**************************
Ewq@>$_!
غۇۋا چىراغ نۇرى دۈمبەمدىن چۈشۈپ ئەزالىرىمدىن كېسىپ ئۆتۈپ قولۇمدىكى رۇمكىنى يورۇتتى . مەن شۇندىلا رۇمكىنىڭ لېۋىمنى كېسىۋەتكەنلىكىنى بايقىدىم . تامچىپ ئاققان قان كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتقان يىراقتىكى قىزىل ياغلىقتەك ، سۈپسۈزۈك مەينىڭ ئىچىدە ئاستا ئاستا كېڭىيىپ تارقالماقتا ئىدى ...
3&
5b!Y
**************************
l?rLadvc
ئۇ چاغلاردا ، ئاغىينەم داۋاملىق « بىز ئەرلەر خۇددى چاپچىپ تۇرغان ئات » دەيدىغان ، مەن بۇ سۆزگە قايىل بولۇش بىلەن بىرگە كەينىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىزچاقنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ قالغانلىقىنى بايقىدىم . }p
)Hw2
لېكىن ۋاقىت ئىسپاتلىدىكى --- ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئات ئەمەس ، ئىسپاتلىدىكى بىز ئەينى ۋاقىتتا خاتالاشقان ئىدۇق . چۈنكى بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن قىزلارنىڭ ياكى ناھايىتى ئورۇق ھەم ئېگىز دارازا پالاكەت ئوغۇللارغا ياكى سېمىز پالاكەت ئوغۇللارغا ئامراقلىقىنى بايقىدۇق . قىزلار ھەرگىزمۇ بىز ئىككىمىزدەك ئورۇقمۇ ئەمەس سېمىزمۇ ئەمەس كۈندە مىڭ چاقىرىم يول يۈرىدىغان « تۇلپار» لارغا قاراپ قويمايتتى ...
...
بىز لاي - لاتقىدىن ئۆمىلەپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا يىغلىمىغانلىقىنى ئېيتتى . مەنمۇ : t+q;}ZvG
-- مەنمۇ يىغلىمىدىم ، يۈزۈمدىكىسى يامغۇرمىكىن تاڭ ؟ Lccy~2v>
يۈزۈمدىن ئاققان سۇيۇقلۇق ئېغىز-بۇرنۇمغا ئېقىپ كىرەتتى ، شۇنداق تۇزلۇق ...
ئاندىن بىز ئېغىر قەدەملىرىمىزنى سۆرەپ بىر ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ يېشىمىز قۇرىغۇچە بىردەم ئوينىدۇق . يانچۇقتا پۇل قالمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۆيگە مېڭىشقا تەمشەلگەن ۋاقىتتا يامغۇر تېخى توختىمىغان ئىدى ، ئۆيگە كەتكۈچە قاتتىق يامغۇر ئۈستىمىزدىن قۇيۇلىۋاتاتتى ... W[qy4\.B
...
ئۇ كۈننى مەڭگۈ ئەسلەيمەن . L6i|5 P
مەكتەپتىن قايتقۇچە بىز غەرب ئاسمىنىدا ئوتقاشتەك شەپەقنى كۆردۇق . كەچكى شەپەق پامىردىكى مۇزلۇق چوققىلارنى بويىغان ئىدى . مەن بىرىنجى قېتىم ھودۇققان تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىمدىدىم . بىز ئىزچىل غەرب ئاسمىنىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتۇق. مەن تەسلىكتە بېشىمنى بۇراپ ئۇنىڭغا قارىدىم ۋە ئۇنىڭ يۈزىنىڭ ئوتقاشتەك قىزارغىنىنى كۆردۈم ، خۇددى ئاسماندىكى كەچكى شەپەقتەك .
0sH~yvM5
******************************
%G,7Ul1f
ئاسماندا قاغىلار كانىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك جارقىرىشىپ توپ توپ بولۇپ ئۇچۇشىدۇ ، يەردە كىچىك ھىيلىگەر قۇلۇلە ئالدىرىماي تەمتىرىمەي ئالدىغا قاراپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلىمەكتە. {:VK}w
پەقەت مەن ، سۈرئەتتىن خالىي ، چۈنكى مېنى ۋاقىت ئەسرىگە ئالالمايتتى ، مەن ھەرقانداق ئىشقا ئالدىرىمايمەن . مېنىڭ نەزەرىمدە ۋاقىت يوق ئىدى ، ھەم ۋاقىتنىڭ نەزەرىدە مەنمۇ يوق ئىدىم . ۋاقىت بىلەن مەن تامامەن بىر بىرىمىزگە چېقىلمايتتۇق . h(~/JW[
...
