مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 492 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : مەن ئۇنى بىر تەستەك سالدىم (دىلسىرى)
دىلنىڭ سىر دىشى -----

دەرىجىسى: يازما چولپىنى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1469دانە
ئۆسۈش: 5.88%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 1469
  ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 5057 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 611(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-27

0

 مەن ئۇنى بىر تەستەك سالدىم (دىلسىرى)



       بۈگۈن شۇنداق كەيپىياتىم شۇنداق ناچار ،سەۋەبى ئەتىگەن خىزمەتكە كىلىپ بىر خېرىدارىم بىلەن قاتتىق سوقوشۇپ كەتتىم ،مىنىڭ توغرا بولسىمۇ يەنىىلا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم چۈنكى باشلىقىم شۇنداق قىلىشىمنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى ھەرھالدا باشلىقمغا بولغان ھۆرمىتىمنىڭ يۈزىسىدىن ئۇ ئادەمنىڭ خاتا بولسىمۇ كەچۈرۈم سورىدىم پەقەت ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىلا چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈشكە ئامالىم يوق ،ئۇمىنى قاتتىق ھاقارەتلىدى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئارىسىدا قاتتىق سىلكىدى ،ئىچىم ئاچچىقتىن توشۇپ يېرىلىپ كىتەي دەپ قالدىم ،سائەت توشۇپ ئاخىرى ئىشتىن چۈشتۈم .ئىشخانىدىن چىقىپلا شەرىق تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ئۆيۈم ئەسلى غەرىپ تەرەپتە ئىدى ،ئۆيگە بارسام مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئاتا -ئانام بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشتىن قاتتىق قورقاتتىم .
_چىقامسىز ھازىر ماڭىمىز ؟
_نە گە بارىدۇ ؟
كوچا ئاپتۇۋۇزىدىكى بېلەت ساتقۇچى قىز چاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،ئادەتتە بىزنىڭ شەھەردە ،پەقەت شەھەر ئىچىدە ماڭىدىغان كوچا ئاپتۇۋۇزلىرىدا ساندۇققا پۇل تاشلاش ئۇمۇملاشقان بۇلۇپ ،شەھەر ئىچىدىن يېزىغا قاتنايدىغان ئاپتۇۋۇزلاردا بېلەت ساتقۇچى خادىملار ياللىنىپ ئىشلەيتى ،بەلكىم يېزىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى بۇ خىل ئادەتكە كۆنۈپ بۇلالماسلىقى  سەۋەبلىك بۇلىشى مۇمكىن .
ئەمىلىيەتتە ئۇ كوچا ئاپتۇۋۇزى مۇشۇ شەھەرگە يېقىن بىر يېزىغا چىقىدىكەن ،ئۇقىزنىڭ گپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى ،كۆڭلۈمدە مۇشۇ ئاپتۇۋۇزدا ئولتۇرۇپ دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ناچار كەيپىياتىم ياخشلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەنلەرنى ئويلىدىم ئىككىلەنمەي ئاپتۇۋۇزغا چىقتىم .
دېرىزىدىن ئەتراپقا قاراپ ماڭدىم لىكىن بۇ كاللام ئەتىگەنكى ئىشخانىدا يۈزبەرگەن ئىشقا كىتىپ باراتتى،سىرىتتىكى دەل-درەخلەرگە مەجبۇرى قاراپ دىققىتىمنى يېزىنىڭ يوللىرىغا مەركەزلەشتۈرمەكچى بولدۇم ،تۇيۇقسىز ماشىنا توختاپ دىققىتىمنى بۇزىۋەتتى .
ئاپتۇۋۇزغا ياشانغان بىر ئايال چىقتى ،ھېلىقى بېلەت ساتقۇچى قىزچاق ئۇ ياشانغان ئايالنىڭ قولتۇقۇدىن يۆلەپ ماشىنغا چىقاردى ،مىنىڭ ئالدى تەرىپىمدىكى بوش ئۇرۇنغا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ كىراپۇلىنى ئالدى .
ئىشقىلىپ ئۇقىزغا بولغان ھۆرمىتىم شۇنچىلىك ئاشماقتا ئىدى ،كۆڭلۈمدە ئۇقىزمۇ خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىدىن ئەمەس بەلىكى چىن كۆڭلىدىن ئۇ ئايالغا ياردەم قىلدى دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنى قاتتىق ئەيىپلەپ كەتتىم ،ئادەتتە مەن يولدا كىتىپ بارسام باشقىلار سالام قىلمىغىچە مەن سالام قىلمايمەن ،ھەتتاكى تۇنۇشۇپ قېلىش نىيتىم بار دوسلارغىمۇ ئالدىراپ گەپ قىلمايدىغان مىجەزىم بار ،ئىشقىلىپ باشقىلار ئون ئېغىز گەپ قىلسا بىر ئېغىز جاۋاپ بەرسەم بىرىمەن ياكى بېشىم بىلەن قۇلۇمنىڭ ھەركىتى ئارقىلىق مەقسىتىمنى بىلدۈرىمەن ،كۆپ گەپ قىلىدىغان ئادەملەردىن بەك قاچىمەن چۈنكى ئۇلارنىڭ بىمەنە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشتىن بەك بىزار مەن .

