كىلىش مەنبەسى : يوللىغۇچى
مەھەللىمىزدە، قەدىنىاسىدىن ياشلا تۇل قېلىپ، تۆت بالىسىنى يالغۇز قاتارغاقوشۇپ، جەبرى- جاپادىن بالدۇرلا قېرىپ، قاقتەك قورۇلۇپ قالغان، قاچاندىلا كۆرسەم تۆتئەردىن چىققان بىتەلەي قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ، يەر تېرىپ، پادا بېقىپ، يۈرىدىغان بىرموماي بولىدىغان. بىر كۈنى ئۇ ئالدىمنى توسۇپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. نېمە بوپتۇدېمەمسىز؟ مەھەللىمىزدىكى (ياراتقۇچى ئۇ زەيپانەكلەرنى نارەسىدە قىزنىڭ خۇن ھەققىئۈچۈن بۇ ئالەمدە بالدۇرلا ئەرلىك كۈچىدىن مەھرۇم قىلىپ، چىدىغۇسىز ئازاپلارغا دۇچارقىلغاي) ئۆيلەنگەن، ئۆيلەنمىگەنلەردىن بولۇپ يەتتە نائەلى مەھەللە چېتىدىكىشورلۇقتا قوي بېقىۋاتقان كىچىك قىزىغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىپتۇ. ئىشنىتۈگەتكەندىن كېيىن ئۇلار قانۇنى جازادىن قورقۇپ، ئالتىسى تويلۇققا پۇل چىقىرىدىغان، بىرى ئۇ قىزنى نەچچە كۈنلۈك خوتۇنلۇققا ئالىدىغان بولۇپ كىلىشىپتۇ. قىز ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەچكە توي خېتى بىرىلمەپتۇ. بۇ كەمىنىنى توي خېتىگە مېڭىشىپ بەرسە دەپئالدىمنى توسۇشى ئىكەن. بېشىم پىررىدە قېيىپ، بوغۇزۇمغا ئاچچىق نەرسە قاپلىشىپ، ئىچ- ئىچىمدىن يىغا قاپسىدى... مېنى كادىر دەپ چوڭ بىلەمدىكىن، يا كۆزىگە ئىسسىقكۆرۈنەمدىم، قاچان ئۆيىگە ماڭسام ئالدىمغا لىككىدە پەيدا بولۇپ، ئىككى- ئۈچ تالشاپتۇل، ئالما يا بىرەر ساپاق ئۈزۈم تەڭلەيدىغان، تۇرقىدىن سەبىلىك چىقىپتۇرىدىغان، ئېغىزىدىن تېخى ئوغۇزنىڭ ھىدى كەمىگەن، ئۆڭگەن، يىرتىق كىيىملەر ئىچىدەخۇددى بەرگىدىن ئاجرىمىغان قىزىل گۈلدەك ۋىلىققدە كۈلۈپ تۇرىدىغان قارا كۆز قىزكۆز ئالدىمغا زاھىر بولدى. تۇرۇپلا قولۇمغا يوغان شەمشەر ئېلىپ، ئاشۇلەنەتكەردىلەرنىڭ جىم تۇرغۇزمىغان بىر نېمىسىنى شارتتىدە كىسىپ تاشلىغۇم ، بۇرنىنىڭ ئۈچىنىلا كۆرۈۋاتقان ماۋۇ مومايغا تاپا- تەنە قىلىپ، ئاچچىق تىللارنىياغدۇرغۇم كىلىپ كەتتى. كۆزلىرىدىن، ھەر تال چېچىدىن، ھەممە يېرىدىن تۆكۈلۈۋاتقانبىچارىگە قاراپ، يۈرىكىم پىژژىدە ئېچىشىپ قالدى... <ئەرز قىلغان بىلەن بۇئادىمى ھايۋانلارنى ئېتىپ بەرسىمۇ بولغۇلۇق بولدى. ئاسمان- زېمىن ئالماشقۇدەكمۆجىزە يۈز بەرسىمۇ بالا ئەسلىگە كەلمەيدۇ. بىرىگە نىكاھلاپ بىرىپلا شەرمەندىچىلىكنىيۇيايلى دەپ ئويلىغاندۇر بەلكىم...