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈلكەم يۈزۈمدە قېتىپ قالغانىدى ، كۆزۈمگە قىزىللىق تىقىلغان ، قان ئۇيۇشقان ... قەھرىتان كەچتىكى شېۋىرغاننىڭ يېغىسىنى ئاڭلىماقتا ئىدىم ، يۈزۈمدىن ئىسسىق سۇيۇقلۇق توختىماي ئاقماقتا ئىدى . ئېسەدىگەن ئاۋاز شېۋىرغاننىڭ ھۇشقۇيتىشىغا بوش كەلمەستىن قوغۇشۇندەك تۈن كېچىسىنى يېرىپ ئۆتۈپ يىراقلارغا تارقاپ كەتمەكتە ئىدى ...
مەن ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم قوغۇشۇندەك كۈلرەڭ تۈننىڭ قوينىغا ئۆزۈممۇ خالىمىغان ھالدا چۆكۈپ كەتمەكتە ئىدىم ... بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ، ئېغىرلاشقان قەدىمىمنى سۆرەپ ، قاھقاھلاپ كۈلگىنىمچە ، دەلدەڭشىگىنىمچە ، قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتمەكتە ئىدىم ...
}Y BuS3{
************************
dT% eq7=
بۇ كۈنلەردە سىزگە يەنىلا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ! سۆيگۈنىڭ ئازاب خەنجىرى بىلەن مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى يېرىپ كۆرسىتىپ مېنى تاڭ قالدۇرغىنىڭىزغا . mCk_c
ئېھ سۆيۈملۈكۈم ، يۈزۈمگە بەخت تامچىلىرىنى تېمىتقان ۋاقتىڭىزدا ئازاب دەرياسىنىڭ ساھىلىغا باشلاپ كېلىشىڭىزنى ئويلىغانمىدىم ؟ 2#3`[+
g
ئىككى پارچە قەغەزگە « ئۇ - قىلىچىدىن قان تېمىپ تۇرغان جاللات » دەپ يازدىم . بىر پارچىسىنى كارىۋېتىمنىڭ بېشىغا ، يەنە بىر پارچىسىنى كونا ئالبومىمنىڭ مۇقاۋىسىغا چاپلىدىم .ھەركۈنى نەچچە رەت ئوقۇپ تۇرماقچىمەن . يازغىنىمنى ئوقۇدۇم : &z5?]`ALu
_ئۇ -- سۇ بىلەن ھاۋا ! `w`N5 !
_ ئۇ -- سۇ بىلەن ھاۋا !! .... pU
يىراقتىن يىغا ئاۋازى ئاڭلانغاندا ھەرگىزمۇ چۆچۈپ كەتمەڭ سۆيۈملۈكۈم ، ھەرگىزمۇ . مەن سىزنىڭ قۇلىقىڭىزنى ئېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى مەن ھېلىلا ھېلىقى سىزگە تىكىلىپ قارىغان ئەبلەخنىڭ كۆزىنى ئويىۋالدىم . قولۇمدىكى قان يۇقۇندىسىنى پاكىز يۇيىۋەتكىچە قولۇمنى تۇتماي تۇرۇڭ ، ھەرگىزمۇ ...