لىكىن خىزمىتكە چۈشكەندىن بىرى ،مىنى ئىزدەپ كىرگەن خىرىدارلرىمغا تولىمۇ ئەتىراپلىق تەپسىلى چۈشەندۈردىغان بولدۇم ،مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ئوخشاشلا قىز غىن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم ،بەلىكىم مۇ شۇنداق گەپ قىلشىممۇ پەقەت ۋەپەقەتلا خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى بۇلۇشى مۇمكىن ،ئىشخانامدىن ئايرىلساملا يەنىلا كەم سۆزئىدىم ،ئۇقىزنىڭ خىزمىتى ئادەملەرنى يۆلەپ چىقىرىپ قويمىسىمۇ پۇلنى يىغىپ ماشىنىڭ مۇھىتىنى پاكىزە تۇتسىلا بۇلىدۇ ،ئەمما ئۇ قىز ئايالغا شۇنداق قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ ياردەم قىلدى ،مەنچۇ ھەتتاكى كېكەچ بولمىساممۇ ئاغزىمنى دەسمىگە سېلىپ ئەتىراپمىدىكى ئادەملەرگە ئانچە مۇنچە گەپ سۆزقىلىپ ياشىسام يەرشارىمۇ بۇرۇنقىدەك يەنىلا ئۆزئوقىدا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىدى .
_مەن مۇ شۇ يەردە چۈشىۋالاي .
دىدى ھېلىقى ياشانغان ئانا ،قولىدىكى تاينىدىغان ھاسىنى تاينىپ دەلدەڭشىپ مېڭىپ كەلدى ،ئىشىك تەرەپكە يېقىن كەلگەندە .
يولىنىڭ سىرتىغا قارىسام ،كونىراپ كەتكەن ئەسكى دەرۋازاكۆرۈندى ،تاملىىرىمۇ كېسەكتىن سېلىنغان بىر تەرەپكە قىيسىيىپ كەتكەن ئىكەن ،ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ما نا مەن دەپ چوخچىيىپ چىقىپ قاپتۇ ،مەن تېخى بۇنى تاشلاندۇق ئۆي دەپ ئويلاپتىمەن ،ئەسلىدە موماينىڭ ئۆيى مۇشۇ ئىكەندە دەپ كۆڭلۈمدە جەزىملەشتۈردۈم
_تىزرەك چۈشۈڭ دەيمەن ۋاقىت تۇشۇپ ئېشىپ كەتتى .
ھېلىقى بېلەت ساتقۇچىنىڭ كۆزلىرىنى ئالايتىپ تۇرۇپ زەرىت بىلەن دىگەن گىپى قۇلۇقمغا كىرىپ كەلدى ،ئۇ قىزنىڭ بېشىدىن ئايىقىنىڭ ئۇچىغىچە قاراپ سىنچىلاپ قارىدىم بېشىمنى قايتا -قايتا چايقىدىم يەنىلا شۇ قىز شۇ كەن .
ئىشقىلىپ ھېلىقى سالاپىتىدىن ھازىر قىلچىك ئەسەرمۇ يوق .
ئۇ قىز ماشىنىڭ ئىشىكى تەرەپكە كىلىپ شوپۇر ئىشكنى ئاپتۇماتىك يېپىپ بولغۇچە ،قولى بىلەن ھېلىقى ئايالنىڭ دۈمبىسىگە ياپتى . ئايال سەن تۈرلۈپ يەردە يېتىپ قالدى ،ئۇنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى قۇلۇقىمغا سىڭىپ كىردى ،ئەمىلىيەتتە مىنىڭ بىر ئادىتىم باشقىلارنىڭ ئىشغا ئارلاشماسلىق ئىدى،لىكىن قائىدىنى بۇزۇپ بىر ئادەمدەك ياشاپ باقاي دەپ ئاغزىمغا تىل چىقتى .
_ئىشىكنى ئېچىڭ .
_ئارلاشما دەيمەن .
_سەن دىدىڭما ،ئىشىكنى ئاچ .
قۇلۇمنى شىلتىپ تۇرۇپ زەرىد بىلەن تىكىلدىم ،ئاپتۇۋۇزدىكى ھەممە ئادەم ماڭا تىكىلىپ قارىدى ،مەن پەقەت ھېلىقى بېلەت ساتىقۇچىغا قاراپ تۇردۇم ،نۇمۇس قىلىش دىگەندەك نەرسىلەر مەندە پەقەت يوق ،مەن ئاللىقاچان ئشتىن چۈشۈپ بولدۇم  خېرىدارلىرىمنى 90پىرسەن رازى قىلىپ يولغا سالىمەن ،ھەتتا مۇزقاپاقلىرىنى تۇرۇپ كىرگەن بولسىمۇ مىنىڭ مۇئامىلەمدىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشىكتىن چىقىپ كىتىدۇ ،ئەتىگەندىكىدەك يىمىگەن نەرسىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىدىغان ئىش ئانچە-مۇنچە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ،لىكىن پەقەت خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى قائىدە تۈزىمى سەۋەپلىك ئۇلارغا ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا ئىگىلىپ قۇيىمەن ،ئەتىگەنكى ئاچچىق كاللامغا تەسىر قىلدىمۇ ياكى ماۋۇ مۇشۇكىنىڭ تېرىسگە ئورىنىۋالغان جىن تېرە تاشلىدىمۇ ،ۋەياكى ئىڭراپ ياتقان ئايالغا ئىچىم ئاغرىپ قالدىمۇ ئوتتۇرغا سەكرەپ چۈشۈپتىمەن .
