىشلىدى.

بىر كۈنى كەچكە يېقىن تورخانىغا خوجايىن كىرىپ كەلدى. خوجايىن 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، تاقىرباش، پاكارغا مايىل ئوتتۇرا بوي، چىرايىغا خاتا جايلىشىپ قالغاندەك بىلىنىدىغان ئورا كۆزلىرى ھەممە ئادەمگىلا ئەمەس، ھەتتا بارلىق نەرسىلەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغاندەك بىلىنىدىغان تەلەتى سۆرۈن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ باشقا يەردىمۇ بىر رېستورانى، بىر كىيىم  –  كېچەك دۇكىنى بولغاچقا، بۇ تورخانىسىغا ھەپتە – ئون كۈندە بىر كېلىپ، چۆرگىلەپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى. تورخانىنىڭ كىرىم  – چىقىملىرىنى ئۇنىڭ ئايالى  40 ياشلاردىن ئاشقان كېسەل چىراي ياردەمچىسى باشقۇراتتى. شۇ تاپتا خوجايىننىڭ كەينىدە 25 – 26 ياشلار ئەتراپىدا كۆرۈنىدىغان، زىلۋا، ئالىپىتە كىيىنگەن، قۇلاق ۋە بارماقلىرىغا ئالتۇن ھالقا ۋە ئۈزۈكلەرنى كۆز – كۆز قىلىش ئۈچۈنلا سالغاندەك بىلىنىدىغان يەنە بىر ئايالمۇ بار ئىدى. مۇشۇ ئايال خوجايىن بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنى يانداپ ئالدىغا ئۆتۈپ، چۇس، ئەمما پەس ئاۋازدا:

— خېنىگۈل، بۇياققا قارا رەسۋا!  –  دەپ زەردە قىلدى.

خېنىگۈل ئۇلارنى كۆرگەن بولسىمۇ قارشى ئېلىپ ئالدىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا، كۆرمىگەنگە سېلىپ نېرى كەتمەكچى بولۇپ تەرەددۇتلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىگە قارىتىلغان خىتابتىن مەڭدەپ قالغاندەك ئىپادىدە بولدى – يۇ، بۇرۇلۇپ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئايالنىڭ ئالدىغا كەلدى.

— بۇ نېمە؟ – سورىدى ئايال كۈزلۈك پەلتۇسىنىڭ يانچۇقىدىن قاتلانغان بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۇ قەغەزنىڭ قاتلىقىنى تۈزەپ، يەنە سورىدى، – بۇ نېمە دەۋاتىمەن؟

خېنىگۈل ئۇنچە ھودۇقۇپ كەتمىدى. ئىڭىكىنى قېقىپ، چەتكە قاراپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا:

— توختام...، – دېدى.

— سەن توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، تور ئارقىلىق ئاشنا تۇتتۇڭ. دېمەك، تورخانىنىڭ قائىدىسىنى بۇزدۇڭ. شۇڭا، ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ كەشىڭنى توغرىلاپ، ئوسما بازىرىغا بار! – دېدى ياش ئايال ۋە خوجايىننىڭ ئايالىغا بۇرۇلۇپ بۇيرۇدى،  –  دەررۇ بۇنىڭغا تەۋە ھېساب – كىتابنى قىلىۋېتىڭ!...

خېنىگۈل ياش ئايالنىڭ سۆزلىرىنى پىسەنتىگە ئېلىپمۇ قويمىدى. ئۇ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان خوجايىنغا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قويدى. خوجايىننىڭ ئايالى بىلەن ئۆزىنى سەتلىگەن ياش ئايالغا بولسا نەزىرىنىمۇ سېلىپ قويماي ئىشىك تەرەپكە ماڭدى ۋە كېتىۋېتىپ:

— مەن بىلەن قىلىدىغان ھېساب – كىتابنىڭ پۇلىغا ئۇپا – ئەڭلىك ئالارسىز، ئۇ سىزگە بەك لازىم...، – دېدى.