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ، <نادان>، <ساپاسى تۆۋەنلەر> ماكانىدىنقاڭقىپ، زامانىۋى شەھەردىمۇ، يۇقۇرى ساپالىقلار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشلاردىن كۇرمىڭىنى ئۇچراتتىم .بىر كۈنى خېلىلابىلىملىك سانىلىدىغان، نەچچە ئادەم بار بىر سورۇندا مۇنداق پاراڭ بولۇندى: ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم بىر ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان (خوتۇن- بالىلىرى بار ئىكەن) بىرى: بىزنىڭ مۇھەببەت ئەرگە تەگمەكچىكەن، 1000 يۈەن خەجلەپ <قىز> قىلىپ قويدۇم،- دەپ مەيدىسىگە ئۇردى. - قانداق بولىدىغاندۇ؟- ئايالىڭنىئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ كۆرۈپباق بولمىسا...
- قويە، ئەسلىدىكىگە نېمە يىتىدۇ؟ توۋا دەيمەن، مۇشۇ كۈندىكى يېگىتلەرنىڭيىمەكلىكىمۇ، ئىچىملىكىمۇ، ھەتتا خوتۇنىمۇ، ھەممە نېمىسى سۈنئى دېسە... سورۇندىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھېلىقى قىزنى تونۇيدىكەن... سورۇندا يەنە ھېلىقى قىزتوغرۇلۇق نۇرغۇن لاۋزا، ھاياسىز پاراڭلار بولۇندى. كېيىن يەنە بىرەيلەن ماڭائېچىنغان ھالدا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسى ئۆزىنىڭ يەنەبىر ئاغىنىسىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى بىلەن <مۇھەببەت> باغلاپتۇ. ھېلىقى ئادەم قىزىغا ئۆز قولى بىلەن ھامىلىدارلىقتىنساقلىنىش دورىسى ئىچكۈزىدىكەن. ناۋادا ھامىلىدار بولۇپ قالسا دوختۇرغا ئاپىرىپ بىرتەرەپ قىلىۋېتىدىكەن. قىز ئۆيىدىن ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ساۋاقدىشىمنىڭ، دوستۇمنىڭئۆيىدە قونۇپ كىلىمەن دەپ رۇخسەت ئېلىپ چىقىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن ياتاق ئاچىدىكەن. چېچىغا ئاق كىرگەن ئاتا- ئانىسى <قايسى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئۆيىدە ياتىسەن، تېلىفۇننومۇرى قانچە؟> دەپ بىرەر قېتىم چىڭراق سوراققا تارتىپ باقماپتۇ. ئەڭئەپسۇسلىنارلىقى قىزىنىڭ ئۇچىسىدا پەيدا بولغان مۇدا كىيىملەر، چوڭ- چوڭ پۇلخەجلەشلىرىمۇ ئاتا- ئانا بولغۇچىنى قىلچىمۇ ئەندىشىگە سالماپتۇ. مۇنداقلا سورالغانسۇئالغا ھېلىقى قىز <ھېيىتلىق پۇل، سىلەر بەرگەن پۇللارنى يىغىپ ئالدىم> دەپجاۋاپ بىرىدىكەن. بىر بالا ئاتا- ئانىسى سانىنى ئېلىپ بولالمىغۇدەك، يىل بويى خەجلىسەيەتكۈدەك ھېيىتلىققا ئېرىشەلەمدۇ؟
يەنە مەلۇم بىر كاتتا ئورۇندا ئىشلەيدىغان تاپاۋىتى ياخشى 50 ياشلاردىكى بىر ئەرئىدارىسىغا يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان قىز بىلەن چىقىشىپ قېلىپ، ئالتە- يەتتە يىلنى <ئەر- خوتۇن> بولۇپ ئۆتكۈزۈپتۇ. كېيىن قىز بىر يىگىت بىلەن توي قىلماقچىبوپتۇ. قىزنىڭ ھېلىقى <ئاكا>سى قىزغا تويۇڭنى ياخشى قىلىۋال دەپ 20مىڭيۈەننى تۇتقۇزۇپتۇ ۋە پات- پات كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ۋەدىلەر قىلىشىپتۇ...
بۇنىڭ بىلەن قىز پۇلنى ئايىماي خەجلەپ، ئىسىل، داڭلىق ئائىلە سايمانلىرىنى، ئۆيجاھازلىرىنى سېتىۋىلىپ، بولغۇسى ئۆيىنى ئالا چەكمەن ياسىۋىتىپتۇ. يىگىتئاغىنىلىرىگە ئۆيىنى كۆرسىتىپ، قىزنىڭ يىغىشچان، مەردلىكىنى ئۇزۇندىن- ئۇزۇنماختاپتۇ.