_ئارلاشما سەن مىنىڭ ئىشىمغا ،مەن خالىسام ئاشۇنداق چۈشۈرۋىتىمەن .
_ نوچى سەن ،چاۋاق چالمامسىلە ،سەن يۆلەپ چىقىرىپ ،يانچۇقىدىكى پۇلىنى ئېلىپ ئىتتىرىپ چۈشۈرىسەن شۇنداقمۇ .
ماشىنىدىكى ھەممە ئادەم ماڭا تىكىلدى ،لىكىن ئىشىك قىمىر قىلماي جايىدا بۇتتەك تۇرىدۇ ،ئايال شۇنداق تەستە تۇراي دەپ تۇرشىغا يەنە ئىزىغا يىقىلىپ چۈشتى .ئۇنىڭ ۋايسىغان ئاۋازى قۇلۇقىمغا سىڭىپ كىرۋاتىدۇ .ئۇ يېنىدىكى ھاسىسغا قولىىنى ئۇزارتتى لىكىن قولى پەقەتلا يەتمەيتى .
ئاغزىم بېسقىدىغاندەك ئەمەس قانداق بۇلۇپ ۋارقىراپ كەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ماڭا كەلگەن قانداق كۈچ تاكى ھازىرغا قەدەر ئېنىق بىلمەيمەن .
_ھەي شوپۇر ئاۋۇ ئادەم يەردە ياتىدۇ ،بىرە ئىش بولسا سەن سەۋەپچى ،ئىشكىنى ئاچ .
شوپۇرنىمۇ قانداق سەنلىۋەتكەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ئىشىك قارىت قىلغان ئاۋازبىلەن ئېچىلدى .
ماشىنىدىن چۈشۈپ ئايالنىڭ قولتۇقىدىن يىتلەپ بىر قولىغا ھاسسىنى تۇتقازدىم ،ھېلىقى كونا دەرۋازىدىن بىر يىگىت كىلىپ ئايالىنى يىتلەپ كىرىپ كەتتى ،ماڭا رەخمەت ئېيىتتى بەلكىم ئوغلى بولسا كېرەك ،كىيىۋالغان كىيىمى شۇنداق رەپ -رەپ بىرلا قارىسلا نامىرات دىھقان ئىكەنلىكى  ئېنىق شۇڭلاشقا بوزەك بۇلۇپ نىمە بولدى دەپ سورىيالمىغاندۇ دەپ ئويلىدۇم .يەنە يۈگۈرۈپ كىلىپ ماشىنىغا چىقتىم ،ماشىنىڭ ئىچىدە ساقچى كىيمنى كىيىۋالغا ئوتتۇرا ياش ئاكاش ماڭا قاراپلا تۇردى ،باشقا ئادەملارگە قايتىدىن سەپ سېلىپ قاراپتىمەن ساپلا دېھققان ،پەقەت شۇ ئاكاشلا ئالاھىدەرەك تۇراتتى .
_نەدە چۈشىسەن .
ھېلىقى چېچىنى سېرىق رەڭدە بوياپ سېۋەتتەك بۇدىرە قىلىۋالغان بېلەت ساتقۇچى ماڭا قاراپ تىلىكىپ تۇردى .
_نە ۋايجان دىمىسە شۇ يەردە ؟
_ھەي رەسۋا مۇقامغا كەلگىدەك گەپ قىل !
_نىمۇ ؟رەسۋا .ھا ھا ھا .....
كۆزۈمنى چۆچەكتەك ئېچىپ راسا قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ،شاپىلاقنىڭ ئوڭ -تەتۈرىنى كىلىشتۈرۈپ بىرنى ساپتىمەن .
_رەسۋا دىگەن مانداق ياشايدۇ ،كۆردۈڭمۇيە .
_.........
_مەن ساڭا ئۆگۈتۈپ قۇياي .
ئۇ جىن قولىنى كۆتۈرۈپ مىنى بىرنى ئۇرماقچى بولدى ،ئادەتتە گەپ قىلمىغىنىم بىلەن ئىنكاسىم بەك تىز قولنى كاپپىدە قىلىپ تۇتىۋالدىم ،قۇلۇم كىچىك چاغدا چېنىقىپ بەك قېتىپ كەتكەن بولغاچقا بوشمۇ تەگىمدى مەڭزى قىزىرىپ ياشلىرى سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى ،كچىك چاغلاردا ئاكام دائىم ئۇرۋالاتتى شۇ ۋاقىتلاردا يۇشۇرۇنچە ئۇنىڭ قۇم خالتىسىغا ئۇرۇپ مەشىقلەنگەن مەن ،مانا بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشىم بەلكىم ئۇمىنى ھاقارەتلىمىگەن بولسا بۇنداق بولماستى ،ۋەياكى ئەتىگەنكى ئىش يۈزبەرمىگەن بولسا ئۇنى ئۇرماستىم .
_نىمانداق قىزبالا تۇرۇپ لۈكچەكتەك قىلىدىغانسىز ؟
شوپۇر بودەك قورسىقىنى كۆتەرگىنىچە مەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئىككىمىزنى ئايرىماقچى بولدى ،بىر سى قولۇمدىن تارىتتى بىر سىلكىپتىمەن يەنە ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم .
_ئىككەڭ بىلىپ قۇيۇش ،بۈگۈنكى ئىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسەن ،ھەي سەن تېخى لۈكچەك دەۋاتامسەن ،ھازىر زومىگەر بولمىسا ياشىماق تەسكەن ،ئەگەر ئۇ ئايالمۇ مەندەك ۋارقىرغان بولسا سىللىق چۈشۈرۈپ قۇياتتىڭ ،يۇۋاش بولىغىنى ئۈچۈن يانچۇقتىكى پۇلىنى ئېلىۋېلىپلا ئىتتىرىپ چۈشۈرۋەتتىڭ شۇنداقمۇ .
_مەن ئىشىكنى ياپىمغان تۇرسام ،،،،،،،،،،شوپۇر شۇنداق دىدى .
_ئاۋۇ سېۋەت باش دۈمبىسىگە ياپتىغۇ ،كۆرمىدىڭما ،بودەك قورسۇقۇڭ كۆزەڭنى توسىۋالدىما ،رەسۋادەپ ئاغزىمنى ئېچىپ قۇيۇشتىڭ مەندىن رەنجىمە .
_كەچۈرۈڭ قىزچاق خاپا بولماڭ ئۇ خاتا قىپتۇ .مەن سىز دىن كەچۈرۈم سورايمەن .
_ئىشنى ئاسان تۈگەيدۇدەپ قالما ،ماشىناڭنى ئۇدۇل شىر كىتىڭگە ھەيدەيسەن باشلىقىڭ بىلەن كۈرىشىمەن ،مۇشۇنداق خىزمەت قىلسا مۇئاش بېرەمدا.
_.............
_ئۇنى خىزمىتىدىن بو شىتىۋەتمىگىچە ھەرگىز بولدى قىلمايمەن ،چۇقۇم خىزمىتىدىن ئايرىۋېتىمەن .
_كەچۈرۈڭ بۇلامدۇ ،ئاتا-ئانام بەك نامىرات مەن ئىشلەپ پۇل تاپمىسام ئۇلارنىڭ خىزمىتى يوق ..
يىغلام سىراپ تۇرغان ھېلىقى جىنتەكنىڭ گىپى قۇلۇقىمغا شېخىل چاشقاندەك ئاڭلاندى .
_ئەگەر ھېلىقى ئايال ئورنىدا ئاپاڭ بولسا باشقىلار دۈمبىسىگە ئىشكنى يېپىپ چىقىر ۋەتسە سەن قانداق قىلىسەن ؟
ئۇنىڭ ئىككى كۆزى قىزىرىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .
_سەن ئادەم ئەمەس كەنسەن بىلدىڭمۇ ؟ھايۋانات دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ .
_..............
_شامال چقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ ،چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ دەۋاتقان سەن بۈگۈن خاتىمە بەردىڭ بىلەمسەن ،ئۇ ئايال ساڭا ھېچنىمە دىمىدى ،ياكى ھاسىسى بىلەن چوقۇدىما ،سەن ئىشىكنى دۈمبىسىگە قەستەن يېپىپ يىقتىۋەتتىڭ ،مانا ھېچقانداق قارشىلىق يوق ،قارشىلىق يوق ئەھۋال ئاستىدا چاۋاق بىر قولدىن چىقدۇ ،سەن نوچى كەنسەن .
ئاۋازىمنى بۇلىشىغا قويۋېتىپ ۋارقىراپ كانەيلىرىم ئېچشىپ كەتتى .
_ئۇكام بولدى قىلىڭ ،ھەممە ئادەم بىر تۇرمۇشنى دەپ چىقىدۇ ،ئۇنى كەچۈرۋەتكەن بولسىڭز ،مىنىڭ خىزمىتىم ساقچى مەن گەپ قىلاي دىسەم سىز ئوتتۇرغا چۈشتىڭىز ،بىر قېتىملىق ساۋاق بۇلۇپ قالسۇ ن .سىزنى بىكار دىنلا سەنلىدى گەپ قىلمىسىڭىز رەسۋا دەيدۇ ،ئۇ چامدىكى كىيىم بولمىغان بولسا باش كۆزلىرىنى يېرىۋىتەتتىم .
_ئاپپاق ئۇكام خاپا بولمىسىلا  مىنىڭ گىپنىمنى بولسىمۇ ئالسىلا ھېچ بولمىسا ئاپا يوللۇق ئادەم مەن .
ساقچى ئاكاش بىلەن ياشتا چوڭ سۈپەت ئاپاش ماڭا تەربىيە قىلدى ،شوپۇرمۇ بىر تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراپ كەتتى ،ۋاي بۇلاپتا ئازماس ئاللاھ دەپتىكەن ئاچچىقىمنى بېسىۋالدىم .ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپلا يولنىڭ چىتىدە ماشىنا ساقلاپ تۇردۈم كىچىك ماشىنا منى كۆرۈپ توختىدى ،ماشىنىغا ئولتۇرۇپلا شەھەرگە كىرىپ كەتتىم .
  كۆزلىرىمدىن ياش تاراملاپ ئېقىپ كەتتى ،مەن زادى نىمە بولدۇم ،بۈگۈن نىمە ئۈچۈن تولا گەپ قىلىپ كەتتىم ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ۋارقىراپ بېشەملىك قىلدىم ،نىمىشقا ئۇنى بىر تەستەك سالىمەن ،كەچۈرۈم سورىسىمۇ توختىماي سۆزلىدىم ،گەرچە ئەزەلدىن سوقۇشۇشقا ئۆچ بولساممۇ ئاممىۋى سورۇندا كۆزۈمدىن ياش چىقارماي تۇرۇپ سوقۇشۇپ ئەمدى ئادەم يوق يەرگە كىلىپ يىغىلايمەن ،مەن ئاشۇ كۈنى ئۆزۈمنى -ئۆزۈم چۈشەنمەيدىغانلىقىمنى ھەقىقى ھىس قىلدىم .

