بۇ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرىمىزدە يۈز بەرگەن تولىمۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە
مەن شۇ ۋەقەنىڭ شاھىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەرھۇمنىڭ قۇلۇم -قوشنىلىرى ۋە بىرگە تىجارەت قىلىدىغانلارنى بىرمۇ-بىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋەقەلىكنىڭ قىسمەن يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ،بىر قىسىم جايلىرىنى قىسقارتىپ يېىزىپ چىقتىم.يېزىش جەريانىدا مەرھۇمنىڭ ئىسىمىدىن باشقا ئىسىملار ئۆزگەرتىلدى ئەسلىدە بەزەن گەپ-سۆزلەرنى ئېنىق دىمەكچى ئىدىم بىراق بۇ جايدا دىيىشنى خالىمىدىم. كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم خاتالىقلاردىن خالى بولالمىغان بولۇشۇم مۈمكىن كەڭ تورداشلارنىڭ ئەيىبكە بۇيرۇماسلىقىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن .قېنى ئەمىسە نەزىرىڭلار تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن.
-يېقىندىن بېرى چۈشۈم بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ ،ماڭا 3000سوم بەرگەن بولسىڭىز يۇرتقا بېرىپ چوڭلارنى يوقلاپ كەلگەن بولسام بوپتىكەن؟
-نىمە 3000سوم دەمسىنا؟نىمە قىلىسەن ئۇنچىلىك كۆپ پۇلنى؟
-سىزگىمۇ ئايان يۇرتقا بارمىغىنىمغىمۇ 20يىلدىن ئاشتى ،دادام-ئاناملارنىڭ يېشىمۇ چوڭلاپ قالدى بېرىپ يوقلاپ كېلەيمىكىن دەيمەن .چوڭلارنىڭ قولىغا ئازدۇر-كۆپتۇر بەرمىسەم بولمايدۇ. ئۇنۇڭ ئۈستىگە باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلارمۇ بار ئۇلارغا سوۋغا-سالام ئېلىشىم كېرەك.
-نىمە دىدىڭ ئەر كىشى دىگەن سوۋغا -سالام كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ ،داداڭ -ئاناڭغا بىر -ئىككى يۈز سوم بەرسەڭ بولىدۇ .مەن ساڭا كۆپ بولغاندا 1000سوم بېرىمەن ئەگەر ئۇنۇڭغا ئۇنىمايدىكەنسەن ساڭا بېرىدىغان بىر تىيىنمۇ يوق.
-سىز مىنى مالاي كۆرۈۋاتامسىز ؟مەن سىزنىڭ يولدىشىڭىز مەنمۇ موشۇ ئۆينى ،بالىلارنى دەپ كۈندە سەھەر تۇرۇپ ئىىسىىق -سوغۇق دىمەي نان يېقىۋاتىمەن .ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بۇيان ئۆينى دەپ قىلمىغان ئىشلىرىم قالمىدى ئەمدى كۈنلىرىمىز خېلى يامان ئەمەس بولۇپ قالدى ،شۇنداق بولغاندىن كېيىن مەن چوڭلارنى يوقلاپ كېلەي دەۋاتىمەن ...
-مەن سېنى بارما دىمىدىم گېپىم شۇ پەقەت 1000سوملا بېرىمەن بېرىپ بىرەر ئىككى كۈن تۇرۇپ كېلىسەن بولمىسا ناۋايخانا ئېتىلىپ قالىدۇ .
-بىرنەچچە كۈن ناۋايخانا ئېتىلىپ قالسا نىمە بولاتتى ،ھېلىمۇ دەم ئالماستىن ئاشۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن.دەسلەپتە سىز ماڭا ياتلىق بولىدىغان ۋاقتىڭىزدا شۇنچىلىك مۇلايىم ئىدىڭىز نىمە دىسەم شۇنۇڭغا ماقۇل دەيتىڭىز مانا ئۈچ باللىق بولدۇق.كۈنلىرىمىزمۇ يامان ئەمەس. ئۈرۈمچىگە چىققاندىن بېرى مېنى كۆزگىمۇ ئىلىپ قويمايدىغان بولۇپ قالدىڭىز ؟...
-نەمە دېدىڭ ھەي ئاۋاق مەن سېنى كۆزگە ئىلمىغان بولسامچۇ ئاللا بۇرۇن ئۈچ بالاڭنى پاتتىڭىڭغا ئارتىپ قويۇپ خېتىمنى ئالغان ،سەندەك رەزگى بىلەن ئۆي تۇتمىغان بولاتتىم تولا گەپ قىلماي نېنىڭنى ياق !