zTfjuI|R
EW vhT]<0
(Cq 38~mR
********************************
+J;b3UE#
لېكىن ئەمدى ئۇ ماڭا جاۋاب بېرەلمەيتتى . مەڭگۈ ! مەن ئۇنىڭ جانسىز جىسمىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئېسەدىمەكتىمەن ، ئۇنىڭ ماڭا تىكىلىپ قالغان كۆزلىرىدە جاھانغا بولغان نەپرىتى قانغا ئارىلىشىپ ئۇيىغان ئىدى . =uNc\a (
YQFz6#Ew
قىلىچ يەرگە چۈشتى . ئۈستىگە چىنارنىڭ قانلىرى ئاقماقتا ئىدى . wb(S7OsMO
IDw`k[k
يۇنۇس كەنجى ئاللىبۇرۇن ئەس-يادىمدىن كۆتۈرۈلگەن ئىدى . ھەممە نەرسە ئېسىمدىن يوقالغان ئىدى . پەقەت بىر ئۆلۈم . NB'G{),)Z
مەن نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم ، نەگە كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم ، پەقەت چىنارنى كۆتۈرۈپ تۈن قوينىدا قارلىق دالىلارنى كېزىپ يول يۈرمەكتە ئىدىم . Qjnh;uBO
ئۇنىڭدىن ئاققان قانلار بولسا ، كىيىملىرىمگە ئېقىپ چۈشۈپ ، قەھرىتان سوغۇقتا ، ئۈستىۋېشىمدا ئۇيۇشقان ئىدى . ئەسلى ، مەن مەڭگۈگە يۇنۇس كەنجىنى يېڭەلمەيتتىم ، مەڭگۈ ... لېكىن قەلبىمدىكى ئۆچ-ئاداۋەت سول قولۇمغا خىياللارنى ئاتا قىلغان ئىدى . `$FX%p
qzA_ ~=g
*********************************
wme#8/eUk
مانا ، ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىپ پويېزدا يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭماقتىمەن . پويېزنىڭ تاق-تاق قىلغان ئاۋازلىرى ، پويېز ئىچىدىكى توپ-توپ بولۇپ مەكتەپلىرىگە مېڭىشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۈم-دۈم ئويۇنى ئويناپ ۋارقىراپ-چىرقىراشقان ئاۋازلىرى ... مەن بولسام تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاقتىمدا سېتىۋالغان چەتئەل تىلى كىتابىمدىن بىرنى قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇغاچ ، دەرىزە سىرتىدىكى يىراق قىرلارغا نەزەر سېلىپ ماڭماقتا ئىدىم . &=M4Z/Ao
توغرا ، مەريەم كېلەر زامان جۈملە شەكلىنى داۋاملىق خاتا ئىشلىتەتتى . مەن مۇشۇ كىتابنى ئۇنىڭغا ئارىيەت بېرىپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ شۇ خىل جۈملە شەكىللىرىگە ئوبدان قارىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم . cC/32SmY4
قولۇم كىتابنى ئاستا ۋاراقلاپ كېلەر زامان شەكلىدىكى جۈملىلەرنىڭ گراماتىكىسىغا كەلگەندە ، تۇيۇقسىز ۋاراقلار ئارىسىدىن بىر تال يوپۇرماق ئەۋرىشكىسى چۈشتى . قىپقىزىل يوپۇرماق ، يۈرەك شەكىللىك ، كۆز ئالدىمدا . tN4&#YK<
يوپۇرماق ئۈستىدە بولسا ، كېلەر زامان شەكلىدە تۈزۈلگەن بىر جۈملە تۇراتتى . « I will remember everything about you. »
yS4VgP'W
قورسىقىمنىڭ ئېچىشىغا چىدىيالماي ، ئۆزۈم ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان يېمەكلىك_ تەييار چۆپتىن بىرنى ئاچتىم ۋە پويېزنىڭ قايناقسۇ ئالىدىغان جۈمىكىدىن قايناقسۇ ئېلىپ ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا پويېزنىڭ قاتتىق بىر لىڭشىشى بىلەن تەڭ قولۇمدىكى قايناقسۇ ئايىغىمغا چېچىلدى . كۆيۈك ئاغرىقىغا چىدىماي ئىچىمدە ئىڭراپ جايىمغا كېلىپلا ئايىغىمنى سالدىم ۋە پۇتۇمدىكى كۆيۈك ئىزىغا قاراپ قورقۇپ كەتتىم . lg2I|Z6DH
قۇلاق تۈۋىمدە «ئېھتىيات قىل » ، « ئېھتىيات قىل » ، « ئاۋايلا » دېگەن ئاۋازلار ، مەريەمنىڭ ئاشۇ ئاۋازى ياڭرىماقتا ئىدى . بۇ ئاۋازلار قۇلاق تۈۋىمدە ئايلىنىپ زادى يىراق كەتمەيتتى .
ئاھ ، مەريەم . قار-يامغۇر جۇدۇن-چاپقۇن ھەمرا بولغان بۇ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمدا ، قەلبىمدىكى ئەڭ ياخشى ساۋاقدېشىم ، سېنى ئۇنۇتالمايمەن .
كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش قانچە بېسىقتۇرساممۇ ئۇنىماي يەنىلا چانىقىمدىن دومىلاپ چۈشۈپ يۈزۈمگە بىر ھۆل سىزىق سىزىپ يوپۇرماقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى . بۇ بىر تامچە ياش ، قايناقسۇنىڭ كۆيۈك ئازابىدىنمۇ ياكى قۇلاق تۈۋىمدىكى مەريەمنىڭ ئاۋازىدىنمۇ ، بىلمىدىم . _[(EsIqc(F
تاڭ يورۇغاندا ، قانغا بويالغان قىپقىزىل بىر گەۋدە ، قانغا بويالغان قىپقىزىل بىر گەۋدىنى كۆتۈرۈپ ، ئاپئاق قارلىق دالىلاردا يىراقلارغا ئۇزاپ كەتمەكتە ئىدى .
************************
ئۇ دېرىزە ناھايىتى چېۋەرلىك بىلەن چاپلىۋېتىلگەن بولۇپ شامال ، قۇم بوران ھەتتاكى نۇرمۇ ئۆتمەيتتى ، سىنىپ قاراڭغۇلاشتى . چۈنكى پۈتۈن سىنىپنىڭ پەقەت مۇشۇ بىر كۆزلا دېرىزىسى بولۇپ قەغەز بىلەن چاپلىۋېتىلگەندىن كېيىن نۇر ئۆتۈشىدىغانغا جاي قالمىغانىدى ... AY
ئۇ قەغەزنى بالىلار پۈۋدەپ قويسىلا يىرتىلىپ كېتىدىغىنىنى بىلەتتى ، لېكىن بالىلار يىرتىۋەتمىدى ، ئاندا مۇندا چىققان بورانمۇ مۇشۇ دېرىزىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە چاپلىۋېتىلگەن قەغەزنى يىرتىۋەتكۈسى كەلمەي ئاستا كەينىگە يېنىپ ئايلىنىپ باشقا تەرەپلەرگە كېتىپ قالاتتى ...
...
بالىلار كۈلمەيتتى ، ھەممىسىنىڭ كۆزىگە بىر قەۋەت قىزىللىق ئۇيۇشقان ، خۇددى ھېلىقى ساۋاقدىشىنىڭ ئېچىنىشلىق توۋلاپ يېقىلغان ۋاقىتتا ئەتراپىغا پۈركۈلۈپ چىققان ۋە دېرىزە رامكىسىنىڭ بۇرجىكىدە ئۈن تىنسىز قېتىپ قالغان قېنىدەك ، قىزىللىق ئۇيۇشقان ...
ھېلىقى ئەقىللىق ئوقۇغۇچى بولسا دەرستىن چۈشۈپ قاتتىق قاقاقلاپ كۈلىدىغان قىلىقنى چىقىرىۋالدى ، گۈپۈلدەپ ئىس چىقىۋاتقان تۇرخۇنلارنىڭ ئالدىدىن ، غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈۋاتقان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كېسەك توشۇيدىغان ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدا تۆت ئەتراپقا بېقىپ كۈلەتتى . ئۇ نۇرنى نەگە يوشۇرغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى ، چۈنكى نۇرنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل رەڭلەر بېرىلگەن بولۇپ قامچا بىلەن ئۇرۇپ چۆرگىلەتكەندە غەرب ئاسمىنىدىكى زاۋالدىكى ئەڭ ئاخىرىقى شەپەق نۇرىغا ئوخشاش رەڭلىك تۈسكە كىرەتتى ...
!s/qqq:g
ئۇ كۈلكىدىن توختىغاندا قۇياشنىڭ ، شەپەقنىڭ ۋە ئاينىڭ يەنە ، يەنە ، يۇلتۇزلارنىڭمۇ ئاشۇ دېرىزە چېقىلغان كۈنى ئۆزى ئوينىغان نۇرغا ئوخشاش رەڭلەرگە كەلگىنىنى كۆردى ...
+$VDV4l
**************************
(;05=DsO
ئۈچ يىل ئاۋۋالقى بىر كۈنى ، ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر باغچىدا ، مەن بىر چىرايلىق ئۇيغۇر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . لېكىن بۇ گۈزەل شەھەردىكى گۈزەل باغچىدا يۈز بەرگەن ئۇچرىشىش ئانچە بەك رومانتىك بولمىغان ئىدى . ئۇ كۈنى مەن ناھايىتى روھسىز ، چۈشكۈن ئىدىم . چاچلىرىممۇ تاراقسىز ، ساقال-بۇرۇتلىرىم ئۆسۈپ پۈتۈن يۈزۈمنى بېسىۋالغان ئىدى .