ئۇنىڭ سۆزلىرىگە خوجايىنمۇ، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ، ياش ئايالمۇ ئوخشاشلا ئىنكاس قايتۇرمىدى. خېنىگۈل ئىشىكتىن چىقىپ غايىب بولغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچەيلەنمۇ بۇرۇلۇپ سىرتقا مېڭىشتى. ياقۇپ ياش ئايالنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، ئۆزىگە باشقىچە قادىلىپ قاراپ ئۆتكىنىدىن سەل ھايران قالدى.

كەچ كىرىپ قالغانىدى. خېنىگۈلنىڭ ئەتىگىچە تاقەت قىلماي كېتىپ قالغانلىقى سەۋەب بولدىمىكىن ئېھتىمال، خوجايىننىڭ ئايالىمۇ تورخانىنى بۇرۇنراق تاقاشنى ياقۇپقا تاپىلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. بارا  – بارا تورداشلار ئازىيىۋاتقانلىقتىن، ياقۇپ بىكار بولغان ئۈستەل، ئورۇندۇقلارنىڭ ئاستى – ئۈستىنى تازىلىغاچ ئويلىنىپ قالدى. ئەر – خوتۇن خوجايىنلار تۇرغان يەردە ئۇنچىۋالا چوڭ سۆزلەيدىغان، ئۆز ئالدىغىلا بىر خىزمەتچىنى ‹‹قوغلاندى›› قىلىۋېتەلەيدىغان ئىمتىيازغا ئىگە ھېلىقى ياش ئايال كىم بولغىيدى؟ خېنىگۈلنىڭ بىكار قالغان كومپيۇتېردا تورغا چىقىدىغانلىقى راست، بۇنى ئۇمۇ نەچچە قېتىم كۆرگەن. لېكىن شۇنى دەپلا ئۇنى ئىشتىن قوغلىۋېتىشكە بولامدۇ؟ قازان بېشىدىكى ئادەمنىڭ ئاشنىڭ تۇز تەمىنى تېتىپ بېقىشى نورمال ئىش ئەمەسمۇ؟ قىزىق يېرى، خېنىگۈل ئۆزىنى سەتلەشلەرگە پىسەنت قىلمىغاندەك قىلغان بىلەن، چوڭ تىل قىيىنچىلىقى باردەك ھېلىقى ياش ئايال  بىلەن تەڭ تۇرالمىدى – يا؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش ئايالنىڭ يانچۇقىدىن توختام قەغىزى چىققىنىغا قارىغاندا، ئۇ مۇشۇ تورخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسىمىدۇ؟  ياكى خېنىگۈل تۇتقان ‹‹ئاشنا›› ئۇ ئايالنىڭ ئېرىمىدۇ؟ ئەر – خوتۇن خوجايىنلار بۇ جېدەلگە نېمىشقا بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىدۇ؟

ياقۇپ ئۆز – ئۆزىگە قويغان يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب تاپالمىدى. ئەمما، قىزىقىش ۋەسۋەسىسى بىلەن ھەممەيلەن كېتىپ تورخانا ئۆزىگە ئوڭچە قالغاندا، خېنىگۈل ئوينايدىغان كومپيۇتېرنى ئاچتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاشۇ نامەلۇم ‹‹ئاشنا››سىنىڭ كىملىكىنى بىلگۈسى بار ئىدى. ئۆچۈرۈۋېتىلمىگەنلا بولسا، خېنىگۈل بىلەن ‹‹ئاشنا››سىنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكىنىنىمۇ بىلگىلى بولاتتى.

ئۇنىڭ كومپيۇتېردا تور ئىسمى ‹‹بۇلبۇل››قويۇلغان بىر ئايالنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى ئالالايدىغان ھەمراھ  ئىزدەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىغا كۆزى چۈشتى. ‹‹بۇلبۇل›› خارلىقتا قالغانلىقى، تاشلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ‹‹نىدا››قىلاتتى. تور ئويۇنىنىڭ ئۇجۇر – بۇجۇرىنى بىلىدىغان ياقۇپ بۇ ئايالنىڭ بىر نەچچە كۈن، ھەتتا بۈگۈننىڭ ئۆزىدىمۇ تورغا چىققانلىقىنى پەم ئېتىپ بولدى.