-نىمە دەپ تىللىسىڭىز مەيلى بىراق ماڭا ھېچ بولمىغاندا 2000سوم بەرمىسىڭىز بولمايدۇ چۈنكى مەن ئاتا-ئانامنى يوقلاپ كېلىشىم كېرەك.20يىل ناۋايلىق قىلىپ ئەمدى موشۇ كۈنگە كەلگەندە مەن 3000سومغىمۇ ئىگە بولالمامدىمەن ؟ئۇ پىژغىرىم ئىسسىققار قارىماي نېنىنى يېقىشقا باشلىدى.ئەتىگەندىن بېرى كۆيدۈرگۈچ نۇرلىرىنى جاي تاللىمايلا چېچىۋاتقان قوياش تاغ كەينىگە ئۆتۈشكە باشلىدى ئابدۇراخمان ئايالىغا يەنە يالۋۇردى.
ئۇنداق قىلماڭ مەن يۇرتقا بېرىپ كېلەي ...
-كىم سېنى بارما دەپتۇ ھەي لامزەللە نىمانداق تولا ئەزۋەيلەيسەن ھېلى بىكار تۇغۇلغىنىڭغا پۇشايمان قىلغۇزۇۋاتماي .
-مەن باشقىلارغا ئىشلىگەن بولساممۇ ھېچ بولمىسا ئايدا بىرەر مىڭ سوم بەرگەن بولاتتى ...
-نىمە دىدىڭ ھوي ئاۋاق دىدى ۋە ئارزۇگۈل ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغىنىچە بىر نەچچە شاپىلاق ئۇرۇۋەتتى ،باياتىدىن بېرى ئىككەيلەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئاسىمگۈلمۇ ھەدىسىگە ھەمدەم بولۇپ كەلگەنچە ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا راخماننىڭ يۈز-كۆزلىرى خۇددى مۈشۈك تاتلىغاندەك بولۇپ كەتتى ۋە ئۇلاردىن قۇتۇلۇشقا تىرىشتى.
-ھوي-ھوي! بۇ نىمە قىلىق خان ئېرىنىمۇ ئۇرغان بارمۇ ؟قانداق گەپ بۇ ئەر رازى خۇدا رازى دەپتىكەن بولدى قىلىڭ قانداق گەپ بۇ ؟بۇ ياكى سىزنىڭ مالىيىڭىز بولمىسا ،بۇياققا ئۆتۈڭلار !ئۇنى قويۇۋېتىڭلار !نىمە قىلغانغا شۇنچىلىك قىلىسىلەن؟نەچچە يىلدىن بېرى جاپاغا چىداپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ سىلەرنى باققىنىغا شۇنداق قىلامسىلەن ؟ئۇ دىگەن بالىلىرىڭىزنىڭ دادىسى ئەمەسمۇ؟نىمە دىگەن بېشەملىك بۇ؟جاھاننىڭ ئىگىسى يوق دەپ قالدىڭلارمۇ ؟ھە دىسىلا ئىت ئېسىلغاندەك ئېسىلىشىپ ئۇرغۇلى تۇرساڭلار بولامۇ؟زەردە بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئەمەت ئاكا .شۇنۇڭ بىلەن ئۇ ئىككىيلەن ئۇنى قويۇۋەتتى بىچارە ئابدۇراخماننىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتكەندى.ئۇ خۇددى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك تىتىرەيتى،ئەتىراپقا قارايتى.بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇ سىرتقت قاراپ ماڭدى ۋە:
-مەن ئۆلۈپلا قۇتۇلسام بولىدۇغۇ دىگىنىچە چىقىپ كەتتى .
-ھەي بىچارە يىگىيت دىگىنىچە بېشىنى چايقىدى ئەمەت ئاكا ۋە ئارزىگۈل بىلەن ئاسىمگۈلگە :
-بۇ قىلغىنىڭلار بولمىدى ئاشۇ بىچارىگە ئىچىڭلارمۇ ئاغرىمامدۇ؟ قاراڭلار ئۇ شۇنچە ئاجىز تۇرۇپمۇ ئائىلىنى بالىلارنى دەپ قىشنى سوغۇق ،يازنى ئىسسىق دىمەي تارتمىغان جاپالارنى تارىۋاتىدۇ بۇ سىزنىڭ ئۇنۇڭ جاپاسىغا بەرگەن مۇكاپىتىڭىزمۇ؟دىگىنىچە چىقىپ كەتتى.
بۇلتۇر موشۇ مەزگىلدە ئابدۇراخمان بىنانىڭ 5-قەۋىتىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن ئارانلا قۇتۇلۇپ چىققاندى شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ يەنە ئائىلىسى،بالىلىرىنى دەپ كونا كەسىپىنى داۋام ئېتىۋاتاتتى.
