ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان يىغىندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئىرانغا يەنە قوشۇمچە ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان قوشۇمچە ئېمبارگۇ قارار لايىھىسىنىڭ، سودا، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە تىرانسىپورت ساھەلىرى بويىچە يېڭى چەكلىمىلەردىن باشقا يەنە، ئىران بانكىلىرى بىلەن ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىغا تەۋە مال - مۈلۈكلەرنى توڭلۇتۇش ۋە ۋىزا بېرىشنى چەكلەش قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك ئېمبارگۇ پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەستىقىغا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ئېمبارگۇلار، ئىراننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىگە يېڭىدىن مەبلەغ سېلىش، تېخنىكىلىق ياردەم ۋە تېخنىكا سېتىپ بېرىش ئىشلىرىغىمۇ چەكلىمە قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىغان قارار لايىھىسىدە، يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە، ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىگە دېپلوماتىك چارە تېپىش جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مەنبە: خەلىق تورى
 |