uwIZzz
+(<CE#bb[ W<x2~HW( ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى شوتا قويماي ئۈزىۋالدىغان بىر ئالا قانات ۋەھشى ئوغرى .نەچچە كىچە - كۈندۇز بىر لەخمە كولاپ پادىشاھنىڭ غەزىنىسىگە ئوغۇرلۇققا كىرىپتۇ . غەزىنىدىن ئىككى خورجۇنغا ئۈنچە - مەرۋايىت بايلىقلارنى توشقۇزۇپ ،بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى غەزىنىدىن ئاچىقىپ كىتىۋاتقاندا ،كۆزى توساتتىنلا ئىشىك يىنىدا تۇرغان يوغان بىر پارقىراق نەرسىنى كۆرۈپ ، قىشىغا كىلىپ سىلاپ بېىقىپتۇ . بۇ ئوغرى يا ئالتۇنغا، يا كۈمۈشكە ئوخشىمايدىغان بۇ پارقىراق تاشقا ئوخاشيدىغان نەرسىنى ئاڭقىرالماي بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ ئىڭىشىپ تىلىنى تەككۈزۈپ يالاپ بىقپتۇ - دە خۇددى چاقماق سوققاندەك نېرىغا قاڭقىپ ، ئاپلا ! دەپ داڭ قىتىپ قاپتۇ .
w@"|S_E بۇ تاساددىبىي ئىشتىن كېيىن ، ئوغۇرلىغان بارلىق نەرسىلىرنى شۇ پىتى قويۇپ قۇرۇق قول غەزىنىدىن قايتىپ چىقىپتۇ .
kL&^/([9 ئەتىسى پادىشاھ غەزىنىدىكى بۇ ئالەمەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ . ھەممە نەرسە ساق ، غەزىنىدىن يىڭنە چاغلىق نەرسە يۈتمىگەن . شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ۋەزىر - ۋۇزراھلىرنى يىغىپ ، بۇ ئوغرى شۇنچە جاپا چىكىپ لەخمە كولاپ غەزىنىگە كىرىپ ، خۇرجۇنغا ئۈنچە- مەيۋايىت - ئالتۇن كۈمۈشلىنى قاچىلاپ نېمە ئۈچۈن ئىلىپ چىكەتمەي ، قۇرۇق قول چىكەتكەندۇ ؟ ____ دەپ ۋەزىرلىرگە سۇئال قويۇپتۇ .
@^P=jXi< ۋەزىرلەرمۇ بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يىتەلمەي ، بىر نەرسە دىيەلمەپتۇ . پادىشاھ بۇيرۇق چىقىرىپ ، غەزىنىگە كىرگەن ئوغرى ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ، ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەرسە ، ئىككى خورجۇندىكى بايلىقنى مۇكاپات قىلىپ بىرمەن . گۇناھىدىن ئۆتۈپ يەنە مەنسەپ بىرمەن دەپ، يۇرتمۇ - يۇرت ئېلان چاپلاپ ، جاكارچىلار مەھەلىمۇ - مەھەلە ۋاقىراپتۇ .
>g F بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئوغرى ئويلا - ئويلا ،ئاخىرى ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇ . پادىشاھ ئۇنىڭدىن :
P8TiB
___ ئەي مەرد ئوغرى ، مەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ گۇناھىڭدىن ئۆتتۈم ، شۇنداقلا بۇ بايلىقلارنىمۇ ساڭا ئىنھام قىلدىم . بىراق ، سىنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئوغۇرلىماي قۇرۇق قول چىقىپ كەتكەن ئىشىڭنى ۋەزىر - ئۆلىمالار يىشەلمەي ،يا بۇ سىرنىڭ تىگىگە يىەتەلمەي ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى قاتتىق پاراكەندە بولدى ، قىنى ئىيتقىنا، نىمىشقا بۇ بايلىقلارنى ئوغۇرلىماي ، قۇرۇق قول چىكەتتىڭ ، زادى نىمە سەۋەپ بولدى ؟ !
Ii"cDH9 ئوغرى تەزىم قىلىپ تۇرۇپ پادىشاھقا شۇنداق دەپتۇ :
")LF;e ____ ئىشىكتىن چىقىشتا مەن قىزىقىپ يالاپ قالغان نەرسە تۇز ئىكەن . مەن سىزنىڭ تۇزىڭىزنى تىتىپ قالدىم . ئەمدى مەن سىزنىڭ بىر تال يىڭنە چاغلىق نەرسىڭىزنى ئوغۇرلاپ كىتىشكە ھەققىم يوق ئىدى شاھىم ~~~~ ! تۇز تىتىغان يەرگە خىيانەت قىلىشتىنمۇ قەبىھ گۇناھ بولماس دۇنيادا ! _____ مەن سىزنىڭ ئاشۇ ئىشىك تۈۋىدىكى پارقىراق تۇزىڭىزنى يالاپ سالمىغان بولسام ، خۇرجۇندىكى بايلىقنى ئەپچىقىپ كەتكەن بولاتتىم ...... ئوغرى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ .
}vm17`Gfy شاھ ۋە ۋەزىرلەر بۇ ئوغرىنىڭ سكزلىردىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ .
yEz2F3[ S ____ سەندەك ئىنساپلىق ئادەملەرگە تولىمۇ مۆھتاجمەن ! ساڭا مەنسەپ بىرەي ، مەردلىك ۋە ئىنساۋىڭ دائىم ساڭا ھەمرا بولسۇن ! _____ دەپتۇ شاھ پەرمان چىقىرىپ .
H_$"]iQ _____ مەندەك قۇلىقىغىچىلىك گۇناھقا پاتقان بىر ئوغرىنى خەيرلىك ئىشلارغا بەنت قىلىپ ، ساۋاپ تەرەپكە باشلىسىڭىز ئۆمرىڭىز ۋە دۆلىتىڭىز تىخىمۇ زىيادە بولسۇن ! ئەمدى ھالال خىزمەت قىلىپ ئاۋامنىڭ خىزمىتىنى قىلمەن ، _____ دەپتۇ ئوغرى .
hTy#Q.= +ivz مەنبە : بىر سۆزۈم بار ئۈچ تىللا دېگەن كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى .
mp5]=6~:m ` "9Y.KU ئەزىز تورداشلار ! تۇز ھەققىگە ھۆرمەت قىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئالىي پەزىلەتتۇر ! ھاياتتا ئەڭ مۇقەددەس نەرسە مۇھەببەت ، تۇز ھەم ئاشۇ ئالىي تۇيغۇ بىلەن تەڭ باراۋەر تۇرغۇچىدۇر . " تۇز يېگەن يەرگە تۈكۈرمە " " بىر كۈن تۇز يېگەن يەرگە قىرىق كۈن سالام قىل " دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەر ھەم " تۇز گۇۋاھ بولسۇن " ........... دېگەندەك " بەرگەن تۇزۇڭغا رازى بول " .......... دەپ رىزالىق قەسەم ئالامەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىبارىلەرنى خەلقىمىز بىكار قالدۇرغان ئەمەس !
#cApk تۇزىنى يىگەن يەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ، تۇز ھەققىدىن قورقۇش ، _ بۇ ئىنساپ تەۋپىق ۋە ديانەت كەبى گۇزەل خىىسلەتلەرنىڭ ئالى نەمىنىسىدۇر .....!
[ بۇ يازما Musallas تەرپىدىن 2010-07-26 11:21 PM دە ]