بۇرۇن ئاللا كىملەرنىڭ لۈكچەكلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، ئىپپىتىنىڭبۇزۇلغانلىقىنى قاتتىق ھار ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆستەڭ- كۆللەرگە تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنىكۆرگەن ياكى ئاڭلىغانمەن. تېخى تالاغا قارىغان ئازغۇن ئاياللارنى بوغۇزلىۋىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنى بەدىلىگە ئەرلىك غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتنى يۇغان ئەرلەرنىكۆرگەن، ئاڭلىغانمەن. نەزىرىمىزدىكى تەرەققى قىلمىغان ئاشۇ قالاق زاماندىكى شۇقىزلار قانداق قىزلار بولغىيتى؟ ئەرلەر قانداق ئەرلەر بولغىيتى؟ ئۇلارنىڭ تومۇرىدائاققىنى قانداق قان بولغىيتى؟!
قاراڭ! قىزى يېرىم يالىڭاچ، كىندىكىنى چىقىرىپ سەھنىدە يانپاش تولغىسا دادىسىئاقباش پەستە ئولتۇرۇپ كۈچەپ چاۋاك چالسا، سىڭلىسى كوچىدا، ئەلنىڭ كۆزىدىلا بىريىگىت بىلەن بۇياندىن ئېلىشىپ كىتىۋاتسا، ئاكا بولغان لاتا يەرگە قاراپ ئۆتۈپكەتسە... قىزى ئاخشىمى بىر تېلىفۇن بىلەن رۇخسەت سوراپ، ئەتىسى سىمىز توخۇكاۋىپىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىرسە، توخۇ پاچىقىنى غاجىلاپلا ئانا بولغان خوتۇننىڭزۇۋانى تۇتۇلۇپ، غىڭ قىلالمىسا، خوتۇنىغا ئاشنىسى ئېلىپ بەرگەن تېلىفۇننى ئېرىياقتۇرۇپ قېلىپ، قويۇن يانچۇققا سېلىپ ئىشلىتىپ يۈرسە... ئېرى باشقا جايدا، خوتۇنىباشقا جايدا رۇمكا سوقۇشتۇرۇپ، كەچتە كارىۋىتىدا ئۇچرىشىپ، خوتۇنىنىڭ پۇت- قولى، ئېغىز بۇرنى جايىدا بولسىلا ئىرى شۈكرى دەپ خورىكىنى باشلىۋەتسە...
بىر دانا تەرەققىيات بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى. يەنە شۇ قاتاردا نۇرغۇننەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى دېگەنىكەن...
نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىدىكى غەربلىشىشكە چوقۇنۇش، جىنسىي ئەركىنلىكئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش، ھاياسىزلىشىش، ئىتىقادسىزلىشىشنى مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەنئەڭ ئېغىر كۈلپەت دېسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ. يېرىم يالىڭاچ يۈرمەڭلار دېسە خۇراپاتلىقدېدۇق، مانا ئەمدى بىزدىكى غەربكە چوقۇنۇش ئالدى بىلەن كاللىمىزنى، ئاندىنئۈستىۋىشىمىزنى، ئاخىرىدا ھەممە يېرىمىزنى ئېچىۋەتتى...
ھازىر ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى- تېخى يۈزى ئېچلمىغان كىچىك قىزلارنىڭپەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپپىتىنى ئادەتتىكى نەرسە دەپ قاراش... ھازىر ئۇلار ئۈچۈنئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس، زامانىۋىي شەھەرلەرنىڭقىزلىرى قانغىچە بىر ئىچىپ، يا چىكىپ، دىبالاردا بىرەر ئاخشام ئالا- تاغىل سەكرىۋالسا ، سەھرالاردا ئەپلەپ- سەپلەپ توي قىلىۋالسا (ئەتىىسى ئاجرىشىپ كەتسىمۇ مەيلى) ھەممەئىش ئۆتۈپ كىتىدىغان بولدى.
يەنە بىر قىسىم قىزلىرىمىز <تىرناق ياساش قەلئەسى>، <پۇت يۇيۇششەھەرچىسى> ئاتلىق ۋىۋىسكا ئاستىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئارقا بۇلۇڭلىرىدىكى توخۇكاتىكىدەك ئايرىمخانىلاردا ئۆزىنىڭ بىباھا ئىپپەت- نومۇسى، گۆھەردەك تەنلىرىنىسېتىش بەدىلىگە ھارامخۇر خوجايىنلارنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقچىغا تولدۇرماقتا. يۇنداكۆلچىكىدەك بولغانغان پاسكىنا تەنلىرى ئارقىلىق ئېرىدىن باشقا ئەرلەرنىڭ ھىدىنىپۇراپ باقمىغان، روھى، تىېنى ساپ، پاكىز بولغان ئاچا- سىڭىللىرىنىڭ تېنىنى بۇلغاپ، زەنجىرسىمان بۇلغاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە.