ئۇ تور بېتىدە ‹‹بۇلبۇل››نىڭ ھەقىقىي ئىسمىنىڭ كىملىكىنى سورىدى ۋە دەردىڭىزگە دەرمان بولىمەن، – دېدى. قارشى تەرەپ ئاۋۋال ياقۇپنىڭ تور ئىسمى بار – يوقلۇقىغا قىزىقتى. ياقۇپنىڭ تۇنجى قېتىم تورغا چىققانلىقىنى، ئىسىم قويۇشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىسىم قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ياقۇپ سەل ئويلىنىپ ‹‹چىنار››دەپ ئىسىم يوللىدى. ‹‹بۇلبۇل››بۇ ئىسىمدىن رازى ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا غايىب بولدى.

بۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ خېنىگۈلنى ‹‹تەكشۈرگۈسى››كەلمىدى. ئۇنىڭچە ‹‹بۇلبۇل›› توردا شاللاقلىق قىلىدىغان تەييار ئايالدەك قىلمايتتى. شۇڭا ھازىرچە كەچلىك ئىچ پۇشۇقىنى، ياخشىراق خىزمەت تېپىش غېمى بىلەن تولغىنىپ ئۇخلىيالماسلىقلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ ‹‹بۇلبۇل››بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇش نىيىتىگە كەلدى.

ئەتىسى باشقا بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال كېلىپ خېنىگۈلنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. بۇ گۈزەل دەپ كەتكۈچىلىكى يوق، گەپ – سۆزلىرى قوپال، توڭ ئايال ئىدى. ئەمما، تورداشلار يەنىلا ئۇ مەسئۇل دائىرىگە ئامراق بولۇپ چىقتى. ياقۇپ تەرەپكە خېرىدار كۆپەيمىگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭغا بېرىدىغان مۇكاپاتتىمۇ ئۈمىد يوق ئىدى. ئۇ چىشىنى چىشىغا بېسىپ يەنە بىر ئاي ئىشلىۋېتىش نىيىتىگە كەلدى.

ئۇ كەچ كىرىشىگىلا تورخانىنىڭ يېنىدىكى ئاشپۇزۇلدا ئالدىراپ غىزالىنىپ كېلىپ كومپيۇتېرنى ئاچتى. ۋاقىت سەل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بۇنىڭغا ‹‹بۇلبۇل››رەنجىمەيدىغانلىقىنى، توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ياقۇپقا ياقتى ۋە ئۆزىنىڭ بويتاق ئىكەنلىكىنى، مەلۇم بىر ئورۇندا باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىشتىن چۈشۈپ ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ۋاقىتقا رىئايە قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزرە سورىدى. ‹‹بۇلبۇل››مۇ ئۇنى ئەپۇ قىلدى.

بۇ ئاي ئۆتۈپ، يەنە بىر ئاينىڭ يېرىمىمۇ تۈگىدى. ياقۇپ ئاڭلىق – ئاڭسىز رەۋىشتە ‹‹بۇلبۇل››غا باغلىنىپ قېلىۋاتاتتى. تور بېتىدە‹‹بۇلبۇل››نىڭ  ئۇچۇر بېرىشىگە ھەردەم تەقەززا بولاتتى. شۇڭا، ئۇ تورخانا بىكار بولسىلا ئۆزى ئاۋۋال تور بېتىنى ئېچىپ، ‹‹بۇلبۇل››نى ساقلايدىغان بولۇپ قالدى.