ئابدۇراخمان ئۇدۇل چىققىنچە يېقىن ئەتراپتىكى ئائىلىلىكلەر قوراسىغا كىردى-دە بىر ئاز دېمىنى ئالدى ئۇنۇڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتى ،ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلايتى قۇياشمۇ ئۇنۇڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈشنى خالىمايۋاتقاندەك ئۆزىنى تېزلا يۇشۇردى جاھاننىڭ غەرىپ تەرىپى غەزەپ بىلەن قىزىرىشقا باشلىدى.
يۇلتۇزلار كېچە ئاسمىنىدا جىلۋە قىلىۋاتقىنىغا خېلى بولغاندى.ئۇلار زىمىندىكى ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تاماشا قىلىپ ،ھېس-تۇيغۇلىرىنى يەنە بىر ئالەمگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى.ئۇ ئورنىدىن تۇردى-دە،ئورمانلىقتىن چىقىپ ئۇدۇل ماگازىن تەرەپكە كەلدى ۋە بىر بېسىپ -ئىككى بېسىپ ئىچكىرىگە كىرىد.ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە زابوي ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن:
-ۋوي ناۋاي ئاداش كەچ بولغاندا كىرىپ قاپسەنغۇ؟نىمە بولدى ساڭا؟ يەنە ئايالىڭدىن تاياق يىگەن ئوخشىمامسەن؟
قېنى ئولتۇر بىرەر قەدەھ ئىچىۋالساڭ ئىچ پۇشۇقۇڭ چىقىپ قالىدۇ دىيىشكىنىچە ئۇنۇڭغا بىر رومكا ھاراقنى تەڭلىدى.ئۇ بىر ئاز ئارىسالدا بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن،رومكىنى ئالدى ۋە بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى شۇنداق قىلىپ ئۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە رومكا ئىچتى ۋە مەستچىلىكتە بولغان ۋەقەنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.ئارىدىن بىرى.ئۇنۇڭغا ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە:
-مەنمۇ شۇڭلاشقا ئايالىمنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپ بويتاق ئۆتۈۋاتقىنىمغا 10يىلدىن ئاشتى "كونىلار ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا "دەپ بىكار ئېيتمىغان .ھەي بىچارە بۇنداق ئۆتكۈچە خوتۇنۇڭنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپ بويتاق ياشىساڭ ئۆلۈپ قالامتىڭ ؟سېنىڭ دىگەن بىر ئوبدان ھۈنىرىڭ بار،قانداقلا قىلساڭ جېنىڭنى جان ئېتىپ كېتەلەيسەن.سەن بىزگە ئوخشىمايسەن بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدۇ شۇ تۈپەيلى قېنىمىزنى سېتىپ ھاراق ئىچىمىز،بەزىدە تونۇش-بىلىشلەردىن ئازدۇر -كۆپتۇر بىر نەرسە ئالىمىز ،يامىنى كەلسە ئۇنۇڭ-بۇنۇڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلايمىز شۇ .سەندىگەن بىر ئىنسان قۇلۇڭدا گۈلدەك ھۈنىرىڭ بار ئەتىلا ئۇنداق ھازازۇل خوتۇننىڭ خېتىنى بەر دىدى ئۇنۇڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
-چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ،ھەممە مەس -ئەلەس بولۇشتى ئۇلار خۇشلۇشۇپ ئۆيلىرى تەرەپكە يول ئالدى. بىراق ئۇ ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى.ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى ئابدۇراخماندىن خەۋەر يوق .ئارزۇگۈل ناۋاي خانا ئالدىدا كاۋاپ سېتىش بىلەن مەشغۇل .ئەمەت ئاكا كۈندە دىگۈدەك ئۇنۇڭدىن ئابدۇراخماننىڭ خەۋىرىنى سوراپ تۇردى بىراق ئارزۇگۈل.
- نەگە كەتتىكىن تاڭ كەلمەيۋاتىدۇ سەل ئاچچىقى يانغاندا كېلەر دەپلا جاۋاب قايتۇرۇتىن باشقىنى بىلمىدى.ئۈچۈنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4ئەتراپىدا ناۋايخانا ئالدىغا بىر نەچچە ساقچى پەيدا بولۇپ قالدى ۋە بىر پارچە رەسىمنى ئارزۇگۈلگە تەڭلەپ تۇرۇپ:
-رەسىمدىكى كىشىنى تونۇمسىز دەپ سورىدى.ھاڭ-تاڭ قالغان ئارزۇگۈل دەرھاللا :
-تونۇيمەن ئۇ مېنىڭ يولدۇشۇم دىدى جاۋابەن.
-بىز بىلەن بىرگە مېڭىڭ يولدىشىڭىز دوختۇرخانا يېنىدىكى ئورمانلىقتا ئۆلۈپ قاپتۇ دىدى بىر ساقچى ئۇنۇڭغا .