ناۋادا ئۇلارغا ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ دىسىڭىز دەرھال: سىز ئەر بولسىڭىز ئەمىسەمېنى خوتۇنلۇققا ئالالامسىز، ئايال بولسىڭىز مېنى بالا قىلپ بېقىۋالالامسىز دەپئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ. ئەجىبا ئۇلار قىلاي دېسە جەمئىيەتتە باشقا ئىشتېپىلماسمۇ؟ ئۇلار خالىمايدۇ. يېراق سەھرالاردا تاغار يۈدۈپ يۈرگۈسى يوق، تاماقخانىلاردا قاچا- قۇچا يۇيۇپ، نومۇسقا قالغۇسى يوق. كوچا- كويلاردا ئۆپكە- ھىسىپ، دوغاپ- لەڭپۇڭ سېتىپ جاپا تارتقۇسى يوق. پۇلى يوق، ئەمما ئەركەك تۈكى بارئەردىن بىرگە تىگىپ، جاپا ئىچىدە بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇسى يوق. ئۇلارنىڭ خىيالىدىكى ھەممە نېمىسى تەل <ئاق ئاتلىق شاھزادە> تېخى يوق. مېنىڭئازاپ ئىچىدە ئۇلاردىن شۇنداق سورىغۇم كېلىدۇ: ياشلىقىڭلاردا، گۈلدەك چېغىڭلارداھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئۇلارغا، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىپلاس خوجايىنلارغا پۇلتېپىپ بەردىڭلار. سىلەر داۋا تېپىلمايدىغان، تولىمۇ قورقۇنچلۇق ۋابا- ئەيدىزنىڭچاڭگىلىدا جان تالىشىپ، ياردەم تىلەپ ، ئاچچىق ئىڭراپ ياتقىنىڭلاردا ئاشۇخوجايىنلارنىڭ سايىسىنى بولسىمۇ كۆرەلەرسىلەرمۇ؟ ياق، ئۇ چاغدا ئۇلار ئاللىقاچانسىلەر تېپىپ بەرگەن ھارام پۇللاردىن تېخىمۇ سەمرىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارغا تۇتۇشقىلغان، ياكى راھەت- پاراغەت قوينىدا يايراۋاتقان بولىدۇ... كۆزۈڭلاردىن تولىمۇئاچچىق پۇشايمان ياشلىرىنى ئاققۇزغان ۋاقتىڭلاردا ھەممە نەرسە تۈگىگەن، ئەزرائىل سىلەرگەئاللىقاچان قولىنى سوزۇپ بولغان بولىدۇ،
21- ئەسىردە جۇڭگودا تەسىر قوزغىغان ئانىلار تەربىيىسى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ رۇڭخۇامۇنداق دەيدۇ: بەزى كىشىلەر ھايۋانات دۇنياسىدىن قىلچە پەرقى بولمىغان جىنسىيئەركىنلىك ئېقىمىغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ. <ئىپپەت پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانئادىمى ئۈچۈن تەييارلانغان ئامانەت بولماستىن، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈنتەييارلانغان ئامانەتتۇر> بۇلغانمىغان ئانا تېنى ئىنسانىيەت ۋە ئەۋلاتلار ئۈچۈنئەڭ ئىسىل بىباھا سوۋغات. پەرۋاسىزلىق بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش- ئانىنىڭ تېنىگە زىيانيەتكۈزىدىغان بىرىنچى قاتىل بولۇپلا قالماستىن، كەلگۈسى پەرزەنتلەرنىڭسالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (<تەرمىلەر> ژۇرنىلى 2004- يىل 7- سان، <ئانىلار، ئۇنداق قىلماڭلار> ناملىق ماقالە).