مۇشۇ ئىش يۈزبەرگەندىن كىيىن يولدا تۇنۇشلۇرۇم ئۇچىراپ قالسا ئالدىدا سالام قىلىدىغان بولدۇم ،دوسلۇرۇمغا قىززىقچىلىق قىلىپ ئۇلارنى كۈلدۈردىغان بولدۇم .ئېنىق ئېسىمدە قېلىشىمچە دەل بىر ئاي بولغان ۋاقىتتا خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭسام بىر سى كەينىمدىن قولى بىلەن يىنىك ئۇردى .مەن ئۆرۈلۈپ كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم .
_مىنى تۇنۇدىڭىزمۇ ؟
ئۇ قىز ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ گەپ قىلدى .
_ھەئە ،سىز ماڭا تىل چىقىرۋەتكەن ئادەم سىز ،بۇ دۇنيادا ئەمەس ،ئىككنجى دۇنيادىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن .
مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا جاۋاپ بەردىم ،ھېلىقى سېۋەت چاشلىرىنى ،تۇپتۈز قىلىپ ياستىۋاپتۇ ،چېچىنىڭ رەڭگىنى قارا ھالەتتە بوياپتۇ ،گىرىمنىمۇ ناھايتى سۇس ھالەتتە يارىشىملىق قىپتۇ ،ئۇنى بىر قاراپ ناھايتى تەستە تۇنىغان ئىدىم ئەينى ۋاقىتلاردا .
_تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بىرىڭە ،مەن سىز دىن بىر كۈنى كەچۈرۈم سورىۋالسام .
_بولدى باشقا ئىشىم يوق مەن سىزنى مىھمان قىلاي .
_ھە راسىت ئىسمىڭزنىمە ؟
_سوراپ نىمە جېدەل ھە ،ئىسمىم مۇھىم ئەمەستۇ .
_ھى ھى ھى .........بەك قىززىق كەنسىز.
_بېشىمنى تۇتسام قىززىق ئەمەسقۇ ؟
_مىنىڭ ئىسمىم مۇنىرە خالىسىڭىز ئادەتتىكى دوستىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز مەيلى .
_ئۇنداق بولسا يېقىن دوس بولمىساق بولغىدەك ھە .
_ياق ئۇنداق ئەمەس  شۇ سىز مىنى ياراتمايسىز شۇڭا ئاشۇنداق دىدىم .
_بولدى قىل مەن مۇشۇنداق بىر ئادەم چېپىلغاق قارا ،سەل ئوسالراق مىجەزىم ئەسكى .
_مەن سىزنىڭ بىر گىپىڭىزگە قايىل بولدۇم ،راسلا ھېچقانداق قارشىلىق يوق ئەھۋال ئاستىدا چاۋاك بىر قولدىن چىقىدىكەن .
ئاشخانىغا كىرىپ بىر ۋاقلىق تاماق يىگەن بولدۇق تۇيۇقسىز لا .
_قاراڭە ،تامىقىمدىن چاچ چىقىپ قالدى ،قانداق قىلىمەن ،ئۇلار بىلەن دىيىشەيمۇ .
_..............
_ئۇستام ،ماۋۇيەرگە كىلىڭە .
_ھە نىمە ئىش ؟
_ھېچنىمە ،ئۇ سىز گە تاماق تەييارلىغاندا باش كىيىمى كىيۋالسۇن دىمەكچى ،بېرىپ ئىشىڭىزنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ .
مەن ئاشپەزگە كۈلۈپ تۇرۇپ گەپ قىلدىم ،ئۇمۇ مەقسىتىمىزنى چۈشەندى ماقۇل دەپلا كىتىپ قالدى .
_سىزنىمىشقا ئۇنىڭغا قاتتىق گەپ قىلمايسىز ؟
_ئەينى ۋاقىتتا ساڭا مۇئامىلە قىلغاندەكما ؟
_تاماقتىن ..........
_ھى ھى ..ئۇدىگەن نورمال ئىش ،چاچ چىقمايدۇ دىگىلى بۇلامتى ،دىيىشسەك ئەتىراپىمىزدىكى ئادەملەر تاماقنى قانداق يەيدۇ .
_ئەمىسە قانداق قىلىمەن .
_مۇنداق قىلىمىز كۆردۈڭمۇ ؟
ئۇنىڭ قاچىسىنى ئېلىپ قىلنى ئايرىۋېتىپ تاماقنى يىمەكچى بولدۇم ،ئۇ ئىتتىكلا ئۆزى يىيىشكە باشلىدى .
بەلكىم ئۇ نىمىلەرنى ئويلىدى لىكىن مەن شۇ مۇھىتنى ئويلىدۇم ،ئاشخانىدىكى تاماق بىر ئادەمنىڭ قۇلىدىن چىقمايدۇ ،ئۇ ئىشتىن مۇستەسنا بولماق تەس ،يىمەيمەن دەپ جېدەل قىلغاندىن پۇلىنى تۆلەپ چىقىپ كەتسەك ئۇلار ئۆزى خىجىل بۇلىدۇ ،نىمە ئۈچۈن چىقىپ كەتكەنلىكىمىزنى ئويلايدۇ ھېچ بولمىغاندا ئەتىراپتىكى غىزالىنىۋاتقان ئادەملەرنى ئويلىشىمىز كېرەك ،شۇڭا ئامال بار تامقنى ئۆيدە يىيىش كېرەك بولمىسا ئاشۇنداق بەدەل تۆلەيدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ ،لىكىن بۇ تۇرمۇشتىكى نورمال بىر ئىش .