تور ئارقىلىق شۇنچە مۇڭدۇشىشلاردىن كېيىن ياقۇپ ‹‹بۇلبۇل››نىڭ ئاساسىي ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتى؛ ‹‹بۇلبۇل››يىراقتىكى بىر يېزىدىن بۇ شەھەرگە تاغىسىنى پاناھلاپ كەلگەن. ئۇ يەر –  بۇ يەردە پارچە  –  پۇرات ئىش تېپىپ ئىشلەپ، تاغىسىغا بەك يۆلىنىۋالماي ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالغان. لېكىن يەڭگىسى بىلەن تازا ئەپ ئۆتمىگەن. كېيىن تىرىكچىلىكنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن  بىر كىيىم  – كېچەك سودىگىرى بولغان خوجايىننىڭ تەلىپى ۋە ئۇنىڭ كېسەلمەن خوتۇنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭغا كىچىك خوتۇن بولۇشقا ماقۇل بولغان. خوجايىن بىر – ئىككى يىلغىچە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان. ھەتتا دەسمايە چىقىرىپ گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىپ بەرگەن. ئەمما كېيىنچە ئۇنىڭدىن سوۋۇپ، باشقا تېخىمۇ ياش ۋە چىرايلىق بىر قىزنى تېپىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ‹‹بۇلبۇل››نىڭ خوجايىنغا بارغانسېرى ئۆچلۈكى تۇتۇپ، ئۇنى كۆرۈش تۈگۈل يادىغا كەلسىلا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ بەدىنى تىكەنلىشىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان...

ياقۇپ ئەقلى ۋە ئىقتىدارى يار بەرگىنىچە توردا ‹‹بۇلبۇل››غا تەسەللى ھەم ئىلھام بېرىپ تۇردى ۋە ‹‹بۇلبۇل››نىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىغا ئىشەندى. ئۇنداق بولمىغاندا، ناتونۇش بىر ئايالنىڭ ئۆزى تونۇمايدىغان ئەرگە بۇنچىۋالا ئىچ – باغرىنى تۆكۈپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟

ئاي ئاخىرلىشىپ ياقۇپ 400 يۈەن ئىش ھەققى ۋە 51 يۈەن مۇكاپات ئالدى. شۇ ئاخشىمىلا ئۇ بىر ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت توردا مۇڭداشقان، بىراق تېخىچە يۈز كۆرۈشمىگەن ‹‹بۇلبۇل››نى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. ‹‹بۇلبۇل››سەل ئىككىلەنگەندەك قىلدى – يۇ، بەك نېزىقاپ كەتمەي ماقۇل بولدى. ئىككىيلەن ئۇچرىشىدىغان ئورۇننى بېكىتتى. ئورۇن شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئوتتۇرا ھال بىر رېستوران بولدى.

ياقۇپ رېستوراننىڭ ئالدىغا بېرىپلا كۆرۈشمەكچى بولغان‹‹بۇلبۇل››نى تونۇپ قالدى. بۇ دەل ئالدىنقى ئايدا خېنىگۈلنى ‹‹قوغلاندى››قىلىۋەتكەن ھېلىقى ياش چوكان ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى سەل غەش بولدى. بىر ئايچە ۋاقىت تور بېتىدە شۇنچىۋالا مۇڭدىشىپ يۈرۈپمۇ، تورداش دوستىنىڭ بۇ چوكان ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگىنىگە ئۆكۈندى. ئەمما، ئەمدى چېكىنىشكە يول قالمىغانىدى. ئۆزىمۇ ھېسسىيات جەھەتتە بۇ چوكانغا خېلىلا چوڭقۇر باغلىنىپ قالغانىدى. ‹‹بۇلبۇل›› تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياقۇپنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە:

— مەن ئىكەنلىكىمنى ئويلىمىغان بولغىيدىڭىز، –  ھە؟ –  دېدى يېقىملىق كۈلۈپ، – تورغا چىقىش دېگەن شۇنداق بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنى سىزمۇ بىلگەندىكىن دەپ ئاشۇنداق ئويۇننى ئويلاپ چىقارغانىدىم... بۇنىڭدىن رەنجىمىگەنسىز؟

ياقۇپ ئۇنىڭ سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ:

— يۈرۈڭ، ئىچكىرى كىرەيلى...،  –  دېدى ۋە ئۇنى باشلاپ رېستورانغا كىردى.

