بىز مۇشۇنداقلا ئايرىلدۇق .
n
k3lC/f گەرچە سەندىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ئىشەنگىم كەلمىسىمۇ ، سىنىڭ ئايرىلىپ كىتەيلى دىگەن تەلىۋىمگە ،مەن كۈتكەندەك ياق ! سەندىن ئايرىلمايمەن دىمەي ، كەينىڭگە ئۆرلۈپلا كىتىپ قالغىنىڭدەك بۇ رەھىمسىز رىئاللىققا تەن بەرگۈم كەلمىسىمۇ ، سىنىڭ بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىۋاتقان سىمايىڭغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىدىم . خائىن ياشلىرىم مەڭزىمنى ھۆل قىپ،مىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ، نەقەدەر يارىماسلىقىمنى ئاشكارلىدى . شۇ تاپتا كەينىڭگە ئۆرۈلۈپ ماڭا بىرنى قاراپ قويۇشۇڭنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلغان ئىدىم ،
1Sk6[h'CL ئەپسۇس ! سەن خۇددى مىنىڭ گىپمنى ياندۇرۋىلىشىمدىن قورىققاندەكلا تىز -تىز مىڭىپ كىتىپ قالدىڭ . قانداق قىپمۇ ئىچ ئىچىمدىن كۆتۈرلۈپ چىققان يىغا كەلكۈنىنى توسۇپ قالالمىدىم ، چۈنكى مەن راستلا سىنى يوقاتقان ئىدىم .
80>!qG تۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپ بار ئاۋازىم بىلەن يىغلىدىم ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن بىلەن ماڭا قاراشماقتا ئىدى . مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلاپ باقمىغان ، ئەمما شۇ دەقىقىدە ئازاپتىن يۈرەكلىرى پارە -پارە بولغان ئادەم ئۈچۈن باشقىلارنىڭ نىمە دەپ ئويلىشى بەرىبىر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم ، ئۆكسۈشلىرىم ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە ئالماشقاندا بولسا ، مەن ئۆزەمنىڭ نەدە، كىم ئۈچۈن نىمە ئىش قىلۋاتقانلىقىمنى ئۇنۇتقان ئىدىم .....
rM.
سىنى سۆيۈپ قالغاندىن باشلاپ ، سەنسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىپ باقمىغان ئىدىم . سىنى يوقاتقاندىن كىيىن ،سەن بولمىساڭمۇ ئوخشاشلا ياشايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم . ئوخشىمايدىغىنى ، بۇرۇنقى ھەممىگە مەغرۇر تىكىلىدىغان كۆزلىرىمدە سوغۇق بىر ئازاپ قىتىپ قالغان ئىدى . .g?,:$`0D?
يان تىلفۇنۇمنى يىراقلارغا ئىتىۋەتتىم ، چۈنكى ئەمدى ئۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھىچقانداق ئىشلىتىش قىممىتى قالمىغان ئىدى ، ئۇنىڭغا مىڭ قىتىم قارىساممۇ ، C
P v}A
كىچىلىرى يۈرۈكۈمگە تىڭىپ ياتساممۇ ، ئىرىشىدىغىنىم مەن تەلمۈرگەن تونۇش نۇمۇرلار ئەمەس بەلكى ئۈمۈتسىزلىك ئىدى . ID+k`nP
بەزىلەرنىڭ مەسخىرىلىك ،بەزىلەرنىڭ ھىسداشلىق بىلەن تىكىلىشلىرگە ، سوغۇق كۈلكەم بىلەن جاۋاپ بەردىم . مىنىڭ پەرۋاسىزلىقىم ئۇلار ئۈچۈن يىڭىلىق تۇيۇلسا كىرەك ، بىر كۈنى ماڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دىدى :- خەخكە قىلسا ئاشۇنداق ئۆزىگە يىنىپ قالىدۇ . ھالىنى ھارۋا تارتالمايتتىغۇ بەزىلەرنىڭ ، نىم بولدىكىنە ئەمدى ؟ c)fp;^
راس ، بىر چاغلاردا مەنمۇ باشقىلارنى ئازاپلىغان ، مەن ئۈچۈن ياش تۆككەنلەرنى يارامسىز ، سىزنى كۈتىمەن دىگۈچىلەرنى بىكارچى دەپ سۈپەتلىگەن ئىدىم . بەلكىم راستىنلا ئۆزەمگە يانغان بولسا كىرەك . بىرسىنى چىن دىلدىن سۆيۈشنىڭ بۇنچىلىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدىراق بىلسەمچۇ كاشكى .... umn^QZ,
سىنى ئويلىماسلىققا ئامالسىزمەن ، ساڭا نەپرەتلىنىشكە تىخىمۇ ئامالسىزمەن ، گويا يۈرۈكۈم سىنى سۆيۈش ئۈچۈنلا پۈتۈلگەندەك . 0lN8#k>H
بىلەمسەن جىنىم ؟ مەن ئاخىرى تولىمۇ بىچارىلارچە ئەسلىدە سىنى ئۆزەمنى سۆيگەندىنمۇ بەكرەك سۆيىدىغانلىقىمنى ئىتراپ قىلدىم . T
bWZw
سىنى سۆيىمەن نىجات ! سىنى شۇ دەرىجىدە سۆيگەچكە سەندىن ئايرىلىشقا رازىمەن . ساڭا بولغان سۆيگۈمنىڭ ساڭا يۈك بوپ قىلىشىنى زىنھار خالىمايمەن . - Sgp,"a
ئىلگىركى سىنى رەنجىتىشلىرىمنى كەچۈرگىن ، ھەممىسى پەقەت سىنى تولىمۇ سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن. Z`t?kXDNoI
ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن گۇمان قىلمىغىن ، گەرچە سەن ئۈچۈن ھىچنىمە قىپ بىرەلمىگەن بولساممۇ ... 1`\kXaG
سەن بىلەن بىللە بولغان ئاشۇ ۋاقىت ، ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس چاغلار . _S1uJ~j;E
ئەجىبا سەن شۇنچە تىزلا مىنى ئۇنتۇپ قالغانسەنمۇ ؟ چۈشلىرىڭدىن ئويغانغاندا KVy5/A/8c
مىنىڭ ھەم رېئاللىقتىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى ئىسىڭگە ئالغانسەنمۇ ؟ HpAZ{P7
سىنى بەكمۇ سىغىندىم !!!! v}D!