ئۇنىڭ يېشى مەندىن پەقەت ئالتە ئايلىقلا كىچىككەن ،شۇڭا ئۇنى سىڭلىم دەپ ئاتاپ قويدۇم .
مەن خوشلۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ تىلفۇنىغا نۇمۇرۇمنى زومىگەر دەپ كىر گۈزۈپ قۇيۇپ قويدۇ ئۇ ھەيران بولدى ،ئۇنى يېقىن كۆرۈپ سەن دەۋالغان ئىدىم .
_جىنتەك مەڭزىڭ بەك ئاغرىغاندۇ .
_ھەئە بىر ھەپتە ياتتىم ئىشىپ كىتىپ ،ھەم نۇمۇسنىڭ كۈچىدىن .
ئۇنىڭ مەڭزىنى ئالقانلىرىمدا سىلاپ قۇيۇپ خۇددى سڭلىم ئەركىلەتكەندەك ئەركىلتىپ كىتىپ قالدىم .
_ھەدە تىلفۇن قىلسام بۇلامدۇ .
_كەچۈر سىنى بىر تەستەك سالمىغان بولسام بۇلاتتى .
_ئەمىسە تىلفۇن قىلىمەن .
_ئىختىيارىڭ ،خوش كۆرۈشكىچە ئامان بولغىن !
مەن قەدەملىرىمنىڭ يىنىك ئېلىپ يەنىلا شۇنداق سىر لىق ھالدا كىتىپ قالدىم ،ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇشۇكۈنى منىڭ كەينىمدىن شۇنچىلىك ئۇزاق قاراپتۇ .
ھازىر ئۇمىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمغا ئايلاندى ،بىراق مەن ئۇنىڭغا سىڭلىمغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسام شۇنداق جىلە بۇلۇپ قالاتتى دوستىم دەپ قارىسىڭز دەپ يالۋۇراتتى ،مەن ئۇنىڭ بىلەن دوس بۇلۇپ 3ئايغىچە ئىسمىمنى دەپ بەرمىگەن ئىدىم ئۇنىڭغا دەل ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى ،نىمە ئىش قىلىدىغىنىمنى دەپ بەردىم ،ھازىرمۇ يېنىمدا مىنى سىرلىق زومىگەر ھەدەم دەپ چاقىراتتى مەنمۇ كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم .
مەن ئۇنى بىىر تەستەك سالمىغان بولسام قۇلۇمغا قول ،بولغىدەك مۇشۇنداق ئېسىل بىر دوسقا ئېرىشەلمىگەن بۇلۇشىم مۇمكىن ئىدى .شۇڭا ئاشۇ كۈنىدىكى ئوڭ -تەتۈر تەستەكنى ئۇمۇ شۇنداق توغرا دەپ قارايدۇ مەنمۇ شۇ .
ئۇ مىنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ بولغىچە يېنىمغا پەيدا بۇلۇپ ،ماڭا تەسەللى بېرىدۇ ،ھەتتا مۇھەببەتتىن ئازار يىگەن چاغلىرىمدىمۇ يېنىمدا ماڭا ھەمراھ بولدى ،لىكىن مەن ئازاپلانسام ئۇنىڭ كۆڭلى مەندىمۇ بەكرەك يېرىم بۇلىدىغاندەك ھىس قىلىدىغان بولدۇم شۇڭا ،يېقىندا ئۇنىڭ ئالىدىدا كۈلۈپلا تۇردىغان بۇلىۋالدىم ،يېقىندا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە باردىم ئۇلارماڭا ئۆز قىزىدىنمۇ بەكرەك ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قىلدى بەلكىم مۇنىرەمنى ماختاپ بەرگەن بولسا كېرەك .
دەل بىز تۇنۇشۇپ ئۈچ يىل بولغاندا ئۇ توي قىلدى ،مەن ئۇنىڭغا بەخىت تىلەپ قويدۇم ،لىكىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم چۈنكى مەن ئۇنىڭ سەبى شوخ مىجەزىگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن ،ئۇمنىڭ يېنىمدىن ئايرىلىپ يىگىتىنىڭ يېنىغا كەتتى ،مەيلى نىمە بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالەتتە بەخىت تىلەپ قويدۇم ،
لىكىن ھازىر يېنىمدا بىرنەرسەم كامدەكلا تۇيۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ ،مەن بۇرۇن ھىس قىلماپتىكەنمەن ،ئادەم ئايرىلغاندا ھەممە نەرسىنىڭ قەدىرىگە يىتىدىغان بولسا كېرەك .