ئۇلار تام ئورنىغا كەڭ، ئېگىز، قېلىن ئەينەك قويۇلغان، شۇ سەۋەبتىن تالانى تولۇق كۆرگىلى بولىدىغان جايغا قويۇلغان كىچىكرەك بىر شىرەگە  كېلىپ، بىر – بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشتى. رېستوران مۇلازىمى كېلىپ، يېقىملىق ئاۋازدا:

— نېمە بۇيرۇتىسىلەر؟ – دەپ سورىدى ۋە ياقۇپقا تاماق، قورۇما تىزىملىكى يېزىلغان دەپتەرنى ئۇزاتتى، بۇنىڭغا جاۋابەن:

— ڭلىڭىز نېمىنى تارتىدۇ، تارتىنماي بۇيرۇتۇڭ، – دېدى ياقۇپ ‹‹بۇلبۇل››غا قولىدىكى دەپتەرنى ئۇزىتىپ.

‹‹بۇلبۇل››دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ مۇقاۋىسىنى ئېچىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك بىر كىشى شىرە يېنىدا پەيدا بولدى. ئۇ ئىشارەت بىلەن رېستوران مۇلازىمىنى كېتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئاندىن ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.

بۇ خوجايىن ئىدى. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى كۈتۈلمىگەن ئىش بولغاچقا، ياقۇپ ھودۇقۇپ كەتتى، سالاملىشىشقىمۇ تىلى كەلمىدى. ‹‹بۇلبۇل››نىڭ سىياقى تېخىمۇ بەتتەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاغزى يېرىم ئېچىلغان، كۆزلىرى چەكچەيگەن ھالدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

— ياخشىمۇسىلەر؟ – ئادەتتە تەلەتى سۆرۈن خوجايىن ئەمدى خۇشخۇيلىشىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى،  –  ئولتۇرۇشۇڭلارغا دەخلى قىلىدىغان بولدۇم، ئەپۇ قىلارسىلەر، بىر – ئىككى مىنۇتلا ئاۋارە قىلىمەن سىلەرنى...
ئۇ ئىككىيلەندىن ئىنكاس كۈتمىدى. سول قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە سومكىنى قولىغا ئالدى. سىيرتمىسىنى ئېچىپ سومكا ئىچىدىن ئىككى ۋاراق قەغەز ئالدى. خەتلىرىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىر ۋاراقنى ‹‹بۇلبۇل››نىڭ، بىر ۋاراقنى ياقۇپنىڭ ئالدىغا قويدى:

— بۇ توختام، قول قويۇۋېتىڭلار، قەدىرلىكلىرىم ...  –  دېدى ئۇ ھىجىيىپ – كېرىلىپ،  سىلەر رازى بولغۇدەك نەپ ئالىسىلەر ۋە بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئۈزۈلگەنگە ھېساب بولىدۇ...

ئۇ شۇلارنى دېگەچ بىر باغلام پۇل ئېلىپ ‹‹بۇلبۇل››تەرەپكە، يەنە بىر تۇتام پۇل چىقىرىپ ياقۇپ تەرەپكە قويۇپ قويدى ۋە ئولتۇرغانلار توختامغا قول قويمايلا پۇلنى ئېلىۋالمىسۇن دېگەندەك قىلىپ، ئىككى جەينىكىنى ئىككى تەرەپتىكى پۇلنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالدى.

ياقۇپ ئۆز تەرىپىدىكى توختامنى ئوقۇدى. ئۇنىڭدا تورخانىنىڭ قائىدە  –  تۈزۈمىنى بۇزۇپ، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ توردا مۇھەببەتلەشكەنلىكى سەۋەبتىن ئىشتىن بوشىتىلغانلىقى،1000 يۈەن قايتۇرۇش پۇلى بېرىلگەنلىكى يېزىلغانىدى. ئۇ خوجايىنى تەڭلىگەن قەلەمنى ئېلىپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي قول قويۇپ بەردى.