...
ئۇ كىچىك باغچە بولسا رېستۇرانتنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئاۋۇ قېتىدا ئىدى . مەن يۈك-تاقىلىرىمنى كۆتۈرۈپ نەگە بېرىشىمنى بىلەلمىگەن ھالدا ، ئۇيان بېسىپ بۇيان بېسىپ باغچىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە خىيالغا چۆكتۈم .
...
سۆرۈن شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ كۈزنىڭ نەم سوغۇقىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى . ئەلۋەتتە ، چوقۇم بىر جاينى تېپىشىم كېرەك ، باغچىدا قونۇپ قالغىلى بولمايدۇ . قانداق قىلىش كېرەك ؟
...
يۇمشاق كارىۋات ئۈستىدە يېتىپ يەنە خىيال باياۋانىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم . ئاھ ،دۇنيا ، ھەممە كىشىنىڭ بىر خىل ھېكايىسى بار ، قايسىسى راست ؟ قايسىسى يالغان ؟ خۇددى مەن ئۇنىڭغا ئېيتقان ساختا ھېكايىدەك ، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ قانچە پېرسەنتى چىن بولغاي ؟
...
ھاۋا شۇنداق ئوچۇق ئىدى ، لېكىن مېنىڭ كەيپىياتىم بەك تۆۋەن ئىدى . مەندەك بىر ئەركە ئوغۇل يۇرتتىكى غەمسىز كۈنلەرنى تاشلاپ ئەمدى ياقا ئەلدە مەدىكار بولدىما ؟ توۋا ، ماۋۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىنى . يولدىن ئۆتكەن چىرايلىق تۈرك گۈزەللىرىمۇ كۆزۈمگە چېلىقمايتتى . يولدا ئۇچرىغان بىر گۈل دۇكىنى دىققىتىمنى تارتتى . مەن گۈل دۇكىنىغا كىرىپ گۈلچى قىزنىڭ ھەرخىل ئىشارە بىلەن چۈشەندۈرىشى ئاستىدا بىر دەستە پىيازگۈل سېتىۋالدىم . پىيازگۈل بولسا پاكلىقنى بىلدۈرەتتى .
...
ئۇنى سۆيگەن چاغدىكى سەزگۈ ھەقىقەتەن شۇنچە ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى . ئۇ قۇچىقىمدا يېنىك تىترەۋاتاتتى ، لېكىن قارشىلىق قىلمىدى . مەن ئۇنىڭ تىنىقلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ ، بۇ خىل مەستخۇشلۇق ھەتتا ھېلىقى كۈنىدىكى ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ بەكرەك مېنى ئاسماننىڭ قەھرىدە لەيلىتىۋاتاتتى . مەن ئۇنى بېلىدىن ئېلىپ دەس كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ كارىۋاتقا تاشلىدىم . ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى-بەدىنىنى يېنىك سۆيۈپ چىقتىم . ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارىغان خۇش ھىد مېنى ۋىسال ئىشقىدا مەست قىلىۋاتاتتى .
دەرىزىدىكى پەردىلەر تارتىلدى ، چىراغ ئۆچتى . ئىككىيلەن سۆيگۈ دەرياسىنىڭ ئىشقى سۈيىدە لەيلەپ ئېقىپ مەستخۇش بولۇپ لەيلەۋاتاتتۇق . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ "ئاھ " دەپ ئېچىنىشلىق ئىڭرىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم . ئۇ قاتتىق تىترەپ كەتتى-يۇ ، يەنە بەدىنىمگە مەھكەم ئېسىلدى . بىر ئىسسىق ئېقىم ، بۇ ئېقىمنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەننىڭ جىسمىمىز بىرلىشىپ تىنىقىمىز ئارىلىشىۋاتاتتى ...
...
ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، مەن ئاخىرى دىلبەرنىڭ تەلىپىدىكى ئاشۇنداق ئەر بولۇشقا قاراپ ئازراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدىم . ئاخىرى بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، دىلبەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ، ئۇنى قايتىباشتىن باغرىمغا بېسىش ئىستىكىدە ئىستانبۇلغا كەلگىنىمدە ، ئۇنىڭ ئۆيى قۇرۇق . ئۆي تېلېفونى ۋە يانفونى ھەممىسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇق نومۇرغا ئايلانغان .