بىر دانىشمەن <ئاياللارنىڭ ، خوتۇن- قىزلارنىڭ دىيانەتلىك، ئىپپەتلىكبولماسلىقىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ> دېگەنىكەن. قېنى! قانچەئەرنىڭ نەچچىسى، خوتۇنى كەچلىكى پەداز ئەينىكى ئالدىغا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، يېرىميالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەتىر - پەتىرلەرنى بولۇشىغا چېچىپ، ئايىقى چىقماس <قاتار چاي>، <دوستلار ئولتۇرۇشى>، <ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى>، ئۈلپەتداشلار ئولتۇرۇشى>غا ماڭسا، ياسىنىپ- تارىنىپ بىرىدىغان ئادىمىڭ مەنتۇرسام، مۇنچە قىلىپ نەگە؟ دەپ قاپىقىنى ئەرلىك سۈرى بىلەن تۈرسە خوتۇنىنى تۇتۇپقالالايدۇ؟... ئەرلەرنىڭ ئىدىيىسىمۇ <تەرەققى> قىلدى. ئۇلارنىڭ قاراپ تۇرۇپ <كۈنچى>، <مەدەنىيەتسىز> ئەر دېگەن قالپاقىنى كىيىپ قالغۇسى يوق...
قېنى قايسى يىگىت ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ، بالىلىرىغا ئانا تاللىغاندا ئالدىغاشەرمى- ھايالىق، ئۇيات- نومۇسلۇق قىز بىلەن تۇرقىدىن ئۇپا- ئەڭلىك تۆكۈلۈپتۇرىدىغان، كۆزلىرى ئويناق، كۆڭۈل ئېلىشقا ئۇستا، ياسالما قىزدىن بىردىن قويۇلسائىككىلەنمەي ئاددى قىزنىڭ ئالدىغا بارالايدۇ... تەس، ھازىر كۆپ سانلىق يىگىتلەرنىڭچىرايلىق، ياسىنىشنى، پۇل خەجلەشنى بىلىدىغان، مەرتىۋىلىك ئائىلىنىڭ قىزىنى خوتۇنقىلغۇسى بار. خوتۇنىنى كەينىگە سېلىپ ماڭسا ئالدىغا ئۇچرىغان تۆت ئادەمدىن ئىككىسىكەينىگە قايرىلىپ خوتۇنىغا قاراپ قويسا پەخىرلىنىدۇ. بۇرۇنقى قىزنىڭ پاكلىقىنى، ئەخلاق- پەزىلىتىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ تېگىنىڭ پاكىزلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ خوتۇنئالىدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى. بۇلار ئاز كەلگەندەك ئانىلىق تاجىنى تاقاپ بولغانئەرلىك، بالىلىق ئاياللارنىڭ تاپتىن چىقىشى، قوش ئەرلىك بولۇشى ئادەمنى تېخىمۇئېچىندۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممىنىڭ يولىدىن چىقىشىدا مەلۇم سەۋەبلەر بار. بىزئۇلارنى ئەيىبلەشنى قويۇپ، ئۇلارغا <ھىسداشلىق> قىلىشىمىز كېرەك...
بىرىنىڭ ئېرى باشقا بىرسى بىلەن تېپىشىۋالغان. شۇڭا ئېرىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويۇشئۈچۈن <ئامالسىز> بۇ يولغا ماڭغان. يەنە بىرىنىڭ ئېرى ھاراققا ياكى زەھەرگەخۇمار بولغان، خوتۇنى بىلەن كارى يوق، شۇڭا تالادىن <تەسەللى> ئىزدەشكەمەجبۇر بولغان. يەنە بىرىنىڭ مودا، چىرايلىق يۈرگىسى بار، بېراق ئېرى نامرات، شۇڭا <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ> ئىزلەپ بۇ يولغا ماڭغان. يەنە برى ئاللىقانداقتۇرمەنپەئەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتققان...
لېكىن ھەققانىيەت ئۇلارغا شۇنداق باھا بىرىدۇكى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇنپاھىشىلەر... يوشۇرۇن تەن ساتقۇچىلار... بىر پەيلاسوپ: ئاياللاردىن ساداقەت، ئىتىقادكۆتۈرۈلسە دۇنيا ۋەيران بولىدۇ دېگەنىكەن.