‹‹بۇلبۇل››سەل تەرسالىق قىلىپ:

— ھىيلە  –  مىكىرگە باي نېمىكەنسەن...، مېنى پايلاپ  –  مارىلاپ پېيىمدا يۈرۈپتىكەنسەن – دە؟ 10 مىڭ كوي بىلەن قوغلىۋېتەلمەيسەن... قول قويمايمەن، دۇكاننىمۇ قايتۇرمايمەن! – دېدى زەردە بىلەن.

— ئىشنى تېرىغان ئۆزىڭىز خېنىم، – دېدى خوجايىن ‹‹بۇلبۇل››نىڭ سۆزلىرىنى قاپتىلىغا ئالماي دىمىقىنى قېقىپ تۇرۇپ،  – بۇ پۇل كىيىنلىكىڭىزنى ئويلاپ قىلغان ئىلتىپاتىم. بەرمىسەممۇ ھېچنېمە قىلالمايسىز... دۇكانغا كەلسەك...، – ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قوشۇپ قويدى،  –  ئىچىدىكى ماللىرى بىلەن قوشۇپ باشقىلارغا ئۆتكۈزۈۋەتتىم، رەسمىيەتلىرى مەندە ئەمەسمىدى؟ بۇنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز!...

ياقۇپ ‹‹بۇلبۇل››غا قارىدى. ئۇ خوجايىن تەرىپلىگەندەك ئۆزىنى ئەيىبلىك سەزدى بولغاي، ئۈنسىز ياش تۆكۈپ بىردەم ئولتۇردى ۋە ئاخىر غەزەپ بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئالدىدىكى قەغەزنىڭ ئاللىقانداق بىر يېرىگە قول قويدى.

— بۇ قىلغىنىڭىز جايىدا بولدى، – خوجايىن شۇنداق دېگىنىچە ئىككى ياندىكى ئىككى ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ سومكىسىغا سالدى. ئىككى تەرەپتىكى پۇللارنى ئىككىيلەننىڭ ئالدىغىراق ئىتتىرىپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى، –  خەيرلىك كەچ، قوشماقلار...، مەن كېتىۋېرەي، –  دېدى ۋە رېستوراندىن چىقىپ كەتتى.

ياقۇپنىڭ نېمىشقىدۇر كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ، دىلى ئازار يېگەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدى. ‹‹بۇلبۇل››نىڭ خوجايىن بىلەن بولغان بۇرۇنقى مۇناسىۋىتى ۋەجىدىن خوجايىن بەرگەن پۇلنى ئېلىشى مۇۋاپىق بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ پۇلنى ئېلىشىنى ئۆزىگە ھاقارەت ھېسابلىدى. چۈنكى ئۇ ئىش ھەققىنى، مۇكاپات پۇلىنىمۇ ئېلىپ بولغان. بۇرۇنقى توختامغا ئىشتىن قايتۇرۇش پۇلى ئالىدىغان مەزمۇن يېزىلمىغانىدى. خېنىگۈل ئىشتىن ‹‹قوغلاندى››قىلىنغاندىمۇ مۇنداق بولمىغانىدى. بۇلارنى ئويلاپ ئۇ ئىچ – ئىچىدىن خورلۇق ھېس قىلدى.

ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن پۇلنى ئېلىپ خوجايىننىڭ كەينىدىن چىقتى. خوجايىن پىكاپىغا چىقىۋاتاتتى. ياقۇپ پۇلنى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆمەللىگەن ئاغزىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ پىكاپتا ئۆزىگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ ئولتۇرغان خېنىگۈلنى كۆرۈپ قالغانىدى...


ئەسەر مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-07-27 10:27 AM دە قاي ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مەستانىلەر~( ھېكايە ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sultan تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-27, 02:24
‹‹تارىمدىكى مىسرانىم،
مىسرانىمدىكى تارىم.››
دۇنيا دا بىكارغا بىر ۋاخ تاماق يوق

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 594
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: 3.15%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 252
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1277 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
  ۋاقتى: 610(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-24
  كىرىشى: 2010-07-27

تۇرمۇش، ھەر كىشىنى ھەر كويلارغا سالىدۇ .
بەزىلەر پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلسا  . پۇل بەزىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ، دىمەك خوجايىننىڭ رەزىللكى  قىز -چوكانلارنى بىر تىيىن قىلدى ،
ئەلۋەتتە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ  ھې ھې ھې...
مېنى بىللە ئېلىپ كەت ، شامال ...