بەلكىم ، ئۇ ئۆي كۆچكەندۇ ، بەلكىم ، ئۇ خىزمەت ئالماشتۇرغاندۇ . ۋە بەلكىم ، ئۇنىڭ ئۆز ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان مەندەك بىر ئالدامچىنى قايتا ئۇچراتقۇسى زادى يوقتۇ ...
ئۇيان بېسىپ ، بۇيان بېسىپ ، ئاخىرى مەن تۇنجى رەت دىلبەرنى ئۇچراتقان ئاشۇ باغچىگە كېلىپ قالدىم . ئەينى چاغدىكى ئەشۇ ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، كۆزۈمدىكى ياشلارنى زادىلا بېسىۋالالمىدىم .
: *[mvF
***************************
&J|I&p
بۇ دۇنيا ، شۇنداق گۈزەللىككە تولغان دۇنياكى ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا سىڭگەن ، ئۇلار گۈزەل كىشىلەردۇر . كۆڭلىدە كىر يوق كىشىلەردۇر . چاقماق چېقىلغاندا ، گۈلدۈرماما قۇلاقنى يارغاندا ، يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندا ، پۈتۈن ئەزايى -بەدىنى چىلىق-چىلىق ھۆل بولغان ئىككى كىشى يامغۇردا ئالغا قاراپ يۈگۈرمەكتە ئىدى . جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازلىرى قوغۇشۇندەك ئېغىر بۇلۇتلار قاپلىغان كۈلرەڭ ئاسماننى يېرىپ ئۆتۈپ يىراقلارغا تارىماقتا ئىدى .
شۇنداق ، ئۇ يۈگۈرمەكتە ئىدى ، جۇدۇن-چاپقۇن ئىچىدە ، دەقىقىنىمۇ قولدىن بەرگۈسى كەلمەيتتى ، ئىچىدە قايتا-قايتا تەكرارلايتتى : « توختا ، سەن كەتسەڭ بولمايدۇ ! سەن كەتمە ! جېنىم ... » چاقماق چېقىلغاندا ، گۈلدۈرماما قۇلاقنى يارغاندا ، يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندا ئۇ قىزچاقنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغا ئۈلگۈردى .
رەڭسىز دۇنيا ، رەڭسىز كىشىلەر ، رەڭسىز روھ ...
--- مەن سېنى سۆيىمەن !!!
ئەگەر بىر ئادەم پۈتكۈل جاھان راھىتى بەدىلىگە بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلاشنى تېگىشىشكە رازى بولسا ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەيتىنىڭ جاھان راھىتى بىلەن خوشلىشىدىغان چېغى بولۇپ قېلىشى ئەڭ رەھىمسىز رىئاللىق ئىدى .
رەڭسىز دۇنيا ، رەڭسىز كىشىلەر ، رەڭسىز بىر جۈب كۆز ئاستا-ئاستا يۇمۇلدى ...
...
ئەزىزان كىشىلەر توپىنى كېسىپ ئۆتۈپ ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ، كېچىدىكى يۇلتۇزلارغا ھېلىقى بىر يۈرۈش مىللىيچە كىيىمنى ئېسىپ قويدى . كېچىدە ناتونۇش قىرلاردا ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئېسىگە ئالاتتى . يېنىدىن ئۆتكەن بارلىق كىشىلەر ، مېترودىكى ھېلىقى ئۇيغۇر قىزلىرى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇھەببىتى ، ھېچكىمنى تونۇمايتتى .
رەڭسىز دۇنيا ، ئېغىر قەدەملەرنى سۆرەپ ئۇ رەڭسىز كېچىنىڭ قوينىغا چۆكۈپ كەتمەكتە ئىدى .
...