ئەگەر مومكىن بولسىدى ، مەن بۇرۇن كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا لىقى بىلەن ھىسابلاشماي ، پەقەت سىنى چىن دىلىمدىن سۆيگەنلىكىمنىلا ئىسمدە ساقلىۋالسام ، لىكىن مەن شۇنداق قىلالامدىم ؟ V1;-5L75
سەندىن تولىمۇ ئۈمۈتسىزلەندىم ، گەرچە سىنىڭمۇ ئۆزەڭ سۆيگەن ئادەمنى تاللاش ھوقوقۇڭ بولسىمۇ ، لىكىن مەن ئالدىنشىقا بەك ئۆچ ، ئەگەر سەن باشقا بىرسىنى سۆيۈپ قالغان بولساڭ ، بۇنى مەندىن يوشۇرشىڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق . &N ;6G`3
<مەن سىنى ياخشى كۆرگەن > دىمە ! چۈنكى ھەر بىر ئىغىز يالغان سۆزۈڭ مىنى ياخشى كۆرمىگىنىڭدىنمۇ بەكرەك ئازاپلايدۇ . fh
ئەگەر مومكىن بولسىدى ، سىنى پەقەت ئويلىمىسامكەن دەيمەن ، لىكىن قىرىشقاندەك خىيال قۇشۇم ئاللىقاچان سەن تامان ئۇچۇپ كەتكەن ، =1capix 1r
سىنى ، سىنىڭ ئىلگىرى ماڭا قىلغان سۆزلىرىڭنى ، تاماق يىگەن چاغدا مىنىڭ قاچامدىكى گۆشلەرنى تىرىپ يەۋىلىشلىرىڭىنى ، ماڭا نەسھەت قىلغان چاغدىكى ئوماق چىراي ئىپادەڭنى ، مىنى مەكتەپ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئۇلتۇرۇپ ساقلاشلىرىڭنى ، مىنى خاپا قىپ قويۇپ كەينىدىن ئەركىلەشلىرىڭنى،ماڭا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن ناخشىلىرىڭىنى ، ....خۇددى سەن يېنىمدا باردەكلا ھىس قىلىپ تۇرۇپ ئويلايمەن . ~!kbB4`WK
مەن بۇ رېئاللىقتىن ئۆزەمنى قاچۇرماقچىمەن . ئاجىزلىقىمغا ئىقرارمەن ! -Ma"V
سىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە ئىشەنچىم يوق ، بەلكىم ۋاقىتقا ئىھتىياجلىقتۇرمەن ، v g]&T
ھالبۇكى شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ ، ئاۋالقىدەكلا سىنى ئەسلەپ تۇرۇپتىمەن . 'h6RZKG T
مەن ئويلاپ ئويلاپ شۇنى ھىس قىلدىم ، ئەمەليەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولىشى سىپى ئۆزىدىن بىر خاتالىق ئىكەن . pnU
g:R@
لىكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىن جىنىم ! ھاياتىمدا ئەڭ تىرىشىپ ئەڭ كۈچەپ قىلغان ئىشىم دەل سىنى سۆيۈپ قالغىنىم ، ساڭا بولغان سۆيگۈمنىڭ سىنىڭ ماڭا ھىسىداشلىق قىلىدىغان باھانەڭ بوپ قىلىشىنى خالىمايمەن ! سىنڭ بەختىڭنى ، خوشاللىقىڭنى ئۇلۇغ اللا دىن تىلەيمەن ! بەختلىك بول جىنىم ! [ بۇ يازما Soygu تەرپىدىن 2010-07-26 04:05 AM دە قاي ]
 |