دىلسىرى .






-سىز كۆرۋاتقان تىما مەن ئۇنى بىر تەستەك سالدىم (دىلسىرى),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+30(suzuk-ay) ئىجادىي ئەسە ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى قىزغىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-26, 06:54
    مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
    A freind in need is freind indeed

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 524
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە349دانە
    ئۆسۈش: 3.17%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 349
      ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1903 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 614(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-27

    ۋەقەلىك ھەجەپ ئۆزگىچە ئىكەن ، قارىغاندا ئۇ قىزمۇ ئەسلى ئۇنچىۋالا ئەسكى ئەمەس ئىكەنتۇق ، تەربىيە سىڭىدىغان ، ئىبرەت ئالالايدىغان يەنە تېخى ئۆچمەنلىك ساقلىمايدىغان قىز ئىكەن
    ئۆزۈمنى يېڭىش ۋەزىپەمدۇر
    كۆزۈڭنى يۇم،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل!

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2228
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
    ئۆسۈش: 2.4%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 120
      ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 773 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 451(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-03
      كىرىشى: 2010-07-28

    مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ،لېكىن تىلغا تېخىمۇ ئىشلىگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن،داۋاملىق تىرىشىڭ ئوماق قىز!
    ئانام ئۈچۈن بارلىغىم.

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 68
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە169دانە
    ئۆسۈش: 2.11%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 169
      ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1440 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 348(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-28

    ئىتىشمىغىچە تىپىشماس، ئىنسان قەلبىدە بىلىپ بولماس سىرلار يوشۇرۇنغان، يەنە شۇ ئىنسان سەۋىرگە ئاجىزلىق قىلىپ ئىشنى بۇزۇپ قويىمىز،ئالدىراقسانلىق قىلماي كۈزۈتۈش ھەممىدىن مۇھىم ئىنسان تەبئىتىنى.
    ئانام ئۈچۈن بارلىغىم
    يىڭنە قىلغان ئىشنى نەيزە قىلالماس

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 51
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە559دانە
    ئۆسۈش: 3.99%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 559
      ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2812 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 387(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-27

    قالتىسكەنسىز جمۇ سىزدەك قىزغا ئېرىشكەن يىگىت ئۆزىنى ئەڭ بەخىتلىك دېسە بولىدىكەن .
    تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
    مىسرانىم تورى

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3983
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
    ئۆسۈش: 1.42%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 71
      ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1133 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 18(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-14
      كىرىشى: 2010-07-26

    ئالىيجاناپلىققا تولغان بۇ ئەسىەر ياخشى چىقىپتۇ ، تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ھارمىغايسىز .....
    ئۇلۇغ ئىگەم ئاجايىپ ياراتقان دۇنيادە بۇ ..گاھىدا دوسنى دۈشمەن . دۈشمەننى دوس قىلىپ قويىدۇ ...توغرا ھەممە ئادەم بىر بىرىگە يول قويغاندا بىر بىرىگە مىھىر مۇھەببەت يەتكۈزگەندە بۇ دۇنيا شۇنداق گۈزەل ھەم سېخىي كۆرىنىدۇ .
    ئەمما بەزى ئىشلارغا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئورنى يوق .
    رەھمەت داۋاملىق يوللاپ  تۇرۇڭ `
    سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە،سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى&a ..

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2635
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
    ئۆسۈش: 4.61%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 646
      ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2617 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 312(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-13
      كىرىشى: 2010-07-26

    نېمە دېسەم بولار ئەيىنى ۋاقتتا مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن شۇ ئش كۆز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى .قىز بالا ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدىشىم بولدىغان ئۇ بەكلا قوغلىشاتتى مەن ئۇنىماي دېگەندەك بىر كۈنلەردە ساۋاقداش بالىلار بىلەن يىغىلىشتا ئولتۇردۇق ئۇنىڭ ئارىسدا ئۇمۇ باركەن .
          كېيىن ئۇ ماڭا ئىككىمىز تۇرمۇش قۇرساق دەپ توي تەكلىپىنى قويدى .مەن ئۇنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتىم بەك چوڭ بىلەتتىم بىراق نەزىرىمدىن بەكلا چۈشۈپ كەتكەن ئۇ مىنى كەتكىنى قويماي ئاشۇ يەردە جاۋاپ بېرىسىز بولمىسا ئېلىپ قاچىمەن دەپ زادىلا ماڭغىنى قويماي ئامالسىز ئاشۇ 9 يىل ئوقۇغان ساۋاقدىشىمنى كاچىتىغا بىر تەستەك سېلىپ قېچىپ كەتكەن ئىدىم .
    مانا ھاۋا بۈگۈنگە كەلگەندە رىسقىمىز باشقا باشقا بوپتىكەن تۇرمۇش قۇردۇق ئەمما ئاشۇ ساۋاقدىشمنىڭ تەستىكگە سالغىنىمدىن ئۆزۈم بەزەن خىجل بوپ كىتىمەن.
    ئۇخلاپ قالما!