-نىمە دىدىڭىز؟سورىدى ئايال.
-ئۆلۈپ قاپتۇ. باغرى تاش ئايال سەل چۆچۈگەندەك بولدى ۋە يالغاندىن كۆز -ياشلىرىنى تۆكۈپ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ماڭدى.دەرۋەقە ئابدۇراخمان ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندى ئۇنۇڭ ئاغزىدىن چىققان كۆپۈك پاتتىڭىدا قېتىپ قالغان بولۇپ كۆزلىرى ئوچۇق ھالەتتە ئىدى...
-تەكشۈرۈپ بولدۇق مىيىتنى ئېلىپ كېتىڭلار دىدى ساقچى ئۇنىڭ ئايالىغا .ئۇ ئۈندىمىدى .
-مىنىڭ ئۆيۈم بىرىنچى قەۋەتتە ئەكىرىشكە قولايلىق بىزنىڭ كىگە ئەكىرىپ تۇرايلى دىدى ئارىدىن بىرى ۋە قېنى ئەمىسە دىگىنىچە زەمبىلگە سېلىنغان مىيىتنى كۆتۈرۈشكە تەمشەلدى. باشقا ئەرلەر كېلىپ ئۇنۇڭغا ياردەملەشتى .ئۇلار ئىچىدە ھەي قانجۇق سەن چوقۇم بۇنۇڭدىنمۇ يامان ئاقىۋەتتە قالىسەن دىيىشتى ئىچىدە.
شۇ ئەسنادا بىر نەچچە زابوي بۇ جايغا پەيدا بولۇشتى ۋە ۋوي قېرىندىشىم تېخى ئۈلۈشكۈنلا بىرگە ھاراق ئىچىشمىگەن ئەمەسمىدۇق .ئاشۇنداق مۇناپىق خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتقۇچە بويتاق ئۆتسەڭ بولماسمىدى؟يۇرتۇمغا بارىمەن دىمىدىڭمۇ قېرىندىشىم ۋاي ئىسىت دىگىنىچە ئۈن سېلىپ يېغلاشقا باشلىدى.مەممىنىڭ كۆڭلى غەش بولۇشتى ...
-مەن بۇ بالىنىڭ ئۇستىسى بولىمەن ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان خىزىر سۈپەت بىرى سۆزلەشكە باشلىدى .بالىنىڭ يۇرتتا ياشىنىپ قالغان دادا-ئانىسى بار شۇلار كەلگەندە يەرلىككە قويساق ياخشى بولاتتى بىراق جەسەت چىرىپ كېتىپتۇ ساقلاشقا بولمايدىكەن . يەرلىككى ۋاقتىدا قويۇۋەتمىسەك بولمايدۇ .ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن بىچارە زەھەر تاپالماي،ئۇنۇڭ ئورنىغا ھاراق ئىچكەن ئوخشايدۇ دىگىنىچە كۆزلىرىگە ياش ئالدى ۋە ئىشتىن كېيىن مىيىتنى ئېلىپ كەتتى. ئايالى بىلەن بالىلىرى خۇددى تامنىڭ تۆشىكىدەك قارىشىپ قېلىشتى.ھېلىقى كىشى مېڭىش ئالدىدا
-سىلەر ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى قىلمىدىڭلار، خارلىدىڭلار شۇ تۈپەيلى سىلەرنىڭ بېرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق دىگىنىچە كېتىپ قالدى .ھەمدە ئەتىسى بامدات نامىزىغا ئۈلگۈرتۈپ شۇ بىچارە مۇساپىرنىڭ مىيىتىنى جىگدىلىك مەسچىدىدە ئۇزارتتى....كىشىلەر توۋا موشۇنداقمۇ ئايال بولامدۇ 20نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ئېرىنىڭ مىيىتىنى ئۆيىگىمۇ ئېلىپ كىرمىدى ،ئۇنۇڭ ئۈستىگە باشقا بىر كىشى ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالسا قاراپ تۇرۇۋاتىدى ئىست سەندەك مۇناپىققا ،خۇدايىم جاجاڭنى بىرەر دىيىشكىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇپ قېلىشتى...(مەنبە ئىجادىيىتىم)
(تورداشلار سەمىگە مېنىڭ تېمىلىرىم پەقەت مىسرانىم تور بېتىگىلا خاس تورداشلارنىڭ تېمىلىرىمنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بەتلىرىگە يوللىشىنى خالىمايمەن،ھەمدە يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئۆز نامىدا باشقا تور بەتلىرى ۋە مىسرانىم تورىغا يوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن،چۈنكى بۇرۇن موشۇنداق ئىش يۈز بەرگەندى كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
[ بۇ يازما پادىشاھ تەرپىدىن 2010-07-25 11:44 PM دە ق ]