مۇشۇ كۈندە نۇزۇگۇمنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئاجايىپ ياخشى شارائىتتا ياشاپتۇرۇپمۇ، تۆت تال سېسىق پۇل ئۈچۈن، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ھېچ ئىككىلەنمەيلائىشتان بېغىمىزنى ئۆزىمىز يىشىپ بىرىۋاتقان تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال بىزلەرنىئۇنىڭغا سىلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ ئەمەلدار ئوردىسىدىكى، راھەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشقا، خوتۇن بولۇش بەدىلىگە ئىرىشىشتىن پاك پىتىچە ئۆلۈشنى ئەلا بىلگەن ئاشۇ خېنىمنىڭئەزىز روھىنى تاپقىلى بولارمۇ؟
ئىزتىراپ ئىچىدە ئەرلىرىمىزگە، ئاتىلىرىمىزغا شۇنداق ئىلتىجا قىلغۇم كېلىدۇ: بەلكىم شۇ تاپتا قىزىڭلاردەك، سىڭلىڭلاردەك، خوتۇنىڭلاردەك ئاياللار بىلەن پاكتېنىڭلارنى بۇلغاپ ۋە ياكى بۇلغانغان تەنلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ پاك تېنىنى تۇنجىبولۇپ بۇلغاپ، ئار- نومۇس، گۇناھ پاتقاقلىرىغا پېتىپ پەيزى سۈرۈۋاتقانسىلەر... بەلكىم يەن بەزىلىرىڭلار جاھاننىڭ بۇ رەپتارىغا كىرمەي، ئازاپ ئىچىدە ياراتقۇچىدىنبىزگە ئىنساپ، تەۋپىق- ھىدايەت تىلەپ، كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ ياشاۋاتقانسىلەر...
ۋادەرىخ!
ئەي ئاتىلار! سىلەرنىڭ تومۇرۇڭلاردا جەڭلەردە ياۋلارغا قېلىچ ئۇرغان، نەيزە ئاتقان، بۆرىنى ھامىلىدار قىلغان، قېنى ساپ ۋە پاكىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېنى بار. خوتۇن- قىزلىرى شەرمى- ھايادىن، ساداقەتتىن، ئەخلاقى پەزىلەتتىن ياتلاشقان مىللەتنىڭئەركەكلىرى بولۇپ ياشاش، تېخى بەزى ئىشلارغا باش بولۇپ يىشىل چىراق يېقىپ بىرىشسىلەرگە مۇناسىپ ئەمەس. بەلكى ئەرلىك غۇرۇرۇڭلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت. شەرمى- ھايادىن، ساداقەتتىن ياتلىشىپ، تۇمان ئىچىدە قايمۇقۇپ تاشلىغان تۆتتەڭگەڭلار ئۈچۈن ئايىقىڭلارغا يىقىلىپ ، نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بىرىپ ياشاۋاتقانبىر قىسىم ئازغۇن قىزلارمۇ سىلەرنىڭ، سىلەرگە ئوخشاش ئەركەكلەرنىڭ بولغۇسى ئايالى، بالىلىرىنىڭ ئانىسى...
بىز قىزلار... بىز ئاياللار كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ زۆرۈر كاپالىتى... سىلەرنىبالىلىرىڭلارنىڭ قىياپىتىدە دۇنياغا قايتىدىن ئاپىرىدە قىلىدىغان، جاھاننىڭگۈزەللىكىنى، مۇھەببەتنىڭ شىرىنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ساپ، تازا، بىباھائەڭگۈشتەرمىز... بىز نەچچە ئادەمنىڭ ئەمەس، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئانىسى... ئازساقپۇرسەت بىلىپ، ئازمىساق <يەمچۈك> تاشلاپ، مىللەتنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنىئاچچىق يېشىڭلار بىلەن يېزىپ چىقمىغايسىلەر! پاكلانغان روھىڭلار، ئاتىلىق، ئەرلىكسۆزۈڭلار، بۈركۈتنىڭكىدەك كۆزلىرىڭلار بىلەن ھەر ۋاقىت بىزنى يىتەكلەپ ۋە ئاسراپ، ئۈمىدىمىز بولغان نەسىللىرىمىزگە شەرم- ھايالىق، ئىپپەت- نومۇسنى قېنىدىنمۇ ئەزىزبىلىدىغان ئانا، خوتۇن تەييارلاڭلار! مومىلىرىمىزنىڭ مۇنۇ نەسىھەتلىرى قايتىدىنجاراڭلىسۇن!
ئەرلەر بىزنىڭ باشپاناھىمىز، ھاياتىمىز ئاسمىنىنىڭ نۇرلۇق قۇياشى!
بۇ باس-باس تورىدىكى ئەسەر ئىدى.
كەچۈرۈڭلار مۇنبەرباشلىقلىرى ئەسلى ئاپتۇرىنى بىلسەڭلار ئەسكەرتىپ قويساڭلار ئاپتۇرى ئەسكەتىلمىگەن تىما ئىكەن
 |