M;3q.0MU
*************************
,?qJAV~>
نەچچە كۈنگىچە ئەركىن خىيالچان بولۇپ ئويغا پېتىپلا يۈرىدىغان بولۇپ كەتتى . ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەربىر پارچە خېتىنى ئوقۇپ تۈگەتتى . قۇرلار ئارىسىدىن بىر پۇڭ پۇلنىڭ گېپى بىلەن بىر قۇر كىيىمنىڭ دەۋاسى كۆرمىدى ، قۇرلار ئارىسىدىن يالىڭاچ ھەۋەسلەرنى كۆرمىدى ، قۇرلار ئارىسىدىن شەررەندازلىق ۋە ئابرويكەشلىك كۆرمىدى ، قۇرلار ئارىسىدىن مىشچانلىق كۆرمىدى ، قۇرلار ئارىسىدىن شەيتانىي گۈزەللىك كۆرمىدى ، قۇرلار ئارىسىدىن رەڭلىك ئولتۇرۇش كۆرمىدى ، قۇرلار ئارىسىدىن كەچلىك بەزمىلەر كۆرمىدى ، قۇرلار ئارىسىدىن ئارزىگۈلنىڭ بەدىنىگە قىلىنغان ھېرىسمەن ھۇجۇملاردەك ئىشلارنى كۆرمىدى ... W+=j@JY}q9
شۇنداق ، قۇرلار ئارىسىدىن ئۇ كۆرگىنى بولسا ، پەقەت ساپ سېغىنىش ، ساپ مۇھەببەت كۆردى . X@Zt4)2#
بۇ خىل سېغىنىش ئارزىگۈل كۈندە نەچچە رەت قىسقا ئۇچۇردا " جېنىم سېنى بەك سېغىندىم " دېگەن نازۇ-كەرەشمىدىن خالىي ئىدى ، بۇ خىل مۇھەببەت ھەر ھەپتىسى نەچچە يۈز يۈەنلىك تاماق ۋە ياتاق ، ھەر تۇغۇلغان كۈندە تالاي ئالدامچىلىق بىلەن تالاي كۆڭۈل ئاغرىقچىلىقىدىن خالىي ئىدى . بۇ مۇھەببەتتىن پەقەت مۇھەببەتنىلا تاپقىلى بولاتتى . G,P
k3>I'
ئەركىن كونىراپ ھەم تولا تۇتۇلۇپ كىر بولۇپ سارغىيىپ كەتكەن قەغەز ئۈستىدىن شۇ خىل پاكلىقنى ھېس قىلدىكى ، بۇ خىل پاكلىق قېرىمىغان ئىدى .
كۈنلەر ، ئايلار ، يىللار ، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ تالاي يىللاردىن كېيىن بەلكىم شۇ بىر جۈپ ئىنقىلابىي قىزىل ياش ھازىرقى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ، بۇرۇنقى ياش مۇھەببەت ئەسلىمىلىرىدىن ئايرىلغان . ھەر قېتىم ئايرىلىش ئالدىدا " پات ئارىدا كېلىمەن چولپان " دەپ ، بارمىقىنىڭ ئۇچىدا قىزچاقنىڭ چانىقىدىن لىۋىلداپ سىرغاي دەپ تۇرغان ياشنى سۈرتىۋېتىپ ، سامان رەڭ جۇڭسەن چاپاننىڭ ياقىسىنى تۈزلەپ ، گۈرجەك شەپكىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ ، قىزچاققا ئاخىرقى بىر رەت كۈلۈپ كەينىگە بۇرۇلغان ، ۋە ئاستا - ئاستا يىراققا سوزۇلغان قوناقلىق قىرلىرىدا غايىب بولغان شۇ سىما ، شۇ ئەسلىمىلەر ، ئاللىبۇرۇن شۇنچە خۈنۈكلەشكەن . i?@7>
Ca
بىراق مەڭگۈگە ساقلانغىنى بولسا شۇ پاكلىقتىن باشلىنىپ پاكلىقتا داۋاملاشقان مۇھەببەت ئىدى . ;w]1H&mc*A
مۇھەببەت قېرىغاندىمۇ شۇنچىلىك مۇلايىم ئىدى ... {E)tzBI;^
...
"%dENK
*************************
~Eik&5 z
1|>vk+;1h
:@E^oNKa0
رىشتىسىزلەر ناتونۇشتۇر گەرچە يېقىن بولسىمۇ ،
رىشتى بىر يەتكەي ۋىسالغا تاغۇ-دەريا توسسىمۇ .
FqnD"]A
U
Rq9:{
( تۈگىدى )
QZ7W:%r(4
wouk~>Jft
Mg8ciV}\xY
SJLs3iz_)
مەنبە : http://azizan.blogbus.com u6Ux nqNc