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 498
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە290دانە
    ئۆسۈش: 2.07%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 290
      ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5295 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1024(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-28

    پەش، چېكىتنى ئايرىماي يازىدىكەنسىز ئەسەرنى. ياكى بۇ سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزمۇ؟ ياكى... كوپىنچە تورداشلار پەش بىلەن چېكىتنىڭ پەرقىنى بىلمەمدىغاندۇ ياكى قەستەن شۇنداق يازامدىغاندۇ...؟
    تىما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش:
    كونۇپكا تاختىسىدىكى پەش بىلەن چىكتىنىڭ ئورنى بەك يېقىن كەن ئايرىيالماي قاپتىمەن باشلىق خاپا بولماڭ !قاتتىق دىققەت قىلاي ھە .
    ئەي جانان سەنسىز ماڭا مۇنداق جاھانلار نەكېرەك،
    ئايرىلىپ سەندىن يايرىڭ يۇرگەن زامانلار نەكېرەك.

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3154
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە393دانە
    ئۆسۈش: 3.57%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 393
      ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1881 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 179(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-02
      كىرىشى: 2010-07-28

    ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن ! ئىلىشقىچە تىمىشماس دىگەن شۇدە!
    دۇنيادىن ئاغرىنما

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 42
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە328دانە
    ئۆسۈش: 2.98%
      نادىر تىما: 5
      يوللانما: 328
      ياخشى باھا: 82 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2107 سوم
      تۆھپىسى: 7 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 354(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-07-28

    ھى...........تاتلىق نىمانداق پەيزى ئەسەردىن بىرنى يېزۋەتىڭىز بەكلا ياخشى چىقپتۇ ھەممە جايلىرىغا شۇنداق قايىل بولدۇم بىراق
    ئەسكى قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا چېچى سېرىق رەڭدە بۇيالغان بۇلامدۇ ؟؟؟
    منىڭ چېچىممۇ ساپسېرىق تېخى بەزى جايلىرى ئاق ،قاردا بۇياپ سىزنىڭ دوستىڭىزغا لايىق بولسام بۇلامدۇ نېمە ؟بولمىسا مىنىڭ تەرسا مىجەزىمگىمۇ بىر تەستەك سالماڭ  
    يۈركىڭدە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت بولسۇن ،لىكىن كۆزلىرىڭدە زەررىچە ياش تامچىسى بولمىسۇن
    دىلنىڭ سىر دىشى -----

    دەرىجىسى: يازما چولپىنى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 183
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1469دانە
    ئۆسۈش: 5.88%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 1469
      ياخشى باھا: 62 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5057 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 611(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-27

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  kapsizkiz كە 2010-07-26 06:23 PMئەۋەتىلدى  :
    ھى...........تاتلىق نىمانداق پەيزى ئەسەردىن بىرنى يېزۋەتىڭىز بەكلا ياخشى چىقپتۇ ھەممە جايلىرىغا شۇنداق قايىل بولدۇم بىراق
    ئەسكى قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا چېچى سېرىق رەڭدە بۇيالغان بۇلامدۇ ؟؟؟
    منىڭ چېچىممۇ ساپسېرىق تېخى بەزى جايلىرى ئاق ،قاردا بۇياپ سىزنىڭ دوستىڭىزغا لايىق بولسام بۇلامدۇ نېمە ؟بولمىسا مىنىڭ تەرسا مىجەزىمگىمۇ بىر تەستەك سالماڭ  

    بولدىلا كىينىش مۇھىم بولمىسىمۇ بۇلىدۇ ھە ،سىزدەك گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق بولسا تېخى ياخشى ئاداش ،ئۇ دىگەن تېما مەن مۇنداقلا يېزىپ قويدۇم ،ياغلىق چىگىپ ئەسكىلىك قىلسىمۇ نىمە دىگىلىك ،ئۇ دىگەن ناھايتىمۇ بىر كىچىككىنە ھىكايە ئاداش ،توغرا چۈشۈپ تۇرۇڭ .مەن ھازىر ئەسەرنى باھالاشقىمۇ كۈچۈم يەتمەيدىغان بۇلۇپ قاپتىمەن دىسە .شۇڭا نەقىل كەلتۇردۈم .
    بەزى ئادەملەرنىڭ ئەسكى مىجەزى ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلسا كېرەك ،ئۆزگىرىپ كەتسە سىر قالمايدۇ ،قىززىقى قالمايدۇ ئادەمگە ئادەتتىكىدەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ ،مىجەزگە تەستەك سالمايمىز قىلغان قىلىقلىرىغا ،ھى ھى
    مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «123»Pages: 1/3     Go