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 945
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە153دانە
ئۆسۈش: 1.91%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 153
  ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1925 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 338(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-07-28

يا ئاللا،  "ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ" دىگەندەكلا ئىش بوپتۇ دىسە.  ھىيلە - مىكىر دىگەن با يەدە باكەن بۇ خەقتە.  باشتا ئوقۇپ كاللامدىن ئۆتمىگەچكە تازا چۈشىنەلمىگەنىدىم، ئەسلى بۇ مەستانىلەر ئۆزلىرىگە ئۆزى قىپتۇ ئەمەسمۇ. توردا مەستانە بولۇپ، رېئالدا ۋەيرانە بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي ...   

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 150
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
ئۆسۈش: 2.6%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 130
  ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 956 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 447(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-27

مەن چۈشىنەلمىدۇمۇ قانداق بۇ ھېكايىنى
لايلا
يىغا پەقەت قايغۇرغاندىلا تۆكۇلمەيدۇ!

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3334
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
ئۆسۈش: 3.62%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 181
  ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 653 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 210(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-04
  كىرىشى: 2010-07-27

ۋاي توۋا ،نىمانداق خوجايىن ئۇ؟ مەن ئۇنق بولارىنى ئويلىماپتىكەنمەن !
يىغا پەقەت قايغۇرغاندىلا تۆكۇلمەيدۇ!
دوسقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بول ..

دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4797
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0.6%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 18
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 54 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 24(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-26
  كىرىشى: 2010-07-27

ھەقىقەتەن قىززىق ئەسەركەن.
قايتا يارىلىشىمدا.........!!!.........

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2025
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە293دانە
ئۆسۈش: 2.66%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 293
  ياخشى باھا: 244 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3360 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 381(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-07-28

تور دىگەنلىكنىڭ ئۆزى بىر مەۋھۇم دۇنيا . تور ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە قىززىق تۇردۇ . بۇ ئەمەلىيەت .لىكىن قىززىقتىم دەپلا ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلمىسا ئىھتىيات قىلمىسا مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ...تىمىڭىزغا رەخمەت باشلىق......
بۇلبۇل

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4159
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 2.2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 22
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 83 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 36(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-17
  كىرىشى: 2010-07-28

ھەقىقەتەن  ھىلىيگەر  ئادەمكەن
يىڭنە قىلغان ئىشنى نەيزە قىلالماس

دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 51
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە559دانە
ئۆسۈش: 3.99%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 559
  ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2812 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 387(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-27

سەمەت دۇگايلىنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى . رەھمەت ھە خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا.
تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 265
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە393دانە
ئۆسۈش: 3.57%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 393
  ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2219 سوم
  تۆھپىسى: -2 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 570(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-21
  كىرىشى: 2010-07-27

          
@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@
@ رَّحْمَنِ ارَّحِيم بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم@
خىيالىم سەندە !

دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 424
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە484دانە
ئۆسۈش: 4.4%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 484
  ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2002 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 343(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-07-27

مەن ھىكايىنىڭ ئاخىرنىڭ بۇنداق بۇلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىمەن، بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى خېلى ئەتراپلىق پىلانلاپ يېزىپتۇ ،،، خۇددى راستەكلا ...
ئەپسۇسكى  يىگىتلىك  مەۋسۈمى   پۈتتى ،
كۆكلەم ئۈتۈپ كەتتى - كۈز كىلىپ يەتتى.
ياشلىق  دەپ ئاتالغان  سىۋنىچ  بۇلبۇلى ،
بىلمىدىم  قاچانلا ردا  كەلدىيۇ ـ  كەتتى .
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«12»Pages: 1/2     Go